شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرىسى

يوللىغۇچى : yekta يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-28 00:41:34

شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرىسىمەدەنىيەت يۈكسەك بىر ئاڭ پائالىيىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئادەم گۆشى يىيىشتىن باشلانغان. تاشلاردىن ئوت چىقىرىش ئىنسانىيەتنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىر...

    شېئىرغا ئايلىنىش خاتىرىسى

     

     

    مەدەنىيەت يۈكسەك بىر ئاڭ پائالىيىتى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئادەم گۆشى يىيىشتىن باشلانغان. تاشلاردىن ئوت چىقىرىش ئىنسانىيەتنى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىردى. شۇندىن بۇيان باراۋەرلىك ھەققىدە گەپ سېتىش خۇددى ساختا مالنىڭ داۋرىڭىدەكلا تۇترۇقسىزلىق بولۇپ قالدى. . .

     

    زۇراۋانلىق ۋە تېرۇرلۇق ھەققىدە تېخى ھىچكىم ئۆز مەنپەتىدىن كېچىپ تۇرۇپ لىللا گەپ قىلىپ باقمىدى. قەيسەرلىك ھەققىدە ھىكايە توقۇش ئاسانلا بىر ئىش . ئەمما كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك پەلەستىن ۋە چىچەن ياشلىرى تىراگىدىيە توغرۇلۇق جىق باش قاتۇرۇپ كەتمىدى.

     

    كىمدۇ بىرى قوپاللىق بىلەن قولىنى سىلكىدى، ياۋۇزلۇق ئەزان ئاۋازىنى ھەم بېسىپ كەتتى. ئەشۇ كىشىلەر بالايى ئاپەتنى ھۇقۇشنىڭ ئەنسىز ھۇۋلاشلىرىغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆزلىرى بېخىرامان يۈرۈۋىرىشتى. كىم بىلىدۇ- ھۇقۇشنىڭ زۇۋانى بولغىنىدا ئىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتىنى ئۇپۇقلارغا قەدەر يېزىپ قويغان بولاتتى.

     

    بىر سەمىمى قول ئىشەنچ بىلەن سۇنۇلدى. ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇلغىنى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بىر تال چوغ بولدى. «پىژ- پىژ» ئەتراپنى كۆيۈك ھىدى قاپلاپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىدىن زادى نېرى بولمايدىغىنى- شېئىر ھەققىدە توقۇلغان بەدناملار ئىدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ باغرىنى خۇددى ئوغرى تىكەن سانچىلغاندەك ئازاپلايتتى.

     

    گۈزەللىكتىن بەھرە ئېلىش- بارچە جانلىققا ئورتاق خۇسۇسىيەت بولسىمۇ، ئۇنى يارىتىش ھەممىسىنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. قولىدا مەشئەل تۇتقانلارنىڭ پۇرسەت ھەققىدە باش قاتۇرمىقى تەس. چۈنكى ئەڭ ئاۋال ئۇ ئۆزى كۆيۈپ كۈل بولۇپ كېتىدۇ! يىراقتىراق تۇرغانلار ئوتنىڭ تەپتىدىن ئىللىيدۇ، تېخىمۇ يىراقتا تۇرغانلار پەقەتلا«پىل- پىل» قىلغان ئوت ئۇچقۇنلىرىنىلا كۆرەلەيدۇ . . . .

     

    مەشئەل ئۇنىڭ قولىدا ئىدى، ئۇزايىدىن تېخىمۇ قاراڭغۇ بۇلۇڭ- پۇشقاقلارنى يورۇتماقچى بولغاندەك ئىدى. ئۇنىڭ دۇنياسىدا ئىس- تۈتەككە تويۇنغان شەھەرلەر، بۈگۈنىگە تاپسا ئەتىلىكىگە يوق مۇساپىرلار ۋە سۈپسۈزۈك ياشلارلا بار ئىدى. بىنالارنىڭ چىراقلىرى دەرتمەن كىشىلەرنىڭ كۆزىدەك كېچە- كېچىلەپ پىلىلداپ چىقاتتى. زاۋۇتلارنىڭ تۇرخۇنلىرى خۇددى يەجۇجى- مەجۇجىلاردەك بوشلۇقنى ئىگەللەپ تۇراتتى. ئىس پۈركۈش ئۇلارنىڭ بىردىن- بىر ۋەزىپىسى، مەشئەل بولۇش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. قارىغاندا ئۇلارنى، ئۇلار پەقەتلا تەسەۋۇر قىلىپ باقمىغان بىر دۇنياغا باشلاپ بارغاندىلائاندىن ئۆتمۈشىگە نەزەر تاشلايدىغاندەك، بولمىسا خۇددى رەزگى قۇرۇتلارغا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ داترەڭ پويىزىغا مەھكەم چاپلاشقىنىچە كېتىۋىرىدىغاندەك ئىدى . . . .

     

    مەشئەل ئۇنىڭ قولىدا كۆيمەكتە ئىدى، ئوتنىڭ تەپتى قولىدىن بىلەكلىرىگە ، ئاندىن يۈرىگىگە ئۆتتى. ئۇنىڭ شېئىر ھەققىدىكى ئازاپلىق خىياللىرى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قولىدىكى مەشئەل كۆيۈپ بولدى. ئەمما شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى يېنىشقا باشلىدى! چۈنكى ئەمدى ئۇنىڭ يۈرىگى ئەبەدى كۆيىدىغان بىر مەشئەلگە ئايلانغان ئىدى.

     

    ھېلىقى شەھەر ئاسمىنى. غوڭقاپاق ئېسىلغان كەپتەرلەر ئۈركۈپ- ئۈركۈپ ئۇچۇشماقتا. ئىگىدارچىلىق ھەققىدە لىققىدە لىكسىيەلەرگە توشۇپ كەتكەن بىر ئىشخانا ، ئۇنىڭ ئىچىدە مۇنازىرە قىزىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆپكىدەك ئېسىلىپ تۇرۇپ تالىشىۋاتقىنى- شەھەردىكى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسى ئەمەس، قانداقتۇ ھەق- تەلەپ شىكايەتلىرىمۇ ئەمەس، شېئىر ھەققىدىكى مۇھاكىمە تېخىمۇ ئەمەس ئىدى. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ نىمە ھەققىدە مۇنچىۋالا قىزىشىپ كەتكىنىنى چۈشەنگىلىمۇ بولمايتتى.

     

    ئۇنىڭ ئېسىدە قالغىنى- بۇ شەھەردە قىشنىڭ بەكمۇ ئۇزاق داۋاملاشقىنى. كىشىلەر ھەتتا نىرۋىلىرىدىكى باھار ۋە ياز ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سەزگۈلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ كىتەي دەپ قالدى. ئۇلارنىڭ پۈتكۈل جىسمى قۇلاققا ئايلىنىپ كۆكتىن ئاڭلىنىۋاتقان غوڭۇلدىغان ئاۋازلارنى تىڭشاش بىلەن مەشغۇل ئىدى. غوڭقاپاق ئاسقان كەپتەرلەر بولسا تېخىمۇ ئۈركۈپ ئۇچۇشماقتا ئىدى .

     

    دەرىزە تەكچىلىرىدىدىن سۇس ھور كۆتۈرۈلۈپ نىپىز تۇمانغا ئايلىنىپ بوشلۇققا تارايتتى. تىلۋۇزۇر خۇددى ئوغرى مۈشۈكتەك ئۆي ئىچىگە سەپسېلىپ قارىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بۇ ئادەملەرنىڭ ئېڭىنى خۇددى سائەت سىترىلكىسىنى بۇرىغاندەك توختىماي بۇراپ، پەردىشەپنىڭ ئەڭ نازۇك سېزىملىرىنىمۇ يوقۇتۇشقا قەدەر يىتەكلەش ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ كۈتكىنىدىن ياخشىراق ئۈنۈمگە ئېرىشىۋاتاتتى. مەشئەل ۋە شېئىر ھەققىدە گەپ سېتىش ئۇنىڭغا ياقمايتتى.

     

    ئۇ نىمە ئۈچۈندۇر ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدى. سازلىق ۋە ئۇ يەردىكى كۈپكۆك قومۇشلۇق بىردىنلا ئېسىگە كەلدى. چىراقلىرى خۇددى يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇرغان بۇ شەھەر ئۇنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان ئىدى، ھەتتا ئۇ ھەممىدىن ۋاز كەچكەن بولۇپ، قانىتى بولغانلىغى ئۈچۈنلا ئۆردەك بولۇپ يۈرۈۋىرىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزىمەس تۇيۇلغان ئىدى.

     

    ئۇنىڭ شەھەر ھەققىدە بىلىدىغانلىرى يوق ھىساپتا بولۇپ، گادىرماش تۇيغۇلارغا ھەممىلا جايدا يولۇقۇپ تۇرۇش- ئۇنىڭ ئالتىنچى سەزگۈسىنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى. بىسەرەمجانلىق قاپلاپ كەتكەن بۇ شەھەرنى ھەر نىمە قىلغان بىلەنمۇ چۈشىنىپ بولماس ئىدى.

     

    ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھىچ ئىش قىلمىدى. ئۇنىڭ شېئىر ھەققىدە كۆرەش قىلغانلىرى ئېسىگە كەلدى. راسىت- شېئىرلاردىن ياش تامچىلاپ تۇراتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئېيىتقۇسىز ئازاپ ئىچىدە قالدى. ئۇلارنىڭ مۇھاكىمىسى شېئىر توغرىلىقمۇ ئەمەس، غوڭقاپاق ئاسقان كەپتەرلەر توغرىلىقمۇ ئەمەس ئىكەن، ئۇلاردا زادى نىمە غەرەز باردۇ ؟

     

    ئۇ ئەمدى قەلبىدە چەكسىز بىر غېرىبلىقنى ھىس قىلدى. دېڭىزدەك دولقۇنلىنىپ تۇرغان كۈپكۆك قۇمۇشلۇق ماكانىغا كەتكۈسى بەكمۇ كېلىپ كەتتى.

    -« غاق- غاق – غاق

    - غاق- غاق- غاق . . . »

    چەكسىز كەتكەن تۇمانلىق ئاسمان. ياراتقۇچىنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئاجايىپ كېلەڭسىز بىر شەھەر ئىس پۈركۈپ ياتماقتا ئىدى. كۆكتە تۇيۇقسىز « پاڭ- پۇڭ »قىلىپ مىلتىق ئاۋازى ياڭراپ كەتتى. ئۇنىڭغا ئوق تەگدى، ئىسسىق قانلىرى شىرىلداپ ئېقىشقا باشلىدى. ئۇ ئەڭ ئاخىرقى ماغدۇرىنى يىغىپ قۇمۇشلۇق ماكانى تەرەپكە بىر قېتىم قارىۋالدى. كۆز ئالدىدىكىسى- قىپقىزىل قان، قان رەڭلىك مۇنار، قان رەڭلىك ئوۋچى . . . .

    تېلۋۇزۇر ئاۋازى ئۆيلەردە ياڭرىماقتا :

    -« ئۆردەك گۆشى ، ئۆردەك پېيى جوڭيىچە  ئەڭ  ئېسىل قۇۋۋەتلىگۈچى دورا بولۇپ، باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ . . . » .

     

    ( تۈگىدى )

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.