ئاپا سىز بۇزۇق ئەمەس(ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-19 01:29:46

ئاپا سىز بۇزۇق ئەمەسئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران-تاك...تاك...تاك...-كىرىڭ!-ئاكا سېنىڭ خېتىڭنى پوچتالىيون ئەكەپتىكەن.-رەھمەت.سىڭلىم قولۇمغا تومغىنە بىر كونۋېرىتنى تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى.كونۋېرىتتىكى ئىسىم...



    ئاپا سىز بۇزۇق ئەمەس
    ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران

     

     

     

    -تاك...تاك...تاك...
    -كىرىڭ!
    -ئاكا سېنىڭ خېتىڭنى پوچتالىيون ئەكەپتىكەن.
    -رەھمەت.
    سىڭلىم قولۇمغا تومغىنە بىر كونۋېرىتنى تۇتقۇزۇپ چىقىپ كەتتى.

     


    كونۋېرىتتىكى ئىسىمنى كۆرۈپ،نەچچە ئاي ئىلگىرى پىراكتىكىغا چۈشۈپ سىنىپ مەسئۇلى بولغان سىنىپىمدىكى ئىقبال ئىسىملىك ئوماق بالا خىيالىمدا ئەكىس ئەتتى.
    ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقاندىن بېرى چىقىشىپ دوسىت بولۇپ قالغان ئىدۇق،ئۇ ياتىقىمغا دائىم كىرىپ،مەن بىلەن سىردىشىپ مۇڭدىشاتتى.
    پىراكتىكا ۋاقتى توشۇپ قايتىدىغان ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا قىيمىغان ھالدا ئالاقىلىشش ئادرېسىمنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدىم.مانا شۇ تاپتا شۇ مېھرى ئىسسىق دوستۇمنىڭ خېتىنى تۇتۇپ تۇرۇپتىمەن،يۈرىكىمگە بىر خىل ئىللىق سېزىم تارالغاندەك ئالدىراپ خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.

     


    سالام ئادىلجان مۇئەللىم(دوستۇم)قانداق ئەھۋالىڭىز،ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ئەزىز تېنىڭىز سالامەت بولسىلا باشقا جەھەتتىن ياخشى تۇرغاندۇ دەپ ئويلايمەن،قايسى مەكتەپكە تەقسىم قىلىندىڭىز؟ئىشقا چۈشتىڭىزمۇ؟سىزنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغاپ جەڭگىۋار روھىڭىز ئۆزىڭىزگە بولغان ئۈمىد-ئىشەنچىڭىز،ئوقۇغۇچىلارغا بولغان مېھىرلىك،قىزغىن ھېسسياتىڭىز،سەممىي ئوبرازىڭىز كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.
    ئېسىڭىزدىمۇ؟بىزگە تۇنجى سائەتلىك دەرىسنى ئۆتۈپ بولۇشىڭىزغىلا سىنىپتىن گۈلدىراس ئالقىش ساداسى كۆتۈرۈلگەن ئىدى.چۈنكى سىنىپتىكى ھەممە ساۋاقداشلار سىزنىڭ دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىڭىزغا چىن دىلىمىزدىن قايىل بولغان ئىدۇق.سىز قايتىدىغان چاغدا پەقەتلا قىيماي سىزنى بېكەتكە ئۇزۇتۇپ باردۇق.سىز چىققان ئاپتۇبۇس قوزغىلىپ ماڭغاندا ئۆزۈمنى سەزمەي ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن خېلى بىر كەمگىچە يۈگۈرۈپ ساۋاقداشلىرىمنىڭ ‹‹ھوي!ساراڭ بولدۇڭمۇ؟››دەپ تۇتۇۋېلىشلىرىدىن ئېسىمگە كەلگەن ئىدىم.

     


    مۇئەللىم،سىز ماڭا شۇنداقلا ساۋاقداشلىرىمغا ئەنە شۇنداق ياخشى تەسىر بېرىپ كەتكەن ئىدىڭىز،مانا قولۇمدا ھازىر ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش چاقىرىق قەغىزى تۇرۇپتۇ،لېكىن قەلبىمدىكى كۆتۈرۈپ قوپقۇسىز بىر ئازاپ يۈرىكىمنى غاجاپ،مېنى تەشۋىشلەرنىڭ قوينىغا تاشلىماقتا،بۈگۈن بۇ دەردلىرىمنى سىزگە دەپ مۇشۇ قەغەز ئارقىلىق سىز بىلەن ئەسرالاشماقچىمەن.شۇ تاپتا بۇ دۇنيادا مېنىڭ سىزدىن بۆلەك بىرەرمۇ دىلداش كىشىم يوق،شۇڭا مەن بۇ دەردلەرنى تۆكۈشكە سىزنى تاللىدىم.مەن ئەقلىمگە كەلسەم بىزنىڭ ئۆيدە ئاپامدىن بۆلەك ھېچكىم يوق ئىكەن.مەن ئاپامدىن :
    ‹‹ئاپا،نېمىشقا دادام يوق؟››دەپ سورىغاندا،ئاپامنىڭ :‹‹بالام،داداڭ چەت ئەلگە چىقىپ كەتكەن،ھامان بىر كۈنى ساڭا جىق ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ››دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ بىر خىل ئىشەنچ ئىچىدە غەمسىز چوڭ بولدۇم،تېخى بالىلارغا دادام ئالغاچ كېلىدىغان ئويۇنچۇقلارنىڭ نامىنى ئاتاپ تەسۋېرلەپ بېرەتتىم،بىر ئىش ھازىرمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ.بىر كۈنى مەن مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدىم،ئۇلار مېنى‹‹بۇزۇق خوتۇننىڭ بالىسى››‹‹دادىسى يوق ھاراملىق››دەپ تىللىدى،مەن يىغلىغىنمچە بۇنى ئاپامغا دەپ كىرگىنىمدە ئاپام غەزەپ بىلەن چىقىپ مېنى تىللغان بالىنىڭ كاچىتىغا بىر تەستەك سالدى،شۇنىڭ بىلەن مەھەللىدە بىر مەيدان جەڭ كۆتۈرۈلدى،ئاپامنىڭ يۈز-كۆزلىرى قانىغان،باشلىرى يېرىلغان ئىدى.شۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىز باشقا يۇرتقا يەنى ھازىرقى ئۆيىمىزگە كۆچۈپ كەلدۇق،ئايلار،يىللار ئۆتۈپ مەنمۇ ئاق-قارىنى پەرىق ئەتكۈدەك بولۇپ قالدىم.بىر كۈنى ئاپام قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:
    -بالام مەن بۇ يەرگە نېمە ئۈچۈن كەلدىم بىلەمسەن؟-دەپ سورىغاندا‹‹مەن ئۈچۈن››دەپ جاۋاپ بەردىم.

     


    -شۇنداق-،دېدى ئاپام كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ-سېنىڭ كىچك ۋاقتىڭدا‹‹نېمىشقا مېنىڭ دادام يوق››دېگەن سۇئاللىرىڭغا ئەمدى جاۋاپ بېرەي،مەن ئەقلىمگە كەلسەم مېنىڭمۇ ئانامدىن بۆلەك ھېچكىمىم يوق ئىكەنتۇق،كېيىن بىلسەم ئانام مېنى بېقىۋالغان بولۇپ ئاتا-ئانامنى تونۇمايدىكەن،ئۇ ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى.كېيىن ئانام قاتتىق ئاغرىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوقۇشۇم توختاپ قالدى...!ئانام‹‹قىزىم سىز ئوقۇڭ،مەن ھالىمدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن››دېگەن ئىدى.مەن ئىزچىل رەت قىلدىم.شۇنداق قىلىپ ئانام ئىككى يىل ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى،مەن ئاھۇ-پەرياد ئۇرۇپ تەنھا قالدىم،كىرسەم سوغۇق ئۆي،چىقسام مېھرى يوق ھايات.ئانام كېتىپ ،مېنڭ بۇ دۇنيادا ھېچقانداق خوشلۇقۇم يوق ئىدى،نېمە قىلىشىمنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلەردە مەھەللىدىكى مويسىپىتلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئۆزۈممۇ تونۇمايدىغان بىر يىگىتكە يەنى سېنىڭ داداڭغا ياتلىق بولدۇم.داداڭ بىلەن توي قىلىپ يۈرىكىمدىكى ئازابلار ئاستا-ئاستا كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى،كېيىن سەن تۇغۇلۇپ خوشاللىقىمغا خوشاللىق قوشتۇڭ،لېكىن بۇ خوشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى،داداڭ يۇرت ئاتلاپ سودا قىلاتتى،ئۇ شۇ جەرياندا بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ،خالىسام سېنى بەرسەم مەيلىكەن،خالىمىسام ئۆزۈم باقىدىكەنمەن.
    مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،ئاسماندىن يەرگە چۈشكەندەك بولدۇم.قاقشىدىم،يىغلىدىم،لېكىن ئامال بولمىدى.مەن بىر ئاجىز يالغۇز ئايال قولۇمدىن نېمىمۇ كەلسۇن؟شۇنداق قىلىپ بىز ئاجىرشىپ كەتتۇق.سەن ماڭا قالدىڭ.ئۇ كېتىدىغان ۋاقتىدا 1000يۈەن پۇل بېرىپ كەتكەنچە سايىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.مەن كۈتتۈم،ئۇنىڭ ھامان بىر كۈنى مېنى دېمىسىمۇ سېنى دەپ قايتىپ كېلىشىدىن ئۈمىد كۈتتۈم،لېكىن ئۇ كەلمىدى.كېيىن باشقىلاردىن ئاڭلىسام سوۋېتقا چىقىپ تېرە زاۋۇتى قۇرۇپتىمىش.ھاياتتا ياشايمەن دەيدىكەنسەن تىنىمسىز كۆرەش قىلىشىڭ كېرەك.ئايلار،يىللار ئۆتۈپ مەن تۇرمۇشتا قىينالدىم.كېيىن خەققە ئىشلىدىم،ئاشۇ ئىشلەپ تاپقان پۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ يىغىپ كىچىككىنە بىر ئاشخانا ئاچتىم.تۇرمۇشىمىز يامان ئەمەس كېتىپ باراتتى.ئەينى چاغدا مەھەللىدىكى كوت-كوت خوتۇنلار ئۈستۈمدىن بەدنام چاپلاپ گەپ تاپقاچقا،بالىلار سېنى‹‹بۇزۇق ئايالنىڭ بالىسى››دەپ تىللاپ كۈن بەرمىگەچكە بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدىم،سېنى تېخىمۇ ياخشى بېقىپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن پۇل بولمىسا بولمايتتى.مەن يەنە توختىماي تىرىشتىم.تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى.لېكىن ئەسكىلەرنىڭ ئاغزى يەنە ئېچىلدى،ئۇلارنىڭ‹‹بۇ تۇل خوتۇن يامان يولدا ماڭمىسا بۇنداق ئېسىل تۇرمۇش نەدە تۇرۇپتۇ؟››دېگەن گەپ-سۆزلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قېلىپ يۈرىكىم ئاغىرىدى.ئېرى يوق خوتۇن پەرىشتىدەك ياشىسىمۇ يەنىلا شۇ پەسكەشلەر تەرىپىدىن‹‹بۇزۇق››دەپ ئاتىلىدىكەن،مەن ئەمدى چىدىمىدىم،سېنىڭ كېيىن ئۇلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ‹‹بۇزۇق ئايالنىڭ بالىسى››دېگەن قالپاقنى كىيىپ سۇنۇپ ياشىشڭنى خالىمىدىم،شۇڭا مەن توي قىلماقچى،مېنى توغرا چۈشەنگىن...

     


    مەن ئاپامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆگەي دادىلىق بولۇشنى ئويلاپ ئازابلانساممۇ يەنىلا باشقىچە ئىنكاس بىلدۈرمىدىم.
    شۇنداق قىلىپ ئاپام توي قىلدى،مېنىڭ يۈرىكىم بۇ ئۆگەي دادامنى ھېچ قوبۇل قىلاي دېمەيتتى.نىمىشقىكىن-تاڭ ئۆز دادام مېنى يىتىم قىلىپ تاشلاپ كەتكەن بولسىمۇ،قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرى ئۇنى سېغىناتتى.ئاپام ماڭا توي قىلغاندىن كېيىن باشقىچە كۆرۈندىغان بولۇپ قالدى.بۇرۇنقىدەك مەن ئامراق تاماقلارنى ئەتمەيتتى.تۈگىمەس ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن سىرت،بىر چىقىپ كەتسە،سودا قىلىمەن دەپ نەچچە كۈندىن كېيىن كېلەتتى.مەكتەپتىن كەلسەم ئۆي قۇپقۇرۇق،ئالدىمغا چىقىپ مېنى بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ تۇرۇپ قارشى ئالىدىغان ئاپام يوق،مەن ئۆزۈمنى تولىمۇ يالغۇز ھېس قىلاتتىم.تۆت تامدىن بۆلەك،مېنى قارشى ئالىدىغان مەن بىلەن سىردىشىدىغان ھېچنىمەم يوق ئىدى،شۇنداق زېرىكىشلىك،ياشىغانسېرى ئاپام كۆزۈمگە باشقىچە كۆرۈندىغان بولۇپ قالدى،بىر كۈنى ئاپامنىڭ يۈزىدىن-يۈزىگىلا‹‹سەن ئەرسىز ياشىيالمايدىغان خوتۇنما؟››دېگەندە،ئاپام زەردە بىلەن يۈزۈمگە‹‹چاڭ!››قىلىپ بىر تەستەك سالدى مەن ياندۇرۇپلا‹‹بۇزۇق››دەپ تىللىدىم،كېيىن ئاپام بىز ئېغىزمۇ گەپ قىلماي بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.

     


    قىش پەسلى ئىدى.بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم،ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىكەن،ئىچىم پۇشۇپ سىرىتقا چىقىپ كىرىشىمگە،ئۆگەي دادام چىرايدىن مۇز ياغقان ھالدا‹‹ھوي!لالما،نەدە يۈردۈڭ؟مەشكە ئوت قالىغاچ تۇرساڭ بولمامدۇ؟››دېمەسمۇ،قويقا چېچىم تىك تۇردى-دە‹‹لالما دېگەن ئۆزۈڭ››دېدىم.ئۇنىڭغا تىل تەگكۈزگىنىمدىن ئۇ بەك خاپا بولغان بولسا كېرەك،مەڭزىمگە كۈچەپ بىر تەستەك سالدى.مەنمۇ بوش كەلمەي ئۇنىڭغا مۇش ئاتتىم .لېكىن ، كۈچۈم يەتمەي ئۇ ھەش –پەش دىگۈچە ئاغزى بۇرنۇمنى قانغا بۇيىۋەتتى.شۇئەسنادا ئاپام سىرىتتىن دات- پەريات كۈتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .بىزنى ئاجىرتىپ مىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى .يارامنى داۋالىتىپ يېنىمدىن بىركۈنمۇ كەتمەي ھالىمدىن خەۋەر ئالدى . شۇئىشتىن كىيىن ئاپام ئېرىدىن ئاجىرشىپ كەتتى .لېكىن ئاپام مىنىڭ قەلبىمدىن ئۆچۈپ كەتكەن ئىدى .مەن كۆڭلۈمدە ‹‹سەن ئەرگە تەگمىگەن بولساڭ مەن تاياق يىمەيتىم ،بۇنىڭغا سەن سەۋەپچى›› دەپ ئاپامدىن قاتتىق نارازى ئىدىم .مەكتەپتىن كىلەتتىم، ئاپامغا گەپمۇ قىلماي ئەتكەن تامىقىنى يەپ ،ئۆز ئىشىم بىلەن ھەلەك ئىدىم .كىيىن ئاپام ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى .مەن بولسام ئۆيگە قايىتماي دائىم ئويناپلا يۈرەتتىم ،ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمايتىم . ئۆيگە كەلسەم ئاپام ، بېشىمغا لۈڭگەقوي ،قۇسىمەن داس ئەكەل !،كۆڭلۈم ئۈگرەتارىتتى ،ئەكىلىپ بەردەپ بىزار قىلىۋىتەتتى .(سىزنىڭ بىزنىڭ مەكتەپتىكى ۋاختىڭىز دەل ئاپامنىڭ ئاغرىپ قالغان چاغلىرى ئىدى ) كۆڭلۈمدە بۇكېسەل كۆرپىسىدىن ئەجەپ بىزار بولدۇم .دەپ دوق قىلاتتىم .مۇئەللىم سىز مەندىن ‹‹ نىمىشقا ئۆيۈڭگە قايىتمايسەن ؟›› دەپ سورىغاندا ‹‹ئەسەر يېزىش ئۈچۈن تىزىس تىزىۋاتىمەن ››دەپ سىزگە يالغان ئېيىتقان ئىدىم .ئەمىليەتتە ئىش ئۇنداق ئەمەس،مەن ئاپامنىڭ تۈگمەس ئىشلىرىدىن بىزار بۇلۇپ شۇنداق قىلغان .

     


    بىركۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ،ئاپام شۇنداق ھالى بوش ھالدا يىغلاپ يېتىپتۇ .
    ئاپام ئەمەسمۇ ، يۈرۈكۈم پىژژىدە ئېچىشتىدە ئۇنىڭغا :
    - ئاپا نىمە بولدى ؟ يىغلاپسەنغۇ ـ دېدىم مەيۈس ئاھاڭدا .
    - بالام كۆزۈمگە بىرنىمە كىرىپ كەتتى ، - دېدى ئاپام كۆزلىرىنى مەندىن قاچۇرۇپ
    - مەندىن خاپا بۇلۇپ قالدىڭىز ما ئاپا ؟ ئەمدى سىزنى خاپا قىلمايمەن،- دېدىم ئۇلاپلا ،
    ئاپام مېنىڭ قۇلۇمنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ :
    - ياق بالام سەندىن رەنجىمىدىم ،ئاۋۇ يانچۇقۇمدا بىرنەرسە بار ئالە – دېدى بىر چاپىنىنى كۆرسىتىپ .
    مەن ئاپامنىڭ يانچۇقىدىن ئۇدىگەن نەرسىنى ئېلىپ بەردىم .

     


    - بالام -دېدى ئاپام ماڭا بىر پۇل كارتىسىنى تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ – ئۆمرۈمدە يامان ئاتالدىم .بۇزۇقمۇ بولدۇم ،مانا ئاخىرى كېتىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن .سېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىمغا ھەرگىزمۇ ئۆكۈنمەيمەن .مېنى تىللىغان چاغلىرىڭدا تۇلىمۇ ئازاپلانغان ئىدىم،سەن يەنىلا كىچىك ،سەندىن رەنجىمەيمەن .لېكىن ئاپاڭنىڭ پاكلىقىغا ،بۇزۇق ئايال ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشىڭ كېرەك .مەن سېنىڭ قەدىر- قىممىتىڭنى، ئابرويۇڭنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىشنى قىلمىدىم ، بۇنىڭغا ئاللاھ گۇۋاھ ...
    بۇ كارتىدا 70 مىڭ يۈەن پۇل بار ، بۇ مېنىڭ ساڭا ئاتاپ يىغقان پۇلۇم .سېنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،جەمئىيەتكە چىقىشىڭغا يىتىدۇ .چۇقۇم تىرىشىپ ئوقۇپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكىن ،بۇمېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم .ئەسلى سېنى ئالىي مەكتەپكە پىشانەڭگە سۆيۈپ ،سەن ئامراق ياغلىق تۇقاچلارنى يېقىپ بىرىپ ئۇزاتقۇم بار ئىدى ، لېكىن تەغدىر بۇنىڭغا ئۇنىمايدىغان ئوخشايدۇ، مەن قان راكى بۇلۇپ قاپتىمەن .مىڭ داۋالانساممۇ ساقىيىپ كىتىشىمدە ئۈمۈد يوق .ئەرزىمەس جېنىمغا سېنىڭ كەلگۈسڭگە چېتىلىدىغان پۇلنى ئىشلىتىپ سورىۋېتىشنى خالىمايمەن .شۇڭا داۋالانمىدىم .سەن ئۆكۈنمە ،دۇنياغا كەلگەن ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كىتىدۇ قەيسەر ياشا ...
    مەن ئاپامغا ئېسىلىپ مېنى كەچۈرىشىنى ،ئۇنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىشىنى ئېيىتتىم .لېكىن ئاپام كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ،مېنىڭ سۆزۈمنى رەت قىلدى .

     


    شۇنىڭدىن باشلاپ مەن مەكتەپتىن بۇرۇن كىلىپ ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئۇنىڭغا كۆيىنىدىغان بولدۇم .مەن ئاپامنىڭ بۇنداقلا ئۆلۈپ كىتىشىگە پەقەتلا ئىشەنمەيىتتىم .لىكىن ھەممە ئىشلار كىشىنىڭ ئويلىغىنىدەك بۇلىدىغان ئىش نەدە بار !؟ياكى بۇدۇنيا بىر تىلسىم بولمىسا ؟
    بىركۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلسەم ،ئاپام تۇرۇسقا قاراپ قېتىپ قاپتۇ .ئۇنىڭ نۇرسىز كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپ ھاياتقا قانمىغاندەك پولتىيىپ تۇراتتى .ئاشۇ چاغدىكى ئازاپلىق ھىسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن .ئۆي ئىچىنى مېنىڭ ئېچىنىشلىق ئاھۇ –پەريادىم قاپلىدى .مەن ئاپامغا ئېسىلىپ ھۆڭرەپ يىغلىدىم ،ئۆزەمنى كاچاتلاپ ئاپامنى چاقىردىم ،لېكىن ئاپام ئورنىدىن تۇرمايتى ،قانچىلىك يىغلىغىنىمنى بىلمەيمەن .بىرچاغلاردا قۇلۇم – قوشنىلار كىرگەندىلا ئىسىمنى بىلدىم ،ئۇلار بىردەم مۇڭۇمغا مۇڭ بولغاندىن كىيىن ،مەسلىھەتلىشىپ ئاپامنى يۇدى ،كىيىن كىپەنلەپ ئەتىسىلا يىغا-زار بىلەن يەرلىككە قۇيۋەتتى .مەن ئۆلۈمنى قانداق ئۇزۇتۇشنى ،ئۇنىڭ قائىدە رەسمىيەتلىرىنى بىلمەيتتىم ، پەقەت ئاپام سېلىنغان تاۋۇتنىڭ بىر تەرىپىنى بار كۈچۈم بىلەن كۆتۈرۈپ ،يامغۇردەك تۆكۈلدۈم .قوشنىلار ماڭا يار- يۆلەك بۇلۇپ مېھرى بىلەن بېشىمنى سىلاشتى .ئۆيلىرىگە تاماققا چاقىرىپ تەسەللى بىرىشتى .لېكىن قەلبىم ھىچ ئىللاي دىمەيىتتى .مەن ئاپامنى يەرلىككە قويغان كۈنى بىر كېچە ئۇنىڭ قەبرىسىنى قۇچاقلاپ يىغلاپ چىقتىم . ئۇنى تىللىغان ،گىپىنى ئاڭلىماي خاپا قىلغان چاغلىرىم خىيالىمغا كىچىپ ،يۈرۈكۈمگە خەنجەر بۇلۇپ قادالدى .مەن ئاشۇ قاپقارا كېچە قوينىغا قاراپ ‹‹ ئاپا ،سىز بۇزۇق ئەمەس !سىز بىر پاك ئانا .مېھرىبان ئانا دەپ ئاپامنى چاقىردىم .لېكىن ئاپام‹‹ھە ›› دېمەيىتتى .ئەمدى بولسا ماڭا تاتلىق تاماقلارنى ئىتىپ يۇلۇمغا قارايدىغان ،كېيىم – كېچەكلىرىمگە تۇپا قوندۇرماي ئېسىل كىيندۈرۈپ ،بېشىمنى سىلايدىغان ئاپام يوق ئىدى .شۇنداق قىلىپ مەن تىلىمنى چىشلەپ ئازاپ – قايغۇلارنى ھاپاشلاپ يالغۇز قالدىم .كېچىلىرى جۆيلۈپ، قاراڭغۇ ئۆيدە قورقۇپ تىپىرلايمەن .لېكىن ،مەن يەنىلا يالغۇز .ھېچكىم ماڭا ھەمراھ بۇلۇپ بۇئازاپلاردىن مېنى قۇتقۇزمايدۇ .ھايات شۇنداق ئوخشايدۇ،ھەركىم قىلسا ئۆزىگە قىلىدىكەن ،بەلكىم مەن ئاپامغا ئازار بىرىپ ئۇنى رەنجىتكەنلىكىم ئۈچۈن ،تەڭرىم مېنى يالغۇز قالسۇن دەپ ئاپامنى ئېلىپ كەتكەن چېغى...

     


    مۇئەللىم ، مەن ھازىر تۈگەشتىم . كاللام قۇپقۇرۇق،ئۆيگە سۇلىنىۋېلىپ سىزگە خەت يېزىۋاتىمەن .پات ئارىدا ئوقۇغۇچىلار توپ- توپ بۇلۇپ ئالىي مەكتەپكە مېڭىشسا مەنمۇ ئاشۇلارنىڭ تۇپىغا قېتىلىپ ماڭالارمەنمۇ ؟ساۋاغداشلىرىم تەڭلار چۇرقىرىشىپ بەخىت ناخشىسىنى ئېيىتقان چاغدا ئۇلارغا جۆر بۇلۇپ مەنمۇ تەڭ ئېيتالايمەنمۇ ؟!ياق...ياق ! مەن قىلالمايمەن .
    مۇئەللىم ،روھى تۈگەشكەن بىر ئادەم قانداقمۇ ھاياتنىڭ ئىزگۈ ھېسلىرىنى سىزەلىسۇن ،قانداقمۇ ئۆزىدىن ئۈمۈد كۈتۈپ مەزمۇت قەدەم تاشلىيالىسۇن؟
    مۇئەللىم مەن شۇتاپتا يىلتىزى يوق قامغاققا ئوخشاپ قالدىم .شامال مېنى توختىماي ئۇچۇرىدۇ .ئۆزۈمنىڭ نەگە ئۇچۇپ نەگە چۈشىشىنى بىلمەيمەن .قېنى ئېيتىڭە مۇئەللىم ھالىم مۇشۇنداق تۇرسا ،مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە بېرىپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كېلىشىمدىن قانداقمۇ ئۈمۈد كۈتكىلى بولسۇن ؟ مەن راسلا ھايات يۇلۇمنى تاپالماي تىڭىرقاپ قالدىم ، بېشىم تۇلىمۇ قاتتى .قانداق قىلسام ئاپامنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاپ ،ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالىشىمنى ئويلاپ يىتەلمەيمەن .شۇڭاسىزگە بۇخەتنى يازدىم .سىزنىمىلا دىگەن بىلەن مەندىن چوڭ ،بىلىم ئىگىسى .شۇڭا ماڭا بىر چىقىش يولى تېپىپ بىرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .بۇجاھاندا ئەمدى مېنىڭ چۈشكە ئوخشايدىغان دادامدىن ،سىزدىن بىلەك ھېچنىمەن يوق .سىزگە بەخىت تىلەيمەن خېتىڭىزنى كۈتۈپ ئىقبالدىن

     


    22-ئاۋغۇسىت
    خەتنى ئوقۇپ بۇلۇشۇمغا يۈرۈكۈم قاتتىق ئاغرىپ كەتتى .قۇيۇلغان ياشلىرىمنى سۈرتۈشكە ئۈلگۈرمەيلا ،ئۇزۇن يوللۇق بېكەتكە چاپتىم .شۇتاپتا يۈرۈكۈم ،قەلبىم ،ھەربىر ھۈجەيرەم ئىقبالنىڭ يېنىغا بېرىشقا تۇلىمۇ ئالدىرايتتى ...

     

     

    مەنبەسى: «كرورەن ژورنىلى» 2007-يىللىق 3- سانىدىن ئىلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.