قىزىل چىراغ(ئاينۇر دولقۇن)

يوللىغۇچى : aynurr يوللىغان ۋاقىت : 2008-10-24 12:54:00

قىزىل چىراغ(ئاينۇر دولقۇن) بۈگۈن كۆرگىنىم سەن ئەمەس، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىماي قالغان ئىدىڭ! سەنمۇ ھىجران دەملىرىنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقىنىنى بىلىپ ۋەيرانە بولغان ئىدىڭ، خۇددى مەندەك. بەلكىم،...

    قىزىل چىراغ(ئاينۇر دولقۇن)

           بۈگۈن كۆرگىنىم سەن ئەمەس، بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىماي قالغان ئىدىڭ! سەنمۇ ھىجران دەملىرىنىڭ يىقىنلاپ كىلىۋاتقىنىنى بىلىپ ۋەيرانە بولغان ئىدىڭ، خۇددى مەندەك. بەلكىم، غەزەپ قىلىچىڭدا ئارمانلىرىمنى پارە-پارە قىلغۇڭ كەلدى...
        كۆزلەر سۆزلەيدۇ، تىتىرەۋاتقان ئۈن-تىنسىز لەۋلەر ئىسيانكار تۇيغۇلاردا ئەسەبىي ۋارقىرايدۇ. ئۇنىڭ ئەشۇ پىغانلىرىدا چەكسىز سۆيگۈ...
        بۇنى بىلىپ تۇرىمەن. سەندىن ئايرىلىدىغان دەقىقىلەر سىكۇنت ساناپ يۈرىكىمنى قىساتتى، ئۆزۈمنى تۇتۇۋىلىشقا، كۆزلىرىمدىن تۆكۈلۈشكە ئالدىراۋاتقان مۇھەببەت مارجانلىرىنىڭ يېپىدا چىڭ تۇتۇشقا تىرشاتتىم.
       قىزىل چىراغ، سىنىڭ ماڭا بۇنچىلىك سۆيۈملۈك تۇيۇلىشىڭ تۇنجى قىتىم. يىشىل چىراغنىڭ تىزرەك يېنىشىنى كۈتۈۋاتقان قىياپەتتە دەممۇ-دەم ماشىنا ئەينىكىدىن قاراپ قويۇۋاتقان بولساممۇ، قىزىل چىراغنىڭ يەنىمۇ ئۇزۇنراق يېنىپ تۇرۇشىنى تىلەۋاتاتتىم. ماشىنا توسۇلۇپ قالسا بوپتىكەن، ئاندىن بىرەر قاتناش ۋەقەسى چىقسا، ساقچىلار يولنى تارمار قىلىپ بىزنى باشقا يول بىلەن مېڭىشقا بۇيرۇسا، يېنىڭدا مۇشۇنداق ئۈن-تىنسىز ھالەتتە كۆپرەك ئولتۇرۋالسام... ئاھ،
        ساراڭ! خۇدا ساقلىسۇن، بۇنداق بالا-قازالاردىن، ھەممىمىزگە تىنچلىق، ئامان-ئىسەنلىك يار بولسۇن. ئەشۇنداق شۇم خىيالنى قىلغان كاللاڭغا ئۇر تىز... قىزىل چىراغنىڭ يىشىل چىراغقا ئالماشماي تۇرۇۋىرىشنى، سەن بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرۇشنى خالايدىغىنىم بىر ئۆزۈمگە ئايان. سەن بىلەن ھايات كارۋىنىدا مۇشۇنداق ئولتۇرسام ھە؟!
       خەير، سەن يىشىلغا ئورۇن بەردىڭ!!! ماشىنا مەھەللەمدە توختىدى. ئاۋازىم چىقمايلا قالدى. ساڭا«خوش»دېيىش شۇنچىلىك ئېغىر كىلىۋاتاتتى. بىز بىرەر قىتىممۇ تىك بىقىپ قارىشىپ باقماپتىمىز-ھە؟! مۇشۇ دەملەردە ئاخىرقى قىتىم بولسىمۇ ساڭا قارىيالمىدىم. «رەھمەت، خوش»دەپلا ماشىنىدىن چۈشتۈم. ياق ئەرشتىن پەرىشكە چۈشكەندەك چۈشتۈم.
       ھالىمغا ۋاي، جايىمدىلا تۇرۇپ قالدىم-يۇ، سىنى ئىلىپ كىتىۋاتقان ماشىنىغا قارپ قول پۇلاڭلىتالمىدىم. كۆز ياشلىرىم ئىسيانكارلىق بىلەن ئىرادە قورغىنىمنى پاچاقلاپ تاشلىدى. مەن يەنە يىغلىدىم.
        قىزىل چىراغ،! ھىجرانىمىزدا يىشىل چىراغقا ئورۇن بەرگىنىڭ بىلەن، ۋىسال يولىمىزغا ئەبەدىي يىنىۋالغاندەك قىلاتتىڭ!

     2008-يىل 24-سىنتەبىر شەھرى قەشقەر

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق