سۈكۈت

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-22 16:58:49

سۈكۈتسېنى سېغىنماقتىمەن. ئالتۇنرەڭ يۇپۇرماقلار تۆكۈلگەن ئاسفالىت يولدا يۇپۇرماقلارغا شاراقشىتىپ دەسسەپ، خىيالغا چۆكۈپ، يالغۇزغىنە مېڭىپ...سېنى سېغىندىم. ئاپئاق قار چېچەكلىرى كۆكتە ئۇسسۇلغا چۈ...

    سۈكۈت


    سېنى سېغىنماقتىمەن. ئالتۇنرەڭ يۇپۇرماقلار تۆكۈلگەن ئاسفالىت يولدا يۇپۇرماقلارغا شاراقشىتىپ دەسسەپ، خىيالغا چۆكۈپ، يالغۇزغىنە مېڭىپ...

     

    سېنى سېغىندىم. ئاپئاق قار چېچەكلىرى كۆكتە ئۇسسۇلغا چۈشكەندە ئەنە شۇ كونا يالغۇز ئورۇندۇققا بېرىپ تەنھا ئولتۇرۇپ...

     

    سېنى سېغىنىۋاتىمەن. شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇردىغان سۈزۈك بۇلاق سۈيىدىن قېنىپ-قېنىپ ئىچىپ، سۈزۈك سۇنى خىيالىمدىكى سىمايىڭغا چېچىپ، سۇدىن دۈگىلەك-دۈگىلەك مەرۋايىت ھاسىل قىلىپ...

     

    سېنى سېغنماقتىمەن يايلاقتا ياۋا گۈللەرنى تىرىپ گۈلدەستە تىزىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە سوۋغا قىلىپ...

     

    ھەي، بەڭۋاش قىز ئۇ قېنى؟- سەپ سورايىتتى ئاسفالىت يول.
    مەن سۈكۈتتىمەن...

     

    ھەي، غەمكىن قىز؟ ئۇ تېخىچە كەلمىدىمۇ؟_ سورىدى يالغۇز ئورۇندۇق.
    مەن يەنە شۇ سۈكۈتتە...

     

    ھەي، شوخ قىز قاچانغىچە قۇرۇق ھاۋاغا كۆز ياشلىرىمنى چاچىسىز؟  سورىدى يەنە بۇلاق.
    جاۋابىم يەنىلا شۇ سۈكۈت...

     

    ھەي، گۈزەل قىز شاھزادىڭىز سىزگە گۈل بەرمىدىمۇ؟ سورىدى ياۋا گۈللەر.
    مەن سۈكۈتۈم بىلەن جىمجىتلا كىتىپ قالدىم...

     

    ئالتۇن رەڭ يۇپۇرماقتىن بىرنى ئاۋايلاپ ئېلىپ ياستۇقۇم قاتلىرىغا يۇشۇرۇپ قويدۇم. ياۋا گۈلدىن تىزىلغان گۈلدەستىنى ئاپىرىپ يالغۇز ئورۇندۇققا قويۇپ قويدۇم. بۇلاق يۈزىگە ھەسرەتلىرىمنى سىزىپ قويدۇم....

     

    ئەمما سۈكۈتۈمنىڭ ئاخىرى چىقمىدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.