خوتۇنىنى بۇلاش

يوللىغۇچى : dell يوللىغان ۋاقىت : 2011-02-06 13:21:51

خوتۇنىنى بۇلاشئاپتورى: پەرۋىنئۇ ئۆزىنىڭ ئاسانلا بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.قوللىرىغا كالتەك تۇتقان، يۈزىنى قارا لاتا بىلەن تېڭىۋالغان تۆت بۇلاڭچى يەردىن ئۈ...

     


    خوتۇنىنى بۇلاش

    ئاپتورى: پەرۋىن

     

    ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسانلا بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.قوللىرىغا كالتەك تۇتقان، يۈزىنى قارا لاتا بىلەن تېڭىۋالغان تۆت بۇلاڭچى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئۇنىڭ ئالدىغا پەيدا بولغاندا، قارشىلىق قىلىشنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى. بۇلاڭچىلار ئەرنىڭ قولىنى باغلاپ ، كۆزىنى تېڭىپ، يېقىندىلا سېتىۋالغان ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ تۈن قوينىغا غايىپ بولدى.

     

    تۆت بۇلاڭچى ئۇنى پالازنى سۆرىگەندەك سۆرەپ، بىر ئېغىزلىق كونا كېسەك تاملىق ئۆينىڭ ئىچىگە تاشلىدى ھەم كۆزىدىكى لاتىنى ئېلىۋەتتى. ئەر شام يورۇغىدا ئۆي ئىچىگە نەزەر سالدى. تورۇسلىرى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتكەن بۇ تاشلاندۇق ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا يىرتىلىپ مىجىغى چىقىپ كەتكەن بىر پارچە ئەسكى كىگىزدىن باشقا نەرسە ھېچنەرسە يوق ئىدى. پەقەت قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ئۈچ –تۆت ھاراق بوتۇلكىسى ئۆزىدەك بىچارە ھالەتتە تۇراتتى.

     

    يۈزىگە قارا لاتىدىن نىقاپ تارتقان ئېگىز بوي ئەر، كالتىگىنى ئوينىتىپ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلدى:

    - بىز سەندىن پۇل قەرز ئالماقچى. سېنىڭ كىملىگىڭنى بىز ئوبدان بىلىمىز. ئەگەر ساڭا جان كېرەك بولسا بىز بىلەن ھەمكارلاش.

    - ئاكا، ئۇنىڭغا ئاغزىڭنى ئۇپراتما. ئالدى بىلەن كالتەكنىڭ تەمىنى بىر تېتىتىپ قويايلى.

    - شۇنداق،شۇنداق.بۇنداق گۇيلارغا تاياقتىن باشقىسى بىكار...

     -ئاكا ،بارمىقىنى كېسەيمۇ، بۇرنىنى؟ شۇ چاغدا پۇل دىگەن مانا، دەپ بىزگە تىزلانمىغىنىنى كۆرەي...

     

    بۇلاڭچىلار كالتەك،پىچاقلىرىنى ئوينىتپ ئەرگە ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى. شۇ ئەسناداتوپ ئىچىدىكى پاكار بوي بۇلاڭچى كالتىگىنى چۆرۈپ ئېتىلىپ كەلدى. ئېگىز قاراڭچى چاقماق تىزلىگىدە بىر پەشۋا بىلەن ، ئېتىلىپ كەلگەن پاكارنى يەرگە يىقىتىۋەتتى

    - بۇ يەردە سەن چوڭمۇ،مەنمۇ؟ئاڭلاپ تۇرۇش! - ئىگىز بوي ئەر يېنىدىكى شېرىكلىرىگە ۋارقىردى. - تۆت تەرەپكە سەگەك بولۇش. بۇ بايۋەتچىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقىنىنى بىلىشمىدىڭمۇ؟

    - سىلەر مىنى مۇشۇ ئۆيدە بۇلىماقچىمۇ،- دېدى بۇلانغان ئەر قاراقچىلارغا

    - سېنى نەدە بۇلىساق بولاتتى غوجام. ئاشناڭنىڭ ئۆيىدە بۇلايلىمۇ يا...

     

    تۆت قاراقچى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

     

    - جاھان نېمە دېگەن تار – ھە، - دىدى بۇلانغان ئەر قاراقچىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ، - مەن سىلەردەك ئەزىمەتلەرنى تاپالماي يۈرگەن. بىر ھېساپتا بۇمۇ ياخشى بولدى، بەك ياخشى بولدى...

    - بۇ نېمە دېگىنىڭ؟

    - نېمە دېگىنىم بولاتتى؟ سىلەرگە پۇل كېرەك شۇنداقمۇ؟ لېكىن ماڭىمۇ پۇل كېرەك، سىلەرگە قانچىلىك پۇل كېرەك؟

    - يۈزمىڭ بولسا بولدى، بولمىسا جېنىڭغا بىزمۇ كېپىللىك قىلالمايمىز.

    - مەن سىلەرگە ئۈچ يۈز مىڭنى بېرەي قانداق؟ ئۈچ يۈزمىڭنى بەرسەم قويۇۋېتەمسىلەر؟

     

    تۆت بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. ئېگىز بوي ئەر قاقاقلاپ كۈلگەن پېتى يېنىدىن پىچىقىنى چىقىرىپ بۇلانغان ئەرنىڭ كېكىرتىگىگە نىقتىدى:

    -  سەن بىزنى كولدۇرلاتماقچىما!

    - خاتا چۈشىنىپ قالما. ئىشەنمىسەڭ ماشىنامدا ئەللىك مىڭ يۈەن نەق پۇل بار. كارتامدا يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل بار. مەنمۇ بىرسىنى بۇلاشنى ئۇزۇندىن بېرى پىلان سوقۇپ يۈرگەن. ئەگەر شۇنى بۇلىساق، سەنمۇ، مەنمۇ تېخىمۇ ياخشى كۈننىڭ سېرىغىنى كۆرىمىز. بىز ھەمكارلاشساق قانداق؟

     -بۇ نېمە بوپ كەتتى ئەمدى.

    ئېگىز بوي بۇلاڭچى، بۇلانغان ئەر كىشىنىڭ گەپ –سۆزىدىن تېقىرقاپ قالدى. بۇلاڭچى بۇ ئەرنى ئوبدان تونۇيدۇ، شەھەردىكى كۆزگە كۈرۈنگەن باي، ئىناۋىتىمۇ يۇقىرى.شىركىتىمۇ شۇنداق روناق تاپقان.پۇل دېگەننى غازاڭدەك خەجلەيدۇ. سەتەڭ قىزلار ۋاي ھاجىكا، دەپ تىلىنىڭ سۈيى قالمايدۇ. ھەمكارلاشساق دېگىنى نېمىسى؟ چوقۇم ھىيلە بولۇشى مۇمكىن...

     

    ئاتامان بۇرۇلۇپ بۇلانغان ئەرگە تىكىلدى.

    - كىمنى بۇلايمىز؟

    - خوتۇنۇمنى...

    - خوتۇنۇمنى دەمسىنا، ئېزىپ قالمىغانسەن –ھە؟


    ئاتامان كالتەك بىلەن ئەرنىڭ يوتىسىغا بىرنى سالدى. ئەر تىزلىنىپ قالدى

    .
    -
     كىمىڭنى ئەخمەق قىلماقچىسەن، خوتۇنىڭنى بۇلاپ نېمە قىلىمىز؟ ياش قىزلارنىڭ كوپلىگىدە... خوتۇنىڭنى بۇلاپ بىزگە سولاپ بەرمەكچىمۇ ،ناچار خۇمسىكەنسەن ناچار... ئانىسىنى بىلمىگەن بۇ خۇمسىنى تازا بىر ئەدەپلەپ قويۇڭلار...

    شېرىكلىرى كالتەكلىرىنى پىرقىرتىپ ئەرگە ئېتىلىپ كەلدى. ئەر ئۇلارغا ۋاقىردى:

    -  توختا!

    ئېگىز قاراقچىنىڭ شېرىكلىرى بىر بۇلانغان ئەرگە، بىر ئۆزىنىڭ ئاتامىنىغا قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى.

     - مېنى كىيىن ئۇرساڭمۇ كېچىكمەيسەن، - دىدى ئۇ بۇلاڭچىلارغا - مەن خوتۇنۇمنى سولاپ بېرەي دېمىدىم، پۇل، پۇل، يەنە شۇ نىجىس پۇلنى قولغا كەلتۈرەيلى دېدىم. شىركەتنىڭ مالىيىسىنى خوتۇنۇم باشقۇرىدۇ، ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر...

    - سېنى بىر ئەركەك دېسەم ئۆتۈپ كەتكەن بىر لاتىكەنسەنغۇ؟ ھا، ھا، ھا...

    - بىزدىنمۇ نامراتكەنغۇ بۇ ئاكا. ھا، ھا، ھا...

    - شەھەرلىكلەر خوتۇنىدىن قورقىدۇ، دېگىنى بىكار ئەمەسكەندە، ھا، ھا، ھا...

    -
     ئاكا ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

    - قانداق قىلاتتۇق؟ خوتۇن كىشىگە چېقىلمايمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ لاتىنى بۇلاپ، يەنە خوتۇن كىشىنى بۇلايدىغان بوپ قالدۇق.

     

    ئېگىز بوي بۇلاڭچى ئەرنىڭ كۆزىگە مىقتەك تىكىلدى:

    - سەن بىزگە ھىيلە ئىشلەتكۈچى بولما، ئېسىڭدە بولسۇن ئاكاڭ قارىغاي ئۈچ ئادەمنىڭ قېنىنى ئىچكەن. سېنىڭ قېنىڭنى ئىچىشمۇ سۇ ئىچكەندەكلا بىر ئىش، بىلدىڭمۇ؟!

    - بىلىمەن، بىلىمەن. كارتامدىكى يۈز مىڭ يۈەننىڭ مەخپى نومۇرىنى مەنمۇ بىلمەيمەن، ماشىنامدىكى ئەللىك مىڭ يۈەندىن ئارتۇق نەق پۇلنىڭ بارلىغىنى خوتۇنۇم ئەسلا بىلمەيدۇ. بۇ پۇللارنى سىلەر ئېلىڭلار.پارچە پۇل ئورنىدا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ. مەنمۇ ئۇزۇندىن بېرى باشقىلارنى ياللاپ خوتۇنۇمنى بۇلاشنى پىلانلاپ كەلگەن. ھازازۇل خوتۇننىڭ دەردىدىن جاق تويدۇم، جاق تويدۇم... بىز ھەمكارلىشايلى.

    -  قانداق ھەمكارلىشىمىز؟

    - يەتتە ئۈلۈشىنى سىلەر ئالىسىلەر ،ئۈچ ئۈلۈشىنى مەن ئالاي قانداق؟

    - بىز ساڭا قانداق ئىشىنىمز؟

    - بۇ ئاددىيغۇ؟ مەن سىلەرنى تونۇمايمەن، چىرايىڭلارنىمۇ لاتا بىلەن تېڭىۋاپسىلەر. مېنىڭ پۇت قولۇمنى باغلاپ، كۆزۈمنى تېڭىپ، ئاغزىمنى ئېتىپ قويىسىلەر. بىرسىڭلار قاراپ تۇرساڭلارمۇ مەيلى. مەن خوتۇنۇمغا بىر تېلىفۇن بىلەن، مەن بۇ يەردە تېز كەل،مۇھىم سودا چىقىپ قالدى، دېسەم ئۇچۇپلا كېلىدۇ. ئۇنداق سۇرۇنغا بانكا كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇ ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ، قانداق؟

    - ئۇنداقتا ھازىر تېلىفون قىل.

    - شۇنچە كەچتە بانكىنىڭ ھەممىسى تاقاق تۇرسا خوتۇنۇم كارتىسىنى كۆتۈرۈپ كېلەمتى. ئەتە چۈشتە بولسۇن. ئۇ خوتۇنۇمنى بۇلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى،چۈنكى ساقچىلارنىڭمۇ قورسىغى ئاچىدۇ ئەمەسمۇ-ھە.

     

    تۆت قاراقچى بىر-بىرسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك بىر قاراشقاندىن كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.

     

    باغلاقتىكى ئەر بۇلاڭچىلارنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرۈپ يېنىك بىر تىندى.

     

    ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن "گۈزەل شەھەر" گېزىتىنىڭ باش بېتىگە بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن ئىدى:«شەھىرىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانىچى ئۆز ئەقل-پاراسىتى بىلەن،  رايونىمىزدا ئۇزۇندىن بىرى جىنايەت سادىر قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان بىر جىنايەت شايكىسىنى تارمار قىلدى. ئەقىل-پاراسەتكە تولغان بۇ كارخانىچىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىمۇ ئۆزگىچە، ئۇ بۇلاڭچىلارغا باش ئەگمەي، «زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتۇرۇش» ھىيلىسىنى قوللىنىپ، ئۆزى تۇتقۇن قىلىنغان شارائىتتىمۇ بۇلاڭچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆز خوتۇنىنى بۇلاشقا كۈشكۈرتىش ئارقىلىق يولۋاس ئۇۋىسىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان. ئېرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىغىنى بۇرۇنلا سەزگەن ئايال، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق، پىستۇرما قۇرۇپ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ جىنايەت گورۇھىنى بىر يولدا تارمار قىلغان.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.