ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-ئونىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 09:04:49

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمان«سۆيۈملۈك زۈبەيدە، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى زادىلا كونترول قىلالمىدىم، شۇڭلاشقا، ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز، سۆي...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

    «سۆيۈملۈك زۈبەيدە، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم. قانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى زادىلا كونترول قىلالمىدىم، شۇڭلاشقا، ئەگەر سىزمۇ مېنى ياخشى كۆرسىڭىز،  سۆيگۈمنى قوبۇل قىلسىڭىز، مەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ، بىرەر كومپيۇتېر شىركەتلىرىدە ئىشلىسەم، كۈندە سىزنى كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن. خىزمىتىممۇ ھەل بولاي دەپ قالغان ئىدى، ئەگەر ھەل بولۇپلا قالسا بۇ يەردىن مىدىرلىيالىشىم مۇمكىن ئەمەس، مەن بۇ ئويۇمنى ئاكاملارغا دېۋىدىم ئۇلارمۇ توغرا تاپتى. ئەگەر سىزلا ماقۇل دېسىڭىز مەن يېنىڭىزغا بارىمەن. جاۋابىڭىزنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈپ:

                                                                          فىرقەت»

    ھاياجان تۇيغۇلار يۈرىكىمنى ئىلكىگە ئالدى، ئۇنىڭ خەتلىرىنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم، گەرچە بۇ خەتلەردىن ئالەمچە سۈيۈنگەن بولساممۇ، يەنە ياخشى ئويلانمىسام بولمايتتى. ھېسسىياتقا بېرىلىپ ئۇنى كېلىڭ دېسەم، ئۇنىڭ ئوقۇغان بەش يىلى بىكار بولاتتى. دېھقان دادىسى، ئاغرىقچان ئانىسى، يەنە مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلىرى....ھەي.. قانداق قىلىش كېرەك؟ دەپ، ئۆز ئۆزۈمگە توختىماي سوئال قوياتتىم.  ئۇنىڭ خېتىنى تۇنجى قېتىم جاۋابسىز قالدۇرۇپ توردىن ئاستا چېكىندىم. بىر كېچە كاللام خىلمۇ خىل توقۇنۇش بىلەن تولۇپ تۈزۈكرەكمۇ ئۇخلىيالمىدىم.

    ئۇ ئادەتتە 8 لەردە تورغا چىقاتتى، مەن ئۇنىڭدىن 2 سائەت بالدۇر چىقىپ خېتىگە جاۋاب خەت يازدىم:

    «قەدىرلىك فىرقەت، مېنى ياخشى كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت، مۇشۇ تاپتا يۈرىكىم مەندىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشكە ئالدىراپ كېتىۋاتىدۇ. نېمە دەيمەن؟   مەن سىزنىڭ قەلبىڭىزگە بۆسۈپ كىرىشتىن بۇرۇن، سىز مېنىڭ قەلبىمدىن ئورۇن ئېلىپ بولغان ئىدىڭىز. ھاياتنىڭ بۇنچىلىك گۈزەللىكىنى سىز بىلەن ھېس قىلغانمەن. كۈنلىرىم سىز بولغاچقىلا مۇشۇنداق رەڭدارلىققا تولدى، سىز ماڭا قانچىلىك كۆيگەن بولسىڭىز، مەنمۇ سىزگە شۇنچىلىك، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق كۆيىمەن.  قالدۇرغان خېتىڭىز، قەلبىمنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋەتتى،  قانداق جاۋاب بېرىشىم كېرەك؟ مانا بۇ بىر ئېغىز سۆز مېنى قىينىماقتا.  قەدىرلىك فىرقەت ئالدىراپ بېسىلغان بىر قەدەم ئويلىمىغان تراگىدىيەلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز ياخشى ئويلىنىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز تېخى ھېچقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلمىدى، بۇنىڭغا ۋاقىت كېرەك. بىز ئوبدان ئويلىنىپ بىر قارارغا كىلەيلى، شۇڭلاشقا ماڭا ۋاقىت بېرىڭ، بىر ئاي ۋاقىت بېرىڭ فىرقەت. بۇ بىر ئاي بىر بىرىمىزگە بولغان مۇھەببىتىمىزنى دەڭسەپ كۆرۈدىغان بىر ئاي بولسۇن. ئوقۇشىمىز پۈتۈشكە ئاز قالدى، شۇڭا بۇ مەزگىلدە تورغىمۇ كۆپ چىقالمايمەن،  سېغىنىشلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ، خەتلىرىڭىزدىن ھىدلىرىڭىزنى پۇراپ تۇراي، گېپىمنى خاتا چۈشەنمەسلىكىڭىزنى ئۈۆتۈنىمەن، مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە تېلېفون قىلىشمايلى، لېكىن ئۇچرۇلىرىمىز نورمال مېڭىپ تۇرسۇن. خەير –خوش، سىزنى سۆيۈپ:  

                 زۈبەيدە»

    بۇ خەتنى يېزىپ بولۇپ، يوللاش كونۇپكىسىنى باسالماي ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىم، ئۇزاق ئويلىنىپ يەنە يوللاش قارارىغا كېلىپ يوللاش كونۇپكىىسنى بېىسىپلا خۇددىي مەن ھازىردىن باشلاپ ئۇنى كۆرەلمەيدىغاندەك كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.

    بۈگۈن شەنبە، دەم ئېلىش، كۆڭلۈم ھېچبىر ئادەم خالىمايدۇ، بىراق خالىمىسىمۇ كەچتە دوستلىرىمنىڭ يېنىغا بارمىسام بولمايدۇ، چۈنكى بۈگۈن قەلبىنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى. ئاڭغىچە نېمىش قىلىشىم كېرەك؟ سوئال قويدۇم ئۆزۈمگە. «بۈگۈن مەن تېلېفوننىمۇ ئاچماي، ھېچكىشىگىمۇ دېمەي ئۆزۈمگە تەۋە بولۇپ باقسام قانداق بولا؟، توغرا، شۇنداق قىلىپ باقاي، بۇنىڭ بەلكىم قارارنى ياخشى چىقىرىشىمغا پايدىسى تېگىپ قالا» دېدىم-دە، ناشتىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتىم، ئەتىياز مەزگىلى بولغاچقا نەچچە كۈن توختىماي بوران چىققان ئىدى، بىراق بۈگۈن مېنى خاتىرجەم ئايلىنىۋالسۇن دېگەندەك ھاۋامۇ بەكلا ئوچۇق ھەم بورانمۇ توختاپ قاپتۇ. ئىشىكتىن چىقىپ قەيەرگە بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم. خىيالىمنى سۈرۈپ، نىشانسىز يالغۇز ئايلاندىم، ھېچيەرگە بارغۇم كەلمەي ئۆزۈم يالغۇز بىرەر سائەتچە ئايلىنىپ قايتىپ كەلدىم. قايتىپ كېلىپ ئۆيگە كىرگۈم كەلمىدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدىم، زەڭگەر ئاسماندا ئاپ ئاق بۇلۇتلار ھەر يان ئۇزۇشۇپ يۈرەتتى، تۇرۇپلا كاللامغا بىر خىيال كېلىپ قالدى. «ئەگەر مۇشۇ بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقىپ باقسامچۇ؟» مەن خىيالىمغا ئەگىشىپ، بىنايىمىزنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتىم، ئالتە قەۋەتلىك بىنا ئانچە ئېگىز بولمىسىمۇ ھەر ھالدا شەھەرنىڭ بىر بۆلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى، مەن ئۆگزىدە تۇرۇپ، مىغىلداپ كېتىشىۋاتقان ئادەملەرنى، قويۇندەك ئۇچۇشۇپ يۈرگەن ماشىنىلارنى كۆردۈم، خياللىرىممۇ ئاشۇ ماشىنىلاردەك ھەر يان ئۇچۇپ يۈرەتتى، مەن پەقەت مۇشۇ يەردىلا ئۆزۈمگىلا تەۋە ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تولىمۇ ھوزۇرلاندىم، تۇرۇپلا ئۆزۈمنى تاشلاپ پۇتلىرىمنى ئۇزۇن سۇنۇپ، قوللىرىمنى ئىككى تەرەپكە يېيىپ ئوڭدىسىغا ياتتىم، ئاسماندا بولۇتلار ھەر خىل شەكىللەرنى ھاسىل قىلىشىپ ئۈزۈشۈپ يۈرەتتى، ئۇلارنىڭ خالىغان يېرىگە بارالايدىغان، ھېچكىمنىڭ ئىلكىدە بولمىغان ئەركىنلىكىگە ھەۋىسىم كەلدى. مەن ئۇلارغا قاراپ يېتىۋەردىم، بىر كەمدە بۇلۇتلار سۇسلىشىپ ئاسمان كۈلرەك ھالەتكە كېلىشكە باشلىدى، ئاسماننىڭ سۈزۈك تەرەپىگە بىر سېرىقلىق تاراپ، ئاستا ئاستا پۈتۈن يېرىنى سېرىقلىق ئىگەللەشكە باشلىدى، دېمەك كۈن قايرىلغان ئىدى،  قوياش شەرقتىن چىقىپ، كائىناتقا نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، تەبىيئەتنى ئىللىتىپ كەچ بولغاندا يەنە غەربتىكى ئۆيىگە قايتىدىكەن، مەن قوياشنىڭ قانداق پاتىدىغانلىقىنىمۇ تاماشا قىلىپ ئولتۇردۇم. شۇ جەرياندا  قەلبىم بىلەن ئۆزۈمنى، مەۋمۇملۇق بىلەن رېئاللىقنى ئۆز ئارا مۇنازىرىگە قويۇپ بېرىپ ئاخىرىدا ئۆزۈم ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى ئاقىلانە جاۋابنى تېپىپ ئاندىن ئاسماندا ئاندا ساندا  كۆرۈنگەن يۇلتۇزلارنى كۆرۈپلا ئۆزۈمنى ئۆزۈمنىڭ تەۋەلىكىدىن ئېلىپ ئۆيگە قايتتىپ چۈشتۈم.

    ـــ نەگە كەتتىڭىز قىزىم؟ ئادەمنى مۇشۇنداقمۇ ئەنسىرەتكەن بارمۇ؟ قارىڭە، دوستلىرىڭىزمۇ تولا تېلېفون قىلىپ تېلېفوننى يېرىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى، يە تېلېفونىڭىزنى ئاچمايسىز، دادىڭىز ئىككىمىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي تىت-تىت بولپ كەتتۇق. ـــ دېدى ئاپام ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ئاچچىقلاپ، داداممۇ كۇتۇپخانىدىن چىقىپ «نەگە باردىڭىز؟» دېگەندەك مەنىدە ماڭا قاراپلا تۇراتتى. مەنمۇ ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپلا قالدىم.

    ــــ ھېچ يەرگە بارمىدىم ئاپا، مۇشۇ بىنانىڭ ئۆگزىزىگە چىقىپ يالغۇز ئولتۇرۇپ چۈشتۈم. ـــ دېدىم راستىنى ئېيتىپ.

    ــــ توۋا... كاللىڭىز جايىدىمۇ؟ ـــ دېگىنىچە دادامغا بىر قاراپ قويۇپ، ئاستا كېلىپ پىشانەمنى تۇتۇپ باقتى، ـــ مەن ھايات دەپ قويسىڭىز بولمامدۇ؟ ئەمىسە تېلېفوننى نېمىشكە ئېتىۋالىسىز؟

    ئاپامنىڭ ئاچچىقى راستىنلا بەك تۇتقانىدى. ئاپامنىڭ بۇ ئەلپازىغا قاراپ ھېچقانداق چۈشەنچە بېرەلمىدىم، ھەم ئەركىلەشكىمۇ پېتىنالمىدىم.

    ـــ كەچۈرۈڭ ئاپا، مەن خاتا قىپتىمەن، سىلەرنى ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، ـــ دېيەلىدىم ئارانلا. ئاپام بارغانچە ئەزۋەيلەشكە باشلىدى. بېشىمنى كۆتۈرۈپ «مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ» دېگەندەك نەزەردە دادامغا قارىدىم.

    ــــ نېمانداق سۆزلەۋېرىسىز؟ بالا ساقسالامەت كەلدىغۇ؟ خاتالىقىنىمۇ تونىدى ئەنە، بولدى قىلىڭە ئەمدى. ـــ دېدى دادام ئاپامغا سەل ئاچچىق ئارىلاش، ئاندىن:

    ــــ زۇلفىنۇرغا تېلېفون قىلىڭ قىزىم، ئۇلار سىزنى بەكلا ئىزدەپ كەتتى، ـــ دېدى ماڭا قاراپ. ئاپام ئۆرۈلۈپلا ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى، «ھېچقىسى يوق» دېگەندەك ماڭا كۆزىنى قىسىپ قويدى دادام. ئاندىن بېشى بىلەن «تېلېفونىڭىزنى ئېلىڭ» دېگەندەك ئىما قىلدى، تېلېفوننى ئېلىۋىدىم:

    ـــ ئاداش بىرەر ئىش بولدىمۇ ساڭا؟ ـــ دېدى زۇلفىنۇر تۆۋەن ئاۋازدا، ئۇنىڭ بۇ ئاۋازىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەندىن ئەنسىرەپ كەتكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ـــ قانداق ؟ كېلەلەمسەن؟

    ـــ كەچۈرۈڭلار، ئاپاملارنىمۇ ئەنسىرىتىپ قويۇپتىمەن، ئۆيگە ئەمدى كېلىشىم، يەنە چىقىپ كەتسەم بولماسمىكىن، ـــ دەپ تۇرۇشۇمغا:

    ــــ ئۇلار بىر كۈن ئىزدىدى سىزنى، بارمىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟  بېرىشقا تېگىشلىك يەرگە بارمامسىز ئەمدى؟ بولدى بېرىپ كېلىڭ. ـــ دېدى ئاپام ھوجرىسىدىن چىقىپ.

    ـــ بولىدۇ ئاداش، يېرىم سائەتكىچە بارىمەن، بارغاندا كۆرۈشەيلى. مەن تېلېفوننى قويۇپلا كېيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، دادام ئاپاملار بىلەن خوشلىشىپ، مېڭىش ئۈچۈن ئىشىك تۈۋىگە كېلىۋىدىم:

    ـــ كەچتە قايتىدىغاندا تېلېفون قىلىڭ، دوستلىرىڭىزنى ئاپىرىپ قويغاچ، سىزنى ئەكىلىۋالىمەن، ـــ دېدى دادام. ئاستا يەر تېگىدىن ئاپامغا قارىدىم. ئاپام بىر خىل كۆيۈنۈش ئىپادىسى بىلەن ئالىيىپ قويدى. يۈگۈرۈپ بېرىپ ئاپامنى قۇچاقلىۋالدىم.

    ـــ خوشال ئويناپ كېلىڭ، بەك كەچ قالماڭ، ـــ دەپ چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدى. خوشال خورام ئىشىكتىن چىقتىم. كېتىۋېتىپ تېلفوننى ئېچىۋىدىم دوستلىرىمدىن ھەم فىرقەتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ. ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۇچۇرىنى ئوقۇدۇم. ئۇچۇردا سېغىنىشتىن باشقا ئالاھىدە گەپ يوق، قالدۇرغان خېتىمنى ئوقوغاندەكمۇ قىلمايدۇ.

    دوستلىرىم بىلەن خوشال ئويناپ، كەچتە قايتىپ كېلىپلا ئۇخلاپ قالدىم، ئۇنىڭغا دوكلاتمۇ قىلمىدىم. شۇنداق قىلىپ ئوقۇشۇممۇ پۈتتى، دۆلەتنىڭ مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈم ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى يارىتايلى، دېگەن چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىرىنچى بولۇپ مەن قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى تاللىدىم، بۇ مېنىڭ ھېلىقى كۈنى ئالتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئۆزۈمگە تەۋە بولغاندىكى بىر كۈن ئىچىدە چىقارغان قارارىم ئىدى. ئەلۋەتتە بۇ قارارىمدىن دادام، ئاپام ھەم فىرقەت خەۋەرسىز ئىدى. ھەپتە ئاخرىدا ئۆيگە كىرگەندە بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئاپام بەكلا ئاچچىقلاپ كەتتى:

    ـــ نېمانداق بەڭۋاش قىز بالا سىز؟ ئەۋلادلارغا بولغان ياخشى كۆڭلىڭىزنى مۇشۇ يەردىمۇ بىلدۈرگىلى بولاتتى ئەمەسمۇ؟ قەشقەر دېگەن نە ئۇ؟ شۇنچە يىراق يەرگە بىر قىز بالىنى قانداقمۇ يالغۇز يولغا سېلىپ قويغىلى بولىدۇ؟  بولدى، مەن مائارىپ نازارىتىگە  بارىمەن، ھازىرلا بىكار قىلدۇرىمەن بۇ تەقسىماتنى. ـــ دېدى ئاپام يىغلاپ تۇرۇپ.

    ــــ قانداقلا ئويىڭىز بولسا ئالدى بىلەن  ئاتا – ئانا بولغان بىزگە مەسلىھەت سېلىپ بېقىشىڭىز كېرەك ئىدى قىزىم، مۇشۇنداق چوڭ ئىشنىمۇ ئۆز مەيلىڭىزچە بېكىتسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردە بىرەرمۇ ئۇرۇق تۇغقانلار يوق،  نېمىنى ئويلاپ شۇنداق قارار چىقارغانلىقىڭىزنى بىلمىسەممۇ بۇ قارارىڭىز بىزگە خوشاللىق ئېلىپ كەلمىدى. ـــ دېدى داداممۇ.

    ـــ مەن چوڭ بولدۇم ئاپا، سىز داۋاملىق «ئادەم مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك»، دەيتىڭىز، مەنمۇ مۇشۇ يېشىمغا كەلگىچە سىلەرنىڭ باغرىڭلاردىن بىر قەدەممۇ ئاجراپ باقماي، باھارنىلا كۆرۈپ قالغان پەسىللەرنى زادىلا كۆرۈپ باقمىدىم، مۇشۇ پۇرسەتتە تۇرمۇشقا پىشىپ ئۆزۈمنىڭ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىقتىدارىمنىڭ بار يوقلۇقىنى بىر سىناپ باقماقچى. ششۇڭا ئارزۇيۇمغا ھۆرمەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، يەنە بىرى مەن تېلېۋىزورلاردىن، تورلاردىن، ئاشۇ تۆۋەنلەردە بىلىمگە تەشنا مىڭلىغان سەبىيلەرنىڭ مۆلدۈرلەپ قاراپ تۇرغان ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى كۆردۈم، پەقەت ياخشى شارائىت ئاستىدا بەرگەن بىلىمگە مەن قانائەت قىلمايمەن، مەقسىتىم، ئاشۇ  بىچارە بالىلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا، مەدەنىيەتنى تونۇتۇپ، ئۇلارنىڭ بىلىم قۇرۇلمىلىرىنى تېز سۈرئەتتە يېڭىلىشىغا شۇنداقلا، كەلگۈسى ئىستىقبالى ئۈچۈن مەزمۇت بىر يول تېپىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىرگە، تۆۋەندىن تۇرمۇش ئۆگىنىپ، ئۆزۈمنىڭمۇ تۇرمۇشقا بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتىپ، باشقا بىر مۇھىتتىكى زۇبەيدەنى كۆرگۈم بار. مەن سىلەرنىڭ مىھرى مۇھەببىتىڭلارغا تويۇنۇپ، جاپانىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەي چوڭ بولدۇم، دادام داۋاملىق «سىلەر جاپا چەكمەي راھەتتە ياشاپ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق ساۋاقلىرىنى تېتىماي خام چوڭ بولۇپ قالدىڭلار» دەيتتى، مەن ئاشۇ خام يەرلىرىمنى پىشۇرۇپ، ئالدىڭلارغا يېڭىچە بىر زۇبەيدە بولۇپ كەلگۈم بار، مەن كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق بۇ قارارنى چىقاردىم، مېنى قوللىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ھەم بەكمۇ موھتاجمەن، سىلەرنىڭ رازىلىقىڭلار بولغاندىلا ئاندىن مېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىم بولىدۇ. ـــ دېدىم كۆڭلۈمدىكى ئويلىرىمنى ئۇلارغا بىراقلا تۆكۈپ. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ مېنىڭ ھەقىقىي ئارزۇلىرىم ئىدى. ئاپام بىلەن دادام ماڭا قاراپ قېتىپ قالدى، ئۇلار مەيلى قانداق باھانىلەرنى، كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرغان قانداق يامان كۈنلەرنى ئەسكەرتمىسۇن، مەن قارارىمدىن زادىلا يانمىدىم، ئاپامنىڭ يىغلاشلىرى، دادامنىڭ دەبدىلىك گەپلىرىمۇ مېنىڭ قارارىمنى ئۆزگەرتەلمىدى. ئاخىرى ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ گېپىدە چىڭ تۇرۇپ ئۇخلاپ قالدۇق.

    8- ئاينىڭ ئاخىرىدىكى تومۇز ئىسسىقتا، تۇنجى قېتىم ئۆز تەقدىرىم ئۈچۈن  ئۆزۈم ناتونۇش ئەمما بەكمۇ مەيلىمنى تارتىپ تۇرىدىغان يولغا قەدەم ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ يولغا چىقتىم. دادام، ئاپاملار ئاپىرىپ قويىمىز دېسىمۇ، ئايروپىلانغا سېلىپ قويىمىز دېسىمۇ قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ئاپتوبوس بىلەن يولغا چىقتىم. بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى تۇنجى ئۇزۇن يوللۇق سەپىرىم ئىدى.

    جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ئۇزۇن يوللۇق بېكىتىدە يىغلاپ قالغان ئاپام ھەم دادام، ئاكام، سىڭلىمغا قىيالمىغان بولساممۇ، ئۇلار ئالدىدا قەيسەرلىكىمنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن كۆزۈمدىن بىر تېمىممۇ ياش تۆكمىدىم، ئەكسىنچە كۈلگىنىمچە ئۇلارغا تەسەللىي بېرىپ تۇردۇم، ئاپتوبۇس قوزغالغاندا ئۇلارنىڭ ھاۋادا پۇلاڭلاپ قالغان قوللىرى يۈرىكىمنى سۇغىرىۋالدى، «جاندىن كەچمىگۈچە جانانغا يەتكىلى بولماس» دېگەننىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئاپتوبۇس ئۈرۈمچىدىن چىقىپ ئولامبايغا كەلگەندىن باشلاپ تۆكۈلگەن ياشلىرىم يول بويىدىكى توك شامالدۇرغۇچتىن ئۆتكۈچە داۋاملاشتى،  ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇش يولۇمدىكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان خوشاللىق، قىيىنچىلىق، ئوڭۇشلۇق ھەم ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا شۇنچە غەيرەت قىلغان بولساممۇ لېكىن قەلبىمدە پەقەت تەقەززالىق، ئىنتىزارلىق، سۆيۈنۈشتىن باشقا ھېچنەرسىنىڭ يوقلىقىنى بىلدىم.

    ئاپتوبۇستىكىلەرگە قارىدىم، مەن ئۇلار بىلەن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتىم، ئاستىمغا كېيگەن تار پادىچىلار ئىشتىنىم، ئۈستۈمگە كېيگەن يەڭسىز مايكام، چاچلىرىمنى كەڭ قويۇۋېتىپ بېشىمغا كىيىۋالغان ئۇزۇن چېكىلىكى بار شەپكەم ئۇلارنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلىنىپ قالغانمىكىن، ياكى بولمىسا ئويدىكىلەرنىڭ مېنى ھەسرەت بىلەن ئۇزىتىپ قويۇشلىرى دىققىتىنى تارتىپ قېلىشتىمىكىن ئىش قىلىپ ھەممىسى ماڭا بىر خىل نەزەر بىلەن قاراپ ئولتۇرىشاتتى.

    ـــ نەگە ماڭدىىڭىز قىزىم؟ دەپ ماڭا يۈزلىنىپ  ئولتۇردى  ئاپامدىن چوڭراق، شۇنچە تومۇز ئىسسىقتىمۇ نېپىز كۆينەكنىڭ ئۈستىگە چاپان كېيىپ بېشىنى ياغلىق بىلەن چىڭ ئورۇۋالغان بىر ئايال.

    ـــ قەشقەرگە، ــ دېدىم  ئۇنىڭغا  تەبەسسۇم بىلەن.

    ـــ قەشقەرگە ئوقۇشقا ماڭدىڭىزمۇ؟

    ـــ ياق خىزمەتكە ماڭدىم، مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولدۇم. ــ دېدىم ئۇ ئايالغا چۈشەندۈرۈپ، ئەتراپتىكىلەرمۇ  خېلىدىن بېرى مېنىڭ نېمىشكە بۇ سەپەرگە ئاتلانغىنىمنىڭ تېگىگە يەتمەكچى بولغاندەك، نەزەرلىرى ماڭا ئاغدۇرۇلدى.

    ـــ ھازىر ئۇ يەرلەردىمۇ خىزمەت تاپماق تەس بولۇپ كەتتى قىزىم، قانداق خىزمەت قىلغىلى كېتىۋاتىسىز؟

    ـــ مۇئەللىم بولىمەن، مەن توختام تۈزدۈم، قەشقەرگە بېرىپ خىزمەت قىلىشنى ئۆزۈم تاللىدىم.

     ـــ مۇئەللىم بولىمەن دەڭ، ـــ دېدى ئايال ئاستا پىچىرلاپ، ئاندىن ئۈستى بېشىمغا بىر قاراپ قويدى.  شۇنىڭدىن باشلاپ ھېچكىم بىلەن سۆھبەتتىمۇ بولمىدىم، قالغانلارمۇ مېنىڭ نېمىشكە قەشقەرگە يالغۇز ماڭغانلىقىمنى بىلىۋېلىپ جىم بولۇشتى. ئاپتوبۇس كەڭ سايلارنى، كىچىك كىچىك ئۆيلەرنى، يەنە يېزا شەھەرلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ غۇيۇلداپ كېتىپ باراتتى،  بىر بىرىگە گەپ بەرمەي ۋارقىرىشىپ پاراڭلىشىپ ماڭغانلارمۇ جىمىپ قېلىشتى، مەن كۆزلىرىمنى دەرىزىدىن يېراقلارغا تىكىپ، مەن ئۈچۈن يېڭىلىق ئېلىپ كېلىۋاتقان بۇ مەنزىرىگە قىزىقىپ قارىغىنىمچە خىياللارغا غەرق بولدۇم.

    ئەتە ماڭىمەن دېگەن كۈنى كومپيۇتېرىم بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىم، ئەپسۇس فىرقەتنىڭ ئانىسى دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۇ توردا ئەمەس ئىدى. مەن ئۇنىڭغا:

    «قەدىرلىك فىرقەت، مەن تەۋەككۈل دەرياسىغا كېمەمنى سالدىم، ئاقامدۇ، يا چۆكەمدۇ؟ بۇ تەقدىرىمگە باغلىق، بۇ ئىشتا ئاتا – ئانام ھەم سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئالمىغانلىقىمنى كەچۈرۈڭ، ئۆتكەندە ماڭا قالدۇرغان سوئالىڭىزغا مۇشۇ ئىككى كۈندە جاۋاب بېرىمەن، جاۋابىمنى كۈتۈڭ» دەپ خەت يازدىم. ئاندىن كومپيۇتېرىمنى ئۆچۈرۈپ ئۇخلاي دەپ ياتقان بولساممۇ، ئازراقمۇ ئۇخلىيالمىدىم، پۈتۈن خىيالىمدا مۇشۇ قىلىۋاتقان ئىشىمنىڭ، ئالغان قەدەملىرىمنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالماي قېلىۋاتاتتىم، بىر تەرەپتىن توغرا دەپ روھلانسام، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئىشلارنى ئويلىسام كېيىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالارمەنمۇ؟ دەپ ئويلايتتىم، ئاخىردا، مەيلى قەدىمىم خاتا بولسۇن، توغرا بولسۇن، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن ئاتا قىلغان روھىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكى مېنى ئەركىن تىنىشقا مۇيەسسەر قىلدى. «ئۇ ئۇچۇرۇمنى كۆرگەنمىدۇ؟ مېنىڭ ئۇنى دەپ ئاشۇ سەھراغا كېتىپ بارغانلىقىمنى بىلىگەنمىدۇ؟» دېگەنلەرنى ئويلاپ ئاپتوبۇسنىڭ يەڭگىل چايقىلىشى بىلەن ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن، بىر كەمدە شوپۇرنىڭ «تاماق يەڭلار» دېگەن ئاۋازى بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم، تاڭ ئاتقان ئىدى، ئەتتىگەنلىك ناشتىنى بىر ئۆتەڭدىكى تاماقخانىدىن يەپلا يەنە يولغا چىقتۇق، شۇ تەرىقىدە مېڭىپ كەچ كىرگەندە  ئاپتوبۇس قەشقەر تەۋەسىگە كىردى، ھاياجانلىق يۈرىكىم تېپچەكلەپ ئاغزىمغا قاپلىشىپ قالدى، كۆزلىرىمنى  يوغان ئېچىپ ئەتراپنى كۆزىتىشكە باشلىدىم، ئانچە ئۇزۇنغا قالماي ئاپتوبۇس شەھەر ئىچىگە كىردى. بىر قاراشتىلا بۇ يەرنىڭ مەيلى كوچىلىرى بولسۇن، ياكى قۇرۇلۇشى، مەزىرىلىرى بولسۇن، ئۈرۈمچىدىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى سەزدىم، پەقەت ئادەملىرىنىڭ كېيىنىش ئەھۋالىدا ئالاھىدە چوڭ پەرق بارىكەن، شۇندىلا تۆنۈگۈن ئاپتوبۇسقا چىقىپلا يېنىمدىكى مۇماينىڭ سوغۇق نەزەرىنىڭ مېنىڭ كېيىمىمگە قارالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. بېكەتكە كىرىپ يۈك تاقلارنى چۈشۈرۈپ، تاماقمۇ يېمەستىن  ۋىلايەتلىك كادىرلار ئىدارىسىگە باردىم، ھېلىمۇ ياخشى ئۇلار ئىشتن چۈشمىگەن ئىكەن، بىر ياخشى نىيەتلىك كىشى ئەھۋالىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مېھمانخانىدا ياتماي، مۇشۇ ئىدارىنىڭ كادىرلار ياتىقىدا يېتىپ تۇرۇڭ دەپ، ياتاقتىن بىرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، نەرسىلىرىمنى ياتاققا ئەكىرىپ قويۇپ سىرتقا تاماققا چىقتىم، ئاڭغىچە فىرقەتتىن كەلگەن ئۇچرۇلارغا قاراپ ئۇنىڭ تېخى قالدۇرغان ئۇچۇرمنى كۆرمىگەنلىكىنى سەزدىم، لېكىن مەنمۇ چاندۇرماي ئۇدۇللا ئۇچۇر قايتۇرۇپ تۇردۇم. كوچىلاردا كېتىۋاتقان ئادەملەر بىر سوغۇق نەزەرى بىلەن ماڭا قاراپ قاراپ قوياتتى، يولدا كېتىپ بارغان فىرقەت دېمەتلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا ئوخشايتتى، بەزىلىرىنىڭ يۈزى ئوخشىسا، بەزىلىرىنىڭ بۇرۇتى ئوخشايتتى، مەن يولدا كېتىپ بېرىپمۇ، تاماقخانىغا كىرىپمۇ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋازدا گەپ قىلىۋاتقان ئادەملەرنى مىنۇتتا بىر ئۇچرىتىپ، ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشىم تېخىمۇ ئېشىپ كەتتى، ياتاققا قايتىپ كىرىپ يۇيۇنۇپ ئۇخلاپ قالدىم، ئەتىسى سەھەردە يەڭسىز مايكامنى چامىدانىمغا سېلىپ قويۇپ، كالتا يەڭلىق مايكامنى كېيىۋالدىم – دە، ئۇدۇل باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا يەنە چىقتىم، ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ تەلەپ قىلغان يېرىمگە بارالمايدىغانلىقىمنى، قەيەردە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئاجىز ھەم كەم بولسا شۇ يەرگە بېرىشىم كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى، بۇنىڭدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئاخىر تەقسىماتقا بويسۇنۇپ قەشقەرگە يىراقراق بىر ناھىيىسىگە كەتتىم، ئۇ يەردىكى مۇھىت شەھەردىكىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇراتتى، ناھىيىدىن مېنى تېخىمۇ يىراق بىر يېزىغا تەقسىم قىلدى، ئەڭ ئاخىردا بۇ يېزىغا كېلىپ توختىدىم. مەكتەپكە تۇنجى كېلىپلا ئۆزۈم ياشىغان مۇھىتتىن ئاسمان زىمىن پەرقى بولغان، باشقىچە بىر دۇنياغا كېلىپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلدىم، ھەممىسى ماڭا يېڭىلىق تۇيۇلۇپ گاڭگىراش ئىچىدە يۈرەتتىم، يېڭى مەۋسۇم تېخى باشلانمىغان، بىراق مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يىغىلىپ بولغان ئىدى، مەكتەپ مۇدىرى چوڭ يىغىندا مېنى ئۇلارغا تونۇشتۇردى، ئۇلاردىن يا «قارشى ئالىمىز»، يا «خۇش كەپسىز» دېگەن سادا چىقمىدى، خۇددىي ھېچ ئىش بولمىغاندەك، مەن ئەزەلدىن ئاشۇ مەكتەپتە باردەكلا ئىپادىدە ئولتۇردى، بۇ مەنزىرىدىن كېيىنكى قەدەملىرىمنىڭ تولىمۇ مۈشكۈللۈكىنى ھىس قىلىپ قالدىم. ئۇلار ماڭا تۇرالغۇ ئۈچۈن بىر ياتاقنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ مۇشۇ ياتىقىم ئىدى. بۇ ياتاق تولىمۇ ۋەيرانە، ئىچى پۈتۈنلەي كېرەكسىز قەغەز، يەنە قۇرۇق يېشىكلەر بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ، كىرلىكىدىن رەڭگىنىمۇ پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر يۈرۈش يوتقان كۆرپە سىملىرى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بىر پۇتى مايماق سىم كارۋات ئۈستىدە تۇراتتى، دەسلەپكى قەدەمدە مېنى يىغا تۇتتى، شۇندىلا ئاپام دادامنىڭ ئەنسىرەشلىرىنىڭ بىكار ئەمەسلىكىنى چۈشەندىم، ئىشنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي تۇراتتىم، ئايىقىدىن  پالاچلىتىپ ئاۋاز چىقىرىپ بىر ئايال كىرىپ كەلدى.

    ـــ ھە سىز ئۈرۈمچىدىن كەلگەن يېڭى خانىم بولامسىز؟ ــ دېدى ئۇ ئايال.

    ئۈرۈمچىدە پەقەت توي قىلغان ئاياللارنىلا (خانىم) دەپ ئاتايدىغانلىقى ئۈچۈن سەل تۇرۇپ قېلىپ:

    ـــ ياق مەن ئەمدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەن مۇئەللىم، ـــ دېدىم.

    ـــ ھە، بىز بۇ يەردە ئەر ئوقۇتقۇچىلارنى مۇئەللىم، ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى خانىم دەيمىز. ــ دېدى چۈشەندۈپ.

    ــ ھە... دېدىم ئاستا.

    ـــ ماۋۇ ئۇدۇلدىكى بىزنىڭ ئۆي، جۈرۈڭ، بۈگۈن بىزنىڭكىدە قونۇڭ، ئاڭغىچە بۇ ئۆينى سەل ئوڭشايلى، بۇ ھالىتى بىلەن سىزنى «قارا بېسىپ قالىدۇ»، دېدى ئۇ ئايال. ئۇنىڭ قارا بېسىپ قالىدۇ دېگىنىدىن سەل سۈر باستىدە، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقتىم، ئۇنىڭ يولدىشى ئايالى ئارقىلىق مېنىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىمنى بىلدى. ئۇ كۈنى شۇ ئۆيدە قونۇپ قالدىم، بۇ جەرياندا بۇ ئايالنىڭ ئىسمىنىڭ مەريەمخان ئىكەنلىكىنى، يولدىشىنىڭ ئىسمىنىڭ روزاخۇن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ مۇشۇ مەكتەپكە قارايدىغان دەرۋازىۋەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدىم، ئەتىسى بىز ناشتا قىلىپ ئولتۇرساق، روزاخۇن ئاكا كىرىپ، مېنىڭ ياتىقىمنى سۈپۈرۈپ چىرايلىق قىلىپ قويغانلىقىنى، نەرسىلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ، خالىغان ۋاقىتتا چىقىپ ئورۇنلاشسام بولىدىغانلىقىنى دېدى، كۆڭلۈم يورۇپ، بۇ كىشىگە ھۆرمىتىم كېلىپ قالدى، ناشتا قىلىپ بولۇپ، مەريەن ھەدە بىلەن بازارغا چىقىپ ياتاققا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالدۇق، يوتقان كۆرپىلەرنى مەريەم ھەدە بېرىدىغان بولدى، شۇنداق قىلىپ ئىككى كۈن ئىچىدە ياتىقىمنى مىھرى ئىللىق چىرايلىق بىر ماكانغا ئايلاندۇرۇۋالدىم، ئەتىسىدىن باشلاپ ياتىقىمدا ياتماقچى بولۇپ قايتىپ چىقتىم، بۇ جەرياندا فىرقەت بىلەن تېلفوندا ئۇچۇر يوللىشىپ تۇردۇق، ئاتا – ئانامغا تېلېفون قىلىپ ئۇلارنىمۇ خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم. ھەممە ئىشىمنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ياتاقتا ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ فىرقەتكە تېلېفون قىلدىم.

    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بىر ئايدىن كېيىنكى بۈگۈن ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاش شەرىپىگە ئىگە بولغان كۈننى يىلدا بىر خاتىرىلەيدىغان كۈن قىلىپ بېكىتىمەن، ياخشى تۇرۇدىڭىزمۇ؟ ــ دېدى ئۇ.

    ـــ ياخشى، ئۆزىڭىزمۇ ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ ئانىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟

    ــ شۇنداق بۈگۈن دوختۇردىن ئېلىپ چىقتۇق، مەن ياتاقتىكى نەرسە – كېرەكلەرنى ئالغىلى دوختۇرخانىغا كەلگەن ئىدىم، ئۆزىڭىزچۇ، نېمىشلار بىلەن بولدىڭىز؟ نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇچۇردىمۇ مەقسەتنى ئىپادىلىگىلى بولماي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانام كېسەل، كۆڭلۈمنىڭ ئارامى يوق سىزگە شىرىن گەپلەرنىمۇ قىلامىدىم.

    ـــ ھېچقىسى يوق، مەن توغرا چۈشىنىمەن.

    ـــ رەھمەت سىزگە، ئوقۇشىڭىزمۇ پۈتتى، ئەمدى خىزمەت كۈتۈپ ئولتۇرۇۋاتامسىز؟

    ـــ ياق، خىزمەتكە چۈشۈپ بولدۇم.

    ـــ ۋۇي! مۇبارەك بولسۇن! ئوقۇتقۇچى بولىمەن دەۋاتاتتىڭىز، قايسى مەكتەپكە چىقتىڭىز؟ ئۆز مەكتىپىڭىزدا قالدىڭىزمۇ يە؟

    ـــ بىر باشلانغۇچ مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشتۈم.

    ـــ شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىدا ئوقۇغان ئادەم ھېچ بولمىسا بىرەر تېخنىكا مەكتەپلىرىدە بولسىمۇ خىزمەت قىلسىڭىز بولاتى؟

    ــ شۇنداق، لېكىن مەن ئۆزۈم تەلەپ قىلىپ مۇشۇ مەكتەپكە كەلدىم.

    ـــ نەدىكەن ئۇ مەكتىپىڭىز؟ ئۆيىڭىزگە يېقىنمۇ؟

    ـــ ياق ئۆيۈمگە بەكمۇ يىراق، بىراق سىزگە يېقىن.

    ـــ نېمە دەيسىز؟

    ـــ مەن قەشقەرگە كەلدىم. ئەپسۇس سىزنىڭ ناھىيىڭىزنى تەلەپ قىلسام ئۇلار مېنى باشقا ناھىيىگە تەقسىم قىلىپ قويدى.

    ـــ ئاھ زۈبەيدە، ئالدىرىماي سۆزلەڭ، چاخچاق قىلماڭ، بۇنداق چوڭ چاخچاقنى ئاجىز يۈرىكىم كۆتۈرەلمەيدۇ.

    ـــ راس فىرقەت، مەن قەشقەرگە كەلدىم، ــ دېگىنىمچە ئادرېسىمنى دەپ بەردىم.

    ـــ جېنىم زۈبەيدە، ماڭا بەك كاتتا خەۋەر يەتكۈزدىڭىز، مەن بۈگۈن كەچلىك ئاپتوبۇس بىلەن ماڭىمەن، ئاللاھ خالىسا ئەتە سەھەردە يېنىڭىزغا ئۈنىمەن. ئاپلا... زۈبەيدە، مۇشۇ تاپتا سىزگە نېمىلەرنى دېيىشىمنى پەقەتلا بىلەلمەيۋاتىمەن، مېڭىشتىن بۇرۇن نېمىشكە ماڭا خەۋەر قىلمىدىڭىز؟ ئالدىڭىزغا ئۆزۈم چىقىپ، ئۆزۈم بىر قوللۇق ئورۇنلاشتۇراتتىم ئەمەسمۇ؟

    ـــ سىزنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتەي دېدىم.

    ـــ رەھمەت زۈبەيدە. مۇشۇ تاپتا تېلېفوننى زادىلا قويغۇم يوق، لېكىن قويمايمۇ ئامال يوق، مەن ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ كەچتىلا ماڭمىسام بولمايدۇ. خوش جېنىم.

    فىرقەت ھاياجاندىن نېمە قىلارىنى بىلمەي قالدى. مەنمۇ ئۇنىڭ تېلېفونىنى قويۇپلا خۇشلۇقتىن بۇ كىچىك ياتىقىمدا پىرقىراپ ئۇسۇل ئويناپ كەتتىم. كېچىچە ئازراقمۇ كۆزۈم يۇمۇلمىدى، ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، ياتىقىمنى چىرايلىق تازلاپ، ئۇنى ساقلاپ ئولتۇردۇم، سائەت 7 لەر بولغان مەزگىلدە  ئىشىك تۈۋىگە بىر ماشىنا كېلىپ توختىدى، مەن يۈگۈرۈپ چىقىپ ماشىنىدىن كۈلۈپ چۈشىۋاتقان فىرقەتنى كۆردۈم، مەن ئۇنىڭ يۈزىنىلا كۆرۈپ بويلىرىنى كۆرمىگەنىدىم، مانا ھازىر ئالدىمدا تولىمۇ كېلىشكەن قامەتلىك بىر يىگىت تۇرۇپتۇ، ئۇمۇ، مەنمۇ كۈلىۋەردۇق.

    ــ تېنچ ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ مەن مۇشۇ تاپتا قايسى گەپنى بالدۇر قىلىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن ــ دېدى ئۇ، مەن ئۇلارنى ياتاققا باشلىدىم، ئۇلار ياتاققا كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن: ـــ بۇ دوستۇم پەرھات، مۇشۇ يەردە بىر باشلىقنىڭ ماشىنىسىنى ھەيدەيدۇ، دەپ دوستىنى تونۇشتۇردى، مەن پەرھات بىلەن يەڭگىل سالاملىشىپ قويدۇم. بىز ئۇزاق ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا تاماق يېگىلى چىقتۇق، پەرھات ماڭا بۇ يۇرتنىڭ ئەھۋالىدىن ئازراق چۈشەنچە بەردى، ھەم قايسى يەرلەرگە بېرىپ تاماق يېسەم بولىدىغانلىقىنىمۇ دەپ بەردى، يەنە قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ئۆزىنى ئىزدىشىم كېرەكلىكىنى دەپ ئۆتتى، بىز ئۇ كۈنى بەك ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق، خېلى كەچ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلار ئىككىسى پەرھاتنىڭ ئۆيىگە كەتتى، بالىلار تېخى يىغىلمىغانلىقى ھەم مەن تېخى يېڭى بولغانلىقىم ئۈچۈن مېنى ئانچە سۈرۈشتە قىلىپ كېتىشمىدى. شۇنداق قىلىپ ئەتىسىدىن باشلاپ 4 كۈن فىرقەت بىلەن كۈندۈزى ئايرىلماي يۈرۈپ، بىر بىرىمىزگە تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كەتتۇق، بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كېلىپ خاتا قىلمىغانلىقىمنى سەزدىم. 4 كۈندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار يىغىلدى، فىرقەتمۇ مۇشۇ يېزىغا خىزمەتكە ئورۇنلىشىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كۆزلىرى كەينىدە يۇرتىغا كېتىپ قالدى، مەن دەسلەپتىلا سىنىپ تۇتاي دەپ تۇرۇۋالدىم، مۇدىرمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي تەلىپىمگە ماقۇل بولدى، ئاندىن:

    ـــ سىنىپقا ماۋۇ تۇرقىڭىز بىلەن كىرسىڭىز بولمايدۇ ، بولسا كەڭرەك ئىشتان كېيىپ، مۇنداق گاچا ئىشتانلارنى كىيمەي، ئۇزۇنراق يېڭى بار نەرسىلەرنى كېيىۋېلىڭ، بۇ تۇرقىڭىز بۇ يەرگە تازا ماس كەلمەيدۇ، بۇ گەپلىرىمدىن رەنجىمەڭ، مەنمۇ سىزگە ياخشى بولسۇن دەپ شۇنداق دەۋاتىمەن، ـــ دېدى.

    ـــ ماقۇل مۇدىر، بۇندىن كېيىن مۇشۇ جەھەتكە بەكرەك دىققەت قىلاي ــ دەپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن قايتىپ چىقتىم، شۇنىڭدىن باشلاپ، مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىم باشلىنىپ كەتتى، كىچىك ئوماقلار  يەر تېگىدىن قاراپ مەندىن ئۈركۈپلا تۇراتتى، تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ، ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىپ، ئاخىرى ئۇلارنىمۇ ئۆزۈمگە قارىتىۋالدىم، كۆپ سانلىق ئوقۇغۇچۇم دېھقانلارنىڭ باللىرى ئىدى، مەيلى كېيىم – كېچىكى بولسۇن، مەيلى روھىي كەيپىياتى بولسۇن يۈرىكىمنى ئازاپلاپ كېتىۋاتاتتى، ئۇلارغا قاراپ، قانداق ياردەم قىلسام بولىدىغانلىقى توغرىلىق كۆپ پىلانلارنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. كۈنلەر جىددىيچىلىك ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدى.

    ئوقۇغۇچىلىرىم ئۈچۈن ياخشى پىلانلارنى تۈزدۈم، ئالدى بىلەن ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ئاندىن باشقىلار بىلەن ئەركىن مۇنازىرە قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، شۇ ئارقىلىق تەپەككۇرىنى يېتىلدۈرۈش، دېگەندەك دەسلەپكى تەرتىپنى يولغا قويدۇم، ئۇزۇنغا قالماي بۇ ئىشىم بالىلاردا نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، بۇ مېنىڭ دەسلەپكى نەتىجەم ئىدى، بۇ نەتىجىدىن سۆيۈنۈپ بارغانچە ئاز ئازدىن قوشۇپ، باللارنىڭ ساۋادىنىمۇ تېزلاپ چىقىرپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ياخشى ئۈنۈم ياراتتىم، بۇ جەرياندا فىرقەت نەچچە قېتىم كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى، مەريەم ھەدە بىلەنمۇ يېقىن توغقانلاردەك بولۇپ قالدۇق. ئۇ ماڭا ئوغۇل بالىلار سىزنى ئىزدىسە سىز گە بولغان تەسىرى ياخشى بولمايدۇ، كېيىنكى تۇرمۇش ئىشىڭىزدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ دەپ نەسىھەت قىلدى، مەن ئۇنىڭغا فىرقەت توغرىلىق گەپ قىلىپ بەردىم، شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسى ھەسسىلەپ ئاشتى.

     بۇ يەردە تۆت پەسىل ھەقىقىي مەنىسى بىلەن بولىدىكەن، كېلىپلا كۈز مەزگىلىنىمۇ ياقتۇرۇپ قالدىم، مەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى مېۋىلەرنى شېخىدىن ئۈزۈپ يېيىشنىڭ قانچىلىك راھەتلىكىنى دەپ بېرەلمەيمەن. لېكىن يېڭىچە مۇھىتتا تارتىۋاتقان جاپالىرىممۇ كۆزۈمگە كۆرۈنمىدى. شۇنداق يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە بىر ئايال مېنى ئىزدەپ كەلدى، مەن قانچە ئويلاپمۇ ئۇ ئايالنى قەيەردە كۆرگەنلىكىمنى زادىلا ئەسىيەلمىدىم. مەن ئۇنى ياتىقىمغا باشلىدىم.

    ـــ ئىسمىڭىز زۈبەيدە بولامدۇ؟ ـــ دېدى ئايال.

    ـــ شۇنداق، ئىسمىم زۈبەيدە، ئۆزىڭىزنى تازا تونىيالماي قالدىم.

    ـــ شۇنداق بىز يۈز كۆرۈشمىگەن، مەن فىرقەتنىڭ ھامما ئاچىسى.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ يۈرىكىم قاتتىق سوقۇپ كەتتى، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىمنى تۇيماي قاپتىمەن.

    ـــ ئولتۇرۇڭ، دېگەندىلا ئۆزۈمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىمنى سېزىپ ئاستا ئولتۇرۇۋالدىم. ــ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى فىرقەت بىلمەيدۇ، مېنى ئاچام يەنى فىرقەتنىڭ ئانىسى ئەۋەتتى، فىرقەت پەقەت بىرلا ئوۇغۇل، يەنە بىر سىڭلىسى بار، ئۇ ئۆتكەندە سىزنىڭ گېپىڭىزنى ماڭا قىلىپ بەرگەن ئىدى، مىنىڭ ئىشلىرىڭلاردىن ئاساسىي جەھەتتىن خەۋىرىم بار. ـــ ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىرىماي تىنىپ – تىنىپ سۆزلەيتتى، مەن جىممىدە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم، كاللامدا بولسا ھەر خىل خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى.

    ـــ ئاچام ھازىر ئېغىر كېسەل ئۇ راك كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالدى، بۈگۈنمۇ ئەتىلىكى قالدى، ھەممىمىز ئۇنىڭ بېشىدا پەرۋانە، مېنىڭ يولدىشىم  يول مېڭىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا فىرقەتكە ئۆز ناھىيەمىز ئىچىدىن خىزمەت تاپقان ئىدى، بىراق ئۇ ھازىر ئۇ خىزمەتنى قىلمايمەن، مۇشۇ يېزىغا بېرىپ خىزمەت قىلىمەن، بولمىسا باشقا ئىش قىلىمەن لېكىن تۇرىدىغان يېرىم ناھىيە ئەمەس دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى، ھازىر خىزمەت تاپماقنىڭ تەسلىكىدە، بۇلۇپمۇ ئۇلارنىڭكىدەك بىر ئائىلە ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. فىرقەت ئاچامنىڭ ئۈمۈت چىرىقى. سىزنى بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كەپتۇ دەپلا ئۇنى بۇ يەرگە ئېۋەتىپ قويساق، ئائىلە ئەھۋالىمىز، ئاچامنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى يەنە سىزگە دېگىلى بولمايدىغان نۇرغۇن شارائىتلار يار بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ توي قىلىپ كەلگىدەك ئەھۋالىمىز يوق، ئاتا – ئانىڭىزنى بۇ يەرگە كېلىپ قىزىنى بىزگە بېرىپ كەتسۇن دېسەك بەلكىم ئۇلارغىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. سىلەر ھىسسىياتقا بېرىلمەڭلەر، توردا تونۇشۇپ توي قىلدى، دېگەنمۇ ئاڭلىماققىمۇ غەلىتە تۇيۇلىدىغان بىر ئىش، مەيلى قانداق بولمىسۇن، فىرقەت ئانىسىنىڭ يېنىدىن كەتسە بولمايدۇ، بايا دېدىم ئۇ بىر تاللا ئوغۇل، ئاچام سىزنى ھەرگىز ئېلىپ بەرمەيدۇ، شۇڭا ئەگەر ئۇنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنى ئانىسىدىن ئايرىۋەتمەڭ، ئانىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۇ ئانىسىنىڭ يېنىدا بولمىسا بولمايدۇ. سىز ئەقىللىق قىزكەنسىز، گېپىمنى بەلكىم چۈشەندىڭىز، ئۇ ئانىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاياللا كېسەللىكى بولغاچقا ئۇنىڭغا دېمىگەن ئىدۇق. سىلەرنىڭ ئىشىڭلار مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلار، شۇڭا ئامال بار سىز ئۇنى ئۆزىڭىزدىن سوۋۇتسىڭىز. بىزگە بىر ياردەم قىلغان بولسىڭىز، سىزدىن مۇشۇ ياردەمنى سوراپ كەلدىم. ئاچام ئۆلۈمنى كۈتۈپ ياتىدۇ، ئۇ ئوغلىغا بەكلا ئامراق، ئۇنىڭدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكامنىڭ قىزى بىلەن كىچىكىدىلا پۈتۈشۈپ قويغان، ئۇ ئۇنىڭدىن باشقا ئادەمنى ئالالمايدۇ. بۇ ئىشلارنى سىزگە ئاشكارلىغىلى بولمايدۇ.

    مەن ئۇ ئايالنىڭ گەپلىرىنىڭ ئاخىرىنى زادىلا ئاڭلىيالمىدىم، ئۇنىڭ قاچانلاردا ياتىقىمدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ سەزمەپتىمەن، بىركەمدە ئۆزۈمنى مەريەم ھەدىنىڭ ئۆيىدە كۆردۈم.

    ـــ ئاللا... ھەر نېمە بولسا ياخشى بولۇپ قالدىڭىز، نېمىش بولغان ئىدى؟

    ـــ مەن قانداق بولۇپ سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە چىقىپ يېتىپ قالدىم؟

    ـــ مەن كىرسەم تىزىڭىزنى قۇچالاپ يىغلاپ ئولتۇرۇپتىكەنسىز، نېمە بولدى، دېيىشىمگىلا ئۆزىڭىزنى ئېتىپ يىغلاپ كەتتىڭىز، ئاندىن جىمىپ كەتتىڭىز، بەك قورقۇپ كەتتىم، روزىباي سىزنى كۆتۈرۈپ بىزنىڭكىگە ئېلىپ چىقتى، چېكىلىرىڭىزنى مايلاپ، ئىسرىق سېلىپ، ئوت كۆچۈرۈپ ئولتۇتۇپتىم ساق بىر كېچە بىر كۈندۈزدە كۆزىڭىزنى ئاچتىڭىز.

    ـــ ھە شۇنداقمۇ، ـــ دېگىنىمچە فىرقەتنىڭ ھامما ئاچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتنى دەپ بەردىم، كۆزلىرىم يەنە ياشقا تولغان ئىدى.

    ـــ تازىمۇ ئادەم ئەمەس بىر نېمىلەرمۇ نېمە ئۇ؟ ئاللادىن كېلىپ قالسا ئۆلۈمنى تۇتۇۋالغىلى بولاتتىمۇ؟ سىز ئۇنى دەپ بەختىيار ئائىلىڭىزدىن كېچىپ، مۇشۇنداق يەرگە كەلگەن تۇرسىڭىز، شۇنىمۇ بىلگىچىلىكى يوقكىنا ئۇلارنىڭ؟ مېنى چاقىرغان بولسىڭىز ئۆزۈم تېتىيتىم ئۇ خوتۇنغا ، بوپتۇ كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ھاكىمنىڭ بالىسىغا ئېلىپ بېرىمىز سىزنى، شۇ ۋاقىتتا تازىم قىلىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.

    گەرچە مەريەم ھەدە كۆڭلۈمنى ياساپ شۇنداق دەۋاتقان بولسىمۇ ئۇنىڭمۇ مەن ئۈچۈن ئېچىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ ئىشنىڭ چۈشۈم ياكى ئوڭۇم ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم.

     لېكىن فىرقەت بىلەن ئۇچۇرلىشىپ، تېلېفونلىشىپ يۈرىۋەردۇق، ئۇ مېنى بۇ جەرياندا ئىككى قېىم يوقلاپ كېلىپ بىر ھەپتىدىن تۇرۇپمۇ كەتتى، ھامما ئاچىسى توغرسىدا ئۇنىڭغا ھېچنەرسە دېمىدىم، پەقەتلا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىلا سوراپ قويدۇم.

    ـــ ئانامنىڭ قورسىقى ئاغرىيدىكەن، ئۇزۇن بولدى ساقسىز بولۇپ قالغىلى، بىر يىلدا نەچچە قېتىم بالنىستتا يېتىپ چىقىدۇ، ئاپام بەك ئىشچان، تىرىشچان ئايال ئىدى، بۇ كېسەل قەيەردىن چاپلاشتى مۇشۇنداق نىمجان بولۇپ قالدى، ـــ دېدى ئۇ بىر قېتىم مېنىڭ ئۇنىڭ ئانىسى توغرىلىق سورىغان سوئالىمغا. بۇ قېتىم ئۇ سەل ئۇزۇن تۇرۇپ قالدى، يېڭى خىزمەت ئورنىغىمۇ چىقمىغان ئىدى، ئۇ مەن تۇرغان يېزىدىن خىزمەت ئىزدەۋاتاتتى، مەن ۋاقتىنچە ئۆزىنىڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىپ تۇرۇپ كېيىن ئالمىشىۋېلىشنى دېگەن بولساممۇ ئۇ ئۇنىمىدى. 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولغاچقا ئۇ ياتىقىمغا مەش قويۇپ بېرىپ، قانداق ئوت قالاشنى ئۆگىتىپ قويدى، ئاندىن ئىشىك تۈۋىگە جىق ئوتۇن ۋە كۆمۈرلەرنى دۆۋىلەپ بەردى، ئاندىن كېچىسى سېلىپ قويىدىغان پوم دېگەن نەرسىنىمۇ تەييارلاپ بەردى،  ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەنمۇ ئىش قىلىپ بۇ قېتىم سەل باشقىچە بولۇپ قاپتۇ، مەنمۇ ئارتۇق گەپ سورىمىدىم. ئۇ يەنە كەتتى.

    مېنىڭ خۇشلۇقۇم پەقەت مۇشۇ مەكتەپ، ئوقۇغۇچىلىرىم، ئۇلارنىڭ كۈندىن كۈنگە گەۋدىلىنىۋاتقان نەتىجىلىرى، يەنە فىرقەتتىن كېلىپ تۇرىدىغان تېلېفون ۋە ئۇچۇرلار، ئاپام- داداملارمۇ كۈندە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالىمنى، قىينالغان-قىينالمىغانلىقىمنى سورايدۇ، ئاشۇ گەپلەرنى قىلىپلا كۈندە يىغلايدۇ ئاپام، مەن ئاپامغا كۈندە تەسەللىي بېرىمەن، بۇ يەرنىڭ شارائىتىڭىنىڭ بەك ياخشىلىقىنى، يەنە مەريەم ھەدەم بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىمنى، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا يېڭى دوستلىرىمنىڭ بولغانلىقىنى، مەكتەپتە بەلگىلىك نەتىجە قازىنىپ ھەر قېتىملىق سىياسىي ئۆگىنىش ۋە يىغىنلاردا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىمنى دەپ ئۇلارنى خۇش قىلىمەن. بىراق مېنى خۇش قىلىدىغان ئادەم يوق. قىشلىق تەتىلگە ئاز قالغان مەزگىل ئىدى، توساتتىنلا فىرقەت پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ بۇ قېتىم 15 كۈن تۇرۇپمۇ قايتىپ كەتمىدى، مەن ئۇنىڭ قاچان ماڭىدىغانلىقىنى سورىغان بولساممۇ بىراق ، ئۇ بۇ توغرىدا گەپ ئەگىتىپ دەپ بەرمىدى، يەنە ئەمدى كەتمەيمەن، خىزمەت تاپالمىسام مۇشۇ يەردە باشقا ئىش قىلىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى. مەنمۇ ئۇنى گەپكە كىرگۈزەلمىدىم. بىر كۈنى دەرس ۋاقتىدا بىر تېلېفوننى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بېسىۋېتىپ دەرستىن چىقىپ قايتۇرغان ئىدىم ئۇنىڭ ئانىسى ئۇرۇپتۇ.

    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىزىم، مېنىڭ جىق گەپ قىلىشقا ماغدۇرۇم يەتمەيدۇ، ئوغلۇم سىزنى بەكلا ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، خىزمەتنى تاشلاپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا كەتتى، بىراق مەن ھازىر بۈگۈن ئۆلۈمەنمۇ ئەتىمۇ دەپ ياتىمەن، مەن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلىش ئالدىدا، ئاكامغا بەرگەن ۋەدەمنى ئورۇنلاپ، ھەم ئانىلىق قەرزىمنى ئادا قىلىپ ماڭمىسام بولمايدۇ، مېنىڭ بۇ ئەھۋالىم بىلەن سىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزنىڭ ئالدىدىن ئۆتكۈچىلىكىم يوق. شۇڭا سىزنىڭ ئوغلۇمنى ياخشى كۆرگەن ياخشى قەلبىڭىزنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل بولسىمۇ، ئوغلۇمنى ماڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز، ئاشۇ قەرزلىرىمنى ئادا قىلىۋالسام، كېيىنكى ئىشلارنى شۇ ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا قاراپ قىلساڭلار. مەن سىزدىن ئۆتۈنگەن بولاي قىزىم. ئۇ يەنە تۇرۇپ قالسا مېنىڭ يۈزۈمنى كۆرەلمەيدۇ، ــ دېدى ئايال تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا. مەن ئۇنىڭغا ئارتۇق گەپ قىلمايلا ۋەدە بەردىم، فىرقەتنى ئۇنىڭ ئالدىغا قانداق قىلىپ بولسىمۇ ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى مىنۇتلارنى بىرگە ئۆتكۈزۈشكە باشچقىچە ئۇسۇل بىلەن كۆندۈرۈشكە ۋەدە بەردىم ھەم ئۆزى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىمنىمۇ مەخپى تۇتىدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ قاتمۇقات كەلگەن ھىجران دەرياسىغا غەرق بولۇپ فىرقەتنى ئۇزىتىپ قويدۇم.

    بۇ يەردە سەھەردىلا رادىئو ئۇزىلى ياڭراپ  سۈت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئادەمنىمۇ ئويغىتىۋېتىدۇ، سەھەردىلا چىققان بۇ ئاۋازدىن خىياللار ئىلكىدە تاڭ ئاتقۇزغانلىقىمنى بىلدىم. ئورنۇمدىن تۇرماي ئۆتكەن كەچكەن ئىشلارنى خىيال قىلىپ ياتاتتىم فىرقەتتىن تېلېفون كەلدى.

    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن تىنچ ئامان كېلىۋالدىم، ئاناملار تېلېفون قىلىپتىكەن، ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بارىمەن، ئانامنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپلا سىزگە تېلېفون قىلىمەن. ياخشى ئۇخلىدىڭىزمۇ؟ تۇرۇپ ناشتا قىلىڭ.

    ـــ ساقسالامەت بارغانلىقىڭىزنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇم، مەنمۇ ياخشى ئۇخلاپتىمەن، خاتىرجەم بولۇڭ ئەھۋالدىن ۋاقتى - ۋاقتىدا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇرۇڭ.

    ـــ بولىدۇ، ئەمىسە تېلېفوننى قويۇڭە.

    ـــ ماقۇل خوش .

    ئۇ كېتىپ، تېلفون قىلىپ تۇردى، ھازىرچە كېلەلمەيدىغانلىقىنى، مېنىڭ يىغلىماي تۇرۇپ تۇرۇشۇمنى تاپىلاپلا تۇراتتى، مەن بولسام ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىدىن ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇراتتىم، ئۇنىڭ ئانىسى راستىنلا پەسلەپ قالغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىدىن يەنە تېلېفون كەلدى، تېلېفوندا فىرقەتكە تاغىسىنىڭ قىزىنى نىكاھلاپ ئاندىن ئاچىسىنى خاتىرجەم كۆز يۇمدۇرماقچى ئىكەنلىكىنى، لېكىن مېنىڭ بۇ ئىشلارنى توغرا چۈشىنىشىمنى دېدى، يەنە فىرقەت بۇ ئىشقا زادىلا قوشۇلمايۋاتقانلىقىنى دەپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى، ئاپامنىڭ شۇنچە يىغلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي بۇ يەرگە ئۇنى دەپ كەلگەن ئىدىم، ئەمما ئۇنىڭ ھامما ئاچىسىنىڭ يىغىسىغا چىدىيالمىدىم، چۈنكى ئۇ ئەزرائىل بىلەن جان تالىشىپ ياتقان ئاچىسى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى.

    ـــ سىزدىن ئۆتۈنسەم، سىز كاتتا كادىرنىڭ قىزى بولغاندىكىن بۇ ئەسكى سەھرادا پۇچۇلىنىپ كۈل بولۇپ يۈرگىچە، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتكەن بولسىڭىز، سىز بۇيەردە بولمىسىڭىزلا ئىشلار بۇنداق قالايمىقان بولۇپ كەتمەيتتى، ــ دېدى ئاخىرىدا. مەن تېلېفوننى قويۇپ ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدىم، مەن شۇنچە ئادەمنى يىغلىتىپ، زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟ مېنىڭ ئېرىشمەكچى بولغىنىم مۇھەببەتقۇ؟ مۇھەببەتكە ئېرىشىپ بولدۇم، ئەمدى ئۇنىڭ جىسمىنى ئاشۇ نىمجانلاردىن تالىشىپ ئۇۋالىغا قالسام قانداق بولا؟ دېگەنلەرنى ئويلاپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپلا فىرقەتنىڭ دوستى، پەرھاتنى ئىزدەپ تاپتىم ئۇنىڭ بىلەن بىر كۈن ئولتۇرۇپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەمىسىنى سۆزلەپ بەردىم، ئاندىن ئۇنى يېزا باشلىقىغا دەپ مېنى باشقا يېزىغا ئالماشتۇرۇپ قويۇشىنى ئۇنى فىرقەتتىن سىر تۇتۇشنى ئۆتۈندۈم، ئۇ گېپىمگە قوشۇلدى، ئاندىن ئىككى كۈندىن كېيىن، يېڭى مەۋسۈمدىن باشلاپ يېڭى خىزمەت ئورنۇمغا بېرىپ خىزمەت قىلسام بولىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ئىشلارنى مەخپى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ھەتتا مەكتەپتىكىلەرمۇ بىلمەي قالىدىغان قىلىپ توغرىلىغانلىقىنى دېدى، مەن ئۇنىڭ قىلغان ياخشىلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ، مەكتەپ مۇدىرىمىزنىڭ يېنىغا كىرىپ تەتىلدىن بىر ھەپتە بالدۇر رۇخسەت سۇراپ، ئاندىن فىرقەتكە تېلېفون قىلىپ ئۈرۈمچىگە تەتىلگە كېتىدىغانلىقىمنى، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىشىنى تاپىلاپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەتتىم، دادام بىلەن ئاپام مېنى كۆرۈپلا يىغلاپ كەتتى دادامنىڭمۇ ئوغۇرلۇقچە يېشىنى سۈرتۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇ يەردە مېنىڭ بالىلىقىم، شۇخ كۈلكۈلىرىم بار ئىدى، دادام ئاپاملارغا، قىسقىغىنە نەچچە ئايدا ياراتقان نەتىجىلىرىمنى، شەرەپلىرىمنى، مەن تۇتقان سىنىپنىڭ بىرىنچى يىللىقلار بويىچە ناھىيە بويىچە بىرىنچى بولۇپ مۇكاپاتلانغانلىقىمنى، يەنە ئۇ سەھرادىكى تەبىئىيلىكنى، ئىش قىلىپ دېگۈچىلىكى بار ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ ئۇلارنى ئاغزىمغا قاراتتىم ھەم خاتىرجەم قىلدىم، ئۈستى بېشىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگە قاراپ ئۇلار ھەيران قالدى.

    خاتىمە

    يېڭى مەكتىپىمگىمۇ كۆنۈپ قالدىم. بۇ يەردىمۇ يەنە سىنىپ تۇتتۇم، ھەم ئالدىدىكى ئىشلىگەن مەكتىپىمدىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، بۇ يەردىمۇ ئالاھىدە نەتىجىلەرنى ياراتتىم.

    فىرقەت مېنى قىشلىق تەتىلدە كەتكەنچە تاپالمىدى، چۈنكى مەن تېلېفون نومۇرۇمنى ئۆزگەرتىۋەتكەن ئىدىم، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىز دېرەكسىز يوقالدىم، ئۇنىڭ ئەھۋالىنىمۇ سۈرۈشتە قىلمىدىم، چۈنكى نەۋرە سىڭلىسى بىلەن ئۆتكەن تۇرمۇشىنى بىلگۈم يوق ئىدى. يېڭى مەكتەپكە كەلگەن ئىككى يىل ئىچىدە خىزمەتكىمۇ خېلى پىشىپ قالدىم، كۆپ شەرەپلەرگە ئېرىشتىم، ۋىلايەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى بولۇپ باھالىنىپ شەرەپ تاختىسىغا چىقتىم، بۇ سەۋەبلىك ۋىلايەت بويىچە ئېچىلغان يىغىنغا قاتنىشىپ سەھنىدە ۋىلايەت رەھبەرلىرىنىڭ قولىدىن شەرەپ گۇۋاھنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشقا ھەم ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم.

    ئەمدىلا دەرستىن چۈشۈپ ياتىقىمنىڭ ئالدىغا كېلىۋىدىم ئىشىكىمگە يۆلەكلىك تۇرغان بىر دەستە گۈلنى كۆرۈپ، ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قالدىم، كىم بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ يېزىدا مەن گۈل سوۋغا قىلغىدەك بىرىنى تونۇمايتتىم، تۇرۇپلا گۈلنىڭ ئىچىگە قىستۇرۇلغان كارتىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، قولۇمغا ئېلىپ كۆرۈپ تېخىمۇ ھەيران قالدىم چۈنكى بۇ، ماڭا توي تەكلىپى قويغان خەتلەر يېزىلغان كارتا ئىدى. ئارقامغا ئۆرۈلۈپ، ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.