تۈز سىزىق (ھېكايە)

يوللىغۇچى : quxtak يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-16 11:35:00

تۈز سىزىق(ھېكايە) ئاپتۇرى : چۇشتاق پازىل بۈگۈن كېچىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىكوندىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە، غۇۋا يېنىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىغا، نېرىدىكى بىنا...

    تۈز سىزىق(ھېكايە)

     ئاپتۇرى : چۇشتاق پازىل

           بۈگۈن كېچىمۇ تۈزۈك ئۇخلىيالمىدى. نەچچە قېتىم ئورنىدىن تۇرۇپ، بالىكوندىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە، غۇۋا يېنىپ تۇرغان كوچا چىراقلىرىغا، نېرىدىكى بىنانىڭ چىرىقى يېنىق تۇرغان ئۆينىڭ دېرىزىلىرىگە بىزارلىق ئىلكىدە قاراپ چىقتى. ئۆزىنى بالىكوندا ئەمەس بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغاندەك، سەللا دىققەت قىلمىسا ئۆزىنى باشقۇرالماي يەرگە تىك موللاق چۈشىدىغاندەك ھېس قىلدى. يول بويىدىكى غۇۋا يېنىپ تۇرغان چىراغلارغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى _ ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى، كۆڭلىگە پۈككەن گۈزەل ئارمانلىرىنى ئەسلىدى. ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى كۆز ئالدىغا كېلىشى بىلەن تەڭ ئۆزىنىڭ بۇ شەھەردە تۇرىۋاتقىنىغا قانچىلىك بولغانلىقىنى، نېمە ئۈچۈن تۇرۇپ قالغانلىقىنى، تارتىشقۇدەك كىملەرنىڭ بارلىقىنى، ئۆزىنىڭ نېمىشقا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، كارىۋاتتا يەڭگىل تىنىپ بىغەم ئۇخلاۋاتقان ئايالىنىڭ نېمىشقا ئۆزى بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ئايالىنىڭ ھازىر چۈش كۆرىۋاتقان ياكى كۆرمەيۋاتقانلىقىنى، كۆرگەن بولسا چۈشىدە كىمنى كۆرگەنلىكىنى... ئىشقىلىپ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تالاي ئۆتكەن ئىشلارنى، تالاي تونۇش كىشىلەرنى ۋە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تالاي ئىشلارنى ئويلاپ چىقتى. لېكىن ئۆزى قايىل بولغىدەك، كۆڭلى سۆيۈنگىدەك بىرەر جاۋاب تاپالمىدى-دە، ياتاق ئۆيىگە قايتىپ كىرىپ، ئۆزىنى كارىۋاتقا تاشلىدى. يېنىدا مۈشۈكتەك پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتقان ئايالىغا مەقسەتسىز بىر قاراپ قويغاندىن كېيىن، كۆزىنى زورىغا يۇمدى...
        پازىل يېزىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى يۇرت ئىچىدە ئابرۇيلۇق، ئىمان-ئېتىقادى كۈچلۈك، تەقۋادار كىشىلەر ئىدى. ئۇلار كىچىكىدىن پازىلنىڭ يۈرۈش-تۇرۇش، گەپ-سۆزىگە قاتتىق چەك قويۇپ، يامان ئىش، ناشايان قىلىقلاردىن توساپ، قاتتىق تەربىيە ئاستىدا چوڭ قىلغان ئىدى. ئالىي مەكتەپكە بارغۇچە بولغان ئارىلىقتا، يۇرتىدىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە بېرىپ باقمىغان ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن پازىل كىچىكىدىن باشقىلارغا كۆپ ئارلاشمايدىغان، ئارتۇق گەپ خالىمايدىغان، كەمسۆز، ئويچان، كەيپى-ساپادىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان بىر خىل خاراكتېر يېتىلدۈرگەن ئىدى. ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، يىراق شەھەرگە مېڭىش ئالدىدا، يۇرتتىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇققانلار ئۇنى ئۇزاتقىلى بېكەتكىچە كەلگەن ئىدى. تېخى ئانىسى كۆزىگە ياش ئالغان ھالدا، «جېنىم بالام، يىراق يەرگە ماڭغىلىۋاتىسەن، كۆنەلەرسەنمۇ؟ چوڭ شەھەر دىگەندە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ قەدرى يوق...»-دەپ بىر ھازا يىغلىغان ئىدى. گەرچە پازىل ئوقۇش ۋە خىزمەت تۈپەيلى يۇرتىدىن ئايرىلىپ، يىراق شەھەردە تۇرۇپ قالغىنىغا 7-8يىل بولغان بولسىمۇ، شۇ خىل خاراكتېرى قىلچە ئۆزگەرمىگەن ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، ئەتراپىدىكى ئۇنى تونۇيدىغان ھەممە ئادەم پازىلنى قۇلىقى يۇمشاق، كەمسۆز، ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشمايدۇ، باشقىلارغا يامانلىقى يوق، كەيپى ساپا ئىشلاردىن نېرى دېگەندەك سۆزلەر بىلەن تەرىپلەيتتى. ئۇنىڭ ئەشۇ خىل ياۋاش-يۇمشاق خاراكتېرىدىن سۆيۈنەتتى.
        پازىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئاددىي بىرەر خىزمەت بىلەن ياشاشنى ئويلىغان بولسىمۇ، چوڭلارنىڭ ئارزۇسىغا بويسۇنۇپ، ھەممە ئادەم ھەۋەسلىنىدىغان بۇ چوڭ شەھەرگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. خىزمەت ئورنىمۇ باشقىلار ھەۋەس قىلغۇدەك، تۇتسا سېپى، چالسا دېپى بار ياخشى ئورۇن ئىدى.
       خىزمەتكە چۈشكەن 3-4يىلدىن بۇيان خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ يامان ئەمەس ھالدا چىقىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمىتىنى ئۆزى ياقتۇرۇپ قالغان ئىدى. لېكىن، كۈندە بىر خىل داۋاملىشىدىغان، سائەتنىڭ سىتىرىلكىسىدەك قايتىلانما رېتىم پازىلنى بىزار قىلاتتى. ئەتراپىدىكى چىرايىدىن كۈلكە ئۆچمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىدىن گۇمانلىنىشىغا سەۋەب بولاتتى. ئۆزىنىڭ 16يىل مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈشىنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا بىلىملىك بولۇشىنىڭ پەقەت مۇشۇنچىلىك بىر خىزمەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىدا ئىچى ئاچچىق بولاتتى. ئەمما خىزمىتىدىن ئىستىپا بەرسە بىكارچىلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشى، پازىل ئىسىملىك بىرىنىڭ بۇ شەھەردە ياشىغانلىقى كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن ناھايىتى تېزلا كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. چۈنكى پازىلنىڭ ياشاۋاتقان يېرى تەرەققىي قىلغان، ھارقانداق يېڭىلىقنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن بولىدىغان، ھەممە ئۆز نۇقتىسىنى چۆرىدەپ خامانغا قاتقان كالىدەك چۆرگىلەيدىغان شەھەر ئىدى.
       پازىل خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئىككى يىلدىن كېيىن، تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە توي قىلىش يېشىغا توشقانلىقى سەۋەبلىك ئۆزى قىلچە ياخشى كۆرمەيدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلدى. ئايالى پازىلدىن ئۆتە كەمسۆز، ئېغىر بېسىق ئايال ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ توي قىلغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى بىر خىل رېتىمدا، جەڭگە-جېدەلسىز ئۆتىۋاتاتتى. گەرچە ئايالى بىلەن پازىل ئىككىسىنىڭ قىزىقىشى، غايىلىرى ئانچە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما تۇرمۇشى خۇددى مەڭگۈ كېسىشمەيدىغان ئىككى تال پاراللىل سىزىقتەك ئۆز يولى بويىچە كېتىپ باراتتى. ئاتا-ئانىسىدىن تارتىپ ئەتراپىدىكى دوست-بۇرادەر، تونۇش-بىلىشلىرىگىچە ھەممىسى ئۇلارنىڭ كۆرۈنۈشتە ئىجىل-ئىناق كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا پازىلنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا،ئايالىنىڭ كۆزىدەك مەنىسىز تۇرمۇشىدىن سۆيۈنەتتى. پازىلنىڭ ئايالى قايسىدۇر بىر ئىدارىدە ئارخىپ باشقۇرغۇچى ئىدى. ئەمما پازىلنىڭ نەزىرىدە ئايالىنىڭ خىزمىتى جەسەت ساقلاش ئۆيىگە قارايدىغان خىزمەتتەك بىلىنەتتى. شۇڭلاشقىمۇ بەزى كېچىلىرى ئۇيقۇسى كەلمەي خىيال سۈرۈپ يېتىپ، يېنىدا ياتقان ئايالىنى ئەسكە ئالغاندا، پۈتۈن بەدىنىنى تىترەك باساتتى. «ئايالىمنىڭ نەزىرىدە مەن بىر ئۆلۈك ئادەم» دەپ، تەشۋىشلىنەتتى.
        ئىشخانىدا كۈن بويى يالغۇز ئولتۇرۇپ، مىجەزى باشقىچىلا بولۇپ قالغان ئايالىمۇ بەزىدە پازىلدىن «سىز بىرەر قېتىممۇ مېنى ئۇرۇپ باقماپسىز-ھە؟»، «ئادەم بىرسىدىن تاياق يېسە قانداق بولىدۇ؟» «بەختلىك تۇرمۇش دىگەن قانداق تۇرمۇش؟» دېگەندەك تاققا-تۇققا، داڭقان پۇتى سوئاللارنى سوراپ، ئىپادىسىز كۈلۈپ قوياتتى. بۇنداق چاغلاردا پازىلنىڭ گەپ قىلىشقىمۇ رايىم بارمىغان ھالدا: «مۇش-پەشۋا يىگۈڭ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟» دەپ، ئورنىدىن تۇرغىدەك بولسا، ئايالى كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ: «ئۆتەپ بېرىڭە، سىز ئادەم ئۇرسىڭىز ياراشمايدۇ.»-دەپ نازلىغىنىچە گەپنى باشقا ياققا بۇرايتتى. بۇنداق چاغلاردا پازىل ئايالىنىڭ سوئالىدىن ئەندىكىپمۇ قالاتتى. كىچىك ۋاختىدا رەھمەتلىك بوۋىسىنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغان «ئايال خەقنى ئۈچ كۈندە بىر ئۇرۇپ تۇرغۇلۇق، بولمىسا نىكاھ تەۋرەپ قالىدۇ» دېگەن گېپىنى ئەسكە ئالاتتى-دە، تېگى يوق خىياللارغا غەرق بولاتتى، تەشۋىشلىنەتتى. ئۆزىنىڭ ئايالىنى نېمىشقا ئۇرمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئويلىناتتى. لېكىن ئاخىرقى ھېسابتا «ياخشى كۆرمىگەن ئادەمنى ئۇرۇپ نېمە قىلاي» دەپ، ئۆز جاۋابىدىن ئۆزى مەمنۇن بولاتتى.
        پازىل تۇرۇپلا ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىدىن بىزار بولاتتى. باشقىچىرەك بىر ئۇسۇلدا ياشاپ باقايچۇ، دېگەن ئويغىمۇ كېلەتتى. لېكىن «بىزار بولغاننىڭ نېمىگە پايدىسى بار. ئايالىم يەنە شۇ ئايال، پاراللىل سىزىقنىڭ بىر تېلىدەك يا مەندىن نېرى كەتمەيدۇ، يا يېقىن كەلمەيدۇ. ئاجرىشىپ كېتىپ، باشقا بىرى بىلەن توي قىلاي دېسەم ئىككىنچىسىنىڭمۇ تۇنجىسىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل» دەپ، بولدى قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر پازىلنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ئىدى. پەقەت ئىسمىلا، تەققى-تۇرقىلا ئوخشىمايتتى. «پالانى قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم»، «پوكۇنى قىزنىڭ ئوتىدا ساراڭ بولاي دېدىم» دېگەندەك گەپلەر پازىلغا ھازىر تېتىقسىز، ساختا، ئۆزىنى ئالداش بولۇپ تۇيىلاتتى. تۇرمۇشىنىڭ مۇشۇنداق ئۆتۈشىنى ھازىرچە ئۆزگەرمەس بىر قانۇنىيەت دەپ بىلەتتى. پازىل بەزى كۈنلىرى ئۆيىدە يالغۇز قالغاندا، ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆز سىياقىغا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئۆز تۇرقىغا گۇمانىي نەزەر بىلەن سەپ سالاتتى. ئۆزىنىڭ چىرايىنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك، باشقا بىرى ئۆزىنىڭ سىياقىغا كىرۋالغاندەك ھېس قىلاتتى. كۆزىنىڭ ئىچىگە ئىنچىكىلەپ قارىغانسېرى ئۆزىگە تونۇش چىرايلار بىر-بىرلەپ كۆڭۈل ئالىمىدە پەيدا بولۇپ، قولىدىن تارتىپ ئۇنى بىر يەرگە سۆرەيتتى. پازىل بۇنداق ۋاقىتتا يۈزىنى چىمدىپ بېقىپ، ئاغرىقنى سەزگەندىلا ئۆزىدىن خاتىرجەم بولاتتى. ئەينەكتىن كۆزىنى يۆتكەپ ئەتراپىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر يىگانە ھالدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، كۆزىگە يىغا ئولىشاتتى...
       بىر كۈنى كەچتە، پازىل كىتاب كۆرۈپ ئولتۇراتتى. ئايالى كونا ئادىتى بويىچە غەلىتىلا بىر سوئالنى سوراپ قالدى. ئۇنىڭ شۇ سوئالى پازىلنى يەنە بىر قېتىم تەشۋىشكە سالدى. تېگى يوق خىياللارغا غەرق قىلدى.
        - ھەي! ئەر-ئاياللار نېمىشقا توي قىلىدۇ؟ سىز نېمىشقا مېنى ئالغان؟ -دېدى ئايالى تۇيۇقسىزلا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ.
        بېرىلىپ كىتاب كۆرۈۋاتقان پازىل ئايالىنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان تومتاق سوئالىدىن چۆچۈپ، كۆرۈۋاتقان كىتابىمۇ قولىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتتى.
        پازىل ئايالىغا قاراپ، ھەم ئىچ ئاغرىتقان ھەم جۇدۇنى ئۆرلىگەن ھالدا:
       - پەيلاسوپ بولغۇڭ كېلىۋاتامدا؟ سىڭگەن نېنىڭنى يەپ، پايپىقىمنى يۇيە ماڭ!- دەپ ۋارقىرىغىنىچە، يەردىكى كىتابقا قولىنى سوزدى.
       - ۋىيەي! پەيلاسوپمۇ ئادەمدۇ؟ مەنمۇ نۇرغۇن ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادقا بىلىمەنغۇ تازا،- دېدى پازىلنىڭ ئايالى خىرىلداپ كۈلگىنىچە.
        -ۋاي، بولدى قىلە، سەن خەقنىڭ ھەممىڭ پەيلاسوپتىن قېلىشمايسەن.
       پازىلنىڭ ئايالىغا ئارتۇقچە بىر نېمە دېگۈسى كەلمىدى. پازىلنىڭ نەزىرىدە، ئايالىغا ئارتۇق گەپ قىلىپ، بىرنەرسىنى چۈشەندۈرىمەن دېيىش قارىغۇنى گۈل سەيلىسى قىلدۇرغاندەك بىمەنە ئىش ئىدى. لېكىن پازىل ئايالىنىڭ سوئالى بىلەن يەنە تەگسىز خىياللارغا غەرق بولدى...
        ئايالىنىڭ نەزىرىدە پازىل كەيپى ساپادىن يىراق، ناشايان ئىشلارغا يولىمايدىغان، ئۆز خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەيدىغان، ئۆيدە ئورۇنسىز جىدەل چىقارمايدىغان، ئۆز ئۆيىگە كۆيۈنىدىغان، ئايالىغا سادىق لاياقەتلىك ئەر ئىدى. شۇڭا پازىل قانداقلا ئىش قىلمىسۇن، نەگىلا بارمىسۇن ئايالى ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، گۇمانلىنىپ يۈرمەيتتى. لېكىن ئايالىنىڭ ھەربىر سۆزى، ھەرىكىتى، قىلىقلىرى پازىل ئۈچۈن غەلىتە، سۈنئىي بىلىنەتتى. شۇڭلاشقىمۇ پازىل بالىلىق بولۇش نىيىتىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. چۈنكى پازىلنىڭ نەزىرىدە ئايالى بۇ دۇنياغا خاتا تۆرۈلۈپ قالغان، ئۆز سىياقىنى تاپالمىغان مەخلۇق ئىدى. ئېنىقكى بۇنداق ئايالدىن تۇغۇلغان بالىمۇ غەلىتە تۇغىلاتتى. پازىل ئۆز خىيالىنىڭ ھېچ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، لېكىن يەنىلا شۇ خىل ئوي كاللىسىدىن نېرى كەتمەيتتى. شۇڭا ئايالىغا ئىچ ئاغرىتاتتى، ئىچ ئاغرىتقانسېرى ئۆزىنى بىچارە ھېس قىلاتتى.
        دېمىسىمۇ پازىلنىڭ تۇرمۇشى ئۆز رېتىمىدا، سەھەر تۇرۇپ ئىشقا بېرىش، خىزمىتىنى بەجانىدىل ئىشلەش، شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى دوست بۇرادەرلىرى بىلەن ھال مۇڭ بولۇش، چوڭلارنى يوقلاش، توي-تۆكۈن، ھەرخىل يىغىلىشلارغا بېرىش... دېگەندەك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۆتەتتى. لېكىن پازىلنىڭ نەزىرىدە بۇ ئىشلار تۇترۇقسىز، ئارتۇقچە، ئۆزىنى قەستەن قىينىغانلىق بولۇپ تۇيىلاتتى. ئەمما، ئادەم بولغان ئىكەن، ياشايمەن دەپ مۇشۇ شەھەردە تۇرۇپ قالغان ئىكەن، بۇ ئىشلاردىن خالىي بولماق، ئۆزىنى چەتكە ئالماق ئاسان ئەمەس، دەپ قارايتتى. ئېھتىمال ئاشۇ زورىغا بارىدىغان سورۇن، رەسمىيەت يۈزىسىدىن كۆرىشىدىغان ئادەملەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ قويسا، ئېنىقكى ئادەملەر پازىلنى بارا-بارا ئۇنتۇشقا، بۇشەھەردە، ئوچۇقراقى يەرشارىدا پازىلنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلايدۇ. شۇنداق قىلىپ پازىل بۇشەھەردە تىرىك تۇرۇپ ئۆلگەن سانىلىدۇ. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلايمەن دەيدىكەن چوقۇم كۆڭۈل خالىسۇن-خالىمىسۇن، ئۆزىنى مەجبۇرلايدىغان تالاي ئىشلارغا دادىل يۈزلىنىشى كېرەك.
       بۇلار پازىلغا بەش قولدەك ئايان ئىدى. ھەتتا پازىلنىڭ نەزىرىدە ئادەملەر ھەرۋاقىت ئۆز مەۋجۇتلۇقىدىن گۇمانلىناتتى، شۇڭا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايمەن، دەپ كۆڭلى خالىمىغان تالاي ئىشلارنى قىلىشقا، تالاي كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولاتتى. لېكىن پازىل ئۆزىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشنى، بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشنى، كۆرمىگەن يەرلەرنى كۆرۈشنى، ئۆز تۇيغۇسىغا ئەركىنلىك بېرىشنى، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئالاقە دائىرىسىنى قايتىدىن بىر قۇرۇپ چىقىشنى دائىم خىيال قىلاتتى.

        ھاۋا تۇتۇق، شامال چىقىۋاتقان بىر كۈنى پازىل ئۇزۇندىن بۇيان ئويلاپ يۈرگەن، ئەمما ئىشقا ئاشمىغان خىيالى بويىچە ئىشتىن بالدۇر چۈشۈپ، باشقىلاردىن سوراپ بىلىۋالغان داڭلىق بىر قاۋاقخانىغا باردى. ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ھاراقنى بولۇشىغا ئىچتى. يېرىم يالىڭاچ شەيتان قىزلارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېرىلىپ ئولتۇرۇپ، سىگارا چەكتى. نەچچە قۇچاق تانسىمۇ ئوينىدى. پۇلنىمۇ ئايىماي خەجلىدى. قاۋاقخانىدا تۈن نىسپىگىچە ئولتۇرۇپ، كەيپ سۈرگەندىن كېيىن، بىر قىزنىڭ ھەمراھلىقىدا داڭلىق بىر مېھمانسارايدا قونۇپ قالدى.
        ئەتىسى كۆزىنى ئاچقاندا سائەت 10دىن ئاشقان بولۇپ، ئىشقا كېچىككەنلىكى ئېنىق ئىدى. پازىل ئېرىنچەكلىك بىلەن ياتاققا سەپ سېلىشقا باشلىدى. ياتاقنىڭ ئىچى ئوغرى كىرگەن ئۆيگىلا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، كىيىم-كېچەكلىرى ياندىكى كارىۋاتتا يانچۇقلىرى ئۆرۈلگەن ھالدا چېچىلىپ تۇراتتى. يانفونىمۇ غايىب بولغان ئىدى. كۆزى كارىۋاتقا چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئاخشام بولغان ئىشلار پازىلنىڭ كۆز ئالدىدا تۇماندەك لەيلەشكە باشلىدى. راست، ئۇ ئاخشام مىجەزىگە يات ئىشلارنى قىلدى. ھاراق ئىچتى، تاماكا چەكتى. ناتونۇش قىزلار بىلەن ھەشقىپىچەكتەك يۆگىشىپ تانسا ئوينىدى، تېخى ياتاقتا بولغان ئىشلارچۇ...
        نېرىسىنى ئويلاشقا ئۇنىڭ كۆڭلى قويمىدى. پازىل ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇنچىدا بىرئۇزۇن يۇيۇندى. ئاخىرى ئۆزىنى تۇنجۇقۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىپ، كىيىملىرىنى كىيىپ سىرتقا چىقتى. سىرتقا چىقىشى بىلەنلا ئۆزىنى يەڭگىللەپ قالغاندەك، بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ قالغاندەك ھېس قىلدى. يولدىكى ئادەملەرگە، توختاۋسىز ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلارغا يېڭىچە بىر سېزىمدا، يېڭىچە بىر كۆزدە قاراشقا باشلىدى. ئۆزىنى ئۆزگىرىپ قالغاندەك، كۆزى، پۇت-قولى، خىياللىرى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ھېس قىلىپ، مىيىقىدا كۈلۈپ قويدى. ئىدارىسىگە چۈشكە يېقىن بارغان پازىل يېقىندىن بېرى تەييارلاۋاتقان، يۇقىرىغا بۈگۈن يوللىماقچى بولغان بىر پىلان تۈرىنىڭ ئاخىرقى دوكلاتىنى قولىنىڭ ئۇچىدا پۈتتۈرۈپلا باشلىقنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ بەردى. ئېنىقىنى ئېيتقاندا پازىل قەستەن شۇنداق قىلغان ئىدى. بىرەر چاتاق چىقىشىنى، ئۆزىنىڭ تەنقىدكە، جازاغا ئۇچرىشىنى خالايتتى.
        پازىلنىڭ ئويىچە بولغاندا يا جازا يوق، يا مۇكاپات يوق تۈز سىزىقتەك بىر خىللا ئىشلىگەندىن ئانچە-مۇنچە جازاغا، تەنقىدكە ئۇچراپ تۇرسا، ئاندىن ئۆزىنىڭ نېمە خىزمەت بىلەن شۇغىللىنىۋاتقىنىنى، قانداق ئىشلەش كېرەكلىكىنى تونىغىلى بولاتتى. مۇھىمى تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولۇشىنى ئويلايتتى.
       ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، پازىل يەنە تۈن تەڭگىچە ھاراق ئىچتى. ئالا تاغىل ناخشا توۋلاپ كوچا ئايلاندى، يول بويلىرىدا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىلاردىن بىر قانچىسىنىڭ ئەينىكىنى چاقتى. يولدا ئۇچرىغان ئادەملەرنى تىلغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن تىللىدى. چوڭ يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا ئوڭدىسىغا يېتىپ، ئاسمانغا قارىغىنىچە ئۆزىنى بۇلۇتلار ئۈستىدە لەيلەۋاتقاندەك ھېس قىلدى. تېخى ئازراق ئۇخلىغانمۇ بولدى. شۇنداق قىلىپ ئۆيىگە تاڭ سۈزۈلگەندە غەرق مەست ھالدا قايتىپ كەلدى. ئەتىسى چۈشكە يېقىن ئويغىنىپ، تېگى يوق خىياللار بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە سوزۇلۇپ يېتىپ، يەنە ئۇيقۇغا كەتتى.
        بىر چاغدا ئاشخانا ئۆيدىن ئاڭلانغان تاراڭ-تۇرۇڭ ئاۋاز بىلەن كۆزىنى ئاچتى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى. ئىشتىن كېلىپ، كەچلىك تاماق تەييارلاۋاتقان ئايالى پازىلنى كۆرۈپ، خاتىرجەم كۈلۈمسىرىگىنىچە:
        -ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟ ھاردۇقىڭىز چىقىپتىمۇ؟ مۇنچىنىڭ سۈيىنى ئىسسىتىپ قويدۇم، ۋاقتىدا يۇيىنىۋېلىڭ. ئاڭغىچە مەن ئاچچىق-چۈچۈك قىلىپ سۈيۈقئاش تەييارلاي-دېگىنىچە، ئۆز ئىشىغا تۇتۇندى. پازىل ئارتۇق بىر نېمە دېمىدىيۇ، ئىچىدە بولسا، بىر ئاخشام ئۆيگە كىرمىسە، ئايالىنىڭ نەگە باردىڭىز، دەپ سوراپمۇ قويمىغىنىغا، تېخى ھەممىنى بىلىدىغاندەك يۇيىنىۋېلىڭ، ئاچچىق-چۈچۈك سۈيۈقئاش تەييارلاي دېگىنىگە كۆڭلى غەش بولۇپ، ئايالىغا ئىچ ئاغرىتقان ھالدا يۇيۇنغىلى ماڭدى. ئايالى كەچلىك تاماقتىن كېيىنمۇ ئارتۇق بىرنېمە دېمىدى. قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، كۈندە كۆرىدىغان كۆپ قىسىملىق بىر كىنونى كۆرۈشكە باشلىدى. پازىل ئايالىغا ئاستىرتتىن كۆز سېلىپ، ئۇنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاندەك بىر تۇيغۇدا كۈزىتىشكە باشلىدى. ئۆزىنىڭ نېمىشقا بۇ ئايال بىلەن توي قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن يەنە قانچىلىك بىللە ياشايدىغانلىقىنى ئويلىدى. تۇرۇپلا ئۇنى راسا دۇمبالىغۇسى كەلدى. لېكىن بىرەر سەۋەب بولۇشى كېرەك-دە. پازىل ئورنىدىن سەل-پەل مىدىراپ قويغاندىن كېيىن، مىجەزىگە يات ھالدا قاپىقىنى تۈرۈپ:
       -ماڭە، ھەي، چاي دەملەپ كىر، تاماقنى تۇزلۇق قىلىۋىتىپسەن، ئۇسساپ كەتتىم- دېگىنىچە، ئايالىغا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى.
        ئايالى ئارتۇق گەپ قىلماي، بىردەمدىلا چاينى دەملەپ، پىيالىدا ئەكىردى. پازىل چاينى بىرلا ئوتلاپ، پىيالىنى زەرب بىلەن يەرگە ئاتتى-دە:
        -كىم ساڭا زەپە چاي ئىچىمەن دېدى! ماڭە! ناۋات چاي دەملەپ كىر! ناۋاتنى جىقراق سال! ئۆزەڭگە ئوخشاش لاۋزا دەملىمە يەنە چاينىمۇ - دەپ ۋارقىرىغىنىچە، ئىچ-ئىچىدىن كېلىۋاتقان يىغا ئارىلاش كۈلكىسىنى تەستە بېسىپ ئولتۇردى.
       ئايالى يەنىلا ئارتۇق گەپ قىلماي، تېزلىك بىلەن ناۋات چاينى تەييار قىلدى-دە، يەنە تېلېۋىزور كۆرۈشكە باشلىدى. پازىل چايدىن بىر يۇتۇممۇ ئىچمىدى. يەنە ئايالىنى كۈزىتىشكە باشلىدى. ئايالىغا قارىغانسېرى ئۇنىڭغا شۇنچە ئىچى ئاغرىيتتى. ئىچى قانچە ئاغرىغانسېرى ئۆزىنى شۇنچە بىچارە ھېس قىلاتتى... ئايالىنىڭ بىر چاغدا بېلىكىنى نۇقۇپ تۇرۇپ، مۇلايىملىق بىلەن:
        -تۇرىڭە، ئارام ئالىلى، ۋاقىت بىريەرگە بېرىپتۇ - دېگەن ئاۋازى بىلەن بېشىنى كۆتۈرگەن پازىل ئايالىغا زەردە بىلەن:
       -ئىككىمىزنىڭ كۆزى بىر بولمىغاندىكىن، ئۇخلاۋە كۆزۈڭنى يۇمۇپ - دېگىنىچە ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى.
       - بالدۇر ياتمىسىڭىز سەھەر تۇرالمايسىز شۇ.
       -مېنى يەرشارىمىكىن دەپ قالدىڭما؟ خاتىرجەم بول، مەن بالدۇر ئويغانمىساممۇ، قۇياش چىقىۋېرىدۇ.
       ئايالى ئارتۇق گەپ قىلماي، ياتاق ئۆيگە چىقىپ كەتتى. پازىل مېھمانخانا ئۆيدىكى سافادا ياتقىنىچە تېگى يوق خىياللار بىلەن خېلى بىر ۋاخقىچە ئۇخلىمىدى. ئورنىدىن نەچچە قېتىم تۇرۇپ، بالىكوندىن شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە، ئۆزى كۈندە نەچچە قېتىم ماڭىدىغان يوللارغا، قىسقىسى تۈن قاراڭغۇسىدا غۇۋا كۆرۈنىدىغان بارلىق نەرسىلەرگە بىر خىل بىزارلىق ئىلكىدە قاراپ چىقتى. كېچىدىن يامان چۈش كۆرۈپ، ئۇيقۇسىغىمۇ تۈزۈك قانماي، سەھەردىلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن پازىل ئايالىنىڭ ناشتا قىلىۋېلىڭ، دىگەن گېپىگىمۇ قارىماي، ئىدارىسىگە بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى. ئەمما يول بويى ئۆز تۇرمۇشى ئۈستىدە تېگى يوق خىياللارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەزەلدىن ئىشقا سەۋەبسىز كېچىكمىگەنلىكىنى، شۇڭلاشقا ئىدارىسىدە ئىنتىزامچان، ئاڭلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى ئەسكە ئالدى-دە، ئىشقا كېچىكىپ بارماقچى بولدى. ئىدارىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەدىمىنى ئىدارىنىڭ ئىشىكىگە ئەمەس، يول بويىدىكى بىر تورخانىغا قاراپ ئالدى. تورغا چىقىپ مەقسەتسىز ھالدا ئۇنى-بۇنى كۆرۈپ يۈردى.
        ۋاقىت چۈشكە تايىن تاپقاندىلا ئاندىن ئىشخانىسىغا چىقىپ، ئۆز ئورنىدا ئولتۇردى. ئۇنىڭغا خىزمەتداشلىرى باشقىچە قارىغاندەك، ئىدارىدە بىرەر ئىش بولغاندەك سېزىلدى. ئالدىدىكى كومپيۇتېرنى ئەمدىلا قوزغىتىپ تۇرۇشىغا، ئىشخانا مۇدىرى سۈرلۈك ئەلپازدا كىرىپ كەلدى-دە:
       -ھە! ئەمدى تاڭ ئاتتىمۇ؟ ئۆيۈڭنىڭ دېرىزىسىغۇ باردۇ؟ ئالە ما پايتىماڭنى... ... - دېگىنىچە پازىلنىڭ ئالدىغا بىر تۇتام پۇرلانغان قەغەزنى ئاتتى-دە، بىرھازا قايناپ كەتتى.
        پازىلنىڭ ئۆتكەندە قەستەن قولىنىڭ ئۇچىدا تەييارلىغان دوكلاتى ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك بىردەمدىلا چاتاق تېرىغان ئىدى. دوكلات سەۋەبلىك باشلىقى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن تەنقىد ئاڭلىغاننىڭ ئۈستىگە، ھەممە ئىشى پۈتۈپ، قەغەز يۈزىدىكى قۇرۇق رەسمىيىتىلا قالغان، بۆلۈمگە زور پايدا كەلتۈرىدىغان چوڭ بىر پىلان تۈرى بىكار قىلىنغان ئىدى. پازىل بۆلۈم مۇدىرىنىڭ چالۋاقاشلىرىدىن ئىچىدە خۇش بولدى. ئۆزىنىڭ قەستەن بىخەستىلىك قىلغان ئىشىنىڭ شۇنچە زور زىيانغا سەۋەب بولغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ خېلى مۇھىملىقىنى ھېس قىلدى. ئىشخانىدىكى ھەممە نەرسىگە تەبەسسۇم ئىلكىدە قاراپ چىقتى. تېخى خىزمەتداشلىرىغا چاخچاق قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشۈشكە ئاز قالغاندا باشلىقى پازىلنى ئىشخانىسىغا چاقىرتىپ ئەكىرىپ، قولىغا قىزىل تامغىلىق بىر ۋاراق ھۆججەتنى تۇتقۇزۇپ قويدى ۋە ئاۋازىنى سۈرلۈك چىقىرىپ:
        - يىگىت، خىزمەتكە چاخچاق قىلغۇلۇق ئەمەس. ئەستايىدىل بولۇڭ. ھەر ئىشنىڭ ئۆز سىزىقى، ئۆز قېلىپى بولىدۇ. شۇ سىزىقتىن چەتنىسىڭىز مىخقا ئۈسسۈيسىز. بۇ قېتىمقى ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بىپەرۋالىق قىلماڭ. - دېگىنىچە چىقىپ كېتىشكە ئىشارە قىلدى. پازىل «يەنە شۇ سىزىق، يەنە شۇ قېلىپنىڭ گېپى» دەپ غۇدۇڭشىغىنىچە خامۇش ھالدا يېنىپ چىقتى.
        قولىدىكى ھۆججەت ئىدارىدىن ئۆزىگە قارىتا چىقىرىلغان جازا تەدبىرىنىڭ تەپسىلاتى بولۇپ، بىر ھەپتە ئىشتىن توختاپ، تەكشۈرۈش يېزىش، بىر ئايلىق مائاشىنى بەرمەسلىك، يىل ئاخىرىدىكى ئىلغار خىزمەتچى بولۇش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى قارار ئىدى. لېكىن پازىل بۇنىڭدىن قىلچە مەيۈسلەنمىدى. پازىلنىڭ ئويىچە ئىدارىنىڭ ئۇنى جازالىشى ئۇنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىك ئىدى. پازىلنىڭ كۆزىگە قولىدىكى جازا قارارى خۇددى ئىدارىدىن ئۇنىڭغا بېرىلگەن ناماقۇللۇق خېتىدەك كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
        پازىل يېقىندىن بۇيان خېلىلا ئۆزگەرگەن ئىدى. پات-پات ئايالىنى تاياقلاپ قوياتتى. سىرتتا ئانچىكىم ئىشلار ئۈچۈن باشقىلار بىلەن تاكاللىشاتتى. تېخى ئۆيىدىكى نەرسىلەرنىمۇ قايتىدىن جايلاشتۇردى. ياتاق ئۆيىدىكى بېشى دېرىزىگە قارايدىغان كارىۋاتنى يۆتكەپ بېشىنى ئىشىڭ تەرەپكە قاراتتى. ئايالى بۇنىڭدىن خۇش بوپ، «ئاخشاملىرى يېتىپ تۇرۇپ، دېرىزىدىن ئاسمانغا قاراپ، ئاينى تاماشا قىلساق بولىدىكەنغۇ، پەمىڭىز بار جۇمۇ سىزنىڭ» دەپ، كەتتى. ئايالىنىڭ بۇ گېپىگە قارىتا پازىل پەقەت ئاچچىق بىر كۈلۈپ قويدى.
       پازىل ھەقىقەتەن ئۆزگىرىۋاتاتتى. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى بۇرۇنقى ئىزىدىن، قېلىپىدىن ياتلاشتۇرىۋاتاتتى. پازىل بۈگۈن كېچە يەنە يامان چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۆزىنىڭ يولدا ماڭسا تۈز ماڭماي، شامال سوققاندەك تەۋرەپ، پۇلاڭلاپ ماڭىدىغان بوپ قالغانلىقىنى، ئىككى قولىنىڭ قېيىقنىڭ پالىقىدەك كېرىلىپ، قۇشنىڭ قانىتىدەك لەيلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. شۇڭىمىكىن خامۇش ھالدا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈز-كۆزىنى يۇيغاندىن كېيىن ناشتا قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئۆيگە كىردى.
       پازىلنىڭ كىرگىنىنى كۆرگەن ئايالى قولىدىكى ناننى ئۇشىتقاچ:
        -قارا چاي ئىچەمسىز يا قايماق چايمۇ؟-دەپ سورىدى.
       -قايماق چاي! ماڭا قارا چاي بېرىپ، قايماق چاينى ئۆزۈڭ ئىچەي دېگەنما؟ - كېچە كۆرگەن چۈشىدىن بىر قىسما بوپ قالغان پازىل دەردىنى ئايالىدىن ئالدى. ئايالى ئارتۇق گەپ قىلماي چىنىگە بىر قوشۇق قايماقنى سېلىپ، ئۈستىگە چاي قۇيغاچ قوشۇق بىلەن ئىزىشكە باشلىدى.
       - چاققان بولە ۋاي! ماڭا ھۈنەر كۆرسەتمەي - پازىل تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى   - تۇز سالە ما ھالۋاڭغا.
       پازىل ئەتىگەنلىك ناشتىنى تولىمۇ روھسىز بىر كەيپىياتتا، ئۆزىنى زورلاپ تۇرۇپ قىلدى، ئاندىن ئايىغى چىقماس خىياللارنى سۈرۈپ، ئايالىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىگە ئىنچىكىلىك بىلەن سەپ سالدى. ئايالى ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپ، كەچتە ۋاقچىراق قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇپ ئىشقا ماڭدى. خىيال بىلەن ئولتۇرغان پازىل ئايالىنىڭ ئىشىكنى ياپقان ئاۋازىدىن ئەسلىگە كېلىپ، ئىشقا مېڭىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇردى. ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆز تۇرقىغا بىرقۇر سەپ سالغاندىن كېيىن، ياتاق ئۆيىنىڭ ھەممە يېرىگە مەقسەتسىز بىر قاراپ چىقىپ، ئېغىر بىر ئۇھسىنىپ قويدى-دە، ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى. كەچتە پازىلنىڭ ئايالى تولىمۇ ۋاقچە قايتىپ كەلدى. ئىشتىن بالدۇرلا قايتىپ كېلىپ، تاماقمۇ يىمىگەن پازىل كارىۋاتتا ئوڭدا يېتىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش خىيالى بىلەن خېلى بىر ۋاقىتنى ئۆتكۈزدى.
        توي قىلغاندىن بېرى ئايالىنىڭ بىرەر قېتىممۇ يامانلاپ باقمىغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ، كەچتە ئايالى كەلسە يامانلىغۇدەك دەرىجىدە بىر دۇمبالىماقچىمۇ بولدى. كۆزىنى ئىشىكتىن ئۈزمەي، ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرغان پازىل ئىشىككە ئاچقۇچ سېلىنغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، ئايالىنىڭ كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلدى-دە، ئورنىدىن تۇرۇپ، قولىنى كەينىگە تۇتقان ھالدا ئۆزىگە سىرلىق تۈس بېرىپ، ئايالى ئىشىكتىن كىرىشىگىلا تىل سالدى:
        -ھە! شەھەرنىڭ بەزمىخانىلىرىنى تاقاپ، ئاچقۇچىنى يانچۇقلىرىغا سېلىپ كەللىمۇ خان؟ خۇمادىن چىققاندەك تۇرامدۇق يا؟ - دېگىنىچە ئايالىنىڭ قولىدىن سۆرىگىنىچە ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىپ، كارىۋاتقا ئىتتىردى. يولدىشىنىڭ كىنايە ئارىلاش گېپىدىن ئاران ئەسلىگە كەلگەن ئايال:
        -ۋاي شۇ ھېلىقى دوستۇمنىڭ ئۆيىدە بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىم.ئەتىگەن دېگەنغۇ سىزگە. بۇرۇنمۇ... - دەپ گېپىنىڭ ئاخىرىنى چۈشۈرگىچە پازىلنىڭ مۇش-پەشۋالىرىدىن زۇۋانى ئۆچتى. پازىلنىڭ پۇت-قوللىرى ئايالىنىڭ بەدىنىدە قوناق سوقۇشقا باشلىدى. پازىل خۇدىنى يوقاتتىمۇ، يا ئايالى بىر نېمىگە پۇتلىشىپ دۈم يىقىلدىمۇ ئۆزىمۇ بىلەلمىدى. ياتاق ئۆينى ئايالىنىڭ يىغا ئاۋازى بىر ئالدى. ئايالى چاچلىرى چۇۋۇق ھالەتتە بۇرنىدىن ئېقىۋاتقان قانغا قارىماي، بېقىنىنى تۇتۇپ ۋايجانلاپ ياتاتتى. پازىلغا بىر نېمە دېگۈدەك مادارىمۇ يوق ئىدى. پازىل ئايالىغا قاراپ، ئۆز كۆزىگە، ئايالىنى ئۇرغانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى. سىرتتا بىرەرىدىن تاياق يەپ كىردىمىكىن، دەپ ئويلىدىيۇ، بايام ئىشىكتىن ساپمۇساق كىرگەنلىكىنى يادىغا ئېلىپ، ئايالىنى ئۆزىنىڭ ئۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئايالىنىڭ يىغلاشلىرىغا پەرۋاسىز ھالدا، چاپىنىنى قولتۇقلىغىنىچە، سىرتقا ماڭدى.
       ۋاقىت تۈن يېرىمدىن ئاشقان بولۇپ، كوچىدا ئاندا-ساندا ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلارنى، ئاللىقانداق سورۇن، يىغىلىشلاردىن يېنىپ ئۆيىگە ئالدىراش مېڭىۋاتقان كىشىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۈن قوينىدا پازىلدىن باشقا ئادەم كۆرۈنمەيتتى. پازىل قەيەرگە بېرىشىنى، ئۆيدىن نېمىشقا يېنىپ چىققانلىقىنى بىزارلىق ئىلكىدە ئويلىغىنىچە مەقسەتسىز ھالدا بىردەم كوچا ئايلىنىپ يۈردى. يولنىڭ چېتىدىن تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، خىش پارچىسىدىن بىرنى تېپىپ، كوچا چىراغلىرىدىن بىر قانچىنى چاقتى-دە، ئۆزىنى خېلىلا يىنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلغاندىن كېيىن ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. پازىل ئۆيگە كىرگەندە، ئايالى كىيىملىرى بىلەنلا ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، ياتاق ئۆيىدىكى نەرسىلەر قالايمىقان ھالدا چېچىلىپ ياتاتتى. پازىل كارىۋات بېشىدا ئولتۇرۇپ، ئايالىنىڭ ئۇيقۇلۇق ھالىتىگە سەپ سېلىشقا باشلىدى. ئايالى خۇددى بىر نېمىدىن قورقۇپ كەتكەندەك تۈگۈلگەن ھالدا ئۇخلاۋاتاتتى. يۈز ۋە بىلەكلىرىدە بايىقى تاياقلار كۆكۈش ئىز قالدۇرغان ئىدى.
       پازىلنى تۇرۇپلا يىغا تۇتتى. ئايالىغا ئىچ ئاغرىتتى. لېكىن ئايالىدىن بەكرەك ئۆزىگە تېخىمۇ ئىچ ئاغرىتتى. ياتاق ئۆيىدىكى تامغا ئېسىلغان تويلۇق خاتىرە سۈرەتكە بىر ھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ چۈشىنىپ يىتەلمەيدىغان بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ ئىلكىدە سوغۇق كۈلۈمسىرىگىنىچە، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى بوشقىنا يېپىپ قويۇپ، مېھمانخانا ئۆيگە چىقىپ، سافاغا يانپاشلىدى. ئەتىسى پازىل بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. تاڭ تېخى سۈزۈلمىگەن بولۇپ، ئايالى تېخى ئويغانمىغان ئىدى. پازىل مېھمانخانا ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغىنىچە، ئايالىنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتتى. بىر چاغدا ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ، قاپاقلىرى يىغىدىن ئىششىپ كەتكەن ئايالى يۈزىنى كۆكۈش ئىزلار قاپلىغان ھالدا پازىلنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى.
        پازىل ئاۋازىنى ئىمكان بار سىلىق چىقىرىشقا تىرىشىپ:
       -قانداقراق ئۇخلاپسەن؟ بىرەر يېرىڭ ئاغرىمايۋاتقاندۇ؟-دېگىنىچە ئايالىنىڭ قولىغا ئېسىلاي دېۋىدى. تېخىچە ئاچچىقتىن يانمىغان ئايالى پازىلنىڭ قولىنى سىلكىۋېتىپ:
       ـ ھۇ ھۆرمەت قىلغاننى بىلمەيدىغان لۈكچەك، ھايۋان، ئانامغا دەيمەن، ھۈ... ھۈ...-دەپ ئۈن سېلىپ يىغلىغىنىچە، كەينىگە بۇرۇلۇپلا يەنە ياتاق ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى تاقىۋېلىپ بار ئاۋازى بىلەن يىغلاشقا باشلىدى. پازىل ئايالىنىڭ ئۆزىنى لۈكچەك، ھايۋان دېگەن گېپىدىن كۆرە «ئانامغا دەيمەن» دېگەن گېپىدىن ئىچىدە كۈلۈپ كەتتى، لېكىن تۇرۇپلا ئەنسىرەپمۇ قالدى. ئايالىنىڭ ئانىسى ئەركەك مىجەز، تەتۈر ئۇستىخان ئايال ئىدى. ناۋادا ئۇ ئايال پازىلنى پازىل ئايالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كېتىدىغان بولسا پازىلنىڭ ساق قالمىقى تەس ئىدى. پازىل ئايالىنىڭ خۇيىنى ئوبدان بىلەتتى. مۇشۇ تاپتا ياتاق ئۆينىڭ ئالدىغا بېرىپ، شېرىن-شىكەر، ياغلىما گەپتىن ئىككى ئېغىز قىلىپ، ئازراقلا يالۋۇرىدىغان بولسا، ئايالى ھەممىنى ئۇنتۇپ، ئىشىكنى ئاچاتتى-دە، ئاپتاپتەك ئېچىلىپ، پازىلغا ئەركىلەشكە چۈشەتتى. لېكىن بۈگۈن پازىلنىڭ ئۇنداق قىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى. ئايالىغا بولغان ئاخشامقى ئاچچىقى قايتىدىن قوزغالدى-دە، ئايالىنى ئۆز يىغىسىغا قويۇپ بېرىپ، ناشتىمۇ قىلماي، ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى. ئۆز ئىچ-پۇشۇقىنى خوشنىلاردىن چىقىرىش ئۈچۈن بىنادىن چۈشكىچە قوشنىلارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى ئەخلەت ئېلىنغان خالتىلارنى ئالا قويماي تىپىپ، كارىدورنى ئەخلەتكە بۇلغاپ، مەغرۇر قەدەملەر بىلەن بىنادىن چىقتى.
       ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ داۋزىسىغا يېقىنلىشىشىغا دەرۋازا يېنىدىكى قاراۋۇل ئۆيىدىن بىرىنىڭ:
       - پازىلجان، توك-سۇ پۇلىنى تاپشۇرۋېتىڭ، كۈندۈزدە پەقەت تاپقىلى بولمايدىكەن سىزنى، ئاندىن يەنە ھېلىقى....-دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
        پازىل ھەرخىل ھەقلەرنى دائىم ئۆز قەرەلىدە تاپشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىتتىكلا ئەسكە ئالدى-دە، بىرەر قېتىم ۋاقتىدا تاپشۇرمىسام نىم بوپتۇ، دەپ غودۇڭشىغىنىچە:
        - ئاچاڭدىن سورا، ئاندىن تاپالايسەن...دېگىنىچە، ئارقىسىغىمۇ قارىماي يولىغا ماڭدى.
       پازىل ئاپتوبۇس بېكىتىگە مېڭىپ كەلدىمۇ يا ئۇچۇپمۇ بىردەمدىلا كەلدى. ئاپتوبۇسنىڭ پۇل ساندۇقىغا قەستەن پۇل تاشلىمايلا چىقىپ، بىكار ئورۇندىن بىرىدە ئولتۇردى. پازىلنىڭ پۇل سالمىغانلىقىنى سەزگەن شوپۇر بېشىنى كەينىگە بۇراپلا ۋارقىرىدى:
       - بىكارغا ئولتۇرىدىغان ئۆيۈڭدىكى سافا ئەمەس بۇ، پۇل تاشلا.
        - بايام تاشلىغىنىم پۇل بولماي، بالاڭنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىمۇ گۇي! - پازىل شوپۇردىن بەكرەك ھۈركىرىگىنىچە، ئۇنىڭ كېيىنكى چالۋاقاشلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆز ئورنىدا ئولتۇرىۋەردى. باشقىلارنىڭ سالا قىلىشى بىلەن ئاپتوبۇس ئاخىرى قوزغالدى. پازىل بولسام ئۆمرىدە تۇنجى قېتىم ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرغانلىقىدىن ھەم ئۆزىنىڭ يولسىزلىقىدىن خۇشاللىنىپ، ئۆزىنى قالتىس چاغلىغىنىچە، ئاپتوبۇستىكىلەرگە غالىبلارچە بىر قاراپ قويدى.
       چۈشتىن كېيىن ئىشتىن بالدۇر چۈشۈپ، يەنە قاۋاقخانىغا باردى. ھاراقنى ئۆلگىدەك ئىچىپ، يېرىم كېچە بولغاندا، غەرق مەس ھالدا ئۆيىگە قايتتى. يولدا ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى تىللاپ ماڭدى. بىر ئوبدان پىيادىلەر يولىدا ماڭماي، چوڭ يولنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا كىرىۋېلىپ، قوللىرىنى سانىڭ قانىتىدەك كېرىپ، ناخشىنى بولىشىغا توۋلاپ، كوچىنى بېشىغا كەيدى. چىرىغى يوق بىر ئەبجەق پىكاپقا سوقۇلۇپ كەتكىلىمۇ تاس قالدى. تېخى بىرقانچە يەردە ئۆزىنى باشقۇرالماي يىقىلىپ چۈشۈپ، بىر قانچە يېرىنى يېغىر قىلىۋالدى.
       پازىل  ئائىلىلىكلەر قورۇسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كېچە سائەت 1دىن ئاشقان بولۇپ، ئادەتتىكى چاغلاردا كېچىچە ئوچۇق تۇرىدىغان دەرۋازا بۈگۈن تاقاقلىق ئىدى. پازىل دەرۋازىۋەننى شۇنچە توۋلاپمۇ ئويغىتالمىدى. تۆمۈر دەرۋازىدىن ئارتىلىپ كىرىمەن دەپ، دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ ئاران چىقىپ، پۇتىنى ئارتىلدۇرىشىغا مەستلىكتە ئۆزىنى باشقۇرالماي قورۇ ئىچىگە يانچىلاپ يىقىلىپ چۈشتى. بىرەر يېرى سۇندىمۇ قانداق پۈتۈن بەدىنى چېقىۋەتكەندەك ئاغرىشقا باشلىدى. ئورنىدىن تۇرماقچى بولىۋىدى، سۆڭگىچىدىن كىرگەن ئاچچىقتىن ۋارقىرىۋەتكىنى تاس قالدى. ئايالىغا تېلفۇن قىلماقچى بولۇپ، يېنىنى ئاقتۇرىۋىدى، تېلېفۇنى يوق بولۇپ چىقتى. ئامالسىز يانپېشىنى يەرگە سۇۋاپ ئۆيى تەرەپكە سىلجىشقا باشلىدى. بىنا پەلەمپىيىدىن يانپېشىنى سۆرەپ چىقىپ بولغىچە ئۆيىنىڭ 6-قەۋەتتە بولۇپ قالغىنىغا مىڭ لەنەت ئوقۇدى. ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئىشىكنى شۇنچە كۈچەپ ئۇرغان بولسىمۇ ئۆي ئىچىدىن ھېچبىر سادا چىقمىغاندىن كېيىن، مىڭبىر جاپادا ئۆرە بولۇپ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيىگە كىردى. ئۆي ئىچى گۆردەك قاراڭغۇ بولۇپ، قېرىشقاندەك توكمۇ يوق ئىدى. بايام چىققۇچە كارىدۇرنىڭ چىرىغىنىڭ يېنىق ئىكەنلىكى ئېسىگە ئالغان پازىل نېمىنىدۇر چۈشەنگەندەك بولدى-دە، قولىدا يەرگە سېلىنغان گىلەمنى سىيپاشتۇرۇپ يۈرۈپ، ياتاق ئۆيگە ئاران كىرىۋالدى.
        پازىل خىيال بىلەن يېتىپ، تۇيۇقسىزلا ئايالىنى ئەسكە ئالدى. يېنىغا قارىۋىدى، ئايالى كۆرۈنمىدى. ئۆز كۆزىدىن گۇمانلىنىپ قولىدا كارۋاتنى مۇشتلاپ باققان بولسىمۇ قولىغا يۇمشاق يوتقاندى باشقا نەرسە ئۇرۇنمىدى. ئايالىنىڭ يامانلاپ كەتكەنلىكى ئېنىق ئىدى. بەلكىم بۇ چاغقا بولغان ئىشلارنى ئاناڭغا دەپ، مېنى چېقىپمۇ بولغانسەن-دەپمۇ ئويلىدى ئۇ.
       ئۇ سۆڭگىچىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىقىدىن پەقەتلا ئۇخلىيالمىدى. كۆزىنى تورۇسقا تىككىنىچە ئىڭراپ ياتقان پازىل پات-پات ئىشىككە قاراپ قوياتتى. قۇلىقىغا كارىدوردىكى ئاياغ تىۋىشى ئاڭلىنىشى بىلەنلا، ئايالىم كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ ئۈمىتلىنەتتى. لېكىن يەنە ئايالىنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا بۈگۈن كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىچى ئاچچىق بولاتتى. ئايالىغا ئىچ ئاغرىتاتتى. ئايالىغا ئىچ ئاغرىتقانسېرى ئۆزىنى شۇنچىلىك بىچارە ۋە يىگانە ھېس قىلاتتى...
        پازىل بۇ كېچە مىڭ بىر جاپادا ئۇخلىدى. يەنە غەلىتە چۈش كۆردى. چۈشىدە ئۇ چوڭ يولدا ئايىغىنى تەتۈر كىيىپ، كەينىچە ماڭاتتى. يولدىكى ئادەملەرگە قاراپ، توختىماي كۈلەتتى. يولدىكى ئادەملەر ئۇنىڭ كۆزىگە باشقىچە بىر سىياقتا ـ بېشى چىكىتتەك، گەۋدىسى تۈز سىزىقتەك كۆرۈنەتتى. پازىل بۇ ھالەتكە ھەيران بولۇپ، «ئەسلى ھەممىڭ تۈز سىزىقكەنسەنغۇ»-دېگىنىچە قاقاھلاپ كۈلەتتى. پازىل شۇ ھالەتتە كەينىچە مېڭىپ، تۇرۇپلا بىر نەرسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ قالدى. ئۆرۈلۈپ قارىۋىدى، غايەت زور بىر سىنئەينەك ئۇنىڭ يولىنى توسىۋالغان ئىدى. پازىل ئەينەككە قاراپ، ئۆز ئەكسىنى كۆرۈپ قاتتىق چۆچۈپ كەتتى. چۈنكى ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىمۇ يولدىكىلەرگە ئوخشاش ھالەتتەـ بېشى چىكىتتەك، گەۋدىسى تۈز سىزىقتەك كۆرۈنىۋاتاتتى..
       . پازىل ئەينەكتىكى ئەكسىگە سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى. ئەينەكتىكى چىكىت ۋە تۈز سىزىقلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتاتتى. چىكىت ۋە تۈز سىزىقلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ پازىل ئۆزىنىڭ ئەكسىنى ئەينەكتىن تاپالمايۋاتاتتى. لېكىن ئۆزى ئاڭلىغۇدەك تۆۋەن ئاۋازدا «ئەشۇ چىكىت ۋە تۈز سىزىقلارنىڭ ئىچىدە مەنمۇ بار»-دەپ بىئاراملىق ئىچىدە پىچىرلاۋاتاتتى...
         2008-يىل . ئاپرىل . ئۈرۈمچى 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق