تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى -01

يوللىغۇچى : Tursunay يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-19 10:00:39

«تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى» ناملىق پىروگراممىمىزدا سىلەر بىلەن قايتا ئۇچراشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھېس قىلماقتىمىز. تۆۋەندە ئالدىمىزدىكى ئالتە ئاي بويىچە ئاڭلىتىلىدى...



         «تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى» ناملىق پىروگراممىمىزدا سىلەر بىلەن قايتا ئۇچراشقانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بەخىتلىك ھېس قىلماقتىمىز. تۆۋەندە ئالدىمىزدىكى ئالتە ئاي بويىچە ئاڭلىتىلىدىغان «تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى» ناملىق 26 قىسىملىق پىروگراممىمىزنىڭ كىرىش قىسمىنى يوللايمىز.

     

     

        تارىخ، بىر مىللەت سالاھىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەتلىرى، مەنىۋىي قىممەت – قاراشلىرى، ئۆرپ ۋە ئادەتلىرى تارىخ بويلاپ شەكىللىنىدۇ. تارىخ، ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭمۇ سەھنىسىدۇر.

        بۈيۈك تۈرك مىللىتى تارىخنىڭ كۆپلىگەن دەۋرلىرىدە دۇنيا مىقياسىدا قۇرغان ھەر خىل دۆلەتلىرى، زەپەرلىرى بىلەن، يېتىشتۈرگەن بۈيۈك مۇتەپەككۇر، ئالىم ۋە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن شۆھرىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن؛ بىزلەرگە شان – شەرەپكە تولغان ۋە ھەر دائىم پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان يىلتىزى چوڭقۇر مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

         بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرك تارىخى بۈيۈك شان – شەرەپ، مەرھەمەت ۋە مەدەنىيەت يۈكسەكلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ شان – شەرەپلىك ئۆتمۈش ئەسىرلەر بويىچە دوستلىرىمىزنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈرگەن بولسا، يېڭى دۈشمەنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئۈچۈنمۇ ھەر دائىم بىر سەۋەب بولۇپ كەلگەن.

        تارىخ ئېڭى بولمىغان ئەۋلادلار، ئۆزلىرى ئۈچۈنمۇ، مىللەتلىرى ئۈچۈنمۇ پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ.

    شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخىمىزغا ئىگە بولىشىمىز. تارىخقا ئىگە بولۇش، ئەسلىدە ئۆز قىممەت – قاراشلىرىمىزنى ھېمايە قىلىشتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس.

        1991- يىلى سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق قېرىنداش جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىغا ئېرىشتى ۋە نەتىجىدە ياۋرو – ئاسىيانىڭ قەلبىدە 11 مىليون كىلو مېتىرلىق كەڭ كەتكەن ساھەگە تارقالغان 200 مىليون ئىنسان تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بىر تۈرك دۇنياسى مەيدانغا كەلدى.

        بۇ بۈيۈك مەۋجۇتلۇقنىڭ مىللىي ۋە مەنىۋىي قىممەت – قاراشلىرى، تىلى، ئەدەبىياتى، دىنى ۋە مەدەنىيىتى بىردۇر. بۈيۈك تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقىنى ھەممە بىلىدۇ. تۈرك مەدەنىيەت تارىخىنىڭ مەھسۇلى بولغان ۋە ھېلىھەم مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەسەرلەر بۇنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك نامايەندىسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىراسىمىزنىڭ بىر ئۇچى ئۇرخۇن ئابىدىلىرى، يەنە بىر ئۇچى ۋىيېناغىچە يېيىلغان ئىزلىرىنى بويلىغان ھالدا، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنى ئوتتۇرىغا  قويىمىز.

        شۇنى ئونۇتماسلىق كېرەككى، مىللىي ئاڭ مىللەتلەرنىڭ ئۆز مەدەنىي ئۆتمۈشلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشى، ئىنسانىيەتنىڭ مىڭلارچە يىللىق ئۆزىدىن ھالقىش ۋە ئىلگىرىلەش مۇساپىسىدە قەيەردىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ.

      بۇ نۇقتىدا، تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى ناملىق بۇ پىروگراممىمىز سىلەرگە كۆپلىگەن نەرسىلەرنى ئايدىڭلىتىپ بېرىدۇ.

    .......................................................................................

       مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىي چوڭقۇرلۇقلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىسى ئەدەبىياتىدۇر. چۈنكى، ئەدەبىيات بىۋاسىتە ھالدا مىللەتنىڭ ھاياتىنى مەنبە قىلىدۇ ۋە ئۇنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇ مەنىدە ئەدەبىيات، مىللەتنىڭ ھايات شەكلىگە تۇتۇلغان بىر ئەينەكتۇر.

       تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتىدىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ باي روھىي دۇنياسىنى،  ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تارىخىنى، ھەرىكەتچان قۇرۇلمىسىنى، مول مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ھەشەمەتلىك بىر ئەينەكتۇر. تۈرك ئەدەبىياتى مىللىتىمىزنىڭ بىر پۈتۈن تارىخ كۈرىشىدۇر. ئەدەبىياتىمىزمۇ  مىللىتىمىزگە ئوخشاشلا ئەسىرلەرگە، جۇغراپىيەلەرگە سىغمىغان بىر خاراكتېرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

        تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغۋار ئەدەبىياتى تۈركىستان قەدەر كەڭ؛ تۇران قەدەر چەكسىزدۇر. تۈرك دۇنياسى داستانلار بىلەن باشلىنىپ تاشلارغان ئويۇلغان؛ تېرە، تاختا ۋە قەغەزلەرگە يېزىلغان، يۇسۇف خاس ھاجىپ بىلەن ئىرپانغا قانغان، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن ئۆزىنى بايقىغان، ئەھمەد يەسەۋىي بىلەن كۆڭۈل تەختلىرىدىن ئورۇن ئالغان، دەدە قورقۇت بىلەن شەجەرىسى تۇرغۇزۇلغان، نەسرىددىن ئەپەندىم بىلەن كۈلدۈرۈلگەن؛ يۇنۇس ئەمرە بىلەن ھەقىقەتنى تاپقان، ئەلىشىر ناۋايى بىلەن دېڭىزدا ئۈزگەن؛ فۇزۇلى بىلەن چۆللەرگە كىرگەن؛ كۆرئوغلى بىلەن ھاياجانلانغان،  مەختۇمقۇلى بىلەن تاشقان؛ ئاباي بىلەن چوڭقۇرلاشقان، ئاكىف بىلەن تاكامۇللاشقان، يەھيا كەمال بىلەن سېغىنىش ئىچىگە كىرگەن، چولپان بىلەن پارلىغان؛ شەھيار بىلەن ئەسكە ئېلىنغان، جىڭگىز داغجى بىلەن يىغلىغان ۋە چىنگىز ئايتماتوۋ بىلەن ياڭرىغان ... دۇر.

       ھەر بىر تۈرك شائىرى، ھەر بىر تۈرك يازغۇچىسى تۈركنى، تۈركلۈكنى، تۈركنىڭ دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تۇيغۇ ۋە پىكىر چىنارلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىياتىمىزنىڭ يۈكسەك بەدىئىيلىكلىرىنى نامايان قىلىپ بەرگەنلەر، كەلگۈسىدىكى يېڭى ھاياتلىرىمىزنى تەييارلىغانلار، گۈزەل كۈنلىرىمىزنىڭ نۇرىنى ئۆزىگە خاس قۇدرەتلىك قاراشلىرى بىلەن شەخس ۋە خەلقلەرنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرگەنلەر، خەلقىمىزنى يېتەكلىگەنلەر داۋاملىق تۈردە بۇ ئۆلۈمسىز تۇپراقلاردا يېتىشتى... تۈركنى چۈشىنىش تۈرك ئەدەبىياتىنى ئوقۇش بىلەن باشلىنىدۇ.

        تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى چەكسىز كەتكەن بىپايان دېڭىزغا ئوخشايدۇ. ئانادولۇ تۈرك، ئەزەرى، قازاق، ئۆزبېك، تۈركمەن، قىرغىز، تاتار، نوغاي، ئۇيغۇر، گاگاۋۇز، قاراچاي – مالكار، قۇمۇق، باشقۇرت، قارا قالپاق، ئالتاي، خاقاس، تۇۋا، ياقۇت، چاۋۇش دېگەندەك تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئەدەبىياتى ئوكيانغا قويۇلىدىغان دەريالارغا ئوخشايدۇ. ئۇلۇغۋار ئەدەبىياتلار ئۇلۇغۋار مىللەتلەرنى، ئۇلۇغۋار مىللەتلەر ئۇلۇغۋار ئەدەبىياتلارنى يارىتىدۇ. بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى ئۇنىڭ تومۇرى ھېسابلىنىدۇ. كېرەكلىك كۈچىنى ئۇ تومۇردىن ئالىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئورتاق مەدەنىي بايلىقلىرىمىزنى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئالىمىز. بۈگۈنكى، ئەتىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تومۇرى ئۆتمۈشتىكى ئەدەبىياتىمىز بىلەن باغلىقتۇر. تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتى تۈركلەرنىڭ يولىنى سىزىپ بېرىدىغان ئەدەبىياتتۇر. تۈرك ئەدەبىياتى يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تارىخقا، كەڭ كەتكەن جۇغراپىيەگە يېيىلغان ئەدەبىياتلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. خەلقلەرنى ۋە ئەدەبىياتىمىزنى تولۇق شەكىلدە تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيادىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ياۋروپاغىچە سۇزۇلىدىغان تۆت مىڭ يىللىق ئېغىز ۋە يازما ئەدەبىيات دۇنيامىزنى كېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

        تۈرك ئەدەبىياتى تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىختىكى تەرەققىيات جەريانىغا قاراپ تەرەققىي قىلغان، ئۆزگەرگەن ۋە زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن.

        خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى ئۈچ مۇھىم دەۋرىگە كۆرە تۈرك ئەدەبىياتى تارىخىمۇ ئۈچ ئاساسلىق دەۋرگە ئايرىلىدۇ.

    .......................................................................................

       ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغان چاغلىرىمىزغىچە بولغان دەۋرنى ‹ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تۈرك ئەدەبىياتى› دەپ ئاتايمىز. ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدەبىيات ‹ئىسلام دەۋرى تۈرك ئەدەبىياتى› دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ئەدەبىياتنى ئانادولۇ تۈرك ئەدەبىياتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەدەبىياتى دەپ تەتقىق قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق. ياۋروپادىكى ئىلىم ۋە پەن – تېخنىكىدا كۆرۈلگەن تەرەققىيات ئانادولۇ تۈركلىرىنىڭمۇ ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا چىققان ئەدەبىياتنى ‹غەربنىڭ تەسىرىدە راۋاجلانغان ئانادولۇ تۈرك ئەدەبىياتى› دەپ ئاتايمىز. چار رۇسىيە ۋە سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرى بىرلىكى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئەدەبىيات ‹ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك ئەدەبىياتى› دەپ ئاتىلىدۇ.

    .......................................................................................

       ئۇزۇن تارىخ بويىچە شەكىللەنگەن تۈرك دۇنياسى ئورتاق ئەدەبىياتىنى، تۈركلەرنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە تۈركلەرنىڭ يازما ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ كاتېگورىيە ئاستىدا تونۇشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. قەدىمكى دەۋرلەردە ئوخشاش زېمىندا، كېيىنكى چاغلاردا پەرقلىق يەرلەردە ياشىغان ھەر خىل تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ باي ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئورتاق تەرەپلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا غەيرەت قىلىمىز. يازما ئەدەبىياتتا بولسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ بەزى ئەدەبىي ئەسەر ۋە سىمالىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. قىسقىسى، رەڭدار ۋە باي ئەدەبىياتىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقىش   ئوتتۇرىمىزدىكى سۆيگۈ - ھۆرمەت  رىشتىلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. كەڭ جۇغراپىيەگە يېيىلغان خەلقلەرنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆز ئارا يېقىنلىشىشلىرىنىڭ ئەڭ ئەمەلىي يوللىرىنىڭ بىرى ئورتاق ئەسەرلەردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى بېسىپ ئۆتىدۇ.

     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.