ھەقىقەت بىلەن خاتالىق

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-03-24 13:54:09

ھەقىقەت بىلەن خاتالىقئالدىراش كىتىۋاتقان بىر ئادەم (يۇلۇچى) سىرلىق بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ ئىشىكنى قېقىپتۇ . ھايال بولمايلا ئۆينىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىپتۇ :-كىمنى ئىزدەيسىز ؟-ھەقىقەتن...

    ھەقىقەت بىلەن خاتالىق
     



    ئالدىراش كىتىۋاتقان بىر ئادەم (يۇلۇچى) سىرلىق بىر ئىشىكنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاپ ئىشىكنى قېقىپتۇ . ھايال بولمايلا ئۆينىڭ ئىچىدىن بىرسى چىقىپتۇ :

    -كىمنى  ئىزدەيسىز ؟

    -ھەقىقەتنى ئىزدەيتتىم .

    -سىز خاتا كىلىپ قاپسىز ، مەن دىگەن خاتالىق ،—ھېلىقى كىشى شۇنداق دەپلا ئىشىكنى "گۈپپىدە" قىلىپ يېپىۋاپتۇ .

    يۇلۇچى يەنە داۋاملىق ئىزدەشكە مەجبۇر بوپتۇ . ئۇ ئۇزۇن يوللارنى يۈرۈپ ، تاغ-دەريالارنى كېزىپتۇ . لېكىن ھەقىقەتنى زادىلا تاپالماپتۇ . ئاخىرى ئۇ "ھەقىقەت بىلەن خاتالىق ئۆز-ئارا رەقىپلەر ، خاتالىق ھەقىقەتنىڭ نەدىلىكىنى چۇقۇم بىلىدۇ" دەپ ئويلاپتۇ-دە ، دەرھال ئارقىسىغا يېنىپ ، يەنە خاتالىقنىڭ قېشىغا بېرىپتۇ .

    -مەنمۇ دەل ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتاتتىم ،- خاتالىق ئىشىكنى يەنە يېپىۋاپتۇ .

    يۇلۇچى نىيىتىدىن زادىلا يانماپتۇ . ئۇ ئايلىنىپ –ئايلىنىپ يەنە خاتالىقنىڭ قېشىغا كىلىپ قاپتۇ . لېكىن خاتالىق زادىلا ئۇچۇق چىراي ئاچماپتۇ .

    ئىشىكنىڭ توختىماي قېقىلىشىدىن خاتالىقنىڭ قوشنىسى ئويغىنىپ كەتكەن ئىكەن . يۇلۇچى ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا خاتالىقنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يۈرگەندە ، ئىشىك ئېچىلغان ئاۋاز ئاڭلىنپتۇ . يۇلۇچى قايرىلىپ قارىسا ، ھەقىقەت تۇرغۇدەك!!

    ھەقىقەت –خاتالىقنىڭ قوشنىسى . كىشىلەر ھەقىقەتنى خاتالىقنىڭ ئىشىكىنى نۇرغۇن قېتىم ئۇرغاندىلا تاپالايدۇ .

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ھەقىقەت خاتالىق