پەرھاد -شېرىن داستانى داۋامى

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-14 19:54:03

خاقاننىڭ پەرھادقا ئاتاپ ھەشىمەتلىك تۆت ئوردا بىنا قىلدۇرغىنىپەرھاد دەردىگە قىلشقا دەرمان،بىر يۈرۈش پىلان تۈزدىلەر خاقان.بىر يىل بۆلۈنگەي چاھار پەسلىگە،ئوغلۇم يەتكۈزەي يار ۋەسلىگە.تۆت پەسىلگ...

     



    خاقاننىڭ پەرھادقا ئاتاپ ھەشىمەتلىك تۆت  ئوردا  بىنا قىلدۇرغىنى

     

    پەرھاد دەردىگە قىلشقا دەرمان،

    بىر يۈرۈش پىلان تۈزدىلەر خاقان.

     

    بىر يىل بۆلۈنگەي چاھار پەسلىگە،

    ئوغلۇم يەتكۈزەي يار ۋەسلىگە.

     

    تۆت پەسىلگە باپ تۆت قەسىىر قىلاي،

    ھەر بىر پەسىلگە لايىق بىر ساراي.

     

    ھەر بىر قەسىرنىڭ تورۇس-تاملىرى،

    ئىچىدىغان مەي-قاچا جاملىرى.

     

    سازچى،كېنىزەك،ساقى،خىمەتچى،

    غەزەلخانلار،گەپچى،ئۈلپەتچى.

     

    ھەر بىر پەسىلنىڭ مەزھىرى بولسۇن،

    خاس شۇ ۋاقىتنىڭ مەنزىرى بولسۇن.

     

    ئەتىياز،باھار،ياز پەسلى گۈلزار،

    كۇزدە سارغىيىپ قىشتا چۈشكەي قار.

     

    بىرىنچى ئوردا مەۋسۇمى باھار،

    باھار پھسلىنى قىلايلى ئىزھار.

     

    ھەممىدىن ياپ-يېشىل باھار قىزىدەك،

    يېشىل گىلەملەر يايغان يېزىدەك.

     

    خىزىر قەدىمى يەتكەندەك بولسۇن،

    زەھەرلىك يەللەر كەتكەندەك بولسۇن.

     

    كۆللەردە ئاق قۇ،ئېقىنلاردا غاز،

    باغلاردا بۇلبۇل چېلىپ تۇرسۇن ساز.

     

    ئىككىنى ئوردا يانا شاھانە،

    گۈللەر ئېچىلسۇن يازدىن نىشانە.

     

    ھەممە ياپ-يېشىل ھاۋارەڭ بولسۇن،

    يېقۇت،زۇمرەت،جاۋاھىر تولسۇن.

     

    ھەممە گۈلرەڭدە چېچەكلەر ئاچقاي،

    خىل تۈردە لىچەكلەر ئارتقاي.

    گۈللەر بەرگىدەك قەدەھلەر بولغاي،

    ئىچى شۇ رەڭلىك مەي بىلەن تولغاي.

     

    گۈلرەڭدە بولغاي ھەممە سايمانلار،

    يازنى ئەكىس ئەتسۇن ئوردا ئايۋانلار.

     

    ئۈچنچى ئوردا كۈزنىڭ مىسالى،

    ساپسېرىق بولسۇن شاراپ،قىيامى.

     

    دوۋرانلار سۇرگەي ئالتۇن پىيالە،

    زەپىران گۈللەر ھەم سېرىق لالە.

     

    سەندەل ياغاچتىن ئورۇندۇق قىلىپ،

    زەر باپ بىساتتىن پايانداز سېلىپ.

     

    ئوردىنىڭ تورۇس-تامۇ-خىشلىرى،

    زەر ھەلدەك بولسۇن ھەممە ئىشلىرى.

     

    سارغىيىپ كەتسۇن قىزىل گۈللىرى،

    سايرىسۇن سازچى شوخ بۇلبۇللىرى.

     

    تۆتىنچى ئوردا ئوخشىسۇن قىشقا،

    ئاپئاقلا بولسۇن يېڭى ۋك كونا.

     

    كۈمۈش كۇرسىلەر بولسۇن جابىجا،

    شېرىن مىۋە مھي بولسۇن مۇسەپپا.

     

    كاپۇر سېپىلسۇن قارنى ئەكىس ئېتىپ،

    دەريالاردا مۇز بارنى ئەسلىتىپ.

     

    كۈل-لالە،بەرنا بىزدە بار سەنئەت،

    زوھۇرغا كەلسۇن بارلىق تەبىئەت.

     

    كېلىپ ھەر جايدىن قابىل سەنئەتكار،

    باغ بىنا قىلسۇن ھەر خىل چىمەنزار.

     

    بۇ پىلاننى خان ئويلىغان ھامان،

    مۈلكئاراغا ئەيلىدى بايان.

     

    بۇ ۋەزىر خانغا  ئوقۇپ ئاپرىن،

    -ئورۇنداي!..-دېدى بۇنىڭ بارلىقىن.

     

    ئۇ،چىقىپ دەرھال كىرىشتى ئىشقا،

    نەچچە مىڭ ئادەم لاي بىلەن خىشقا.

    تاغلاردىن تاشنى كەلتۇردى تاشچى،

    باغلاردىن ياغاچ كەستى ياغاشچى.

     

    ئۇستىلار ياساپ تۆمۇردىن چەمبەر،

    گۈلزارغا چېچىپ ئىپارۇ-ئەنبەر.

     

    تەختى-مۇنارى،ئاسمان باراۋەر،

    غايەت،باھەيۋەت قىلدى ساراسەر.

     

    پۈتتى ئوردىنىڭ ساراي قەسىرى،

    پەشتاق راۋاقى تامۇ-خىشلىرى.

     

    پەردازچى كەلدى تامنى ئاقلاشقا،

    مانى كىرىشتى نەقىش باغلاشقا.

     

    ئورمانغا ئاتلار،دەرياغا بېلىق،

    جاڭگالغا توشقان،چۆللەرگە ئېيىق.

     

    جىراغا كىيىك،يايلاقلارغا قوي،

    بىر جايدا قايغۇ،بىر جايدا قوش توي.

     

    يەنى دۇنيانىڭ ھەممە مەنزىرىن،

    گەۋدىلەندۈردى سىزىپ بىر-بىردىن.

     

    تاشنى موم كەبى كەستىلەر قارۇن،

    خاس شەكىل ياساپ بەردىلەر ئورۇن.

     

    ھەر بىر ئورۇنغا لايىق بىر ھەيكەل،

    ياساپ تاشلاردىن قىلدى مۇئەككەل.

     

    كۆرسەڭ ئۇلارنى ھايات كۆزلەيسەن،

    چۆچەكلەردىكى جىننى ئەسلەيسەن.

     

    تەڭرىدىن بۇ بىر بەندىگە مىننەت،

    چۇنكى ئۈچ ئايدا پۈتتى بۇ جەننەت.

     

    بۇ بىر جەننەتتۇر دۇنيادا بولغان،

    ئاجايىپ سۇپەت ھېكمەتكە تولغان.

     

    بىر-بىر سۈپىتىن تەرىپ قىلىشقا،

    ئاجىزدۇر قەلەم سىزىپ-يېزىشقا.

     

     

     

    پەرھادنىڭ رەسساملىق ھەم تاش كېسىش  سەنئىتىنى ئۆگنىشى

     

     

    شۇنداق سىاياھەت قىلىشتا داۋام،

    سەنئەتتىن چۈشتى كۆڭلىگە ئىلھام.

     

    مانىنى كۆردى كۆڭلى ئېچىلدى،

    خۇددى سەدەپتىن دۈرلەن چېچىلدى.

     

    دېدى مانىغا :نە ياخشى ھۈنەر،

    قايسى يول بىلەن كىشى ئۆگىنەر...

     

    قانداق ئۇسۇلدا ياسالغان  بوياق،

    بۇ خىل ھۈنەرگە بولىدۇ ياراق.

     

    جان دىلىم بىلەن ئىشەندىم ساڭا،

    ئۆگەتكىن-دېدى،-بۇ ئىشنى ماڭا.

     

    مانى ئشىتكەچ بۇنداق سوئالنى ،

    يوشۇرالمىدى ھېچبىر خىيالنى.

     

    پەرھاد تەلىپىن ئاڭلىغىن ھامان،

    بۇ ئىش سىرىنى ئەيلىدى بايان.

     

    پەرھادمۇ شۇ دەم ئىشقا كىرىشتى،

    چەكتى مۇشەققەت،بەكمۇ تىرىشتى.

     

    بىر قولدا قەلەم،بىر قولدا جەدۋەل،

    ھەر بىر رەسىمنى ئۆلچەپ مۇكەممەل.

     

    ھەر بىر رەسىمگە تۇتۇپ ماسىشتاپ،

    سورايتتى پەرھاد مانىغا قاراپ:

     

    -بارمۇ دۇنيادا سەنئەتتەك مەرغۇپ؟!

    كۆڭلۇمگە ياققان جېنىما مەھبۇپ؟!..

     

    سىزىقنى قەلەم تەۋرىتىش ئۈچۈن،

    جانسىن گەۋدىلەر يارىتىش ئۈچۈن.

     

    ئۆگەندى پەرھاد ئىشنىڭ يولىنى،

    رەسسامچىلىقنىڭ ئوڭ ۋە سولىنى .

     

    سانىغا قىلدى سانسىز ئىلتىپات،

    ئۆگەتكەچكە ئۇ قىلماي ئېھتىيات.

    يەنە سەيلىسىن قىلدى ئۇ داۋام،

    ھەر كىمگە لايىق قىلىپ بىر كالام.

     

    يۈردىلەر يەنە بۇ يەردىن كېتىپ،

    چۈشتى نەزىرى قارۇنغا يېتىپ.

     

    كۆردى قارۇننڭ تاش كېسىشى،

    تاشتىن جېنى يوق تەن ياسىشى.

     

    قانداق سېھرى بۇ،قانداق مۆجىزە،

    ئۆگەتكەنمۇ ئەر،ياكى ئاجىزە؟!

     

    ياكى ئاسماندىن تەلىم بولدىمۇ؟1

    قۇياش نۇرىدىن قەلبىڭ تولدىمۇ؟!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.