ھالاكەت گىردابىدا

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-16 14:47:31

ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇچۇرلارئاچىتا، مەن تاشقى پلانېتدىكى بۇ ئۆيدە تۇرۇپ كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق ئېتەلمىسەممۇ، مېنىڭ ھەربىر تېنىقىمدا ھەمنەپەس بولۇپ ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتنى «ب...

    ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى ئۇچۇرلار

     

     

    ئاچىتا، مەن تاشقى پلانېتدىكى بۇ ئۆيدە تۇرۇپ كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق ئېتەلمىسەممۇ، مېنىڭ ھەربىر تېنىقىمدا ھەمنەپەس بولۇپ ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقان ھازىرقى ۋاقىتنى «بۈگۈن» دەپ ئاتاپ تۇراي.

     

    بۈگۈن يېشىل كۆزلۈك ئىشىكباقار دوستۇم ماڭا تاماق ئېلىپ كىردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ مېنىڭ ناشتىلىقىم ئىكەن. مانا شۇنىڭدىن بۈگۈننىڭ يېڭى بىر كۈن باشلانغان ئەتىگەن ۋاقتى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەن ئۇ ئەكىرگەن ناشتىلىققا ئېغىز تەگكەچ، ئۇنىڭغا ۋاقىت «تونىلى ھەققىدە» گەپ ئاچتىم. ئۇ كۆزلىرىنى يوغان ئاچقان ھالدا:

    —سېنىڭ بىلىدىغانلىرىڭ ئاز ئەمەسكەن جۇمۇ،—دېگىنىچە ئورۇندۇقىنى مېنىڭ يېنىمغىراق سۈرۈپ ئولتۇردى-دە، باشقىچە قىزىقىش بىلەن سورىدى،— ۋاقىت تونىلى ھەققىدە قانداق چۈشىنىسەن؟

     

    —ۋاقىت تونېلى 20-ئەسىردىكى ئالىملارنىڭ قىزىق مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلانغانىدى. 21-ئەسىرگە كەلگەندە، «ۋاقىت تونېلى»دىن ئىبارەت بۇ سىر يېشىلىپ، تەبىئەت دۇنياسىدا شۇنداق بىر مۇقەددەس كۈچ تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «ۋاقىت تونېلى» دەيدىغان كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان بىر ھادىسىنىڭ مەۋخۇتلۇقى ئىسپاتلاپ چىقىلدى. مەسىلەن، بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى مېنىڭ بىر دوستۇم يۇرتىمىزدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ساياھەت رايونىغا دەم ئېلىشقا بارغان كۈننىڭ ئەتىسى ئۆزى يالغۇز ئورمانلىقنى سەيلە قىلىپ يۈرگىنىدە، تۇيۇقسىزلا چاڭ-توزانلىق كۈچلۈك بوران چىقىپ ئۇنى كۆز ئاچقۇزمىغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇ ئۆزىنى يېنىك تەۋرەۋاتقاندەك ھېس قىلغانيۇ، ئەمما كۆزىنى پەقەتلا ئاچالمىغان ھەم ئۇزاق ئۆتمەي«ھوشىدىن كېتىپ قالغان». ئۇ ئەتىسى ھوشىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل، ئەمما ناتونۇش بىر شەھەردە تۇرغانلىقىنى كۆرگەن. كېيىن بىلسە، بۇ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرى ئىكەن. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئالىملار بۇ سىرنى دەلىللەپ مۇنداق يەكۈن چىقاردى:ئۇ يىگىت ۋاقىت تونېلى ئىچىگە كىرىپ قالغان بولۇپ، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆزىنى نيۇيوركتا كۆرگەن. ھەرقانداق بىر جىسىم ۋاقىت تونېلىغا دۇچ كەلسە، كۆزنى يومۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتىمۇ ۋاقىت تېزلىكى بىلەن تەڭ يۈرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ئەمما، ئۇ پەقەت ماكان پەرقىنىلا ھېس قىلالايدۇكى، زامان پەرقىنى ھېس قىلالمايدۇ...بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللار خېلى كۆپ، دوستۇم. لېكىن مەن ۋاقىت تونېلى ھەققىدە بۇنىڭدىن كۆپ مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمەن. ئەگەر ئەيبكە بۇيرۇمىساڭ، سەندىن بىر مەسلىنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، ۋاقىت تونېلى ھادىسىسىدە ۋاقىتنى ئارقىغا سۈرۈپ، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەردىنمۇ خەۋەردار بولغىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە، سىلەرنى چوقۇم بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە دەپ قارايمەن.

     

     

    —قارىشىڭ توغرا،—دېدى ئۇ گېپىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن،—بۇ گەپچە سەن ئۆتمۈشتىن بىرەر ئارىيە كۆرۈش ئۈمىدىدە ئوخشىمامسەن؟

     

    —ئەقلىڭگە ئاپىرىن، دوستۇم. بىلىشكە مۇمكىن بولسا بىلمەكچىمەن، كۆرۈشكە مۇمكىن بولسا كۆرمەكچىمەن. قېنى بىر كارامىتىڭنى كۆرسىتىپ، مېنى تېزرەك قانائەتلەندۈرسەڭچۇ؟! —دېدىم ئۇنىڭ جاۋبىدىن ھاياجانلىنىپ.

     

    ئىشىكباقار دوستۇم گەپ-سۆز قىلمايلا ھېلىقى كۆپ ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ ئالدىغا باردى-دە، ئۇنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قويۇپ، يان تەرەپتە تۇرغان كومپيۇتېرنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىغا ئوخشايدىغان كۆپ كۇنۇپكىلىق تاختىنىڭ بىر قانچە كۇنۇپكىسىنى تاق-تاق قىلىپ باستى ۋە تېلېۋىزور ئېكرانىغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن قاراپ تۇردى. بىر سېكۇنت ئۆتە-ئۆتمەيلا ئېكراندا شاۋ-شۇۋ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ بىردە ئۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان دېڭىز دولقۇنىغا، بىردە دەھشەتلىك پىرقىرىما ھالەتتىكى قۇيۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئالا-بۇلىماچ رەڭلىك غەلىتە كۆرۈنۈش ھاسىل بولۇپ، ئاندىن ھېلىقى قۇيۇنسىمان پىرقىرىما شەكىل بارا-بارا يىراقلىشىشقا باشلىدى.

     

     

    —سەن ئۆتمۈشتىن نېمىنى كۆرمەكچى؟—دېدى دوستۇم ئىكراندىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ.

     

    —بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈشنى، بۇ يەرگە مەن بىلەن بۇ يەرگە بىللە كەلگەن ھېلىقى قىزنىڭ قىزنىڭ ياشىغان دەۋرىنى كۆرمەكچىمەن،—دېدىم مەقسىتىمنى ئوچۇق ئېيتىپ.

     

    ئۇ ھېلىقى كۇنۇپكا تاختىسىنىڭ يۇقىرى تەرەپ بۇلۇڭىغا ئورۇنلاشقان بىر يېشىل رەڭلىك چوڭراق كونۇپكىنى بېسىپ قويۇپ، تېلېۋىزورغا ئۇدۇل قاراپ بۇيرۇق قىلدى:

    —يەرشارىغا، يەرشارىغا، بۇنىڭدىن ئۈچ مىڭ يىل بۇرۇنقى دەۋرگە قايت!

     

    يەنە بىر سېكونتقىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تېلېۋىزور ئىچىدىكى ھېلىقى قويۇنسىمان كۆرۈنۈش تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە كىچىكلەپ، ئاخىرى بىر چېكىتكە ئايلاندى-دە، كۆز ئالدىمىزدىن غايىپ بولدى. ئاندىن تېلېۋىزور ئېكرانىدا گويا ئەرەب قۇملۇقلىرىغا ئوخشايدىغان چەكسىز كەتكەن قۇملۇق دۇنياسى زاھىر بولۇپ، قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر بوستانلىق نامايەن بولدى. بوستانلىق ئارا نۇرغۇن ئادەم قىمىرلىشىپ، يۈرەتتى. ئۇلار باشلىرىغا سىدام، كېزەكسىز، تالالىق بۆك؛ ئۇچىسىغا قوي يۇڭى توقۇلمىلىرىدىن، پاختا-تۇڭ ئارىلاش توقۇلمىلاردىن ۋە يىپەك توقۇلمىلاردىن يەكتەك كىيىپ، بېلىگە پوتا باغلىۋىلىشقانىدى. پۇتلىرىغا ساپلا كۆندىن تېكىلگەن ئۆتۈك، ئاياغلارنى كىيىۋالغانىدى.

     

    كۆرۈنۈش سەكرەتمە ھالەتتە يېڭىلىنىپ بارماقتا. ئېكراندا بىردىنلا قېلىن ئورمانلىقلار، توغراقلىقلار، تاغلار نامايەن بولۇپ، نۇرغۇنلىغان ئاتلىق، پىيادە ئادەملەر ئاشۇ تاغ-ئورمانلاردا ئوۋچىلىق قىلماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تاياق-توقماق، ئىلمەك، ياغاچ نەيزە، ئوق يا قاتارلىق ئىپتىدائىي ئوۋ قۇراللىرى بىلەن يولۋاس، شىر، بۇغا، جەرەن، تۈلكە، بۆرە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىسا...

     

    مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن شۇ مەزگىلگە بارغاندا يەر شارىدا نوپوسنىڭ ھەددى-ھىساپسىز كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.كۆرۈنۈش يەنە لىپ قىلىپ ئالمىشىشى بىلەنلا، ھېس قىلغىنىم ئىسپاتلاندى؛ ئاشۇ سان-ساناقسىز ئادەملەر ھەر خىل دىڭىز يۇسۇنلىرى، دىڭىز چۆپلىرى، دەرەخ يۇپۇرماقلىرى، تۈرلۈك ھاشارەتلەر ۋە گىياھلارنىڭ غوللىرىنى تالىشىپ يىمەكتە ئىدى. مەن بۇ كۆرۈنۈشتىكى ھالەتتىن قاتتىق چۈچۈپ كەتتىم ۋە يىنىمدا ئولتۇرغان دۇستۇمغا كۆزۈمنىڭ قىرىدا قاراپ قويدۇم. ئۇ ھىچ ئىش تەسىر قىلمىغاندەك ئىپادىسىز بىر ھالەتتە ئولتۇراتتى. مەن بۇ ئىشلارنىڭ 2400-يىلدىن 2500-يىلغىچە بولغان .ئارىلىقتا يۈز بەرگۈسى ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم. بۇنىڭ بىلەن مىڭەمدە شۇ چاغدىكى ئەۋلادلارغا بولغان ئەندىشە پەيدا بۇلۇپ، ئىچىمنى نىمىدۇر بىر نەرسە تاتلىغاندەك ئارامسىزلىنىپ كەتتىم. شۇ چاغقا بارغاندا يەر شارى راستىنلا ئىنسانلارنى باقالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالارمۇ-ھە!... مۇھىمى يەنىلا نوپۇس، نوپۇس...

     

         يىڭىدىن باشلانغان كۆرۈنۈش خىيالىمنى چالغىتىپ تاشلىدى. بۇ ، بىر بۈلۈك ئادەملەر ئالەم كىمىلىرىگە ئولتۇرۇپ تاشقى پلانىتلارغا بېرىپ ئولتۇراقلاشماقتا، يەنە نۇرغۇن-نۇرغۇن ئادەملەر دىڭىز ئاستى شەھەرلىرىگە كۆچۈپ ئولتۇراقلاشماقتا ئىدى. بۇنىڭ 2500-يىلدىكى ئىشلار ئىكەنلىكى ئېكراندىكى كىشىلەر كۆتۈرۋالغان قانداقتۇر ئېلان تاختىلىرىدىكى يىلنامىلەردىن مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇراتتى.

     

     

          كۆرۈنۈش يەنە ئالماشتى. ئالەمدىكى بىر قانچە پلانىتلارنى ئىگلىگەن يەر شارىلىقلار ئەمدى سامانيولى سىستىمىسىغا تۈركۈملەپ يۆتكەلمەكتە ياكى يەر شارىدىن يەنىمۇ كۆپلەپ كۈچۈپ كەلمەكتە ئىدى... بىر چاغدا قىسقا كۆرۈنۈش ئالمىشىپ، ئېكراندا سامانيولى سىستىمىسىدىكى باشقا بىر خىل يەرلىك ئىنسانلار بىلەن يەر شارىلىق ئىنسانلارنىڭ قاتتىق جەڭ قىلىشۋاتقىنى نامايان بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزىلىرىنىڭ ھەر خىل تىپتىكى ئالەم كۈرەشچى ئايرۇپىلانلىرى، ئالەم تانكىسى، يىڭى تىپتىكى لازىرلىق قىرغۇچى قۇراللار، يادرو قۇراللىرى...قاتارلىقلارنى ئىشقا سىلىپ شۇنداق ۋەھشىيانە ئېلىشىشقا چۈشۈپ كەتتى، پۈتكۈل سامانيولى سېستىمىسى ئوق-دورا، چڭ-توزان، ئىس-تۈتەك،زىيانلىق رادىئاكتىپ نۇرلار بىلەن تولۇپ، سامانيولى سىستىمىسىنىڭ يۈزى قانغا بۇيۇلۇپ كەتتى .بۇ 2500-يىلدىن 2600-يىلغىچە ئارىلىقتىكى بولغۇسى پاجىئەلەر ئىكەنلىكى ئېكراندىكى يىلنامىدىن ئايان بولدى،

     

         مەن ئۆزۈمنى خۇددى ئاشۇ دەھشەتلىك ئۇرۇش ئوتى ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ سەسكىنىپ كەتتىم. دەل شۇ چاغدا كۆرۈنۈش يەنە ئالمىشىپ، ئېكراندا «2600-يىلدىن 2700-يىلغىچە» دىگەن سانلىق مەلۇمات كۆرۈندى. ئارقىدىنلا قوش كۆرۈنۈش ھاسىل بۇلۇپ،بىرىنچى كۆرۈنۈشتە، كۆپ سانلىق .ئىنسانلارنىڭ ئاسمان جىسىملىرىغا كۈچۈپ كىلىۋالغانلىقى، 2-كۆرۈنۈشتە بولسا يەر شارى كۆرۈنۈپ، بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئادەملەرنىڭ ئازىيىپ قالغانلىقى ۋە 2700- 2800 –يىللىرى دىگەن رەقەم كۆرۈندى،

     

     

    كۆرۈنۈش يەنە تېزلا ئالمىشىپ، يەر شارىدىكى ئادەملەرنىڭ ئەمدىلىكتە ئىنتايىن تىنىچ،بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان كۆرۈنۈشى ئاستا سۈرئەتتە كۆرسىتىلدى. ئېنىقكى، بۇ 2800-يىلدىن 2900-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى بولغۇسى .ئىشلار ئىدى.

     

          كۆرۈنۈش يدنە ئالمىشىش بىلەن تەڭ، 2900-، 3000-يىللىرى دىگەن رەقەم لاپ قىلىپ بىرلا كۆرۈنۈپ، باشقا كۆرۈنۈش زاھىر بولۇشقا باشلىدى. قارىسام، يەر شارىدىكى ئادەملەر شەھەر-دالىلاردا ئۇياقتىن-بۇياققا توختىماي مىڭىشىپ، نىمىدۇر بىر ئىشلارنى قىلىپ  يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتىدە ھازىرقىلارغا ئوخشىمايدىغان قانداقتۇر قىسمەن ئۆزگىرىشلەر باردەك كۆرۈنەتتى، ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ئومۇميۈزلۈك دېگۈدەك ئىككى مىتىردىن ئىگىزرەك كۆرۈنەتتى. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى، روھىي ھالىتىدىن قارىغاندا، ھازىرقى ئىنسانلاردىنمۇ بەكرەك «لايغەزەللىشىپ» كەتكەندەك كۆرۈنەتتى...

     

    «تارس» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ تېلىۋىزور ئېكرانى ئاپتۇماتىك ئۈچۈپ قالدى. مەن شۇئان ئىشىكباقار دۇستۇمغا سۇئال نەزىرىدە قارىدىم، ئۇمۇ ماڭا پەرۋاسىزلا قاراپ قويغاندىن كىيىن دېدى؛

    -تۈگىدى، كەلگۈسىدىكى 10ئەسىرلىك ئىشنى كۆرۈپ بولدۇڭ.

     

    -كەلگۈسىدە يەر شارى ھەم ئىنسانىيەتتە راستىنلا شۇنداق زور تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر بولارمۇ؟-دەپ سورىدىم.

     

     

    -سەن كومپيوتىر، تېلۋىزور دەپ ئاتاۋاتقان بىزنىڭ بۇ نەرسىمىز،-دەپ قولى بىلەن ئالدىمدىكى تېلىۋىزورنى ئىشارە قىلىپ تۇرۇپ دېدى ئۇ، -بىز خىلى بۇرۇنلا كەشىپ قىلغان كۆپ قۇرۇلمىلىق، كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ئانالىزىملىق جاھان ئەينىكى دىيىلىدۇ. ئۇ ھەر قانداق ئىشنى بىزدىنمۇ توغرا تەھلىل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇڭا، بىز ئىشىنىمىزكى، يەر شارى كەلگۈسىدە چۇقۇم بايا بىز كۆرگەندەك ئەھۋاللارغا دۇچار بۇلىدۇ، يەر شارى ئادەملىرىمۇ ھەم شۇنداق. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يەنىلا سىلەر يەر شارىلىقلار كەلتۈرۈپ چىقىرىسىلەر.

     

    مەن خىلى بىر ۋاقىتقىچە تىرەن خىياللار قاينىمىغا چۆككىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم... بىر چاغدا بىشىمنى كۆتۈرسەم، ئىشىكباقار دۇستۇم يىنىمدا كۆرۈنمىدى، ئۇ ئۆيدىن ئۈن-تۈنسىز چىقىپ كەتكەنىدى. مەن ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئېغىرلىشىپ كەتكەن بەدىنىمنى يەڭگىللىتىپ، قانلىرىمنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن قىسقا ۋاقىت تەنھەرىكەت ئوينىدىم-دە، كارۋىتىمغا كىلىپ سوزۇلدۇم. يىتىشىم بىلەنلا ئىختىيارسىز شۇنداق شېرىن ئويقا بىسىپ، كۆزلىرىم يۇمۇلدى...

     

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.