يىراقتا كۆرۈنگەن ئاشۇ چىراغ نۇرى

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-11 10:37:54

يىراقتا كۆرۈنگەن ئاشۇ چىراغ نۇرى(مۇنارجان تەرجىمىسى) نۇرغۇن ئادەملەر(بولۇپمۇ ياشلار) ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىستىقبال قاراڭغۇ نەرسە. كىشىلىك ھايات تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونامدۇ، ب...



    يىراقتا كۆرۈنگەن ئاشۇ چىراغ نۇرى

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      نۇرغۇن ئادەملەر(بولۇپمۇ ياشلار) ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىستىقبال قاراڭغۇ نەرسە. كىشىلىك ھايات تولىمۇ ئۆزگىرىشچان، بېشىڭغا بەخىت قۇشى قونامدۇ، بەخىتسىزلىك ھېڭىدىن غۇلامسەن، بۇنىڭغا ئالدىن بىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ؛ لېكىن بىر نۇقتىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ، يەنى ئادەمدە تۇيۇقسىز كەلگەن قاراڭغۇ تۈتەكلەرگە تاقابىل تۇرىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك. ھايات يولىمىزنىڭ مەڭگۈ داغدام بولۇشىغا ھېچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ؛ چاتقاللىق ئىچىدە زەھەرلىك يىلان ياكى يىرتقۇچ ھايۋان يۇشۇرۇنۇپ ياتقان-ياتمىغانلىقىغا ھىچكىم ئالدىن بىر نېمە دېيەلمەيدۇ؛ تەقدىرنىڭ يازمىشى قانداق ئىكەنلىكىنى ھېچكىم كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ؛ «ئاخىر زامان» نىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ھېسابلاپ چىقالمايدۇ.

      تاشقى دۇنيانى كونترول قىلغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولىدۇ. سەن بەلكىم تەقدىرنىڭ قايسى ئايلانمىدا سۆرۈلۈپ يىقىلىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكىڭ مۇمكىن، لېكىن بىز شۇنى ئېنىق بىلىمىز، بىز ھەرقانچە قاتتىق يىقىلىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئورنىمىزدىن تۇرۇشىمىز كېرەك.

      بىر كېمە دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قاتتىق بوران چىقىپ كىتىپتۇ، كېمە دەھشەتلىك دولقۇنلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي چۆكۈپ كېتىپتۇ، كېمىدىكى ئادەملەر ئاساسەن ھالاك بوپتۇ. كېمىدىكى بىر ئادەم قۇتۇلدۇرۇش كارتېرىغا چىقىۋالغاچقا، بەخىتلىك ھالدا بۇ ھالاكەتتىن ئامان قاپتۇ.ئۇ چىقىۋالغان كارتېر دېڭىز دولقۇنىدا خۇددى يوپۇرماقتەك بىردە ئۇياققا، بىردە بۇياققا ئېقىپ لەيلەپ يۈرۈپتۇ.ئۇ ئادەم نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ، قۇتۇلدۇرغۇچىلارمۇ ئۇنى تاپالماپتۇ. ئاستا-ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلاپتۇ، ئاچلىق، سوغۇق ۋە ۋەھىمە ئۇنى ئورىۋاپتۇ. لېكىن ئۇنىڭدا كارتېردىن باشقا ھىچ نەرسە يوق ئىكەن، ئۇ چەكسىز ئۈمىدسىزلىنىپتۇ.

      ئۇ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۇپۇققا قاراپتۇ، تۇيۇقسىز يىراقتا غۇۋا چىراغ نۇرىنى كۆرۈپتۇ. ئۇ خۇشاللىقىدىن ۋارقىرىۋېتىپتۇ ۋە ئاشۇ چىراغ تەرەپكە قاراپ كۈچ بىلەن ئىلگىرلەپتۇ.لېكىن، ئۇ چىراغ ناھايىتىمۇ يىراقتا بولسا كېرەك، تاڭ يورۇغىچە مېڭىپمۇ ئۇ يەرگە يىتەلمەپتۇ. ئۇ ھەرقانچە تەسكە توختىسىمۇ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەۋېرىپتۇ. كۆڭلىدە بولسا، ئۇ يەردە چىراغ يورۇقى بار ئىكەن، چوقۇم يا بىرەر شەھەر، يا بىرەر پورت بار دەپ ئويلاپتۇ. ھاياتلىق ئۈمىدى ئۇنىڭ يۈرىكىدە يالقۇنجاپتۇ. ئۇ چىراغ يورۇقى كۈندۈزى كۆرۈنمەيدىكەن، پەقەت كېچىدىلا ۋال-ۋۇل چاقناپ، خۇددى ئۇنىڭغا قول پۇلاڭلىتىۋاتقاندەك كۆرۈنىدىكەن. ئۈچ كۈن ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاچلىق ۋە ئۈمىدسىزلىك ۋە ھارغىنلىق ئۇنى ئۆلگۈدەك قىيناشقا باشلاپتۇ. ئۇنەچچە قېتىملاپ ئۆزىنى تۈگەشتىم دەپمۇ ئويلاپتۇ، لېكىن يىراقتىكى ئاشۇ چىراغ نۇرىنى ئويلىسىلا ۋۇجۇدىغا بىر مۇنچە كۈچ قۇشۇلىدىكەن. تۆتىنچى كۈنى، ئۇ يەنىلا ئاشۇ چىراغ تەرەپكە كېتىۋېتىپ،ئاخىر بىر چاغدا ھوشىدىن كېتىپتۇ. لېكىن ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئاشۇ خاسىيەتلىك چىراغ يەنىلا نۇر چېچىپ تۇرۇپتۇ. كچتە ئۇنى شۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كېمە قۇتۇلدۇرۇۋاپتۇ. ئۇ ھوشىغا كەلگەندە، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلار ئۇنىڭ ھىچنىمە يىمەي-ئىچمەي دېڭىزدا تۆت سوتكا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى بىلىپتۇ! باشقىلار ئۇنىڭدىن ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇققا قانداق قىلىپشۇنچە ئۇزۇن چىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ يىراقتىكى يورۇقنى كۆرسىتىپ:

    -ئاشۇ چىراغ يورۇقى ماڭا ئۈمىد بېغىشلاپ تۇردى،-دەپتۇ.

    كۆپچىلىك ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە ئىنچىكىلەپ قاراپتۇ، نەدىمۇ چىراغ يورۇقى بولسۇن، ئۇ ئۇپۇقتا چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار ئىدى!

      بىز ھايات سەپىرىمىزدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە قىيىنچىلىقلارغا مۇقەررەر ئۇچراپ تۇرىمىز. ۋاقىتتا، يۈرىكىمىزدە مۇستەھكەم ئېتىقاد بولۇپ، توختىماي تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا، قىيىن ئۆتكەلدىن چۇقۇم ئۆتۈپ كېتەلەيمىز. ئەگەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزۈڭنى تۈگەشتىم دەپ قارىساڭ، چۈشكۈنلۈك ئىچىدە تۈگىشىسەن، ئەگەر ئۆزۈڭگە:«چوقۇم بەرداشلىق بېرىشىم كېرەك» دەپ مەدەت بەرسەڭ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، غەلبىگە ئېرىشەلەيسەن.

      ئېتقاد روھىي دۇنيادىكى ئالاھىدە بىر خىل ئىقتىدار. ھايۋانلاردا ئېتقاد بولمايدۇ، ياۋايى ۋە مەدەنىيەتسىز ئادەملەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئېتقادتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئۇلاردا پەقەت ۋەھىمە ۋە ئارىسالدىلىقلار بار. ئوي-پىكىرى ئوچۇق، ئەقىل-ئىدراكقا ئىگە ئادەملەرلا يۈكسەك ئېتقادقا ئىگە بولىدۇ.

      ھەقىقىي مەنىدىكى ئېتقاد مەڭگۈ يېڭىلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەرقانداق توسالغۇ باش ئېگىدۇ.

      بىر يىلى ئەنگىلىيىنىڭ بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەترىتى سەھرايى كەبىرنىڭ مەلۇم رايونىغا بېرىپتۇ. ئۇلار بىپايان قۇملۇقتا تولىمۇ تەستە ئىلگىرىلىيەلەيدىكەن، كۈچلۈك ئاپتاپتا ئوتتەك قىزىپ كەتكەن قۇملار شامالدا ئۇچۇپ، ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلىدىكەن. ئۇلار ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن بولالماي قاپتۇ-ئۇلارنىڭ سۈيى تۈگەپ كەتكەن. بۇ چاغدا ئېكىپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى بىر سۇداننى چىقىرىپ:

    -مۇشۇ بىر سۇدان سۇ قالدى، لېكىن بۇنى قۇملۇقتىن چىقىشتىن بۇرۇن ئىچىشكە بولمايدۇ،-دەپتۇ.

      شۇنىڭ بىلەن، بىر سۇدان سۇ قۇملۇقتىن كېسىپ ئۆتۈش ئېتقادىنىڭ بۇلىقى، ھاياتلىقنىڭ ئۈمىدىگە ئايلىنىپتۇ. سۇدان ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ قولىدىن-قولىغا ئۆتۈپ تۇرىدىكەن، ئۇنىڭ ئوبدانلا ئېغىرلىقى ئېكىسپېدىتسىيىچىلەرنىڭ ئۈمىدسىزلىككە يۈزلەنگەن چىرايىغا قەتئىيلىك بېغىشلايدىكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى قۇملۇقتىن قەيسەرلىك بىلەن ئۈزۈپ چىقىپ، ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇپتۇ. ھەممەيلەن خۇشاللىقتىن ياش تۆكۈشۈپتۇ، ئۆزلىرىگە روھىي كۈچ ۋە ئېتقاد ئاتا قىلغان ھېلىقى سۇداننىڭ ئاغزىنى ئېچىپتۇ-ئۇنىڭدىن ئېقىپ چۈشكىنى پۈتۈنلەي قۇم بوپتۇ!

      ئەنگىلىيلىك تارىخشۇناس كارلىل نۇرغۇن يىل جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، «فرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى»ناملىق يىرىك ئەسىرىنى ئاخىرى تاماملاپتۇ. ئۇ ئەسەرنىڭ بارلىق ئورىگىنالىنى ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان ئاغىنىسى مىلغا بېرىپ، ئۇنىڭدىن كۆرۈپ چىقىپ پىكىر بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، شۇ ئارقىلىق ئەسىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرمەكچى بوپتۇ. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن مىل چىرايىدا قان يوق، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يېتىپ كەپتۇ. دۇدۇقلاپ يۈرۈپ كارلىلغا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ:«فرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى»نىڭ ئورىگىنالىنى مىلنىڭ ئائىلىسىدە تۇرۇۋاتقان خىزمەتكار قىز ئەسكى قەغەز دەپ قاراپ مەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىپتۇ، چېچىلىپ كەتكەن نەچچە ئون بەتلا قاپتۇ. كارلىل بۇ تۇيۇقسىز زەربىدىن قاتتىق ئازابلىنىپتۇ. ئەينى چاغدا ئۇ ھەربىر بەتنى يېزىپ بولغاندا، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دەسلەپكى كوپىيىنى يىرتىپ تاشلىۋەتكەنىكەن. ئۇ قان-تەر بەدىلىگە مىڭ تەستە تۈگەتكەن«فرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى»مانا مۇشۇنداق ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولغۇدەك ماتېرىيالمۇ قالدۇرماي كۈلگە ئايلىنىپتۇ.

    لېكىن كارلىل يەنىلا ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، قايتىدىن غەيرەتكە كەپتۇ. ئۇ سالماقلىق بىلەن شۇنداق دەپتۇ:

    -بۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى مەن خاتىرە دەپتىرىمنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا كۆرۈپ بېرىشكە بەرسەم، ئۇ:«بۇ يازغىنىڭ بولماپتۇ، بالام! سەن چۇقۇم بۇنىڭدىنمۇ ياخشى يازالايسەن» دېگىنىگە ئوخشايدۇ.

      شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يېڭىدىن قەغەز سېتىۋېلىپ، جاپالىق يېزىقچىلىقىنى قايتىدىن باشلىغان. بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان«فرانسىيە زور ئىنقىلابى تارىخى» كارلىلنىڭ قايتىدىن يېزىپ چىققان ئەسىرى!

      شۇنداق، بىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىمىز ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقاندا، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ساقلىنىشىمىز كېرەك؛ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بولسا، سۈكۈتكە پاتقان كائىناتتەك سالماق بولۇشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇزۇن ھايات سەپىرىدە ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئېگىز-پەسلىكلەردىن پۈتۈنلەي ساقلىنىش ھەقىقەتەن تەس. ھەرقانداق ئىشتىن بىر نەتىجە چىقسۇن، مەيلى بۇ نەتىجە ياخشى ياكى يامان بولسۇن، غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەت بولسۇن، ئامەت ئېلىپ كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇ يەنىلا يېڭى بىر باشلىنىش بولۇپ قالىدۇ.

      تەتۈر پەلەك ئېتقادنى غۇلىتىۋېتەلمىسىلا، ئۈمىد نۇرى ئۈمىدسىزلىك بۇلۇتلىرىنى چۇقۇم تارقىتىۋېتەلەيدۇ.

      ئېلبېرت خۇببارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ــــ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.