چىگىش خىيال

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-26 20:23:00

چىگىش خىيال سۈپسۈزۈك ئەينەك ئۈستىدە تۇرۇپ يىراقلاغار نەزەر تاشلىدىم. تۇمان قاپلىغان بۇ شەھەرنىڭ تىنجىق بازالىرى، قاتار –قاتار ماشىنىلارنىڭ بىر -بىرىگە يول بەرمەي قىستىشىۋاتقان شەھەر يوللىرى...

     چىگىش   خىيال

     

       سۈپسۈزۈك ئەينەك ئۈستىدە تۇرۇپ يىراقلاغار نەزەر تاشلىدىم. تۇمان قاپلىغان بۇ شەھەرنىڭ تىنجىق

    بازالىرى، قاتار –قاتار ماشىنىلارنىڭ بىر -بىرىگە يول بەرمەي قىستىشىۋاتقان شەھەر يوللىرى ،بوي تالىشىپ قەد كۆتۈرۈپ

    تۇرىۋاتقان ئىگىز بىنالار خۇددى كىچىك چۈمۈلىدەكلا كۆرىنەتتى.

    نىمىشقىكىن...

     كۆڭلۈمدە بىر ئەندىشە.

    يۈرىگىمدە بىر سادا

    ئالقىنىمدا بىر سىقىم توپا

    تۇراتتىم مەن بىر يىگانە

    تىپتىنىچ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلار...

    سۇلار ئارىسىدىن مارىلاپ تۇرغان ئاپئاق تاشلار ،ماڭا كۈلۈمسىرەپ قارايتتى.ماڭا نىمىلەرنىدۇ سۆزلەيتتى،كۆزۈمدىن ئېقىپ         چۈشكەن ھەربىر تامچە ياش ئۇلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى تاشلايتتى.مەن شۇنداق

    راھەتلىنىپ قالاتتىم،چۈنكى مېنىڭ كۆز يېشىم ...

    ئىزىلمەس تاشلارنىڭ باغرىدا...

    توختاۋسىز سۇلارنىڭ قەلىپ قەسىردە...

    چۈنكى ئۇ مېنىڭ قەلبىمدە

    مەن ئەمدى يالغۇز ئەمەس...

    ئۇ ...

    قەلبىمدە ھامانەم بىر تال تاش...

    باغرىمدا بىر تال گىياھ...

    مېھرىمدە ئېيتىلغان مۇڭلۇق بىر ناخشا...


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق