باياۋاندىكى گۈلخان -رومان

يوللىغۇچى : libasim يوللىغان ۋاقىت : 2010-11-13 02:40:42

باياۋاندىكى گۈلخانرومانبىرىنچى باب.1بوغۇزنىڭ سالقىنى ئېسەتتى. بۇ سالقىن باھارنىڭ ئەلچىسىدەك، يېقىملىق، ئاللىقانداق پۇراقلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرەتتى. بۇ پۇراقتا يېقىن كەچمىشنىڭ خاتىرىلىرىن...



    باياۋاندىكى گۈلخان

    رومان

     

    بىرىنچى باب

    .1بوغۇزنىڭ سالقىنى ئېسەتتى. بۇ سالقىن باھارنىڭ ئەلچىسىدەك، يېقىملىق، ئاللىقانداق پۇراقلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ يۈرەتتى. بۇ پۇراقتا يېقىن كەچمىشنىڭ خاتىرىلىرىنى قوزغىتىدىغان نېمىدۇر يوشۇرۇنغاندەك قىلاتتى. زېمىستان قىش مەھرۇم قىلغان شۇ نەرسە پات يېقىندا ھاياتقا قايتا كىرىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتى »قىستۇرۇلغان« سالقىننىڭ سوغۇقى ئەنەشۇ سەۋەپتىنمىكىن بەك ھېس قىلىنمايتى؛ ئەكسىچە ئۇنىڭ تېخىمۇ بىر ئاز بىلىنەرلىك ئۇرۇلىشىنى كۆڭۈل ئىستىگەندەك قىلاتتى. قەلبلەر ئۆزىگە تونۇش، ئەمما يەنىلا نېمىلىكى پۈتۈنلەي ئېنىق بولمىغان » چالا تونۇش« ئاللىنېمىگە ئالدىرايتى.

    بوغۇزدىن شەرققە ۋە شەرقتىن ئوڭ قولنى بېسىپ يەلپۈگۈچ شەكىللىك  -  تا غەربىي جەنۇپقىچەبېقىلغىنىدا، قەدىمىي يۇرت ئاتۇش ئالقاندىكىدەكلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ھازىر تېخى دەل-دەرەخلەر يوپۇرماق چىقىرىپ، قاراڭغۇلىشىشقا ئۈلگۈرمىگەچكە، ھېچبىر يۇرت ئورمانلار قۇچىقىغا يوشۇرۇنمىغان، ھەربىرىنى ئوچۇق ئىلغا قىلغۇدەك ھالدا ئىدى. ئەگەر سول تەرەپتىكى پارچەتاغ دەپ ئاتالغان، ھېچبىر تاغ تىزمىسىغا چېتىلمىغان، سۈنئىي دۆۋىلەپ قويۇلغاندەك ئىدىرنىڭ ئۈستىگەچىقىپ قارىسىغۇ ھەممە يەر بىر پەتنۇس ئۈستىدىكىدەكلا- مېيىدىن  [1] قۇمسېغىغىچە[[2 قىلارلىق كۆرىنەتتى.

    ئوڭ تەرەپتىكى تاغنىڭ بوغۇز تەرىپى قەدىمىي ئەپسانىلەردە زىكرى قىلىنىدىغان بەھەيۋەت پالۋانلارنىڭ قىلىچىدا، بىرلا چېپىش بىلەن كېسىپ چۈشۈرۈلگەندەك تىك  -  تا ساينىڭ يۈزىگىچەچۈشسە، جەنۇپ يۈزى ئىشتاچى يېزىسى تەرەپكە تەدىرىجى پەسلەپ بارغان يانتۇلۇق؛ غەربى بولسا ئەجدىھارنىڭ دۈمبىسىدەك »سويلاپ « ئۈستۈنئاتۇش تەرەپكەكېتەتتى.

    قەدىمقى ئەجداتلار بەلكى بوغۇزدىكى مۇشۇ ئىگىزلىكتىن تۆۋەنگە-يۇرتلار جايلاشقان ۋادىغا باققان ۋەتەبىئىي ئالاھىدىلىككە كۆرە بۇ يۇرتلارنى ئىككى چوڭ سۇغۇرۇش رايونىغا ئايرىغان بولسا كېرەك :ئوڭ قول تەرەپتىكىسى ئوڭ ئېرىق؛ سول تەرەپتىكىسى سول ئېرىق دەپ ئاتالغان بۇ ئىككى رايون، زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن فونېتىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ

    ئوڭ ئېرىق «ئوڭورۇق»، سول ئېرىق «شورۇق» دېگەن يۇرت ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن .ئەمما ھازىرغىچە بوغۇزدىن ئېقىپ چىققان سۇ ئىككى ئاساسىي بۆلەككە بۆلۈنۈشتەك ئەنئەنە داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

    باھار دەل  دەرەخلەرنىڭ يېڭى شاخلىرىغا بىرىنچى «ئەستەر بويىقى» نى بېرىشكە باشلىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. قەدىمدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نورۇز بايرىمىنىڭ يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان بولىشىغا قارىماي، نورۇز ھارپىسىنىڭ كەيپىياتى بىلىنمەيتتى. تەبىئەتتىكى ئويغىنىش ۋەجانلىنىشقا ئۇيغۇن ئىنسانلار كەيپىياتىدىمۇ جانلىنىش، شادلىق تۇغدۇرىدىغان، ھاياجان قوزغايدىغان نورۇزنىڭ جىمجىت، ساداسىز بىر پىچىمدەكېلىشى ۋەكېتىشى كۈتۈلەتتى. چۈنكى، بىر نەچچەيىلدىن بېرى ئايىغى ئۈزۈلمىگەن يېغىلىقلار ھاياتنى ئىزدىن چىقارغان، ئادەملەرنىڭ ھايات ھەلەكچىلىكى بىلەن، بايرام تەنتەنىسى سۈرگىدەك ھەپسىلىسىنى قويمىغانىدى.

    بەزى ئالامەتلەرگەدىققەت قىلغان بىلەرمەنلەرنىڭ دېيىشىچە، يېغىلىقلار ئاساسەن بېسىلىپ قالغانمىش، يېڭىشەر يېڭىسار ئەتراپىدا بىر ئاز توقۇنۇشنىڭ داۋام قىلىۋاتقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، پالاكەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلارمىش. بۇ توقۇنۇشلارمۇ تۇڭگانلار بىلەن «شەرقىي تۈركىستان» ئىسلام جۇمھۇرىيىتى  ئەسكەرلىرى ئارىسىدا « بەزلىشىۋالغان» شەكىلدە، بىر خىلدا داۋام قىلىۋاتاتتى. ھېچبىر تەرەپتەئىلگىرىلەش، يېڭىش-يېڭىلىش بولمايۋاتاتتى. گەرچەبۇ تەرەپلەر  تىنچىپ قالغاندەك قىلسىمۇ، ئانچەيىراق بولمىغان قوشنا شەھەردە ئاتموسفىراغا تۈتەپ تۇرغان پوروخ ھىدى، يۈرىگالدى بولۇپ كەتكەن خەلقنى خاتىرىجەم قىلمايتى. تەبىئەتنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمەئىشى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتلىك قەدىمىنى بېسىپ كەلمەكتىدى، ھەر گىيانى ئۆز رېڭىدە بوياشقا، تۇپراقنى يۇمشىتىپ، ئۇنىڭدىن « توپا ھىدى» ئۆرلىتىشكە، قىشىچە ئۆلۈك بىر تەرزدە ئۇيۇپ قالغان ھەر نەرسىدە ھاياتلىق قىمىلتىسى پەيدا قىلىپ، ھەممە نەرسىنىڭ خاس پۇراقلىرى بىرلەشمىسىدىن ئومۇمىي « باھار ئاتموسفىراسى» ھاسىل قىلىشقا داۋام قىلماقتا ئىدى.

    «ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار» دېگەندەك، يەنە يېغىلىقلاردىن ئېشىپ قالساق، جاھان لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ، دېگەنگە ئىشەنگەن ئادەملەر، كۆڭۈلسىزرەك مىدىرلىسىمۇ ھەرھالدا باھارنىڭ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇشاتتى؛ كۆچەت تىكەتتى، ئېتىز ئېرىقنىڭ ھازىرلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتكەن ئىدى.

    پوستەك توپىلىرى يۇمشاپ يېڭىۋاشتىن چېڭىشقا باشلىغان يېزا يوللىرىدا، خۇددى باھاردەكلا، ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ بالاسى، قازاسى بىلەن ئىشى يوق، غەمسىز ھالدا ئۆز كۆڭۈل خاھىشىنى ئىپادىلەشتىن چەكلەنمەيدىغان بالىلار، خوشال قىقاسلىرى، سۆگەت تاللىرىدىن چىقىرىلغان « بۇت – بۇت» لىرىنىڭ توم ئىنچىكە ئاۋازلىرى بىلەن مەھەللىنى تولدۇرماقتا ئىدى. باھار ئەگەر زۇۋانغا كەلسە جەزمەن بۇ كىچىك بەڭۋاشلارنى سۆيۈپ قالغانلىقىنى بايان قىلغان بولاتتى؛ ئۇلارنىڭ ئۆز پەلسەپىسىگە كۆرە ھەرىكەت قىلىش خۇسۇسىيىتى، ئۆز مەنتىقىسى بىلەن ياشاش ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىگە ئوخشىتىپ، ئۇلارغا يېقىنلىق ئىزھار قىلغان بولاتتى.

    بەزى بالىلار ھەتتا يېغىلىقلارنىڭ ئىلگىرىسىدىكىدەك، نورۇز تەييارلىقىدا بولۇپ، موللىكىسىغا «نورۇزلۇق» يازدۇرۇپمۇ يۈرەتتى. كاشكىدى، بۇلارنى ئوقۇغىدەك پۇرسەت، سورۇن، ئىمكان بولسا. ئاللاھ شۇنىڭغا نېسىپ ئېتەرمىكىن، بالىلارنى نورۇز قوشاقلىرى ئوقۇشقا؟ سايغا ياكى جەمەتلە[3] يىغىلىپ، ھەر خىل ئويۇنلارنى كۆرۈشكە؟....

    2.بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىدىن مىكرو دولقۇندەك تارالغان  -  تىل بىلەن ئپادىلەنمىگەن تىلەكلەرنى ئاللاھ ئىجابەت قىلغاندەك ئىش بولدى. ئۇلارنىڭ موللىكىسى ياكى خەلپەتلىرىگە يازدۇرىۋالغان بىرەر كۇپلىت «نورۇزلۇق» لىرىنى ئوقۇشىغا، تەڭتۇشلىرى بىلەن چېلىشقا چۈشىشىگە پۇرسەت بولىشى بىلىنگىلى تۇردى. ساي بويلىرىدا نورۇزنىڭ ھارپا ئاخشىمى ۋاقىتلىق ئوچاقلار ياسىلىپ، ئەتىكى جامائەت توپلانغان پۇرسەتتە بىر ئاز تاپاۋەت قىلىشنى نىيەت قىلغان بازارلىقلارنىڭ ھازىرلىق ھەركىتىدىن خەۋەرلەر كېلىشكە باشلىدى. بوزتاغ باغرىدا  -  جەمەتلە ئەتراپىدىمۇ بۇنداق بىشارەتلەرنى بار دېيىشەتتى. نىزامىددىننىڭ بالىلىرى بۇ خەۋەرنى ئۇقىشى بىلەنلا ئۆيگە چېپىشتى. ئۇلار بىر نەچچە كۈندىن بېرىلا دادىسىغا نورۇز سەيلىسى ئۈچۈن سايغا ئېلىپ بېرىش ھەققىدە يېلىنىپ يۈرەتتى. بۇنداق بىر توپلىنىشتىن ئۈمىدى بولمىغان نىزامىددىن بولسا، ئۈمىدسىز تۇتۇم ئىپادە قىلاتتى .شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇلارنىڭ نورۇزلۇق يېزىپ بېرىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى بىر باھانىلەر بىلەن رەت قىلىپ يۈرەتتى. مانا ئەمدى بازار تەرەپتىن كەلگەنلەرنىڭ كەلتۈرگەن خەۋىرىدىن ئەتە سەھەردىن باشلاپ ساي بويىنىڭ قىزىپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. بالىلار ئەمدى دادىسىنىڭ ھەرقانداق باھانىلىرىگە ئۇنىماي، ئۇنى نورۇزلۇق يېزىپ بېرىشكە قىستاشقا باشلىدى.

     - ياماننى ياردا قىستاڭ دېگەندەك، مېنى ھەممىڭلار قىستىساڭلار، ھەممىڭلارغا نورۇزلۇققا نەگە باراي؟ نەدىن تاپىمەن ئۇنچە گەپنى؟  -  دەيتتى نىزامىددىن بالىلىرىنىڭ تاتلىق ئەركىلەشلىرىدىن سۆيۈنگەن ھالدا يالغان ئاغرىنىپ.

     - موللىكاڭلار بولغان بولسىغۇ، نورۇزلۇق دېگەنگە كۆمۈپلا قوياتتى،  -  دەپ گەپ قىستۇردى

    زورىخان،  -  ئۇنىڭ ئىچى بىر دەريادى-دە، قوشاق يازغانغا تۈگەيدىغان ئەمەس...

     - شۇنى دەيمەن،  -  دېدى نىزامىددىن ئايالىنىڭ گېپىدىن ئىنىسىنى يادىغا ئېلىپ ۋە چىرايىمۇ بىر ئاز قارىداپ كەتتى،  -  مەمتىلى بولغان بولسا، پۈتۈن بويامەتنىڭ بالىلىرىغا نورۇزلۇق يېزىپ بەرسىمۇ گېپى تۈگەپ كەتمەيتتى، ...

    دادىسىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى بىرىنچى بولۇپ بايقىغان غېنى، نورۇزلۇق ھەققىدىكى غەلۋىنى قويۇپ، دادىسىغا ئىچى ئاغرىغاندەك، گەپنىڭ تېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن بۇرىدى:

     -  موللىكامنىڭ گېپىنى تولا قىلىپمۇ بىزنى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئامراق قىلىۋەتتىڭلار،

    موللىكام توغرۇلۇق گەپ قىلىپ بەرگىنە بولمىسا.

     - موللىكام بۈگۈن ئاخشام كېلىپ قالسا كۆرۈڭ...

     - ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ،  -  دېدى نىزامىددىن ئاللىقانداق ئۈمىد بىلەن پەپىلىنىپ،  -

    ئاللاھقا ئاسان...

     - ۋاي خۇدايىمەي، ما ئەدەمنى،  -  دېدى زورىخان يېقىملىق تەرزدە ئېرىنى ئەيپلەپ،  -  كىچىك بالىدەك، شۇ گەپ بىلەنلا ئەمدى كەلسىكەن دەپ قويسا، كېلىدىكەن دېگىلى تۇردىغۇ

    -يا....دېگىنىڭ بىلەن، مەن بىكادىنلا خىيالىمغا كەلگەننى دەۋاتمايمەن، يېقىننىڭزى چۈشلىرىممۇ سەل باشقىچە، تۈنۈگۈندىن بېرى قاپىقىممۇ توختىماي تارتىۋاتىدۇ، دېدىمغۇ.

    بىراق زورىخانمۇ ئېرىنىڭ تۇرقىدىكى بىچارىلىكنى پەملەپ، كۆڭۈل ياساپ گېپىنى ئوڭشىدى:

    دېگەندەك، كېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، جۇما. بىر نەچچە كۈن بولدى، ئىشىك ئالدىدىكى تېرەكتە سېغىزخان ساراپ قېلىۋاتىدۇ.

    ئەمدى ئۇلار نورۇز ھەققىدىكى تالاشلىرىنى ئۇنتۇپ، بۇ ئۆيدە ھەرقاچان سېغىنىش ۋە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ يادلىنىپ تۇرىدىغان مەمتىلى ھەققىدە پاراڭغا چۈشتى.

     - موللىكام شۇنداق ئىشقۋاز ئادەمكەن، قوشاق يازسا تۈگىمەيدىكەن، سەن نېمىشكە يازالمايمەن دەيسەن؟ ئاكىسى بولغاندىكىن، سەن ئۇنىڭدىن چوڭ بولغاندىكىن، مەنچە سەن تېخىمۇ بەك يازىدىغان يەردە... . دېدى ھەيران بولغان ئايىمگۈل،  -  سەن ئەجەپ ئۈگەنمەپتىكەنسەنا؟

      - چوڭ بولغانغىلا بولىدىغان ئىش ئەمەستە بۇ، بالام. بۇ دېگەن ئاللاھ سالغان بىر ئوت .بۇنداق ئوتنى ئاللاھ ھەممە ئادەمگە سېلىۋەرمەيدىغۇ؟ ئۇ دېگەن بىر يەردە ئوقۇپ ئۈگىنىلىدىغانمۇ ئىش ئەمەس.

    ئۇلار مەمتىلىنىڭ يۇرتتىكى ۋاقىتلىرىنى، بالىلارنى قاتار قىلىۋېلىپ، مەش دەسسىتىپ يۈرۈشلىرى، ئۆزلىكىدىن ئۇلارغا دەرس بېرىپ يۈرگەنلىرى، شۇنىڭ بىلەن كىچىك تۇرۇپلا «ئەپەندى» ئاتىلىپ قالغىنى، تەمبۇر چېلىشىدىكى ئۇستىلىقى،... ھەققىدە بالىلارغىمۇ ئاساسەن ياد بولۇپ كەتكەن، ئەمما ئاڭلىسا ئاڭلىسا يەنىلا يېڭى تۇيۇلىدىغان ئەسلىمىلەر بىلەن ئۇزاققىچە ئېچىلىپ  يېيىلىشتى. ئۇلار ئائىلىدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ۋە قىزىق تېما بولغان مەمتىلى ئەپەندى تاغىسىنى ئەسلەشتىن كېيىنمۇ ئەتىكى نورۇز ھەققىدىكى ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. نىزامىددىن ئۇلارنى بۇ تەلەپلىرىنى ئۇنتۇپ قالغاندۇر دەپ ئۈمىد قىلىپ تۇراتتى، ئەمما گەپ ئاخىرىدا يەنىلا بۇ ھەقتە ۋەدە ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتمىغان غېنى:

     - شۇنداق قىلىپ، ئەتە سايغا ئاپىرىشىڭ راست بولدىغۇ؟ - دېدى قىستاپ.

    بۇ قەدەر كۆڭۈللۈك ئەسلىمىلەردىن كېيىن بالىلارنىڭ سەبىي ئۈمىدلىرىنى يەردە قويۇش نىزامىددىننىڭ قولىدىن كەلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ بالىلارنىڭ تەرىپىنى ئېلىشقا ھازىر تۇرغان ئانا رەت قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالدىراپ سالا قىلدى:

    -ئەمدى ماقۇل دەڭ، ئۆزىڭىزمۇ كىچىككىنە ئېچىلىپ قالارسىز، تونۇش بىلىشلىرىڭىز بىلەن شۇ يەردە ئۇچقىشىپ، بىردەم يېرىمدەم ئىچ قارنىڭلارنى تۆكىشىۋالارسىلەر، بالىلارمۇ بىر پۇخانىدىن چىقسۇن، بىچارىلار تولا دەپ كەتتى.

    -مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇرىۋاتىمەن. ئەمىسە بالدۇرراق يېتىپ ئەتە ئەتتىگەن قوپۇشقا ھازىر بولۇڭلار، ئەمما نورۇزلۇق يازدۇرىمەن دەپ مېنى قىينىمايسىلەر. توغرا، ئەگەر ساي بويىدا تونۇشلاردىن قولىدىن كېلىدىغانراق بىرەسى بالدۇرراق ئۇچراپ قالسا يازدۇرۇپ بېرەرمەن .

     - كىممۇ ئۇچقىشا دەيسىز؟  -  دېدى زورىخان يەنە بالىلارغا يان بېسىپ،  -  بولسا بولمىسا ئىككى كەلىمە بىرنېمىنى پوملاپ بېرەي دېمىدىڭىز.

    -ئۇ دېگەن پوملايدىغان نەرسە ئەمەس، ئۇ دېگەن شېئىر،  - دېدى نىزامىددىن زورىخان چۈشەنمەيدىغان بولسىمۇ شېئىرغا بولغان ئەستايىدىل مۇئامىلىسىنى بايان قىلىپ.

     - خەقلەرچىلىكقۇ ئاملاشتۇراردىڭىز، ئۆلگەن جېنىڭىزدا...

     - ئەمما مەن خەقتەك ئويلىمايمەن، تۇزى يوق بىر نېمىنى شېئىر دەپ مېنىڭ بالىلىرىم ئوقۇپ يۈرمىسۇن دەيمەن،  -  ئۇ يەنە جىددىي تارتىشقا باشلىغان قاپىقىنى بارمىقى بىلەن بېسىپ، پىچىرلاپ بىرنېمىلەر دېدى.

    ئۇنىڭ قاپىقى تارتىۋاتقىنىنى بىلگەن زورىخانمۇ:

     - ياراشقىلى نېسىپ قىلار، ئىلاھىم،  -  ...دەپ تىلىكىنى بىلدۈردى.

    3. باچاڭ تەرەپتە تاڭ شەپىقىنىڭ قىزىللىقى رەڭسىزلىشىپ ئاقىرىپ بېرىۋاتقاندىلا ساي بويىدا ئوچاقلار تۈتەشكە باشلىغانىدى .بازار ئەتىگىنى بولمىغان بۇ كۈندە ساي بويىدا بولىۋاتقان بۇ ھەركەتلەر يۇرتتا سۆزى ئۆتىدىغان ئادەملەر تەرىپىدىن بۇ كۈن نورۇز پائالىيىتى قىلىنىدىغانلىقىنىڭ جەزمەنلىكىدىن ئىدى. لەڭپۇڭچىلاردىنمۇ ياخشىراق دوقمۇشتىن ئورۇن ئېلىشنى كۆزلىگەنلىرى غالتەكلىرىنى سۆرەپ، ئۆزى ئەپلىك دەپ بىلگەن جايلارغا توختىتىپ ئۈلگۈرگەنىدى.

    كىملەردۇر ساي ئىچىدىكى كەلكۈن قۇم تاشلىغان يەرلەرنى تۈزلەپ قويغانلىقى بۇ يەردە چېلىش ھەۋەسكارلىرى ئۈچۈن ھازىرلانغانلىقىنى بىلىندۈرەتتى .يۇرت  يۇرتلاردىن بۇنداق كۈنلەردە پالۋانلار

    بىر توپ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئارىغا ئېلىۋېلىپ، يېقىنچىلىق قىلىشلىرى ئىچىدە بۇنداق سورۇنلارغا كەلمەي قالمايتى .ھەممىدە يېڭىش ئىستىكى بولاتتى؛ بىرلىرى ئالدىنقى قېتىملىق مەغلۇبىيىتى ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا قانلىق جىدەللەر بىلەن تۈگەيدىغان بۇ پالۋانلىق تالىشى، ئۇزاق زامانلار ئۈچۈنمۇ يۇرتلار ئارا زىددىيەت ئۇرۇقى بولۇپ قالاتتى.

    داڭلىق قوچقارلىرى بولغانلار، داڭلىق خورازلىرى بولغانلار، داڭلىق ئىتلىرى بارلارمۇ بۇ سورۇندا ئۆزىنى كۆرسىتىشنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيتتى. ھەتتا ھايۋانلىرى سوقۇشقا سېلىشنىڭ ئارقىسىدىنمۇ قانلىق جىدەللەرگە كېتىلەتتى. بۇ مۇسابىقىلارنىڭ ئارقىسىدا تەڭگىلەر، قويلار، ھەتتا تىللا ياكى ئاتلار قولدىن قولغا ئۆتىدىغان قىمار ياتاتتى. ئەمما ناھايىتى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىغان ئاۋام ئۈچۈن يەنىلا بىر كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى، يىلدا بىر قېتىملا بولىدىغان مەنىۋىي ھوزۇر ئىدى.

    بالىلارمۇ ئۆز تەڭتۇشلىرى بىلەن چوڭلار  مۇسابىقىلىشىدىغان ھەممە تۈرلەر بويىچە ئويۇنلىرىنى

    باشلىۋېتەتتى. ئۇلارنى ئاساسەن بەزى شوخ، ساياق يىگىتلەر خۇددى ئىتنى كىش  كىشلىگەندەك بىر- بىرلىرى بىلەن يا چېلىشقا سالاتتى، ياكى مۇشتلاشقا سالاتتى. كىمنىدۇر چېقىۋېلىش، كىمنىدۇر ئېزىۋېلىش بىلەن گويا خۇمارى چىقىدىغاندەك ئىچى قارىلىق، دۈشمەنلىك توپلۇمنى چولغىۋالغىنى ئوچۇق بىلىنەتتى .دوستانىلىق، قېرىنداشلىق ناھايىتى تار دائىرىلەردە قاپسىلىپ قالغاندەك ئىدى. ئۇقۇمۇشلۇقلارغىمۇ ئۆزلىرىگە يارىشا سورۇن بولاتتى: ئىلمىي مۇھاكىمىلەر، مۇلاھىزىلەر، ياكى مەلۇم بىر كىلاسسكنىڭ بىرەر ئەسىرى ھەققىدىكى تالاش  تارتىش؛ مۇشائىرە، لەپەر ئېيتىشلار ئۇقۇمۇشلۇقلارنىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر خۇماردىن چىقىراتتى.

    ئادەملەر غولداشقا باشلىشى بىلەنلا، ئۇ يەر، بۇ يەردە توپلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. ھەركىم ئۆزى قىزىققان توپقا باراتتى. كىملەردۇر بىر نەچچە بالىنى چېلىشقا سېلىپ قويغانىدى. كىشىلەر رەسمىي پالۋانلارنىڭ چېلىشى باشلانغىچە ئادەتتە سورۇننى مۇشۇنداق شەكىللەندۈرەتتى . توپلار ئارىسىدا پۇتلىشىپ بىر ئاشىق مۇڭلۇق ھۆكمەت ئېيتىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ ھۆكمىتى ئۇزاق

    ئۆتمۈشتىكى ئازاپلىق جاراھەتنى قايتا يېڭىلىغاندەك، ئاچچىق بىر لەززەت  -  تىراگېدىيە لەززىتى بېرەتتى .ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئەقلى بېجىرىم بولمىغاچقا ھە دېگەندىلا ھۆكمەتنى كېسىپ، خەلق ناخشىلىرىدىن بىرىگە بۇرۇلۇپ كەتتى. ئۇ توپتىن توپقا ئۆتۈپ، ھەر توپتا ئەڭ دەسلەپ ئۆزىگە نېمە تەسىر قىلسا شۇنىڭغا كۆرە بىر نېمىلەرنى دەيتتى ياكى پەقەت ئاشىقلارلا چۈشىنىدىغان غەلىتە تەسەۋۋۇرى، بۇ تەسىراتتىن باشقا بىر تۈرلۈك ئىنكاس تۇغدۇرۇپ، ئۇ ئەنە شۇنى ئىپادىلەيتتى. كۆرگىنى بىلەن دەۋاتقىنىنىڭ ئالاقىسى يوقتەك، تازىمۇ «كاللا دېسە پاقالچاق» دېگەندەك كۆرۈنسىمۇ، دىققەت قىلىنسا ئۇنىڭ ئارىسىدا سىرلىق بىر باغلىنىش، غەلىتە مۇناسىۋەت بارلىقىمۇ سېزىلەتتى. گويا بۇ ئۇقۇمۇشلۇقلار سۆزلەيدىغان «ئۇلانما تەسەۋۋۇر»دىن ئەنە شۇنداق چاتاقلاپ كەتكەندەك.

     - كۆزەڭگە قاراۋا، ساراڭ سولامچى!...دېگەن ئاچچىق ھاقارەت، ئاشىقنى مەڭدىتىپ قويدى. ئۇ بىر لەڭپۇڭچىنىڭ ھارۋىسىغا پۇتلىشىپ كەتكەنىدى،

      -  ئىت پوق يېمەستە سەن سولامچىغا نېمە باردۇ...

     - ئانچىۋالا تىللىمىساڭچۇ ئۇكامۇي، ئاللاھنىڭ ئاشىقىنى. ئاللاھ سەن بىزنى ئىبرەت ئالسۇن، توۋا قىلسۇن دەپ ياراتقان پەرىشتىدەك بىر جانغۇ بۇ، ھېچكىمگە زەرەرى يوق...

     - ماڭ  ماڭەۋە، پالان...تولا يېمەي، ئىشىڭنى قىلە! ھېلى بىكار خامىرىڭنى يارىمەن.

     - ماڭا قاراڭ، بولدى قىلىڭ، گەپ قىلماي مايانغا مېڭىڭە،  -  ئۇنى بىرسى يېڭىدىن تارتتى،  - بىلمەمتىڭىز بۇ بازارلىق ئۇششۇقلارنى، دادىسى «خوتنۇڭنى » دەپ تىللايدىغان ياۋايى ئېشەكلەرنى؟ بىكاردىن ئەتتىگەندىلا ئۆزىڭىزنى رەنجىتىۋالدىڭىز.

     - ياق، دەيمىنا،...

    - شىش، ئۈنىڭىزنى چىقارماڭ« خوشولغاي» [4] دادىسى بىلەن بىر تاۋكادا ئوينايدىغان بۇ قىلىقسىزلار بىلەن تەڭ تۇرغىلى بولامتى. ھېلى ھەممىسى ھۆمۈرۈلەپ كېلىدۇ بۇ خەقنىڭ. يولىڭىزغا مېڭىڭ. راھمان ساراڭمۇ شۇلارنىڭ ئۆزىدىن، ئۆزلىرى چىقىشىۋالاتتى، سىز بىز ئارىلاشمىساقمۇ...

    بۇلارنى بالاغا قويغۇچى راھمان ساراڭ بولسا ئەمدىلەتىن توپ بولۇشىۋاتقان، پاكىز سەللىلەرنى ئوراپ، رەتلىك كېيىنگەن ئۇقۇمۇشلۇقلارنىڭ توپىغا بېرىپ بولغانىدى.

     -ئەسسالامۇئەلەيكۇم، خەلپىتىم، سىلىدەك مۆتىۋەرلەرگە بۇنداق سورۇندا نېمە بار؟  -  دېدى ئۇ ئۇچلۇق ساقال، ئاۋاقراق كەلگەن ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشىگە تازىم بىلەن سالام قىلىپ .

    سالاپەتلىك ئادەم بىر ئاز مەڭدەپ قالغاندەك بولدى، ئەمما ئۇ تەربىيە كۆرگەن ئادەملەردەك سەمىمىيلىك بىلەن راھمانغا جاۋاپ بەردى:

     - خەلق بار يەردە بىزمۇ بولىمىز  دە، راھماناخۇن، نېمىشكە بىزگە ياراشماس بولۇپ قاپتىكەن؟

     - نەغمە  ناۋا، ئۇسۇل  ساما، جىدەل  ماجرا بولىدىغان يەرلەردە دەيمەنغۇ،...  -  راھمان ئەمدى تامامەن نورمال ئادەملەردەكلا سۆزلەيتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق، بەزى چاغلاردا ئاجايىپ چوڭقۇر پىكىر قىلىپ كېتىدىغان، كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ قويىدىغان بولغاچقا، بەزىلەر ئۇنى يالغان ساراڭ «جاھان سارىڭى» دەپمۇ قارايتى. شۇڭا ئۇنى كەمسىتىپ  « »دېيىش ئورنىغا «ئاشىق» نامىنى قوللىناتتى.

     - ماڭا بولمىسىمۇ، ياش تالىپلىرىم بار ئەمەسمۇ، ئۇلارنى ئېلىپ كەلمىسەم كۆڭلى يېرىم بولىدۇ -دېدى خەلپەت يەنە شۇنداق سەمىمىي ئاھاڭدا .ئەمما ئۇنىڭ بۇ باھانىسىدە يەنە زامانىسىنىڭ رەسىملەشكەن قاتماللىقلىرىدىن ھېيىققىنى، شۇڭا بىرەر ئىشنى سەۋەپ قىلىپ كۆرسەتمەكچى بولغىنىمۇ بىلىنەتتى.

    راھمان بۇ يەردىنمۇ چاپسانلا زېرىكتى ۋە بۇ سورۇن تۈپەيلىمۇ، ئەيتاۋۇر ئابدىقادىر داموللا ھەققىدىكى مەرسىيەلەردىن بىر نەچچە كۇپلىتنى ۋارقىرىغاچ كېتىپ قالدى.

     - ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تاھىر خەلپىتىم، راھمان ئاشىق بىلەن بەك سۆزلىشىپ كېتىپلىغۇ؟ بۇ سالام ئۇچلۇق ساقاللىق ۋىجىك خەلپەتنى مەڭدىتىۋەتتى.

     - ۋۇي، ۋۇي، نىزامىددىنغۇ بۇ؟ سىزمۇ كەپسىز  دە؟

    نىزامىددىنمۇ بالىلىرىنى باھانە قىلدى:

     - بالىلار قويمىدى، نەچچە كۈن بولغان، باش ئاغرىتقىلى تۇرغان. ئاخىرى قۇتۇلالمىدىم،  - ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تاماشاغا كەلگەن «ئەيىبى» نى بەكمۇ ئاقلاپ كەتمىدى،- ئۆزۈممۇ شۇ ھەبىسىلىرىدەك پىكىر ساھىپلىرىنى خۇمارداپ، ئۇچراپ قالسا بىردەم يېرىمدەم كۆڭۈلنىڭ خۇمارىنى باسارمەن دەپ ئۈمىد قىلىپ كەلگەنتىم. مانا، يولۇم ئوچۇقكەن، ئەتتىگەندىلا سىلىگە يولۇقتۇم.

     - مەنمۇ شۇ، مەنمۇ شۇ.  -  دېدى تاھىر خەلپەت ئوچۇق يورۇقلۇق بىلەن، ئەمدى ھېچ باھانىگە ئورۇن قالمىغانىدى.

    - تېخى بالىلىرىمغا «نورۇزلۇق» قەرزىممۇ بار دېسىلە، ئۇلارغا بازاردا بىرەر نەزمىچى بۇرادەر ئۇچراپ قالسا يازدۇرۇپ بېرەرمەن دەپ ۋەدىمۇ قىلغانتىم. قارىغاندا بۇ ۋەدەمدىمۇ ئوسال بولمىغۇدەكمەن.

     - ھە، ھە،... سىلىنىڭ قەستلىرى نېمىدىلىكىنى بىلدىم، ئەمما مەن نەدىمۇ نەزمە پۈتكۈدەك بولاي، ...

     - باھانە كۆرسەتمىسىلە، مېنى ئوسال قىلمىسىلا، خەلپىتىم!-ئۇلار ئېچىلىپ سۆزلىشىۋاتقاننىڭ ئۈستىگە غېنى باشچىلىقىدىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ساي بويلىرىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ يېتىپ كەلگەنىدى. نىزامىدىن ئۇلارنى كۆرسىتىپ داۋام قىلدى،  -  مانا «قەرز ئىگىلىرى» مۇ كېلىشتى،-دەپ بالىلىرىنى كۆرسەتتى.

    تاھىر خەلپەت مەدەنىي ئادەملەرنىڭ ئادەتىگە ئۇيغۇن مۇلايىم، ئاتىلارچە ۋە سەمىمىي تەلەپپۇز بىلەن بالىلارنى بىر قۇر ئەركىلىتىپ، ئىسىملىرىنى سوراپ، تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن:

     - ئەمما نا ئۈمىد بولۇشقا ئورۇن يوق، مېنىڭ كونا تالىپلىرىمدىن بىرسى بار، ئۇ ھازىر ئوڭۇرۇقتا مەمتىمىن سوپىزادىدە ئوقۇيدۇ .ئاڭلىسام ئۇنى قالتىس شېئىرلارنى يازىدۇ دەيدۇ. ئەمما ئۆزى بەك تارتىنچاق بولغاچقا مەن تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئىنىم ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە دوستى بۈگۈن مېنى ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بۇ يەرگە ئازدۇرۇپ كەلدى: ئۇنى مۇشائىرىگە چۈشۈرەرمىش.

     - مانا بۇ بۇ بىر ياخشى گەپ ئىكەن، قېنى ئۇلار؟

     - بۇ ياققا كەلسىلە،  - تاھىر خەلپەت بىر توپ ياشنىڭ يېنىغىراق سۈرۈلدى. ئۇلار نېمە توغرىسىدىدۇر تالىشىپ، قىزىشىپ سۆزلىشىۋاتاتتى، - مانا بۇ مېنىڭ ئىنىم، ئابلىمىتقارى، كۆرۈشكەنمىدىلىكىن؟ بەلكىم ئەسلىرىدە يوقتۇ، ماۋۇسى ئېلى ئۇستىنىڭ مۇھەممەت قارى، بۇنىسى

     سابىت، قوشنىمىز، ھەپتىيەك بىلەن قۇرئاندا مەندە ئوقۇغان، ئەمدى مېنى ياراتماي ئوڭۇرۇققا بېرىۋاتىدۇ،  - بۇ گەپتىن كېيىنلا پولامپاي ھەركەتلەر بىلەن نىزامىددىنغا قول ئۇزاتقان بەستلىك، قوپال ئۇسقان يىگىت، بەستىگە ياراشمىغان بىر خىل نازاكەت بىلەن قىزىرىپ، ئۇستازىنىڭ چاخچىقىدىن ئۇجۇقۇپلا كەتكەچكە، نىزامىدىنغا تۈزۈكرەك سالام  سائەتمۇ قىلماي، مېيىقىدا كۈلگىنىچە تىكىلىپ قالدى.

     - ئابلىمىت قارىنىغۇ كۆرگىنىم ئېسىمدە، سابىتقارىم بىلەن تونۇشۇپ قېلىشقا نېسىپ بولماپتىكەن،  -  دېدى نىزامىددىن.

     - ئەمما ئۇنى سابىت ئەپەندى دېسىلە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. سىلىنىڭ ئىنى مەمتىلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تەرەپلىرى نۇرغۇن.

     - ھە، ماندا دېسىلە، - دېدى نىزامىددىن ۋە ئىنىسىنىڭ ئىسمى چىقىشى بىلەن يەنە تېنى شۇۋ قىلىپ يېنىپ كەتتى. ئۇ دەرھال گەپكە كىرىشىپ، بۇ يارىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن،  -  سىلىگە مېنىڭ شۇ بالىلىرىمنىڭ بىر ئىلتىماسى بار، ئەمما بۇنداق دېگىلى تۇرسام يەنە«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دېسە، ھە، ھېلىقى بەش تەڭگەمنى بېرىۋېتىڭ دەپتۇ » دېگەندەك چۈشىنىڭ قالماڭ، بۇ بىر ئىھتىياج، يەنى، بالىلار«نورۇزلۇق» يېزىپ بېرىشكە قىستاپ ھالىمنى قويمىدى دە، ئەمدى مانا شۇنىڭدىن بىر قۇتقۇزىسىز  دە...

    سابىت يەنە قىزىرىپ كەتتى. تارتىنچاقلىق بىلەن دۇغدۇيۇپ، نە ئۆزرەخالىق ئېيتىپ رەت قىلىشنى، نە خۇشخۇي ئادەملەردەك « يوق » دەپ كۈلكە بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشنى بىلمەي، مەڭدەپ تۇراتتى، ئابلىمىت قارى سۆز ئېلىپ،

     - نەزمە  قوشاق دېگەننىڭ پادىشالىرى كېلىدىغۇ ھېلى،  - دېدى.

     - يەنە كىملەر ئۇ؟  -  تاھىر خەلپەتمۇ چۈشىنەلمەي.

     - تېجەندىن موللا ئېزىز داموللامنىڭ ئوغلى ئەمەت مەخسۇم كېلىدۇ، ئىشتاچىدىن چوڭاخۇنباينىڭ ئابدىراھمانلار كېلىدۇ، يەنە باشقا بىز بىلمەيدىغان شائىرلارمۇ كەلسە كېرەك.

     - ھە، مانا ئەمدى بىلدىم،  -  دېدى تاھىر خەلپەت،  -  سابىتنى مۇشائىرىگە ھازىرلىغىنىڭلارنىڭ تېگىدە گەپ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئاڭلىغان، ئاڭلىغان، سىلىمۇ بىلىلا،  - ېدى ئۇ نىزامىددىنغا، - چوڭاخۇنباينى، قاراشەھەردىمۇ نۇرغۇن يەر زېمىنلىرى بار ئادەم. ئۇ ھەممە بالىلىرىنى ئوبدان يېتىشتۈرۈپتىكەن، چوڭ ئوغلى ئابدۇكېرىماخۇنمۇ، ئىككىنچىسى ئابدىرېھىماخۇنمۇ قەلەمدە يېتىشكەنلەردىنمىش. مانا بۈگۈن نېسىپ بولۇپ، بۇلارنىڭ كارامىتىنى بىر كۆرۈپ باقىدىكەنمىز دە! ياخشىمۇ كەپتىمەن، ئەمدى كەلگىنىمدىن رازى بولدۇم. ئەمەت مەخسۇمنىغۇ ئوبدان بىلىمەن، سورۇنى بار يىگىت، پىكرى ئۆتكۈر. شېئىرلىرىنىمۇ كۆرگەنمەن. ئەمما سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن جىدەل چىكەتمەس؟ ئاۋۇ ئىت تالاشتۇرىدىغانلار....ئۇ چاخچاقتەك دېگەن بولسىمۇ، جەمىيەتنىڭ بۇزۇقچىلقىغا، مىھرى مۇھەببەتنىڭ سۇنۇپ، دۈشمەنلىكنىڭ ئېغىرلاپ كېتىۋاتقىنىغا بولغان ئېچىنىش ئاھاڭىدىن بىلىنىپ تۇراتتى.

    ئابلىمىت قارى بىلەن مۇھەممەت قارى ساۋاقدىشىنىڭ زورى بىلەن سابىت بالىلارغا بىرەر كۇپلىتتىن نورۇزلۇق يېزىپ بەردى. ئەمما ئۇنى دوستلىرىغا كۆرسەتمەيلا بالىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ نېرى كەتكۈزىۋەتمەكچىدى، مۇھەممەد قارى يېپىشقاق مىجەزى بىلەن بۇنى كۆرمىگىچە قويمىدى.

     - مانا قاراڭ، خەلپىتىم، - دېدى ئۇ بالىلاردىن ئېلىۋالغان قەغەزنى تاھىر خەلپەتكە تەڭلەپ،  - تالىپىڭىزنىڭ كارامىتىنى كۆرۈپ بېقىڭ، بالىلارغا يازغاندىكىن دەپ، تەپمەھالال قىلىپلا قۇتۇلماي، قاراڭ، قانداق يېزىۋەتكەن!

     - بولدى قىلە، تازىمۇ- دەيتتى سابىت ئۇنى ئۇستازىنىڭ كۆرىشىدىن توسماقچى بولۇپ. ئاۋال نىزامىددىن ئېلىپ، تاھىر خەلپەتنىمۇ، سابىتنىمۇ خىجالەتتىن قۇتقازدى. نىزامىددىن ئانچە جىددىيەتسىز ھالدا كۆز يۈگەرتىپ كۆرۈپ، يۈرىكىدە نېمىدۇر داۋالغۇپ كەتكەندەك بىر سېزىم بىلەن سابىتقا بىلىندۈرمەي بىر قارىۋېتىپ:

     - بالىلارغا بۇ قەرزگە بوغۇلۇپ تازىمۇ بېشىم قاتقانىدى، ھەجەپمۇ قۇتقازدىڭىز مېنى، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن -دېدى ئۇ. ئۇنىڭ راسا ماختىغۇسى بارىدى  يۇ، سابىتنى تەڭلىككە سالماسلىق ئۈچۈن ئاددىيلا رەخمەت ئېيتىش بىلەن چەكلەندى.

     - مەن بۇلارغا ئۆزەم يادلىتىمەن، - دېدى مۇھەممەد قارى،- كېلىڭلار، مەن ئوقۇپ بېرىمەن، سىلەر يادلايسىلەر،  -  ئۇ بالىلارنى چەتكىراق ئېلىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئارقىلىق يېپىشقاقلىقى تۈپەيلى سابىتنىڭ سەت كۆرمەسلىكى ئۈچۈن قىلىنىۋاتقان ياغلىمىچىلىقى ئىدى. سابىت بۇنى چۈشىنىپ كۈلۈپ قويدى. بۇ جەرياندا يېغىلىقلارنىڭ ئەۋۋىلىدە بولىدىغىنىدەك، نورۇز كەيپى ساينى ئۆز قۇچىقىغا ئالغانىدى. ئاللىقەيەردە راۋاپنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن بىللە، ئەلنەغمىچىلەرنىڭ خەلق ناخشىلىرى ياڭراشقا باشلىغانىدى. چېلىش سورۇنىدىكىلەرنىڭ شاۋقۇنلىرى يوقۇرى پەللىگە چىققان بولسا، ئىت تالاشتۇرۇش سورۇنىدىن ئىتلارنىڭ قاۋىشى ۋە كىشىلەرنىڭ ئەپسانە تىللاشلىرى ئاڭلىناتتى.

    مۇشائىرە باشلاش ئۈچۈنمۇ ئاۋال بالىلار، كىچىك تالىپچاقلارنى ئوتتۇرىغا ئىتتىرىپ كىرگۈزۈپ، نورۇزلۇقلىرىنى ئوقۇشقا زورلاشتىن باشلاشتى. دەسلەپ ھەركىم تارتىنىش بىلەن تىرەجەپ مەيدانغا چۈشكىلى ئۇنىمىغان بولسا«غورا غورىنى كۆرۈپ ئالىيىپتۇ» دېگەندەك، بارا-بارا نۆۋەت تالىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنەتتى.

    بالىلارنىڭ نورۇزلۇق ئوقۇشلىرى ئۈستىگە زىكرى كەچكەن ئەمەت مەخسۇم، ئابدىراھمان، مۇھەممەد قارى دېگەن ئوخشاش ئىسىملىكتىن يەنە ئىككى يىگىت تەرەپ تەرەپتىن كېلىشىپ، توپقا قىستالدى. تاھىر خەلپەت ۋە نىزامىددىنلار بۇ ياش يىگىتلەر بىلەن كۆرۈشتى. بەكرەك تەرىپى بولىدىغان ئابدىراھمان يۈزىنى دانىخورەك باسقان بولىشىغا قارىماي، بۇ دانىخورەكلەر خۇددى يىگىتلىكىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر تەركىۋىدەك ياراشقان قىزغۇچ چىراي يىگىت ئىدى. بىر كۆرۈشتىلا نىزامىددىن ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭدا چوڭ كىشىلەردەك سالاپەت، يېقىملىق ۋە ئېغىر-بېسىق مىجەز ئاجايىپ جىپىسلاشقان بولۇپ، چوڭ كىشىلەرمۇ ئۇنى تەڭتۇشۇممىكىن دەپ قالىدىغان بىر خىل تەسىراتقا كېلىپ قالاتتى. ئىككى مۇھەممەد قارى سۇنتاغدىن كەلگەنىدى. بىرى راۋاپ، تەمبۇر دېگەنلەرنى ئوينىتىۋېتەتتى. ھېلىمۇ ئۇ تەمبۇرىنى كۆتۈرىۋالغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.