ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك(يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي )

يوللىغۇچى : ershidin يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-29 23:11:40

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەكيۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق داستانىغا ئاساسەن ھېكايىلەشتۈرۈلدى)تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە، قوتۇر بولۇر-قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ماقالى(1)مۇقە...

     

    ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك 
    يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي 
     
    (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شۇ ناملىق داستانىغا ئاساسەن ھېكايىلەشتۈرۈلدى) 
     
     
     
    تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە، قوتۇر بولۇر 
    -قەدىمكى ئۇيغۇر خەلق ماقالى(1)
     
     
     
    مۇقەددىمە
     
     
    بىر زامانلاردا ياش ئىدۇق؛ گۆدەك ئىدۇق. كېچىلىرى ئۇخلىيالمايتتۇق. گاھىدا شوخ بىر ئاساۋ تايدەك چاپچىساق، گاھىدا خىياللىرىمىز كۆكنىڭ قەرىدىكى ولۇن ئايدەك ئۈزەتتى. ئۇ ۋاقىتلار ئاجايىپ ئىدى. ئارزۇلارغا قانمايتتۇق. تالاي نەرسىلەرگە ئىنتىلەتتۇق. تالاي نەرسىلەر بىزنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىپ، ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىدە خېلى ئاۋارە بولاتتۇق. ھەممە نەرسىگە ئېرىشكۈمىز كېلەتتى؛ ھەممە نەرسىگە يەتكۈمىز كېلەتتى. دېڭىزلارنىڭ تېگىگە چۆكۈپ باققۇمىز، ئۇپۇقلارنىڭ لىۋىگە بېرىپ باققۇمىز، ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋان ــ چۆللەرنى كېزىپ باققۇمىز كېلەتتى. ئادەم ياش ۋاقىتلىرىدا نېمىلەرنى خىيال قىلمايدۇ، دەيسىز. چاپچىپ تۇرىدىغان يۈرەكلا بولىدىكەن، ئادەم ھەممە نېمىنى قىلىپ باققۇسى كېلىدۇ. 
    شۇ زامانلاردا «تەكلىماكاننى كېزىپ چىقىش» دېگەن بىر ئوي خىيالىمغا كىرىۋالدى. خەرىتىگە قاراپ، تەڭدىن تولىسى چەكسىز كەتكەن قۇملۇق بولغان يۇرتۇمنىڭ تالاي ئىشلارغا شاھىت بولغان، تالاي شەھەرلەر ئاستىدا قالغان، داڭلىق سەيياھ ماركوپۇلۇ ۋە تالاي ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر كېزىپ چىققان، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ چۆللۈك بولغان سىرلىق تەكلىماكانىنى كۆرۈپ باققۇم كېلىپ كېتەتتى. بۇ ئۇلۇغ ئارزۇ مېنى خېلى كۈنلەر قىينىدى. ئىزتىراپلار چەكتىم. ئاخىرى بىر كۈنى تەلىيىمگە خوتەن كارۋانلىرى ئۇچراپ، ماڭا يولباشلىغۇچى بولۇشقا قوشۇلدى. شۇ كۈنكى كېچىنى بۇ قەدىمىي دىيارغا بولغان ئىشق-ھەۋەسنىڭ مۇھەببىتىدىن تولىمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم. 
    چىرايىدىن ئاقكۆڭۈللۈكى چىقىپ تۇرىدىغان، ساقىلى مەيدىسىگىچە چۈشكەن، تەلپەك كېيىۋالغان بىر بوۋاي يىرتىق يەكتەك كىيگەن، كىچىك مەخسۇمچە تۇماق كېيگەن ئوغلى بىلەن تۆگە قوشۇلغان ھارۋىنىڭ يېنىدا مېنى ساقلاپ تۇراتتى. تۆگە بولسا سۈلكەتلىك، سەلتەنەتلىق قامىتىنى پات-پات كۆتۈرۈپ قويۇپ، ئالدىدىكى شال پاخىلىنى چاينىماقتا ئىدى. بۇلارنىڭ يەنە بىر ھەمرايى بولۇپ، ئۇ ئېشەك قوشۇلغان ھارۋىنى يېتىلەپ ئەكەلدى. 
    -ماڭايلىمۇ؟!- دېدى بوۋاي، ھەمرايىغا كۈلۈمسېرەپ قويۇپ، ئۇنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ئاپئاق ساقاللىرىغا خوپ ياراشقان يۈزى بىلەن بىرلىشىپ نۇرلىنىپ كەتكەنىدى، - بۇ يازغۇچى ئەپەندىنى چۆللەرنى ئايلاندۇرغاچ، يۇرتنى، يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى بىر كۆرسىتىپ چىقايلى!... 
    قۇياش نەيزە بويى ئۆرلەپ چاشگاھ نامىزى ۋاقتى بولغاندا، ھارۋىلار ئاستا غىچىرلاپ ماڭدى، مەن تۆگە قوشۇلغان ھارۋىدا يېگىتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ پاراڭلىرىغا ئانچە-مۇنچە قوشۇق سەپ قويۇپ، تۆگىنىڭ بۇرقىراشلىرى ۋە قەدەم ئېلىشلىرىغا ھەۋەسلىنىپ كېتىپ باراتتىم. خېلى ماڭغاندىن كېيىن يۇرتتىن ئايرىلىپ، ساي تەرەپكە بۇرۇلدۇق. كەينىمىزدىن بىر نەچچە ئاتلىق كىشى قوشۇلدى. پاكار ئۆيلەر ۋە توپا چىراي دەرەخلەرنى كەينىمىزدە قالدۇرۇپ، چەكسىز كەتكەن باياۋانغا يول ئالدۇق. ئات-ئۇلاغلارنىڭ، ھارۋىلارنىڭ ئىزلىرى يوللاردا قالدى. بوۋاي مۇقام ئاھاڭلىرىنى باشلىۋەتتى، ناخشىنىڭ گەرچە مۇزىكىسى بولمىسىمۇ، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالاتتى: 
     
    جۇنۇنلۇق ۋادىسىغە مايىل كۆرەرمەن جانۇ-زارىمنى،
    ......................................
     
     
     
    كۆرۈنمەس بىر خىل سېھىرلىك كۈچ مېنى مۇڭلاندۇرۇۋېتىپ باراتتى، مۇقامنىڭ تېكىستىلىرىنى ئاڭلاپ ئاجايىپ بىر ھالغا كېلىپ قالدىم. 
    -ئاۋازىم جاراڭلىق ئەمەس!-دېدى بوۋاي مۇقامنى تاماملاپ،- ئادەم قېرىغانسېرى ئاۋازى ياخشى بولمايدىغان گەپكەن... ئىدارەڭلەردە كۈنۈڭلار ياخشىمۇ بالام؟ سەپەر دېگەن ئۇزۇن، ئىككى-ئۈچ ئېغىز بىر نېمىلەرنى دەپ ماڭمامسىز؟ 
    -يوقسۇ، تاغا! سىلىدەك پەرىشتە سۈپەت مويسىپىت تۇرغان يەردە... يەنىلا ئۆزلىرى ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ بەرسىلە... بايا مۇقامدا بەزى ئىبارىلەرنى كىتابتا يېزىلغاندىن باشقىچە تەلەپپۇز قىلدىلا، قارىغاندا ئەرەب-پارىس تىللىرىدىن خەۋەرلىرى بولسا كېرەك؟- بۇ بوۋاينىڭ نۇرلۇق چىرايىدىنلا بىلىملىك زات ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، بىر نەرسىگە ئېرىشىدىغانلىقىمغا ئىشەنچ قىلىپ، ئۇنىڭ قەلبىنى كولىدىم. 
    بوۋاي يىراقلارغا تىكىلىپ بىر قارىۋېتىپ، ئۆز پارىڭىنى باشلىدى: 
    -بەلكىم سىز ئازراق بولسىمۇ مەدرەسە كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن، بالام. بىزنىڭ ۋاقىتلىرىمىزدا مەدرىسلەردە يېتىپ ئوقۇيتتۇق. ئەزىزانە قەشقەردىكى «خانلىق مەدرىس» تالىبۇل ئىلىملەرنىڭ جەننىتى ئىدى، ئۇلار جاي-جايلاردىن كېلىپ، مۇتالىئە قىلىشاتتى، پېشقەدەم ئۇستازلار تەپسىر بەيزاۋىي، نۇرۇلئەنۋار... قاتارلىق يۇقىرى سەۋىيىلىك كىتابلارنى، كلاسسىكلىرىمىزنىڭ نەزمە-نەسرى ئەسەرلىرىنى دەرسلىك قىلاتتى... مۇقام تېكىستىلىرىنى تۇنجى بولۇپ ئەنە شۇ دىيارىمىزدىكى نۇرلۇق مەدرىسىدە ئاڭلىغانمەن، ساتار كىچىك دەيدىغان بىر سازچى ئادەم بولىدىغان، ئىسمى كىچىكئاخۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئۇنى«ساتار كىچىك» دەۋېلىشقان ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا مۇقامغا قىزىقىپ قاپتىكەنمەن، ھازىرمۇ مۇقامغا ئازراق ئىشقىم بار...- بوۋاي كۈلۈمسېرەپ، چوڭقۇر مەنىلىك بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى، - مەدرىسىمىزدە تەجەللىي-مۇجەللىي ھەزرەتلىرىنىڭ تېببىي، شېئىرىي دەرسلىنى ئاڭلىغانمىز، كېيىن ئابدۇقادىر داموللام دەرس ئۆتۈپ پۈتكۈل قەشقەرنى ئۆزىگە قارىتىۋالدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئىستېداتلىق زات ئىدى. بىر كۈنى بالىلار «مۇسا جارۇللا قەشقەرگە كەپتۇ!» دېيىشتى، بۇ پېشۋانىڭ تەقى-تۇرقىنى يىراقتىنلا ئازراق كۆرەلىگەن ئىدىم. كېيىن سوپىلار ئۇ ئادەمنى «كالتە قۇيرۇق» دېيىشتى، بۇنىڭغا قاراپ، ئاشۇ مەن چالا كۆرگەن ئادەم «يېڭىلىقپەرۋەر ئادەم» بولسا كېرەك، دەپ كۆرۈشەلمىگىنىمگە ئەپسۇسلاندىم. بىر ۋاقىتتا بىر تونۇشۇم «سىلى ئوقۇيالايلا» دەپ ئىككى كونا ئۆزبەكچە كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويدى. قاراپ باقسام، ئابدۇللا قادىرىينىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» ناملىق قىسسىسى بىلەن «مېھرابتىن چايان» دېگەن قىسسىسى ئىكەن. ئۇ ۋاقىتلاردا ياش بۇ ئۆلىمانىڭ تەرىپىنى مەدرىستىكى بالىلاردىن ئاڭلىغان ئىدۇق. ئەنجان تەرەپلەردە «ئابدۇللا قادىرىي» دەپ بىر ياش ئالىم چىقىپتۇ، ئەرەب-پارىس تىللىرىنى پۇختا ئىگىلىگەندىن سىرىت، ئىنشاغا بەك يامانكەن، دەپ غۇلغۇلا بولغانىدى. ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، بىزنىڭ دىيارىمىزدىنمۇ ھەر ئۆلىمالار يېتىشىپ چىققان، بۇ يەردە ھەر سەۋىيىلىك ئالىملار بار. خانلىق مەدرىستىمۇ تالىبلارنىڭ يۈرىكىنى ھەر ۋاقىت تىترىتىپ، يەردە قويۇدىغان «ئىبارەت ئوقۇش» ئىمتىھانى بار. چوڭ ئۆلىمالارنىڭ ئالدىدا كىچىككىنە بىر ئىبارەتنى خاتا ئوقۇپ قويدىمۇ، بولدى، شۇ كۈنى پۈتكۈل قەشقەرگە «پالانى تالىب، پۇستانى ئىبارەتتە چۈشۈپ كېتىپتۇ!» دەپ پۇر كېتىدۇ. ئۇ تالىبنىڭ قەشقەردىمۇ يۈزى بولمايدۇ. شۇڭا تالىبلار كىچە-كۈندۈز ئىلىم بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، ئۇستازلار شاگىرىتلارغا ئەنە شۇنداق تەلەپ قويىدۇ. ئوقۇش، يادلاش ئىشلىرىغا تەلەپ ئەنە شۇنداق يۇقىرى بولغان بىلەن، ئىنشاغا كەلگەندە كۆپ ئەھلى ئىلىملەر كېيىنكى زامانغا كەلگەندە كۆڭۈل بۆلەلمەي قالدى، ئىلگىرى ئالىملار جىنچىراغ يورۇقىدا نەچچە ئون يىللاپ ئولتۇرۇپ، قومۇش قەلەملەردە ئىنتايىن گۈزەل خەتلەر بىلەن كىتابلىرىنى پۈتۈپ چىقاتتى. قۇرئان كەرىم، باشقا چوڭقۇر كىتابلار پۈتۈنلەي گۈزەل خەتلەر بىلەن پۈتۈلۈپ چىقاتتى. ئەمما كېيىنكى كۈنگە كەلگەندە تەجەللىي ھەزرەتلىرى، ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق ساناقلىقلا ئالىمىمىزدىن باشقا كىممۇ ئىنشاغا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلىدى. ئابدۇقادىر داموللاممۇ شۇ ۋاقىتلاردا ئىنشا ھەققىدە خېلى كۆپ ۋەز ئېيتقان، ئۆزىمۇ «ئىبادەت ئىسلامىيە»... قاتارلىق يۈرۈشلۈك كىتابلىرىنى قەلەمگە ئېلىپ، تاش مەتبەئەدە باستۇرغان...ئەمما كۆپ ئادەملەر ئۇنداق قىلالمىدى، ئىلىملىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە گۆرىگە ئەكەتتى!... خانلىق مەدرىستە سۇلايمان داموللام دەيدىغان بىر پېشۋا ئۆتكەن، ئۇ ئادەم ئىلىمگە شۇ قەدەر توشقانىدىكى، «تەپسىر بەيزاۋىي» يەر يۈزىدىن يوقاپ كەتسە، چېكىتلىرىگىچە يادلاپ بېرەلەيمەن، دېگەنىدى. لېكىن ئەنە شۇنداق ئالىملارمۇ ئىنشاغا سەل قارىغان! يازۇنى ئۆگەنمىگەن. سىلىمۇ ئىنشا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەنسىز، بالام، ياخشى ئىشنى تۇتۇپسىز. مۇكەممەل ئىشنى قىلىپسىز. ناۋادا ئاشۇ كاتتا ئۆلىمائىي كىراملىرىمىز ئىنشاغا كۆڭۈل بۆلگەن بولسا، بىزدىنمۇ ئابدۇللا قادىرىيلار، سانىي ئابدۇقادىر داموللاملار چىقماسمىدى؟! 
    بوۋاينىڭ ئۇچقۇنلار چاقنىغان كۆزلىرى ماڭا تىكىلگەندە، تەسۋېرلىگىلى بولمايدىغان بىر ئېچىنىش تۇيغۇسىدا ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولدۇم. ئاددى تەلپەكنىڭ ئاستىدىكى سۈلكەتلىك بۇ مويسىپىت بوۋاي، ئېگىز دۆڭنىڭ كەينىدىكى شەپەقنىڭ نۇرلىرىغا قوشۇلۇپ، ئەۋۋەلكىدىن نەچچە ھەسسە نۇرلىنىپ كېتىۋاتاتتى. بىز سايلاردىن ئۆتۈپ قۇملۇقلار ئارىسىغا كىرىپ بولغانىدۇق. دۈمچەك-دۈمچەك قۇملار سىرلىق، يۇمشاق ۋۇجۇدىنى كەچكى شەپەق نۇرىدا «مېنى قانغۇدەك كۆر، مېنى قانغۇدەك ئوقۇ، قانچىلىك ئوقۇساڭ، شۇنچىلىكمەن!» دېگەندەك كۆرسىتىپ تۇراتتى. ھەمراھلىرىم ھارۋىلارنى جايلاشتۇرۇپ، قۇملۇقتا سوزۇلۇپ بىر يېتىۋېلىشقاندىن كېيىن، ئەتراپتىن يۇلغۇن ئوتۇنلىرىنى تېرىپ كېلىشكە كېتىشتى، مەنمۇ ئۇلارغا ياردەملىشىپ ئوتۇن تەرگىلى مېڭىۋېدىم، مويسىپىت بوۋاي قولۇمدىن «كاپپىدە» تۇتۇۋېلىپ، «سىز بارماڭ بولدى، بالىلار يېتىشىدۇ، سىزدىن جىق گەپلەرنى ئاڭلايمەن، بالام!» دېدى. مەن ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، بوۋاي تەيەممۇم قىلىپ نامازنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن يېنىمغا كەلدى، تاغدىن-باغدىن سوئاللارنى سورايتتى، جاۋابلىرىمغا مەن ئۇنىڭدىن ئەجەبلەنگىنىمدىنمۇ بەك ئەجەبلىنىپ قۇلاق سالاتتى، يىراقلارغا قاراپ ئويلارغا چۆمۈپ كېتەتتى. دۈمچەك-دۈمچەك قۇملار بىزگە راھەت بېغىشلايتتى، ئاي ئاسماندا ئېسىلىپ تۇراتتى، ئايدىڭ كېچىدە چۆل تېخىمۇ سىرلىق، گۈزەل كۆرۈنەتتى. تەبىئەتنىڭ يەنىلا تەبىئىي ئىش قوشۇلمىغان ھالىتى ئەڭ سەنئەتلىك، ئەڭ گۈزەلدەك ئىدى. 
    ھەمراھلىرىمىز قايتىپ كەلدى، نېمىشقا ھايال قالدىكىن دېسەك، ئۇلار ئوتۇن تېرىپ كەلگەچ، كىيىكتىن بىرنى ئوۋلاپ كېلىشكەن ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوۋ جەريانلىرىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەشتى. ئەمگەك مېۋىسى ئەمگەك ئىگىسىنى ئەنە شۇنداق خۇرسەن قىلىدۇ، بوۋاينىڭ مەخسۇمچە تۇماق كېيگەن بالىسى راۋاپنى شوخ كۈيلەرنىڭ بىرىگە تىرىڭلاتتى. شوخ كۈيلەر بىلەن بىرلىشىپ، مېزىلىك كىيىك گۆشى كاۋىپى ئاجايىپ تېتىپ كەتتى... ھەمراھلىرىمىز چارچىدىمۇ ئەيتاۋۇر قۇملۇقتا بېلەكلىرىنى ياستۇق قىلىپ ئۇيقۇغا كېتىشتى، بوۋاينىڭ كۆزى كۆكتىكى قەمەر (يېرىم تولغان ئايغا)گە تىكىلگەنىدى، ئۇ ئۇزۇن كەچمىشلەرنىڭ ساھىبى سۈپىتىدە تىپتىنىچ ئولتۇراتتى. كۆكتىكى ئاي ئۇنى ئۆزىگە ھەر كۈندىكىدىنمۇ بەك مەھلىيا قىلىۋالغاندەك ئىدى. 
    -ئايغا بەك تىكىلىپ قاراپ كەتتىلىغۇ، بوۋا!؟ بىرەر كەچمىشلىرىڭىز ئېسىڭىزگە كېلىپ قالدىمۇ، نېمە؟- بوۋاينىڭ جىمجىت خىيالىنى بۇزۇپ سورىدىم. 
    -كىچىك ۋاقىتلىرىمدا مومام ئاجايىپ بىر گۈزەل چۆچەكنى سۆزلەپ بەرگەن، بۇ چۆچەكنى مومامغا ئۆلىما بوۋىسى سۆزلەپ بېرىپتىكەن، شۇ چۆچەك ئېسىمگە كېلىپ قالدى بالام... ! 
    بوۋاي ئۇلۇغ بىر كىچىك تىنىۋەتكەندىن كېيىن، ساقىلىنى سىلاپ قويۇپ چۆچەكنى بايان قىلىشقا باشلىدى... 
     
    1
     
     
     
    بەكمۇ ئۇزۇن زامانلاردا، مۇشۇ تەكلىماكاندا بىر گۈزەل شەھەر بار ئىكەن. كىشىلەر بۇ شەھەرنى «شەھىرى قەمەر» دەيدىكەن. ئۇ زامانلاردا قۇملۇق بۇنچە چوڭ، تۇتاش بولمىسا كېرەك، غەربتىن ۋە شەرقتىن كەلگەن كارۋانلار بۇ شەھەرگە چۈشكۈن قىلىدىكەن. شۇڭا بۇ شەھەر يېپەك يولىدىكى چوڭ شەھەر بولۇپ قالغانىكەن، بۇ شەھەرنىڭ سەلتەنەتلىك سۈلكىتى، پادىشاھلىقى، مېھماندوستلىقى، ئاۋاتلىقى، سېپللىرىنىڭ كۈنگۈرىلىرى ۋە ھەتتاكى بايلارنىڭ ئاجايىپ كېلىشتۈرۈلۈپ سېلىنغان ياسىداق ئۆيلىرى توغرىسىدىكى پاراڭلار يېپەك يولى لىنىيىسىنى بويلاپ، ھەر تەرەپكە تارقايدىكەن. كوچىلىرىدا ئىگىز چىنار دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرىدىكەن، ئەتتىگەندە بۇرغا چېلىنىپ ھەيۋەتلىك شەھەر دەرۋازىسى ئېچىلىدىكەن. كۈن چۈش بولغاندا سودا شۇنداق قاينايدىكەنكى، ھەتتاكى دۇغاپچىلار ھازىرقىدەك خەلقلەرنى دۇكىنىغا ئەكىلىپ بولالماي كاكىرىغاندەك كاكىرىماي، ئەكسىچە، «قايناپ كەتتى، بازار قايناپ كەتتى!» دەپ خېرىدارلارغا سۇ سېپىدىكەن... شۇندىمۇ ئۇسساپ-چاڭقىغان، ھەر قايسى ئەللەردىن كەلگەن خېرىدارلار يېپىشىپ تۇرۇپ دۇغاپلىرىنى ئىچىپ قايتىدىكەن، باشقا نەرسىلەرنىڭ سودىلىرى تېخىمۇ قىزىپ كېتىدىكەن. پۈتۈن ئەللەرنىڭ تاۋار ماللىرى بۇ يەرگە تۆكۈلۈپ، ئالماشتۇرۇلۇپ قايتىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ قىز-خاتۇنلىرى ھايالىق بولۇپ، ئەرلەر توپلاشقان يەرلەردە كۆرۈنمەيدىكەن، ئارقا كوچىلاردىن غىپپىدە ئۆتۈپ كېتىدىكەن. شاھ ئۆستەڭلەرنى قازدۇرۇپ، يۇرتىنىڭ سۇ ئىنشائات ئىشلىرىنى ياخشى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپ ئىرەم بېغىدەك ياپيېشىل ئىكەن، گۈل-چېمەنلەرگە تولۇپ تۇرىدىكەن. تاغلىرىدىن كەھرىۋا، قاشتېشى چىقىدىكەن. بۇلاقلاردىن سۈپسۈزۈك سۇلار ئېتىلىپ چىقىپ، تەبىئەتتىكى مۆجىزىلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن. بۇغا-ماراللار، قوي -كالىلار، كېيىكلەر، يىلقىلار توپ-توپ بولۇپ يۈرىشىدىكەن، قۇشلارمۇ ئاسماندا ئەركىن پەرۋاز قىلىشىدىكەن. بۇ شەھەرنىڭ پۇقرالىرى بولسا ھۈنەر-كەسىپتە ماھارەتلىك ئىكەن. باشقا ئەللەر ئۆزلىرىنىڭ ھۈنەر-سانائەتتە بۇلاردىن كەينىدە ئىكەنلىكىدىن خىجىل بولىشىدىكەن. ئىرانلىقلار خوتەن زىلچىسىغا ھەۋەس بىلەن قاراپ، ھەسەت قىلىشسا، ھىندۇستانلىق چوكانلار خوتەن قىزلىرىنىڭ ئۈستىدىكى شاھانە ئەتلەسلىرىنى كۆرۈپ، سارىلىرىدىن نومۇس قىلىشىدىكەن ھەمدە ئەرلىرىگە توپ-توپ ئەتلەسلەرنى ئالغۇزدىكەن. 
    ئۆز خەلقىنىڭ پاراۋانلىقى، ئۆز يۇرتىنى ئاۋاتلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئەلنىڭ پادىشاھىمۇ خۇشال ۋە مەغرۇر ئىكەن. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تاۋغاچ(2) سۇلتانلىقىغا قارايدىكەن، ئۆزى تاۋغاچ سۇلتانىنىڭ كۈيئوغلى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ بەختلىك ئىكەن. ئۆزىمۇ چوڭ شاھقا سادىق ئىكەن. كۈنلىرىنى بەخت-سائادەتتە ئۆتكۈزىدىكەن. ئەمما، «ھەر خۇشاللىقنىڭ قايغۇسى بولىدۇ» دېگەندەك، بۇ زاتى ئېسىلنىڭ شۇنداق بىر ئازابلىنىدىغان كۈنلىرى بولىدىكەنكى، بۇ ئازاب ھەممە خۇشاللىقلىرىنى يوققا چىقىرىۋېتىدىكەن، ھەممىنى ھېكمەت بىلەن ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئاللا، ئۇنىڭغا قىز پەرزەنت ئاتا قىلىپ، ئوغۇل پەرزەنت بەرمەپتۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ تولىمۇ ھەسرەت-نادامەت چېكىپتۇ، ئەلنىڭ كەلگۈسىدىن تولا غەم يەپ، ئۆمرى كۈز مەنزىلىگە كېلىپ قاپتۇ. «ھاياتىمدا خەلقىم ئۈچۈن جىق ئىشلارنى قىلدىم. جىق نەرسىلەرنى ئۆزۈم بېشىدا تۇرۇپ تۈجۈپىلەپ قىلدۇردۇم. ئەنە شۇنداق سەمىمىيەت ۋە ئىخلاسنىڭ ئاستىدا بۈگۈنكىدەك، پاراۋانلىق ۋە تېنچلىقنى (ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن) بەرپا قىلدىم. شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن شاھلىقىمغا ۋارىس بولىدىغان ئوغلۇم يوق، باشقا ۋەزىرلىرىم بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالارمۇ؟ ھەي تا...ڭ! ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟» ئۇ تولىمۇ كۆپ ئاھ ئۇرۇپتۇ، نادامەت چېكىپتۇ. لېكىن بەندىگە نە چارە؟ ئاخىرى يالغۇز قىزىنى پادىشاھلىقىنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىپ جاكا قىلىپتۇ. 
    مەلىكە ئەسلىدىنلا ھۈسىن ـ جامالدا يېگانە ئىكەن، تولىمۇ گۈزەل ساھىبجامال ئىكەن، ئۇنىڭ نامى يىراق ئەللەرگىمۇ مەشھۇر ئىكەن. ئاينىڭ جامالىمۇ، كۈننىڭ جامالىمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيدىكەن، ئەرلەر ئۇنى كۆرۈپلا قالسا تۈگىشىدىكەن. باشقا ئىش خىيالىغا كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ تۇرقىنى ئەسلەپلا ساراڭلاردەك كۈنىنى ئۆتكۈزدىكەن. ئەمدى ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە شاھلىق بىلەن تاج قوشۇلۇپتۇ، ئالتۇن ئۈزۈككە، ياقۇت بېكىتىلىپتۇ. كىممۇ ئۇنىڭغا ــ شاھ بولىدىغان مەلىكىگە ئېرىشىشنى ئىزدىمىسۇن!؟ ئۇنىڭغا ئېرىشىش پادىشاھ بولۇش دېگەن گەپ، ئۇنىڭغا ئېرىشىش سۇلتان بولۇش دېگەن گەپ. شۇنداق قىلىپ يەتتە ئىقلىمدىن، ھەتتا يىراق ئەللەردىنمۇ ئەلچىلەر بۇ شەھەرگە يېغىپ كېتىپتۇ. بەگزادىلەر، بايۋەتچىلەر، شاھزادىلەر، ھەتتا بەزى شاھلارمۇ ئۇنىڭغا سوۋغا –سالام ئەكىرىشكە ئۆچرەتتە تۇرۇپتۇ. بىراق، كىچىكىدىن ئەركە ئۆسكەن مەلىكە ئۆز ئويۇنلىرى بىلەن بەنت بولۇپ يۈرۈۋېرىپتۇ. شاھ گاھى ئەلچىلەرنى رەت قىلىپ يولغا سالسىمۇ، گاھى چوڭ پادىشاھلىقلارنىڭ ئەلچىلىرىگە نېمە دېيىشىنى بىلمەي «قىزىم لايىقنى ئۆزى تاللايدۇ» دەپ ئۆزى ئايرىم چارىگاھىغا بېكىنىۋاپتۇ. قىز بولسا ياشلىق غورۇرىغا، مەنسىتمەسلىكىگە ئېلىپ، ئەلچىلەرنى قايتۇرۇۋېرىپتۇ. گاھى ئەلچىلەر ئەپسۇسلىنىپ قايتسا، گاھىلىرى چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ قايتىپتۇ. ھەتتا بەزى پادىشاھلىقلار بۇلارغا قارشى ئاداۋەت باشلاپ، ئۇرۇش پىلانلىرىنى تۈزۈشكە كىرىشىپتۇ. بەزىلىرى بولسا «چېكىلىۋەرگەن ئىشىك ئاخىرى ئېچىلار» دەپ سوۋغا-سالاملارنى يوللاۋېرىپتۇ. كۈنلەر، ئايلار شۇنداق ئۆتۈپتۇ. بىراق، ئاقىۋەتتە ئويلىمىغانلا بىر ئىش يۈز بېرىپتۇ. 
     
    2
     
     
     
    -زېرىكتۈرۈپ قويمىغاندىمەن،- دېدى بوۋاي پارىڭىنى ئارىلاپ، - ئۇيقۇڭىز كەلسە ھايت دەڭ!...- ئۇ ئالدىمىزدىكى گۇلخاننى چۇقچىلاپ، ئوتۇن تاشلاپ قويدى. مەن بولسام چۆچەككە بېرىلىپ كېتىپ، ئوتقا ئوتۇن سېلىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم. 
     
    بۇ شەھەرگە قوشنا بىر يېزىدا بىر تۇل خوتۇن يالغۇز ئوغلى بىلەن قەدرى ھال كۈن كەچۈرىدىكەن، يوقسىزلىق ئۇلارنى ئۆلتۈرمەيدىكەن، ئەمما قۇل قىلىدىكەن. ئېرىدىن بالدۇرلا ئايرىلىپ قالغان مېھرىبان ئانا چېچىنى سۈپۈرگە، قولىنى كۆسەي قىلىپ، جېگدىلىكلەردە ئوتۇن ۋە جېگدە تېرىپ بالىسىنى بېقىپ چوڭ قىپتۇ، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كۆرمىگەن كۈنى قالماپتۇ، تاغدىن ئوتۇن كەسلەپ، بازارغا ئەكىلىپ سېتىپتۇ، كىشىلەرگە نان يېقىپ بېرىپتۇ، ھەتتا قاتتىق- قۇرۇق ئىشلارنىمۇ قىپتۇ، كىر يۇيۇپتۇ، ئېتىزلاردا ئىشلەپتۇ، قوي-كالا بېقىپتۇ؛ شۇلارنىڭ ئىچىدە باشقا ئەر خەقلەرنىڭ دارىتمىلىق گەپلىرى، توي تەكلىپلىرى ئەڭ ئېغىر بوپتۇ. دېمەك، بۇ ئاقكۆڭۈل ئايال بارلىقىنى ئەنە شۇ پالۋان سۈپەت ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوغلىغا بېغىشلاپتۇ. ئوغلىمۇ كۆرگەنلا ئادەمنىڭ مەستلىكىنى قوزغايدىغان، ئېگىز بويلۇق، كۈچتۈڭگۈر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپتۇ. ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئەتىيازدا يەر ئاغدۇرۇپ تېرىقچىلىق قىپتۇ، گاھىدا قىلىچ بىلەن ئوقياسىنى ئېلىپ ئوۋچىلىق قىپتۇ، كىشىلەر: «بۇ بالا ئاتىسىغا خۇيمۇ ئوخشىدى!» دېيىشىپتۇ. ھەتتا بەزىلەر بۇ بالىنى كۈيئوغۇل قىلىش چوتىنى كۆڭلىدە سوقۇشۇپتۇ. ئانا ھەر قېتىم ئوغلىغا ئىپتىخار بىلەن قاراپ، ئۆز ئەمگىكىنى ھاردۇقىنى چىقارغاندەك خۇرسەنلىكتە ئۇھسىنىپ قويىدىكەن. كىشىلەرگە ئوغلىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىكەن، قايسىبىر ئانا ئۆز ئوغلىغا شۇنداق قىلمايدۇ؟! دېيىلىشىچە: يەئقۇب ئەلەيھىسسالام قاپقارا بىر دېدىكىگە، بۇ ئالمىنى كوچىدا ئويناۋاتقان ئەڭ چىرايلىق بالىغا ئاچىقىپ بەر! دېگەنمىش، كۆڭلىدە ئوغلى يۈسۈفنى نېيەت قىلغانمىش، بىراق قاپقارا دېدەك ئالمىنى ئۆز ئوغلىغا ئاچىقىپ بەرگەنمىش، نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ، دېسە، ئۆز ئوغلۇم ئەڭ چىرايلىق كۆرۈندى، دېگەنمىش... بەلكىم بۇ قىسسەگە يالغان ئارىلاشقان بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئانىلارنىڭ ئۆز ئوغۇللىرىنى ئەنە شۇنداق ياخشى كۆرۈشى بىر ھەقىقەت. «مايمۇن - ئانىسىنىڭ كۆزىدە گوياكى بىر كېيىك» دەيدۇ كونىلار... 
    بۇ پالۋان يېگىت بىر كۈنى شىكارغا چىقىپتۇ، ئات چاپتۇرۇپ، دالىلار كېزىپتۇ، بىر كېيىكنى قوغلاپ بېرىپ، يىراقتىن ئوق ئۈزۈپتۇ. كېيىك يارىلانغان پېتى قېچىپ، يىراقتىكى بىر كۆل بويىغا يىقىلىپتۇ. كۆل بويى ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ، ئەتراپىغا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن ئىكەن، يېگىت كېيىك بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ باغى ئېرەمدەك گۈزەل تەبىئەتتىن ھوزۇر ئالالمىغانىكەن، ئۇ قارىسا ئەتراپ شۇنداق چىرايلىق تۈستە ئىكەن. ئۇ ئوۋلىغان كېيىكنىڭ يېنىغا كېلىپ، «بىسمىللا» دەپ بوغۇزلاپ تۇرۇشىغا يىراقتىن بىر ئاتلىقنىڭ قارىسى كۆرۈنۈپتۇ، بىردەمدىن كېيىن جەننەتتىن چىققاندەكلا بىر پەرى يېتىپ كەپتۇ. يېگىت بۇ پەرىشتە سۈپەت گۈزەل بەرنا قىزغا تىكىلىپ قارىغانچە قېتىپ قاپتۇ. قولىدىكى پىچاق يەرگە «توككىدە» چۈشۈپتۇ. قىزنىڭ لىۋەن يۈزىگە قېتىپ قالغان يېگىت ئۇنىڭ ئاستىدىكى چىلان تۇرۇق-ئارغىماققا، بېلىدىكى نەقىشلىك خەنجەرگە، ئۇچىسىدىكى شاھانە لىباس ۋە باش كېيىملىرىگىمۇ دىققەت قىلماپتۇ. ئەسلىدە، قەمەر شەھىرىنىڭ بۇ گۈزەل مەلىكىسىمۇ شۇ كېيىكنى ئوۋلاش ئۈچۈن قوغلاپ كەلگەن ئىكەن. يېگىت كۆڭلىدە:«بۇ نېمە ئىش؟ بۇ ئادەممۇ ياكى پەرىمۇ؟ ئىنسان زاتىمۇ شۇنداق گۈزەل بولامدۇ؟! مەن نېمە بولۇۋاتىمەن؟» دېگەنلەرنى خىيال قىپتۇ. بىر دەمدىن كېيىن بىر توپ پەرى سۈپەت قىزلارمۇ ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ، ئاتلىرىدىن چۈشۈپ مەلىكىگە ئېھتىرام بىلدۈرۈپتۇ. مەلىكە گەپ باشلاپتۇ: 
    -ئۇستا مەرگەنكەنسىز، يېگىت!... ئاتقان ئوقىڭىز دەل تېگىدىكەن. مەن نەچچە قېتىم ئېتىپ تەككۈزەلمىگەنىدىم... – مەلىكە يىراقتىكى كېيىكنى كۆرسىتىپ قىزلارغا دەپتۇ،- يۈرۈڭلار، قىزلار!... ئاۋۇ يەردە بۇ كېيىكنىڭ جۆرىسى باردەك قىلىدۇ...كەتتۇق!... 
    قىزلار ئەۋۋەل قانداق تۇيۇقسىز كەلگەن بولسا، ئەنە شۇنداق تۇيۇقسىز يېگىتنىڭ ئالدىدىن غايىپ بوپتۇ. 
     
    شۇنداق ئوغلۇم، ياشلىقتا ئادەم قانداق ئىشلارنى باشتىن كەچۈرمەيدۇ؟ كىملەرگە ئاشىق بولمايدۇ؟! مەسىلە ئاشىق بولۇش-بولماسلىقتا ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشتا... ئەنە شۇ مۇئامىلە ئىنساننىڭ كېيىنكى ھاياتىغا ئاجايىپ تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ... بۇ خىل كۈچلۈك ئاشىقلىق گاھى ئىنسانلارنى ئۇلۇغلۇق مەقامىغا يۈكسەلتسە، گاھىلىرى شۇ سىرلىق كۈچنىڭ تەسىرىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، يەنى ئىرادىلىك بولالماي لەنەتلىك ھاياتقا مەھكۇم بولىدۇ!...ھايات مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ھايات ئىمتىھانلىرى بىلەن داۋام قىلىدۇ، ئىنسان ھەر قەدەمدە ئاشىقتۇر، ئىنسان ھەر قەدەمدە ئىمتىھان ئۈستىدىدۇر، -بوۋاينىڭ سۆزلىرى دەل جايىدىن ئېيتىلىۋاتاتتى. ئۇ چۆچىكىنى داۋاملاشتۇردى... 
     
    بايا ئات چاپتۇرۇپ، كېيىك ئوۋلىغان پالۋان، ئەمدى ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن ئاجايىپ بىر ھالغا چۈشۈپتۇ. تېنىدە ماغدۇر قالمىغاندەك ھالسىزلىنىپتۇ. كېيىكنى بوغۇزلاشنىمۇ ئۇنتۇپ، يەردىلا ئولتۇرۇپ قاپتۇ. كۆلدىكى سۇ يۈزى بايىقى مەلىكىنىڭ سىماسىنىلا كۆرسىتىدىكەن. ئۇ شۇ ئولتۇرغانچە بىر قانچە سائەت سۇغا تىكىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. قورسىقىنىڭ ئاچلىقىمۇ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپتۇ، ئېتىنىڭ ئوتلاپ نەگە كەتكەنلىكىمۇ خىيالىغا كەلمەپتۇ. ناۋادا بىرەر ئوغرى كېلىپ يانچۇقىدىكى نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ كەتسىمۇ، ھېچنەرسىنى تۇيمايدىكەن. ئاخىرى يېگىت بولماي، قايتىدىن چاچراپ تۇرۇپ، ئېتىنى مىڭ تەستە تېپىپ مېنىپتۇ-دە، مەلىكە كەتكەن تەرەپكە قاراپ قاتتىق چاپتۇرۇپتۇ. دالىلارنى ئايلىنىپ بېقىپ، ئۈمىدسىزلىنىپ سالپىيىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ يۈرىكىدە بىر دەرد-كۆيۈك ئازابى قاپتۇ. ئۇيانغا ئۆرىلىپمۇ «ئاھ!» دەيدىكەن، بۇيانغا چۆرىلىپمۇ «پاھ!» دەيدىكەن، مەيدىسىنى زەي يەرگە يېقىپ ياتقىنى ياتقان ئىكەن. ئاشىقلىق ئۇنى ھالسىزلاندۇرۇپتۇ، چىرايى زەئفىراندەك سارغىيىپتۇ، كالىسى ئاچ، ئېتىزى ئاق قاپتۇ. شىكار، ئوۋ دېگەنلەر خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقماپتۇ، ئانىسىنىڭ كۆيۈنۈشلىرى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسلىتىپ تۇرمىسا، ئانىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغاندەك ئىكەن. بالىسىنىڭ كېسىلىدىن قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن بىچارە مەزلۇمەنىڭ قىلمىغان چارىلىرى، تەدبىرلىرى قالماپتۇ. تېۋىپلارغا كۆرسىتىپ ھارماپتۇ، قۇرئان ئوقۇپ دەمىدە سۈيىنى ئېچۈرۈپتۇ. لېكىن بۇ ئوغۇلغا ھېچنېمە پايدا قىلماپتۇ. ئوغلىغا قاراپ بىچارە ئانىسىمۇ سارغىيىشقا باشلاپتۇ. بالىلارنىڭ پۇتىغا سانچىلغان تىكەن، ئانىلارنى يۈرىكىگە سانچىلىدۇ! بۇ ئوغۇلنىڭ يۈرىكىگە ئېتىلغان نىگاھ- ئوق، بۇ ئانىنىڭ ھاياتىغا ئېتىلىپتۇ!... 
     
    3
     
     
     
    ئانا بۇ ئىشنىڭ تېگىنى چۈشىنەلمەي، نەچچە كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈپتۇ. قانداق قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۆپ باش قاتۇرۇپتۇ. ئوغلىنىڭ گەپ-سۆزگە جاۋاب بەرمەي، مىسكىن ھالەتتە تۇرغىنى تۇرغان ئىكەن. زەبەردەست بىر ئوغۇلنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ئانىنى خېلىلا ئەنسېرىتىپتۇ، بالىسىغا مىڭبىر يالۋۇرۇپ يۈرۈپ، كۆڭلىدىكىنى دېيىشنى ئېيتىپتۇ. ئاخىرى ئوغلى چىداپ بولالماي، ھۆڭرەپ يىغلاپ تۇرۇپ يۈز بەرگەن ئەھۋالنى ئېيتىپ بېرىپتۇ. 
    تارام-تارام كۆز-ياشلىرىنى ئېقىتىپ تۇرغان ئانا: 
    -جان باغرىم، جېگەر پارەم بالام! بالدۇرراق دېسەڭ بولماسمىدى؟ بۇ ھالغا قېلىشىڭغا مەن سەۋەبچى. سېنى شۇنچە دەردكە سالغان مەن. چۈنكى سەندىن ھالىڭ قانداق، دەپ سوراپ باقماپتىمەن. قانداق قىلاي؟ ئاتاڭ كىچىكىڭدىلا تۈگەپ كەتتى، مەن تۇل قالدىم. تۇللۇقنىڭ مۇشەققىتىنى كۆپ تارتتىم. ھەر يىلى قولىمىز قىسقا بولۇپ كەلدى، ئىشىمىز ئالغا باسمىغاندەك ياشاپ كەلدۇق، ئايال كىشىنىڭ ھالى شۇكەن، بىز ئاجىزكەنمىز. داداڭ رەھمىتى بولسا (ئانا كۆز يېشىنى ياغلىقىنىڭ ئۇچىدا سۈرتۇپ قويدى) بۇ كۈنلەرگە قالماس ئىدۇق، بەلكى! ھالىمىز بۇنچە يامان بولمسا ئىدى، سېنىمۇ ئاللىبۇرۇن ئۆي-ئوچاقلىق قىلغان بولاتتۇق. ھېلىمۇ ئاجىز تېنىمنى ئاللا ئامان قىلسىلا، سېنى بۇ يىل كۈزدە ئۆيلەيمەن، بالام. بارلىقىم، بار-يوقۇم ساڭا تەسەددۇق بولسۇن! جېنىم ساڭا پىدا بولسۇن! شەھىرىمىزدە، مەھەللىمىزدا قىزىل گۈلنىڭ غۇنچىسىدەك، تېگى-تەكتى پاكىزە قىزلار كۆپ. خۇدا خالىسا، ئەتە تەلىيىڭنى سىناپ ئۆيدىن چىقاي، داستىخان راستلاپ ئەلچىلىككە ماڭاي. لېكىن، جېنىم پارەم، جېگىرىم ئوغلۇم! شاھ قىزىنى-مەلىكىنى ئويلىما، ئۇنى يادىڭدىن چىقىرىۋەت. بۇ ئىش بىزگە ئاينى ئالماقتىنمۇ قىيىن. ئاللا ھەر بەندىسىنى ئۆز جۈپتى ھالالى بىلەن ياراتقان. سېنىڭمۇ ئۆز جۈپتۈڭ بار. شاھلار، بايلارنىڭ قىزلىرى ساڭا ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك يولداش بولمايدۇ، تاشنى ياغاچقا تاڭسا تۇرمايدۇ. ئوغلۇم، ئۇلارنىڭ ئوقۇرى ئۈستۈن،- دەپ ئوغلىغا نەسىھەتلەرنى قىپتۇ. بىراق ئوغلىغا بۇ نەسىھەتلەر قىلچىمۇ كار قىلماپتۇ. ئەكسىچە تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، يەر قۇچاقلاپ يېتىپتۇ. كۈنلىرىنى ئاشۇنداق زەئىفلىكتە ئۆتكۈزۈپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى: 
    -ياق! شاھ قىزىنى ئالغىنىم ئالغان! ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالمىسام ئۆلۈپ كەتسەم بولىدۇ، ئۆلۈپلا كېتەي! ئانا، قىسمىتىم شۇ ئوخشايدۇ، مەندىن رازى بول!...ئەلۋىدا!...- دەپ ياقىلىرىنى تۇتۇپتۇ. قورقۇپ كەتكەن ئانا: 
    -مەن ئەتىلا ئەلچىلىككە ماڭاي، بالام، ئۇنداق قىلما! ئەتىلا ماڭاي!...-دەپتۇ نائىلاج. 
    ئەتىسى ناتىۋان بىچارە مەزلۇمە ئېغىر قەدەملىرىنى ئېلىپ، شۇ تەرسا ئوغلىنىڭ كۆڭلىنى دەپ ئوردا تامان يۈرۈپتۇ. بۇ نەقەدەر باتۇرلۇق-ھە! بىر تۇل خوتۇننىڭ شاھتىن مەلىكىسىنى سورىشى، ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىش دېگەن گەپ. ئانا ئەنە شۇنداق ئۆلۈمگە ئۆزىنى ئاتاپ، ئوردىغا قاراپ راۋان بوپتۇ. 
     
    بوۋاي ئىككىمىز ئۇزاق جىمىپ كەتتۇق. ئانىنىڭ ئۆز ئوغلى ئۈچۈن بۇ قەدەر تەۋەككۈلچىلىك قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم. بوۋاي: 
    -ھەرقانداق ئانا ئۇلۇغ بولىدۇ، ئوغلۇم، چوقۇم ئانىلارنى رازى قىلىش كېرەك، رەسۇلۇللاھمۇ «ئاناڭنى رازى قىل!» دېگەن. ئانا بارلىق دېمەكتۇر. ئانا بولمىسا، خۇشاللىق خۇشاللىق بولمايدۇ؛ ئۇ بولمىسا ئۆيمۇ ئۆي ئەمەس تالا بولۇپ قالىدۇ، ئۇ-بۇ دەپ ياشايمىز، پالانچى، پۇكۇنچى دەيمىز، ئاقىۋەتتە، سېنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغىنى دۇنيادا پەقەت ئاناڭدۇر... بۇ دۇنيادا نېمىگە ئېرىشىمىز؟ تۇيغۇغا، ھېس-تۇيغۇغا ئېرىشىمىز. ھەممە نەرسە ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىر چاغلاردا- ھاياتىمىز بىر يەرگە بارغاندا، ئەڭ ئالىي بەخت ئانىمىزنىڭ مېھرىبانلىقىدىن شەكىللەنگەن قەلبىمىزدىكى ھېس-تۇيغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز... –دېدى، مېنىڭ كۆزلىرىمگە ياش لىغىرلاپلا كېلىۋالدى، يان تەرەپكە قارىۋالدىم، ئانامنى غۇۋالا ئەسلىيەلەيتتىم. ئۇنداقتا مەن ئانىسىنىڭ مېھرىبانلىقىنىمۇ كۆرەلمىگەن، بەختسىز ئىنسان بولۇپ قاپتىمەن-دە. «ئانا! ئانا!! سەن قەيەردە؟ مەن سېنى بىر ئۆمۈر ئىزدىمىدىممۇ؟ سېنىڭ مېھرىبانلىقىڭغا بىر ئۆمۈر تەلپۈنمىدىممۇ؟! ئېغىر كۈنلەرگە يولۇققاندا، غايىۋانە سايەڭگە يۆلەنمىدىممۇ؟!» 
    خىيالىمدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئەتراپىمغا قارىدىم، كېچە بولغانسېرى ئايدىڭ تېخىمۇ كۈچىيىۋاتقاندەك ئىدى، بۈگۈن ئازراقمۇ شامال يوق، چۆل تىمتاس ئىدى، ھەمراھلىرىمىزمۇ ئۇيقۇ دۇنياسىغا غەرق بولۇشقانىدى، دۇنيادىكى بارلىق جانلىقنىڭ ئانىسى بولىدۇ، بارلىق مەۋجۇداتنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى بولىدۇ. كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئۇنتۇش، ئىنسان ئۈچۈن تۇزكۇرلۇق، نومۇستۇر! ئانا بولىدىكەن، ئىمانمۇ بولىدۇ؛ يەنى ئىمانلىق ئوغۇللار تۇغۇلىدۇ. ئانا بولىدىكەن، ۋىجدانمۇ بولىدۇ؛ يەنى ۋىجدانلىق بالىلار تۇغۇلىدۇ. ئاللا ئانىنىڭ ۋۇجۇدىنى ئىنسانىيەتنىڭ كېلىش مەنبەسى قىلغان. 
    بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كېيىن بوۋاي يەنە چۆچەكنى باشلىدى. بۇ كېچە ھەر ئىككىلىمىزگە ئۇنتۇلماس بىر قۇتلۇق كېچە بولىدىغاندەك ئىدى. ئۇ خۇددى ئۆتمۈشتىن قالغان ئاجايىب بىر قىممەتلىك ئامانەتنى ماڭا يەتكۈزۈۋاتقاندەك تەرزدە بۇ قىسسىنى داۋام قىلىشقا باشلىدى. 
     
    4
     
     
     
    ئەلقىسسە، مۆھتەرەم ئانا زور جاسارەت بىلەت بىلەن ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ، ھالبۇكى، كۆزىگە ئەتراپتىكى ئادەملەر ۋە شەيئىلەر كۆرۈنمەيدىكەن. كاللىسى گاراڭ بولۇپ قالغاندەك ئىكەن. شۇندىمۇ ئۇ بالىسىنىڭ بەختى ئۆچۈن كۆڭلىدە ئۆلۈمگىمۇ تەييارلىق قىلىپ قويۇپتۇ. شاھ ئوردىسىنىڭ دەرۋازا ئالدىنى ئۇدا ئۈچ كۈن سۈپۈرۈپ-تازىلاپ، سۇ سېپىپتۇ. ئاخىرى بىر لەشكەر تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانىنى، دادىنى شاھقا يەتكۈزۈپ قويۇش ئۈچۈن كىرىپ كېتىپتۇ. 
    -نېمە؟! بىر تۇل خوتۇن، بىر تېجىمەل گاداي مەندىن قىز سوراپتىمۇ؟- دەماللىققا ئاچچىغى كەلگەن شاھ، غەزەبلىنىپ توۋلاپ كېتىپتۇ، ئارقىدىن سەل ئىزىغا چۈشۈپ،- توغرا، مەن ئادىل بولۇشۇم كېرەك، ئۇ تۇل خوتۇن بولسىمۇ بىر ئىنساندە، ئىنساننىڭ ئارزۇسىغا چەك قويۇش ياخشى ئىش ئەمەس! مەن ئېلانىمدا «قىزىم لايىقنى ئۆزى تاللايدۇ» دېگەنىكەنمەن، ۋەدەمگە ئەمەل قىلىشىم كېرەك. بۇ ئىشنى يەنىلا قىزىم ئۆزى بىر تەرەپ قىلسۇن،- گەرچە نومۇس كۈچىدىن شاھنىڭ دىلى مەلۇل بولسىمۇ، ئەنە شۇنداق قىلىش قارارىغا كەپتۇ، ئۇ ئاچچىقلانغاندا ھۆكۈم چىقىرىشقا بېرىلمەيدىكەن، ئۇ مەلىكىسىنى چاقىرىپ، بار ئەھۋالنى بايان قىلىپتۇ. مەلىكە ئانىنى ئۆز قوبۇلخانىسىدا قوبۇل قىپتۇ: 
    -خوش، خانىم! كىم تەرەپتىن، نېمە سەۋەبتىن كەلدىڭىز؟ دەردىڭىزنى ئېيتىڭ!- ئۇ تەكەببۇرانە قىياپەتتە قاراپ، غادىيىپ ئولتۇرۇپ بۇيرۇق قىپتۇ. بىچارە ناتىۋان ئانا بولغان ئەھۋالنىڭ ھەممىنى يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ بېرىپتۇ. كۆڭلىدە «بۇ قىزدىن ياخشى گەپ ئاڭلاش مۇمكىن ئەمەس» دەپ قورقۇپ تۇرسىمۇ، بالىسىنىڭ ئەھۋالىنى دەپ كۆپ يالۋۇرۇپتۇ. 
    - ھا ھا ھا !!- قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ مەلىكە مەسخىرە ئارىلاش،-ئوغلۇم ئاشىق دە..ڭ! ھېلىقى، .... ھېلىقى دالىدا ئوۋ ئوۋلىغان يېگىتمۇ؟.... ھە... ئەمدى ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ....خوش، ئاشۇ ئوغلىڭىزغا مېنى سوراپ كەلدىڭىز؟.. ھا ھا ھا !.... قىزىق ئىش بوپتۇ بۇ ! ھا ھا ھا! ئاڭلىدىڭمۇ گۈلرۇخ بانۇ! ئاشۇ يېگىت مېنى سورىتىپ ئانىسىنى ئەۋەتىپتۇ! ھۆرمەتلىك «ئانىجان»، ئاشۇ «جۈرئەتلىك» ئوغلىڭىزنىڭ ئۆزىنى بىر ئەۋەتىڭ... جاۋابنى ئۆزىگىلا بېرەي...- مەلىكە گېپىنى تۈگىتىپلا، ئالدىراش چىقىپ كېتىپتۇ. ئانا مىڭ تەستە ئاياغلىرىنى يۆتكەپ، پۈتمەس-تۈگىمەس دەردلەرنى يۈدۈپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇ بۇ مەلىكىنىڭ ئوغلىغا «ماقۇل» دەيدىغانلىقىغا، «ئاش» بولىدىغانلىقىغا ئۇ دۇنيا- بۇ دۇنيا ئىشەنمەيدىكەن. ئۇنىڭ قەدەملىرى ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭغانسېرى، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ. كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز شەبنەمدەك ياشلار تۆكۈلۈپتۇ. 
    ئانا ئۆيىگە كىرىپتۇ، بالىسى ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كۆزى تۆت بولغانىكەن. 
    -نېمە دېدى ئانا! دېگىنە! مەلىكە نېمە دېدى؟- ئانىسى ئولتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىگەندە، يېگىت ئاشۇ گەپنى تەكرارلاپتۇ. ئانا مەلىكىنىڭ تەكەببۇرانە ھالەتلىرىنى، مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنى، بۇ ئىشتا ئۈمىدنىڭ يوقلىقىنى، شۇڭا بېشى تېخىمۇ قېتىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ، ئاخىرىدا: 
    -ئوغلۇم، مەلىكە «ئوغلىڭىز ئۆزى كەلسۇن، جاۋابنى ئۆزىگە بېرەي» دېدى، مەنچە بۇ ئىش...- دەپ تۇرىشىغا نادان ئوغۇل مەس پىلدەك دەلدەڭشىگىنىچە چىقىپ كېتىپ، ئوردىغا قاراپ راۋان بوپتۇ. 
     
    -ئوغلۇم، - دېدى مويسىپىت بوۋاي چۆچىكىنى بىر دەم توختىتىپ تۇرۇپ،- ئەسلىدە ياخشى-ياماننىڭ باشلانغۇچىدا چېگراسى بولمايدۇ، ئەمما ئىنسان كېيىنكى مۇساپىلىرىدە ئۆز قەدەملىرى بىلەن ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ چېگراسىنى بەرپا قىلىدۇ. يول ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۆلۈنۈپ، ياخشى بىلەن يامان قۇتۇپقا ئايرىلىپ كېتىدۇ، ھەر بىر ئىنسان ئەسلىدە ياخشىلىق ئۈستىگە تۇغۇلغان ئەمەسمىدى؟ لېكىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھاياتى ئۇنداق بولماي قالىدۇ، ئىنسان يول تاللاشقا دۇچ كەلگەندە، ئۆزى تاللايدۇ. تەقدىر دېگىنى چوقۇم موشۇ يولدا ماڭ دېگىنى ئەمەس، بەلكى ما يولدا ماڭساڭ توغرا، ما يولدا ماڭساڭ خاتا، توغرىسىدا ماڭ دېگىنىدۇر. شۇنىڭدەك، بىز سۆزلەۋاتقان بۇ يېگىتمۇ ئانىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي، چىقىپ كېتىپ ئۆزىنىڭ كېيىنكى يولىنى تاللاپتۇ... 
     
    ئۇ ئوردىغا قاراپ مېڭىپتۇ، ئەھۋالنى لەشكەرگە دەپ ، مەلىكە بىلەن كۆرۈشۈشكە ئىجازەت ئاپتۇ، ئوردىغا كىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئوردىغا كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان مەلىكە «نى-نى شاھزادە، شاھلارنى رەت قىلدىم، ئەمدى بۇ تېجىمەلنى قانداق يولغا سالارمەن؟» دەپ باش قاتۇرۇپتۇ، بىر پەس ئويلانغاندىن كېيىن قوبۇلخانىسىغا چىقىپتۇ. 
    -ئانىڭىزدىن دەردىڭىزنى ئاڭلىدىم! ئەمما، ھۆرمەتلىك پالۋان يېگىت، مېنىڭ تويلۇقۇم سەل ئېغىرراق، نى-نى بەگزادە، شاھزادىلەرنىڭ بۇ تويلۇقنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ يېلى بوشاپ كەتكەن. سىزنىڭمۇ بۇ شەرتنى ئورۇندىشىڭىز تەسكە چۈشەرمىكىن؟! 
    مەلىكىگە قاراپ ئەس-ھۇشىنى يوقىتىپ قويغان يېگىت ئويلانمايلا: 
    -قېنى، دەڭ! بېشىم كېتىدىغان، جېنىم پىدا بولىدىغان ئىش بولسىمۇ ئورۇندايمەن! –دەپتۇ. 
    -ياق! بولدى مەن دېمەي، سىزمۇ جېنىڭىزنى قىينىماڭ، يېپىق قازان يېپىق پېتى قالسۇن!... 
    -نېمە دېگۈڭىز كەلسە دەۋېرىڭ، ئورۇندايمەن، تاغقا چىق، چۆلگە بار، دېڭىزغا چۈش دېسىڭىزمۇ مەيلى! تاغلارنى تەشكىن دېسىڭىزمۇ، قۇل بول دېسىڭىزمۇ مەيلى! نېمە بولسا ئۆز شورۇم دەيمەن! ھەممىنى ئورۇندايمەن! 
    -بوپتۇ، ئەمىسە. خۇن تۆلەشكە رەيىڭىز بولسا، ئانىڭىزنى ئۆلتۈرۈپ كېلىپ، ئىسسىق يۈرىكىنى ئالدىمغا قويۇڭ! مېنىڭ تويلۇقۇم پەقەتلا شۇ!!... 
    مەلىكە ئۇزۇن كۆڭلەكلىرىنى لەپىلدىتىپ، نەپىس، تېز قەدەملىرى بىلەن گۈلرۈخ بانۇنىڭ ھەمرالىقىدا قوبۇلخانىدىن چىقىپ كېتىپتۇ. 
     
    5
     
     
     
    بۇ ئوغۇلمۇ ھالى خاراپ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ، ئۇنىڭ قەدەملىرى ئەۋۋەلكى ئانىسىنىڭ ئۆيگە قايتقاندىكى قەدەملىرىدىنمۇ ئېغىرراقكەن، ئۇنىڭ قەددى ئىلگىرىكىدىنمۇ بەكرەك چۈشۈپ كېتىپتۇ. چىرايى تېخىمۇ سارغىيىپ كەتكەندەك ئىكەن. 
    -جېنىم بالام!؟ نېمە بولدۇڭ؟ نېمانداق سارغىيىپ كەتتىڭ!؟ 
    - بولدى سورىماڭ ئانا، مەن ئېيتماي، ئۇنىڭ تويلۇقى بەك ئېغىركەن! 
    - ماڭا ئېيتمىساڭ كىمگە ئېيتىسەن بالام، مەن سېنىڭ ھەم داداڭ، ھەم ئاناڭ، ھەم قېرىنداشلىرىڭ ئورنىدا بولۇپ كەلدىم. ئاناڭغا دە، يەڭگىللەپ قالىسەن، جان كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ، مۇرادىڭ ھاسىل بولسىلا ئورۇندايمەن بالام! ئاللا مۈشكۈلۈڭنى ئاسان قىلىدۇ. 
    يېگىت كۈچتۈڭگۈر، قاۋۇل، ئىشچان بولسىمۇ تولىمۇ نادان ئىكەن، ئۇ ئاقىۋېتىنى كۆپ ئويلىماي مەلىكىنىڭ تويلۇق شەرتلىرىنى ئانىسىغا بايان قىپتۇ. 
    -ۋاي بالام، غەم يېمە بولدى! سەن ئۈچۈن مېنىڭ ھەممە نېمەم تەييار مانا، مەن بىلەن مۇرادىڭ ھاسىللا بولىدىغان بولسا، مېنىڭ ئىسسىق جېنىم، ھاياتىم ساڭا پىدا بولسۇن!! بىر ئەمەس، يۈز ئەمەس، مىڭبىر يۈرەك دېسەڭمۇ بېرەي بالام!!! سېنىڭ خۇشاللىقىڭغا ھاياتىم ۋە ماماتىم تەسەددۇق بولسۇن!... 
    بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئاسمانلار، زېمىنلار، پۈتكۈل كائىناتتىكى بارچە مەخلۇقاتلار تىمتاس بولۇپ قاپتۇ. «بۇ يېگىت قانداق قىلار؟» دەپ قاراپ قاپتۇ. ئەقلىدىن پۈتۈنلەي ئېزىپ، كونتېروللىقىنى يوقاتقان نادان پىچاقنى قولىغا ئالغىنىدا كائىناتتىكى ھەممە شەيئىلەر چۆچۈپ كېتىپتۇ؛ تەسۋېرلىگۈسىز ھەيرەتتە قاپتۇ. نادان پىچاقنى كۆتۈرگىنىچە ئانىسىنىڭ يېنىغا كەپتۇ. شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، يەر سىلكىنىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ يامغۇر يېغىپ كېتىپتۇ. لېكىن بۇ شۇم لەنىتى قاتىل پەيلىدىن يانماي ئانىسىغا پىچاق سۈرۈپتۇ! ئۇنىڭ يۈرىكىنى سۈغۇرۇپ ئېلىپتۇ-دە، ئوردىغا قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈرۈپتۇ... 
     
    -ئاڭلاۋاتامسەن، بالام! شەيتان بەك يامان نېمە! ئۇنى ھەرگىزمۇ سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. بەلكىم بۇ ناداننىڭ قىلمىشىغا پۈتۈن كائىناتتىكى بارچە مەخلۇقاتلار ھەيرەتتە بولۇپ تەۋرەپ كېتىشكەندە، لەنىتى شەيتان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەندۇ! ئىنساننى ئازدۇردۇم، ئۇنى ئۆزىمگە ئەزا قىلدىم، دەپ خوش بولۇپ كەتكەندۇ! نەچچە مىڭ يىللار مۇقەددەم تۇنجى قاتىللىقمۇ ئەنە شۇنداق يۈز بەرگەن، ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى ئوغلى قابىل بىلەن ھابىلنى ئاللا قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ئۇلار قۇربانلىق قىلىشقان. ئاللاھ ھابىلنىڭ نىيىتى خالىس بولغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقىنى قوبۇل قىلغان؛ قابىلنىڭ نېيىتى دۇرۇست بولمىغانلىقى ئۈچۈن قوبۇل قىلمىغان. بۇنىڭدىن غەزەبلەنگەن قابىل ھابىلنى «ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!» دېگەن؛ بىراق ھابىل«سەن مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولساڭمۇ، مەن ساڭا قول ئۇزاتمايمەن!» دېگەن. شۇ ۋاقىتتا شەيتان قابىلنى پۈۋلىگەن، غەزىپىنى ئاشۇرغان، ئاقىۋەت قابىل ھابىلنىڭ مېڭىسىگە تاش بىلەن ئۇرۇپ تۇنجى قاتىللىقنى سادىر قىلغان. شەيتان قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەن، قابىل بولسا، بىر پەستىن كېيىنلا قاتتىق پۇشايمان قىلغان. ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە، ئۆز قېرىندىشىنىڭ جەسىدىنى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي بىر يىل كۆتۈرۈپ يۈرگەن. ئاخىرى بىر قاغىنىڭ ئۆز قېرىندىشىنىڭ ئۆلىكىنى، تۇمشۇقى بىلەن يەر كولاپ كۆمۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، «ۋا، ھەسرەتا! مەن موشۇ قاغىچىلىكمۇ بولالمىدىممۇ؟» دەپ نادامەت چەككەن. قېرىندىشىنى كۆمگەن. شۇندىن بۇيان ھەر قاتىللىق يۈز بەرسە، قابىلغا بىر گۇناھ يېزىلىپ كېلىۋاتىدۇ. شەيتان سېنى ئازدۇرۇپ بولۇپ، ئەنە شۇنداق نادامەتتە قويىدۇ. گۇناھ قىلىپ ئازابلانمايدىغان، يامان ئىش قىلىپ پۇشايمان قىلمايدىغان ئادەم بارمۇ، ئوغلۇم؟ يامانلىق ھامىنى ئىنساندىن ئۆز بەدىلىنى ئالىدۇ، - مويسىپىت بۇ گەپلىرىنى دەپ بولغاندىن كېيىن چۆچىكىنى داۋاملاشتۇردى. 
     
    لەنىتى نادان قىپقىزىل، ئىسسىققىنا يۈرەكنى ئېلىپ ئوردىغا قاراپ يۈگرەپتۇ. كۆڭلىدە «ئەمدى ئاشۇ گۈزەل بەرنا مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە يېتىدىغان بولدۇم، تېزراق باراي، ئۇنى ئەمرىمگە ئالاي... ئاھ، بەخت دېگەن شۇمۇ!...» دېگەنلەرنى ئويلاپتۇ. بىراق نادانلىقىدىن مەلىكىنىڭ ئۆزىنى رەت قىلىش ئۈچۈنلا بۇ چارىنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئۇ شېرىن خىياللارنى سۈرگىنىچە يۈگۈرۈۋېتىپ، يولدىكى بىر تاشقا پۇتلىشىپ دۈم چۈپتۇ. قولىدىكى يۈرەك ئىرغىپ نېرىغا چۈشۈپتۇ. نۇرلىنىپ تۇرغان يۈرەك زۇۋانغا كەپتۇ: 
    -ۋاي جېنىم بالام! ئاپئاق قوزام! ئالتۇنۇم! بىر يېرىڭ ئاغرىدىمۇ بالام؟! 
    بۇ گەپتىن-بۇ نىدادىن تەسىرلىنىپ ھەممە شاھىدلار كۆز ياش قىپتۇ. بۇ ئانىنىڭ مېھرىبانلىقىدىن ھەممە تەسىرلىنىپتۇ. ئاللا ئۆز رەھمىتى بىلەن ئانىنىڭ يۈرىكىنى جايىغا ئەكىلىپ، ئانىنى قايتا تىرىلدۈرۈپتۇ ( ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ ئەسلى داستانىدا شۇنداق دېيىلگەن). ئانا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپتۇ. ئەتراپقا قارىسا ئوغلى يوق ئىكەن. ھېچ كىشى ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن، ئانا ئوغلىنى كۆپ ئىزدەپ سەرسان بوپتۇ. ئۇنىڭ جۇدالىقىدا ۋەيران بوپتۇ. ئاخىرى ئىزدەۋېرىپ ھالىدىن كېتىپ. ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ. 
     
    بوۋاي چۆچىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ۋۇجۇدۇمنى سانسىزلىغان مۇرەككەپ ھېس-تۇيغۇلار چىرمىۋالغانىدى. «ئەمدىكى ئىشلار قانداق بولار؟ بۇ چۆچەكنىڭ ئاخىرى قانداق داۋاملىشار؟» 
     
    6
     
     
     
    بايىقى شۇم لەنىتى قاتىل بۇ ئالامەتلەردىن- ھەقنىڭ قەھرىدىن قورقۇپ، باشقا شەھەرگە كەتمەكچى بوپتۇ. يول يۈرۈپتۇ، يول يۈرگەندىمۇ مول يۈرۈپتۇ. جەنۇپ تەرەپنى بويلاپ، ئۇزاق مېڭىپ تاغلاردىن ئېشىپتۇ، دەريالارنى كېچىپتۇ، چۆللەردە ئۇسسىز قاپتۇ. نۇرغۇن كۆللەر بار تاغلىق بىر دىيارغا كېلىپ قاپتۇ. ئەللەر بۇ تەرەپلەرنى «تاغلار دىيارى»(3) دەيدىكەن. ئۇ بۇ يەردە بىر مەزگىل مۇساپىر بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئايرىم بىر خالىي يەرنى ماكان تۇتۇپتۇ. كىشىلەرگە قارىسا ئۇلار ئۆمىلەپ ماڭغىنىچە، ئىگىز بىر يەرگە چىقىپ بۇتلىرىغا باش ئۇرىدىكەن. بىر كۈنى بۇ يۇرتنىڭ مىرشاپى ياقا يۇرتتىن بىر ئادەمنىڭ كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتقىلى بىر نەچچە نۆكەرلەرنى باشلاپ كەپتۇ. نۆكەرلەر ئۇنى تۇتۇشقا ئاتلانغاندا، ئۇ چاقماقتەك ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر نەچچىسىنى كاللا قويۇپ، بىر نەچچىسىنى مۇشت-پەشۋالىرى بىلەن بىردەمدە يەر چىشلىتىپتۇ. ئۇلارنىڭ تامامى زىر-زەۋەرلىرى ھالاك بوپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ھالىتى تولىمۇ چەبدەس ئىكەن. قورقۇپ كەتكەن مىرشاپ يۈگۈرۈپ قاچقىنىچە، ئۇدۇل شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىپتۇ. 
    ئەسلىدە بۇ شەھەرنىڭ شاھىمۇ مەلىكىگە ئەلچى ئەۋەتكەن ئىكەن، ئەلچىسى قۇرۇق قول قايتقاچقا شەھىرى قەمەر پادىشاھلىقىغا ئاداۋەت ساقلاۋاتقان ئىكەن. ھەتتا كېچە- كۈندۈز ئۇخلىماي پۇل، زۇلۇم ۋاسىتىلىرى بىلەن لەشكەر توپلاۋاتقان ئىكەن. كۆڭلىدە ئۇ چوڭ قوشۇن توپلاپ قەمەر شەھىرىنى ئۆز تەۋەسىگە قوشۇپ، مەلىكىنى ئۆز ئەمرىگە ئالماقچى بولۇۋاتقانىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان پادىشاھ: 
    -ھە، شۇنداقمۇ؟ قارىغاندا كۈچتۈڭگۈر، پالۋان نېمىكەندە ئۇ؟ ئۇنى تۇتۇپ كېلىڭلار! ئۆزۈم بىر كۆرەي!- دەپتۇ. 
    لەشكەرلەر ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنى تۇتۇپ، ئاياق-قوللىرىنى يەرگە تەككۈزمەي ئەكەپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭ تەقى-تۇرقىغا شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، بوي-بەستى يوغان بولغان بىلەن، گەپ-سۆزلىرىدىن نادانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. پادىشاھ كۆڭلىدە «ماڭا دەل مۇشۇنداق ئادەم لازىم ئىدى، بولۇپمۇ قەمەر شەھىرىدىن» دەپ خۇشال بوپتۇ، كۆڭلىدە يېڭى پىلانىنى تۈزۈپتۇ. 
    -ھەي، پالۋان يېگىت! سىزنىڭ دەردىڭىزنى ئاڭلىدىم. بىزنىڭ مىرشاپلار سىزگە بىھۆرمەتلىك قىلىپ قويۇپتۇ،- پادىشاھ مىرشاپلارغا بۇرۇلۇپ «چىقىپ كېتىش!! بىزنىڭ مېھمانغا بىھۆرمەتلىك قىلىشىپسەن!» دەپتۇ، ئۇلار پالۋاننى يېشىۋەتكىنىچە چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇ يەنە شۇنداق دەپتۇ،- ئۇلار سىزگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىشىپتۇ، مەن سىزگە ھېسداشلىق قىلىمەن. مەنمۇ شۇ مەلىكىدىن، شۇ پادىشاھلىقتىن دىلىم ئاغرىپ تۇرغان ئىدى، قارىغاندا، ئىككىمىزنىڭ مەنزىلى-ئارزۇسى بىر ئوخشايدۇ، مەن سىزگە زور بىر قوشۇن بېرەي، سىز ئۇنى باشلاپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭ، پادىشاھىنى مەن ئۆلتۈرەي، مەلىكىنى سىز ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ!... ئەگەر بۇ شەرتكە ماقۇل بولسىڭىز، مەن سىزنى ئوبدان رازى قىلىمەن، شاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىمەن، پەقەت سىز ئۆز يۇرتۇم، دىيارىم دەپ يۈز قارىمىسىڭىزلا بولىدۇ... – پادىشاھ ئۇنىڭغا يەنە بىر مۇنچە ئاشكارا-مەخپىي پىلانلىرىنى دەپ ۋالاقلاپتۇ. 
    بۇ لەنىتى، تۇزكۇر قاۋان دۈشمەنگە خىزمەت قىلماقچى بولۇپتۇ. ئۆز ئېلىغا قوشۇن تارتىپ بېرىش ئۈچۈن نەچچە ۋاقىت جەڭ، ئۇرۇش ھۈنەرلىرىنى ئۆگىنىپتۇ. ئۇ نادانلىقىدىن «مەلىكىگە ئېرىشىش، پادىشاھ بولۇش» دېگەنلەردىن قىلچە گۇمان قىلماپتۇ. ئاخىر بىر كۈنى زور قوشۇننى باشلاپ، ئۆز ئېلىنى قانغا غەرق قىلماقچى بولۇپ ئاتلىنىپتۇ. ياۋ تەرەپنىڭ پادىشاھى خاس مەھرىمىدىن بىرىنى چاقىرىپ شۇنداق دەپتۇ: 
    -ئەگەر زەپەر بىز تەرەپكە ئۆتسىلا، كېچىكتۈرمەي بۇ ئەبلەخنى جايلىۋېتىڭلار! ئارقىسىدىن ئوق ئۈزۈڭلار! ئۈنىمۇ چىقمىسۇن بۇ خائىننىڭ. ئۆز ئېلىگە، ئۆز يۇرتىغا ۋاپا قىلمىغان ئادەم، بىزگە قانداقمۇ ۋاپا قىلسۇن؟! 
    ئەلقىسسە، ئۇ زور قوشۇننى باشلاپ ئۆز ئېلىغا ھۇجۇمغا ئاتلىنىپتۇ. قوشۇننىڭ كۆپلىكىدىن چۆللەردە دەھشەت قۇيۇن كۆتۈرۈلۈپتۇ. يەر –زېمىن تىترەپ كېتىپتۇ. ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان ئاۋاز ھەر تەرەپتىن دۈپۈلدەپ ئاڭلىنىپتۇ. نەيزىلەرنىڭ ئۇچى كۆككە تاقاشقاندەك كۆرۈنۈپتۇ. تۇغلار گاھىدا شەپەقنىڭ نۇرىنى توسىۋالىدىكەن. تاغلاردىن تاشلار دومىلاپ چۈشۈپتۇ. دەريالار قىرغاقلىرىغا غەزەب بىلەن ئۇرۇلۇپتۇ. جەرەن-كېيىكلەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشىپتۇ. ئۇچار قۇشلارمۇ ئۈركۈشۈپ، شەپەرەڭلەرمۇ ئۇۋىلىرىدا تېنچ تۇرالماي قاپتۇ. زور قوشۇن ئۇزۇن سەپلەرگە بۆلىنىپ، قەمەر شەھىرىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاتلانغان شۇ كۈنى كەچكى شەپەق ۋاقتىدا بىر بۆرە قورام تاشنىڭ ئۈستىگە چىقىپ شۇنداق ھۇۋلاپتۇكى، ھەممە تەرەپ زىلزىلىگە كەپتۇ. ئۇنىڭ ھۇۋلىشى ئەقلى بار ئادەمگە شۇنداق دېگەندەك تۇيۇلىدىكەن: 
    -ئەي رەزىل ئەبلەخ! ئەي نادان! سەندەكمۇ ئىنسان چىقامدۇ!؟ مەن گەرچە كۈندە قان ئىچىپ تۇرمىسام ياشىيالمايمەن، لېكىن ئەسلا ئۆز قېرىندىشىمنىڭ قېنىنى ئىچمەيمەن! ھېچقاچان دۈشمىنىمنى ئۆڭكۈرۈمگە باشلىمايمەن! سەندىكى ئادەملىك، ئىنسانلىق خىسلىتى شۇمۇ!؟ ساڭا ئاللا تائالا مەڭگۈلۈك لەنەت قىلسۇن!!! 
     
     
    7
     
     
     
    بۇلار زور قوشۇن بىلەن كېلىۋاتقاندا، قەمەر شەھىرى قېرى-ياش، چوڭ-كىچىك ئۇيقۇدا ئىكەن. ياۋ ئۇلارنى بوسۇغىسىغا كېلىپلا قالغاندا ئاندىن ئۇلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپتۇ. شاھ بولسا ھەر كۈنى بەخت-سائادەت، ئەيشى-ئىشرەت قوينىدا مەستۇ-مۇستەغرەق ئۆتكەنىكەن. شۇنداق بالام، بەزىدە مال-دۇنيا، پادىشاھلىق، ھەتتا خوتۇن-بالىلارمۇ پىتنە بولۇپ قالىدۇ، ئۇلارنى مۇھىم ئىشلارنىڭ ئالدىغا قويۇۋالدىڭمۇ، بولدى،خاتا يولغا ماڭغان بولىسەن. قۇرئاندىمۇ «ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار پىتنىدۇر» دېيىلگەن. گەرچە قەمەر پادىشاھىنىڭ مەلۇم قوشۇن، قورال – ياراقلىرى بولسىمۇ، بىراق «ئۇرۇشىدىغان نېمە بار؟ كىم بىلەن ئۇرۇشىمىز؟» دەپ بۇ ھەقتە تۈزۈك چارە-تەدبىر قوللانمىغان ئىكەن. باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك ئاقكۆڭۈل ئويلاپ قالغانىكەن. تۇيۇقسىز كېچىدە كىرگەن غالجىر ياۋ بىر توپ ئىتلاردەك كاڭشىپ، ھەممە يەردە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىپتۇ، بەزى يەردە قەتلىئام قىلسا، بەزى يەردە ئوت قويۇپ ئۆيلەرنى ۋەيران قىپتۇ، ئۇلار بۇلىمغان ساندۇق ۋە خامانلار قالماپتۇ. ئۇلار ئەتراپتا چېكەتكىدەك پېتراپتۇ. يەر-جاھاننى يەپ كەتكۈدەك ھەيۋە كۆرسىتىپتۇ. گەرچە پۇقرالار قارشىلىق كۆرسەتسىمۇ، لېكىن بۇ چوڭ ياۋ قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەپتۇ. ياۋ قوشۇنلىرى زور كېلىپ قاپتۇ. شۇنداق قىلىپ، شەھىرى قەمەر مۇھاسىرىگە چۈشۈپتۇ. مۇھاسىرىدە قالمايمۇ ئامال يوقكەن. قوشۇن ئاز، پۇقرالار جەڭدىن خەۋەرسىز تۇرسا تەڭ كېلەلمەيدۇ-دە!؟ قەمەر پادىشاھى تاۋغاچ سۇلتانلىقىغا چاپارمەن ئەۋەتىپتۇ، لېكىن بۇ چاپارمەن تاغلاردىن، دەريالاردىن ئۆتۈپ قاچان بارىدۇ؟ ئۇنىڭغىچە ياۋلار قاراپ تۇرامدۇ؟ پادىشاھنىڭ، بەلكى پۈتۈن ئەر-ئايال، قېرى – ياشلارنىڭ بېشى قېتىپتۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمىلەرگە سەل قارىغانلىقىنى شۇ چاغدىلا بىلىپ يېتىشىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەر ئەھلى ئويغىنىپ كەتكەن ئىكەن. 
    بەختكە يارىشا بۇ شەھەرگە ھەيۋەت ئېگىز، كۈنگۈرىلىرى ساناقسىز، ئۈستىدە ئات ھارۋىسى ماڭالايدىغان، پۇختا سېپىل ياسالغان ئىكەن. ياۋ قوشۇنى زور بولسىمۇ، لېكىن تۇمشۇقى بۇ تاشتىن ياسالغان سېپىل تاملىرىغا تېگىپ تۇرۇپ قاپتۇ. ھەر تەرەپتىن چۈمۈلىدەك كېلىپ يامىشىپ بېقىپتۇ، بولماپتۇ، شوتىلاردا چىقىپتۇ، قەمەر ئەھلى بولسا ئۈستىدىن ياغ، ماي چېچىپ كۆيدۈرۈپ، ئۈستىگە چىقارماپتۇ. ياۋغا ساناقسىز يا ئوقلىرى ئېتىلىپتۇ. ياۋ مەنچاناقلىرىنى ئىشقا سېلىپ، سېپىلگە يىراقتىن ھەيۋەت بىلەن تاشلارنى ئېتىپتۇ، تاشلار سېپىلنىڭ تاملىرىغا تېگىپ، كېسەكلىرىنى سۇندۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. شەھەر ئەھلى بولسا، ئوت يېقىلغان كۆيدۈرگۈچلەرنى مەنچاناقتا سىرىتقا ئېتىپتۇ. جەڭگە قەمەر شەھىرىدىكى پۈتكۈل ئەر-ئايال، قېرى – ياش قاتنىشىپتۇ. ئۇلار ئاللاھدىن يۇرتىنى ئامان قىلىشنى تىلەپ، قەسەم قىلىشىپ، جېنىنى پىدا قىلىشقا تەييارلىنىپتۇ. 
    ئىككى تەرەپ خېلى كۆپ تىركىشىپتۇ، لېكىن ياۋنى بۇسۇغىدىن قوغلىماق ئاسان توختىماپتۇ، ئۇلارنىڭ ئادەم سانى جىق، قورال-ياراقلىرى كۆپ ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق بىر پەھلىۋانمۇ باركەنكى، ئۇنىڭغا يەكمۇ-يەك مۇبارىزدا ھېچكىم تەڭ كېلەلمەپتۇ. ئۇ قوشۇنغا كىرىپ جەڭ قىلىپ قالسا، ئوڭ قولىدا قىلىچ، سول قولىدا قالقاننى تۇتۇپ قوشۇنلار ئارىسىغا كىرگەنچە، بىرلا ئايلىنىپ نەچچە ئون ئادەمنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىلىدىكەن. يانغان چاغدا يەنە نەچچە ئون ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئارىسىدىكى بىرىگە قىلىچىنى سانچىپ، ياۋ پادىشاھىنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاتلىرىنىڭ پۇتىنى كۆتۈرۈپ قانلىق باشنى تاشلايدىكەن، ياۋ پادىشاھى بولسا قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ زەربىسىگە ھېچكىم بەرداشلىق بېرەلمەيدىكەن. ئۇ تولىمۇ قاۋۇل، يوغان مەخلۇق ئىكەن. ئۇ نۇرغۇن قەمەر ئەھلىنى ھالاك قىپتۇ؛ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. نۇرغۇن ئادەم «توۋا!» دەپ ياقىسىنى تۇتۇپ قاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ ھېلىقى ئازغۇن، خائىن يەھۇدا (4)- يەنى ئانىسىنى ئۆلتۈرۈپ، يۈرىكىنى مەلىكىگە ئېلىپ ماڭغان ھېلىقى نادان ئىكەن. نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەي بىر نەچچە كۈن كۇسۇرلىشىپتۇ. ئاخىرى چىرايىنى كۆرگەنلەر «توۋا، ھەرقانچە بولسىمۇ شۇ بالا ئەمەستۇ؟» دەپ ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپتۇ. بەزىلىرى ئاغزىلىرىنى قويۇۋېتىپ، تۇشمۇ-تۇشتىن لەنەت ئوقۇشۇپتۇ. بەزىلىرى بولسا «مۇشۇنداقمۇ مەلئۇن، لەنىتىنى باقتىڭمۇ؟ سەندەكمۇ ئانا بولامدۇ؟ بۇ ئانىلار دۇنياسىغا ھاقارەت!!!» دېگەندەك قىلىپ، ئانىغا شۇنداق سەت ئالىيىپ قارىشىپتۇ. قورغان بېشىدا ياۋلارغا قارشى ئوقياچىلارغا يا ئوقى راستلاپ بېرىۋاتقان ئانا، يىراقتىن ئۆز ئوغلىنى ياۋلار ئارىسىدا كۆرۈپ، كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. 
     
    بوۋاي بۇ يەرگە كەلگەندە بىردەم تۇرۇۋالدى، تۈن يېرىم بولۇپ قالغانىدى، ئىككىلىمىز چوڭقۇر ئويلارغا چۆمۈپ كەتكەنىدۇق، ئارقىدىن: 
    -بىر ئانىغا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئازاب بولامدۇ؟ ئۆز ئوغلىنىڭ مۇشۇنداق ھالىنى كۆرۈشتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىش بولامدۇ؟ بۇنىڭدىن ئۆلۈم ياكى يەر تېگىگە كىرىپ كېتىش مىڭ ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! ئەڭ رەزىل ئىش- مۇقەددەس نەرسىلەرنى، مۇقەددەس ئەقىدىلەرنى دەپسەندە قىلىش!- دېدى بوۋاي ھاياجان بىلەن توۋلغاندەك. بىر نەرسىلەرنى دېگۈم بولسىمۇ، بوۋاينىڭ گېپنى ئارىلىمىدىم؛ ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى تۇيغۇسىغا ھۆرمىتىم قوزغالغانىدى. 
     
    8
     
     
     
    ئانا تاشقا ئايلانغاندەك قېتىپ قاپتۇ. ئارقىدىن سۇغا ئايلانغاندەك ئاھ ئۇرۇپتۇ. ئاندىن مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ئازاب ۋە پەرياد بىلەن شۇنداق دەپ توۋلاپتۇ: 
    -ۋاي ئېسىت! سېنى نېمە دەپ تۇغقاندىمەن؟! ساڭا نېمە دەپ ئاق سۈتۈمنى بەرگەندىمەن؟! شۇمىدى سەندىن كېلىدىغان ۋاپا!!؟ بالىمەس، يۇرتقا «بالا» بولدۇڭغۇ؟! 
    پۇتلىرىمۇ، ھەرىكەتلىرىمۇ ئۆزىگە بويسۇنماي ئاجايىپ بىر كۈچنىڭ تۈرتكىسىدە، يالغۇز تەنھا ئۆزى سېپىل سىرىتىغا چىقىپتۇ. ھەدەپ پۇقرالارغا قىلىچ شىلتىپ، كاللا كېسىۋاتقان قاۋان، نادان ئۆز ئانىسىنى دەرۋازا سىرتىدا كۆرۈپ دەرھال ئۆڭى ئۆچۈپتۇ، ئارقىدىن ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئانىغا ئوقتەك يۈگۈرۈپتۇ. ئۇنىڭغا قۇچاق ئېچىپتۇ. ئەمما ئانىنىڭ ۋۇجۇدى تۆمۈردەك قاتقانىكەن. ئانىنىڭ ئۆتكۈر نىگاھى قىلىچتىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك نەيزىدەك ئۇنىڭ ئۇدۇل يۈرىكىگە بېرىپ سانچىلىپتۇ! لەنىتى نادان يىقىلىپ، تىترەپ تۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا پۈتۈن جاھان تىمتاس بولۇپ قاپتۇ. خۇددى ئاسماندىكى بۇلۇتلارمۇ جىممىدە تۇرۇپ قالغاندەك ئىكەن. بۇ تەرەپتە قەمەر ئەھلى ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ تۇرۇپ قاپتۇ؛ ئۇ تەرەپتە بۇ لەنىتىنىڭ تىزلانغان ھالىتىنى كۆرگەن ياۋ تىترەشكە باشلاپتۇ. ئانىنىڭ كۈچى شۇ بىر نەچچە دەقىقە ھەممىنى ئۆزىگە قارىتىپتۇ. ئارقىدىن بۇ قەيسەر، ئەلسۆيەر ئانا ئۇ شۇم لەنىتىنىڭ قىلىچىنى ئېلىپ شۇنداق چېپىپتۇكى، ئۇنى كاللىسى ئەسكى كۆتەكتەك پوككىدە چۈشۈپتۇ. ئانا ئۆز بۇرچىنى ئەنە شۇنداق ئادا قىلىپ، نومۇسىنى ئاقلاپتۇ. بۇ ئىش كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تامام بوپتۇ. ئانا تارام-تارام ياش تۆكۈپتۇ. نېمە ئۈچۈن ياش تۆككىنىنىمۇ بىلمەيدىكەن، كۆز يېشىنى ئۆزىمۇ سەزمەيدىكەن. بىر چېگىش- مۇرەككەپ تۇيغۇدا يادىغا ھېچ نەرسىمۇ كەلمەيدىكەن. كۆزلىرىگىمۇ ھېچبىر نەرسە كۆرۈنمەيدىكەن! 
    دەل شۇ چاغدا سېپىلنىڭ چوڭ دەرۋازىسىدىن قەمەر شەھىرى ئەھلى ۋولقاندەك پارتلاپ چىقىپتۇ. ياۋغا قارشى سەرمۇ سەر ئاتلىنىپتۇ. ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ھەتتا گۆدەكلەرمۇ شەمشەر، نەيزە-قىلىچ، توقماق ... كۆتۈرگىنىچە ئۇلارنى سۈر-توقاي قىلىپتۇ. ئانا ئالدىدىكى قولىدىن چۈشۈپ كەتكەن شەمشەرنى ئېلىپ، كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈۋېتىپ، ئالغا قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئۈلگە بوپتۇ، ئۇنىڭ ئاپئاق ياغلىقلىرى لەپىلدەپ تۇرىدىكەن، قەدەم ئېلىشلىرى سۈلكەتلىك ئىكەن. ئۇ قەمەر شەھىرى ئەھلىگە مەنىۋىي ئوزۇق بوپتۇ. بۇ ئالاماننى كۆرگەن ياۋ ئۆزىنى تىقىدىغان تۆشۈك تاپالماي، تەرەپ-تەرەپكە پېتراپ قېچىپتۇ. قۇيرىقىنى خادا قىپتۇ. قەمەر ئەھلى ئۆزىنىڭ نومۇسىنى ئەنە شۇنداق قوغداپتۇ! 
     
    بوۋاي چۆچىكىنى تاماملىغاندا مەن مىشىلداپ يىغلاۋاتاتتىم، ئۆزۈمنى پەقەتلا توختىتىۋالالمىدىم. كۆكتىكى ئايمۇ مەن بىلەن قوشۇلۇپ يىغلاۋاتقاندەك ئىدى. چۆللۈك بولسا مەن بۇلارغا گۇۋاھ، شاھىت دەۋاتقاندەك ئىدى. 
     
     
     
     
    خاتىمە
     
     
     
     
    بوۋايدىن ئايرىلىپ، نەچچە ئون يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئامانەتنى قەلەمگە ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن، بۇ بوۋاي شۇ چاغلاردا مېنى چۆللەردە خېلى ئايلاندۇرغانىدى، تەكلىماكاننىڭ ئىچكى مەھەللىلىرىنى، دەريالىرىنى، سىرلىق يەرلىنى كۆرسەتكەنىدى، بۇ ھەقتە مەن ئايرىم بىر كىتاب تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان ئىدىم. ئەمما بۇ چۆچەكنى، بۇ ھېكايەتنى قەلەمگە ئېلىشقا تا ھازىرغا قەدەر ۋاقىت ئاجرىتالمىدىم، ئەمما بۇ ئىشنى ئۆزۈمنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قاراپ كەلدىم. ھەر قېتىم بىر ئىشلارغا يولۇققاندا، تەلپەك كېيىگەن ئاشۇ نۇرانە چىراي بوۋاينى ئەسلەپ قالىمەن. شۇ چاغلاردا ئۇ مېنىڭ يازغان قوليازمىلىرىم بار، دېگەنىدى، كېيىن ئۇنى ئىزدەپ ئۆيىگە بارغىنىمدا بۇ بوۋاي ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ، ئوغلى «دادامنىڭ قوليازمىلىرى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ‹كونىچە ئىكەن› دەپ كۆيدۈرۈۋېتىلدى» دېدى. شۇنداق ئېچىندىم. بۇ گۈزەل ھېكايەت-چۆچەككە ئوخشاشلا شۇ بوۋاينى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. ئەۋلادلىرىمنى شۇنىڭدەك تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىمەن. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ، مالال قىلغان بولسام كەچۈرۈڭ، ئەمدى دىققىتىڭىز بۇ شېئىردا بولسۇن: 
     
    جان نېمە، جانان نېمە، ۋەتەن نېمە؟ 
    ھەر كىشىنى ئادىمىي ئەتكەن نېمە؟ 
    يانمىسا كۆڭۈل ئۆيىدە بىر چىراغ، 
    گۆش-تېرە، سۆڭەك بىلەن بۇ تەن نېمە؟ 
    شۇل ئېرۇر بۇ چۆچىكىمنىڭ خاتىمى، 
    مەنىسىگە يەتسە گەر ھەر ئادىمى. 
     
    (1979-يىل، ئاپېرىل، ئۈرۈمچى) 
     
     
    2011-يىلى 22-فېۋرال تۇغۇلغان كۈنۈمدىن باشلاپ، 28-فېۋرالغىچە خوتەندە يېزىلدى
     
     
     
    ئىزاھاتلار: 
    __________________________________________________
    (1) مەھمۇد كاشغەرىي: «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تىن. 
    (2) تاۋغاچ- مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تەبىرىچە: (1) ئۇيغۇر دېمەكتۇر؛ (2) ھەممىدىن چوڭ ۋە قەدىم نەرسە دېمەكتۇر. شۇنىڭدىن ئېلىنىپ خانلارنىڭ خانى «تاۋغاچ خان» دېيىلىدۇ؛ (3) ماچىن مەملىكىتىنىڭ نامى، بۇ مەملىكەت چىندىن 4 ئايلىق يول ئۇزاققا جايلاشقان. («دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» فوتو نۇسخا، 116-117 بەتلەر). «قۇتادغۇبىلىك»تە قارا خانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمدارى «تاۋغاچ بۇغراخان» دەپ ئاتالغان، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بۇ كىتابنى شۇ خانغا تەقدىم قىلغان. مەسىلەن: 
    «مەلىكىنىڭ ئوڭنىدە ئۇقمىش مۇنى، 
    بۇ تاۋغاچ قارا بۇغرا خانلار خانى». 
    (3) تاغلار دىيارى- قەدىمكى تۈبۈت ياكى تىبەت مەملىكىتى 
    (4) يەھۇدا- ئىنجىل رىۋايەتلىرىگە قارىغاندا، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ 12 مۇرىتىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاخىرى ئەيساغا خائىنلىق قىلغان ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن خائىنلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى سۈپىتىدە تونۇلغان. (بۇلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۆمۈر مەنزىللىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىكى شۇ ناملىق داستاننىڭ ئىزاھاتلىرى-ئەفىيفىي).
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.