چىرايلىق قىز(پەرۋىن)

يوللىغۇچى : شاھيار-پەرۋن يوللىغان ۋاقىت : 2007-11-17 12:26:00

چىرايلىق قىز <پەرۋىن> قىزنىڭ كۆزلىرى، يۈزى، لېۋى، بۇدرا چېچىمۇ قايسى بىرى، بۇلبۇلنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق ئاۋاز چىقارغانلىغىنى سېزەلمەي تۇرۇپ قالدىم. ناتۇنۇش بىر قىز ،خىجىللىغى مەنە-مەن دەپ چى...

    چىرايلىق قىز

    <پەرۋىن>

      قىزنىڭ كۆزلىرى، يۈزى، لېۋى، بۇدرا چېچىمۇ قايسى بىرى، بۇلبۇلنىڭ سايرىشىدەك يېقىملىق ئاۋاز چىقارغانلىغىنى سېزەلمەي تۇرۇپ قالدىم.  ناتۇنۇش بىر قىز ،خىجىللىغى مەنە-مەن دەپ چىرايلىق چىرايىغا ھۆسىن قوشقان گۇڭگا تەلپۈنۈش.  ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە تىكىلدىم، كۆزلىرىدىن يېنىۋاتقان سېھىرلىك ئۇچۇنلار مىنى ئەركىلەتتى.  ئۇ ھودۇقتى، ۋىللىتە قىزاردى.  ئاھ، ئەمدى قانداق قىلاي. . . . . . .
    قىزنىڭ قان تەپكەن لەۋلىرى ھەركەتكە كەلدى.
    ---مەن سىزنىڭ <سۆيگۈ> دىگەن ھىكايىڭىزنى ئۇقۇغان ھەم سورىتىڭىزنىمۇ كۆرگەن، خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ، ئىككىمىز تۇنۇشمايمىز، مەن ئۇزاق- ئۇزاق ئۆيلۇنۇپ ئاخىرى سىزنى تاللىدىم، ياردەم قىلسىڭىز.
    قاپ-قارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى قاپ-قارا كۆز ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.
       كۈرۈڭ،چىرايلىق چىرايىغا ياراشمىغان سوزلىرىگە، سېپى ئۆزىدىن كېچە دىلبىرى!
       تىزدىن سائەتكە قارىدىم، دەھشەت! نەچچە كېچىلەرنى قىلدەك تولغۇنۇپ،شىئېرلىرىمدا ئۈنسىز ياش ياش تۆكۈپ،رېيھان گۈلى پۈركەلگەن مەھەللىسىدە تۈگۈمەس ناخشىلارنى توۋلاپ،قىز قەسرىگە مىڭ مۇشاقەتتە كىرىش ئىجازەتنامىسىنى قولغا كەلتۈرگەن،ئەڭ سۆيۈملۈك قىز ماڭا ئىسسىق قۇچىغىنى ئېچىپ كېلىدۇ،تولۇن ئاي بىزگە چۆچەك سوزلەيدۇ. . . . . . . . .
      ھەي! ئۇنى تىزراق يولغا سېۋىتىش كېرەك،ۋەدىلەشكەن ۋاقىت تۇشۇپ قالغان ئىدى.
      ---سىزگە قانداق ياردەم قىلىمەن.
      ---سىز مەن بىلەن رەسىمگە. . .
    -----نىمىشقا؟
    قىزنىڭ سوزىنى بۈلىۋەتتىم.
    ئەخلاقسىزلىغىغا قارا، سەندەك قىز بىلەن رەسىم چۈشكىچە ئۆلىۋالارمەن.
    --خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ،سىز چۈشۈنەلمىدىڭىز،
    چىرايىم ئەكسىنى يوقاتقان ئىدى.  قىزنىڭ ئاشۇ چىرايلىق لېكىن ماڭا نەپرەتلىك كۈرۈنگەن كۆزلىرىدە ياش لىغىرلاشقا باشلىدى.  بىر خىل سېزىم ۋۇجۇدۇمدا ئاستا-ئاستا كېڭەيمەكتە ھەم ئېرىمەكتە ئىدى.
    - كېچىك بالىدەك يىغلايسىزغۇ؟
    -دادام مىنى نەۋرا ئاكام بىلەن توي قىلىشقا زورلاۋاتىدۇ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان، قول ئىلكىدە بار،توي قىلساڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ دەيدۇ، چۈشەندۈردۇم، يالۋۇردۇم، يىگىت قېشىغا بېرىپ ساڭا باشقا قىز تېپىلمىدىمۇ-دەپ نالىمۇ قىلدىم، لېكىن ئۇ. . . . ،قىز كۆزىنى مەندىن قاچۇرۇپ سوزىنى داۋام قىلدى،-----مەنمۇ بىرنى ساقلاۋاتاتتىم، ئۇ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىدۇ، سىزگە ئوخشاش ياخشى يىگىت بىلەن رەسىمگە چۈشۈپ چوڭلارنىڭ ئاغزىنى ئېتەي دىگەن،
    قاپ-قارا كىرپىكلىرى ئارىسىدىكى قاپ-قارا كۆز ماڭا تەلمۈرۈپ تۇراتتى . قىز كۆزۈمگە شۇنچە پاك،شۇنچە جىلۋىلىك.  كەچۈر مىنى دىدىم ئۆزەمنىڭ نادانلىغىغا ئېچىنىپ-ئەي بىچارە قىز، بىر قىزنىڭ ناتۇنۇش بىر يىگىتكە ئۆز دەردىنى تۆكۈش ئاسانمۇ، قاراپ تۇرۇپ بىر قىزنىڭ گۇنايىدا قېلىش ،نەقەدەر ئازاپ -ھە،
    قىز تېخىمۇ چىرايلىق بوپ كەتتى، تۇنۇگۇن دىلبىرىم بىلەن سىرداشقان جايدا بۈگۈن بىچارە بىر قىز بىلەن، توت-بەش پارچە رەسىمگە تىزلا چۈشۈۋالدۇق.
    ---ئاكا، بۇنى بىر ئاچاش سىزگە بىرىپ قۇيۇڭ دەپ --سەككىز ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوغۇل بالا،ئالدىمغا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى
    ---ئۇ قېنى؟
    --- كەتتى.
      كىكىرتىگىمنى بىرسى ئامبۇردەك قاتتىق قولى بىلەن بار كۇچىدا سىققاندەك، قېنىم سۆۋۇپ، ،بايامقى خوشاللىغىم نەگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى.
    تىزدىن پۇچۇركىسىغا كۆز يۈگۈرتۈم. 
    « سىلەر نىمە دىگەن قاملاشقان-ھە، سەندىن نەپرەتلەندىم، قىزغا ئېچىندىم، چۈشەندۈرەي دەپ ئاۋارە بولما، تەغدىرىم مەن ئۆيلىغاندەك ئەمەسكەن، بۇرۇنلا كەلگەن، چۈشۈمغۇ دەپ ئۆيلۇدۇم، بىراق چۈشۈم ئەمەسكەن.  ئۇ مەندىن چىرايلىق توغرىمۇ؟».  

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق