قىزىل ئەتىرگۈل

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-13 12:34:11

قىزىل ئەتىرگۈل نەيزە بويى ئۆرلىگەن قۇياش ئالتۇن نۇرىنى شەھەرگە سېخىيلىق بىلەن چېچىپ تۇراتتى. ھاۋانىڭ سۈزۈكلۈكىچۇ تېخى. ئاۋات كوچىدىكى ھۆپىگەرلەرنىڭ ئالدىغا تىزىلغان سۈت – قايماق، گىردە – شى...

    قىزىل ئەتىرگۈل

     

        نەيزە بويى ئۆرلىگەن قۇياش ئالتۇن نۇرىنى شەھەرگە سېخىيلىق بىلەن چېچىپ تۇراتتى. ھاۋانىڭ سۈزۈكلۈكىچۇ تېخى. ئاۋات كوچىدىكى ھۆپىگەرلەرنىڭ ئالدىغا تىزىلغان سۈت – قايماق، گىردە – شىرمان، قاتلىما – قۇيماق، كاللا – پاقالچاق، مايسەن – ئالا ئۆرۈكلەر كىشىنىڭ ئىشتىھايىنى قوزغايتتى. ئالارمەن – ساتارمەنلەرنى تاماشا قىلىپ كېتىۋېتىپ، قول ھارۋىغا بېسىلغان قىزىل ئەتىرگۈلگە كۆزۈم چۈشتى – دە، قىزىقسىندىم. بۇ قىزىل ئەتىرگۈللەرنى ئۆزىمۇ قىزىل ئەتىرگۈلدەك چىرايلىق، شەھلا كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇرغان، بوستان چاچلىق بىر قىز بازارغا ئەكىرگەنىدى.
       ــــ كەلسىلە ئاكا، كەلسىلە، بۈگۈن ئۈزگەن قىزىل ئەتىرگۈل.
       مەن قىزىل ئەتىرگۈللەرگە قاراپ زوقلۇنۇپ تۇرۇپ سورىدىم.
       ــــ دانىسى نەچچە پۇل سىڭلىم؟
       ــــ ئىككى كويدىن ساتايمىكىن...
       قىزىل ئەتىرگۈللەرنىڭ جۇلالىق رەڭگى، خۇشبۇي ھىدىدىن مەس بولايلا دەپ قالدىم، بىر تال ئەتىرگۈلنى قولۇمغا ئېلىپ پۇرىدىم. نېمە دېگەن خۇشپۇراق – ھە. قىز گۈللەرنى ئۇزۇن – قىسقىلىقىنى تەڭشەپ كېسىپ رەتلىك تىزغانىدى.
       ــــ سىڭلىم بۇ گۈللەرنى نەدە ئۆستۈرگەن؟
       ــــ بېغىمىزدا.
       ــــ ئىلگىرى گۈلچىلىك قىلىپ باققانمۇ؟
     
       ــــ ياق، بۇلتۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن بولساممۇ ئائىلە قىيىنچىلىقىمىز تۈپەيلىدىن ئوقۇشقا بارالمىدىم. شۇڭا بىكار تۇرغىچە دەپ گۈل ئۆستۈرۈپ سېتىپ، ئىشىم ئوڭغا تارتىپ قالسا قايتا ئوقۇش نىيىتىگە كەلدىم. بۈگۈن گۈللىرىمنىڭ تۇنجى تۈركۈمىنى بازارغا ئەكىرىشىم.
       ــــ ئەجرىڭىزگە بارىكاللا سىڭلىم، ئۆيىڭىز نەدە؟
       ــــ سەمەندە.
       ــــ شۇنچە ئۇزۇن يولدىن بۇ قول ھارۋىسىنى سۆرەپ كىرىپسىز – دە،
       ــــ ئۈچ چاقلىق توكلۇق ھارۋاممۇ بار ئىدى، ئۇنىڭدا شەھەر مەركىزىگە كىرگىلى بولمايدىكەن، شۇڭا...
       ــــ بۇمۇ بوپتۇ، گۈلنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرۈش ئاسان ئەمەس. مەن دانىسىنى ئۈچ كويدىن ئالاي، ئون تال بېرىڭ، يالتىراق گۈللەرنىمۇ بىرمۇنچە پۇلغا ئالىدىغۇ كىشى - دېدىم مەن قىزغا قايىللىقىم ئېشىپ.
       ــــ ماقۇل، كىرىم قىلىپ بەرگەنلىرىگە رەھمەت، - دېدى ئۇمۇ گۈلدەك كۈلۈپ تۇرۇپ.
       ــــ بۇ قانداق گەپ ئەمدى، گۈلچى ئىككى كوي دەۋاتسا، ئۈچ كويغا ئالغانلىرى نېمىسى؟! - دېدى ياندا گۈل كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەر ئارىسىدىكى شاپاق دوپپىلىق بىرسى تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا.
        ــــ قارىسىلا، بۇ قىز ئۆز قولى بىلەن ئۆستۈرۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاتا – ئانسىغا ئېغىرىنى سالماي پۇل جۇغلاپ ئوقۇش ئارزۇسى بار ئىكەن، ئۈچ كويدىن ئالساق نېمە بوپتۇ؟ - دېدىم.
     
       گېپىم باشقىلارغا تەسىر قىلدىمۇ، ئەيتاۋۇر، ياندا تۇرغانلار ‹‹ماڭا ئون تال››، ‹‹ماڭا بەش تال›› دېيىشىپ بىردەمدە بىر مۇنچە گۈل سېتىۋالدى، ئۇلار جۇلالىنىپ تۇرغان گۈللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ تەرەپ – تەرەپكە مېڭىشتى، شۇ تاپتا كوچىدا گۈل ئاققاندەك بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمدا نامايان بولدى.
       ــــ بۇ گۈلچى سىلىنىڭ تۇققانلىرىمىدى؟ قىز بالىكەن دەپ ئېرىپ كېتىپ، بازارنى بۇزۇۋاتاملا؟ قاراپ تۇرۇپ قىممەتلەشتۈرۈۋەتتى – يا، ئاتايىن گۈل ئالاي دېگەندە - دېدى بىرەيلەن ئەزۋەيلەپ.
     
       ــــ ئۇنداق دېمىسىلە ئاكا، بۇ قىزنىڭ ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلدۇق شۇ، دانىسىنى بەش كويدىن ئالسىمۇ ئەرزىيدۇ.
       ــــ ھە، يەنە گەپ بولسا قىلەۋا ئاقنانچى، بەش كوي دەۋاتىسىنا، قانداق گۇي سەن؟ - دېدى، ئۇ كىشى مېنى ‹‹سەن››لىگەننىڭ ئۈستىگە سەتلەپ. مەن چەكچىيىپ قاراپلا قالدىم، ئۇنىڭ بىلەن تاكاللاشسام بولمايتى، شۇ تاپتا، ئۇ ئېڭىكىمنى ئەيلەيدىغاندەكلا ئەلپازدائىدى. مەن ئۆزۈمنى بېسىۋالغانىدىم، دەل شۇ چاغدا ھارۋىنىڭ يېنىغا قىزىل رەڭلىك پىكاپ كېلىپ توختىدى – دە، پىكاپتىن ئوتتۇرا بوي، چىمەن دوپپا كىيگەن بىر كىشى چۈشتى.
       ــــ سىڭلىم بۇ گۈللەرنى قانچە پۇلدىن ساتىلا؟
       ــــ ئۈچ كويدىن ساتقانتىم... - دېدى، قىز بىزگە تەكشى قاراپ.
       ــــ قانچىلىك بار؟
       ــــ خېلى چىقار.
       ــــ ئۇنداق بولسا شۇ باھادا ھەممىنى سانىسىلا.
       قىز گۈل ساناۋاتقاندا ھېلىقى شاپاق دوپپىلىق ئادەم مەڭدەپ قالدى.
       ــــ ئۇكام مەن ئون تال ئالاي دېگەن، بۈگۈن ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ماڭا ئون تال بېرىۋەتكەن بولسىلا، - دېدى ئۇ بىچارە قىياپەتتە. شۇ ھامان، زومىگەرلىك قىلماي چىرايلىق سودىلاشقان بولسا بۇ ئىش يوق، دېگەن ئوي كاللامدىن چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ كەتكەندەك بولدى.
       ــــ كۆرلىغۇ، سېتىپ بولدۇم، - دېدى گۈللەرنى ساناپ ئۆتكۈزۈپ بولغان قىز. ئارقىدىنلا ماڭا بۇرۇلۇپ ئاكا، ھازىر يەنە گۈل ئەكىلىمەن، سىلىگە شۇ چاغدا بېرەي، گۈللىرىنى خاپا بولماي ما ئاكامغا بېرەملا، ئوغلىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىكەن ئەمەسمۇ - دېدى. شاپاق دوپپىلىق كىشى بىردە قىزغا، بىردە ماڭا، بىردە قولۇمدىكى گۈللەرگە قاراپ ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويدى. ئۇ قىلغاننى مەن قىلماي، دەپ، ئويلىدىم – دە:
       ــــ ماقۇل، - دېدىم قىزغا، ئاندىن قولۇمدىكى ئون تال قىزىل ئەتىرگۈلنى شاپاق دوپپىلىق كىشىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم. ئۇنىڭ چېھرىدە ۋىللىدە كۈلكە جىلۋىلەندى. بۇ كۈلكە ئۇنىڭ بايىقى ئەلپازىنى خىيالىمدىن خۇددى شامال بۇلۇتنى سۈرگەندەك سۈرمەكتە ئىدى.
     
       ــــ مەن قىزنىڭ گۈل ئەكىلىشىنىمۇ كۈتمەستىن يولۇمغا راۋان بولدۇم، كەينىمدىن شاپاق دوپپىلىق كىشىنىڭ:
       ــــ ئۇكا، ماۋۇ پۇللىرىنى ئېلىۋالسىلا... - دېگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر قىزىل ئەتىرگۈل