چۆچەك

يوللىغۇچى : kaynami يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-05 23:10:00

چۆچەك چۆچەك بۇرۇنقى زاماندا، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مايماق ئېشەك سوكال تاقا بىلەن، ئورۇق ئىنەك دىڭگىل بۇقا بىلەن، كالتە يەڭ ئۆرە ياقا بىلەن ئىكەن. ئاڭا ئەگىشىپ قوي بۆرىگە، سامسا پۆرىگە، شاھ چۆر...

    چۆچەك

       چۆچەك

     بۇرۇنقى زاماندا، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مايماق ئېشەك سوكال تاقا بىلەن، ئورۇق ئىنەك دىڭگىل بۇقا بىلەن، كالتە يەڭ ئۆرە ياقا بىلەن ئىكەن. ئاڭا ئەگىشىپ قوي بۆرىگە، سامسا پۆرىگە، شاھ چۆرىگە مۇھەببەت باغلىغان ئىكەن...
       ئاشىقلار ئېھتىراملىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن چېغىدا موماي يەنە خىيالى نەۋرىلىرى بىلەن يالغۇز قالدى ۋە كۆزلىرىنى قانداقتۇر بىر نۇقتىلارغا تىكىپ تۈگىمەس چۆچەكلىرىنى باشلىۋەتتى.

        شۇنداق ئاسايىش زامانلار بولغان ئىكەن... شاھنىڭ ئادىل، مەرت- مەردانىلىگى پۈتۈن ئالەمگە پۇركەتكەنىكەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە يەمار جىلغىسىنىڭ شەرقى شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ئاياللار دۆلىتىنىڭ شاھى شاھ خاتۇن ئادىل شاھنىڭ نامىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئاشىقى بىقارار بوپتۇ. ئىشىق ئوتىنىڭ دەھشەتلىك تىللىرى ئۇنى يالماپ يۈتۈپتۇ. كېچىسى ئوت بولۇپ يېنىپ، كۈندۈزى سۇ بولۇپ ئېقىپتۇ. ھالبۇكى قانچە- قانچە داۋالارنى قىلىپمۇ دەردىگە داۋا، رەنجىگە شىپا تاپالماپتۇ. نەھايەت شاھلىقىنى تاشلاپ بىقارارلىق كوچىسىغا كىرىپ كۆڭۈل مەيلىنىڭ قۇشىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپتۇ...
       دانالار شۇنداق ئېيتىپتۇ: مۇھەببەت بىر ئوتكى ئۇنىڭ يالقۇنىدىن ئورۇق- سېمىز، شاھ- گادايلار ئوخشاشلا ئامان قالمىغان. شۇڭلاشقىمۇ ئوتنىڭ سىرتىدا كۆيمەي ئىچىدە كۆي... موماي ئۇھسىندى... ئۇنىڭ ئوتلۇق تىنىقلىرىدىن قىپقىزىل يالقۇنلار گويا شاقىراپ ئاقماقتا ئىدى... تاڭلار تاڭلارغا ئۇلانغان، كۈنلەر ئايلارغا يەتكەن... ئاھ، مەڭگۈلۈك ئەسلىمىگە ئايلانغان قەدىردان كۈنلەر... مېھرىبان پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھىممەتلىرى سۈپتىدە موماي قەلبىدە ساقلانماقتا ئىدى... يول بولسۇن، ئاشىقلار... ئىلاھىم ، ئاشىقلارنىڭ يوللىرىغا نۇر ئاتا قىلغاي... شۇنداق شاھ خاتۇن كېچە- كۈندۈزلەپ ئەلەتەج بىلەن ھەرەج تارتىپ مەنزىلگە قاراپ يۈرۈپتۇ. ھېرىپ قالغاندا، تەشنا بولغاندا، قورقۇنچىدا قالغاندا ۋىسال ئۈمىدى ئۇنىڭ قەلبىگە ھەممىنى بېرىپتۇ... ئاسمانغا تاقاشقان تاغلارمۇ، كۆز يەتمەس دەريالارمۇ، بىپايان چۆللەرمۇ ئۇنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالماپتۇ... بىر ئۇستىخان بىر تېرە بولۇپ قالغاندا، پەسىللەر ئالمىشىپ قانچىلاپ قار- يامغۇر يېغىپ، قانچىلاپ قار بورانلار چىقىپ پەلەكنىڭ تۈرلۈك قىسمەتلىرى ئۆز ئويۇنىدىن قانغۇچە ھوزۇرلىنىپ بولغاندا شاھ خاتۇن دىۋانە سۈپەت شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەپتۇ... شاھنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنىڭ نىمجان تېنىنى تاشلاپ ھەسرەت ئەلەم ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنداق يىغلىغان ئىكەنكى نەچچە يىللىق قايغۇ- ھەسرەتلىرى كۆزىدىن دەريا- دەريا بولۇپ ئېقىپ، دەريالار- دەريالارغا قوشۇلۇپ دەھشەتلىك قىيانلارنى ياساپ، شاھ خاتۇن، ئادىل شاھ ۋە پۈتۈن تاجۇ- دۆلەتنى سۇغا غەرق قلىپ ئېلىپ كېتىپتۇ...

    2

    ئەمدى گەپنى ئاياللار دۆلىتىدىن ئاڭلايسىلەر... شاھسىز قالغان دۆلەتنىڭ ئىچىدە شۇ كۇنىلا قالايمىقانچىلىق يۇز بېرىشكە باشلاپتۇ. ئەزەلدىن يات جىنىسلىق ئەرلەر ھەققىدە ئويلاپ باقمىغان ئايال پۇقرالارنىڭ جۇملىدىن ئوردىنىڭ ئايال ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىچىگە جىن كىرىشكە باشلاپتۇ. ئەسلىدە شاھ خاتۇن پۈتۈن ئىچكى سىرلىرىنى ۋە ئەرلەر ھەققىدىكى ھەمدە ئادىل شاھ توغرىسىدىكى ئىشلارنى يېقىن ئەمرىگە سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن. شاھ خاتۇن يوقالغاندىن كېيىنلا ئەمىر بۇ گەپنى ھەممە يەرگە پۇر قىلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئاياللار دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى دەۋرەپ تۇرغان ھاياجان بىلەن يۇرت ماكانىنى تاشلاپ جاھاننىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ... ئەسلىدە ئاياللار دۆلىتىدە ئاياللاردىن باشقا يات جىنىسلا بولمىغاچقا يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن باشقا پۇقرالارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇچىسىغا كىيىم كىيمەي قىپيالىڭاچ يۇرۇيدىكەن.
        موماينىڭ كۆزلىرىدە ئىستىھزالىق نۇر پارلىدى... چوڭقۇر ئۇھ تارتقانچە چۆچىكنى داۋاملاشتۇردى...
       شۇنداق قىلىپ، سانسىزلىغان يالىڭاچ ئاياللار دۇنيانىڭ تەرەپ- تەرەپلىرىگە قاراپ يۈرۈپ كېتىپتۇ... توپ- توپ بولۇپ شەھەر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە بۇ ئاجايىپ- غارايىپ ۋەقەدىن ھەيران قالغان كىشىلەر كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ قاراپ قاپتۇ. ئاياللار بولسا ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئەرگە ئۆزىنى ئېتىپ ئۇزاق سەپەرلەرنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىشقا ئالدىراپتۇ... جەينامازلار سېلىقلىق پېتى، سەلىلەر تاشلاقلىق پېتى قاپتۇ. مەسچىتلەر ئادەمسىز مۇڭسىراپتۇ. پۈتكۈل ئەرلەر كوچىغا قاراپ چېپىپتۇ. بىچارە ئاياللىرى پەرەنجە ئىچىگە تېخىمۇ چىڭ ئورۇنۇپ جەينامازدىن چۈشمەي ئاللاھقا سېغىنىپ يىغلاشقا باشلاپتۇ...
        نىھايەت، كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ. ئەرلەر ئۆيلىرىنى ئۇنتۇپ، ئاياللار دۆلەتىنىڭ يالىڭاچ گۈزەللىرى بىلەن ئەيىش- ئىشەرەتكە چۈشۈپ كېتىپتۇ... ئۇلارنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆز ياشلىرى قۇرۇپ، سىرىتقا تەلمۇرۇپ ئەرلىرىنى كۈتكەن كۆزلىرى تېشىلىپتۇ... كۈنلەر ئۆتىۋېرىپتۇ... ئاياللىرىنىڭ سەۋىر تاقىتى تۈگەپتۇ... شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بارچە ئاياللار چۈمبەللىرىنى ئېلىپ تاشلاپ، كىيىم- كېچەكلىرىدىن پۈتۈنلەي يېشىنىپ تالاغا قاراپ ئېقىپتۇ ۋە بىردەمدىلا ئاياللار دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىغا قوشۇلۇپ ئۇلاردىن ئايرىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇ... شۇنىڭدىن باشلاپ ئاياللار دۆلىتىنىڭ ئاياللىرىنىڭ قەدىمى يەتكەن ھەرقانداق بىر شەھەرنىڭ ئاياللىرى پۈتۈنلەي يالىڭاچ بولۇپ كېتىپتۇ... ئەكسىنچە ئەرلەر بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەدەنلىرىنى كۆپرەك ئورايدىغان بوپتۇ...
       موماي ئۇھسىندى...
        شۇنداق قىلىپ ، ئەل ئىچىدە شەرىم ھايا تۈگەپتۇ. ئەر- ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ھالال نىكاھ، توي ، ئائىلە، پەرزەنت دېگەنلەر ئاستا - ئاستا ئۇنتۇلۇشقا باشلاپتۇ... ئاياللار يالىڭاچ يۈرگەنسىرى ئەرلەر ئاياللاردىن زېرىكىشكە باشلاپتۇ ۋە كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئەرلەر ئەرلەرگە ئىشقى- مۇھەببەت ئىزھار قىلىدىغان بوپتۇ... مېھرىبان پەرۋەردىگارنىڭ سەۋرى تاقىتى تۈگەپتۇ... شۇنداقتىمۇ ھەلىم ئاتا قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پەيغەمبەر ئەۋەتىپتۇ... ئۇلار قۇلاق سالماپتۇ... ئاقىۋەت تەڭرىنىڭ قەھرى غەزىپى تېشىپ پەيغەمبەرگە ئۆز ئەھلىلىرى بىلەن كېچىلەپ يۇرتتىن چىقىپ كېتىشنى ئېلھام قىپتۇ ھەم ھېچكىمنىڭمۇ ئارقىغا قارىماسلىقىنى شەرت قىپتۇ... شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل قەۋىمگە ھالاكەت چاقمىقى چۈشۈرۈپتۇ. پەيغەمبەرنىڭ ئايالى شەيتان ۋەسۋەسىسى بىلەن ئارقىغا قارىغان ئىكەن. ئۇمۇ ھالاك بولغۇچىلاردىن بوپتۇ... شۇنداق قىلىپ، ئادىل شاھنىڭ سەلتەنىدىكى ئاسايىش زامانلارمۇ، ئاياللار دۆلىتنىڭ ئاجايىپ- غارايىباتلىرمۇ كەلمەسكە كەتكەن ئىكەن.

     3

        بۇرۇنقى زاماندا، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا يەتتە تاغنىڭ نېرىسدە، يەتتە دەريانىڭ بېرىسىدە، دېڭىزدىن يىراقتا، ئەمەس شام- ئېراقتا، كۆرمىگەنلەر پىراقتا بولغان باياشات بىر مەملىكەت بولغان ئىكەن. پۇقرالار ئاجايىپ خاتىرجەم، ئاجايىپ بېغەم ياشاپ دۇنيادىن ئۆتىدىكەن. خوتۇن- قىزلارنىڭ چېھرىسىدىكى گۈزەللىك كۆڭلىدىكى بەختىيارلىق بىلەن بىرلىشىپ پۈتكۈل بەدىنىگە نۇر تاراتقان ئىكەن. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى پۈتكۈل ئالەمدە تەڭداشسىز ئىكەن. تۇپرىقىنىڭ ھەربىر چىمدىمى ئالتۇنغا تەڭ ئىكەن...
        قىزىق يېرى، مەملىكەتنىڭ ئوردىسى بار خانى يوق ئىكەن، ھەركىم ئۆزى خان، ئۆزى بەگ ئىكەن... پۇقرالارنىڭ باغ- ھويلىلىرى تامسىز، شەھەر يېزىلىرى نامسىز، چىراق- پانۇسلىرى شامسىزكەن. ئىشقىلىپ بۇ مەملىكەتتىكى خاتىرجەملىك پۇقرالارنى ئاجايىپ ئاقكۆڭۈل قىلىۋەتكەن ئىكەن. ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە يېتى يوق ئىكەن. سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىدىغان ئىشلار ئەسلا يۇز بەرمەس ئىكەن...
        ئەلقىسە... ئەنە شۇ مەملىكەتنىڭ بىر شەھىرىدە ھابىل ئىسىملىك كاتتا بىر باي ياشايدىكەن. ئۇنىڭ بايلىقى ھەددى- ھېساپسىز بولۇپ، ھەرقانچە خەير- ساخاۋەت قىلسىمۇ، دىۋىدەك يېتىپ يىسىمۇ تۈگىمەس ئىكەن. شەھەرنىڭ كۆزىدە ھابىلنىڭ بۇك- باراقسان باغ- ۋارانلىق كاتتا قورا جايى بار ئىكەن. بۇ قورا ئىچكىرى- تاشقىرى تۆت ھويلىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەربىر ھويلىدا باينىڭ بىردىن خوتۇنى ياشايدىكەن. ئۇنىڭ خوتۇنلىرىمۇ ئۆز يېرىنىڭ بىر- بىرىدىن كامالەتلىك گۈزەللىرى ئىكەن. باينىڭ كۈنلىرى ئۇزلۇكسىز يۇرۇشىۋاتقان تىجارەتلىرىنى يولغا سېلىشتىن باشقا چاغلاردا ئەنە شۇ گۈزەل خوتۇنلىرى بىلەن ئۆمۈرنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، ھوزۇر- ھالاۋەت، بەخىت- سائادەت ئىچىدە ئۆتىدىكەن. - ھايات قىسمەتلىرى ئاجايىپ... ئۆز- ئۆزىگە پىچىرلىدى موماي- كۈنلەرنڭ ئېتى بولغان بىلەن يېتى يوق، ئەمما ئادەم ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەتلىك بولغان بىر كۈن بار، ئەنە شۇ كۈندە ئادەمنىڭ بارلىق كۆرگەن بىلگەن، ئاشكارا- يوشۇرۇن قىسمەتلىرى ئايان بولغۇسىدۇر... ئەنە شۇنداق بەختىيار كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھابىلباينىڭ ھاياتىدا ئاجايىپ بىر ۋەقە يۇز بېرىپتۇ...
        بىر كۈنى كېچىسى ھابىلباي ئۆزىنىڭ كىچىك خوتۇنىنىڭ قېشىدا ئىشقى مۇھەببەت پەيزىگە چۈمۈپ ياتسا، تۇيۇقسىز قۇلىقىغا بىر ئايال زاتىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى زاھىر بوپتۇ... ھابىلباي ھەيران بولۇپ كىچىك خوتۇنىغا قارىغان ئىكەن، كىچىك خوتۇنى شېرىن ئۇيقۇغا كەتكەن، ھابىلباي يەنە تىڭشاپتۇ. بىر پەستىن كېيىن ھېلىقى ئاۋاز يەنە ئاڭلىنىپتۇ. بۇ قېتىم بۇئاۋاز تېخىمۇ ئېنىق ۋە تېخىمۇ يېقىملىق ھالدا ھابىلباينى سىرىتقا چىقىشقا ئۇندەپتۇ. ھابىلباي كىچىك خوتۇنىنىڭ قېشىدىن ئاستا سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، سىرىتقا قاراپ مېڭىپتۇ. ئىشكنى ئېچىپلا سىرىتتىكى ئالامەتكە قاراپ ھاڭ- تاڭ قاپتۇ... قارىغۇدەك بولسا، سىرىتتا ئاي دېسە ئاغزى بار، كۈن دېسە كۆزى بار، ھۆسىن جامالىنى تىل بىلەن تەرىپلەشكە ئاجىزلىق قىلىدىغان ئاجايىپ ساھىپجامال نازىنىن كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرغۇدەك... تېخىمۇ سەپسېلىپ قارىغۇدەك بولسا ئۇ گۈزەلنىڭ بەدىنىدە كىيمىدىن ئەسەر يوق بولۇپ، ئىپتىدائى گۈزەللىكنىڭ بۇ مۆجىزىسى ئالدىدا ھابىلباي ئەس- ھوشىنى يوقۇتۇپتۇ... ئايال بولسا ئاجايىپ ناز- كەرەشمە بىلەن ئارقىسىغا قايرىلىپ مېڭىپتۇ.
        ھابىلباي ھېچنىمىنى ئويلىماستىن، « باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن» دەپ ئارقىسىدىن ئەگىشىپتۇ. ئەگىشە- ئەگىشە ئويمان- چوڭقۇر كىزىپ يۈرۈپ بىر مەنزىلگە يېتىپتۇ. قارىسا، ئايال بىر تاغ ئۆڭكۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھابىلبايغا قايرىلىپ قاراپ قويۇپ، ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىپ كېتىۋاتقۇدەك... ھابىلبايمۇ ئارقىسىدىن ئەگىشىپلا ئۆڭكۇر ئىچىگە كىرىپتۇ...
       ئايھاي! ھابىلباي قارىغۇدەك بولسا ئۆڭكۇرنىڭ ئىچى ئاجايىپ گۈزەل ئوردا سىياقىدا بولۇپ، كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەنىكەن. ئۇدۇلدىلا شاھانە كۇرس ئۇستىدە باياتىنقى ئايالدىنمۇ گۈزەل ۋە نۇرلۇق چىراي بىر گۈزەل قىز ئولتۇرغۇدەك. باياتىنقى ئايال بولسا بىر چەتكە ئۆتۈپ ئۇ قىزنىڭ خىزمىتىگە تەييار تۇرغان ئىكەن. بۇنى كۆرۈپ ھابىلباينىڭ چىرايىدا ئېيتىقۇسىز مەمنۇنلۇق پەيدا بوپتۇ...
       شۇ ئارىدا باياتىنقى ئايال خىزمەتچى ھابىلبايغا:
        - مەلىكىمىزگە ئېتىرام بىلدۇرمەمسىز! - دەپ خىتاپ قىپتۇ.
       ھابىلباي شۇئان ئېىسگە كىلىپ مەلىكىگە پۈكۈلۈپ تازىم بەجا كەلتۇرۇپتۇ. مەلىكە نازۇ- نىمەتلەر، شېرىن- شاراپلار ھازىرلاپتۇ. مەلىكە ھابىلباينى داستىخانغا تەكلىپ قىلىپ ئۆزىمۇ كەپتۇ- دەة، بىللە تاماقلىنىپتۇ. تاماقتىن كېيىن شاراپلارنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ شاراپ ئىچىش باشلىنىپتۇ... ھابىلباي مەلىكىنىڭ دەۋىتى بىلەن ئېچىلىپ- يېيىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. شارابلا خېلى ئىچىلىپ ئەقىل لەشكەرلىرى ھېسىيات لەشكەرلىرىگە تەسلىم بولۇشقا باشلانغاندا، مەلىكە گاھ ئاشكارا، گاھ يوشۇرۇن ھالەتتە ئىشقى مۇھەببەت ئىزھار قىپتۇ. خۇددى « گاس موللا بىلەن مەست موللىنىڭ گېپى بىر» دېگەندەك ، مەلىكىنىڭ كۆڭۈل مەيلى ھابىلنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقىپ قاپتۇ. شاراپلار تولۇق ئىچىلىپ، ئەقىل لەشكەرلىرى پۈتۈنلەي تەسلىم بولغاندا، مەلىكە بىلەن ھابىلباي ھايات شېرىنلىكىنىڭ يۈكسەك پەللىسى بولغان شېرىن مېۋىگە ئېغىز تىگىپتۇ...
       تاڭ ئېتىپتۇ... ھابىلباي شېرىن ھارغىنلىق ئىچىدە ھاياجان بىلەن كۆزىنى ئېچىپتۇ. ئېچپتۇيۇ ھەيران قاپتۇ. قارىسا، ئۆزى بىر قېرى توغراقنىڭ ئاستىدا ياتقۇدەك، كىيم- كىچەكلىرىمۇ يوق. قىپيالىڭاچ ئانىدىن تۇغما ھالدا تۇرغۇدەك... ئاخشامدىكى سەلتەنەت، نازۇ- نىمەت، شېرىن سۆھبەتلەردىن ئەسەرمۇ يوق.
        - ئاھ، شەرمەندىچىلىك!- ئەلەم بىلەن پىچىرلاپتۇ ھابىلباي. يەنە ئىسىگە كېلىپ ئاخشامقى ئىشلار ھەققىدە ئويلاپتۇ. چۈش كۆرمىگەنلىكىم ئېنىق، ئەمما ، بۇ زادى قانداق مۆجىزىدۇر؟... ھابىلباي قانچە ئويلانسىمۇ بۇ ئىشلارنىڭ تىگىگە يېتەلمەپتۇ... ۋاقىت ئۆتكەنسىرى كۈن تىكلىشىپ قىزدۇرغىلى، ئاچلىق ۋە تەشنالىقمۇ ئۇنىڭغا خىرىس قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ھابىلباي بۇ ئادەمسىز چۆلدە نىمە قىلىشىنى ۋە قاياققا مېڭىشىنى بىلمەي تېڭىرقاپ تۇرۇپ قاپتۇ... ھابىلباي ئەشۇ جايدا تۇرۇپ تۇرسۇن، ئەمدى گەپنى ئاشىقلاردىن ئاڭلىغايسىلەر…
        ئاشىقلار مومايغا ئالى ئېھتىراملار بىلدۇرۇپ ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ يولغا چىققاندىن كېيىن دەشتۇ- باياۋانلارنى كېزىپ ياراتقۇچىنىڭ ئوتلۇق ئىشتىياقىغا بەل باغلاپ ئاھۇ زار ئىچىدە يۈرۈپتۇ. يۈرۈپتۇ- يۈرۈپتۇ… مەنزىللەر قارار گاھىدا توختاپ ھەلقە سۆھبەتلەر بىلەن ئاچ روھىنى ئاۋۇندۇرۇپتۇ. بىر كېچىسى قانداقتۇر بىر باياۋاندا گۈلخاندىن ئەتراپنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان ئاشىقلار قىزغىن سۆھبەتكە چۈشۈپ كېتىپتۇ.
        - ئاشىقلار كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ سۇلتانلىرىدۇر…- دەپتۇ بىر ئاشىق.
        - ياق!- دەپتۇ ئىتىراز بىلدۇرۇپتۇ يەنە بىر ئاشىق- مەگەر كىم ئاشىقلار كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ سۇلتانىغا ئايلىنالىغان بولسا، ھەرگىزمۇ ئاشىق ئاتالماس ئىدى… ئاشىقلار شەكسىزكى كۆڭۈل مەملىكتىنىڭ ئىتائەتمەن قۇللىرىدۇر…
        - ئۇنداقتا ئەقىل مەملىكىتى بىلەن كۆڭۈل مەملىكىتىنىڭ قانداق پەرقى بار؟- سوراپتۇ ئاشىقلارنىڭ سېپىگە ئەمدىلەتىن كىرىپ كەلگەن ياش ئاشىق.
       - ئۇلارنىڭ پەرقى شۇكى- دەپتۇ تەمكىنلىك بىلەن ئەڭ قېرى ئاشىق- ئەقىل كۆزى كۆرگەنگە مايىل بولۇر، ئەمما، كۆڭۈل كۆزى كۆرمىگەنگىمۇ مايىل بولۇر. ئەقىل كۆزىگە قارىغاندا كۆڭۈل كۆزى تېخىمۇ ئۆتكۇر ۋە رۇشەندۇر… ئاشىقلار دەل كۆڭۈل كۆزى بىلەن دۇنيانى كۆزەتكۇچىلەردۇر… شۇڭلاشقىمۇ ئاشىقلارنىڭ كۆرگىنى ھەقىقى ماھىيەتتۇر. ئاشىقلار ئىنتىزار بولغان مەشۇق مەڭگۈلۈك مەشۇقتۇر. ئاشىقلار چەككەن ھەسرەت ئەڭ چوڭقۇر ھەسرەتتۇر… ئاشىقلارنىڭ قەلبىدە ساقلانغىنى ئەڭ مۇكەممەل گۈزەللىك ۋە مۇھەببەتتۇر…- قېرى ئاشىق ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ – ياراتقۇچى مېھرىبان پەرۋەردىگارنىڭ قىممەتلىك نېمەتلىرى ئۆز ئىگىسىنى تاپالماي خارلاندى. ئادەملەرنىڭ تەبىئىتىگە يوشۇرۇن قاراڭغۇلۇق ئۆز پەردىسىنى تۇيدۇرماي يايماقتا. ئۇلار ئۆز قەلبىنىڭ قاراڭغۇلۇققا يۈز تۇتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالمىدى… چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆڭۈل كۆزى ئاللىقاچان پەردىلەنگەن. مانا ئەمدى كۆڭۈلدىكى پاك- مۇنبەت زىمىن يات ئاياغلاردا چەيلەندى. بۇلبۇلنىڭ ئۇۋىسىدا ھوقۇش بالا چىقاردى … ئاق قۇشقاچنىڭ ناۋالىرىنى قاغىنىڭ غەلۋىسى ئۇنتۇلدۇردى… ئەشۇنداق ئاستا-ئاستا ھەممە نەرسە رەڭگىنى تۇيدۇرماي ئۆزگەرتتى. كىشىلەر ئارىسىدىكى ئاسايىشلىق، ئاقكۆڭۈللۈك يات ئۇقۇمغا ئايلىنىپ قالدى… لەنەتتەككۇر شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى ئاياللارنىڭ يالىڭاچ تېنى ۋە شەرمەندىچىلىكى بىلەن زاھىر بولۇپ، بىر پۈتۈن قەۋمىنى گويا سەركە قويلارنى كەينىگە سېلىپ ماڭغاندەك يېتەكلەپ ماڭدى... كۆڭۈل كۆزىنىڭ كور بولۇشى بىلەن ئەقىل كۆزىگە بۇ ئىشلار دۇرۇس ۋە ھەق كۆرۈندى… يوشۇرۇپ ساقلاشقا تېگىشلىك پەرۋەردىگارنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئەڭ- ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىللىرى ئاشكارىلاندى… بۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالماي ئاددى بىر ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالدى…
        ئاشىقلار جىمىپ قاپتۇ… ھەممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئېچىنىشلىق تۇيغۇلىرى دەۋرەپتۇ… دەل شۇ پەيىتتە:
        - ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار – دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ ئاشىقلارنىڭ ئالدىدا ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر ئادەم پەيدا بوپتۇ. ئاشىقلار ئۇنى چۆل-باۋاندا ئاندا- ساندا ئۇچراپ قالدىغان چۆل ئادىمى بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتۇ… ئەمما، ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ شەھەردىكى داڭلىق بايلارنىڭ بىرى بولغان ھابىلباي ئىكەنلىكىنى ۋە كېچىدە چاقىرغان ئايالنىڭ ئىشلىرىنى ھەم كېينكى پۈتۈن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭىنىسىغىچە ئۇقۇپتۇ…
        - چۆل ئاجايىپ مۆجىزىلەرگە تولغان- دەپتۇ يەنە بىر قېرى ئاشىق سۆزگە كىرىشىپ ئەمىلىيەتتە پەقەت چۆل- بايۋانلار ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى ئىپتىدائى قىياپىتىنى ساقلاپ قالالىغان. ئۇنىڭدىكى مۆجىزىلەرنىڭ ئىنساننى ئەسلى تەبىئتىگە قايتۇرۇشمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس... چۈنكى ھەقىقى مەنىدىن ئېيتقاندا ئىنسان كەلگەن يېرىگە قايتقۇچىدۇر... شۇنىڭ بىلەن ئاشىقلار بەس-بەستە ئىنسان ۋە تۇرمۇش يولى ھەققىدىكى بەس مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ. ئاشىقلارنىڭ سۆزلىرىدىكى ھېكمەت ۋە ھەقىقەتلەرنى ئاڭلىغان ھابىلباينىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلۇپتۇ. ئۆزىنىڭ ئەيىش- ئىشرەت، كەيىپ- ساپا ئىچىدە ئۆتكەن ھايات مۇساپىسىنى ئويلاپ ئېچىنىپتۇ… ھابىلباي ئاشىقلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاشىقلار بەرگەن كىيىم- كېچەكلەرنى ئۇچىسىغا ئارتىپ ئۆيى تەرەپكە قاراپ راۋان بوپتۇ. ساق- سالامەت ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن بارلىق خوتۇنلىرىنى تالاق قىلىپ ئۇلار رازى بولغۇدەك مال- مۈلۈكنى بۆلۈپ بېرىپتۇ ۋە قالغان بارلىق مال- مۈلۈكنى مەسچىت خانىقالارغا ۋەخىپە قىلىپ قالدۇرۇپ قۇرۇق قول قاپتۇ. ھەم ئەلنىڭ دۇئايىنى ئىلىپ يۇرتتىن چىقىپ كېتىپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھابىلباي شۇ چىقىپ كەتكەنچە ئاشىقلار سىپىگە قېتىلىپ كەتكەنمىش… موماينىڭ چۆچكى بىلەن كەڭ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقى قاياقلارغىدۇر مۆكۈنۈپ شەرق ئاسمىنى بىلىق قارنى بولۇپ ئاقىرىشقا باشلىدى.
        - ئەسسالام، يەنە بىر يېڭى تاڭنىڭ ئىللىق قۇچىقى… - موماي قاياقلاردىندۇر ئاڭلانغان مۇڭلۇق ئەزان ئاۋازىغا قۇلاق سالغاچ سىرتقا قاراپ ماڭدى.

     4

       يەنە بىر كېچە … موماينىڭ خىيالى نەۋرىلىرى مومىسىنىڭ ئاغزىغا تەلمۇرۇپ ئىنتىزار كۆزلىرى بىلەن چۆچەك سوراۋاتتى… موماي چۆچىكىنى باشلىدى: 
       - شۇنداق قىلىپ، ئالدانغان تۈلكە شاھ سېغىزخاننى قوغلاپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھايۋاناتلار دۆلىتى يەنە بىر قېتىم شاھسىز قاپتۇ… بۇ قېتىممۇ ئوخشاشلا غۇلغۇلا باشلىنىپتۇ. بۇنداق تالاش- تارتىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئوردا ئەھكاملىرى دەرھال تەدبىر قوللانمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، يېڭىچە ئۇسۇل- چارە بىلەن شاھ نامزاتلىرنى رەتكە تۇرغۇزۇپتۇ. تۆۋەندىكى ھايۋانلار نامزاتلىققا تاللىنىپتۇ. چاھار پايلاردىن: شىر، ئات، زىراپە، پىل، كالا، ئۇچار قۇشلاردىن بۇركۇت، كۆك كەپتەر، ياۋا ئۆردەك، بۇلبۇل قاتارلىقلار ئىكەن. نامزاتلار رەسمى رەتكە تىزىلىپ بولغاندىن كېيىن سايلام رىقابىتى باشلىنىپ كېتىپتۇ. نامزاتلار ئۆزلىرى ئويلىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىگە ئۆزلىرىنىڭ تۇرلۇك ئارتۇقچىلىقلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ كاتتا نۇتۇقلارنى سۆزلەپ شەھەرمۇ- شەھەر كېزىشكە باشلاپتۇ… ھايۋاناتلار دۆلىتىنىڭ پۇقرالىرى ئىچىدە نامزاتلارغا نىسبەتەن قىزىقىش ھېسىياتى كۈچىيىپ، كېچە- كۈندۈز بەس مۇنازىرەت بىلەن ئۆزلىرى تاللىغان نامزاتنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى كۆز- كۆز قىپتۇ… ئاخىرقى نەتىجە شۇنداق بوپتۇ: بۇ قېتىمقى سايلامدا ئات ئۇتۇپ چىقىپ ھايۋاناتلار دۆلىتىنىڭ شاھىلىقىغا سايلىنىپتۇ. چۈنكى ئاتنىڭ ئەمگەك دېسە ئەمىلى كۈچى، جەڭ- كۈرەشلەردە ئۇچقۇر پۇتلىرى، شاھلارغا خاس قەددى- قامىتى، ھايۋاناتلار ئىچىدە ئەقىللىق بولىشىدىن باشقا، ئۇنى ھايۋانلارنىڭ سەردارى بولغان ئادەملەرنىڭمۇ ئەتىۋارلايدىغانلىقى ھەممىنى بىردەك قايىل قىپتۇ. دېمىسىمۇ، مەيلى دۆلەتنىڭ ئەمگەك ئارقىلىق گۈللىنىشى بولسۇن، مەيلى دۆلەت خەۋىپسىزلىكى بولسۇن ۋە مەيلى سىتراتىگىيىلىك پىلان تۈزۈش جەھەتتە بولسۇن ئاتقا باشقا نامزاتلارمۇ قايىللىق بىلدۇرۇپتۇ… شۇنىڭ بىلەن ئات ئۆزى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئالتۇن تاجنى كىيىپ شاھ كۇرسىغا چىقىپتۇ… ئاز ئۆتمەيلا ئۆز ۋاقتىدا تۈلكە شاھ ئەرەختەم – پەرەختەم قىلىۋەتكەن مەمۇرى ئەمەلدارلارنىڭ ئورنىنى قايتىدىن رەتكە ساپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەممە ئۆز ئورنىنى تاپقان بوپتۇ. گەرچە قىسمەن نۇقتىلار كۆرۈنگەن بولسىمۇ، ئومۇمى بىرلىك كۆزدە تۇتۇلۇپ كەچۈرۈلۈپتۇ…
       ئەنە شۇ كۇندىن باشلاپ ئات پادىشاھنىڭ گۈللەنگەن بىر دەۋرى باشلىنىپتۇ. بىر يىلغا قالمايلا پۈتۈن ھايۋاناتلار دۆلىتىدە مەمۇرىچىلىق، خاتىرجەملىك روياپقا چىقىپ، ھايۋاناتلارنىڭ قورسىقى توق، كىيمى پۈتۈن بوپتۇ… بۇلبۇللار خەندان ئۇرۇپ ھۆر زامان ھەققىدە ناخشىلارنى ئوقۇپتۇ… شائىر قۇشلار شېئىر قوشاقلارنى توقۇپتۇ. پۇقرارلارنىڭ رازىلىقى شاھنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇپ تېخىمۇ زور تىرىشچانلىق بىلەن پۇقرالارنىڭ مايىللىقىنى ئۆزىگە پۈتۈنلەي رام قىلىپ، سەلتەنەتنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، تېخىمۇ كۆپ زىمىنلارنى ئىلكىگە ئېلىشنى ۋە ئاخىرىدا قۇدرەتلىك ئاتلار ئېمپىريەسىنى قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپتۇ… كۈنلەر ئۆتۈپتۇ،ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ. ئات شاھلىقى تېخىمۇ گۈللىنىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەتكە ئايلىنىپتۇ… شاھنىڭ خۇشاللىقى چېكىگە يېتىپتۇ. ئەمما يەنە بىر ئىش ئۇنى بېشىنى قاتۇرۇپتۇ. كەلگۈسىدە ئۇ قېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئۆزىنىڭ ئورنىدا ئاتلار ئىمپىريىسىگە ۋارىسلىق قىلغۇدەك پۇشتىنىڭ بولماسلىقى ئۇنىڭ كۆڭلىنى غەش قىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال ئوردا كېڭەش يىغىنى چاقىرىپ بۇ ئىشنى مەسلىھەت قىپتۇ. ھەممە بىردەك مەسلىھەتكە كىلىپ، شاھنى دەرھال ئۆي ئوچاقلىق قىلىپ ئۆيلەش كېرەكلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن شاھنىڭ ياخشى بىر ۋارىسىنىڭ دۇنياغا كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شاھقا مۇۋاپىق خوتۇن ئىزدەش ئىشى باشلىنىپ تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىپ خوتۇن ئىزدەش كومېتىتى تەسىس قىلىنىپ، ئىشەكباي بۇ كومىتىتىنىڭ باش رەھبىرى، بۇقا ھاجىم مۇئاۋىن باش رەھبەر، قوچقار قارىم مۇئاۋىننىڭ مۇئاۋىنى بولۇپ سايلىنىپ دەرھال خىزمەتلەر تەقسىم قىلىنىپ، خوتۇن ئىزلەش ئىشىنى باشلاپتۇ… ئۇزاق مەزگىللىك تىرىشچانلىق كۆرستىش، بولۇپمۇ كومېتىت رەھبەرلىرىدىن ئېشەك، بۇقا، قوچقارلارنىڭ دانا رەھبەرلىكى بىلەن چەت يايلاقلاردا ئەركىن ئۆسۈپ چوڭ بولغان تاغىل ئاتلارنىڭ ئىچىدىن خوتۇن تېپىپتۇ. تاغىل ئاتلار بەگلىكىنىڭ بېگى ئۆزىنىڭ شاھقا قېيىن ئاتا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ كاتتا شادلىققا چۆمۈپتۇ… شۇنىڭ بىلەن كاتتا توي تەييارلىقى باشلىنىپتۇ… جاي- جايلاردىن، قوشنا دۆلەتلەردىن مەشھۇر سازەندە، ھاپىزلار، ئۇسۇلچىلار تەكلىپ قىلىنىپتۇ. توينى تېخىمۇ قىزىتىشنى ئويلىغان ئات شاھ شەرق ئېلىدىن چاقچاقچىلارنى تەكلىپ قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئۆتكەن قېتىم تۈلكە شاھنىڭ تويىغا ھېسام قۇرباننىڭ يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن كەلمەي قويغانلىقىنى ئويلاپ بۇ ئىشقا جۇرئەت قىلالماپتۇ. شاھنىڭ كۆڭلىدىكى تۈگۈننى چۈشىنىپ تۇرغان بۇلبۇل شاھقا مەسلىھەت بېرىپ، ئەلۋەتتە ھېسام قۇرباننىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇن بالىلىرىنى تاشلاپ دۆلەت ئاتلاپ چاقچاق قىلالمايدىغانلىقىنى، لېكىن ھېبى دىۋانە دىگەن ياش چاقچاقچىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى ھەم خوتۇن بالىلىرىنىڭ يوق بولىشى بىلەن دۆلەت ئاتلاپ چاقچاق قىلىشقا شارائىتى بار ئىكەنلىگى، ھەتتاكى، ئۇنىڭ شاھنىڭ ئوبدانراق ئىلتىپات كۆرسەتسە بۇ دۆلەتتە قېپ قېلىش ئېھتىمالىنىڭمۇ يوق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ. بۇ مەسلىھەت شاھقا خوپ كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ كىرىپ مەكتۈپ يوللاپ بۇلبۇلنى ئۇنى دەرھال تەكلىپ قىلىپ ئېلىپ كېلىشكە ئىۋەتىپتۇ… تەييارلىقلار پۈتۈپ بارلىق مېھمانلار ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان سازەندە ھاپىزلار، ئۇسۇلچىلار يېتىپ كەپتۇ. گەرچە ھىبى ئازراق كېچىككەن بولسىمۇ پادىچىلار شىلەپىسىنى كۆزىگە چۆكۈرۈپ يېتىپ كەپتۇ… شۇنىڭ بىلەن قۇتلۇق كۈندە توي رەسمى باشلىنىپتۇ… سازەندە ھاپىزلار بارلىق ھۇنىرىنى ئىشقا سېلىپ نەغمە ناۋالارنى چېكىگە يەتكۇزۇپتۇ. ئۇسۇلچىلار ئاجايىپ لەرزان قەدەملەر بىلەن ھەممىنى ھاياجانغا ساپتۇ…
        ئايھاي، شەرق ئېلىلىق ھېبى دىۋانىنىڭ چاقچاقلىرى باشلىنىشى بىلەنلا ھەممە ئەتراپ كۈلكىگە تولۇپ كېتىپتۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالاتاۋۇس كالىسىنىڭ يوغان ئەمچىكىگە باغىرداق تاقىماي يۈرگەنلىكىنى كەلتۇرۇپ قىلغان چاقچاقلىرى ئەزەلدىن ئېغىر- بېسىق، بۇرۇقتۇم مېتىس قويلارنىمۇ كۈلدۇرۋېتىپتۇ… لېكىن بۇ چاقچاق ئالا تاۋۇس كالىنىڭ ئاشنىسى بۇقا ھاجمىنىڭ ئاچچىقىنى راسا كەلتۇرۇپتۇ. ئەمما، بىرىنچىدىن شاھنىڭ تويىدا جىدەل چىقىرىشنىڭ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان تەسىرىنىڭ يامانلىقى، ئىككىنچىدىن چاقچاقنىڭ شاھنىڭ بىۋاستە تەكلىپ قىلغان ئەزىز مېھمىنى ئىكەنلىگىنى ئويلاپ ئۆزىنى بېسىۋاپتۇ… قىرىق كېچە- كۈندۈز توي مەرىكە ئەنە شۇنداق ھوزۇر- ھالاۋەت، كۈلكە باراۋەت ئىچىدە ئۆتۈپ ئاخىرلىشىپتۇ… مېھمانلار بىر- بىرلەپ قايتىپتۇ. شاھ ھالال نىكاھلىق خوتۇنى بىلەن ھوجرىغا كىرىپ ئىشقى مۇھەببەت پەيزىگە چۈمۈلۈپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ… شاھنىڭ مۇرادى ھاسىل بوپتۇ… دۆلەتنىڭ ئىشلىرى تېخىمۇ يۈرۈشۈپ كېتىپتۇ… لېكىن ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۆز ۋاقتىدا كەڭ دالىلاردا كۆرگەنلا خوتۇن- قىزلارغا چېپىلىپ يۈرگەن ئاتقا بىر خوتۇن بىلەن دائىم بىللە بولۇش ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ… بارا- بارا ئالاتاۋۇس كالىنىڭ تولغان ئەمچەكلىرى بىلەن ئۇنىڭغا سۇركىلىشلىرى، جەرەننىڭ دەرەخلەر ئارىسىدىن مەنىلىك جىلمىيىشلىرى، چوشقىنىڭ ئۆزىنىڭ تولغان بەدىنىنى كۆز- كۆز قىلغاندەك شاھنى كۆرگەن ھامان ئوڭدىسىغا يېتىۋىلىشلىرى شاھنىڭ كونا خۇمارىنى قوزغاپ قويۇپتۇ ۋە ئۇنىڭغا بىر مىنۇتمۇ ئارام بەرمەپتۇ. نىھايەت شاھ بىر ئاماللار بىلەن خوتۇنىنى يۇرتىغا بېرىپ شۇ يەردە يەڭگىشكە كۆندۈرۈپتۇ ۋە خوتۇنى يولغا چىققان كۈنى كىچىسىلا جەرەن بىلەن ئشرەت پەيزىگە چۆمۈپتۇ... شۇندىن باشلاپ شاھ ھەركۈنى دىگۈدەك ئەيىش- ئىشرەتكە بېرىلىپ كېتىپ دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا بۇرۇنقىدەك كۆڭۈل بۆلمەس بولۇپ قاپتۇ... ئۇنىڭ ئەتراپىدا خۇشامەتچىلەر، ھەركۈنى يېڭى نازىنىنلارنى تەييار قىلىدىغان سولامچىلار كۆپىيىپتۇ... ئاستا- ئاستا، ھېچكىم ئۇقماي قاپتۇ... دۆلەت ۋە پۇقرانىڭ ھالى خاراپلىققا يۈز تۇتۇپتۇ... شاھ ئويغانماپتۇ... پۇقرالارنىڭ ئاھۇ- زارى چېكىگە يېتىپتۇ... بىر كۈنلەردە خانىش ساق- سالامەت يەڭگىپ تايغىنىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۇرۇپ، دەبدەبە بىلەن قايتىپ كەپتۇ... شەھەرگە كىرىش بىلەنلا پۇقرالارنىڭ چىرايىدىكى سۇلغۇن بىچارىلىك ئەتراپتىكى كەيپىياتنىڭ ناچارلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلى غەش بوپتۇ... ئوردىغا كىرىپلا ئات شاھنىڭ بارلىق سىرلىرىدىن خەۋەردار بوپتۇ... بۇ ئىش خانىشقا تولىمۇ ھار كەپتۇ... قەلبى ھەسىرەت، ئەلەم، كۈندەشلىك ئوتىدا پۇچۇلىنىپتۇ... ئەزەلدىن ئەركە ئۈگەنگەن ئەركىن يايلاقنىڭ گۈزەل مەلىكىسى بۇ خورلۇققا چىدىماي شۇ كېچىسى ئۆز ھوجرىسىدا ئېسىلىپ ئۆلىۋاپتۇ... خانىشنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئات شاھنىڭ ئەيىش- ئىشرىتى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپتۇ... پۇقرالارنىڭ سەۋرى- تاقىتى تۈگەپ، ھەممە ئۇيۇشۇپ ئات شاھقا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپتۇ. قوزغىلاڭ باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا پۈتۈن دۆلەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئات شاھنى دارغا ئېسىپتۇ. شاھ دار ئالدىغا كەلگەندە، ئۆز ۋاقتىدا خانىشنىڭ ئۆز سەۋەبىدىن خورلۇققا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلىۋالغانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرۇپتۇ ۋە ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ... شۇنداق قىلىپ، پۇقرالار ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئويلىشىپ، ئۆكۈزنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ سايلىشىپتۇ... ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلار ھازىرغىچە خاتىرجەم ياشاۋاتقۇدەك... موماي چۆچىگىنى ئاخىرلاشتۇرپ سۈكۈت ئىچىگە چۆمدى... ئېھتىمال ئۇنىڭ خىيال قۇشلىرى مەرھەمەتلىك پەرۋازلىرى بىلەن ئاللىبۇرۇنلا ئاشىقلارنىڭ قېشىغا بېرىپ يەتكەندۇ... ئېھتىمال ئاشىقلارنىڭ ھېكمەتلىك ھەلقە سۆھبەتلىرى ئارىسىدا ئۇنىڭ لەرزان قانات قېقىشلىرى زاھىر بولۇۋاتقاندۇ... ئاشىقلار قايتىپ كەلدى... موماي چوڭقۇر ھاياجان بىلەن سىرىتقا چىقىپ كۆتۈرىلىۋاتقان قۇياش بىلەن تەڭ ئۆزى تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاشىقلارغا قارىدى. ئاشىقلار سېپىگە قېتىلىپ كەتكەن ھابىلباينى كۆرگەندە ئاجايىىپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى... ئاشىقلار يېتىپ كەلدى. ئۇلار تەڭلا دېگۈدەك مومايغا ئېھتىرام بىلدۇردى: - ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم، ئانا....

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-27 13:21:10]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر چۆچەك