يالىڭاچلىنىش(راخمانجان ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:24:45

يالىڭاچلىنىش(ھېكايە)راخمانجان ئاۋۇت تېلېفون جىرىڭلاپ توختىغاندا ئۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرىكىنى غاجىلاۋاتقاندەك تىرىسلاپ جىمجىتلىقنى بۇزۇۋاتقان سائەت ئىسترېلكىسىغا قارىدى. كېچە ...

    يالىڭاچلىنىش(ھېكايە)
    راخمانجان ئاۋۇت


       تېلېفون جىرىڭلاپ توختىغاندا ئۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەن بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرىكىنى غاجىلاۋاتقاندەك تىرىسلاپ جىمجىتلىقنى بۇزۇۋاتقان سائەت ئىسترېلكىسىغا قارىدى. كېچە سائەت ئۈچتىن ئاشقانىدى. ئۇ «ئەمدى ئارام ئالمىسام ئەتە خىزمەتكە كېچىكىپ قالىمەن» دەپ ئويلاپ كىيىملىرىنى سېلىپ يوتقانغا كىرىپ ياتتى. مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ يوتقانغا كىرىپ يېتىشنى ئۇخلاش ئۈچۈن ئەمەس، ئۆزىنى ئازابلاۋاتقان بارلىق ئىشلاردىن چەتكە ئېلىپ يوشۇرۇنۇش دەپ ئويلايتتى.

       ئۇ ئەمدى يېتىپ تۇرۇشىغا تېلېفون يەنە قاتتىق جىرىڭلاپ كەتتى. جىمجىت قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تېلېفوننىڭ ئاۋازى ئاجايىپ سۈرلۈك ئاڭلىناتتى ھەم ئۇنىڭ ناچار كەيپىياتىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك ئاڭلىناتتى. ئۇ تېلېفوننىڭ جىرىڭلاپ توختىشىنى كۈتۈپ بىتاقەت بولدى. تېلېفون ئاخىر سايراشتىن توختىغاندا ئۇ چاقماق يېقىپ تېلېفوننىڭ سىمىنى چىقىرىۋەتتى-دە، ئۇخلىماقچى بولۇپ ياتتى. لېكىن ئۇيقۇسى كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇڭا، تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ چېكىشكە باشلىدى. ئۇنىڭغا تېلېفون ئۇرۇۋاتقىنى تونۇش بىر قىز بولۇپ، ئازراق ھاراق ئىچكەنلىكتىن بولسا كېرەك، «سىز بىلەن كۆرىشىمەن» دەپ تۇرۇۋالغانىدى. ئۇ رەت قىلغاچقا قىز ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماقچى بولۇپ توختىماي تېلېفون ئۇرۇۋاتاتتى. كەچ سائەت ئوندىن باشلاپ ئۇرۇلغان تېلېفون كېچە سائەت ئۈچكىچە توختىماي سايراپ چىقتى. ئۇ تېلېفون ئورناتقانغا تۇنجى قېتىم قاتتىق پۇشايمان قىلدى. «مەنمۇ ئوغۇل بالا بولدۇممۇ؟ مۇشۇ ياشقا كىرگۈچە نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، يەنە ئۇنىڭ قانداق قىز بالا ئىكەنلىكىنى بىلمىگەندىن كېيىن ماڭىمۇ ئاز بۇ كۆرگۈلۈك» دەپ خىيالىدا ئۆزىنى ئەيىبلەشكە باشلىدى.
    ئۇ مۇشۇ كۈنلەردە ئانىسىنىڭ ئوچاق ئالدىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، «بىزنىڭ زۇۋۇلىمىزنى خۇدايىم كىچىك ئۈزگەن، باشقا كەلگىنىنى كۆرمەي ئامالىمىز يوق، پېشانەڭگە پۈتۈلگىنى بار» دېگەندەك سۆزلىرىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغانىدى. نەچچە يىللاردىن بېرى ئۇ ئۆزىدىن پەخىرلىنىش ئىچىدە ھايات كەچۈرۈپ كەلگەنىدى. چۈنكى ئۇ، بۇ چەت يېزىدىن پايتەختكە بېرىپ ئوقۇغان تۇنجى ئوقۇغۇچى، يەنە كېلىپ باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇمايلا ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلغاچقا، ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ پەخىرلىنىدىغان ئادىمىگە ئايلىنىپ قالغانىدى. ئۇ دەسلەپتە يېزىنىڭ جاپالىق مۇھىتىدىن قۇتۇلۇپ مەڭگۈ شەھەردە ياشايدىغان ئادەم بولغانلىقىدىن ئاجايىپ خۇش بولغان ھەم ئۆزىنىڭ تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى چىن قەلبىدىن ئېتىراپ قىلغانىدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شەھەردە خىزمەت قىلغانلىقىدىن باشتا خۇشال بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ خۇشاللىقلىرى ئاستا-ئاستا يوقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى پۇشايمان ئىگىلىۋالغانىدى.  ئۆزىنى ئەتراپىدىكى ئادەملەرگە سېلىشتۇرسىلا كۆڭلى يېرىم بولاتتى. ئەقلىي  ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ھېچكىمدىن تۆۋەن بولمىسىمۇ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۇ ھېچكىم بىلەن بەسلىشەلمەيتتى. يوقسۇزلۇق تېشى خۇددى ئاچلىقتەك ماڭسا تاپىنىغا، ياتسا بېقىنىغا پېتىپ  ئۇنى ئازابلاپ كېلىۋاتاتتى. شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئادەمدەك ياشاۋاتىمەن، دەپ ئېيتالمايتتى. مانا بۇ يىل يىگىرمە يەتتىگە كىرىپ قالدى. چاچلىرى چۈشۈپ ئاز قالدى. ئوتتۇزغا يېقنلىشىپ قالاي دېگەندە تۈزۈك پۇلمۇ يىغالمىغاچقا ئەركىن-ئازادە مېڭىپ يۈرگۈدەك ئۆيمۇ يوق. ھاجەتخانا ۋە مۇنچىغا يەنىلا سىرتقا يۈگۈرەيدىغان گەپ. ئۇ بەزىدە تۇيۇقسىز باي بولۇپ كېتىشنى خىيال قىلاتتى. لېكىن قانداق باي بولۇشنى بىلمەيتتى. ئالغان مائاشى بولسا ئارانلا يېتەتتى. تېخى بەزىدە يېنىدا پۇل يوق ئاچ قالىدىغان ئىشلارمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قېتىملىق ئەمەس ئىدى. بۇنداق تۇرمۇشنىڭ قاچانغىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى ئويلىسا، كەلگۈسى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردەك بىلىنىپ ئۇنى شۈركەندۈرۈۋېتەتتى.
    مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلار نېمىدېگەن پەيزى-ھە! ئۇ ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدىكى بىغۇبار چاغلىرىنى ئەسلىگىنىدە كۆزىگە ياش كېلەتتى. نېمە ئىشنى كۆرسە يېڭىلىق تۇيۇلغان، ئەڭ ئەھمىيەتسىز ئىشلار ئۈچۈنمۇ ھاياجانلىنىپ ياشاش ھەقىقەتەن پەيزى مەزگىل ئىدى. بىراق ئۇ ۋاقىتلار ھازىر مەڭگۈ قايتىلانمايدىغان تارىخقا ئايلىنىپ قالدى.
    شەھەرلىكلەرگە نىسبەتەن ئانچىكى   تۇيۇلىدىغان بەزى ئىشلارنى ئۇ چوڭ بىلىۋالغاچقا، ئۆزىچە ھەممە ئىشتىن ئۈمىدسىزلىنىپ ياشايدىغان ناھايىتى چۈشكۈن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى.
    ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىغا چىققاندا بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتى. شۇ چاغدا ئۇ كۈندۈزى مەكتەپتە ئوقۇپ كەچلىرى رېستوراندا ناخشا ئېيتاتتى. شۇڭا تۇرمۇشىمۇ ياخشى ئىدى. ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغاندىن كېيىن ساۋاقداشلىرىمۇ ئۇنى بۇرۇنقىدەك «ئالتە شەھەرلىك» دېمەيدىغان، ئۇنى ھۆرمەتلەيدىغان بولغانىدى.  ئۇ ئوقۇغۇچىلىق شارائىتىدىن ئېيتقاندا خېلى كۆپ پۇل تاپتى. لېكىن يالغۇزلۇقنىڭ ئازابى ئۇنى داۋاملىق قىينايتتى. چوڭ يەپ، چوڭ ئىچىش، كىيىم كىيىش دېگەنلەر قانداقمۇ بىر ئادەمگە بەخت بېرەلىسۇن؟
    ئۇ شۇنداق قىلىپ بىر قىز بىلەن مۇھەببەتلەشتى. قىزمۇ ئۇنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇمۇ ئاشۇ قىزنىڭ كۆيۈنۈشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تۇرمۇشنىڭ مەنىلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. قىز ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى، ئاق كۆڭۈللۈكى ئارقىلىق مەكتەپ تەربىيىسى كەمچىل بولغان بۇ يېرىم دېھقاننى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا بۆسۈپ كىردى ۋە ئۇنىڭ بەزى كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى. ئىككىسى ئۈچ كۈندە بىر كۆرۈشمىسە زادى چىدىمايتتى. بىر شەھەردە تۇرۇپمۇ تېلېفوندا سۆزلىشىپ كۆڭلى قانائەت تاپماي خەت يېزىشاتتى. ياشلىق مەزگىلىدىكى ئەڭ مەنىلىك ۋە شېرىن مىنۇتلار ئۇزۇن ئۆتمەي ئاخىرلاشتى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى. قىز بولسا يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرەتتى. ئۇ سۆيگەن قىزى  ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگۈچە ئۆي ئېلىپ توي قىلغۇدەك پۇل جۇغلاپ تۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈككەن بولسىمۇ، خىزمەتكە چىقىپ مائاشقا تايىنىپ جېنىنى باقمىقىمۇ تەسكە چۈشۈپ قىيىن ئەھۋالدا قالدى. ئىكككىسى تېلېفوندا كۆرۈشكەندە قىز ئۇنىڭغا يول كۆرسىتەتتى، تەسەللى  بېرەتتى، «مەن بارسام ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ»دەپ ئۇنى بەزلەيتتى.
    بىراق، ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. قىز گەرچە يىگىتتىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بولغان مۇئامىلىسىدە ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى. يىگىت ھاياتىدا ئەڭ چوڭ بىلىدىغان، ھەتتاكى جېنىنى پىدا قىل دېسىمۇ سۈكۈتتە تۇرمايلا جېنىنى پىدا قىلىشتىن باش تارتمايدىغان ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشنى ئويلىسا، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ياشاشتىن گەپ ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. لېكىن موھتاجلىق ئۇنى ئاخىر ھەممىدىن مەھرۇم قىلدى. قىزمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. خىزمەتكىمۇ چىقتى. لېكىن ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالدى.
    قىز ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتىۋېلىپ باراتتى. يىگىت قىزنى كۆرۈشكە تەشنا ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قىز يىگىتكە:
    -بىرسى بىلەن ئارىلىشىۋاتىمەن، مېنى ئەمدى ئاۋارە قىلمىسىڭىز،- دېدى.
    يىگىت نېمە دېيىشىنى بىلمەي تاماكىسىنى قاتتىق شوراپ ئولتۇردى.
    -ياخشى كۆرگەن ئادىمىگە بەخت تىلەش ئەڭ ئالىيجاناب ئەرلەرنىڭ پەزىلىتى،- دەپ ئۇنىڭغا ئۆگىتىشكە باشلىدى قىز.
    -ئالىيجاناب ئەر؟-دېدى ئۇ غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولۇپ،-ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىنى خەقنىڭ قوينىغا تاشلاپ بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ ياشاش ئالىيجاناب پەزىلەت بولسا، مەن ئۇنداق ئەر بولالمايمەن!-دېدى ئۇ تاماكىسىنى كۆتىكى بىلەن يۇتۇۋەتمەكچى بولغاندەك قاتتىق شوراپ قەھرى بىلەن.
    -مۇبادا مەن سىزنىڭ ماڭا بولغان ھېسسىياتىڭىزنى رەت قىلسام قانداق قىلىسىز؟-دېدى قىز ئۇنىڭ كۆپۈپ ئېسىلىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ تۇرۇپ.
    -يا سىزنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، يا ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن،-دېدى يىگىت سۈكۈتسىزلا.
    قىز ئۈندىمىدى. يىگىتنىڭ بۇ گەپنى تۇنجى قېتىم ئېيتىشى بولمىغاچقا ئانچە چۆچۈپمۇ كەتمىدى. قىز ئىنتايىن ئەستايىدىل ھالدا:
    -ئۇنداق قىلسىڭىز بەك بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىسىز. سىزنى تونۇيدىغانلار سىزگە لەنەت ئوقۇيدۇ، نەپرەتلىنىدۇ. سىز ھېچبولمىدى دېگەندە ئۆگەي دادىڭىزنىڭ ئالدىدا سىقىلىپ يۈرۈپ مىڭ بىر جاپادا سىزنى بېقىپ چوڭ قىلىپ، ھازىرقى كۈنگە يەتكۈزگەن ئانىڭىزنى ئويلىشىڭىز كېرەك. راستىنى ئېيتسام، ئاتا-ئانام سىز بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلمىدى. ئاتا-ئانام قوشۇلمىغان ئىشنى مەن قىلالمايمەن،-دېدى قىز چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋېلىپ.
    -ئۇنداقتا سىزچۇ؟ سىز قانداق قارايسىز؟ ئەجەبا ئۇلارنى دەپ مېنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىمنى قۇربان قىلامسىز؟-دېدى ئۇ قىزنىڭ ئەزەلدىن گىرىم قىلمايدىغان ئوماق چىرايىغا تىكىلىپ تۇرۇپ.
    -مەن ئاۋۋال بىرىنچى بولۇپ ئاتا-ئانامنى ياخشى كۆرىمەن. ئاندىن قالسا باشقا بىراۋنى ياخشى كۆرۈشۈم مۇمكىن،-دېدى قىز ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا.
    يىگىت ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى قالمىغاندەك ھېسسىياتقا كەلدى. تۆت يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ بۇنداق ياخشى كۆرۈشنىڭ ئۆزىنى ۋە قىممىتىنى ئېلىشتۇرۇپ قويۇۋاتقان سۆيگىنىدىن قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى. «مەن بىلەن توي قىلىڭ» دەپ قىزنى ماقۇل كەلتۈرگەن ھالەتتىمۇ، ئۇنىڭدا ئۆي ئالغۇدەك ۋە توي قىلغۇدەك پۇل بولمىغاچقا بىردىنلا بوشىشىپ قىزنىڭ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بولغانلىقىنى پەملىدى.
    -ئۇنداقتا بوپتۇ. سىز بىلەن يۈرۈش جەريانىدا كۆڭلىڭىزگە بىلىپ-بىلمەي ئازار بېرىپ قويغان بولسام مېنى كەچۈرۈڭ. يۈرگەن يىگىتىڭىز بىلەن بەختلىك بولۇشىڭىزنى تىلەيمەن، خوش،-يىگىت شۇنداق دەپلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەنىدى.
    شۇنداق قىلىپ قىز بىر يىلغا بارمايلا توي قىلدى. شۇ چاغدا ئۇ شۇنچىلىك ئازابلاندىكى، ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۆلۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى.
    يىللار ئۆتتى. ئايلار ئۆتتى. ئۇنىڭ يېشىغا ياش قوشۇلۇپ بالىلىقتىن ياشلىققا ھەتتاكى ياشلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە كېلىپ قالاي دەۋاتاتتى. ئۇ داۋاملىق قىز بىلەن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەيتتى. بىھۇدە رەنجىتىپ قويغان چاغلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى ئەيىبلەيتتى. كۆز ئالدىغا كەلتۈرەتتى. ئۆزى قۇچاغلىغان نازۇك بەدەن، غۇنچىدەك نازۇك لەۋلەر، باشقىلارنىڭ قولىدا پايمال بولۇۋاتقانلىقىنى ئويلىسا يۈرىكىگە بىر پىچاق سېلىپ ئۆلۈۋالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنى قورقۇنچاق دەپ ئەيىبلەيتتى. ئەينەكتىن ئۆزىنى كۆرۈشكىمۇ تاقىتى قالمىغاچقا، خۇددى باشقا بىر ئادەمنىڭ تېنىدە ياشاۋاتقاندەك ئۆزىنى خارلاشنىڭ، دەپسەندە قىلىشنىڭ يولىنى ئىزدەيتتى. روھى بىلەن تېنىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك ھەتتاكى ئۆزى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى يوقتەك خىرە سېزىم ئىچىدە ئۆرتىنەتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشاش، ئەخلاق ۋە باشقا مىزان دېگەنلەر ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغان نەرسىلەر ئىدى. ئۇنىڭ تەرتىپلىك تۇرمۇش ئادەتلىرىنىڭ ھەممىسى قالايمىقانلىشىپ ئۆزى بۇ ھاياتىنى ياشىمايۋاتقاندەك ياكى ئەمدى ياشاشنىڭ ھاجىتى يوقتەك كەيپىيات بىلەن ئۈمىدسىزلىكنىڭ پاتقىقىغا پېتىپلا كەتتى. قىزنى ئۇنتۇپ كېتىشكە تىرىشسىمۇ، ئۇنتۇيالماي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز خىياللار بىلەن ئازابلىنىپ ئۆتكۈزەتتى. قىزنىڭ بولسا تېزلا بىراۋ بىلەن ئۆزلىشىپ كېتىشى كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى. كۆڭۈل دېگەن ئاممىۋى مۇنچا ياكى ھاجەتخانا ئەمەس، كىم كىرىپ-چىقسا بولىۋېرىدىغان دەپ ئويلاپ، مۇشۇنداق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئۆكۈنەتتى. ئۇ ئاستا-ئاستا قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزى بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى.
    ئۇ ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىقنىڭ رىتىمىغا تەتۈر ھالدا ياشاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئەمدى پۇل تېجەپ توي قىلىش، ئۆي ئېلىش دېگەندەك ئىشلار يوق ئىدى. قۇرۇق ئۆيدەك غېرىبلىق داۋاملىق كۆڭلىنى ئىگىلىۋالاتتى. ئۇنى سېغىناتتى، ئەسلەيتتى. خۇددى ئۇ پۇشايمان قىلىپ ئالدىغا كېلىدىغاندەك ھېس قىلاتتى.
    ئۇ قىز بىلەن يۈرۈۋاتقاندا كۆڭلى توق ئىدى. شۇڭا ئەتراپىدا نۇرغۇن قىزلار ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەك ھېس قىلغان. ئەمدى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ ھېچكىمنىڭ ئۇنى سۆيگەن كىشىسىدەك ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەندە بولسا ئاللىقاچان كېچىككەنىدى. تۈرمىدەك زەي ياتاقتا يېتىپ تاماكا چەككەچ خىيال سۈرەتتى، ئويلىناتتى. دۇتار چېلىپ، ناخشىنى ياخشى ئېيتقاچقا دوستلىرى بەزىبىر ئولتۇرۇشلارغا ئۇنى تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ شۇنچە كۆپ ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا ياشاپمۇ ئۆزىنى يەككە-يېگانە ھېس قىلاتتى.
    ئۇ ھازىرغىچە نۇرغۇن قىزلار بىلەن تونۇشۇپ كۆڭلىدە ھېساب سوقۇپ باقسىمۇ ھېچكىمنى ئۆزىگە مۇناسىپ كۆرمەيتتى ياكى بولمىسا بۇرۇنقى سۆيگىنى  بىلەن سېلىشتۇرۇپلا ھەرقانداق بىر قىزدىن كۆڭلى سوۋۇپ كېتەتتى. «لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈمنى بەزلەپ بولسىمۇ بىرەرسىنى تېپىشىم كېرەك» دەپ ئويلاپ ئۆزى خېلى بىلىدىغان بىر قىزغا تەكلىپ قويدى. قىزمۇ ئۇنىڭغا ماقۇل بولدى. بىراق قىز بىلەن بىرنەچچە ھەپتە ئارىلىشىپ ئۇنىڭدىن بىزار بولۇشقا باشلىدى. ئۇنىڭ چىراي تۇرقى، مىجەزىنى دېمىگەندىمۇ كۆپ ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن قىز بولۇپ، بەزى سورۇنلاردا باشقىلار قىزنىڭ گېپىنى قىلىشىپ زوق-شوخ بىلەن سۆزلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەنلا ئۇ قىزغا ئىككىنچى گەپ قىلماسلىق ۋە كۆرۈشمەسلىك قارارىغا كەلدى. قىزنىڭ ئالاھىدە تەشەببۇسكارلىقى ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغىلى ئاز قېلىۋاتاتتى. «مەن ھاياتىمدا ساپلا ئىنتىلگەن نەرسىلىرىمدىن قۇرۇق قېلىپ، بىزار بولغان نەرسىلەرگىلا ئېرىشىپ كەلدىم. ماڭا كېرەكسىز نەرسىلەر ئەتراپىمنى ئەگىپ كېتەلمىدى. كېرەكلىك نەرسىلەرنى باشقىلار ئالىقىنىغا كىرگۈزۈۋالدى» دەپ ئويلاپ، ئۆزىدە قالغان بىردىنبىر نەرسىنىڭ ۋىجدان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتى. لېكىن سەللا دىققەت قىلمىسا ئۇنى باشقىلار بۇلاپ كېتىدىغاندەك تۇراتتى.
     بىر كۈنى كەچتە قىز ئۇنى قەھۋە ئىچىپ كېلىشكە تەكلىپ قىلدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى ناچار بولغاچقا، سىرتتا قەھۋە ئىچىپ كېلىشكە چىققۇسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.
    -ئۇنداق بولسا ياتىقىڭىزدا پاراڭلىشايلى، ئۈزۈم ھارىقىدىن بىرنەچچىنى ئەكىرىپ قويۇڭ، ئىچكەچ كۆڭلىڭىزدىكى گەپنى ئاڭلاپ باققۇم بار،-قىز شۇنداق دەپلا تېلېفوننى قويۇۋەتتى.
    قىز ئۇسسۇلچى بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ئالدىنقى يىلى ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئىككى تاللا قىزى بىر ئۆيدە ئاتا-ئانىسىنىڭ چىرىغىنى يېقىپ ياشايتتى. ئۇنى باشقۇرىدىغان ئادىمى بولمىغاچقا زىيادە ئەركىنلىك ئۇنىڭ ياشلىق باھارىغا تازا ماس كەلگەن بولۇپ، خالىغان چاغدا خالىغان يېرىگە بېرىپ نېمە قىلسا ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چاتىقى يوق ئىدى. يىگىت ئۇنىڭ رېستورانلاردا ئۇسسۇل ئوينىشىغا قوشۇلمىسىمۇ، لېكىن ھازىرچە ئۇنى چەكلەشكە پېتىنالمىغان ھەم «توي قىلغاندىن كېيىن ئوينىغىلى قويمايمەن» دەپ ئويلايتتى. پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركىشى «ئايالىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟» دېسە، «رېستوراندا ئۇسسۇل ئوينايدۇ» دېيەلمەيدۇ -دە. ئۇ ھاراقتىنمۇ ئېلىپ، ياتىقىنىڭ ھاۋاسىنى تەڭشەپ، ئۆزىمۇ چىرايلىق كىيىنىپ تەييارلىق قىلىپ تۇردى. بىراق شۇنچە ساقلىسىمۇ ئۇ كەلمىدى. تېلېفون ئۇرۇشقا ئۇنىڭ بوينى بارمىدى. بولدىلا دەپ ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە قىز كىرىپ كەلدى. ئىككىسى بۈگۈن ئالاھىدە كىيىنىۋېلىشقان بولۇپ، يىگىت قارا كاستۇم، ئۇچىسىغا ئاپئاق كۆڭلەك، يېشىل گالستۇك ۋە سېرىق شىبلىت كىيىۋالغانىدى. قىز سىرتىغا ئاق تىۋىتلىق پەلتو، ئىچىگە سېرىق كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، بوينىغا يوللۇق چىرايلىق ياغلىقنى ئايلاندۇرۇپ چىگىۋالغانىدى. چاچلىرى يەلكىسىگە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تار يوپكىسىنى ئۈستىگە كۆتۈرۈۋېتىپ ئىشىكنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئىككى تەرىپىدە چۇچىسى بار جىگەررەڭ ئۆتۈكىنى سېلىشقا باشلىدى. بەدىنىگە چېچىلغان ئەتىرنىڭ ھىدى ياتاقنى بىر ئالدى. بەلكىم بىنانىڭ ئالدىغا كەلگەندە چېچىلغان بولسا كېرەك. ئەتىرنىڭ خۇشبۇي ھىدى ناھايىتى كۈچلۈك كېلىپ يىگىتنىڭ بۇرنىغا ئۇرۇلدى.
    يىگىت «ئىسىت، مەن ياخشى كۆرگەن سۆيگىنىم بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى» دەپ ئويلىدى ئىچىدە. لېكىن سىرتىدا بولسا ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى چاندۇرماسلىق ئۈچۈن يۈزىنىڭ گۆشلىرى تارتىشىپ كېتىۋاتسىمۇ زورىغا كۈلۈمسىرەپ ئۇنى قارشى ئالدى.
    -بەك ساقلىتىۋەتتىم، كەچۈرىسىز،-دېدى قىز ئايىغىنى سالغاچ يىگىتكە قارىمايلا.
    -مەن تېخى سىزنى كەلمەيدىغان بولدى دەپ ئويلىغانىدىم،-دېدى يىگىت سوغۇققىنا.
    ئۇ باياتىن كۈلۈمسىرىشىنى خاتا بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلدىمۇ، ئاچچىقى كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولدىمۇ، ئىشقىلىپ ئۆزى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر ئادەم بىلەن پاراڭلاشماقچى بولغاندەك كەيپىيات بىلەن ئۆرە تۇراتتى.
    قىز كارىۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپلا ياتاققا بىرىنچى قېتىم كىرگەندەك ھەممە نەرسىگە بىردىن-بىردىن قاراپ كەتتى. ياتاقتا بىر دانە تېلېۋىزور، كىتاب ئىشكابى، كىيىم ئاسقۇچ، ۋە بىر دانە تاماق ئۈستىلى بار ئىدى. ياتاقنىڭ تاملىرى قوپال سۇۋالغان بولۇپ، تۇخۇم شاكىلىدەك سويۇلۇپ كەتكەن. بەزىلىرى چۈشۈپ يارا ئىزىدەك كۆرۈنسە، يەنە بەزىلىرى ساڭگىلاپ قالغانىدى. يەرگە بولسا ئەترەڭ گىلەم سېلىنغانىدى. ھەممە نەرسىلەر ئانچە يېڭى بولمىغىنىغا قارىماي توپا بېسىپ كەتكەنىدى. پەقەت كىتاب ئىشكابى بىلەن ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان نەقىشسىز دۇتارلا ئادەمنىڭ ئازراق مەيلىنى تارتىپ جەلپ  قىلاتتى. تامنىڭ بىر تەرىپىگە ئېسىلغان سومكا، گالىستۇك ۋە جىگەررەڭ شىلەپىلەر خۇددى كونا نەرسىلەرنى يىغىدىغان ئامبارغا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۈستەلگە تىزىقلىق ئىككى بوتۇلكا ھاراق كۈچلۈك چىراغ نۇرىدا قان رەڭلىك تۈس ئالغان بولۇپ، بۇ ياتاققا ئازراق رومانتىك ھېسسىيات ئاتا قىلغانىدى.
     ياتىقىڭىز ھەر ھالدا رەتلىك ئىكەن. لېكىن سىزنى سىرتلاردا كۆرگەن بىر ئادەم سىزنىڭ مۇشۇنداق نەس باسقان بىر يەردە ياتىدىغانلىقىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. بىنادىن كىرگىچە سۈر بېسىپ ئاران ياتىقىڭىزنى تاپالىدىم،-دېدى قىز پۇتلىرىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ.
    يىگىت قىزنىڭ پايپىقىدىكى قاتار زەرلەرنىڭ ئاق ئالتۇندەك چاقناۋاتقانلىقىغا ئىختىيارسىز نەزەر سېلىپ ئىتتىك كۆزىنى ئېلىپ قاچتى ۋە:
    -بىنانىڭ چىرىغى ئالدىنقى كۈنى كۆيۈپ كېتىپتىكەن، ئالماشتۇرۇپ قويىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن،-دېدى ناھايىتى سىپايە ھالدا.
    -ھارىقىڭىزنى قۇيمامسىز؟-دېدى قىز يىگىتكە تىكىلىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئازراق ھاياجانلىنىۋاتقاندەك تۇراتتى. ئۇ ھاراقنىڭ ئاغزىنى ئاچتى ۋە ئىككى ئەينەك ئىستاكانغا قۇيدى. قىز بارماقلىرىغا قاتار ئالتۇن ئۈزۈك سېلىنغان قولىنى ئىستاكانغا سۇنۇپ، ئۇ تېخى تولدۇرۇپ بولالمىغان رومكىغا سوقۇشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن«خوشە!» دەپ بىراقلا كۆتۈرۈۋەتتى.
    ئۇ ئارتۇق گەپ قىلىشنىڭ بىھاجەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكەچكە، قىزنىڭ گەپ قىلمايلا ئىچىۋەتكەنلىكىدىن خۇش بولدى. ئۆزى بولسا ئالدىرىماي سوزۇپ ئىچتى.
    -قاچان ئۆي ئالىسىز؟-دېدى قىز قۇرۇقدالغان ئىستاكاننى ئۈستەلگە قويۇۋېتىپ.
    -بانكىدىن قەرزگە ماڭغىلى بىر يېرىم يىلدىن ئاشتى، تېخىچە ھەل بولمىدى. ئالدىنقى ھەپتە بارسام «مائاشى ئاز ئىكەن» دەپ تەستىقلىماپتىمىش. مەنغۇ ھۆكۈمەتكە «مائاشنى ئاز بېرىڭلار» دەپ ئىلتىماس يازمىغان. بىرسى بىرنېمە دېگەن، يەنە بىرسى بىرنېمە دېگەن. ئىشقىلىپ نېمە دېسە ئۇلارنىڭ يوللۇق. مەن ھاجەتمەن بولغاندىكىن ئۇرۇپ-تىللىمىسىلا ماقۇل دەيدىغان گەپ ئىكەن،-دېدى ئۇ يەنە ئىستاكانغا ھاراق قۇيغاچ.
    -سىز ئەسلى باي بىرسىنىڭ قىزىنى تاپقان بولسىڭىز كۈنىڭىز ياخشى بولۇپ كېتەتتىكەن،-دېدى قىز يەنە رومكىغا قول ئۇزىتىپ.
    -يوقسۇ، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن. مېنىڭ كۈنۈم بايلارنىڭ قىزىنى تاپمايمۇ خېلى يامان ئەمەس كېتىۋاتىدۇ،-دېدى ئۇ ئۈستەلدىكى تاماكىدىن بىر تال ئېلىپ ئوت تۇتاشتۇرغاچ.
    -ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى قانداق ئويلاۋاتىسىز؟-دېدى قىز ئاخىر ئاساسلىق گەپكە كۆچۈپ.
    ئۇ بىر دەم ئويلىنىپ ئولتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن:
    -مېنىڭ كۆز قارىشىم ئۆزگىرىپ قالدى. مەن سىزنىڭ بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپ قويغۇدەكمەن. ياخشىسى ھەر ئىككىمىز ئۆزىمىزنىڭ يولىنى ماڭغىنىمىز تۈزۈك ئىكەن،-دېدى ئۇ كەسكىن قىلىپ. قىز ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بىر دەم سۈكۈتتە تۇردى.
    -مەن ئەسلىدىن سىزگە قىزىقمايتتىم. جىم تۇرغان سۇنى چالغىتىپ ئۆزىڭىز ئېغىز ئاچتىڭىز. مەن ماقۇل دەپ سىزگە قىزىغان چېغىمدا بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ سىز مېنى ئالداپ مەندىن پايدىلانماقچى بوپسىز،-دېدى قىز سول تەرىپىدىكى تامغا قاراپ تۇرۇپ.
    -راست، گەپنى مەن دېگەن. بىراق سىزدىن پايدىلانماقچى ئەمەس ئىدىم ھەم سىزدىن پايدىلانمىدىم.
    -ئەمىسە، نېمىشقا مەن بىلەن ياتىسىز،-دېدى قىز يىگىتنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا،-مەن كوچىدىكى پاھىشە ئايال بولمىسام، مېنى نېمە كۆرۈپ قالدىڭىز؟-قىز بارغانسېرى قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ لام-جىم دېمەي بىردەم تۇرغاندىن كېيىن:
    -مېنىڭ ھەرگىز بۇنداق مەقسىتىم يوق ئىدى. ھەر ئىككىمىز مەست تۇرساق، مەنمۇ بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ دەپ ئويلىماپتىكەنمەن.
    -بىراق مەن مەست ئەمەس، دېسەم نېمە دەيسىز؟-دېدى قىز سوئال نەزىرى بىلەن يىگىتكە تىكىلىپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئەرۋاھى ئۆچتى.
     مەست بولمىسىڭىز مېنى رەت قىلىپ ئۆيىڭىزگە كەتسىڭىز بولمامدۇ؟ دەيمەن شۇ. مۇبادا سىزنى مەستچىلىكتە ئۇرۇپ سۆرەپ كارىۋاتقا ئېلىپ چىققان بولسام نېمە ئىش بولسا ئۆزۈم ئىگە بولالايمەن،-دېدى ئۇ قەھرى بىلەن.
    قىز جىمىپ كەتتى. بىر دەملىك سۈكۈتتىن كېيىن:
    -كۆڭلۈم تارتمىغان بولسا كەتسەم كېتىۋېرەتتىم،-دېدى بوش ئاۋازدا.
    «ئەمەلىيەتتە كىم بولسا يېتىۋېرىشىڭ مۇمكىن» دەپ ئويلىدى يىگىت قىزنى. ئۇ بۇرۇنقى سۆيگىنى  بىلەن شۇنچە يىل يۈرۈپمۇ ئۇنداق ئىش يۈز بەرمىگەنىدى. ھەر ئىككىسى نۇرغۇن قېتىم بىللە ياتقان بولسىمۇ  ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالغانىدى. قىزنىڭ ئەلپازىدىن ھازىرلا ئۇنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىدىغاندەك تۇراتتى. لېكىن يىگىت ئۇنى بىرەرسى بىلەن يېتىش قىزغا نىسبەتەن ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېگەنچىلىك ئاددىي بىر ئىش ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەنىدى. ئارىنى ئېغىر جىمجىتلىق باستى. ھەر ئىككىسى تولىمۇ كۆڭۈلسىز كەيپىياتتا گەپ قىلىشنى خالىماي ئۆزىنىڭ خىيالىنى قىلىشقا باشلىدى.
    سۈكۈت ئالاھەزەل يېرىم سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. قىز يەنە ئېغىز ئاچتى.
    -مۇبادا مەن بىلەن توي قىلسىڭىز ئۆينىمۇ ئۆزۈم ئېلىپ بېرىمەن، توي چىقىمىنىمۇ ئۆزۈم كۆتۈرىمەن. قېرىغىچە مۇشۇ ئەسكى ياتاقتا ياتقۇڭىز يوقتۇ؟-دېدى قىز يىگىتكە پەرۋا قىلمايۋاتقاندەك كەيپىيات ئىچىدە.
    -مەن بىلەن توي قىلمىسىڭىز مۇشۇ ياتاقتا يېتىپ ئۆمرىڭىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، دېمەكچىمۇ سىز؟-دېدى يىگىت قىزغا جاۋابەن ۋە بىر تال تاماكا تۇتاشتۇردى.
    شۇ تاپتا قىز ئۇنىڭ بىردىنبىر قېپقالغان ۋىجدانىنى، ئادىمىيلىك ئىززەت-ئابرۇيىنىمۇ بۇلاپ كەتمەكچى بولۇۋاتاتتى. قىز ھاڭۋاققانچە تۇرۇپ قالدى. يىگىت ئۆزىنى سوت مەيدانىدا تۇرغاندەك ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىنى ۋىجدان تارازىسى بىلەن ئۆلچەۋاتقاندەك تۇيغۇ بىلەن تاماكىنى قاتتىق شوراپ، ئىچىدىكى بارلىق دەرد-ھەسرەتلىرىنى تاماكا ئىسى بىلەن قوشۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك ھاۋاغا كۈچەپ پۈۋلىدى.
    قىز ئاخىرقى بىر رومكا ھاراقنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىن:
    -بۈگۈن ئازراق قىزىپ قالغان ئوخشايسىز. ياخشى ئارام ئېلىڭ. بىز باشقا بىر كۈنى پاراڭلىشارمىز،-دەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزنى «ئولتۇرۇپ مېڭىڭ» دەپ تۈزۈت قىلىپمۇ قويمىدى. قىز ئۆتۈكىنى بىر ئۇزۇندا كىيىپ ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى ياكى مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئىشقىلىپ «يەنە پاراڭلىشارمىز» دېگىنىگە قارىغاندا بۈگۈنكى پاراڭلىشى يا غەلىبىدىن، يا مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيتتى.
    قىزنىڭ ئاياغ تاۋۇشى يىراقلاپ يوقالغاندىن كېيىن، ئۇ جۆيلىگەندەك «تىپىك شەھەر قىزى» دەۋەتتى ئىچىدە.
    ئۇ ئۆزىنى خۇددى بۇ شەھەرگە باشقا بىر سەييارىدىن كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. خىيال قىلغانسېرى نۇرغۇن ئىشلار كاللىسىدىن ئۆتمەيتتى. ئۇ يالغۇزلۇقنى خالايتتى. كاللىسىدا بۇ دۇنيانىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئۆز كۆزقاراشلىرى بويىچە باھالاپ چىقاتتى، خىيال سۈرەتتى، ئويلىناتتى.
    «ھەممە ئىشنىڭ ئاخىرى پۇلغا بېرىپ تاقىشىدىغان جەمئىيەتتە سەمىمىيلىك، غۇرۇر، ۋىجدان دېگەن نەرسىلەر بىر دانە چوكا مۇزغىمۇ ئەرزىمەيدۇ» دەپ ئويلايتتى ئۇ. ئۇنىڭ ھاياتى زىددىيەتلىك پىكىر ئىچىدە شاخلاپ دەھشەتلىك كەلكۈن ئېقىتىپ كېتىۋاتقان بىر دانە پاخالدەك ئىلاجسىزلىق ئىچىدە نىشانسىز ئاقماقتا ئىدى.
    ئۆمۈر خاتىرىسىنى پارچە-پۇرات تىلغا ئالغۇسىز ۋەقەلە بىلەن بېزەپ تاسادىپىيلىققا تولغان ھاياتىنى ئارزۇلار بىلەن سۇغۇرۇلغان خام خىياللار بىلەن ئۆتكۈزمەكتە ئىدى.
    ئۇ بىر خىل رىتىمدا مەنىسىز تۇرمۇشقا مەنە، ھاياتنىڭ ئەھمىيەتسىزلىكىگە ئەھمىيەت ئاتا قىلىپ ياشىماقچى بولاتتى. لېكىن ئۇنىڭ بىرەر ئۆلچىمىنى بىلمەيتتى.
    مانا ئەمدى ئۇ تېلېفوننى ئۈزۈۋېتىپ ئارام تېپىپ قالدى. تاماكىنى چەككەندىن كېيىن ئۇيقۇسى قاچتى. ئىچى تىتىلداپ ئۇخلىيالمىغاچقا كىتاب ئىشكاپىنى سىلاشتۇرۇپ خالىغان بىر كىتابنى ئالدى. كىتابنى قولىغا ئېلىپ چىراغنى ياقتى. قىزىل تاشلىق كىتابنىڭ ئىسمى «چارەك ئەر»ئىدى. ئۇ كىتابنى ۋاراقلاپ قىزىققىنىچە كارىۋاتقا يۆلىنىپ يېتىپ ئوقۇشقا باشلىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.