خىزمەت ئىزدەش

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-11 21:25:00

خىزمەت ئىزدەش بىر ئادەم خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن شۇنداق جىق يەرگە بېرىپتۇ. ئۇنىڭ تۇنجى خىزمەت ئىزدىشى باش دىروكتور بۇلۇش بۇلۇپتۇ، ئۇ بىر شىركەتكە بېرىپ بۇ شىركەتكە باش دېروكتور بۇلۇپ بىرىشنى ت...

       خىزمەت ئىزدەش

       بىر ئادەم خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن شۇنداق جىق يەرگە بېرىپتۇ. ئۇنىڭ تۇنجى خىزمەت ئىزدىشى باش دىروكتور بۇلۇش بۇلۇپتۇ، ئۇ بىر شىركەتكە بېرىپ بۇ شىركەتكە باش دېروكتور بۇلۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. لىكىن ئۇ ئىزدەپ كىرگەن بۇ شىركەتنىڭ ئاللىبۇرۇن باش دېروكتورى بار ئىكەن. ئۇ بۇ خىزمەتنى يەنە بىر قېتىم قىلماقچى بۇلۇپ بىر شىركەتكە بېرىپتۇ، لىكىن ئۇنى بۇ شىركەتكىلەر باش دېروكتور بۇلۇشنىنى پەقەت خالىماپتۇ. ئۇ بۇنىڭدىنمۇ ۋازكىچىك يەنە بىر يەرگە بېرىپ مۇئامىن باش دېروكتور بۇلۇش قارارىغا كىلىپ بىر شىركەتكە بارغان بولسىمۇ بۇ شىركەتتىكىلەر ئۇنى زادىلا ئىشلەتمەپتۇ. ئۇ ئەمدى بوغالتىر بۇلۇش قارارىغا كەپتۇ ، ئۇ شۇنچە كۆپ شىركەتكە بارغان بولسىمۇ ھىچكىم ئۇنى بوغالتىر قىلماپتۇ لىكىن ئۇ بۇنىڭدىن زادىلا ۋاز كەچمەي داۋاملىق خىزمەت ئىزدەپ بارماقچى بۇلۇپ شۇنچە كۆپ يەرلەرگىمۇ بېرىپتۇ، لىكىن ھىچكىم ئۇنى ئىشلىتەي دېمەپتۇ. لىكىن ئۇ بۇ ئىرادىسىدىن پەقەتلا يانماي داۋاملىق خىزمەت ئىزدىگىلى بېرىپتۇ. ئۇ توپتوغرا 1327 قېتىم خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ بىرەر يەردە ئىشلىيەلمەپتۇ. ئۇ ئاخىرى بىر يەرگە بېرىپ شۇ يەردە خىزمەت قىلماقچى بۇلۇپ شۇ ئىشخانىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپتۇ. ئۇ ئىشخانىغا كىرىدىغان پەلەمپەي ياغاچتىن ياسالغان بۇلۇپ ناھايىتى قولاپ ياسالغان پەلەمپەي ئىكەن، ئۇ پەلەمپەيدە بىر مىخ زىختەك چىقىپ قاپتۇ. ئۇ كىرىشتە بۇ مىخنى كۆرمەي ئۈتۈپ كىىتپتۇ. ئۇ ئىشخانىغا كىرىپ ئۆزىنىڭ مۇشۇ يەردە ئىشلىگىسى بار ئىكەنلىكىنى ئىشخانا باشلىقىغا چۈشەندۈرۈپتۇ. ئىشخانا باشلىقىنىڭ ئۇنى شۇنداق ئىشلەتكۈسى بولسىمۇ ئىشخانىسىدا خىزمەتچىلەر تۇلۇق ئىكەن . ئۇ ئادەم بۇ ئىشخانىدا ئىشلەش خىيالىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بۈلۈپ چىقىپ كىتىپتۇ. ئۇ چىقىپ كىتىشتە ھېلىقى زىختەك چىقىپ قالغان مىخ ئۇنىڭ پۇتىغا كىرىپ ئۇنىڭ پۇتىنى بەك قانىتىۋىتىپتۇ. ئۇ مىخقا شۇنداق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئۇ ئاچچىقىدا يەرگە قاتتىق بىرنى تىپىپ قۇيۇپ كېتەي دەپ تۇرۇشى بىلەن ئۇ ئۆزىنى توختىتىۋىلىپ ئەگەر مەن ئۇ مىخنى ئېلى ۋەتمىسەم ئۇ مىخ باشقىلارنىڭمۇ پۇتىغا كىرىپ كىرىشى مۈمكىن دەپ ئۇ مىخنى تاشلار بىلەن ئۇرۇپ چىقىرىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋىتىپتۇ. بۇنىڭ شۇنچە ئاق كۆڭۈل سەمىمى ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىشخانا خوجايىنى بۇنى مۇشۇ يەردە ئىشلەپ قېلىشىنى سوراپتۇ. ئۇ دەرھاللا ماقۇل بۇلۇپ خىزمەتنى شۇنچە قىزغىنلىق بىلەن شۇنچە ئىشتىياق باغلاپ ئىشلەپتۇ. ھەرقانداق ئىشتا ئەستايىدىل سەۋىرچان بولساقلا بۇ ئىشتا چوقۇم ئۇتۇق قازىنالايمىز ئەگەر بىر ئىشنى قىلىپ قۇيۇپ بىرەر قېرىم مەغلۇپ بولغانغا چۈشكۈنلىشىپ كەتمەي يەنىمۇ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز كېرەك خۇددى ئۇ خىزمەتچىنىڭ 1327 قېتىم خىزمەت ئىزدىگەن بولسىمۇ ھەممىسىدە مەغلۇپ بۇلۇپ پەقەت 1328 ـ قېتىمدا ئۇتۇق قازانغانغا ئوخشاش بىزمۇ چوقۇم تىرىشساقلا بىر ئىشنى قىلىپ ئوتتۇرىدا توغتىتىپ قويماي ئاخىرغىچە تىرىشساق چوقۇم غەلبە قازىنالايمىز.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق