بۇ شۇنداق كۈلكە(ئەخمەتجان ئابدۇۋەلى)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-05 07:21:15

بۇ شۇنداق كۈلكە(ھېكايە)ئەخمەتجان ئابدۇۋەلى تۈنۈگۈن كۈن چىققان، بۈگۈنمۇ كۈن چىقتى. ئەتە يەنىلا كۈن چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئۆگۈنلۈككىچۇ؟ كۈن ئاۋالقىدەك چىقىۋېرىدۇ. پەقەت، تاسادىبەن قۇياشنىڭ ئىسسى...

    بۇ شۇنداق كۈلكە(ھېكايە)
    ئەخمەتجان ئابدۇۋەلى


       تۈنۈگۈن كۈن چىققان، بۈگۈنمۇ كۈن چىقتى. ئەتە يەنىلا كۈن چىقىشى تۇرغانلا گەپ. ئۆگۈنلۈككىچۇ؟ كۈن ئاۋالقىدەك چىقىۋېرىدۇ. پەقەت، تاسادىبەن قۇياشنىڭ ئىسسىقلىق مىقتارى تۈگەپ قالمىسىلا. بىزنىڭ ئىشەنچىمىز كامىلكى، مەيلى بىز زارلىنايلى ياكى خۇشال بولايلى، مەيلى بىز مەينەتچىلىك پاتقىقىدا ئۆمىلەپ يۈرەيلى ياكى شان - شەرەپ كۆكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلايلى، قۇياش بۇنىڭدىن قەتئىي نەزەر خىرامان ھالدا يەر زېمىننى يورۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئىللىق مىھرىنى ئىنسانلارغا ئاتا قىلىۋېرىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا تۇرمۇشتا كۈنىگە تۈمەن خىل ئاجايىپ ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىز بەزى ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسەك ياكى ئاڭلىساق، قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلايمىز. ھېچبولمىغاندا ئېغىزىمىزنى تۇتۇپ ئىچىمىزدە كۈلۈسىز. يەنە بەزى ئاجايىپ ئىشلارنى كۆرسەك ياكى ئاڭلىساق، ئىچ - ئىچىمىزدىن ئاچچىق كۈلىمىز. نەچچە كۈنگىچە خۇددى چىۋىن يەۋالغاندەك روھى كەيپىياتقا مۇپتىلا بولىمىز. ئۇزۇنغا بارماي يەنە قانداقتۇر يۈز بەرگەن قىزىق ئىشلار تۈپەيلى، بىز قاقاقلاپ كۈلگەن ياكى ئاچچىق كۈلگەن ئىشلار ئېسىمىزدىن تەدرىجى كۆتۈرلۈپ يېڭى يۈز بەرگەن ئاجايىپ ئىشلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
    خوش، گەپ يەنىلا ئاجايىپ ئىشلار ئۈستىدە كېتىۋاتىدۇ، ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى ئاجايىپ ئىشلارغا كېلەيلى:

    «سىنگاپوردىن ئوقۇشقا چىققان قىز ئوقۇغۇچى گويېڭئىن 1995 - يىلى 22 - يىشىدا بىر شەھۋانىي فىلىم ئىشلەپ، دۇنيا رىكورتىنى بۇزدى. گۇ خېنىم بولسا شۇنىڭ بىلەن دۇنياغا تونۇلۇپ كەتتى...»
       قايسى بىر ھەيكەلتاراچ ۋىناسنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھەيكىلىنى ئويۇپ چىقارغانىكەن، كىشىلەر ئۇنى مۇھەببەت ئىلاھى دەپ ئاتىشىۋاتىدۇ...
       نوزوگوم، ئەركىنلىك پاكلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىپ، ئاقىۋەت ھاياتىدىن ئايرىلغان...
        ئۆز سۆيگۈنى پەرھاتنىڭ تاغ يېرىش جەريانىدىكى ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان شىرىن، ۋاپادارلىقتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان...
        يېقىندا مەلۇم شەھەردە بىر قىز توي قىلىشتىن ئاۋال ئالتۇن مۇنچاق ۋەسۋەسىسىدىن قۇلىقىنى نەچچە يەردىن تەشتۈرگەننى ئاز دەپ يەنە ئالتۇن زەنجىر تاماسىدا بوينىنىڭ بىرنەچچە بولۇپ قالمىغانلىقىدىن ھەسرەتلەنگەن ھالدا ياش تۆككەن...
    شەھۋانىي... ۋىناس... مۇھەببەت... توي... ئالتۇن... نوزۇگۇم... شىرىن... كاللامغا كىرىۋالغان بۇ سۆزلەر مېنى خېلىلا ئارامسىزلاندۇرماقتا. شۇنداقمۇ ئىشلار بولىدىكىنە. شەھۋانىي فىلىم ئىشلىەنلەر دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىسا، يېرىم يالىڭاچ ھەيكەل مۇھەببەت ئىلاھى ھېسابلانسا، پاكلىق، ئەركىنلىك، مۇھەببەت ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان نوزۇگۇم بىلەن شىرىن بىر چەتتە قالغىنى نېمىسى!؟... توي قىلىشقا ئالتۇن كېتىدۇ. ئالتۇن بار دېگەنلىك توي قىلالايمەن دېگەنلىك. ئالتۇن بولمىسىچۇ!؟ نېمانچە قاملاشمىغان ئىشلار - ھە.
        - تېز چاي ئىچىڭ، ئىشقا كېچىكىپ قالىسىز، دېدى ئايالىم چاي ئىچىۋاتقاچ.
    نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇن. شۇنچە قاملاشمىغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە خىيالى چاي ئىچىپ، خىرامان ھالدا خىزمەت قىلغىلى بولاتتىمۇ!؟ بۇ خوتۇنمۇ مۇنۇ پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالسۇنچۇ قېنى، كۆرىمىز. مەندەك چاي ئىچىشكىمۇ رايى قالماي خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. تازىمۇ بىر... نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇ بۇ پاراڭلارنى ئاڭلىمىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا نېمە ھەققىم بار. ئەمما، ئاۋۇ سىنگاپورلۇق خېنىم شەھۋانىي فىلىم ئىشلەپ دۇنيا رىكورتىنى بۇزدۇم دەپ پەخىرلىنىپ يۈرۈيدىغاندۇ. ماۋۇ ۋىناس خېنى يالىڭاچ ھەيكىلى بىلەن گىدىيىپ تۇرغىنى تۇرغان. مانا ئەمدى ئايالىم ھېچئىشتىن خەۋەرسىزلا قوساق غېمىدا يۈرۈيدۇ. ئۇنىڭچە بولغاندا، بۇ پاراڭلارنى ئاڭلاش ئارتۇقچىدەك، ھەر كېچىسى بالا ئۇخلاپ قالغاندا، قايسىدۇر بىر ئايالنىڭ ئالتۇن زەنجىرنىڭ ئېسىللىقى، ئالتۇن ئۈزۈكنىڭ كۆركەملىكى توغرىسىدا تۈگىمەس پاراڭلارنى سېلىش، كېيىن ئۆزىنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ئايال ئىكەنلىكىنى شېھى كەلتۈرۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن قانماي سۆيۈپ كېتىش بىر رىفلىكىز. مېنىڭ خىيالىم بۇ چاغلاردا چېچىلماي قالاتتىمۇ!؟ ئۇنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، تاڭ ئاتقىنى ئاتقان. خېلى پەيزى بار خوتۇن جۇمۇ. ئايال كىشى دېگەننىڭ شۇ كىچىدىكى لەززىتىنى دېمىسە...
     مە ماڭغاچ تۇراي، ئىدارىدە جىددىي يىغىن بار ئىدى. كېچىكسەم مائاشىمدىن تۇتىۋالمىسۇن يەنە...
     ۋاي... ۋاي... ۋاي، كەسەڭمۇ بىر كېتە! ئەجەپ مېڭەمنى ئېلىشتۈردۈڭ.
     ۋۇي، تازىمۇ بىر... ئايالىمنىڭ توڭ تەگكەنلىكىمگە ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك، ئىشىكنى قاتتىق يىپىپ چىقىپ كەتتى.
    خىيالىمنى يەنە شۇ قاملاشمىغان ئىشلار ئىگىلىۋالدى. شەھۋانىي... ۋىناس... مۇھەببەت... توي... ئالتۇن... نوزۇگۇم... شېرىن... نىمانچىۋالا غەلىتە ئىشلار بۇ. شىرىن بىلەن پەرھات توي قىلالمىغانمىش. بەلكىم پەرھاتنىڭمۇ ئالتۇنى يوقتۇ!؟ بولمىسا نېمىشقا توي قىلالمايدۇ؟! ھەي، شەھۋانىي فىلىم ئىشلىگەنلەرنى دۇنيا رىكورتىنى بۇزدى دەۋاتسا، ئاياللر نېمىشقا شەھۋانىلىققا ئىنتىلمىگۈدەك! مانا ئايالىممۇ ھەر كېچىسى مېنى ئارامىمدا قويمايدۇ. ئېھتىمال ئۇمۇ ئائىلە رىكورتىنى بۇزۇش ئويىدا بولسا كېرەك... شېرىن، ھەي شېرىن، شۇنچە چىرايلىق تۇرۇپ، ۋىناسنىڭ يېرىم يالىڭاچ ھەيكىلىچىلىك بولالمىدىڭ. نوزۇگۇم ئەركىنلىك، پاكلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلغان بىلەن نۇرغۇن ئاياللىرىمىزنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى... توي، راست توي قىلىش قانچىلىك ئالتۇنۇڭ بار بىلىشمىكىن، ئەجەپ قىلىۋاتىدىغۇ بۇ خەق. خۇداغا شۈكرى، ھەرنېمە بولسا بالدۇرلا توي قىلىۋاپتىكەنمەن. بولمىسا بويتاقچىلىق دەردىنى قاچانغىچە تارتاتتىمكىن تاڭ.
    مانا شۇ خىياللارنى سۈرۈپ ئولتۇرغانچە، كۆزۈمنىڭ قاچانلاردا ئۇيقۇغا ئېلىنغانلىقىنى تۇيمايلا قاپتىمەن. كۆزۈم يۇمۇلۇپلا چۈش كۆرۈشكە باشلاپتىمەن. چۈشۈمدە ھېلىقى شەھۋانىي فىلىم ئىشلىگەن سىنگاپورلۇق خېنىم بىلەن شېرىن ھەدەپ گەپ تالىشىۋاتقۇدەك:
     ھەي ئەخمەق، شۇنچىلىك ئىشلارنى دەپمۇ ئۆلىۋالغان بارمۇ. جاھاندا ئەر دېگەن ساماندەك. مۇھەببەت دېگىنىڭ قانچىلىكتى. ناھايىتى نەچچە مىنۇتلۇق لەززەتقۇ تايىنلىق!
     ماۋۇ گەپنى كۆرۈڭ. سىزچە شەھۋانىلىقتا داڭ چىقارغانلىق، ياخشى ئىش ئىكەندە. نومۇسنى بىلمەيدىغان.
     نېمىدەپ جۆيلۈۋاتىسەن. مېنى پۈتۈن دۇنيا تونۇيدۇ. دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدىم. يەنە تېخى نەچچە ئەرنىڭ...
     بولدى... بولدى، ھاياسىزلىقنى... شېرىن مەغرۇر قەدەم تاشلاپ كېتىپ قالدى.
    ھەيرانمەن، يېقىنقى كۈنلەردە چاتما چۈش كۆرىدىغان ئادىتىم يېتىلىپ قالدىمۇ ئەيتاۋۇر، ئۇلاپلا يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. ۋىناس بىلەن نۇزوگۇم ھەدەپ مۇنازىرلىشىۋاتقۇدەك:
     پاكلىق، ئەركىنلىك دەپ ساراڭلارچە جېنىڭدىن ئايرىلغان كالۋاسەن. مانا بۈگۈنگە كەلگەندە، ياشلىرىڭنىڭ قايسى بىرى سېنى ئەسلەيدۇ؟ قايسى بىرى ماڭا قاراپ تەلمۈرمەيدۇ!
     سەن بەرىبىر ھاياسىزلارچە ئۆمۈر بويى باشقىلارغا ئۈنتۈنسىز تۇرۇپ بېرىسەن، خالىغان ئەر ساڭا اقراپ ھۇزۇرلىنالايدۇ.
     ...
    ئۇلار تېزلا ئايرىلىپ، بىرى شەرققە، بىرى غەربكە قاراپ يول ئالدى... قاياندۇر بىر چاغدا ئايالىم پەيدا بولۇپ، ئالتۇن ھالقا، ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بەر دەپ ھە دەپ ياقامغا ئېسىلغۇدەكمىش. جىدەلدىن قورقۇپ كەتكەن ئوغلۇم ئانىسىغا بولۇشىۋاتقۇدەكمىش. دەل شۇ جىدەل ئۈستىگىلا تۇيۇقسىز ۋاقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا ئويغۇنۇپ كەتتىم.
     مۇشۇ ۋاقىتقىچە مۈگدەپ ئولتۇرغان بارمۇ! ئايالىم ئالدىمدا ھەدەپ قايناپ سۆزلەۋاتاتتى.
     نېمە دەۋاتىسىز، تېخى ئىش ۋاقتى كەلمىگەندۇ؟
     ۋاي خودايىمەي، نىرۋىڭىزدىن كېتىپ قالدىڭىزمۇ - نېمە ھازىر چۈش بوپكەتتى مانا...
    ئايالىمنىڭ كېيىنكى گەپلىرى زادىلا قۇلۇقىمغا كىرمىدى. ھەي، شەھۋانىي... ۋىناس... مۇھەببەت... توي... ئالتۇن... نوزۇگۇم... شېرىن... نوزوگۇم بىلەن شېرىن ھەۋانىيلىقا بىرىلمىگەن، شۇڭلاشقىمۇ دۇنيا رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىيالمىغان ئوخشايدۇ!؟ مۇھەببەت بولسىلا توي بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭغا كېرىكى ئالتۇن.  ھەي، ئوغلۇمنىڭمۇ ھازىرغىچە ئالتۇنى يوق، ئۇمۇ ئۆمۈر بويى توي قىلالماي ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟
     نېمە؟ يەنە لاپچىيىپ ياتىسىزغۇ!
     نېمانچىۋالا ۋالاقلاۋېرىسەن ئادەمنى بىزار قىلىپ!
    تۇيۇقسىز گۆركىرەپ چىققان ئاۋازىمدىن چۆچۈپ كەتكەن ئايالىم بىر خىل ئەيمىنىش، گاڭگىراش نەزىرىدە تۇرۇپلا قالدى...
    خۇلاسە كالام، مانا بۇ شۇنداق كۈلكە. قېنى قايسىلىرىمىز قاقاقلاپ كۈلۈپ، قايسىلىرىمىز ئاچچىق كۈلەلەيمىزكىن؟!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.