ئوت(مەمەتئېلى ھەسەن)

يوللىغۇچى : nasmi يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-23 14:29:21

ئوت(ھېكايە)مەمەتئېلى ھەسەن مانا، بۆگۈنمۇ خۇددى نەچچىلىگەن تۆنۈگۈنلەردەك كەيپ ساپا ئىچىدە ئۆتمەكتە. كۆز ئالدىمدىكى رومكا-قەدەھلەر لىغىرلاپ تۇرغان سۇس قىزىل رەڭدىكى سويۇقلۇق شام نۇرىدا خۇددى ...

    ئوت(ھېكايە)

     مەمەتئېلى ھەسەن

     

     

      مانا، بۆگۈنمۇ خۇددى نەچچىلىگەن تۆنۈگۈنلەردەك كەيپ ساپا ئىچىدە ئۆتمەكتە.

      كۆز ئالدىمدىكى رومكا-قەدەھلەر لىغىرلاپ تۇرغان سۇس قىزىل رەڭدىكى سويۇقلۇق شام نۇرىدا خۇددى بىر پارچە ئوت يالقۇنىدەك لاۋۇلدايىتتى.

      قاراڭغۇ مۇھىت، غوۋا چىراغ نۇرى، خۇددى قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى ئۈمىدكە ئوخشاش. ئەمما ئۇ قانچىلىك پارلىسۇن بەرىبىر چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىلكىدە، يەنە كېلىپ كىچىككىنە ئەينەك شېشىنىڭ ئىچىدە. ئۇ پارلايدۇ، يۇلقۇنىدۇ، لېكىن ھامان قاراڭغۇلۇقنى يۇرتالمايدۇ.

    • بەك چىرايلىقكەنسىز… ئادەمنى كۆيدۈرگۈدەك…
    • شۇنداقمۇ؟

      خۇددى كۈندە كېيىدىغان ئايىغىمدەك بۇ تونۇش سۆزنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تالاي ئاخشامدا نەچچىلەپ ئاڭلاپ كەتكىنىمنى بىلمەيمەن.

      توغرا، مەن ھەقىقەتەن چىرايلىق. تۈن قاراڭغۇسىدەك قاپقارا كۆزلىرىم، چۆچەكلەردىكى ئەزرائىلنىڭ ئورغىقىدەك ئەگمە قاشلىرىم، زىمىستان قىشتىكى قار مۇزدەك پارقىراپ تۇرىدىغان چىرايىم، يەنە… يەنە ھېلقى قان رەڭگىدىكى كىچىككىنە لەۋلىرىم…

      شۇنداق بۇ تۇرقۇمدا يەنە قايسى ئەركەك ئىشقىمدا كۆيمەي تۇرالىسۇن؟!

      چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىم ئىستاكاندىكى ئوتقا چۈشتى. قاپقارا خىنە يېقىلغان نازۇك بارماقلىرىم بىلەن قەدەھنى قولۇمغا ئېلىپ قارىدىم. قولۇمدىكى بۇ ئوتنىڭ ئىچىدە بەتبەشىرە بىر قىزنىڭ چىرايى تولغۇنۇپ لىغىرلايىتتى.

      قەدەھ قان رەڭ لەۋلەرگە تىگىپ، قان رەڭ سۇيۇقلۇق تار يول بويلاپ ئىچىمگە سىڭىپ كەتتى. كۆيۈۋاتقان ئوت، تولغۇنۇپ لىغىرلاۋاتقان قىز، قان رەڭ لەۋلەرگە قۇيۇلغان قان رەڭ سويۇقلۇق، ھەممىسى جىسمىمغا سىڭىپ كەتتى…

      قارا تىرناقلىق بارماقلىرىم بىلەن ئېغىزىمنىى سۈرتۈپ، كۆز ئالدىمدا ماڭا تىكىلىۋاتقان ئوتلۇق كۆزلەرگە سوغوق نەزىرىم بىلەن قارىدىم. كۆزنىڭ ئىچىدە ئوت، كۆزنىڭ ئىچىدە ئوت. توۋا! ككيۈپ قېلىش دېگەن گەپنىڭ راسىتلىقىغا ئەمدى ئىشىنىۋاتىمەن. ئوتتەك كۆزلەر، ئوتتەك تىنىقلار ئالدىدا كىممۇ كۆيمەي تۇرالىسۇن؟ قىزىق يېرى، ئالدىمدا تۇرغان بۇ ئوت شۇنچە كۈچلۈك، ئەمما مەن نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيمەن؟!مەن كۆيۈپ كېتىشنى، خۇددى بايقى مەن ئوتلىۋەتكەن ئوتتەك، لاۋۇلداپ كۆيۈپ كېتىشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىمغۇ؟!بىراق، ئۇنىڭ ئوتتەك كۆزلىرىگە قارىغاندا ئالدىمغا قويغان ماۋۇ قىزىل ياقۇت كۆزلۈك ئۈزۈكى بىر ئاز كۆيدۈرەمدۇ نېمە؟!توغرا يەنىلا بۇ ئوت ھارارەتلىك مانا، ئۇ ئەمدى بارىقىمدا كۆيمەكتە… ئوتتەك ئۈزۈك سېلىنغان بارمىقىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتەك كۆزلىرىنى، يۈزلىرىنى سىلاۋاتىمەن. قولۇم ئىختىيارسىز مۇزدەك بىر يەرگە تېگىپ بارمىقىمدىكى ئوت ئۆچۈپ قالدى.

      ‹‹قاملاشمىغان! قەيەردۇ بۇ!توۋا!!!ئۇنى كۆكرىكى ئىكەن…››

      مېنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتەلمىگەن ئەسلى مۇشۇ يەرنىڭ سوغۇقى ئىكەندە!

      ‹‹يېگىت، بارمىقىمدىكى بۇ ئۈزۈكنى ئۆزۈڭ ئەپ قال. مۇزلاپ قالغان يۈرىكىڭ بۇنىڭغا مەندىن بەكرەك موھتاج ئىكەن…!››

      ئوت ئىچىدىن قايتىپ ئۆزۈمنىڭ دۇنياسىغا قاراپ ماڭدىم، يىگىتنىڭ ئوت ئىچىدە ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان ھالىتىمۇ ئارقامدا قالدى…

      ئۆيۈمنىڭ ئالدىغا كەلدىم، ئىشىككە ئاچقۇچ سېلىۋاتقان دەقىقىدە شامال ئۆتۈشكىدەك يۇچۇقلاردىن شۇڭغۇپ چىققان تەنھالىق تۇيغۇلىرى ماڭا يېپىشىپ ئۈلگۈردى. يالغۇزلۇقۇمنى، تەنھالىقىمنى يىتلىگەنچە ئۆيگە كىردىم.

      بۇ كىچىك، ئەمما ھەشەمەتلىك ئۆيۈمدىكى ھەر بىر نەرسە، ياتاق ئۆيۈمدىكى چەتتىن ئىمپورت قىلىنغان چوڭ قوش كىشلىك كارىۋات، ئۈستەلگە قويۇلغان تۈركىيەنىڭ بىر يۈرۈش چاقچۇقى، توڭلاتقۇدىكى ئېسىل غەرىپچە تاماقلاردىن غېرىپلىق يېغىپ تۇراتتى. ئۆيگە كىرشىم بىلەن تۆتتامغا ئېسلىپ تۇرغا مۇزدەك سوغۇق تۇيغۇلىرى بىردىنلا يۇپۇرلۇپ كېلىپ مېنى مەھكەم قۇچاقلىۋالىدۇ پەقەت بوسۇغا ئاتلاپ چىقىۋاتقاندا ئوقچۇپ چىقىۋاتقان سۇ ئېغىزىنى مەجبۇرىي ئېتىپ قويغاندەك ئىشىكنى دۈم تاقاپ ئاشۇ تۇيغۇلارنى ئىشىك ئىچىگە سولىۋېتىپ كېتىپ قالىمەن. شۇنداقتىمۇ بۇ مېنىڭ ئارامگاھىم. بۇ يەردە مېنى ئازدۇرۇپ تۈگىمەس ئازاب ۋە ھەسرەتكە قالدۇرغان، ماڭا ياغلىق قاپاق دېگەن نامنى ھەدىيە قىلىپ غايىب بولۇپ كەتكەن قوشۇما قاشلىق يىگىت، پۈتۈن مۇھەببىتىمنى بېرىپ ئەسرا بولغاندا، ئايالى بىلەن قولتۇقلىشىپ كۆزئالدىمدىن تونۇماسقا سېلىپ ئۆتۈپ كەتكەن تىنىقى قاڭسىق پۇرايدىغان ئەر، كۆزى ئوتتەك ھارارەتلىك، ئەمما قەلبى مۇزدەك سوغۇق بايقۇش ئەرلەر يوق.

      مۇشۇ يەردىلا مەن ئازابلىق ئەسلىمىلىرىمدىن، زەھەردەك ئاچچىق ھېس-تۇيغۇ ۋە يۇندىدەك‹شانلىق›تارىخىمدىن ھوزۇرلىنالايمەن…

      ئۆزۈمچە كۆزۈمگە ياش كەلدى، ئۇخلاش كىيمىم بىلەن بىر رۇمكا چەتئەل ھارىقىنى ئېلىپ غەرىپ ئۇسلۇبىدا ياسالغان تام مەشنىڭ ئالدىغا كەلدىم. قولۇمدىكى ھاراق مەشتە كۆيۈۋاتقان ئوتتىن ھارارەت ئېلىپ ئىچ قارنىمنى كۆيدۈرۈپ ئۆتتى…

      مەن ماھىيتىمىنى ئۆزگەرتىپ، ھەممىنى راست، ھەقىقي سۆزلەيدىغان، دۇرۇس يولغا قايتىپ‹سەمىمىي ئادەم› بولماقچى بولدۇم. شۇنداق، مەن ھازىردىن باشلاپ تۇرمۇشۇمغا بىر ئېغىزمۇ يالغان سۆز ياكى يولدىن چىققان ھەرىكەتنى يولۇقتۇرماسلىق ھەققىدە ئۆز-ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم. ئاندىن تۇنجى ئېغىز راست گېپىمنى ۋە ‹تارىخىم›نى ئوقۇتقۇچىمغا ئېيىتتىم. ئېرىشكىنىم نېمە بولدى؟! ئاتا-ئانامنىڭ نەپرەتلىك نەرە تارتىشى بىلەن ئېگىز ئاسمەن قەھرىدىن تەگسىز ھاڭغا چۈشۈپ، مەڭگۈ قوپالماس ھالغا يېتىپ، پۈتۈن ئىنسانىيەت يىرگىنىدىغان ئاسىي بەندە بولدۇم…

      شۇنداق قىلىپ شۇ‹راست گېپىم› پۈتكۈل كائىنات تەرپىدىن ئىنكار قىلىنىپ ھېچكىم بىلمىگەن تاشلاندۇق ئادەم بولدۇم… بۇنىڭلىق بىلەن ئۆلۈپ كەتمەسمەن. ھاياتلىق يىڭنەم بىلەن مېنى بېسىۋالغان تاغنى ئاز-ئازدىن قازسام، ئۆتكۈر سويۇقلۇق بىلەن تارىخىمنى پاكلىسام، بەلكىم بىر كۈنلەردە يۇرۇقلۇققا چىقالامدىم يوق بىلمىدىم، لېكىن چوغدەك قىزىق بىر نەرسە ئىچ قارنىمنى سىرغىۋىدى، توغىنىپ كەتتىم… قارىسام يۈرىكىمدىن قان-زەرداپ ئاققىلى تۇرۇپتۇ… !

      ئۆلۈم ھىدى ماڭا يەنە بىر نەرسىنى ھەدىيە قىلدى:‹‹ دۇنياغا ھېرىسمەن…››مەن بۇنى ھېس قىلىپ بىر دەقىقىدىن كېيىن، بۇ تۇيغۇ ئاستا-ئاستا سۇسلاشقا باشلىدى. چۈنكى، ئۈستۈمدە بىر مەلئۇننىڭ جەستى چىرىپ ياتاتتى. مەن ئۆزلۈكسىز ئېغىرلاپ يەر ئاستىغا، ھازىرقىدەك تەننى زەرىب بىلەن كۆيدۈرىدىغان بىر يەرگە بارغانسېرى يېقىنلاپ كەلدىم…

      يۈزلىرىم ياش بىلەن يۇيۇلۇپ بولغاندا قولۇمدىكى ئىستاكان قورۇقدىلىپ مەشنىڭ ئوتىمۇ ئۆچەي دەپ قاپتۇ. ئەسىلىمىللىرىمنى مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ دەلدەڭشىگەنچە كارۋىتىمغا چىقتىم. بىراق خىياللار مېنى يەنىلا بوش قويىۋەتمىدى…

      مەندە بۇرۇنقىدەك دىت، بۇرۇنقىدەك ئۆزىنى كونترول قىلالايدىغان روھ قالماپتۇ. تىرىشچانلىقنىڭمۇ دەپنە قىلىنغىنىغا ئۇزۇن يىل بولغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئاشۇ يىللار ئارىسىدا ككمۈلۈپ قالغاندا بەلكىم مەن بىخودلىقتىن كۆزۈمنى ئەمدىلا ئېچىپ گاراڭلىق ئىچىدە تولغۇنۇپ ياتقان بولسام كېرەك. بېشىمدا تۈگمەن تېشى ھەسرەت بىلەن چۆرگىلەيدۇ! گۈزەل كۈنلەر نېسىپ بولغۇچە ئالتۇن بېشىمدىن يەنە قانداق كۈلەر ئۆتەر؟! روھىيتىم پۇچلىنىپ پارە-پارە بولۇپ كېتەرمۇ؟!

      زادى قانچىلىك ۋاقىت ئۆزۈمنىڭ بەھوزۇر ئۆتكىنىمنى، ھەقىقىي كۆڭۈل ئازادىلىكىگە ئېرىشكىنىمنى بىلمەيمەن، نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم ھەمىشە ھەر خىل خوشاللىق ھەم خاپىلىق ئارلاشقان ئاجايىپ تۇيغۇلار ئارىسىدا ئارسال ھالەتتە قېتىپ قالىدۇ. تا ھازىرغىچە ئۆزۈمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتىمدا قانداق ئۇسلۇب بىلەن ياشاشنى بىلەلمىدىم. خۇددى قاتمۇ قات ئىسكەنجىدە قالغان ئادەم غەزەپلىك نىگاھلار چاقنىغان نەزەردە كۆيۈپ پارە-پارە بولغاندەك… بارا-بارا ئۆزۈمچە ئىچ-ئىچىمدىن كۆيۈۋاتقاندەك ھەر بىر تىنىقمىدىن ئاچچىق ئىس-تۈتەك يامرايدۇ، بەلكىم تەقدىرىمگە ھاياتلىقتىكى مەلۇم بىر نەرسىدىن مەھرۇم بولىدىغىنم مەن ئاپىرىدە بولماستىنلا پۈتۈۋىتىلگەن بولسا كېرەك…ئۆزۈمچە ئىزدەيمەن، لېكىن ئىزدىمەكچى بولغىنىمنىڭ زادى نەدە، نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. مېنىڭچە مەن ئاخىرى سەۋدايى بولۇپ يوقايمەنغۇ، دەيمەن. ياشلىقىم مۇشۇنداق ئىزتىراپ، بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە سۇلۇپ تۈگەرمۇ؟! ئەمدى چىدىمىغۇدەك ھېچ نەرسە قالمىدى. ۋۇجۇدۇم تۈرلۈك قىسماقلاردا ئۇيۇپ پاڭ بولۇپ قالغاندا ھايات مېنى توپ قىلىپ ئوينىسىمۇ بىلمەيمەن. بەلكىم بۇ ھەقتۇر. مەن ھەممىنىڭ ئاۋات قەلبىدىن قاتتىق بىرنەچچە تېپىك بىلەن چىقىرىپ تاشلاندىم.

      مەن مەڭگۈ يالغۇز قالماقچى ئوخشايمەن. تويۇمغا كىممۇ كېلەر؟ ئۆلۈمۈمنى كىممۇ ئۇزىتار؟ مەنمۇ بۇنچە قەدرى يوقالغىدەك كىملەرنى قەدىرلىيەلمەي قالغان بولغىيدىم؟!بەلكىم ئۆزۈم خارلانغىنىم بىلەن باشقىلارغا ئازار بېرىپ ياكى ئۇلارنى خارلاپ باقمىغاندىمەن، مەن شۇنداق بىر تاشلاندۇق ئادەم…

      دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق كۆزۈمدىن باشلىنىپ ھەممىنى يورىتىۋەتتى. تاشتەك ئېغىرلاشقان بېشىمنى تەستە كۆتۈرۈپ پەردىنى ئېچىۋەتتىم. كۈن خېلىلا بىر يەرگە بېرىپتۇ. بىر ئىستاكان قايناقسۇ ئىچكەچ يانفۇنۇمغا كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇدۇم. شۇ تاپتا ئۈچ يىلدىن بېرى مېنى ئىسىدىن چىقارماي ئىزچىل ئىزدەپ كېلىۋاتقان، مەن تۇرۇۋاتقان موشۇ ئېسىل ئۆي، مەن ھوزۇر ئېلىۋاتقان مۇشۇ ئازادە مۇھىت، يۇقىرى ئىستىمالدىن بەھىرلەندۈرۈپ كېلىۋاتقان ئۇ ئادەم مېنى پەستە ساقلاپ تۇراتتى.

      بارىق غەش-غەملىرىمنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ ئەپتىمگە قايتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چۈشتۈم. كېچىدىن بېرى كۆيۈپ كەتكەن بۇ ئوتلۇق شەھەر ئەمدى مۇزلاپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ قەلبى ئىللىق، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغاندىلا گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە مۇۋەپپەق بولالايمەن!

      مانا، بىر كۈن ئۇنىڭ تەپتىدە ھارارەتلەندىم، بۈگۈن ئۇ ماڭا مەنسۇپ! چۈنكى، بۈگۈن ئۇنىڭغا پات-پات تېلېفون قىلىدىغان ئايالى، بالىلىرى يوق، ئەمدى ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا بارىمەن… بۈگۈن ئۇ ماڭا مەنسۇپ!

    • دادا، كەلدىڭىزمۇ؟

      ئۇنىڭ ئۆيىگە تۇنجى قەدىمىمنى ئېلىشىم، مەن ئەسلا كۈتمىگەن بۇ ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشى گوياكى گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندەك ئاڭلىنىپ كەتتى… جىددىيلەشكىنىمدىن نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. بىراق ئۇ بولسا شۇ قەدەر تەبىئىي، تېخى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قۇيىۋاتاتتى. شۇ چاغدىلا بۈگۈن ئۇنىڭ ئايالىم تۇغقان يوقلاشقا بارىدۇ دېگەن گېپىنىڭ يالغانلىقىنى بايقاپ ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالغىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان قىلدىم…

      شۇ تاپتا ئۆزۈمگە ئىچىم ئاغرىۋاتاتتى، مانا، ئۇ مېنى ئايالى، بالىلىرىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ ئۇلار بىلەن ئوچۇق ئاشكارا دوئىلغا سالماقچى، ئايالىنىڭ ئالدىدا مېنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، رەسۋا قىلماقچى… ئاھ خۇدا، مەن شور پېشانە ئەمدى قىممىتىمنى يۇقۇتۇپ شۇ دەرىجىگە يەتتىمكى، ئەڭ يېقىن كۆرگەن ئادىمىم تەرپىدىن ئانىي تېپىلماقچى بولىۋاتاتتىم… مەن ئەمدى ئادەممۇ ياكى ھايۋانمۇ؟…

    • بۈگۈن مېھمان كېلىدۇ دېگىنىڭىزنى ئاڭلاپ بېكەتتىن قايتىپ كەلدۇق، قېنى سىڭلىم يۇقىرىغا ئۆتۈڭ…

      بۇ نېمە گەپ بولۇپ كەتتى ئەمدى… ئەجەبا ئۇ مەن ئۈچۈن ئايالىنى سەپەردىن قايتۇرۇپ كەلگەنمىدۇ… توۋا، ئۇ زادى نېمە قىلماقچىكىنە…

      ئۇنىڭ ئۆيىگە، ئۇنىڭ ئىدارىسىگە يېڭى كەلگەن ياقا يۇرتلۇق خىزمەتچى سالاھىيتىدە كەلگەن بولدۇم( ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداقراق ئىدى). بىراق بۇ ئۆيدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە مېنىڭ بىردىنبىر سالاھىيتىم ‹مېھمان›ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ چىرايىغا سەپ سالدىم، ئۇنىڭ شۇ تاپتىكى مىھماندوست، كەو قورساقلىقى چىرايىدىن بىلىنىپ تۇراتتى. ۋۇجۇدىدىن يولدىشىغا، سۆيۈملۈك ھەمراھىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچ ئوتى تەپچىپ تۇراتتى. ھەرگىزمۇ مەن ئويلىغاندەك كۈنداشلىق، رەشك ئوتى ئەمەس…

      تۇيۇقسىز پۇت قوللىرىم بوشىشىپ نېمىلىكىنى بىلىپ بولمايدىغان ئاجايىپ ئاچچىق بىر ھىسسيات ئىچىمدە لۆمىلدەشكە باشلىدى…

      — ئاچا سىز بەك چىرايلىقكەنسىز،مەن سىزگە ئامراق…

      ئۇنىڭ بەش ياشلىق قىزىنىڭ سۆزىگە ھەيران بولۇپ تۇرغان دەقىقىدە ئۇ دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن سۇغۇرلۇپ كېلىپ يۈزۈمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى… ئەزبىرايى خۇدا، ئۇ ئېغىزىنى ئەمەس، بىر پارچە چوغنى يۈزۈمگە… يۈرىكىمگە يېقىۋەتكەن ئىدى… مەن بۇنداق ھالەتنىڭ بولىشىنى، بۇنچىلىك ئىززەت ھۆرمەتكە ئېرىشىشنى ئۇخلاپ چۈشۈمدىمۇ كۆرمىگەن ئىدىم. دەرۋەقە بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئىدى، بەلكىم يەنە ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى…

      مەندەك تەبىيلىكنى ئاللا بۇرۇن يوقۇتۇپ، كۈندە ئالا بۇلماچ بوياقلار ئارىسىدا نىقاپلىنىپ يۈرگەن، پۈتۈن جىسمى بۇلغانغان، ئادەم دېسە ئادەم ئەمەس، جىن دېسە جىن ئەمەس بىر‹نەرسە›نىڭ سەبىي قىز تەرىپىدىن گۈزەللىك دەپ ھۆكۈم قىلىنغىنىدىن يۈرىكىم شۇررىدە قېپقالدى…

      شۇ تاپتا كۆڭۈل كۆزى پۈتۈنلەي ئېتىلىپ، ھەقىقەتنى دەپسەندە قىلىدىغان مەندەك بىر بەندىنىڭ بۇنداق ئىللىق ئائىلىدە پۇت دەسسەپ تۇرۇشقا ئەسلا سالاھىيتىم توشمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم.

      بۇ ھالەتتە داۋاملىق تۇغۇم كەلمىدى. چۈنكى، مەن بۇ ئۆيدە بىر مىنوت ئۇزاق تۇرسام بۇ ئكيدىكى مەن دەپسەندە قىلىۋەتكەن نەرسىلەر بىر-بىرلەپ يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ مېنى ئازابلايتتى.

      ئۇ كۆز ئالدىمدا بالىلىرى بىلەن قىزغىن ئويناشماقتا، ئايالى بولسا مېنىڭ ئەھۋالىمنى سوراپ، ماڭا غوبارسىز ھالەتتە كۆيۈنۈش بىلەن ئاۋارە…

      دەل شۇ پەيت ئاجايىپ بىر ئازابلىق تۇيغۇ ئىچىدە پاڭ بولۇپ قالدىم… مانا بۇ ھەقىقي، چىن مۇھەببەت! مانا بۇ ھەقىقي، ئۈزۈلمەس رىشتە… مانا بۇ ھەقىقي، مەنىلىك ھايات… شۇنداق بىر تۇيغۇلار ئىچىدە كاللامدىن چاقماق تېزلىكىدە بىر پىكىر كەچتى، تۇيۇقسىز ئۆزۈمنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى ئىكەنلىكىمنى، نېمە ئىزلەۋاتقىنىمنى تونۇپ يەتكەندەك بولدۇم…

      ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىققان ۋاقتىمدا ئوتتەك شەھەر مۇزلاپ قالغان، تولىمۇ بىمەھەل ۋاقىتتا مۇزلىغان ئىدى. بۇ چاغدا ئوتتەك كۆيۈشكە تېگىشلىك شەھەر تۇيۇقسىز مۇزلاپ قاپتۇ!!! ئەمما مەن توڭلىمىدىم. چۈنكى، مەن ئەمدى نىمىنى ئىزدەشنى ھەقىقي بىلىپ يەتتىم. مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئەمدى كۆيمەيدۇ! مېنىڭ ھاياتىم ئەمدى كۆيمەيدۇ! مەن ئەمدى كۆيمەيمەن! چۈنكى، مەن ئەمدى ئوت ئىچىدىن شۇڭغۇپ چىقماقچى…

      يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا، ئاندىن شۇ تاپتا توختىماي تېلېفون قىلىۋاتقان بارلىق‹ئوت›لارغا ئۇچۇر يازدىم:

    • ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ…

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئوت قاراڭغۇ مۇھىت _