ئەبجەش يازمىلار

يوللىغۇچى : Xongkar يوللىغان ۋاقىت : 2011-05-05 10:48:58

ئەبجەش يازمىلار تۇرسۇنبەگ ئىبراھىمشۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، گەرچە باشقىلار ئاللىقاچان ئىلىكتىرون دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرىگە قۇچاق ئاچقان بولسىمۇ ، لېكىن بىز تېخى ئەمدىلەتتىن تولىمۇ كىچىكىپ سۇئال...

     



      

    ئەبجەش يازمىلار

    تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم

    شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى ، گەرچە باشقىلار ئاللىقاچان ئىلىكتىرون دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرىگە قۇچاق ئاچقان بولسىمۇ ، لېكىن بىز تېخى ئەمدىلەتتىن تولىمۇ كىچىكىپ سۇئال دەۋرىگە كىردۇق . دىمەك : سۇئاللار بىزنى كۈتمەكتە . كونا سۇئاللارغا جاۋاب بىرىپ بولماي تۇرۇپ ، سانسىزلىغان يىڭى سۇئاللار بىزنى كۈتمەكتە ............

    بۆرە ئۆزىنىڭ توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ، ئوۋدىن يانماسلىق ، سەزگۈرلۈك ، قەيسەرلىك ۋە كۆنمەسلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ . بۇ خۇسۇسىيەت ۋە ئالاھىدىلىكلەر ھايات ماماتلىققا بېرىپ تاقىلىدىغان، بۈگۈنكى رىقابەتتە-ئۇتقانلار ھايات قېلىپ ، شاللىنىپ كەتكەنلەر بارا-بارا يوقىلىدىغان بۇ دۇنيادا ئەلۋەتتە قەدىرلەشكە تىگىشلىك .ئەمما ئىنسانلار ئۇنى باشقا ھايۋانلارغا ئوخشاش كۆندۈرەلمىگەچكە ۋەھشى ھايۋان دەپ قاراپ نەسلىنى ئازايتىۋەتتى . ھەتتا بەزى رايونلاردا نەسلىنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋەتتى .دەل بۇنىڭ ئەكسىچە تەبىئى رىقابەت ھۆكۈم سۈرۈپ ، بۆرىگە ئوخشاش ئۆز كۈچگە تاينىپ ياشاشقا توغرا كەلسە ،ئاللىقاچان نەسلى قۇرۇپ كېتىدىغان قوي بولسا كۈندىن –كۈنگە ھەسسىلەپ كۆپەيدى . ناھايىتى ئىنىقكى ، ئۇنىڭ كۆپىيىشىدە ئۆزىنڭ تەبى ئىقتىدارىنىڭ ئوينىغان رولىغا قارىغاندا ئىنسانلارنڭ ئوينىغان رولى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بۇلۇپ ئادەملەر ئۇنى سۈنئى ئۇسۇلدا بېقىپ باشقۇرۇشقا ئۆگىتىش ئارقىلىق پەقەت ئۆلتۈرۈپ گۆشىنى يىيىش ئۈچۈنلا ئاشۇنداق كۆپەيتتى .شۇنداق بولغاندا بۆرىنىڭ كۆنمەسلىك ،قەيسەرلىك ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ ئازلاپ كېتىشىگە ، ئەكسىچە قوينىڭ يۇۋاشلىقى ھەممىگە كۆنۈش خۇسۇسىيىتى ئۇنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەپچى بولۇۋاتامدۇ؟ ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتى پەقەت ئىنسانلارغا قۇربانلىق بۇلۇشتىمۇ؟!..............

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.