ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-سەككىزىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 09:01:15

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمانـــ سىلەر ھىيلە ئىشلەتتىڭلار، يەنە بىر قېتىم كېلەيلى قانداق؟ ــ دېدى يىگىتلەر.ـــ ياق بولمايدۇ. ئاۋال ئىككى سائەتلىك تېيىلىش ۋاقتىغا بىلەت ئېلى...



     

     

    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

    ـــ سىلەر ھىيلە ئىشلەتتىڭلار، يەنە بىر قېتىم كېلەيلى قانداق؟ ــ دېدى يىگىتلەر.

    ـــ ياق بولمايدۇ. ئاۋال ئىككى سائەتلىك تېيىلىش ۋاقتىغا بىلەت ئېلىپ كېلىڭلار،  بۈگۈن بىز بىر كۈنلۈك بېلەت ئالغان، ئۇتۇۋالغان ۋاقىتنى كېلەر قېتىم چىققاندا ئىشلىتىمىز، سىلەر بىلەنمۇ يەنە ئۇچرىشىپ قالساق بەستلىشەرمىز، ــ دېدى گۈلمىرە، ئۇلار ئامال يوق بېلەتنى بىزگە ئەكىلىپ بەردى. دەسلەپكى ئۇتۇقىمىزدىن ھاياجانغا چۈمۈلۈپ كەتتۇق. ئۇلار بىلەن كېيىنكى قېتىم چىققاندا يەنە مۇسابىقىلىشىشنى كېلىشىپ قويۇپ قار تېيىلىش مەيدانىدىن ئايرىلدۇق.  يول بويى ئۇلارنى قانداق باپلىغانلىقىمىز ھەم كېيىنكى قېتىم يەنە باشقا ھىيلىلەرنى ئىشلىتىپ ئۇلارغا ئۇتۇش پۇرسىتى بەرمەسلىك توغرىسىدا  پىلانلارنى تۈزۈشۈپ، چۇرقىرىشىپ ئاپتوبۇسنى بېشىمىزغا كىيدۇق.  بۇ قېتىم مەن ئەتراپىمغا ئانچە – مۇنچە قاراپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا كېلەر ۋاقتىمدىكىدەك قورۇنۇپ كەتمەي، ئۇلارغا قېتىلىپ كەتكەنىدىم.

    ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولغىنى بىلەن  قىش بولغاندىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان مۇشۇنداق تەرەپلىرىمۇ بار، قىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق گۈزەللىكى بولىدۇ. بۈگۈن بەك ياخشى ئوينىدۇق، بىز ھەر قېتىملىق تەتىلىمىزنى مۇشۇنداق بىردە قار تېيىلىش مەيدانلىرىغا بارساق، بىردە سۇ ئۇزۇش كۆلچەكلىرىگە بېرىپ، ياكى بولمىسا غەزەلخانىلارغا بېرىپ، قانغىچە ئويناپ مەنىلىك ئۆتكۈزەتتۇق، بىراق بۇ قېتىمقى قىشلىق تەتىلدە، ھەممە ئويۇنلىرىمنى فىرقەت بىلەن تېگىشىۋەتتىم. بىز بىر بىرىمىزگە قىيالماي يەنە ھامبۇرگ بولكىسى يېيىش ئۈچۈن داشىمىنغا باردۇق. مەن ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتقىنىمدا ئۆي ئىچىنى مېززىلىك شورپا پۇرىقى بىر ئالغان ئىدى.

    ـــ ئاپو! مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇيمەن، قاراڭە ھەدەمگە، نېمە دېگەن بەختلىك؟ ــ دېدى سىڭلىم مېنى كۆرۈپلا ھەسەت قىلىپ.

    ـــ بولىدۇ، بولىدۇ، قەيەرنى تاللاش ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى، ــ دېگەچ ئالدىمغا چىقتى ئاپام.

    ـــ ۋۇججۇ.....ن! ئاپو سىز نېمانداق ياخشى؟ ــ دېدىم ئاپامغا ئېسىلىپ.

    ـــ ئۆيگە كەلسەم ھېچكىم يوق، ئۈستەل ئۈستىدە خېتىڭىز تۇرۇپتۇ، ھاۋامۇ بەك سوغۇق، كەچتە سىڭلىڭىزمۇ كەلسە، تاتلىق قوزلىرىم كەچتە سوغۇقتىن توڭلاپ كىرسە قىززىق شورپا ئىچىپ ئىسسىنىپ راھەتلىنىۋالسۇن دەپ، ئازراق گۆش سېلىپ قاينىتىپ تۇرغانتىم، سىڭلىڭىزمۇ ھېلى كەلدى تېخى. ـــ دېدى ئاپام ئۈستى بېشىمنى چوتكا بىلەن سۈپۈرگەچ. بىز ئوبدان غىزالىنىۋالغاندىن كېيىن، سىڭلىم مەن بىلەن ھوجرامغا كىرىپ:

    ـــ تاتلىق ھەدە، كېلەر قېتىم بارغاندا مېنىمۇ ئاپىرە، بولامدۇ؟ بىر تەتىل دەرس تەييارلاپ ئوقۇشقىمۇ ئۆچ بولدۇم. ــ دېدى ئەركىلەپ تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلاپ.

    ـــ بولىدۇ، ئاۋال دەرسلىرىڭنى ياخشى تەكرار قىل، ۋاقتى كەلگەندە ئۆزۈپ ئوينىتىپ كېلىمەن. ـــ دېدىم سىڭلىمنى خۇش قىلىپ، ــ ھوجراڭغا چىقىپ تاپشۇرۇقىڭنى ئىشلە ، مەنمۇ توردىن ماتېرىيال ئىزدەيمەن، ــ دەپ ئۇنى ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي ھوجرامدىن چىقىرىۋەتتىم. كومپيۇتېر ئالدىغا ئولتۇرۇپلا يۈرىكىم يەنە ھاياجان بىلەن سوقۇپ كەتتى. «ئەجىبا ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟ ئەخمىقانىلىكقۇ بۇ.» رەددىيە بەردىم ئۆزۈمگە. بىراق كوت – كوتنى ئېچىپلا يۈرىكىم ئوياپ كەتتى.  ئۇنىڭ باش سۈرىتى لىپىلداپ يورۇپ تۇراتتى. دەرھال چەكتىم.

     

    «سۈيۈملۈك زۈبەيدە، قالدۇرغان خېتىڭىزنىڭ مېنى قانچىلىك سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئاشۇ ئىككى قۇر خېتىڭىزنى بۈگۈن قايتا – قايتا نەچچە رەت ئوقۇغانلىقىمنى سىز بىلمەيسىز».

    «نېمانداق قايتىپ كەلمەيسىز؟»

    «چوقۇم بەك كۆڭۈللۈك ئويناۋاتىسىلەر»

    «زۈبەيدە، بۈگۈن بىر كۈن ساقلىسام كەلمىدىڭىز، تورمۇ سىز بىلەن مەنىلىك ئىكەن، سىز يوق باش سۈرىتىڭىزگە ئۇزۇندىن ئۇزۇن قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم، ئۆزۈمگە نېمىلەرنى دېگەنلىكىمنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟»

    «بۇ مەخپى، ئۇنداق ئاسانلا دەپ بېرىدىغان ئىش يوق»

    «زۈبەيدە........!   قايتىپ كېلىڭ......!»

    ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ ئارىلىقى 15 مىنۇت، يېرىم سائەت، ياكى بىر سائەتتىن ۋاقىت پەرقى بار بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا خەت مەزمۇنىغا ماس كىرىشتۈرۈلگەن سۈرەتلەر بار ئىدى. ئۇچۇرلارنى قايتا – قايتا ئوقۇپ بەك خۇش بولۇپ كەتتىم. مۇشۇ ھاياجىنىم بىلەن ئۇنىڭغا سالام قىلاي دېسەم ئۇ يوق.  ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاخىرىغا:

    «فىرقەت زۈبەيدەنى ئىزەپ قارلىق دالاغا كەتتى، تاپالامدۇ يا تاپالمامدۇ، بۇ ھېكايىنىڭ ئاخىرىغا قىزىقساڭلار سائەت 7دە ئاڭلىتىلىدىغان فىرقەت زۈبەيدە ھېكايىسىدىن ئاڭلىغايسىلەر، خەيرلىك چۈشتىن كېيىن» ــ دەپ يېزىپ قويغان ئىدى، دېمەك ئۇنىڭ 7دە كېلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ خەتلەرنىڭ يۈرىكىمنى قانچىلىك لەرزىگە سالغانلىقىنى ئاجىز تىللىرىم ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. «ئاھ! سۈيۈملۈك فىرقەت» دېگەن گەپ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەننىمۇ تۇيماي قالدىم. مەنمۇ ئۇنىڭ كۆزنىكىنى ئېچىپ قويۇپ، خەتلىرىنى قايتا-قايتا ئوقۇغاچ سائەتنىڭ 7 بولۇپ ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۈتتۈم. ۋاقىت بەكمۇ ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى، سائىتىمنىڭ ئىسترىلكىسىنى بىردەم 7گە ئەكىلىپ قويۇپ، بىردەم كەينىگە ياندۇرۇپ يۈرۈپ ئۇنى كۈتمەكتە ئىدىم. تاق-تاق-تاق قىلغان ئاۋازنىڭ يۈرىكىمگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ باش سۈرىتى يورىدى. مەن ئۇنىڭ كىرىپلا مېنىڭ تۇرغانلىقىمنى كۆرۈپ قانداق ئىپادىدە بولىدىغانلىقىنى كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا سالام قىلماي قاراپ ئولتۇردۇم.

    ـــ ئادەم بارمۇ؟ ــ دېگەن كوت-كوت ئىپادىسىدىن كېيىن، ـــ ئەسسالام، قاردا كۆڭۈللۈك ئوينىدىڭىزمۇ؟ ــ دېدى ئۇ.

    ـــ شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىدىم، كەڭ كەتكەن قارلىق دالانىڭ قانچىلىك گۈزەل ئىكەنلىكىنى بىر كۆرسىڭىز ئىدى، ئاجايىپ تۇيغۇلار بىلەن ئېسىل مىسرالارنى تۈزەتتىڭىز.

    ـــ شۇنداقمۇ؟ قار دېگەنمۇ چوڭ شەھەردە چىرايلىق بولامدۇ، - نېمە؟

    ـــ قانداق دەيسىز؟

    ـــ سىزنى ساقلاۋېرىپ، ئاخىرى مەنمۇ دېھقانچىلىق مەيدانىمىزدىكى قارلىق دالاغا بېرىپ باقتىم، لېكىن ئۇ يەردە ئادەمگە غېرىپلىق چىللاپ كېلىدىغان جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈپتۇ. پەقەت ئېتىزلارنىڭ ئۈستىدە ئانچە مۇنچە ئەگىپ يۈرگەن قاغىلارلا قاقىلداپ بۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇرۇپتۇ. قارلارغا قاراپ سىزنى غايىۋانە تەسەۋۇر قىلىپ باقتىم.

    ـــ قانداق تەسەۋۇر قىلدىڭىز؟

    ـــ كۆز ئالدىمغا پەقەت سوغۇقتا توڭۇپ قىزىرىپ كەتكەن ئالمىدەك يۈزىڭىز، يەنە ھەر تىنىقىڭىزدا ھور ئۆرلەپ تۇرغان گىلاستەك لەۋلىرىڭىز، قىپقىزىل چىلاندەك بۇرنىڭىز نىڭ خىيالىي سىماسىدىن باشقا ھالىتىڭىزنى تەسەۋۇر قىلالمىدىم. ــ دېدى ئۇ.

    ـــ گەرچە مەن دېھقانچىلىق مەيدانىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ ئۇنىڭ دېگەنلىرىدىن ئاشۇ جىمجىت دالادا خىيالچان كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ تۇرغان فىرقەتنى كۆرگەندەك بولدۇم، ـــ دەپ يازدىم مەنمۇ. نەچچە مىنۇت ئىككىمىز جىمىپ قالدۇق.

    ـــ نېمىش قىلىۋاتىسىز؟ دوستلىرىڭىز بىلەن پاراڭلىشىۋاتامسىز؟ ــ دېدى ئۇ.

    ـــ ياق، خەتلىرىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇۋاتىمەن، ـــ دېدىم.

    ـــ بۇ ئوخشاشلىقنى! زۈبەيدە!

    ـــ ئوۋ!

    ـــ مېنى كۆرۈپ باققىڭىز يوقمۇ؟

    ـــ سىزنىڭچۇ؟

    ـــ بار دېسەم نېمە دەرسىز؟

    ـــ بۇ ئوخشاشلىقنى دەرمەن؟! ــ دەپ كۈلۈمسىرىگەن ئىپادىنى ئەۋەتتىم. ئۇ كامىرا بەلگىسىنى باستى، كۆزنەكنى ئېچىشقا جۈرئەت قىلالمىدىم.

    ـــ ئېچىشنى بىلەلمىدىڭىزمۇ؟ قوبۇللاش دېگەن يەرنى باسسىڭىزلا ئىكراندا مەن پەيدا بولىمەن. ــ دېدى ئۇ. قوبۇللاشنى بېسىپلا قوللىرىم بىلەن يۈزلىرىمنى تۇتۇۋالدىم، ئاندىن قوللىرىمنىڭ ئارىسىدىن ئاستا مارىلاپ تۇرۇپ ئىكرانغا قارىدىم.  ئىكراندا ئاق يۈزىگە يارىشىملىق نېپىز بۇرۇت قويغان چاچلىرى قويۇق ھەم قارا، كۆزلىرى سەمىمىيلىكىنى ئىپادىلەپ كۈلۈمسىرەپ بىر يىگىت تۇراتتى. يۈرىكىمدە ۋىلىلداپ يېنىۋاتقان چوغ بىراقلا يالقۇنغا ئايلىنىپ كەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.