گۇناھ-16(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:28:27

گۇناھ(16)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  ھىدايەت قارى كۈلۈپ كەتتى، ساۋاقدىشى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:   — نىياز توختى جىنغا ئىشەنمەيمىش، لېكىن ئۇنىڭدىن قاتتىق قورقىمىش. خەق سورىسا ”مەستلىكتە ماڭا شۇنداق بى...



    گۇناھ(16)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


     ھىدايەت قارى كۈلۈپ كەتتى، ساۋاقدىشى گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

     

      — نىياز توختى جىنغا ئىشەنمەيمىش، لېكىن ئۇنىڭدىن قاتتىق قورقىمىش. خەق سورىسا ”مەستلىكتە ماڭا شۇنداق بىر نېمىلەر كۆرۈنۈپ قالغان دەيمىش“، لېكىن ھەر بازار ئاخشىمى مەست چىقسا شۇ يولدا ماڭمايمىش...

     

      ھىدايەت قارى نىيازنىڭ مۇنداقمۇ ئىشلىرى بارلىقىنى بىلىپ ئەجەپلەندى، ئۆزىچە بىر نەرسىنى قىزىقىپ ئويلاپ كەتتى. بۇ مەھەللىدە ھېچكىمدىن قورقمايدىغان، ھېچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايدىغان نىيازنىڭ جىندىن قورقىدىغانلىقى ھىدايەت قارىنى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرىدىغاندەك قىلاتتى. نىيازغا بولغان چەكسىز ئۆچمەنلىك ۋە ئاتىسىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىگە بولغان ئىنتىزارلىق ھىدايەت قارىنى كېچىچە ئۇخلاتماي ئۇنىڭ ھەر قىسما خىيال-تەسەۋۋۇرلىرىنى قوزغىۋەتتى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ كاللىسىغا بىر ئاجايىپ ھەرىكەت پىلانى كېلىشكە باشلىدى: ئەنە ئۇ ئاتىسىنىڭ جۇۋىسىنى ۋە تۇمىقىنى تەتۈر كىيىدۇ، رەھمەتلىك ئاپىسىنىڭ ياغلىقى ياكى باشقا بىر پارچە رەخت بىلەن يۈزىنى يۆگەپ كۆزىنى ئوچۇق قويىدۇ. قولىغا ئەڭ ياخشىسى سۇنۋۇكۇڭنىڭ كالتىكىدەك ياكى جۇباجىنىڭ ئاسقىقىدەك بىر نەرسىنى ئالىدۇ، نىيازنىڭ ھويلىسىغا كىرىش ئۈچۈن باشتا بېغىدىن كىرىپ بىر يەرگە مۆكۈۋالىدۇ. ئەڭ ياخشىسى قاراڭغۇ چۈشكەن بولۇشى كېرەك. نىياز شۈمپەن باغقا بىر ئىش بىلەن كىرىدۇ، ھېچ بولمىسا بېغىدىكى ھاجەتخانىسىغا كىرىدۇ. ياق، ئۇنى ئۇنداق پاسكىنا يەردە پايلاپ يۈرمەسلىك كېرەك. ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ ھويلىسىدىكى سامانلىققا كىرىۋالغان ياخشى، نىياز ئۇ يەرگە سامان ئالغىلى كىرىشى مۇمكىن، چۈنكى ئېشىكىگە كەچتە سامان سالمىسا بولمايدۇ...ئۇ سىۋىتىنى كۆتۈرۈپ قاراڭغۇ سامانلىققا كىرگەندە ئۇنىڭ كەينىدىن جىندەك پەيدا بولۇش كېرەك، ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ قارىغىنىدا مېنىڭدىن چۆچۈپ، پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ....شۇ ۋاقىتتا دەيدىغان گېپىمنى دەۋالىمەن،” ئۇدۇل قوشناڭ ئەتە ئۆيىگە كەلمىسە پۇتۇڭ باسماس، قولۇڭ تۇتماس بولىدۇ، خوتۇن بالىلىرىڭمۇ پالەچ-لەقۋا بولىدۇ“ دەپ قورقىتىمەن. ئەگەر مېنى تونۇۋالسا قولۇمدىكى كالتەك بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇۋېتىمەن. ئۇ ھوشىنى يىغىپ خوتۇن-بالىلىرىنى توۋلاپ بولغىچە ئۆيىدىن قېچىپ كېتىپ بولىمەن، قاراڭغۇدا تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ مەندەك يۇۋاش ، مۆمىن بەندىسىدىن نىيازلا ئەمەس، مەھەللىدىكى جامائەتمۇ گۇمانلىنالمايدۇ....

     

      ھىدايەت قارى بۇ خىياللىرىغا خۇددى شۇنداق بولىدىغاندەكلا ئىشىنىپ كەتتى، ئۆزىنى گويا ياخشى جىننىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقاندەك، ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك ئويلاپ خۇدادىن بۇ ئىشنىڭ ئاسان بولۇشىنى تىلىدى. ئۇ بۇ قالتىس پىلانلىرىنى ساۋاقدىشىغا ئېيتىپ ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلاپ بېقىشنى ئويلىدى، لېكىن ئۇ ئۇخلاپ قالغانىدى. ھىدايەت قارى ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى بۇ پىلان ئىشقا ئاشقاندا ئاندىن ئېيتىش ۋە ئۇنى ھەيران قالدۇرۇش قارارىغا كەلدى.

     

      ھىدايەت قارى ئەتىسى ھەممە نامىزىدا خۇدادىن ئاسانلىق تىلىدى. كۈن ئولتۇرغاندا ئاتىسىنىڭ جۇۋىسىنى، تۇمىقىنى ئوڭ كىيىپ(سامانلىققا كىرگەندىن كېيىن تەتۈر كىيمەكچى بولدى)، ئاپىسىنىڭ قارا ياغلىقىنى يانچۇقىغا سېلىپ، ئاتىسىنىڭ كونىراپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن پىيمىسىنى كىيىپ، بوۋىسىدىن قالغان تۆمۈر ئارىنى ئېلىپ، ئادەم يوق پۇرسەتتە نىيازنىڭ كەڭرى بېغىغا ئوڭۇشلۇق كىرىۋالدى، بۇ يەردە ئىت يوق ئىدى، قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەچكە بىر كىمنى پەرق ئەتمەكمۇ تەس ئىدى. ھىدايەت قارى باغ بىلەن ھويلىنىڭ پاسىلىدىكى شادا ئىشىكتىن ئاستا ئۆتۈپ، باغقا يانداش چوڭ سامانلىققا ئەپچىللا كىرىۋالدى، تۇماق ۋە جۇۋىنى تەتۈر ئۆرۈپ كىيدى، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يۆگىدى؛ ئارىنى مەھكەم تۇتۇپ، تاشقىرىدىن كېلىۋاتقان تىۋىشلارغا ھوشيارلىق بىلەن دىققەت قىلدى. نىيازنىڭ خوتۇنى توكۇلدىتىپ سەي توغراۋاتاتتى، نىياز ئۇنىڭغا چېپىلىپ ئەزمىسىنى ئېزىپ بىر نېمىلەرنى دەيتتى.


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.