شەيتان(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى)

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 23:41:13

شەيتان(ھېكايە)ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى يول شۇنچىلىك تېيىلغاق ئىدىكى ئۇ ئاستا چامىداپ مېڭىپ كىتىۋىتىپ بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىش قىياپىتىدىكى غەيرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۆشەنگەندەك بۇلدى.دەل ...

    شەيتان(ھېكايە)
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى


    يول شۇنچىلىك تېيىلغاق ئىدىكى ئۇ ئاستا چامىداپ مېڭىپ كىتىۋىتىپ بۇ شەھەردىكى كىشىلەرنىڭ مېڭىش قىياپىتىدىكى غەيرىلىكنىڭ سەۋەبىنى چۆشەنگەندەك بۇلدى.دەل شۇ چاغدا ...ئالدىدا كېتىۋاتقان بىرەيلەن شۇنداق قاتتىق تېيىلدىكى مۇز ئۆستىگە تۇيۇقسىز چۇرت كىسىپ تاشلانغان دەرەختەك گۆپپىدە  يىقىلدى.بېشدىن ئۇچقان شىلەپىسى ئادەملەرنىڭ ئايىقىدا غالتەكتەك دۇمىلاپ كەتتى.ئۇ يىقىلغان كىشىنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ قۇرسىقىنى تۇتۇپ شۇنداق قاقاقلاپ كۆلدىكى ئۆچەيلىرى ئۆزۈلۈپ كەتكىلى تاس قالدى.پۆتۈن ۋۇجۇدىغا ئاجايىپ بىر شادلىق يامراپ كەتتى.

    -قارا ما ئادەمنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنى، بىرى يىقىلىپ ئۆلەر ھالەتتە ياتسا،ئېشەك ھاڭىرىسا كۆتى غىجەك تارتىپتۇ دىگەندەك قلىپ تۇرغىنىنى..

    -بەزى ئەدەملەرگە ئامال يۇق.

    ئۇ كۆلكىدىن ئۆزىنى تۇختاتقاچ مۇلاھىزىلەرنىڭ ئۆزى ئۆستىدە كېتىۋاتقانلىقىنى سەزدى.بىر نەچچە ئادەم يىقىلغان كىشىنى يۆلەپ ئۇرنىدىن تۇرغۇزدى.بىرەيلەن شىلەپىسىنى قېقىپ كېيگۈزۈپ قۇيدى.ھەممە ئادەمىنىڭ چىرايىدا ئېچىنىش،ئېچ ئاغىرىش ھېسداشلىق تۇيغۇسى لېكىن ئۇنىڭ ....

    ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئۇيلىنىشقا باشلىدى.ئۇ كىچىكىدىن سۇقۇش كىنۇلىرىغا ئامراق ئىدى.

    كىنۇدىكى سۇقۇش كۆرۈنۈش قانچە جىددى بۇلسا،ئادەملەر قانچە كۆپ ئۆلسە،بۇزغۇنچىلىق چىكىدىن ئېشىپ شەھەر قىشلاقلار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ۋەيران بۇلسا قەلبى بىر خىل ھۇزۇرلۇق كەيپىياتتىن تېترەپ كىتەتتى.

    كۇچىلاردا خەق ئۇرۇشۇپ قالسا ئەڭ ئاۋۋال يۈگرەپ كىلىپ تاماششا كۆرەتتى.ئەڭ ئالدىراش ئىش بۇلسىمۇ تاشلاپ قۇياتتى.ئادەم قانچە جىق يېغىلغانسىرى شۇنچە ھۇزۇرلىنىپ كىتەتتى.مۇشلىشىۋاتقانلارنىڭ يىرتىلغان قاپاق،تۆكۈلگەن چىشلىرىنى تاماششا قىلاتتى.

    ئەجەبا،ئۇنىڭ قىلغانلىرى خاتامىدۇ؟ئۇنداق بۇلسا نېمىشقا بۇزغۇنچىلىق،قاتىللىق،ئۇرۇش تەسىۋىرلەنگەن كىنۇلارغا كېشىلەر ئامراق؟نېمىشقا كۇچىلاردا خەق ئۇرۇشۇپ قالسا نۇرغۇن ئادەئەم كىلىپ تاماششا كۆرىدۇ؟ئۇ  بىردىن ئېنسان ماھىيىتىدىكى تۆزەشكە قارىغاندا بۇزۇشقا ئامىراقلىقىدەك خارەكتىرنى كۆرۈپ يەتكەندەك بۇلدى.راسىت ئۆيدە ئايالى ئاچچىقى كېلىپ قالسا چىنە قاچىلارنى چېقىپ دەردىنى ئالىدۇ.ئاچچىقى يانغاندا بۇلسا ئۇلارنى يەنە قاقشاپ يۈرۈپ سېتىۋالىدۇ.خۇتۇنى ئۈچۈن چېنە-قاچا چېقىش بىلەن ئۇلارنى قاقشاپ سېتىۋىلىش ئۇخشاشلا ھۇزۇرلۇق ئىش.

    ئۇ بىر كۈنى كەچلىك بازارنى ئايلانغىلى چىقتى.تۇيۇقسىز كىمدۇر بىرى ئۇنىڭغا گۈپپىدە ئۇرۈلدى.ئارقىدىن جىدەل باشلاندى.بىردەمدىلا ئەتراپ ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى.لېكىن ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ئاجىرىتىپ قۇيۇش نىيىتى يۇقتەك قىلاتتى.گەۋدىلىك ئۈچ لۈكەك ئۇنى ئۇتتۇرغا ئىلىپ تازا ئۇردى.ئۇنىڭ كۆزلىرى نىجادلىق ئىزلەپ ئەتىراپتىكى ئادەملەرگە قاراپ چەكچىيىپ كەتتى..ساقچىلەر يېتىپ كەلگەندە لۈكچەكلەر ئاللىبۇرۇن قېچىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ بۆگۈن تۇنجى قېتىم تاياق يىگۈچىنىڭ تاماششاسىنى كۆرۈۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايىدىكى كۈلكىنىڭ تاياق يىگۈچى ئۆچۈن زەھەردىن ئارتۇق تۇيۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

    ئۇ پۇلاڭشىغان ھالدا مەھەللىسىگە يېتىپ كەلدى.يىتىپ كەلدىيۇ چۆچۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.ئۈيى كۆيۈۋاتاتتى.ئايالى ئېشىك ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي يېغلاپ تۇراتتى.

    بىر چاغدا ئۇت ئۇلغىيىپ ئۆي گۈپپىدە يېقىلدى..ئۇنىڭ يۆرىكى تېتىرەپ كەتتى.

    شۇندىن كېيىن ئۇ ئۇرۇش،بۇزغۇنچىلىق تەسىۋىرلەنگەن كىنۇلارنى كۆرمەيدىغان،ئىكراندا ئۆلۈپ كىتىۋاتقان ئادەملەرگە قاراپ كۆزىگە ياش ئالىدىغان بۇلۇپ قالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.