بىچارە بايقۇش(ئەركىن سابىر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-29 00:18:39

بىچارە بايقۇش(ھېكايە)ئەركىن سابىر — ھېكىماخۇن چاڭ چىقىرىۋەتكۈدەك، دېدى مىرغىياز ھېكىماخۇن ھەققىدە پاراڭ باشلاپ. — قانداق چاڭ چىقارغۇدەك؟ – سورىدىم مەن. —يېزىقچىلىقتا، دېدى مىرغىياز. ئۇ توپلام...

    بىچارە بايقۇش(ھېكايە)
    ئەركىن سابىر

     
      — ھېكىماخۇن چاڭ چىقىرىۋەتكۈدەك،  دېدى مىرغىياز ھېكىماخۇن ھەققىدە پاراڭ باشلاپ.

       — قانداق چاڭ چىقارغۇدەك؟ – سورىدىم مەن.

        —يېزىقچىلىقتا،  دېدى مىرغىياز.  ئۇ توپلام چىقارماقچىكەن. تۈنۈگۈن مېنى ئىزدەپ كەپتۇ، بېشىدىكى ماكچىيىپ قالغان شەپكىسىنى تاشلىۋېتىپ، تاقىر بېشىنى غادايتىپ مېڭىشىدىن قارىغاندا راستىنلا غەيرەتكە كەلگەندەك قىلىدۇ.

       —شۇنداقمۇ؟ – مەن ھەيران بولۇپ سورىدىم.

       — ئەلۋەتتە، مانا بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ھېكايىسى، مۇشۇنداق ھېكايىدىن يۈزنى يازسام توپلام بولارمۇ؟ دەپ مەندىن سوراۋاتىدۇ. ئاۋۋال مۇھەررىر ئاغىنەم كۆرۈپ باقسۇن دېدىم. ھېكايىسىغۇ ماڭا يارىدى، بىراق ئەمەلىيەتتىن سەل چەتنەپ كەتكەندەك قىلامدۇ، نېمە، كۆرۈپ باقامسىز؟

        بىر ھېكايە يېزىپلا چاڭ چىقارغىلى بولسا، جاھاننىڭ ئىشلىرى نېمە بولۇپ كېتىدۇ،  دېدىم مەن مىرغىيازنىڭ گېپىگە كۈلۈپ،  قېنى قويۇپ قويۇڭ، كۆرۈپ باقاي.

       مىرغىياز ھېكىماخۇننىڭ ھېكايە ئورىگىنالىنى قويۇپ چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ بىر چاغدا ھېكىماخۇن ھەققىدە قىزىق پاراڭ سېلىپ بەرگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھېكىماخۇن دېگەن بۇ بايقۇش ئۆزىنى كاتتا يازغۇچى چاغلايدىكەن، سالاپەتلىك كۆرۈنۈش ئۈچۈنمىكىن، يازدىمۇ يېلىڭ پەلتۇ كىيىۋالىدىكەن، ئادەم تىنغىلى بولمايدىغان ئىسسىقتىمۇ گېلىنى بوغۇپ گالىستۇك تاقىۋالىدىكەن، ئەڭ قىزىقى، مەيلى توي – تۆكۈن ياكى كاتتا سورۇن بولسۇن، كونىراپ كەتكەن شەپكىسىنى بېشىغا قوندۇرۇۋېلىشنى ئۇنتۇمايدىكەن. بۇ قېتىم  ئۇ ئاشۇ شەپكىسىنى تاشلاپتۇدەك.
    مىرغىياز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ھېكىماخۇننىڭ ھېكايىسىگە كۆز يۈگۈرۈتتۈم: ‹‹ ئاغرىقلار يىقىلماقتا›› دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بۇ ھېكايە مۇنداق باشلانغانىدى:

       بۇ چەت بازاردا مۇشۇ بىرلا شىپاخانا بولغاچقا،  كىشىلەر بۈگۈن ئەتىگەندىلا شىپاخانا ئالدىدا ئۆچىرەت بولۇپ كېتىشتى.

       — نېمىشقا ئېچىلمايدىغاندۇ؟ – دېدىم مەن ئالدى تەرەپكە بويۇنداپ.

       —يىغىن ئېچىۋاتىدۇ، – دېدى بىر ئەر كىشى ئالدى تەرەپتىن.

      —مۇشۇنداق چاغدىمۇ يىغىن ئاچامدۇ؟ – مەن بىر ئاز ئاچچىقلاندىم. دېمىسىمۇ بازار بويىچە ئىچى سۈرۈش كېسىلى يامراپ كېتىۋاتاتتى، ئادەمنىڭ ھالىنى قويمايدىغان بۇ كېسەل ماڭىمۇ يۇققان بولۇپ، شۇ تاپتا ئارانلا چىداپ تۇراتتىم.

       كۈن بارغانچە قىزىشقا باشلىدى، شىپاخانا ئالدى ئوچۇقچىلىق بولغاچقا، ئاپتاپ ئادەملەرنى كۆيدۈرەتتى. مەن سائىتىمگە ھېلىدىن – ھېلىغا قارايتتىم،  قورسىقىم بىر خىل تولغاپ ئاغرىيتتى، ئالدىمدىكى بىر نەچچىسىنىڭ ئاغرىقى تېخىمۇ ئېغىر بولسا كېرەك، قورسىقىنى تۇتقىنىچە پۈكۈلۈپ قالغانىدى.

      —ئەستا، نېمە يىغىندۇ بۇ شۇنچە؟

      — ئاۋۋال ئاغرىقلارنى يولغا سېلىپ، ئاندىن ئاچسا كېچىكىپ قالامدىغاندۇ؟

       كىشىلەر تاقىتى – تاق بولۇپ غۇدۇراشقا باشلىدى.

    — نېمە ۋاراڭ – چۇرۇڭ بۇ؟ – ۋارقىرىدى بىر دوختۇر چىقىپ،  يىغىننى يىغىن قىلماي، قانداق نېمىلەر بۇ!

       ئۇ گېپىنى تۈگىتىپ، ئىشىكنى جاققىدە  يېپىپ كىرىپ كەتتى. كىشىلەر دوختۇرلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن قورقتىمۇ، جىمىپ قېلىشتى، ھەتتا ئېڭراۋاتقانلارمۇ ئۈن چىقىرىشتىن توختىدى.
    مەن يەنە سائىتىمگە قاراپ قويۇپ، كۆپچىلىكتىن ئەپۇ سورىغاندىن كېيىن، ئىشىك تۈۋىگە باردىم ۋە ئىشىكنى قىيا ئاچتىم. مەقسىتىم دوختۇرلاردىن بۈگۈن كېسەل كۆرىدىغان – كۆرمەيدىغانلىقىنى سوراپ بېقىش ئىدى. لېكىن ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولۇپ، لام – جىممۇ دېمەي تۇرۇپ قالدىم. ئىچىدە بىر دوختۇر، باشلىق بولسا كېرەك، ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەۋاتاتتى:

       — بارىدىغان يېرىمىز يىراقراق، شۇڭا شەنبە كۈنى ئەتىگەنرەك يىغىلارسىلەر،  دېدى ئۇ،  ھە راست، تاغ يېرى سوغۇقراق، قېلىنراق كىيىملەرنى ئېلىۋالارسىلەر. ئۇقتۇرۇپ قويىدىغان يەنە بىر ئىش، بىر ئادەم بىرلا بالىسىنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ، بولمىسا ماشىنىغا پاتمايمىز. تاغقا بارغاندىن كېيىن، ھەر كىم ئۆز بالىسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك، كىمنىڭ بالىسى كەپسىزلىك قىلىپ، بىرەر ھادىسە تۇغدۇرۇپ قويسا ئاتا – ئانا بولغۇچى ئۆزى مەسئۇل...

      باشلىق دوختۇرنىڭ گېپى تېخى تۈگىمىگەنىدى، ئۆچىرەتنىڭ ئارقا تەرىپىدە قىيا – چىيا كۆتۈرۈلۈپ، ھەممىنى پاتىپاراق قىلىۋەتتى.

        —نېمە قىيا – چىيا بۇ؟ – دەپ ۋارقىرىدى بايىقى دوختۇر يەنە چىقىپ.

       بىرەيلەن ئايلىنىپ يىقىلىپ قالدى، – دېدى كىمدۇر بىرى.

       ئۇ نېمىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ – سورىدى دوختۇر يەنە. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئاۋازى سەل پەسىيىپ چىقتى.

      — بەلكىم سۇسىزلىنىپ يىقىلغاندۇ...

      — ئۇ ئىچكۈدەك سۇ يوقمىكىنا؟

     —دوختۇر شۇنداق دەپ كىرىپ كەتتى. مەن ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن ئۇنىڭ ‹‹بىرەيلەن سۇسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ›› دەۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم.

        —ئەمىسە بۇ جىددىي ئىشكەن، – دېدى بىر دوختۇر،  ساياھەتكە بارىدىغان يىغىننى قويۇپ تۇرۇپ، كېسەللەرنى قانداق داۋالاشنى مۇزاكىرە قىلايلى!

       — مۇزاكىرە قىلغۇدەك نېمىسى بار، – دېدى يەنە بىر دوختۇر،  بىرەيلەن سۇسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ، سۇ ئىچسە ئوڭشىلىپ قالىدۇ.

       —ئۇغۇ شۇ، لېكىن ئۇ نېمە دەپ سۇسىزلىنىدىغاندۇ؟

      — بەلكىم ئاپتاپتا تۇرۇۋېرىپ...

       بىر ئايال دوختۇر ئەمدىلا گەپ باشلىۋېدى، ئۆچىرەتتە تۇرغانلاردىن يەنە بىرەيلەن پالاققىدە يىقىلىپ، ھوشىدىن كەتتى.

       — دوختۇر، يەنە بىرەيلەن ھوشىدىن كەتتى! – دېدىم مەن ۋارقىراپ.

        —ھوشىدىن كەتتى؟! نېمە دەپ ئەمدى؟

       مەن ‹‹بەلكىم ئۇمۇ سۇسىزلانغاندۇ›› دېمەكچى بولۇۋېدىم، لېكىن يەنە بىرەيلەننىڭ يىقىلىشى بىلەن كۆتۈرۈلگەن قىيا – چىيا مېنىڭ ئاۋازىمنى بېسىپ كەتتى. دوختۇرلار پالاقلاپ يۈگۈرۈپ چىقىشتى ۋە ئۆچىرەتتە تۇرغان ئاغرىقلارغا:

       —ئۇلارنى يۆلەڭلار!  دەپ ۋارقىرىدى. لېكىن ئاغرىقلارنىڭ يىقىلغانلارنى يۆلىگۈدەك ماغدۇرى يوق ئىدى. ماغدۇرى بارلارمۇ ئۆچىرەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشتىن قورقۇپ جايىدىن قىمىرلىمىدى.

       —قاچانلاردا كېلىپ بۇنداق ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەن ئادەملەر بۇ؟  دېدى ھېلىقى باشلىق دوختۇر ھەممىنىڭ ئارقىدىن چىقىپ. ئۇ نېمىگىدۇر ھاياجانلىنىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ دىققىتى ھېلىمۇ باشقا ئىشتىدەك قىلاتتى.

      — دوختۇرلاردىن بۇرۇن كېلىپ بولغانمىز، – دېدى باش تەرەپتىكى بىر نەچچە ئاغرىق غودۇڭشىپ.

      — شۇنداقمۇ؟ ئاۋۋال ئېغىر ئاغرىقلار كىرسۇن.

      — ھەممىمىز ئېغىر ئاغرىق.

       — توغرا، ھەممىمىز ئېغىر ئاغرىق.

       ئۆچىرەتتىكىلەر يەنە غودۇراشقىلى تۇرۇۋېدى، ھېلىقى باشلىق دوختۇر ئاچچىقلاپ ۋارقىراپ كەتتى.

      — قاسساپمۇ ھەممە قويغا بىراقلا پىچاق سۈرەلمەيدۇ، بىردىن – بىردىن كېلىدىغان گەپ!

      — بىردىن – بىردىن كەلگىچە ھەممىمىز سۇسىزلىنىپ يىقىلىدىغان ئوخشايمىز.

      — ئەلۋەتتە، شۇڭا يېرىمىڭلار قايتىپ كېتىپ، ئەتە كېلىڭلار، سۇنى جىقراق ئىچىپ كېلەرسىلەر.

       باشلىق دوختۇر ئاغرىقلارغا كەسكىن بۇيرۇق قىلدى. مەن قورسىقىمنى تۇتۇپ، دوختۇرغا ئىلتىجا قىلدىم:

       —ماڭا قاراڭ دوختۇر، بىز بىر نەچچە كەنت، مەھەللىدىن كەلگەن، ئارىلىق يىراق، قايتىپ كەتكۈچە ھەممىمىز يېرىم يولدا يىقىلىمىز، شۇڭا...

       —ھەممىڭلار ئۆزۈڭلار كەلگەنما؟ ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭلار قېنى؟ قانداق خەق ئۇ، ئاغرىقلارغا مۇشۇنداق مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بارمۇ؟

        دوختۇر قايناپ سۆزلەۋاتقاندا، يەنە بىر نەچچەيلەن سۇسىزلاندى. يىقىلغانلارنى دوختۇرلار ئۇتتۇرلۇق يۆلەپ ئەكىرىپ كېتىۋاتاتتى. بەلكىم سۇ ئىچكۈزىۋاتقاندۇ دەپ ئويلىدىم مەن. بىر چاغدا مېنىڭمۇ كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشقىلى تۇردى، كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى سەزمەيلا قالدىم...››

       مەن ھېكىماخۇننىڭ ھېكايىسىنى كۆرۈپ بولۇپ، ئىختىيارسىز كۈلۈۋەتتىم. توۋا، يازدىم دەپ يېزىۋەرسە بولىدىغان ئوخشايدۇ! دەپ ئويلاپ قالدىم ئىچىمدە. كۆز ئالدىمدا ھېكىماخۇننىڭ ئۇزۇن پەلتۇ كىيىپ، گالىستۇك تاقاپ، بېشىغا ئەبجەق شەپكىسىنى قوندۇرۇپ ئالدىراش كېتىۋاتقان ھالىتى كېلەتتى.

        ئارىدىن بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن مىرغىيازنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا ھېكىماخۇننىڭ ھېكايىسىنى تۇتقۇزۇپ قويماقچى بولدۇم.

      — ھېكىماخۇن ئۆزى قانداقراق؟ – سورىدىم مىرغىيازدىن، ئاندىن،  ھېكىماخۇنغا دەپ قويۇڭ، ھېسسىياتى ئىچىگە پاتماي ھەر قانچە تېشىغا تەپسىمۇ، بەدىئىي چىنلىقنىڭ ھېكايىنىڭ جېنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، – دېدىم.

       —تېشىغا تەپتى دېگىنىڭىز نېمىسى؟ – دېدى مىرغىياز، ھېسسىياتى ۋولقاندەك پارتلىغان گەپ، قاراڭ، بولمىسا، بىر نەچچە كۈندە ئون نەچچە ھېكايە يېزىۋېتەلەمتى. ئۇ چاڭ چىقىرىش ئۈچۈن ئۆيىدە يالىڭاچ بولۇۋېلىپ يېزىۋاتقۇدەك...

       مىرغىياز شۇنداق دەپ ماڭا ھېكىماخۇننىڭ بىر قۇچاق ھېكايىسىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى ھېكايىنىڭ ‹‹ پاقىلار كوركىرايدۇ›› دېگەن ماۋزۇسىغا قارىغىنىمچە خىيالغا پېتىپ تۇرۇپ قالدىم. «ھېكىماخۇن شۇتاپتا ئىشىكىنى چىڭ تاقاپ، يالىڭاچ بولۇۋېلىپ يەنە نېمىلەرنى يېزىۋاتىدىكىن؟ دەيتتىم ئىچىمدە، بىچارە بايقۇش، راستىنلا سۇسىزلىنىپ يىقىلمىسا بولاتتىغۇ!».

    «شىنجاڭ گېزىتى»دىن ئىلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.