ھاراقكەش

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:32:57

ئەڭ ئاخىرقى ھېكايە: ھاراقكەشكىچىك تاغام ھاراق ئىچىشكە بەكمۇ خۇمار ئادەم ئىدى. ئۆيگە دائىم مەستلا كىرەتتى. گەرچە كىچىك ھاممام بۇ توغۇرلۇق كۆپ قاخشىغان بولسىمۇ، كىچىك تاغامنىڭ قىلچە ئۆزگەرمىگ...



     

    ئەڭ ئاخىرقى ھېكايە: ھاراقكەش

    كىچىك تاغام ھاراق ئىچىشكە بەكمۇ خۇمار ئادەم ئىدى. ئۆيگە دائىم مەستلا كىرەتتى. گەرچە كىچىك ھاممام بۇ توغۇرلۇق كۆپ قاخشىغان بولسىمۇ، كىچىك تاغامنىڭ قىلچە ئۆزگەرمىگىنىگە قاراپ، ئاخىرى بۇ تۇرمۇشقىمۇ كۆنۈپ قالغانىدى.

    بىر قېتىم، بىز تاغامنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش بىر ھاراقكەش دوستىنىڭ ھاراق ئىچىپ مەس بولۇپ قېلىپ، باشقىلار ئۇرۇشقانلىقى، قارشى تەرەپ ئاچچىقىغا پايلىماي تاغامنىڭ ئۇ دوستىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ رەھمەتلىكنىڭ تاياق زەربىسىدە مېڭىسىنىڭ قېتىقىنىڭمۇ چۇگىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، مۇشۇ ئىشنىڭ تاغامغا بىر قېتىملىق ئىبرەت بولۇپ قېلىشىنى، تاغامنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ھاراق دېگەن مۇشۇ نىجىستىن بىر قۇتۇلىشىنى ئۈمىد قىلدۇق. ئويلىغىنىمزدەك تاغام بېشىدا نەچچە كۈن خېلىلا جىمىپ قالدى. بەلكىم راستلا چۆچۈگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما ھېلىقى رەھمەتلىكنىڭ قىرىق نەزىرى توشا-توشمايلا تاغام يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەنىمىگە دەسسەشكە باشلىدى. ھەي، ئىنسانچىلىق!

    شۇ كۈنى كېچىدە، مەن تېخى ئۆيىمىزگە بىرلىرى باستۇرۇپ كىرگەن ئوخشايدۇ، دەپتىمەن. ھويلىنىڭ دەرۋازىسى قاتتىق بىر تېپىلىپلا ئېچىلدى، كەينىدىن ھەممىمىز چاپانلىرىمىزنى ئارتىپلا ھويلىغا يۈگرەشتۇق. كىچىك تاغام ھاسىراپ-ھۆمۈسىگىنىچە ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇراتتى. پۈتۈن يەرنىڭ چىراقلىرىنى ياندۇرۇپ، ھويلىنى كۈندۈزدەك يوپيۇرۇق قىلىۋەتكەنىدى.

    بۇنىڭ زادى قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى، بىز ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا بىلدۇق. تاغام ئالدىنقى كۈنى كېچىدە ئۆزىنىڭ ئادىتى بويىچە ھاراقنى ئۆلگۈدەك ئىچىپ، دەلدەڭشىپ ئۆيىگە قايتىۋاتقىنىدا، ھېلىقى ئۆلۈپ كەتكەن دوستىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپتۇ، دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىنى شۈركىنىپ، كاللىسى سەگەكلىشىپ قاپتۇ، مەستچىلىكتىكى كەيپىدىنمۇ يېشىلىپ كېتىپتۇ. زېھنىنى يىغىپ شۇنداق قارىغۇدەك بولسا، دوستىنىڭ ھېلىقى ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئاستا ئېچىلىۋاتقۇدەك، تاغامنىڭ ئۇ دوستى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئايالى بىلەن بالىلىرى شەھەرگە كىرىپ كېتىپ، بۇ ئۆي قۇرۇق ئىدى، ئاتنىڭ كاللىسىدەك قۇلۇپ دەرۋازىغا قاچانلا قارىسا شۇ بىرخىل تەرىزدە ئېسىقلىق تۇراتتى. بۇلارنى ئويلاپ تاغام ئاغزىغا كەلگەن  بىرنېمىلەرنى دېگۈچە كەينىگە ئۆرۈلۈپلا مېڭىپتۇ. ئەمما كەينىدىن بىرسىنىڭ شىپ-شىپ قىلىپ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، تاغام ئىتتىك ماڭسا ئۇ ئاۋازمۇ ئىتتىكلەپتۇ، تاغام ئاستىلىسا ئۇ ئاۋازمۇ ئەگىشىپ ئاستىلاپتۇ، تاغام كەينىگە قاراشقا پەقەتلا پېتىنالماپتۇ، ئەمما شۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدە بارلىقىنى ئېنىقلا جەزىملەشتۈرۈپتۇ. زادى كىمدۇر؟ تاغام شۇنداق ئويلاپ تۆت كوچىنىڭ چىرىقى ئاستىغا كەلگەندە كەينىگە ئىتتىك قاراپتۇ، ئەمما ھېچكىم ي وق. يەنە مېڭىپ تار كوچىغا كىرىشىگىلا ھېلىقى ئاۋاز يەنە پەيدا بوپتۇ، شۇنداقلا يورۇق يەرگە چىقسا ھېلىقى ئاۋازمۇ يوقاپتۇ، قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ ماڭسىلا ھېلىقى ئاۋاز كەينىدە يەنە پەيدا بوپتۇ.

    تاغام قورققىنىدىن ساراڭ بولايلا دەپ قاپتۇ. كەينىگە قارىسا ھېچكىم يوق. ئالدىغا قارىسىلا شىپ-شىپ قىلغان ئاۋاز كەينىدىن، قۇلاق تۈۋىدىلا پەيدا بوپتۇ. تاغام پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، يۈز مېتىرغا يۈگرەپ ئاخىرقى نۇقتىدا كۈچىگەندەك ئۆيگە يۈگرەپ كەپتۇ، ھەم ھەممە يەرنىڭ چىرىقىنى يورىتىپ، ئۆزى پۇت-قولىدا جان يوق يەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىن، تاغامنىڭ بۇ ئىشىنى ئاڭلىغان بەزى قېرىلار، تاغامنى ھېلىقى كىشىنىڭ روھىغا ئۇچراپتۇ، ئۇ كىشى تاغامنى ھاراق ئىچىشتىن توسۇپ، شۇنداق ئاگاھلاندۇرغان بولىشى مۇمكىن، دەپ، تاغامنى ھاراق ئىچمەسلىككە قايىل قىپتۇ. شۇنىڭدىن بېرى تاغاممۇ ھاراقنى ناھايىتى ئاز ئاغزىغا ئالىدىغان، ئالسىمۇ بەكلا ئاز ئىچىپ ئۆيگە بالدۇر قايتىدىغان بولغان.

    كېيىن، تاغامنىڭ ئۆيىدىكىلىرى تاغامنىڭ خىزمەت مۇناسىۋېتى بىلەن باشقا يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي تاغامنىڭ ماشىنا ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ، ھەممىمىز قايغۇرۇشتۇق. ئاڭلىشىمىزچە، تاغام شۇ كۈنى يېڭى خىزمەتچىلىرى بىلەن بىر سورۇندا ھاراقنى تازا ئىچىپ، ئۆيگە قايتىۋاتقىنىدا ھاراق بېسىپ ماڭغان بىر يۈك ماشىنىسى تەرىپىدىن دەسسىۋېتىلگەنمىش.

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران _