جەننەتتىن كەلگەن ماشىنا

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 11:16:08

جەننەتتىن كەلگەن ماشىناھەر قېتىم كىچىك تاغامنىڭ مۇشۇ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۆزلۈكۈمدىن بىرخىل تىترەپ كېتىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئىككى ئالەملىك دۇنيا ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمايمەن. بۇ تاغ...

     



     جەننەتتىن كەلگەن ماشىنا

    ھەر قېتىم كىچىك تاغامنىڭ مۇشۇ كەچۈرمىشىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئۆزلۈكۈمدىن بىرخىل تىترەپ كېتىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئىككى ئالەملىك دۇنيا ئىكەنلىكىگە چىن پۈتمەي تۇرالمايمەن.
       بۇ تاغام دادامنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى. بىر ئالىقاپ ئىدى ئەينى ۋاقىتتا. قىلمىغان يامان  ئىشلىرى ئاز قالغان، چوڭ ئۆيدىكىلەرنىمۇ ئاز قاخشاتمىغانىدى. ئۇرۇشۇپلا خوشنا خولۇملارنىڭ بالىلىرى بىلەن. ئەمما، بەك ھەققانىيەتچى. 
    مەھەللىدىكىلەر ئىچىدە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە تونۇمايدىغانلىرى يوق ئىدى. ئاتا ئانىسىنى خاپا قىلغان بالىلار، مۇشۇنىڭ ئىككى ئۈچ پەشۋاسىدا يولىغا چۈشۈپ كېتەتتى. چوڭ ئاپام بەك ئەرتىۋالاپ بۇ كەنجىسىنى تولا كۆزىگە قاراپ بەك بەتخەج چوڭ بولدى بۇ تاغام. ئەمما، تاغامنىڭ بەك قولى ئوچۇق. ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتۇپ، غورىگۈلراق ئولتۇرغانلار بالىلارغا، چوڭلارغا تامىقىنى بېرىۋېتىپ چىقىپ كېتەتتى. ئالۇش ئايروپىلان دېسە، تونىمايدىغىنى يوق ئىدى. ئەسلى ئىسمى ئالىم، چوڭ ئاپام ئەركىلىتىپ ئالۇش ئالۇش، دەپ چاقىرىپ، بۇنىڭ ئىسمى ئالۇش بولۇپ كەتكەن، بىزمۇ ئالۇش ئاكا دەپلا چاقىراتتۇق، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەكلا. ئىشقىلىپ بۇ تاغام ئۇچۇپلا يۈرەتتى. ئۆيدىكىلەر زورلاپ تويىنى قىلىپ قويغان بولسىمۇ، يەنە شۇ كوچىدىكى ئويۇنلىرىنى تاشلىمىغانىدى. ئەمما، شۇ ئىشتىن كېيىن، بۇ باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدى، يەنى ھازىرقىدەك تەقۋا مۆمىنگە ئايلاندى. ئاللاھ ئىگەمنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلىقىغا بەندە قانداقمۇ چىن پۈتمىسۇن، دەيسىز؟!

       ھەر قېتىم بۇ ئىشنى يېقىنلىرىمغا دېگىنىمدە، ھەرخىل گەپلەرنى قىلغۇچىلارنى بولدى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ ئىشنى بۈگۈن مۇشۇ يەردە كۆپچىلىككە دېگۈم كەلدى.

    مەيلى باشقىلار نېمىلا دېسۇن، ساقام، دەپ باشلايدۇ بۇ كەچۈرمىشنى سۆزلىگىنىدە تاغام، ئاللاھ ئىگەمنىڭ قۇدرىتىنىڭ ئۇلۇغلۇقىدا، مەن راستلا بىر جەننەتتىن كەلگەن ماشىنىغا چىققان. ئۆزۈممۈ تەستە ئىشىنىدىغان، ھەتتا چۈشۈمدەك بىلىنىدىغان بۇ ئىشقا باشقىلارنى ئىشەن، دەپ نېمىمۇ قىلارمەن؟!
       ئۇ كۈنى بىز بىر نەچچە ئاغىنىلەر بىر ئاغىنىمىزنىڭكىدە كېچىچە ئويناپ، يېرىم كېچىدىن ئېشىپ كەتكەنىدى، ھەممىمىز ئىچىپ، خېلىلا تەڭشىلىپ قالغانىدۇق، ئادەتتىغۇ بۇنداق ئىچىشىپ ئولتۇرساق ئاغىنىلەرنىڭ ئۆيىدە، شۇ يەردىلا قونۇپ قالاتتۇق، ئەمما، ئۇ مەن توي قىلىپ، ئۇزۇن ۋاقىت بولمىغاچقا، كەچتە قايتمىسام، ھەدەڭدىن ئاپام ئاڭلاپ قالسا، يەنە ماڭا خاپا بولاتتى، شۇڭا، ئامال يوق شۇ كېچىدە شەھەرنىڭ ئا بېشىدىن بۇ بېشىغا كىرا ماشىنىسى توسۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم.

    -بۇ ۋاقىتتا، ماشىنا نېمە ئىش قىلىدۇ، ھەي ئالۇش، بولدى قونۇپ قالە،- دەپ چوڭ كوچىدا ئاغىنىلىرىم يەنە بىر قېتىم تۇتىۋېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئۇچۇپ كەلگەندەكلا بىر كىرا ماشىنىسى كەلدى، ھېلىقىدەك قىزىل شىيالى ماشىنا، بۇ ماشىنا يېنىمدا، شۇنداق يېنىك توختىدىكى، ئازراق ئاۋازمۇ چىقمىدى. مەن ئالدى ئىشىكنى ئاچتىمدە، شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا ئۆزۈمنى ئارانلا ئاتتىم، بېشىمنى بۇراپ، بالىلار بىلەن ئالا-تاغىل ۋارقىراپ خوشلىشىۋاتقىنىمدا، يېنىمدىكى شوپۇر ماڭا بىر خىل سوغۇق نەزەردە قاراپ كەتتى.
       مەن ھىجاراپ قارىدىم شوپۇرغا، خوشالدە مەن، مۇشۇ شوپۇرنىڭ بۇ كەچتە، بۇ شەھەر چېتىدە ئۇچرىغىنىغا. شوپۇر قارىماققا، كىشىگە بەك سوغۇق تەسىر بېرەتتى. يۈزى بىر خىل كۆكۈش كۆرۈنۈپ ئادەمگە. ھاراقنىڭ كۈچىدە شۇنداق كۆرۈنۈۋاتىدۇ ھەقاچان. يانچۇقۇمدىن تاماكىنى چىقىرىپ، شوپۇرغا تۇتتۇم، ئۇ قولۇمنى ئىتتىرىپ، رەت قىلدى، قولى نېمانچىۋالا سوغۇق بۇ كاساپەتنىڭ ھوي؟!  بەلكىم ھاراق مېنى بەك قىزدۇرۋەتكەن بولسا، شۇنداق تۇيۇلغان بولسا كېرەك. ماشىنىنىڭ رادىئوسىدىن، بىر غاژ-غۇژ ئاۋاز چىقىپلا تۇراتتى، بۇ ئاداشمۇ قىزىق، دەيمەن. ياخشىراق بىرەر نەرسىگە تەڭشىمەي بۇ نېمىسىنى، قۇلاقنى يېدىغۇ، بىر بېسىپلا ئۇ رادىئونىڭ ئۈنىنى ئۆچۈرۋەتتىم. شوپۇرنىڭ چىرايى شۇ زامان بىر قىسمىلا بولدى. ئادەتتە، كىرا ماشىنا شوپۇرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇ يولداشلار ئىدى. بۈگۈنكىدەك ۋاقىتتا، بىر ئۇيغۇر شوپۇرنىڭ ئۇچرىشى، مېنى سەل ھاياجانلاندۇرۋەتتىمۇ قانداق، ئۇنىڭ بىلەن ئازراق مۇڭداشقۇم كەلدى، يولمۇ خېلى بار ئۇنىڭ ئۈستىگە. ئەمدى ئاغزىمنى ئاچاي دەپ تۇرۇشۇمغا، ئۇ سوراپ قالدى،
       - نەگە بارىسىز؟
       - دوڭسەن رايونىغا، بىلەمسەن؟

    ئەر كىشىنى سىزلەش بىلەن خوشۇم يوق.
    ئۇ ئۈن چىقارمىدى. مۇنداق قارىسام، ماشىنا مېڭىۋاتاتتى، ئەمما، ئۇچىۋاتقاندەكلا شۇنچە يەڭگىل مېڭىۋاتاتتى. ئۆزەمنى تۇتۇۋالالماي شوپۇرنى ماختاپ كېتىپتىمەن.
       - دوستلار يىغىلىشىپسىلەردە؟ ئۇ ئاخىرى پاراڭدىن ئېغىز ئاچتى.
       - ھەئە، بىر نەچچە ئاغىنىلەر، مۇشۇنداق نەچچە كۈن كۆرۈشمىسەك چىداشمايمىز. كىچىكىمىزدە بىللە ئويناپ، بىللە چوڭ بولغان ساۋاقداشلارمۇ بار.
       -ئەمىسە ئايالىڭىزچۇ؟
       - ھە؟..-سەل مەڭدىدىم. بايا مېنى ئۇزىتىپ چىققانلار ئارىسىدا، بىر نەچچە ئاغىنىمىزنىڭ قىز تونۇشلىرىمۇ بار ئىدى، شۇڭا ماڭا بىر قىسما قاراپ كېتىپتىكەندە بۇ ئاداش؟!- بايامقى ئاۋۇ قىزلار دوستلىرىمنىڭ تونۇشىكەن، ھى ھى ھى... ئايالىم بىلەن ساۋاقداش ئەمەس، ئۆيدىكىلەر ئېلىپ بەردىغۇ، دادام ئەپ بەرگەن خوتۇن، دەپلا تۇتىۋاتىمەن جۇمۇ!- دېدىم بىرەر قۇر چۈشەنچە بېرىپ يېنىمدىكى بۇ ياشلا شوپۇرغا.
       - مەن ئايالىم بىلەن ساۋاقداش،- دېدى ئۇ، ئاندىن مەندىن يەنە ياندۇرۇپ سورىدى.
       - ھازىر قايتسىڭىز، ئايالىڭىز ھەقاچان ئۇخلىماي، سىزنى ساقلاپ ئولتۇرغاندۇ-ھە؟!
       - شۇ، شۇ، ئايالىم بىلەن توي قىلغان ياقى، كۈندە دېگۈدەك مۇشۇنداق، مەن بارغىچە توكنىمۇ ئۆچۈرمەي ساقلاپ ئولتۇرىدۇ. بۇ خوتۇن كىشى دېگەننىزە،- دېدىم ئايالىمنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تۇرغان ھالىتىنى ئويلاپ.
       - شوپۇر بالىنىڭ ئايالىمۇ مېنىڭ ئايالىمدەك ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كەچلىك كىرا تارتسىمۇ، ئايالى ئۇنى ساقلاپ ئولتۇرىدىكەن، بىر قىزى باركەن تېخى ئۈچ ياشقا كىرىپتۇ، بەك ئەقىللىقكەن. ئەمما تۇغما يۈرەك كېسىلى بولغاچقا، بالىنى داۋالىتىمىز دەپ كۆپ قەرزگە بوغۇلۇپتۇ، لېكىن بەك بەخىتلىك ھېس قىلىدىكەن ئۆزىنى،

    -بەخت دېگەن نېمە؟- دەپ سوراپ، ئۆزى جاۋاپ بەردى يەنە،- بەخت دېگەن ئائىلىنىڭ ئىللىق مېھرىكەن شۇ، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى كۈتۈشىمۇ چوڭ بەختكەن.
    ئايالىمنىڭ بالىلىق بولايلى! دېگىنىگە پىسەنت قىلمىغىنىمنى ئويلاپ، كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالدى، يەنە نەچچىلىك ۋاقىت مۇشۇنداق ئويناپ يۈرەرمەن؟ بالام بولسا، ئائىلىمىزمۇ ئائىلىگە ئوخشاپ قالار بولغۇيتتى-ھە؟!
       - ئۆتەر يولىمىزكەن، ئۆينى بىر يوقلىۋەتسەم، ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويارمەنمۇ؟-دەپ سورىدى شوپۇر.
       - ھېچقىسى يوق، يوقلاپ ئۆتكۈدەكلا بولسا يوقلا! ئاغىنە،- دېدىم.
    ئۇ ماشىنىنى توختاتتى، ماڭا بىر بىنانى كۆرسەتتى، ھەقىقەتەن، بىر ئۆينىڭ چىرىغى يورۇق تۇراتتى. كۆزلىرىم تېخىمۇ غۇۋالاشقاندەك بولدى، كۆزلىرىمنى يۇمۇپ، بېشىمنى ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قويدۇم.
       قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن تاڭ؟! بىر ۋاقىتتا ئۇ چىقتى. قولىدا بىر تاماق قاچىسىنى كۆتۈرۈپ.
       - قاراڭە، ئايالىم ماڭا تەييارلاپ قويۇپتۇ!
    تاماق قاچىسىغا قارىدىم. توۋا، كۆزۈم تورلاشتىمۇ، يا ھاراقنىڭ تەسىرىمۇ، بىلمىدىم، مەن ئۇ تاماق قاچىسىنىڭ ئىچىدىكى تاماقمۇ كۆزۈمگە كۆرۈنگەندەك قىلدى!
       بىر ۋاقىتتا، ئۆيۈمگە كەلدۇق، ئۇ شوپۇرنى ياقتۇرۇپ قالغانىدىم، بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە، ئائىلىسىگە، ئايالىغا سادىق ئەرلەر، دېنازاۋۇردىنمۇ بەك ئاز ئۇچرايدۇ!
       - ئىسمىڭ نېمە؟ ئەل-ئاغىنە بولۇپ ئۆتەيلى!- دېدىم قىزغىن ھالدا.
       - ئالىم، ئالىم ئالىپ، *** كىراماشىنا ئەترىتىدىن.
       ئۆيگە كىرىشىمگىلا، ئايالىم سۆزلەپ كەتتى.
       - ۋاي، نەدىن بۇنچىۋالا لاي يۇقتۇرۇپ كەلدىڭىز ئۆزىڭىزگە؟!
       خوتۇن خەقنىڭ گېپىنىڭ تولىلىغى!
       - ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كەلدىم مەن، نەدىن كەلگەن لايكەن ئۇ؟!- دېدىمدە، گۇپپىدە چۈشۈپ ئۇخلاپ كەتتىم.
       نەچچە كۈندىن كېيىن، يەنە بىر كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ قالدىم، ۋوي،  ئۇيغۇر شوپۇركەنغۇ؟! بەك گەپ خۇمارى ئۆزەم، شۇڭا، ئۇيغۇر شوپۇرلارنى كۆرسەملا گەپ قىلىپ باقىمەن.
       - ھەي ئاغىنە! سەن قايسى كىرا ئەترىتىدىن؟
       - *** ئەترىتى.
       - ھە؟! شۇنداقمۇ؟! ئالىم ئالىپ دەپ بىر شوپۇر بالىنى تونۇمسەن؟
       -شوپۇر بالا بېشىنى توقسان گىرادۇس بۇراپ ماڭا قارىدى، بۇ قارىشى خۇددى ساراڭ دەۋاتقاندەكلا زادى. ئاندىن ئۇ شوپۇر ئالدىرىماي:

    - تونۇيتتۇم، بىزنىڭ ئەترەتتە ئۇيغۇر شوپۇرلار بارمىقىڭىز بىلەن سانىۋالغۇدەكلا، شۇڭا بەك بىلىشىمىز ھەم ياخشى ئۆتىمىز، مانا ئالىمنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ. ئۇزۇن يولغا ماڭىمەن دەپ، كېچىدە تاغ يولىدىن چۈشۈپ كەتكەن.      ئۇ ئالىم ئالىپ توغۇرلۇق بەك كۆپ نەرسىلەرنى دېدى، ئالىمنىڭ دادىسىمۇ شوپۇركەنىدۇق. ئاتا كەسپىنى قىلىسەن دەپ، زورلاپ ئۆگىتىپتىكەن شوپۇرلۇقنى. دادىسىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاپ بەك ياخشى ئىشلىگەن، ھەر يىلى نەمۇنىچى بولاتتى، بىر قېتىممۇ ۋەقە سادىر قىلىپ باقمىغان. ئائىلىسىمۇ نەمۇنىلىك ئائىلە بولاتتى، ئايالى بەكمۇ ئوڭلۇق ئايال ئىدى. شۇ قىزى ئاغرىپ قېلىپ، ئىقتىسادتا قىينالمىغان بولسا، شۇ ئۇزۇن يول كىراسىنىمۇ كېچىسى ماڭىمەن دېمەيتتى. ھەي... نېمە دەيمىز، ئەلەكمۇلىللا، ئاللاغا ياراپتىكەن، ئېلىپ كەتتى-دە! ئەڭ ئاخىرىدا شوپۇر، مېنىڭ روھىي چىقىپ كەتكەندەك ئولتۇرغان ھالىتىمگە قاراپ،
       - ئالىم رەھمەتلىك بەك ئېسىل بالا ئىدى، ئۇ چوقۇم جەننىتى بولدى،- دېدى.
    قېتىپ قالدىم! توۋا؟! مەن راستلا شۇ ئالىمنىڭ جەننەتتىن كەلگەن ھېلىقى كىرا ماشىنىسىغا چىققاندىمەنمۇ؟!
        ئۇ كۈنلەردە كۆڭلۈم زادى بىر قىسمىلا بولۇپ يۈردۈم. بىرسىگە ئېيتقۇم بار، ئەمما، نېمىنى قانداق دېيىشنى بىلمەيتتىم، دوستلىرىمنىمۇ ئىزدىمىدىم، ئىزدەپ كەلگەنلەرگە يوق دەڭلار، دەپ ھېچيەرگە چىقمىدىم، ئايالىم ئەتراپىمدا پاي پېتەك بولۇپ يۈرەتتى، دۇنيادا ئاپامدىن قالسىلا مۇشۇ ئايالىم ماڭا ھەقىقىي كۆيۈنىدىكەن، دەپ ئويلاپمۇ قالدىم ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن سەكپارە بولغان ھالىتىگە قاراپ.
        ئايالىمغا قاراپ، تۇيۇقسىز ئالىم ئالىپنىڭ ئايالى ئېسىمگە كەلدى. يېنىمدىكى بارلىق يىغقانلىرىمنى ئېلىپ، ھېلىقى كۈنى كەلگەن بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ، بىر يەر سۈپۈرۋاتقان ئايالدىن سورىدىم، ياغلىق چىگىپ يەر سۈپۈرۋاتقىنىغا قاراپ چوڭ ئاپاشمىكىن دەپتىمەن، ئالدىنى قىلغاندا، قارىسام يېشى ئۇنچە چوڭ ئەمەس بىر چوكان ئىكەن.
        - ئالىمنىڭ، ياق، ئالىم ئالىپنىڭ ئۆيى مۇشۇ بىنادىمۇ؟
        - ئايالنىڭ كۆزلىرىگە لىققىدە ياش كەلدى، ئىتتىكلا ئۆزىنى ئوڭشاپ:
        - سىز...؟
        - مەن... مەن ئۇنىڭ بىر دوستى. بىر يىل بۇرۇن ئۇنىڭدىن قەرز ئالغانىدىم، شۇ پۇلنى.. دەپ قولۇمدىكى كونۋېرتنى سىقىمدىدىم.
    بىرسىگە پۇل بەرمەكمۇ ھەجەپ تەس ئىشكەن دەيمەن. گاچىلاپ گېپىم ھېچ قولاشمىدى.
       - ئالىم ئىككىمىز قەرز بولمىغان ئادەم قالمىغان تۇرسا، سىزگە قانداق ئۆتنە بېرىپ تۇرغان ئىدى؟!
    ئايال مەندىن سەل گۇمانلىنىپ، كۆزلىرىنى قاچۇردى، ياغلىقىنى ئالدىغىراق تارتىپ:

    - قەرز سۈيلەپ كەلدىم دېسىڭىز، ئىشىنىپ قالارمەن، بەلكىم.- دېدى.
    ئاپلا؟! ما ئىشنى! كاللامنى يالغان گەپ قىلىپ كۆندۈرۋەتكەچكىمىكىن، يالغان گەپنى راست گەپكە قارىغاندا ئىتتىك ئاغزىمغا يەتكۈزىدۇ.
        - ھە، مۇنداق ئىش. ئۆتكەن يىلى، ئالىمنىڭ پەسىللىك مۇكاپات پۇلى كاسسىردا قاپتىكەن. شۇ ۋاقىتا مەن كاسسردىن ئالىمغا مەن بېرىپ قويىمەن دەپ ئلىۋالغانىدىم، ئەنە مەنە دەپ بۈگۈن بىر ۋاقىت چىقىپتۇ، شۇنىڭغا...
        ئايال كۆزلىرىنى قولۇمدىكى كونۋېرتقا يۈگۈرتتى، كۆزلىرىدىن تارام تارام ياش ئېقىۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىغا كونۋېرتنى تۇتقۇزدۇمدە، ئالدى ئارقىمغا قارىماي چاپتىم، ئۇف... شۇنىڭ ياقى كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى.

    بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قالاي، دەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئايالىم سىرتقا بىر ئىش بىلەن چىقىپ كېتىپ، يوق! سىرتتا يامغۇر دېگەننى چېلەكلەپ قۇيۇۋەتتى، ئايالىمنىڭ بويىدا قالغانىدى، شۇڭا ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ يۈرەتتىم. تېلىفون قىلاي دېسەم، يانفوننىڭ بالىغا زىيىنى باركەن، دەپ ئىشلەتمىگىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولغانىدى. ‹‹بىزنىڭ بۇ ياقلارغا ئۆتىدىغان ماشىنىنىڭ ئازلىقىدا بۇ يامغۇردا، قاراڭغۇدا نەدە تەمتىرەپ يۈرگەندۇر؟›› دەپ يۈگرەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىشىمغا، يىراقتىن بىر كىرا ماشىنىسى ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى، ئالدىراپ ئايالىمنى ماشىنىدىن چۈشۈردۈم، شوپۇرمۇ قولىدىكى نەرسىلەرنى ماڭا سۇندى. ئايالىمنىڭ ئەھۋالىنى سورايمەن دەپ، شوپۇرغا ئاغزىمنىڭ ئۇچىدىلا رەھمەت دېدىم. بۇ چاغدا مەن ئۆز قۇلۇقۇم بىلەن تولىمۇ تونۇش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

    - ھېچقىسى يوق، بىز دېگەن ئاغىنە ئەمەسمۇ!
        مەن بار كۈچۈم بىلەن ئويلىدىم.  بۇ ئاۋاز... ھە؟! ئالىمنىڭ! ئالىمنىڭ ئاۋازىغۇ؟!
    تاس قالدىم يىقىلىپ چۈشكىلى، بەدىنىمدىن سوغۇق بىر تەر چىقىپ توختاپ، ئۆزۈمنى ئوڭشىغۇچە ئالىمنىڭ ئۇ ماشىنىسى شامالدەكلا غايىپ بولدى.
        تۇيۇقسىزلا ئايالىمنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدىم. ھەقىقىي بەخت بەلكىم مۇشۇنداق، سىز كۈتكەن ئادەمنىڭ ساق سالامەت كېلىشىدىن باشقا بىرنەرسە بولمىسا كېرەك!

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران. جەننەت _