ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(ساجىدە سۇلايمان)-توققۇزىنچى بۆلىكى

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-24 09:02:52

ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)ساجىدە سۇلايمانـــ ئوماقلىقىڭىزنى تەسەۋۇر قىلغان بولساممۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە جەلپكار ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلماپتىكەنمەن، ـــ دېدى ئۇ. فىرقەت مىكرافوندا گەپ قىلدى، ...



    ئېنتېرنېت باغلىغان رىشتە(پوۋىست)

    ساجىدە سۇلايمان

     

     

    ـــ ئوماقلىقىڭىزنى تەسەۋۇر قىلغان بولساممۇ بۇنچىلىك دەرىجىدە جەلپكار ئىكەنلىكىڭىزنى ئويلماپتىكەنمەن، ـــ دېدى ئۇ. فىرقەت مىكرافوندا گەپ قىلدى، مەن تىڭشىغۇچ بىلەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، دېگەن گەپلىرىگە قارىتىپ خەت يازدىم. چۈنكى دادام ھوجرامنىڭ ئۇدۇلىدىكى كۇتۇپخانىسىدا ماتېرىيال كۆرۈۋاتاتتى. ـــ مەن سىز ئويلىغاندەك ئاق ئاتلىق شاھزادە ئەمەس، ئادىيغىنە دېھقان بالىسى، ـــ دېدى ئۇ يېقىشلىق ئاۋازى بىلەن.

    ـــ ئاق ئاتلىق شاھزادە بولماي دېھقان بالىسى بولغىنىڭىز كۆزنەكنى داۋاملىق ئېچىپ تۇرۇشۇمغا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، دەپ يازدىم. ئۇ ئۇچىسىغا كۈلرەڭ ئېگىز ياقىلىق مايكا كىيگەن بولۇپ بۇ مايكىسى ئۇنى تېخىمۇ مەردانە قىلىپ كۆرسەتكەنىدى.

    ـــ بولدى سىز خەت يازماي قاراپ ئولتۇرىڭە، خەت يازىمەن دەپ كونۇپكا تاختىسىغا ئېڭىشىۋالسىڭىز يۈزىڭىزنى كۆرەلمەيدىكەنمەن. ـــ دېدى، ئۇ. مەن كۈلۈپ كېتىپ ماقۇل بولدۇم. بىز ئۇزۇنغىچە قارىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ توختىماي قىزىق گەپلەرنى قىلىپ، مېنى كۈلدۈرەتتى. ـــ ئاۋازىڭىز قايسى بۇلبۇلنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ. مەن ئىشىككە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:

    چىمەن باغدىكى قۇشقاچنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدۇ ، ـــ دېدىم ئاۋازىمنى تۆۋەن چىقىرىپ.

    ـــ ئاۋازىڭىز ئۆزىڭىزدىنمۇ يېقىملىقكەن، ـــ دېدى ئۇ. مەن خېجىل بولۇپ يەرگە قارىۋالدىم. ئىشىكنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى سۆھبىتىمىزنى بۇزۇپ قويدى، ئىشىكنى چەككەن ئاپام ئىدى.

    ـــ سائەت ئون بولدى قىزىم،  ئەمدى ئارام ئېلىڭ، ـــ دېدى ئاپام ئىشىكتە تۇرۇپلا.

    ـــ ۋوي، شۇنداقمۇ؟ ماقۇل، سىزمۇ ئارام ئېلىڭ، ياخشى چۈش كۆرۈڭ ئاپا ـــ دېدىم ئاپامنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى سۆيۈپ خوشلىشىپ. قايتىپ كېلىپ :

    ـــ ئاپام ئۇخلاڭ دەيدۇ، ئەتە پاراڭلىشايلى، خەيرلىك كەچ ـــ دېدىم.

    ـــ ئاللاھ ياخشى چۈشلەرنى نىسىپ قىلسۇن سىزگە، ئەتە ئۇزۇنراق ئۇخلىۋېلىڭ، بۈگۈن قار تېيىلىپ ھېرىپ كەتتىڭىز. مەن ئەتە ئەتىگەندە دوخۇرخانىغا ئانامغا دورا ئالغىلى بارىمەن، ئاندىن كۆرۈشەيلى.

    ـــ ھە ئانىڭىز....

    ـــ شۇنداق ئانامنىڭ سالامەتلىكى دېگەندەك ياخشى ئەمەس، دورا بىلەن ئۆرە تۇرۇۋاتىدۇ شۇ. بۇ ئىشلارنى كېيىنچە دەپ بېرىمەن.

    ـــ ماقۇل، خوش ئەمىسە.

    ـــ خوش.

    كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ يۇيۇنمايلا كارۋىتىمغا ئاران ئۈلگۈردۈم. گەرچە فىرقەت ماڭا تەلەپ قويۇپ ياكى مەن ماقۇللۇق بىلدۈرمىگەن بولساممۇ، كۆزلىرىمىز، ھىسسىياتىمىز ئاللىبۇرۇن بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىپ، بىر بىرىمىزنى بىردم كۆرمىسەك چىدىيالماسلىق دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن ئىدۇق. مەن ئويلىغانچە ئۇنىڭغا بەكلا ئىچىكىپ كېتىۋاتقانلىقىمنى سەزمەكتە ئىدىم. كۈنلىرىمىز شۇ تەرىقىدە كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتاتتى، مەن ئەتە مەكتەپكە چىقىمەن دېگەن كۈنى كەچتە:

    ـــ ئەتىدىن باشلاپ مەكتەپكە چىقىپ كەتسەم، ھەپتىدە بىر كېلىمەن، مەكتەپتىكى ئېلېكترونلۇق كۇتۇپخانىنىمۇ ھەپتىدە ئىككى كۈن كەچتە ئاچىدۇ، كۈندۈزى مەن ئوقۇشتا بولۇمەن، ـــ دېدىم.

    ـــ مەنىسىز كۈنلىرىم باشلىنىپتۇ ئەمىسە، بىر ھەپتىنى قانداق كەلتۈرەرمەن؟ ئۆتكەندە نومۇرۇمنى دەپ بەرگەن ئىدىم بەلكىم ساقلىۋالمىدىڭىز، قايتىدىن دەپ بېرەي، پات- پات ئالاقىىشىپ تۇرايلى، بۇ تېلفون نومۇرۇم:

    138............

    ماقۇل، ساقلىۋالدىم، بۇ مېنىڭكى:

    139...........

    بىز بىر بىرىمىزگە قىيالمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. ئەتىسى مەكتەپكە چىقىپلا يىراقتىن كەلگەن دوستلار بىلەن بولۇپ كەتتىم، چۈشتىن بۇرۇن ياتاقلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالدىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا فىرقەتتىن تېلېفون كەلدى.

    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.

    ــــ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، يېڭى مەۋسۈمگە كىرىۋالدىڭىزمۇ؟

    ــــ رەھمەت كىرىۋالدىم.

    ــــ دوستلىرىڭىز سالامەت تۇرۇپتىدۇ؟

    ــــ رەھمەت، سالامەت تۇرۇپتۇ، سىزمۇ سالامەت تۇرغانسىز؟ ئانىڭىز ياخشى بولۇپ قالدىمۇ؟

    ــــ ياخشى بولۇپ قالدى، يىگىتىڭىزمۇ ياخشى تۇرۇپتىمۇ؟ ـــ دېدى ئۇ. يۈرىكىم ئېغىپ كەتتى، دەماللىققا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم.

    ـــ ياخشى ئۆتىدىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرىڭىزنى دەيمەن، ھېچ ئۇلار توغرىلىق گەپ قىلمىدىڭىز. مېنى قانداق بىلىۋالدىكىن دەپ قالدىڭىزھە؟ مەن دېگەن كاتتا پەرەزچى جۇمۇ %99 توغرا چىقىدۇ.

    ـــ شۇنداقمۇ؟ ئەمىسە بۇندىن كېيىن سىزنى ئالدايدىغان ئۇنداق پەرەزلىرىڭىزگە ئىشەنمەيلا قويۇڭ، ـــ دېدىم. ئاۋازىممۇ تىترەپ چىقىپ كەتتى.

    ـــ رەھمەت سۈيۈملۈك زۈبەيدە. خوش دەرستىن چۈشۈپ تېلېفون قىلىڭ، تېلېفونىڭىزنى كۈتىمەن. دەپلا تېلېفوننى ئۈزدى ئۇ. مەن تېلېفونغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ قالدىم. «زۈبەيدە، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ ئۇ دېگەن سەندىن نەچچە مىڭ كلومېتىر يىراقتىكى ئادەم. باش قوشۇشۇڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس! ئۆزۈڭنى بىلىپ دەرھال كەينىڭگە قايت!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىۋاتاتتى تۇيغۇم. ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە نەچچە ئايلا قالغانلىقى ئۈچۈن يېڭى مەۋسۇم باشلىنىپلا پراكتىكىغا چۈشۈپ كەتتۇق.  ئۇ داۋاملىق تېلېفون قىلىپ تۇراتتى، ئالدىراش بولغان ۋاقىتلىرىدا ئۇچۇر قىلاتتى. مەنمۇ شۇ. ئادەتتە كۈندۈزلىرى مەن تورغا چىقالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇ ھەر كۈنى چىقىپلا ئالدى بىلەن ماڭا سۆز قالدۇراتتى، مەن قاچاندا تورغا چىقسام ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىنى ئوقۇپ ئادەتلىنىپ قالغان ئىدىم، بۈگۈنمۇ ئۆيگە كېلىپلا ئۇنىڭ قالدۇرغان خېتىنى ئوقۇدۇم.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.