نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (2) (پوۋسىت)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 13:32:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (2) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا ئېيتىلغان بۇ سۆز بىلەن شاھنىشىن لەرزىگە كەلگەندەك گۈرۈلدىدىدە، بىر پەسنىلا يەنە تىنىچلاندى. خان ئەمىرلەرگە قار...

    نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (2) (پوۋسىت)

     مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

          بىر ئېغىزدىن چىققاندەكلا ئېيتىلغان بۇ سۆز بىلەن شاھنىشىن لەرزىگە كەلگەندەك گۈرۈلدىدىدە، بىر پەسنىلا يەنە تىنىچلاندى. خان ئەمىرلەرگە قاراپ بېشىنى سۇسقىنە لىڭشىتتى. بۇنى كۆرۈپ ھەممەيلەن بىردىنلا ئۇپۇر-تۇپۇر بۇلۇشۇپ،ئىككى تەرەپكە ئايرىدى-دە، مەرتىۋىلىرى بۇيىچە ئۇرۇن ئالدى.
        -ھەر قايسىڭلارغا سىر ئەمەسكى، قەشقەر تەرەپكە باسقىن قىلغان قالماقلارنى ئەمدىلا چىكىندۈرسەك، ئەمدى كېرىيە تەرەپتە يەنە پەيدا بۇپتۇ، شۇڭا دەرھال ياغىنى ئۈستىگە لەشكەر ئىۋەرتىش زۈرۈر بۇلۇپ قالدى،- خان ھەربىر سۆزنى ئالدىرىماي، دانىمۇ-دانە چىقىرىپ سۆزلىدى، - شۇڭا مەن قايتا- قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق مىرزا باباقبەگنىڭ كېرىيە تەرەپكە لەشكەر تارتىشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
        بۇ گەپ بىلەن ئەمىرلەر بىر-بىرىگەقاراشتى. ئۇلار خاننىڭ بۇ ئىشقا نىمە سەۋەپتىن بۇنچە كۆڭۈل بۆلگىنىنىڭ تىگىگە يىتەلمىگەن ئىدى. ئالدىنقى مەرتىۋە قەشقەرگە ياغىنى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئابدۇللاخان بىر قارارغا كىلەلمەي ۋاقىت خېلى سۈرۈلۈپ كەتكەن بولغاچقا، تالاپەتمۇ خېلى بولغان ئىدى. بىراق بۇ قېتىم خاننىڭ تىزدىن بىر قارارغا كىلىشى بىلەن ھەر بىر ئەمىرنىڭ چىرايىدا بىردىنلا ئوخشاش بۇلمىغان ئىپادىلەر تىزلا ئەكىسنى تاپتى. لىكىن خان ئۇلارغا ئارتۇقچە چۈشەنچە بىرىشنى خالىمىغاندەك، تەخىتكە يېقىنراق جايدىكى شىرەدە قەغەز، قەلەم سىياھ تەييارلاپ يارلىق پۈتۈشكە تەييارلانغان باش مىرزا تەرەپكە بۇرۇلدى.
        -ئاللانىڭ ئەمرى بىلەن كېرىيە تەرەپ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتقان ئول رىياكارلارنىڭ جازاسىنى بەرگەرمىز، شۇڭا ئوردىدىن مىرزا باباقبەگ مىڭ كىشىلىك قۇشۇن بىلەن دەررۇ ئاتلانغاي، خۇتەننىڭ نايىپ ئەمىرى ئەبەيدۇللا سۇلتانمۇ ھەمدە بولغاي. كېرىيە ھاكىمبگى خۇدا بەردى بەگ ئۆزمە مەسئۇليىتىنى تۇلۇق ئادا قىلغاي بۇنىڭغا كىم بۇيۇنتاۋلىق قىلىپ. يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا، خانلىق تۈزۈم بلەن قاتتىق جازالانغاي!... ئابدوللاخان پەرمانى جاكارلاپ بۇلۇپلا باشقا ئەمىرلەرنىڭ مەلۇماتنامىسى بار-يوقلىقىنى سۈرۈشتۈرمەيلا، ئورنىدىن تۇرۇپ، ئاستا چامدىغىنچە خاس ئىشىكتىن چىقىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ، دىۋان بىگى بوش، ئەمما ۋەزمىن ئاھاڭدا جاكارلىدى. -قوبول تامام ، ئەمىرلەرنىڭ قايتىشقا ئىجازەت. كېرىيە تەرەپتىن جىددى مەلۇمات كەلگەنلىگىدىن ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى خەۋەر تېپىپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما خانىنىڭ بۇنداق تىز قارار چىقىرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، شۇڭا ئۇلار ھەيران بولغان بولسىمۇ، ئەمما خاننىڭ مۇددىئاسىنى چۈشەنمىگەچكە، بىر- بىرىگە ھەيرانلىقتا كۆزلىرىنى تىكىشىپ، شاھنىشىندىن ئاستا ئايرىلىشتى.

     4

    بىر ئايدىن بۇيان خان تۇلىمۇ بىئاراملىقتا ئۆتتى. پەرمانى ئالى بويىچە مىرزا باباقبەگ خىللاتقان مىڭ ئاتلىق لەشكەرنى باشلاپ، كېرىيە تەرەپكە يۈرۈپ كەتكىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ھېچ بىر ئوچور يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەر تەرەپتىن كىلىۋاتقان تۈرلۈك خەۋەرلەر ئۇنىڭ خاتىرجەمسىزلىكىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، ۋەسۋىسە دەرياسىدا ئۈزدۈرۈپ، غىزاسىنى تارتىپ، ئۇيقىسىنى كەملىۋەتكەن ئىدى. ئابدۇللاخان ئەتىگەندىن كەچكىچە مەيخورلۇق قىلاتتى بۇنداق ۋاقىتتا ھىندىقۇش مىرزىدىن باشقا ئەمىرلەر ئۇنىڭ يىنىغا بىرىشقا، مەلۇماتلارنى مەلۇم قىلىشقا پېتىنالمايتتى. ئابدۇللاخان مەي ئىچكەچ نىمىدىندۇر خاپا بۇلاتتى. قايسىدۇر بىر ئىشقا چېچىلاتتى. شۇڭىمۇ موڭلۇق مۇقام كۈيلىرىمۇ، كۆڭۈلنى ۋەسۋىسىگە سالىدىغان شوخ ناخشىلارمۇ، ئادەمنى تېلىقتۇرۇپ ئۆلتۈرۇپ قۇيۇشقا تاسلا قالىدىغان قىزىق لاپ، لەتىپىلەرمۇ ئۇنىڭ مەيلىنى تارتالمايىتتى. شۇڭا بەزىدە خىيال سۈرۈپ قوياشنىڭ ئاللىقاچان ئۆلتۈرۈپ كەتكىنىنى، راۋاققا شاھانە شاملارنىڭ يېقىلىپ، ئەتراپنىڭ باشقىچە تۈسكە كىرگەنلىكىنى تۇيماي قالاتتى. بۈگۈنمۇ شاھنىشىنغا چىقىشنى نىيەت قىلدىيۇ، ئەمما گاراڭشىغان بىشىنىڭ لوقىلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سىزىپ، ئودۇل «لالىزار راۋاق » قا يول ئالدى، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغداپ مېڭىۋاتقان نۆكەرلەر ئەتراپقا سەزگۈرلۈك بىلەن قاراپ ماڭماقتا ئىدى. شۇ تاپتا يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى مىۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان بۇلۇپ، يېشىل يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن ئۇياتچان قىزلاردەك مارىلايتتى. ئەمما خاننىڭ بۇنىڭغا قاراپ زوقلانغۇدەك ھەپسىلى يوق ئىدى. ئۇ ئېغىر غەمغۇسىگە مۇپتىلا بولغان كىشىلەردەك، ئاستا چامدىغىنىچە راۋاقنىڭ ئالدىغا كەلدى- دە، ئەتراپقا خوشياقمىغاندەك قاراپ قۇيۇپ شاھ شۇپۇسىغا چىقتى شۇڭغىچىلىك بىكاۋۇل بەگ ئۇنىڭ يېنىدا ھازىر بولدى.
        -مەي كەلتۈرۈڭ-دىدى خان ئۇنىڭ تەئەززۇ بىلەن ئىگىلىپ سالام بىجا كەلتۈرۋاتقانلىقىنى كۆرمىگەندەك پەس ئاۋازدا.
        -لەۋەي، ھازىرلا ئەنھەرزىتىم.
       بىكاۋۇل بەگ بىردەمدىلا خاننىڭ ئالدىغا داستىرخان سېلىپ، دۈملەپ پىشۇرۇلغان قۇزا گوشى، كەپتەر كاۋىپى، باچكا شۇرپىسى، قوينىڭ قۇۋىرغىسىدىن پىشۇرۇلغان زىخ كاۋىپىنى بىردەمدىلا بىر- بىرلەپ قويدى. خان ئۇنىڭ تەكلىپ قىلىشىنى كۈتمەستىن زىرە، قارا مۇچ، ئاقمۇچ سېسىپ پىشۇرۇلغان كاۋاپتىن ئىككى-ئۈچ زىخنى زوروغا يىگەندىن كىيىن دورا دەرمەكلىرى ئوبدان تەڭشەلگەن سۇۋۇپ تىۋىغا كەلگەن چايدىن ئىككى ئوتلام ئېچىپ قويغاندىن كىيىن، سەل كەينىگە سۈرۈلۈپ، پەر ياستۇققا يۆلەندى. خاننىڭ يېقىندىن بۇيان كەم ئىشتىھا بۇلۇپ قىلىۋاتقانلىقنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەي كىلىۋاتقان بىكاۋۇل بەگ بۇنى كۆرۈپ، سەل تەئەجۈپلەندى- دە، خىيالىدىن لاپ قىلىپ كەچكەن بىر ئۆي بىلەن سورىدى. 
       - غىزاغا مەيللىرى بولمىسا، سۇيۇق-سەلەڭ قىلىپ، ئاچچىق - چۈچۈك ئاش كەلتۈرەيمۇ؟
        -ھاجەتسىز، -ئابدۇللا خان قوللىرىنى بوشلا شىلتىدى-دە، ھازىرنىڭ ئۆزىدە كۆڭلۈم ھېچنىمىنى تارتمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئەنە ئاۋۇنىڭدىن قويسىلا. بىكاۋۇل بەگ ئالدىراپ ئالدىدىكى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى قىپ-قىزىل شەلپەرىنى ئالدىراپ يەشتى-دە، ئاللىقاچان چايقاپ تەييارلاپ قۇيۇلغان قاشتېشى جامغا قاپاقتىن سۇ تۆككەندەك بولدۇقلىتىپ مەي قويغاندىن كىيىن، قوشقوللاپ ئابدۇللاخانغا سۇندى. خانمۇ جامنى قۇلىغا ئېلىپ، سۈزۈك، پۇقراقلىق سۇيۇقلىققا بىر نەچچە دەقىقە قاراپ قويغاندىن كىيىن، لىۋىگە تەككۈزدى-دە، بىپايان سۇسىز چۆلدە چاڭقاپ، جېنى ھەلقۇمغا كىلىپ قالغان كارۋان سۇغا ئىرىشكەندە، ھەممىنى ئونتىغاندەك جامدىكى شاراپنى بىرلا كۆتۈرۈپ تۈگەتتى.
       - ھە، يەنە بىرنى...
        ئارقا -ئارقىدىن ئىچىلگەن ئۈچ جام مەي نا ھايىتى تىزلا ئۈنۇمىنى كۆرسەتتى. خاننىڭ ئاخشامقى كەيپىلىكتە گاراڭلاشقان بىشى بىردىنلا ئەسلىگە كەلگىنىدەك، پۇت قوللىرىغا ماغدۇر كىرگەندەك بۇلدى، ئۇپىشانىسىدە بىردىلا پەيدا بولغان تەر تامچىلىرىنى ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى يىپەك ياغلىقتا ئىيتىۋەتكەندىن كىيىن، بۇخادىن چىققاندەك بۇلۇپ قالدى-دە، مامۇت ياستۇققا يۆلەندى. شۇ ئەسنادا رەققاسلاردەك كىيىنگەن ئىككى كىنىزەك خاننىڭ ئىككى تەرىپىدە پەيدا بۇلۇپ، غۇلاچتىن ئۇزۇنراق سېپى بارتوز قانىتى يەلپۈگۈچ بىلەن ئاستا يەلپۈشكە باشلىدى. شۇئان ئابدۇللاخاننىڭ ئەتراپىدىكى مەلۇم دائىرىدە جانغا ھۇزۇر بەرگۈچى ئىللىق شامال پەيدا بولدى. خان يەنە بىر ئاپقۇر مەي ئىچمەكچى بولغاندەك بىكاۋۇل بەكگە قارىدى، شۇ ئەسنادا باغنىڭ يان تەرىپىدىكى يولدىن پايپاسلىغان پېتى كەلگەن ھۈدەيچى بەگ راۋاقنىڭ ئالدىدا توختاپ خانغا ئۆزىنىڭ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قۇرۇق ھۈتۈلۈپ قويدى. -ئەمىرلەرنىڭ ھەممىسى شاھنىشىنغا يىغىلىپ بولدى ئادەلەتپاناھىم بۈگۈن قوبولغا چىقامدىلىكىن؟ ئابدۇللاخان كۆزلىرىنى ئالدىدا قول باغلاپ تۇرىۋاتقان ھۈدەيچى بەگكە تىكىپ، بىرپەس قاراپ قويغاندىن كىيىن جاۋاپ بەردى.
        -ئەمىرلەر قايتىسۇن. مىنى ئارامىمدا قۇيۇڭلار.
        -خوش... ھۈدەيچى بەگ كەتكەندىن كىيىن، شاھ بىردە ئالدىدىكى نازۇ-نىمەتلەرگە، بىردە «خان قاچانمۇ مىنى مەي ئىچئىشكە تەكلىپ قىلار»دىگەندەك تەمەدە ئولتۇرغان بىكاۋۇل بەگگە قاراپ قويغاندىن كىيىن، كۆزلىرىنى يېرىم يۇمدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ ھېچنىمىنى ئويلىغىسى كەلمىدى، ئەمما يەنىلا كېرىيە تەرەپتىن بىرەر خەۋەر كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك كۆڭلى بىئارام بولدى. نىمىشقىدىن يېقىندىن بۇيان ئولتۇرسا قوپسا، خىيال كەپتەرلىرى كېرىيە تەرەپكە پەرۋاز قىلاتتى. دىمىسىمۇ ئۇ خانلىق تەختىكە بەر قارار بولغاندىن كىيىن قالماقلار خۇتەنگە بىر مەرتەم، كېرىيەگە بىر مەرتەم باسقىن قىلىپ كەلگەن بۇلسىمۇ، ئەمما ناھايىتى تىزلا تارمار بۇلۇپ قۇيرۇغىنى خادا قىلغان ئىدى.
        بۇ ئىش نەچچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇ چاغدا كېرىيەنىڭ ھاكىمبەگلىكىنى مەھەممەت لىتىپ بەگ ئۈتەيتتى. ئەنە شۇ چاغدىمۇ ئۇ ئەمىرلىرى بىلەن ھەمسۆھبەت قۇرۇپ ئولتۇرغان بۇلۇپ، خاننىڭ كەيپى چاغ ئىدى. ئۇ مەھەممەت لىتىپنىڭ مەلۇماتىنى كۆرۈپ، نىمىشقىدۇر جىددىلەشتى-دە، خۇتەن قەغىزىگە تۈجۈپلەپ يېزىلغان، نەچچە قۇر خەتكە قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن بىردىنلا ئورنىدىن تۇردى.
        -تىز، ئات تەييارلاڭلار، ھازىرلا ئاتلىنايلى... ئەمىرلەر خاننىڭ بۇنچە تىز بىر قارارغا كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بىردىنلا جىددىيلەشتى.
        -دۆلەتپاناھ ئالىلىرى، ئۆزلىرىنى يىۋالسىلا، ئۇلۇغ بۇۋىلىرىدىن باشلاپ سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خاندالىقى زىمىنىغا ياۋ نەچچە مەرتەم لەشكەر تارتاتتى. ئاۋال ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ مەرھەمىتى، ئاندىن ئاۋامنىڭ مەدىتى ۋە سالغۇن، لەشكەرلىرىمىزنىڭ بىر ياقىدىن باش، بىر يەڭدىن قول چىقىرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ شىرىن خىيالىنى بەربات قىلىپ ئۇلار ئىگەللىۋالغان زىمىنلارنى يەنە ئۆز تىرىتورىيىمىزگە ئالغانمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى قانداق ھۈكۈمدارنىڭ زىمىنىدا بولسىمۇن پات-پات باشباشتاقلىق، رەئىيەتنىڭ قوزغىلىشى بۇلۇپ تۇرىدۇ. بۇ نۇرمال ئىش. بوىسىمۇ باش مەسلەھەت ئىشقىلغىنىمىز دۇرۇس.
        -ئارى، بار مەسلىھەت بىلەن قىلىنغان ئىش تۇلىمۇ خەيرىلىكتۇر ئەنھەزرىتىم... -بىزدە «يەتتە ئۆلچەپ، بىر كەس» دەيدىغان گەپ بار، دۆلەتپاناھىم... -ئاچچىقلىرىنى بېسىۋالسىلا... -ئۆزلىرىنى ئاسرىسىلا، بەك جىددىلىشىش تەنىلىرىگە زەخىم يەتكۈزىدۇ...
        ئەمىرلەرنىڭ تۇشمۇ-تۇشتىن دىگەن سۆزلىرى بىلەن ئابدۇللاخان ئۆزىنى سەل تۇتۇۋالغان بۇلسىمۇ، ئەمما مۇھەممەت لىتىپ بەگنىڭ مەلۇماتنامىدىكى ۋەھىملىك قۇرلار يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىر بۇلۇپ تۇرغاچقا، نىمىشقىدۇر چىۋىن يۇتىۋالغان ئادەمدەك بىر خىل ھېسىيات ئىچىدە تۇرۇپ قالدى.
       -خوش، ئۇنداقتا ھەر قايسىلىرنىڭ قانداق دانا مەسلىھەتى باركىن ؟، -خان باياتىن ئۆزى ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۆرە-تۆرە بۇلۇشۇپ، ئۆزىگە سۇڭدىشىپلا ئورنىدىن تۇرغان، مانا ئەمدىلىكتە قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قۇل باغلاپ تۇرغان، ئەمىرلەرگە قاراپ ئالدىراپ سورىدى. بۇ گەپ بىلەن ھەممەيلەننىڭ بىردىنلا دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. راستىنى ئېيتىقاندا، ئۇلارمۇ خاننڭ يۇلىنى تۇسىغان بىلەن قانداق قىلىشنى ئويلاپ كۆرمىگەن ئىدى. شۇڭا تۇلۇمدىن تۇخماق چىققاندەكلا سۇرالغان سۇئال بىلەن ئەقلىنى تېپىشقاندەك بىر-بىرىگە قاراشتى.
        -مىنىڭچە ياۋنى چىكىندۈرمەك كېرەك، - خېلى ئۇزۇن جىملىقتىن كىيىن مىرزا باباقبەگ تۇساتتىنلا ئېغىز ئاچتى، - ئۇلار سەلتەنىتىمىزگە قارشى تىغ تارتقان ئىكەن، ئەلبەتتە بىز نىڭمۇ قول قۇلۇشتۇرۇپ تۇرىشىمز جايىز ئەمەس.
        -ئارى، شۇنداق قىلماي بۇلمايدۇ. ئەل-رەئىيەتنىڭ ئۇ دۈشمەنلىرىنى چۇقۇم يەر بىلەن يەكسان قىلىش كېرەك.
        -ئۇرۇق-ئەۋلاتلىرىدىن تارتىپ قىرىش كېرەك، ئۇ مۆتىھەم دەمرىلەرنىڭ... كىيىن زىمىنىمىزغا كۆز تىكمەس، نامىنى ئاڭلىسىمۇ، غال-غال تىترەيدىغان قىلىۋېتىش كېرەك...
        -بەلەن گەپ. بىزدە « پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگە» دەيدىغان گەپ بار. ئۇلار خۇدىنى بىلمەي، ئاسمانغا پىچاق ئاتسا، بىز قاراپ تۇرساق بۇلمايدۇ... ئەمىرلەرنىڭ قارا قۇچقاچ بالىلىرىدەك بىردىنلا بىرىنىڭ كەينىدىن بىرىنىڭ سۆز ئېلىشى بىلەن ئابدۇللاخان بىر نىمىنى ھېس قىلغاندەك، ئۇلار ئۇزايىغا سىنجىلاپ قارىدى. بۇنى كۆرۈپ، ھەممەيلەن بىردىنلا « قايناۋاتقان قازانغا سۇغۇق سۇ قۇيغاندەك جىمىپ قېلىشتى.
       -ئەلبەتتە ياۋ ئۈستىدىن لەشكەر تارتىش كېرەك، - دىدى خان ئۆزىگە سۆلىۋاتقاندەك پەس ئاۋازدا سۆزلەپ، - ئەمما بۇ قېتىملىق لەشكەر تارتىشنى ئۆزەم ئۈستۈمگە ئالمىسام بۇلمايدۇ.
       -زىنھار ئۇنداق قىلمىغايلا ئالىلىرى، - دىدى پىشانىسىدە كۆزگە روشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان تارتۇقى بار ئەمىر ئالدىراپ، -سىلى دىگەن سەلتەنەتلىك سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ پاسبانى، كېرىيىدەك كىچىككىنە يۇرۇتتا پەيدا بولغان مالىمانچىلىققا ئۆزلىرىنىڭ لەشكەر تارتىشلىرى بائىس ئەمەستۇر، قېنى پەرمان بەرگەيلا. بۇ ئىشقا بىز ئەمىرلەر باش بولغايمىز.
       -بەرھەق، ئەمىر توغرا ئېيىتتى، ئالىلىرى غەزەپ قىلمىغايلا، ئۇل مەلئئونلارغا بىز قارشى لەشكەر تارتقايمىز.
       -توغرا گەپ، شۇنداق قىلىلى.
        ئابدۇللاخان نىمىشقىدۇر ئارىسالدى بۇلۇپ قالدى-دە، بىر ئىشنى ئويلاۋاتقاندەك، شاھ سۇپا ئۈستىدە بىر ئىككىنى چۆرگىلىۋەتكەندىن كىيىن بىردىنلا توختاپ، ئەمىرلەر ئارىسىدىن بىر كىمنى ئىزدەۋاققاندەك ھەممەيلەنگە چاقماق تىزلىكىدە بىر قۇر قاراپ چىققاندىن كىيىن، يەنە ئىككىلەنگەندەك تۇرۇپ قالدى.
        - بۇ ئىشتىن ئارتۇقچە ئەندىشە قىلىپ، تۇلا ۋايىم يىمىگەيلا ئالىلىرى-، دىدى ئەمىرلەر ئىچىدىكى دۇغىلاققىنە كەتكەن. بەستىدىن كۈچ- قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغاندەك كۆرىدىغان مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان يۇقىرى ئاۋاز بىلەن بىردىنلا باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ، -سىلى سەلتەنىمىزنىڭ تۈۋرىكى، پاسىپاتى، تەخىتكە، ئەل-رەئىيەت ئىشلىرىغا ئۆزلىرى بەر قارار بۇلۇپ بەرمىسىلە بولمايدۇ.
        -دۇرۇس، ھەق گەپ بولدى. - شۇنداق قىلماي بولمايدۇ زادى... . . -ئۆزلىرى بىر كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىسىلا، مەيلى قايسىبىر ئەمىر لەشكەر تارتىساق، سەلتەنەتىمىزنىڭ ئۇ ئەغيارلىرىغا زىخ بۇلۇپ قادالغايمىز.
       -مەن باراي... ، - مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان بىردىنلا ئىككى قەدەم چامداپ، خاننىڭ كۆزىگە تىكىلدى، - ۋەزىپىنى ئۇرونيالمىسام خانلىق جاساق بۇيىچە بىر تەرەپ قىلغايلا...
        ئابدۇللا خان ئۆزى لەشكەر تارتسىمۇ قاملاشمايدىغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ پىكىرنىڭ ئەمىرلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى پەملەپ، بېشىنى لىڭشىتتى.
       -مەيلى، لەشكەرلەردىن كۆپرەك ئېلىۋېلىڭ.
       -بەك كۆپ لەشكەر ئېلىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، - دىدى مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان، - ماڭا پەقەت مىڭ لەشكەر بولسىلا كۇپايە ئۇنىڭدىن ئىزاپە بولسا، ئۇرۇق-تۈلۈك ئىشلىرىدىمۇ بەزى قىيىنچىلىقلار كۆرىلىدۇ.
       -ئەگەر بىرەر ئىش بۇلۇپ قالسچۇ ؟!... سورىدى بىر ئەمىر ئادىراپ. -بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىلا، ئەمىر جاناپلىرى، خۇتەننىڭ نائىپ ئەمىرى شاھ بەگ جاناپلىرى ھەمدەمدە بولسا، قىلچە چاتاق چىقمايدۇ، شۇڭا خان ئالىلىرى بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ۋايىم يەپ كەتمىگەي!...
       - مەيلى، شۇنداق بولسۇن ئەمىسە، ئەتە بامداتتىن كىيىنلا يولغا چىققايسىز، باش ئۈستىگە...، - مەھەممەت مۆمىن سۇلتان ئوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، سەل ئىگىلدى ئىجازەت بولسا، مەن قايتىپ تەييارلىق قىلسامدىكىن ؟
        -ئىجازەت، قايتىسىڭىز بۇلىدۇ.
       مەھەممەت مۆمىن سۇلتان يۇلىغا راۋان بۇلغاندىن كىيىن، ئابدۇللاخان ئۇنىڭ كەينىدىن قارىسى يۇقۇغىنىچە قاراپ تۇردى، ئاندىن ئەمىرلەرنىڭ ھېلىھەم قول باغلاپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دىدى.
       -ھەرقايسىلىرىغىمۇ ئىجازەت، ئولتۇرۇشسىلا.

        مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىتدىن كىيىن قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇ يار كەنىتتىن ئايرىلغاندىن كىيىن، ئۇدۇل خوتەنگە بىرىپ، خوتەننىڭ نايىپ ئەمىرى شاھ بەگنىڭ ھەمرالىقىدا كېرىيەگە قاراپ ئاتلىنىپتۇ. ئۇ يەردە مەھەممەت لىتىپ بەگ بىلەن كۆرۆشكەندىن كىيىن ئويتۇغراق، سوغراق، نىيىلەردىن ئۈتۈپ، چەرچەنگە بارغان بولسىمۇ قالماقلارنىڭ ئۆزى تۇرماق سايىسمۇ كۆرۈنمەپتۇ. ئەمما مەھەممەت لىتىپ بەگ «ئەسلى ئۇلار ئون نەچچە كۈن يېزا قىشاقلاردىكى بىگۇنا رەئىيەتنى قىرىپ، بۇلاڭ-تالاڭ بىلەن مەشغۇل بولغاندا، ئۇلا بىلەن مەنمۇ نەچچە مەرتەم ئېلىشقان. قارىسام ئۇلارنىڭ لەشكەر كۈچى خېلىلا كۈچلۈك بولغاچقا، ئالىمادىس ئىشلار يۇغۇناپ كەتمىگىيدى دەپ ئەنسىرەپ ئوردىغا خەۋەرقىلغان ئىدىم، ھازىر ئۇلارنىڭ يا ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى، يا يەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدىم» دەپ ھەسرەت چىكىپتۇ، دەرھەقىقەت مۇھەممەت مۆمىن سۇلتانمۇ يولدا كۈيۈپ كەتكەن ئۆيلەرنى، ئىگىسىز كۆمۈلمەي قالغان جەسەتلەردىن كۆرۈپتۇ، ياۋنىڭ مالمانچىلىق پەيدا قىلغىنى راسىت ئىكەن.
       بۇ ئىشلار ئەنە شۇنداق تىزلا ئاخىرلاشتى. بۇنىڭدىن ئابدۇللاخان تۇلىمۇ تەئەجۈپلەندى. ئۇلار شۇنچە ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلسۇنۇ، ئەمما يەنە ئۆزلىكىدىن غايىپ بولسۇن ؟ يەنە تېخى چوڭ قوشۇن بىلەن بىرەر مەرتەم ئېلىشمايلا،... ئۇ كۆپ ئۇيلانغان بولسىمۇ، بۇنىڭ تىگىگە يىتەلمىدى. ئەمما بۇ ئىشنىڭ بىرەر يىلغا قالمايلا سىرى يىشىلدى.
        قالماقلار خانلىق قۇشۇننىڭ قايتىقانلىدىدىن خەۋەر تاپتىمۇ ياكى ۋاقتى سائىتى كەلدى دەپ قارىدىمۇ، بۇ قېتىم خوتەنگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى، خۇتەننىڭ نايىپ ئەمىرى شاھ بەگنىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەنلىكىگە ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئابدۇللاخاننڭ ئىنىسى ئىبراھىم سۇلتان قول ئاستىدىكى مەھەممەت مەنسۇر بەگ، مىرزا شەباس جۇراسلار بىلەن سىپىلدىن سىرتقا چىقتى-دە، ياۋ لەشكەرلىرىگە بىر ئۇن يىتىم يىراقلىققا كىلىپ سەپ تۈزۈپ بولا-بولالمايلا، ياۋ سەراتان كۈنلەردىكى قىيانلىق تاشقىندەك يوپۇرۇلۇپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ لەشكەرلىرى بىردىنلا ئارلىشىپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئىبراھىم سۇلتان چاپچىپ تۇرغان تۇلپارىنىڭ تىزگىنى قۇيئۇۋەتتى-دە، كۈچلۈك كۈن نۇرىدا بېسى لاۋىلداپ كۆزنى چاقنىتىدىغان شەمشىرىنى ئويناتقىنچە ئالدىغا ئوچرىغانلىكى ياۋنى قېرىشقا باشلىدى. ئۇرۇش ئالاھىزەل ئىككى چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىت داۋاملاشتى. ئەتراپنى قىلىچ- نەيزىلەرنىڭ بىر- بىرىگە ئۇرۇلغان چاغدىكى جاراڭ- جۇرۇڭلىرى، يارلانغانلارنىڭ ئاھۇ-زارى، ئۆلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىر ئالدى. شۇ ئەسنادا ياۋنىڭ سانغۇنى ئىتىنىڭ بېشىنى كەينىگە بۇراپ ماڭدى، بۇنى كۆرۈپ، بىرەر يۈزگە يېقىن لەشكەر ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
        -قىرىڭلار، - بار ئاۋازى بىلەن ۋاقىردى ئىبراھىم سۇلتان ئۇلارنىڭ قايتقانلىقىنى كۆرۈپ. لەشكەرلەر ئىبراھىم سۇلتاننىڭ بۇيرىقىنى ئاڭلاپ، ياۋنىڭ كەينىدىن قۇغلاشقا باشلىدى. ئىبراھىم سۇلتانمۇ شامالدەك تىز چاپىدىغان، ئادەمگە ئۇچۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان ئارغىماقنى كۈچ بىلەن تېقىمدىدى. ئۇلار شۇ يۈرىشىدە ياۋنى يۇرۇڭقاش دەرياسىغىچىلىك قىستاپ كەلدى. ئۇلاردىن 40-50 ئاتلىق دەريادىن ئامان- ئىسەن ئۈتۈپ. قارشى قىرغاققا چىققاندىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ئۆلگىنى ئۈلۈپ، ئۆلمىگەنلىرىنى نەرە تارتىپ ئېقىۋاتقان يورۇڭقاش دەرياسىنىڭ سۈيى يالماپ كەتتى. ئەمما ئىبراھىم سۇلتان نۈسرەت قۇچۇپ قايتىپ كىلىپ، لەشكەرلىرىنىڭ سانىنى ئېدىتلاۋاتقاندا،بىردىنلا قايغۇغا چۆكتى. چۈنكى ئۇنىڭ ۋەزىرى مۇھەممەت مەنسۇر بەگ بىلەن لەشكەرى ئىشلار سانغۇنى مىرزا شەھباز جۇراسلار ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئىدى. بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە، ئابدۇللاخان ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن يېڭىسار تەرەپكە راۋان بولغاچقا، خۇتەندىكى بۇ جەڭدىن تۇلىمۇ كىچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ، ئىبراھىم سۇلتانمۇ جەڭدە كۆرسەتكەن باتۇرلىقىغا ئاپىرىن تەھنىسلەر ئوقۇغان ئىدى. ئابدۇللاخان ئېغىر ئۇھسىنىپ قويغاندىن كىيىن، كۆزلىرىنى لەپپىدە ئېچىپ، ئۆزىگە قاراپ ئولتۇرغان بىكاۋول بەگكە كۈزىنى شەرەتلىدى. بىكاۋۇل بەگ ئېغىزىغا يىغىلغان سېرىق سۇنى غورتتىدە يۇتىۋەتكەندىن كىيىن، جامغا بولدۇقلىتىپ مەي قويدى، خان دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك، جامنى قولىغا ئالدى، -دە، لىۋىگە تەككۈزۈپلا ھەممىنى سۇغۇق سۇ ئىچكەندەك غۇتۇلدىتىپ ئىچىۋەتكەندىن كىيىن، جامنى دوستۇرخانغا قۇيۇپ، گەۋدىسىنى يەنە ياستۇققا تىرىدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئەپيۇن ئارىلاشتۇرۇلغان مەي خېلىلا تەسىر قىلغان بۇلۇپ، قەلبىدىكى تەشۋىش، ئۈمىدسىزلىك، غەم-غۇسسلار ئاستا- ئاستا يۇقىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنداق بۇلسىمۇ، يەنىلا كۆزى ئوردا قوۋىقى تەرەپتە بۇلۇپ، كېرىيەدىن بىرەر خەۋەر كىلىپ قالىدىغاندەك تۇيغىدا ئىدى.
        - ھىندىقۇش مىرزا جاناپلىرى كەلدى... - تۇيۇقسىز ھۈدەيچى بەگنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئابدۇللاخان ئورنىدىن سەل قىمىرلاپ تاپسىدا قول باغلاپ تۇرغان ھىندىقۇش مىرزىنى كۆردى-دە ئورنىدىن تۇرمايلا، قۇلى بىلەن يان تەرىپىنى كۆرسەتتى.
        - قىنى جاناپلىرى، بۇ يەرگە مەرھەمەت...
       - بولدى. بە ھۇزۇر ئولتۇرسىلا. - ھىندىقۇش مىرزا تەئەرزو بىلەن ئىگىلدى.
        - بولدى چىقىۋەرسىلە... - ھىندىقۇش مىرزا ئەمدى يەنە تارقارىتىشنىڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، خاننىڭ يىنىغا كەلدى-دە يۈكۈنۈپ ئولتۇرغاندىن كىيىن، گەپنى قەيەردىن باشلاشنى بىلەلمەي قالدى.
        - شاھنىشىندىن قايتىشلىرىمۇ؟-سۇرىدى خان خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى بۇ ئىشەنچىلىك، سادىق ئەمىرىگە تىكىپ.
        - شۇنداق ئالىلىرى، شاھنىشىندىن ئۇدۇل كەلدىم، باشقىلار قايتىپ كەتتى.
       - ھە... خان نىمىشقىدۇر گىپنىڭ داۋامىنى ئۈزۈپ قويدى-دە، ئېغىر خۇرسۇندى.
        - يەنە شۇ كېرىيە تەرەپنىڭ ئىشى بىلەن كۆڭۆللىرى بىسەرەمجانمۇ ئالىلىرى ؟، -سورىدى ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ شاراپ تەرسىرىدىن قىزىللىق يۈگۈرگەن چىرايىغا تىكىلىپ.
        - شۇنداق، مىرزا باباقبەگ كەتكىلى نىكەم، يا ئاق، يا كۆك ھېچبىر ئۇچۇر يوق، نىمىشقىكىن ئويلىماي، خىيال قىلماي دىسەممۇ كۆڭلۈم ئاشۇ يەردە.
        - بۇنىڭدىن تەجۈپلەنمىسىلە ئادالەتپاناھ شاھىم، يول ئۇزۇن مۇشەققەت كۆپ. بەلكىم جانابى مىرزا مىرزا باباقبەگ ئۇل دىيارىغا ئەمدىلەتىن يىتىپ بارغاندۇ. پېقىرنىڭ ئۆيىچە بۇ ئىشقا ئارتۇقچە ۋاھىم يىيىش جايىز ئەمەستۇر، جانابى سانغۇن پاش بولغان ئىكەن، كۆڭۈللىرىنى توق، ئۆزلىرىنى خاتىرجەم تۇتسىلا.
       - ئوغۇ شۇ، مىرزا باباقبەگنىڭ لەشكىرى ئىشلاردا پەمى بار. ئۇزۇندىن بۇيان نۇرغۇن لەشكىرى يۈرۈشلەردە پەم-پاراسىتى، ئاجايىپ لەشكىرى تالانىتى بىلەن دىققەت نەزىرىمدىن تامامەن ئۆتكەن. ئەمما ياۋمۇ بۇ قېتىم قىلىچنى بىلەپ كەلگەن، شۇڭا...
        - دىگەنلىرى بەرھەق ئەمما بىز گۇل دىيارىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تازا بىلىپ كەتمەيمىز. ئۇنئىڭ ئۈستىگە خۇدا بەردى بەگمۇ بۇرۇن ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدەئۇزۇن يىل بولغان. مىجەزى چۇس بولغىنى بىلەن خانلىققا بولغان ساداقىتىنىڭ شەك-شۆھبھ يوق.
       - دۇرۇس، بۇ تەرىپىگە گەپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ نىمىشقىكىن، كۆڭلۈم خاتىرجەم ئەمەس. كىچىسى ئۇخلىساممۇ، چۈشۈمدە شۇ ئىشلار زاھىر بۇلۇپ ئارام بەريۋاتىدۇ...، -خان سەلگىنە تۇرىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋاملاشتۇردى، - ئۇنىڭ ئۈستىگە كېرىيە باشقا جايلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ دىيار سەلتەنەتىمىزنىڭ شەرقى دەرۋازىسى. خانلىقىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىلگىرىكى خاقانلارمۇ ئۇ زىمىنى مۇداپىيە قۇرغىنى قىلىپ، چەرچەن، چاقىلىق، كۆكنۇرتەرەپلەردە پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتقان غەيرى مۇسۇلمانلار، چالىش، يۇلتۇز قاتارلىق جايلاردا پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرۋاتقان قالماقلارنى تۇسۇپ، زېمىنىمىزنىڭ پۈتۈنلۈككە كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن، تېخى يەنە ئۇ زىمىنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىپ، تىبەت تەرەپلەرگە جازا يۇرۈشى ئېلىپ بارغان، شۇڭا كېرىيەدەك مۇھىم ئۇرۇنغا سەل قاراش خانلىقىمىزغا سەل قاراش بىلەن باراۋەردۇر.
       - دانا پىكىر، پىقىر ئالىلىرىنىڭ قاراشلىرىغا تامامەن قۇشۇلىمەن. شۇڭىمۇ خېلى بۇرۇنلا يۇرۇڭقاشتىن چاقىلىققىچە بولغان زېمىننى خانلىقىمىز ھاكىمبەگلىك تۈزۈمى بىلەن باشقۇرىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ ؟،
       -ئىلگىرى مىرزا شاھىت بەگ، مىرزا مۇھەممەت لىتىپلار ھاكىمبەگ بولغان ئۇزېمىنىدا ھازىر خۇدابەردى بەگدەك ئىشەنچىلىك. ئادەملىرىمىز بار شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئۆزگىچە. سىلىنىڭ تازا خاتىرجەم بۇلالمايۋاتقانلىقلىرىنى تامامەن چۈشۈنىمەن. خان ئۇنىڭ سۆزىنى تەستىقلىغاندەك بىشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن بىردىنلا جىمىپ قالدى. بۇنى كۆرۈپ، ھىندىقۇش مىرزا يەنە ئېغىز ئاچتى.
        -مۇشۇ كۈنلەردە خۇتەندە ئىبراھىم سۇلتان بولغان بولسىدى، سىلىنىڭ باشلىرىنى ئاغرىۋاتقان بۇ ئىشلار تامامەن ئۆز يۇلىدا بىر تەرەپ بۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى. ئەپسۇس...
       ھىندىقۇش مىرزىنىڭ سۆزى تۈگىمەستىنلا، ئابدۇللاخان ئۇنىڭغا مىقتەك تىكىلدى. بۇنى كۆرگەن ھىندىقۇش مىرزا ئۆزىنىڭ ئويلىمايلا گەپ قىلىپ سالغانلىقىدىن ئەندىكىپ، تىزلا يەرگە قارىۋالدى. خان بۇ سادىق ئەمىرىگە سەلگىنە قاراپ تۇرغاندىن كىيىن، قۇلىنى دۇستۇرخاندىكى جامغا سوزدىيۇ، يەنە تىزلا تارتتى-دە، ئەپسۇسلانغاندەك بىشىنى چايقاپ قويدى. ئەمما ئاشۇ بىر ئېغىز گەپ خاننىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بىردىنلا بۇزۇپ، خىيال دەرياسىغا سۆرەپ كىردى.
        ئابدۇللاخان خانلىق تەخىتتىدە ئولتۇرغاندىن كىيىن. خانلىقنىڭ ئىلگىركى ئەنئەنىلىرى بۇيىچە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى قەشقەر،ئاقسۇ، خۇتەنلەرنىڭ نايىپ ئەمىرى، ناھىيەلەرنىڭ ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەپ، يۇرتىدارچىلىق ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بۇلۇشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەندىن باشقا يەنە نۇرغۇن زېمىنلەرنى ئۆزىنىڭ يېقىنلىرى، ئوردا ئەمىرلىرى ۋە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرگە ۋەخپە قىلىپ بەردى. لېكىن كۈنلەرنىڭ ئۈتىشى بىلەن ئالغاقچىلار ۋە ئۆزىنىڭ ىشەنچىلىك كىشىلىرى ئارقىلىق ئىرىشكەن مەخپى خەۋەرلەرگە قاراپ، ئۆزىنىڭ خانلىق تەخىتىدىن ئايرىلىپ قالىغاندەك تەشۈىشلىنىشكە باشلىدى-دە، بىردىنلا ئىچىگە قورقونۇچ چۈشتى. «بۇرۇنقى خانلارمۇ ئۆز يېقىنلىرى،ئۇرۇق-ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن تەخىتتىن ئايرىلغان. سەللا بىخۇتلۇق قىلسام، مەنمۇ ئاشۇ قىسمەتلەرگە دۇچار بۇلمايمەن دەپ ھۆددە قىلالمايمەن. شۇڭا ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئىھتىيات قىلغاندىلا ئاندىن ئۆز ئىچىمىزدىكى دۈشمەنلەردىن ساقلانغىلى، ئۇلارنىڭ خاكى ئاشكارا خاكى يۇشۇرۇن سۈيقەستىلىرىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ» ئۇ شۇ خىيالغا كەلگەندىن باشلاپ، ھەممە ئىشقا شۈبھە بىلەن قارايدىغان بۇلۇپ قالدى. شۇڭا خۇتەن، ئاقسۇلارنىڭ نائىپ ئەمىرلىرى ۋە خانلىقتا كۆزگە كۈرۈنۈپ قالغان كىشىلەرنى بىر ئاماللار بىلەن ئوردا خىزمەتلىرىدىن چەتلەشتۇردى. قالماقلارنىڭ خۇتەنگە قىلغان باسقىنىنى قىلچە ئىككىلەنمەي تۇسۇپ، جەڭدە زۇر خىزمەتلەرنى كۆرسىتىپ، خانلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئىنىسى ئىبراھىم سۇلتاننىمۇ شۇ سەۋەپتىن نائىپ خانلىق ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ خان بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى. ئۇ ئوردىنىڭ ئاساسلىق ھۇقۇقلىرىنى يات كىشىلەرنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزدىيۇ، ئەمما كىيىنچە يەنە مالىمانچىلىقنىڭ شەپىسىنى سىزىپ، ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا تايىنىشقا باشلىدى. شۇ قاتاردا خۇتەننىڭ نائىپ ئەمىرلىكىنى نەۋرىسى- قەشقەرنىڭ نائىپ ئەمىرى يۇلۋاسخاننىڭ ئوغلى ئەبەيدۇللا سۇلتانغا تۇتقۇزغان ئىدى.
        ئارىنى ئېغىر سۈكۈناتلىق باسقان ئىدى. ئابدۇللاخان ھىندىقۇش مىرزىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قارىدى. ھئىندىقۇش مىرزا ھېلىھەم باياتىنقىدەك بېشىنى تۈۋەن سالغان ھالدا ئولتۇراتتى. بۇنى كۆرۈپ، خاننىڭ خىيالىدىن بىر ئىش كەچكەندەك بولدى-دە يەر تىگىدىن بىردە ئابدۇللاخانغا، بىردە خانلىق سەلتەنەتىنىڭ ئابرۇيلۇق سانىغۇنغا قاراپ، ئۆزىگە ئەزەلدىن خانغا يېقىن ئولتۇرۇپ، ھەمسۆھبەت بۇلۇشنىڭ نىسىپ بولمىغانلىقىدىن ئۈكۈنۈپ، ھەسرەت چىكىۋاتقان بىكاۋۇل بەگگە قاراپ بىشىنى لىڭشىتتى. بۇنىڭ بىلەن بىكاۋۇل بەگنىڭ قانات ياساپ ئۇچۇشقا تەييار بولغان خىياللىرىنىڭ قانىتى بۇغۇشلاندى،-دە ناھايىتى تىزلىكتە جامغا مەي قۇيدى.
       -يەنە بىرنى قۇيۇڭ، ھىندىقۇش ئەمىر بىلەن كۆتۈرىۋىتەيلى... . . بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىكاۋۇل بىگىنىڭ چىرايى سەل بۇزاردى. ئۇ ئەتىگەن خاننىڭ ئۇزاپىغا قاراپلا، قاشتىشى جامدىن ئىككىنى تەييار قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى ئۆز نىسىۋىگە باشقا بىراۋنىڭ شىرىك بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، غۇژژىدە ئاچىقى كەلدىيۇ، ئەمما چاندۇرماستىلا يەنە بىر جامغىمۇ مەي قويدى.
        -ئالسىلا ئەمىر، مۇشۇ كۈندە كۆڭۈلگە شادلىق بىغىشلايدىغىنى، ئادەمنى غەم-غۇسسە، بولمىغۇر خىياللاردىن نېرى قىلىدىغىنى مۇشۇ مەي ئىكەن. ئىككىمىز بىردىن كۆتۈرەيلى... ھىندىقۇش مىرزا خانىنڭ قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۆزرە سورىماقچى بولغاندەك ئېغىزىنى ئۆمەللىدىيۇ. ئەمما نىمىشقىكىن بۇغۇزىغا كىلىپ قالغان گەپنى يۈتىۋەتتى. شۇ چاغدا ھۈدەيچى بەگنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
        -سەلتەنىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ خاقانى، ئادالەتپاناھ ئابدۇللا خان ئالىلىرىغا مەلۇم بولغاي!، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى ئىۋەرتكەن چاپارمەن كەلدى.
       -تىز باشلاپ كىرسىلە،-خان بىردىنلا ئورنىدىن قوزغىلىپ، ھۈدەيچى بەگكە يۈزلەندى، چاپارمەن ئۇدۇل مۇشۇ يەرگەكەلسۇن... . .
        ھىندىقۇش مىرزا خاننڭ بۇ ئىشىغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. ئەمىليەتتە ئۇمۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى نۇرغۇن جەڭگاھلاردا ياۋغا قارشى بىرلىكتە ئاتلىنىپ، مىجەز-خۇلقىنى ئاياقتىكى ئاشتەك بىلىپ كەتكەن مىرزا باباقبەگنىڭ يولغا چىققاندىن بىرى بىرەر ئۇچۇر بەرمەي كىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ،خىلمۇ-خىل ئويلارغا گىرىپتار بولغان ئىدى. مانا ئەمدى ھۈدەيچى بەگنىڭ مەلۇماتىنى ئاڭلاپ، ئۇمۇ بىردىنلا خۇشال بولدى. شۇ ئەسنادا ئاددىيلا كىيىنگەن، ياز ئوتتۇرا بولغانلىقىغا قارىماي، سەرگەز چاپىنىنىڭ ئۈستىدىن پوتا باغلاپ، بىشىدىكى تاشلانمىغان تەلىپىگىنى چۆكۈرۈپ كىيىۋالغان بىرى ھۈدەيچى بەگنىڭ يىنىغا كەلدى-دە، خانغا ئادەت بۇيىچە تازىم بىجا كەلتۈرگەندىن كىيىن، تەلىپىگىنى بېشىدىن ئېلىپ، ئۇنىڭ قېتىغا تۈجۈپلەپ ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان بىر پارچە مەكتۇپنى ئالدى-دە، بىشىدىن ئېلىپ كۆتۈردى
       -مىرزا باباقبەگ جاناپلىرىنىڭ خان ئالىلىرىغا يوللىغان مەكتۇبى..
       . ئابدۇللاخانىنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن ھۈددەيچى بەگ ئونىڭ قۇلىدىن مەكتۇپنى ئالدى-دە، دوستۇرخانىڭ چۆرىسىدىن ئايلىنىپ،خاننىڭ يىنىغاكىلىپ،تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ سۇندى. ئابدۇللاخان مەكتۇپنى ئالدىراپ ئېلىپ، خەتكە تىز-تىز كۆز يۈگۈرتتى،-دە، ھەيران بولغاندەك كۆزلىرىنى يۇغان ئاچتى. بۇنى كۆرۈپ، ھىندىنقوش مىرزىنىڭمۇ ئىختىيارسىز قۇشۇمىسى تۈرۈلدى.
        -كۆرۈپ باقسىلا،-خان مەكتۇپنى ھىندىقۇش مىرزىغا تەڭلىدى. ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ قۇلىدىكى خۇتەن قەغىزىگە قۇمۇش قەلەم بىلەن يېزىلغان مەكتۇپنى ىھتىرام بىلەن ئېلىپ، ناھايىتى تىزلىكتە ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن، ھەيران بولغاندەك، ئۆزىگە سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ ئولتۇرغان خانغا قارىدى.
        -بولدى، كۆتۈرۋەتسىلە ھىندىقۇش جاناپلىرى، مەنمۇ ئۆللالەم ئەشۇنداقمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدىم، مەيلى خەيرىيەت،« مۇسۇلمانچىلىقمۇ ئاستا- ئاستا» دەپتىكەن. بۇ ئىشلارمۇ مۇشۇنداق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ،-ئابدۇللاخان ھىندىقۇش مىرزىنىڭ مەكتۇپتىكى ئىشلار ئۈستىدە ئېغىر تۇسۇماقچى بولغاندەك ئالدىدىكى جامنى قۇلىغا ئالدى،
       -بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ. ھەممىنى ياراتقۇچى ئىگەم بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.
        ئابدۇللاخان سۆزلەۋىتىپ ھىندىقۇش مىرزىغا مەنىلىك قاراپ قويدى-دە، جامنى لىۋىگە ئاپاردى. ئۇنىڭ نىمە مەخسەتتە بۇ گەپلەرنى دەۋاتقانلىقنى ئاللىقاچان چۈشۈنۈپ ئۈلگۈرگەن ھىندىقۇش مىرزىمۇ ئەمدى سۆزسىز ئالدىدىكى شاراپنى ئىچمىسە بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ «چۈشەندىم » دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئەمما باياتىن بىرى كېرىيەدىن كەلگەن مەكتۇپتا نىمىلەرنىڭ يېزىلغانلىقىنى بىلىشكە تۇلىمۇ تەقەززا بۇلۇپ ئولتۇرغان بىكاۋۇل بەگ بۇ سىرلىق گەپ، ئىما-ئىشارەتلەردىن ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي ھەيرانلىق ئىچىدە خىيالغا پاتتى.

     5

    خاننىڭ خاس خانىسىدىكى شاھانە شامدانلار ئۆي ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى. خان ئالدىدىكى شىرەدىكى سۇۋۇپ تىۋىغا كىلىپ قالغان جايدىن ئىككى-ئۈچ ئوتلام ئېچىپ، رەڭدار گۈللەر چىكىلگەن پىيالە چوڭلۇقتىكى ئەتىۋارلىق قاچىنى ئەسلى ئورنىغا قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن، باياتىن بىرى ئۆزىگە، «ھەر نىمە گەپ بولسا ئوچۇق دىسىلە، ئەنھەزرىتىم، قولىقىم سىلىدە»دىگەندەك تىكىلىپ ئولتۇرغان ھىندىقۇش مىرزىغا قارىدى. ئۇنىڭسىزمۇ بۈگۈنكىدەك تىنجىق ئىسىقتا خاس خانىغا كىرىپ بولغىچە، مۇلازىملارغا ئىشىكنىلا ئەمەس خاس خانىنىڭ دەرىزە، تۈڭلۈكرىنىمۇ چىڭ ئەتتۈرۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا خاس خانە ئەتراپىغا ھېچ كىشىنىڭ كەلمەسلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ئاۋارە قىلماسلىقىنى تاپىلىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۈزىنى خاننىڭ چاقىرىشىدا مۇھىم ئىش بارلىقنى ھېس قىلىپ يەتكەن ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ ئەمىلى مۇددائىنىنى بىلمەكچى بولغاندەك تىكىپ ئولتۇراتتى.
        - ئەتىگەنكى مەكتۇپتىن ئۆزلىرىمۇ خەۋەر تاپتىلا، -دىدى ئابدۇللاخان خېلى ئۇزۇن جىمجىتلىقتىن كىيىن، ئۆيدىكى ئېغىر بۇرۇختۇم ھالەتكە چىدىيالمىغاندەك پەس ئاۋازدا ئېغىز ئىچىپ،- مىرزا باباقبەگ ئەمىر كېرىيەگە يىتىپ بېرىپتۇ. ئەمما تېخى ياۋنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلەلمىگەن ئوخشايدۇ. قارىغاندا بۇ ئۇرۇش خېلى ئۇزۇن سۇزۇلىدىغاندەك، شۇڭا مەنمۇ ئاز-تۇلا ۋاھىم يەپ قالدىم.
       -ئەنھەزىرىتىم خاتىرجەم بولغايلا، مىرزا باباقبەگ لەشكىرى ئىلىمگە پىشقان ئادەم. ئۇ بار جايدىن ھەرگىز چاتاق چىقمايدۇ. بۇنداق دىيىشىمنىڭ ئۇل مۇددىئاسى شۇكى، كەمىنە پىقىرلىرى ئۇ سەركەردە بىلەن نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا بىرگە بولغانمەن. مىجەزى ماڭا بەش قولدەك ئىنىق. ئادەتتە يەكمۇ-يەك ئېلىشىشتىن باشقا يەنە پەم-پاراسەت بىلەن ياۋنى ئاسانلا قىلتاققا دەسسىتىپ، خاكى چوڭ، خاكى كىچىك ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز ئىسستىداتىنى نامايەن قىلىپ كەلگەن. -بۇ تەرىپى ماڭىمۇ ئايان. ئەمما بۇ قېتىمقى ئۇرۇش باشقا ئۇرۇشلارغا ئوخشىمايدۇ. كېرىيەدە پۇت تىرەپ تۇرالمىساق ،خانلىقمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ،شانۇ-شەۋكىتى يەر بىلەن يەكسان بۇلىدۇ دىگەنلىكتىن بىشارەت، جانابى ئەمىر... .
      -كۆڭۈللىرىنى چۈشۈنىمەن ئادالەتپاناھىم. ئۇل دىيار راستىنلا سىتىراتىگىيىلىك ئۇرۇن. ئالدىنقى خانلارمۇ بۇنى ئاللىقاچان بىلىپ يەتكەن. بىزگىلائەمەس، ئەل رەئىيەتكىمۇ سىر ئەمەسكى، مەرھۇم سەئىدىخان، ئابدۇرىشىت خانلارمۇ خۇتەن زېمىنىدا باقىيغا رىھلەت قىلغان. شۇڭا ئۆزلىرى دىگەندەك بۇ ئىشنى چۇقۇم «زىخمۇ كۆيمەيدىغان كاۋاپمۇ كۆيمەيدىغان » ھالدا بىر تەرەپ قىلىش تولىمۇ زۆرۈر دۇر. ئابدۇللاخان يېشى 45-46لەردىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما كىشىگە ياش، نەۋقىران يىگىتلەردەك تۇيغۇ بىرىدىغان، بىر جۈپ قوي كۆزلىرىدىن پەم-پاراسەتلىكى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ ئەمىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭمۇ ئۆز مۇددىئاسىغا يېقىن سۆزلىۋاتقانلىقىنى سىزىپ، كۆڭلى ئاز-تۇلا ئەمىن تاپقاندەك بولدىيۇ، ئەمدى ئۆز نىيىتىنى ئاشكارلىسا بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. -سىلىچە كېرىيە تەرەپلەرگە ئۆزەم ئاتلانسام قانداق بۇلار؟-سورىدى خان سىنچى كۆزلىرىنى ھىندىقۇش مىرزىغا تىكىپ.

     ( ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.