ئۇ ھىلىمۇ ھاياتمۇ؟(مارك تۋېن)

يوللىغۇچى : YusufAhmad يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-16 00:14:00

ئۇ ھىلىمۇ ھاياتمۇ؟ مارك تۋېن (ئامىرىكا) 1892 ـ يىلنىڭ مارت ئايلىرىدا مەن رىۋالايا رايونىدىكى مىندونىغا ئوينىغىلى باردىم. بۇ پىنھان جايدىمۇ نەچچە ئىنگلىز لى يىراقلىقتىكى مونتى ـ كارلو ھەم نېس لار...

    ئۇ ھىلىمۇ ھاياتمۇ؟

     مارك تۋېن (ئامىرىكا)

        1892  ـ يىلنىڭ مارت ئايلىرىدا مەن رىۋالايا رايونىدىكى مىندونىغا ئوينىغىلى باردىم. بۇ پىنھان جايدىمۇ نەچچە ئىنگلىز لى يىراقلىقتىكى مونتى ـ كارلو ھەم نېس لاردا خالايىق بىلەن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ھممە نەرسىدىن تەنھالا بەھرىمەن بولغىلى بولاتتى. بۇ چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرى، ساپ ھاۋا، شۇنىڭدەك يالتىراپ تۇرغان كۆپ ـ كۆك دېڭىز سۇلىرى بار، شاۋقۇن ـ شۈرەن، پاتىپاراقچىلىق يوق، ئاجايىپ ـ غارايىپ كىيىم ـ كېچەكلەر ۋە ھەشەمەتچىلىكلەرنىڭ كۆزنى ئالىچەكمەن قىلىشلىرىدىن خالى جاي ئىدى. مىنودونى سۆلەت ـ ھەشەمەت دىگەنلەرنى تەرك قىلغان تىنچ، خۇش ئارام جاي. سۆلەتۋاز بايلار بۇ يەرگە كىلمەيدۇ، دىمەكچىمەنكى، ئۇنداقلار ئادەتتىكى ئەھۋالدا بۇ يەرگە كەلمەيدۇ، تاسادىپى ئەھۋال ئاستىدا كېلىپ قالىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. تېخى تونۇشۇپ قالىدم. ھۇزىرچە ئۇنىڭ ئىسمىنى سىمېس دەپ تۇراي (ئۇنىڭ مەخپىيەتلىگىنى ساقلاش ئۈچۈن جان پىدا قىلىشقا مەجبۇرمەن). بىر كۈنى ئەنگلىيە مېھمانخانىسىدا ئىككىنچى قېتىملىق ناشتىغا ئولتۇرغىنىمىزدا ئۇ تۇساتتىن ماڭا: ـ قاراڭ، قاراڭ! ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان ئاۋاۇ ئادەمنى ئوبدان كۆرۈۋېلىڭ، زەڭ قويۇپ ئوبدان كۆرۈۋېلىڭ جۇمۇ، ـ دىدى. ـ نىمە بولدى؟ ـ ئۇنىڭ كىملىگىنى بىلەمسىز؟ ـ دەپ سورىدى ئۇ. ـ بىلىمەن. ئۇ بۇ يەرگە سىز كېلىشتىن ئىېلى ئىلگىرىلا كەلگەن. ئاڭلىشىمچە لىئوندىنكى چوڭ بىر تاۋار ـ دۇردۇن زاۋۇدىنىڭ خوجايىنى ئىكەن، ھازىر ياشىنىپ قالغانلىقتىن قىلىمەيدىغان بولتۇ، بەكمۇ يالغۇزچىلىق تارتقاندەك كۆرۈنىدۇ، يۈرۈش ـ تۈرۈشىدىن كۆڭلى غەشتەك، مەيۈس يۈرىدۇ، ھىچكىم بىلەنمۇ پاراڭلاشمايدۇ، بەكمۇ روھسىز، ئىسمى ئوففېر مىگنان، ـ دىدىم مەن. سىمېسنىڭ مىگنان جاناپلىرىغا بولغان بۇنچىلىك قىزقىشىدىن، ئۇنىڭ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىنى قويماي سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى، دەپ ئويلىدىم. ئەمما، نىمىشقىدۇر ئۇنىڭ گېپى شۇيەردىلا ئۈزۈلۈپ، بىر ھازاغىچە دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقۇدىن مېنىمۇ ۋە باشقا ئىشلارنىمۇ ئېسىدىن چىقىرىۋەتكەنلىگى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئاقىرىپ كەتكەن يۇمشاق چېچىنى پات ـ پات سىلاپ تۈزەشتۈرۈپ بىر نەرسىنى ئېسىگە سوۋۇپ كەتكىنى بىلەنمۇ چاتىغى بولمىدى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ: ـ ھەي، ئۇنتۇپ قاپتىمەن ھىچنىمىنى ئېسىمگە ئالالمايۋاتىمەن، ـ دىدى. ـ نىمە ئىش ئىدى، ئېسىڭىزگە ئالالمىغۇدەك؟ ـ سورىدىم مەن. ـ ئاندىرسوننىڭ قىزىق بىر چۆچىگىنى سىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى ئىدىم، قارىمامسىز، ئۇنتۇپ قالغىنىمنى. بۇ چۆچەكنىڭ مەزمۇنى مۇنداق دەيمەن: بىر كىچىك بالىنىڭ قەپەزدە باققان بىر قۇشى بىر ئىكەن، بالا قۇشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەنۇ،بىراق، بېقىشنى بىلمەيدىكەن، دىققەت ـ نەزىرىنىمۇ سېلىپ قويمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىچارە قۇشنىڭ قوسىغى ئاچىدىكەن، گېلىمۇ قورۇپ كېتىدىكەن، نەتىجىدە ھالسىزلىقتىن ئاۋازى پەسىيىپ، ئاخىر توختاپ قالىدىكەن ـ ئۆلۈپ قالىدىكەن. بالا بۇنى كۆرۈپ ئىچى سىرىلىپ كېتىدىكەن، پۇشايمان قىلىدىكەن. ئامال قانچە، ئاخىر مۇنچاق ـ مۇنچاق ياشلىرىنى تۆكۈپ ئاھ ـ زار چېكىپ دوستلىرى بىلەن قاتتىق مۇسبەت ئىچىدە تەنتەنىلىك دپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، قۇشنى كۆمۈپ قويىدىكەن. شۇنىسى، بۇ شاكىچىكلەر، شائىرنىڭ ئۆلۈشىگە ئۆزلىرى سەۋەپچى بولغانلىقلىرىنى، قۇش ئۆلگەندىن كېيىن ئۆلۈم مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ خاتىرە مۇنار ئورنىتىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل خىراجەت قىلىپ يۈرىدىغانلارنىڭ يالغۇز ئۆزلىرىلا ئەمەسلىگىنى نەدىن بىلشسۇن، ئەگەر بۇ پۇللارنى ئۇلار ھايات چېغىدا خىراجەت قالغان بولسا، ئۇلارنىڭ كۈنى راھەت ـ باياشات ئۆتەتتى. ئۇنداق بولسا... چۆچەك مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پارىڭىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى. شۇ كۈنى كەچ سائەت ئونلاردا سىمېس بىلەن يەنە ئۇچىرىشىپ قالدىم. ئۇ مېنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى مېھمانخانىغا چىقىپ بىللە تاماكا چېكىشكە، شوتلاندىيىنىڭ ۋىسكى ھارىغىنى ئىچىشكە تەكلىپ قىلدى. مېھمانخانىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئوبدان جايدا ئىكەن، ئاقنىدىكى ساپا ـ ئورۇندۇقلار، رەڭگا ـ رەڭ چىراقلار، شۇنىڭدىن تام مەشتە كۆتۈۋاتقان زەيتۇن كۆتىگىنىڭ چارسىلداشلىرى، بولۇپمۇ دېڭىز دولقۇنلىرىنىڭ يىراقتىن ئاڭلىنىۋاتقان شاۋقۇنلىرى بۇ خانىنى تېخىمۇ يېقىملىق قىلىۋەتكەن ئىدى. بىز ۋىسكىدىن ئىككى رۇمكىدىن كۆتىرىۋېلىپ، بىردەم كۆڭۈلدىكىدەك، ئىختىيارى پاراڭلاشقاندىن كېيىن سىمېس: ـ خېلى كەيپ بولدۇققۇ دەيمەن، ئەمدى مەن سىزگە ئاجايىپ ھىكايىدىن بىرنى ئېيتىپ بېرىمەن، بۇ ئىشنى ئۇزۇن يىلدىن بېرى مەخپى تۇتۇپ كەلگەن ئىدىم ـ بۇ مەخپىيەتلىكنى مەن بىلەن يەنە ئۈچ كىشىلا بىلىدۇ ـ ھازىر مەن بۇ ساختىپەزلىكنىڭ سىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن. كيپىڭىز جايىدىدۇر؟ ـ ناھايىتى ياخشى، قېنى سۆزلەڭ! ـ ئۇ ھىكايىسىنى باشلىدى. ـ كۆپ يىللار ئىلگىرى مەن ياش رەسسام ئىدىم، ـ دىدى ئۇ، ـ فرانىسىيە يېزىلىرىنى ساياھەت قىلغاچ مەنزىرە سىزىپ يۈرۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي فرانسىيىلىك ئىككى ياش بىلەن تونۇشۇپ قالىدىم. ئۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش رەسساملار ئىكەن. بىزنىڭ خوشاللىغىمىز خۇددى نامراتلىقىمىز خۇددى خوشاللىغىمىزغا ئوخشاش يېتەرلىك ئىدى دىسىمۇ بولار، ھە. نىمىلا دىسىڭىز مەيلى، كىلود فىلور بىلەن كارىل بولەنرىرى ـ ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىسمى شۇنداق ئىدى ـ ناھايىتى ياخشى يىگىتلەر ئىدى، ئۇلار خۇددى نامراتلىق بىلەن چاخچاقلاشقاندەك قاچانلا كۆرسەك ناھايىتى قىزغىن، روھلۇق يۈرەتتى، مەيلى جۇدۇن ـ چاپقۇن، قار ـ شىۋىرغانلىق چاغلاردا بولسۇن ھەرگىزمۇ روھى چۈشمەيتتى. بىز بىرىدۇن يېزىسىدا بولغان كۈنلىرىمىز ـ دە، نامراتچىلىقنىڭ دەستىدىن ھىچ ھالىمىز قالمىدى. تەلىيىمىزگە بىزگە ئوخشاش بىر يالاڭتۆش رەسسام بىزنى يېنىدا ئېلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن جېنىمىز ئامان قالدى، ئۇ كىم دىمەمسىزـ فراسوۋا مىللېت! ـ نىمە! ھىلىقى ئۇلۇغ فرانسوۋا مىللېتما؟ ـ ئۇلۇغ؟ ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇغىمۇ بىزچىلىكلا ئىدى، ھەتتا ئۆزى تۇرغان ئاشۇ يېزىدىمۇ نامى چىقماپتىكەن. ئۇمۇ شۇنچىلىك كەمبەغەل ئىدىكى، ئالدىمىزغا تاماق ئورنىدا تۇرۇپتىن باشقا ھىچنىمە قويالمايتتى، بەزىدە تېخى شۇمۇ يوق. ئۇزۇنغا قالماي بىر بىرىمىزگە سادىق، بىر نان تاپساق تەڭ يەيدىغان ئايرىلماس دوستلاردىن بولۇشۇپ، ھەممىمىز كىرىشىپ كەتتۇق. سىزغان ئەسەرلىرىمىز قات ـ قات قاتلىنىپ ئىگىزلەرۋەردى، شۇنىسى، بىرەر پارچە رەسىمنىڭ سېتىلىشى ئاسانغا چۈشمەيتتى. بىزنىڭ كۈنىمىزغۇ خوشال ئۆتەتتى، بىراق، ھالىمىز ناھايىتى خاراپ ئىدى. بەزىدە تىرىك تۇرۇپ دوزاقنىڭ ئازاۋىنى تارتاتتۇق. بىز ئىككى يىلدىن ئارتۇقراق ئەنە شۇنداق ياشىدۇق. ئاخىر بىر كۈنى كلود مۇنداق دىدى:«ئاغىنىلەر، ئەمدى ھىچ ئىلاج قالمىدى. چۈشىنىۋاتامسىلەر، ھىچنىمىسى يوق يالاڭتۆشلەرنىڭ ئۆزى بولدۇق. نېسىگە ئىش قىلىپ بېرەيلى دىسەكمۇ ھىچكىم ئۇنمايۋاتىدۇ. گويا كىشىلەر بىزنى تەس كۈنگە قويۇش ئۈچۈن مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بىر ئىش بولۇۋاتىدۇ. مەن پۈتۈن يېزىنى ئايلىنىپ چىقتىم. نەتىجە مەن دىگەندەك بولۇپ، كونا قەرزلەرنى قايتۇرۇپ تۈگەتمىسەك ئۇلار بىزگە بىر تىيىنلىق نەرسىنىمۇ نېسىگە بەرمەيدىغان بوپتۇ.» ئۇنىڭ سۆزى روھىمىزنى چۈشۈرۈۋەتتى، ھەممىزنىڭ چىرايلىرى تاتىرىپ پەرىشان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. ئەھۋالىمىزنىڭ ھەقىقەتەن چاتاقلىغىنى ئەنە شۇ چاغدىلا چۈشىنىشكە باشلىدۇق. ھەممىمىز بىر ھازاغىچە زۇۋان سۈرمەي جىمجىت ئولتۇرۇپ كەتتۇق. بىر چاغدا مىللېت ئۇزۇن بىر خۇرسىنىۋېتىپ:«مەنمۇ شۇنچە باش قاتۇرۇپ ھىچقانداق ئامال تاپالمىدىم. يىگىتلەر، ئامالنىڭ بېرىچە چارە ئىزلەيلى» دىدى. ھىچكىمدىن سادا چىقمىدى، مۇشۇ ئىچىنىشلىق سۈكۈتىمىزنىلا ئۇنىڭ گېپىگە بېرىلگەن جاۋاپ دىيىشكە بولاتتى. كارىل سەل جىددىلەشتى، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ئۇياق ـ بۇياققا ماڭغاندىن كېيىن مۇنداق دىدى:«ماۋۇ شەرمەندىچىلىكنى! قاراڭلار، مۇنۇ قاتلىنىپ تۇرغان رەسىملەرنى، ھەممىسى ئوبدان سىزىلغان رەسىملەرغۇ، بۇلار ياۋروپادىكى ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەسەرلىرىن قېلىشمايدۇ، مەيلى ئۇ قانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر! راست ئەمەسمۇ، سەيلە قىلىپ يۈرگەن يات ئادەملەرمۇ شۇنداق دىيىشىۋاتىدۇ، نىمىلە دىيىشمىسۇن، گەپلىرىنىڭ مەنىسى شۇ يەرگىلا بارىدۇ». «شۇنىسى، ھىچقايسىسى سېتىۋالاي دىمەيدۇ» دەپ سۆز قوشۇپ قويدى مىللېت، «ئۇنىڭ ھىچۋەقەسى توق، قانداقلا دىگەن بىلەن ئۇلار راست گەپنى قىلىشقان. قاراڭلار مۇنۇ >كەچكى ئىبادەت< كە! بىرسى مەندىن...» « بولدى، ئۇنى تىلغا ئېلىپ نىمە قىلىسەن، كارىل. كەچكى ئىبادەت دىگەن رىسىمنى بىر ئادەم بەش فرانكقا ئالىمەن دىگەن ئىدى...» «قاچان؟» «شۇنچە پۇلغا ئالىمەن، دىگەن كىمۇ؟» «ئۇ ئادەم نەدە؟» «سەن نىمىشقا ئۇنىڭغا ماقۇل دىمىدىڭ؟» « بولدىلا، ۋاي ـ ۋۇي، ھەممىڭلار تەڭلا ۋالاقلاپلا كەتتىڭلارغۇ. مەن ئۇنىڭدىنمۇ جىقراق پۇلغا ئالامدىكىن دىگەن تامادا ئىدىم، نىمىشقا دىسەڭلا، ئۇنىڭ تەقى ـ تۇرقىدىن ئۇنىڭ يۇقۇرىراق باھاغىمۇ ئالىدىغاندەك كۆرۈنۈۋىدى، شۇڭا مەن رەسىمگە سەككىز فرانك باھا قويدۇم.» «ھە، ئاخىرىچۇ» «ئۇ كېيىن يەنە بىر كېلىمەن، دىدى.» «راسا چاتاق ئىش قىپسەن ـ دە! ھەي ، فرانسوۋا...» «ھىم، بىلىمەن، چۈشىنىپ تۇرۇپتىمەن! ئۇنداق قىلماسلىغىم كېرەك ئىدى، مەن ھەقىقەتەنمۇ ھاماقەتلىك قىلدىم. بۇرادەرلەر، نىيىتىم توغرا ئىدى، بۇنى سىلەرمۇ ئېتراپ قىلىسىلەرغۇ، مەن...» «ھەي، بۇنىڭدا گەپ يو، نىيىتىڭنى چۈشىنىپ تۇرۇپتىمىز، خۇدايىم ساڭا ئوخشاش ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئامانلىغىنى بەرسۇن. ئەمما بۇندىن كېيىن بۇنداق ھاماقەتلىك قىلىپ يۈرمىسەڭلا بولدى! » «مەنما؟ ئەمدى ئۇنى بىر تۈپ بەسەيگىمۇ تېگىشۋەتمەيدىغان بولسام، قاراپ تۇرۇڭلار، جەزمەن شۇنداق قىلىمەن.» «بەسەي دەمسەن! ھەي، بۇنداق نەرسىلەرنى دەۋەرمىسەڭلارچۇ، ئېتىنى ئاڭلىساملا ئاغزىمغا سېرىق سۇ كېلىۋاتىدۇ. ئادەمنى ئازاپلىمايدىغانراق نەرسىلەر ئۈستىدە سۆزلىشىڭلار.» «ئاغىنىلەر، ـ توۋلىدى كارىل، ـ زادى مۇشۇ رەسىملەرنىڭ قىممىتى يوقمىدۇ؟ بىر نەرسە دەڭلارچۇ.» «ھىچكىم قىممىتى يوق دەۋاتمايدىغۇ!» «چوڭ ھەم يۇقۇرى قىممەتكە ئىگە ئەمەسمىكەن؟ ئېيتىڭلارچۇ...» «راست شۇنداق!» «قىممىتىنىڭ زورلۇغىغا، يۇقۇرىلىغىغا گەپ سىغمايدۇ؛ ئەگەر بۇ رەسىملەرگە مەشھۇر رەسساملارنىڭ ئىمزاسىنى بېسىپ بازارغا سالغان بولساق، چوقۇم قالتىس باھادا ساتالايتتۇق. شۇنداق ئەمەسمۇ؟» « ئەلۋەتتە شۇنداق، سېنىڭ بۇ گېپىڭگە ھىچكىم شەك كەلتۈرەلمەيدۇ» « بىراقتا ـ مەن چاخچاق قىلىۋاتمايمەن ئاغىنىلەر ـ زادى مۇشۇ گېپىم توغرىمۇ ـ ئەمەسمۇ، دەپ بېقىڭلارچۇ؟» «ئەلۋەتتە، گېپىڭدە چاتاق يوق، بىزمۇ چاخچاق قىلىۋاتمايمىز. ئەمما،شۇنداق بولغان تەقدىردە قانداق بولماقچى؟ ئۇنىڭ بىز بىلەن نىمە ئالاقىسى بار؟» «ئاغىنىلەر، مېنىڭچە مۇنداق قىلايلى، رەسىملەرنىڭ ھەممىسىگە داڭقى چىققان بىر رەسسامنىڭ ئىمزاسىنى باسايلى!» قىزىق سۆھبەت بىردىنلا توختاپ قالدى، كۆپچىلىك گۇمانلانغاندەك كاتىلغا قاراشتى. ئۇنىڭ خىيالى زادى نىمىدۇ ـ ھە؟ داڭقى چىققان ئىمزانى نەدىن ئۆتنە ئالغىلى بولىدىغاندۇ؟ كىم ئۆتنە بېرەر؟ كارىل ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن سۆزىنى يەنە داۋام قىلدى:«ھازىر مەن رەسمى يوسۇندا بىر چارىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. مېنىڭچە، بىز سەرگەردانلارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا بېرىشنى خالىمايدىكەنمىز، ئۇ ھالدا، پەقەت مۇشۇ يولغىلا مېڭىشىمىز كېرەك باشقا چارە قالمىدى، بۇنىڭ ناھايىتى ئىشەنچلىك چارە ئىكەنلىگىگە ئىشەنچىم كامىل. مەن دەۋاتقان بۇ چارە ئىنسانلار تارىخىدا كۆپچىلىك ئاللىبۇرۇن ئېتراپ قىلغان، تۈرلۈك پاكىتلارغا ئاساسلانغان چارە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ پىلانىمنىڭ چوقۇم بىزنى باي قىلىۋېتىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.» «باي قىلىۋېتىدۇ دەمسەنا؟ ئالجىپ قالغان ئوخشىمامسەن.» « ياق،ھەرگىز ئالجىپ قالمىدىم.» « ياقمىش، تېخى! ئالجىغانلىغىڭ گېپىڭدىن چىقىپ تۇرمامدۇ. ئەمسە دەپباققىنا: باي دىگەن قانداق بولىدۇ؟» « ھەر بىرىمىز ئون مىڭ فرانكلىق بولساق باي بولغىنىمىز شۇ بولار.» «ئۇ راستىنلا ئالجىپتۇ، مەنغۇ بۇرۇنلا بايقىغان ئىدىم.» «راستىنلار، ئۇنىڭ نېرۋىلىرى بۇزۇلۇپتۇ جۇمۇڭلار. ھەي كارىل، ئەزبىرايى خۇدا، يوقسىزلىق سېنى كاردىن چىقىرىپتۇ، شۇڭا...» «كارىل، بىرەر كوملاچ دورا يەپ، دەرھال كارۋىتىڭغا چىقىپ يېتىۋالغىن.» «ئاۋال بېنت بىلەن بېشىنى تاڭايلى، ئاندىن كېيىن...» «ياق، ياق! پۇتىنى تېڭىز كېرەك، نىمىشقا دىسەڭلار، نەچچە ھەپتىدىن بىرى ئۇنى خىيال بېسىۋالدى، بايقىمىساق قېچىپ كېرىدىغان ئوخشايدۇ.» «كاپشىماڭلار! ـ قاتتىق ۋاقىرىدى مىللېت تەنتەنىلىك قىيەپەتتە، ـ بىچارە گېپىنى دەپ بولسۇن. ئىوش، قېنى كارىل، پىلانىڭنى دەپباقە، زادى قانداق ئەپچىل تەدبىر تاپتىڭ؟» «ئۇنداق بولسا، مەن ئاۋال ئازراق ئىزاھ بېرىپ ئۆتەي، ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مۇنداق بىر پاكىتقا دىققەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن: نۇرغۇن سەنئەتكارلار پەقەت ئۇلار ئاچ قېلىپ ئۆلگەندىن كېيىنلا كىشىلەر تەرپىدىن قەدىرلەنگەن. بۇنداق ئىشلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئۆتكەنغۇ، شۇڭا مەن ئاشۇ ئىشلارنى ئاساس قىلىپ مۇنداق بىر قانۇننى كەشىپ قىلىشقا جۈرئەت قىلماقچىمەن. بۇ قانۇن مانا مۇنداق: نامى چىقمىغان، كىشىلەرنىڭ نەزىرى چۈشمىگەن ھەر قانداق سەنئەتكار ئۆلگەندىن كېيىن ھامان بىر كۈنى كىشىلەر تەرپىدىن قەدىرلىنىدۇ. لېكىن، بۇنداق قەدىرلش پەقەت ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بولىدۇ ۋە شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ داڭقى چىقىپ باھاسى يۈز ھەسىلەپ ئۆرلەپ كېتىدۇ. مېنىڭ پىلانىم بولسا مۇنداق: ئارىمىزدىن بىرىمىز چوقۇم ئۆلۈشىمىز كېرەك. كىمنىڭ ئۆلۈشىگە كەلسەك، بۇنىڭ ئۇسۇلى ـ چەك تاشلاش.» ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك بىخىرامان سۆزلەيتتى، ئەمما بۇ گەپلەر بىزگە تامامەن غەلىتە تۇيۇلغاچقا، ھەممىمىز ئېسىمىزنى يوقاتقاندەك بىر ھازاغىچە ھاڭ ـ تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قېلىشتۇق ۋە بىردەمدىن كېيىن يەنە بۇ ئالىجىغان كارىلنىڭ مىڭىسىنى داۋالاشنىڭ چارە ـ تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۈرەن سېلىشىپ كەتتۇق؛ بىراق ئۇ بىزنىڭ بۇ مازاقلىرىمىزنىڭ تۈگىشىنى سەۋرى قىلىپ كۈتۈپ تۇردى، بىز جىمىغاندىن كېيىن، پىلانىنى سۆزلەشتى داۋاملاشتۇردى: «شۇنداق، قانداقلا بولمىسۇن بىرىمىز ئۆلۈشىمىز كېرەك، بۇنىڭدىن مەقسەت باشقىلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىش. ھازىر چەك تاشلايمىز، چەككە چىققىنىمىزنىڭ چوقۇم تېزلا نامى چىقىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز باي بولۇپ كېتىمىز. ئەېپىمگە ئوبدان قۇلاق سېلىڭلارچۇ، ۋالاقلاشما! گېپىمنى ئاڭلاڭلار دەۋاتىمەن، مەن بۇ يەردە ئاغزىمغا كەلگىنىنى جۆيلۈۋاتقىنىم يوق. پىلانىم مۇنداق: بۇندىن كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆلۈشكە چەك چىققان كىشى بارلىق زېھنى بىلەن رەسىم سىزىدۇ، مۈمكىن قەدەر كۆپرەك سىزىۋېلىشى لازىم. مۇكەممەل، كۆركەم سىزىمەن دەپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ھاجىتى يوق! پەقەت مەنزىرىلەرگە دائىر كۇپىيىلەر، مەشق ئەسەرلەر ياكى تاماملانمىغان ئەسەرلەر بولسىلا بولىۋېرىدۇ؛ بىر نەچچە خىل رەڭدە ئالا ـ بۇلا بويالغان رەمسىملەر بولسىمۇ بولىدۇ. بۇلارنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمىسىمۇ شۇنداق قىلىشى ئېكرەك. قىسقىسى، بۇ نەرسىلەر >ئۇ< سىزغان رەسىملەر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن رەسىمگە ئاپتورنىڭ ئىمزاسى قويۇلۇشى شەرت، كۈنىگە ئەللىك پارچىدەك بولسۇن، خېرىدارلار ئەسەرنى كۆرۇپلا ئاپتورنىڭ كىم ئىكەنلىگىنى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، رەسىملەردە ئاپتورنىڭ ئالاھىدىلىگى ياكى ئۇسلۇبى ئىپادىلەنگىنى ياخشى. سىلەرمۇ بىلىسىلەر، مۇشۇنداق نەرسىلەر پۇللۇق بولىدۇ، بۇ ئۇلۇغ رەسسام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جامائەتچلىك بۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى مۇزېيخانىلىرى ئۈچۈن كىشى ئىشەنگۈسىز يۇقۇرى باھادا سېتىۋالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز نۇرغۇنلىغان ئەنە شۇنداق ئەسەرلەرنى تەييار قىلىپ تۇرۇشىمىز لازىم. بۇ مەزگىلدە باشقىلىرىمىز كەلگۈسىدە ئۆلىدىغان رەسسامنى جېنىمىزنىڭ بېرىچە ماختاپ كۆككە كۆتىرىشىمىز ھەمدە پارىژلىقلارغا، سودىگەرلەرگە تىنماي سۆزلىشىمىز لازىم. بۇ بىزنىڭ كېيىنكى ئىشلار ئۈستىدە قىلغان ئەجرىمىز بولۇپ قالغۇسى، چۈشەندىڭلارمۇ. ھەممە ئىشىمىز تەل ئورۇنلاشتۇرۇپ، راسا ئەۋجىگە كۆتىرىلگەن چاغدا، رەسسامنىڭ ۋاپات بولغانلىغىنى تۇيۇقسىز جاكالاپ، شۇ ھامان داغدۇغىلىق ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىمىز. بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەتنى چۈشەندىڭلارمۇ؟» «دەگەندەك چۈشىنىشلىك بولمىدى، ھىچبولمىغاندا تازا...» «تازا چۈشىنىشلىك بولمىدىما؟ شۇنىمۇ بىلمەيۋاتامسىلەر؟ ئۇ ئادەمنى راستىنلا ئۆلتۈرۈپ قويمايمىز. ئۇ پەقەت ئىسىم پەمىلىسىنى ئۆزگەرتىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن نېرى بولسىمۇ بولىدۇ، بىر يالغان ئادەمدىن بىرنى ياساپ كۆمىمىز، بۇ چاغدا ھەممىمىز يالغاندىن يىغا ـ زارە قىلىمىز ـ دە، شۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن ئالەمدىكى خەلقمۇ بىزگە ئەگىشىپ يىغلىشىدۇ. مەن...» ... قالغانلار ئۇنىڭ گېپىنى قىلىپ بولۇشىغا زادى ئىمكانىيەت بەرمىدى. ھەممىمىز دىگۈدەك خوشاللىغىمىزدا چۇقان ـ سۈرەن سېلىشىپ، سەكرىشىپ، بىر بىرىمىزنى قۇچاقلىىشپ ئۆينىڭ ئىچىنى چاڭ كەلتۈرۈۋەتتۇق، بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى نەچچە سائەتكىچە شۇنداق قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ كەتتۇقكى، قوسىغىمىزنىڭ ئېچىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيماي قاپتىمىز. ئاخىرى، قىلىدىغان ئىشلىرىمىزنى جاي ـ جايدا ئورۇنلاشتۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، چەك تاشلىدۇق، چەك مىللېتقا چىقتى، يەنە مېللېت ئۆلىدىغان بولدى ـ بىز شۇنداق دىيىشەتتۇق ـ شۇنىڭ بىلەن ھەممىمىز ئەڭ يامان كۈنلەرگە قالمىغىچە سېتىشقا كۆزىمىز قىيايدىغان، خاتىرە ئورنىدا ساقلاپ كېلىۋاتقان نەرسە ـ كېرەكلەىرىمىزنى بىر يەرگە يىغدۇق ـ بۇ نەرسىلەر ئامالسىز قالغان چاغلاردىلا پۇل قىلىدىغان نەرسىلەر ئىدى ـ ۋە شۇ ھامان ئاپىرىپ گۆرەگە قويۇۋىدۇق، ئايرىلىش ئالدىدىكى بىر قېتىملىق كەچلىك تامىغىمىز ۋە ئەتىكى ناشتىلىغىمىزغا يېتىپ، خەجلەشكە نەچچە فرانكلا قالدى، بۇ پۇلغا مىللېتنىڭ بىرنەچچە كۈن يىيىشى ئۈچۈن ئازغىنا تۇرۇپ ئېلىپ بەردۇق. ئەتىسى ئەتىگەندە ئۈچىمىز ناشتا قىلىپلا ئۆز يوللىرىمىزغا راۋان بولدۇق. بىز پىيادە ماڭدۇق، ئەلۋەتتە. ھەر بىرىمىز مىللېت سىزغان رەسىمدىن ئون نەچچە پارچىدىن ئېلىپ ساتماقچى بولۇپ يولغا چىقىشتۇق. كارىل پارىژ تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ئۇ شۇ تەرەپكە بېرىپ مىللېتنى ماختاپ ئۇنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، كېيىنكى ئۇلۇغۋار كۈنلىرىمىز ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقچى. كىلود بىلەن مەنمۇ باشقا ـ باشقا يوللار بىلەن فرانىيىسىنىڭ باشقا جايلىرىغا راۋان بولدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ كۈنلىرىمىز ئوڭۇشلۇق ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىدى. ئاڭلىسىڭىز چوقۇم ھەيران قالسىز. مەن ئىككى كۈن يول ماڭغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىشقا كىرىشتىم: مەلۇم بىر چوڭ شەھەرنىڭ يېنىدا بىر داچىنى سىزىشقا باشلىدىم، چۈنكى مەن داچا خوجايىنىنىڭ بىنانىڭ بالكڭنىدا تۇرغانلىغىنى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن، خوجايىن بىنادىن چۈشۈپ مېنىڭ سىزىشىمنى تاماشا قىلىشقا باشلىدى، مەنمۇ دەل مۇشۇنداق بولۇشىنى كۈتكەن ئىدىم. مەن ئۇنى قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن قەستەن رەسىمنى تېز سىزدىم. ئۇ تۇرۇپ ـ تۇرۇپ ئىختىيارسىز ھالدا مېنى ماختاپ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قوياتتى. بىردەمدىن كېيىن ھاياجانلىنىپ كېتىپ مېنى، مەشھۇر رەسسام ئىكەنسىز، دەۋەتتى. مەن شۇ ھامان قەلەم ـ پەلكۈشلىرىمنى جايىغا قويۇپ، پاپكامدىن مىللېتنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى ئېلىپ، رەسىمدىكى ئىمزانى ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ مەغرۇر قىياپەتتە: «سىز بۇ ئىمزانى تونۇيسىزغۇ دەيمەن؟ مۇشۇ كىشى مېنىڭ ئۇستازىم بۇلىدۇ؟ شۇنداق بولغاچقا بۇ كەسپنى بىلمىسەم بولامدۇ؟» دىدىم. مەزكۇر جاناپ سۆزۈمنى ئاڭلاپ خۇددى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويغان كىشىدەك بىئارام بولۇپ لام ـ جىم دىمەي تۇرۇپ قالدى. مەن شۇ ھامان ئېچىنغان قىيەپەتتە:«سىز فرانسوۋا مىللېتنىڭ ئىمزاسىنى تونۇماي قالمايسىز، ئەلۋەتتە» دىدىم. شۇ ئەلۋەتە ئۇ ئىمزانى تونۇمايتتى، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن ئۇنى ئاشۇنداق ئوڭايسىزلىقتىن دەرھال قۇتقۇزۇپ قالغىنىمغا مىننەتدار بولماي قالمايتتى، شۇڭا ئۇ دەرھاللا؛ «نىمىشقا تونۇمايدىكەنمەن! ھوي، راستىنلا مىللېت ئىكەنغۇ، دەپ شۇ. بايا باشقا برى خىياللار بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن. مانا ھازىر تونۇدۇم، دەپ ئۆزى!» ئاخىر ئۇ، بۇ رەسىمنى سېتىۋالماقچى بولدى. مەن ئۇنىڭغا: ئانچە باي بولمىساممۇ، تېخى بۇ رەسىمنى سېتىۋەتكۈدەك ھالغا چۈشۈپ قالغىنىم يوق، دىدىم. بىراق، ئاخىر يەنىلا سەككىز يۈز فرانكقا ئۇنىڭغا سېتىۋەتتىم. ـ سەككىز يۈز فرانك! ـ ھەئە. مىللېت ئۇ رەسىمنى بىر پارچە چوشقا چۆشىگە تېگىشىشكىمۇ مىڭ مەرتىۋە رازى بولات ئىدى. دۇرۇس، مەن ئاشۇ كىچىككىنە رەسىمنى سەككىز يۈز فرانكقا ياراتتىم. ئەگەر ھازىر سەكسەن مىڭ فرانكقا بولسىمۇ سېتىۋالغان بولاتتىم. ئۇ مەن ئۈچۈن تېپىلغۇسىز نەرسە بولۇپ قالدى. شۇنىسى، ئۇ زامانلار ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتتى. مەن يەنە ھىلىقى جاناپنىڭ ئۆيىگە ناھايىتى چىرايلىق بىر رەسىم سىزىپ بەردىم. ئەسلىدە ئون فرانك ھەق ئالاي دەپ ئويلىۋىدىم، بىراق مەن ئاتاقلىق رەسسامنىڭ قولىدا تەلىم ئالغان ئوقۇغۇچى بولغانلىغىم ئۈچۈن، باھاسى بەك ئەرزان بولۇپ كەتسە ئانچە قاملاشمايدىكەن، شۇڭا بۇ رەسىمنى يۈز فرانكقا ساتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال سەككىز يۈز فرانكنى پوچتا ئارقىلىق مىللېتقا ئەۋەتىۋېتىپ، ئەتىسى باشقا ياققا يۈرۈپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن پىيادە يول ماڭمايدىغان بولدۇم، زادى پىيادە ماڭمىدىم. ئاتلىق ماڭدىم، پۈتۈنلەي ئاتلىق ماڭىدىغان بولدۇم. ھەر كغنى بىر پارچىدىنلا رەسىم ساتتىم، ھەرگىز ئىككى پارچە ساتمىدىم. مەن خېرىدارلارغا شۇنداق دەيتتىم: «ھازىر مىللېتنىڭ رەسىملىرىنى ساتقانلىغىم مېنىڭ ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىغىمنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى بۇ رەسسام كۆپ بولسا ئۈچ ئاي ئۆمۈر كۆرۈشى مۈمكىن، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھەر قانچە قىممەت باھادا ئالىمەن، دىسەڭلارمۇ تاپالمايسىلەر». مەن كەلگۈسىدىكى ئاشۇ ئىشلارغا تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇش، بولغۇسى چوڭ ئىشلارغا جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغاش يۈزىسىدىن، تۈرلۈك ئۇسۇل ت چارىلەرنى قوللىنىپ بۇ خەۋەرنى تارقىتاتتىم. رەسىم سېتىش توغرىسىدىكى پىلان مېنىڭ تۆھپەم بولۇشقا تېگىشلىك، چۈنكى، بۇ چارىنى مەن ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ كۈنى ئاخشىمى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىمىز ئۈستىدە مەسلىھەتلەشكەندە، مەن مۇشۇ مەسلىھەتنى كۆرسەتكەن، ئۈچ ھەمرىيىم ئاۋال مۇشۇ چارىنى سىناپ كۆرۈپ بېقىشقا، بۇ چارىنى سىناپ كۆرمەي تۇرۇپ باشقا ئۇسۇل ـ چارىلەرگە ئۆتمەلىككە بىردەك قوشۇلغان. نەتىجىدە ئۈچىمىزنىڭ قىلغانلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ چىقتى. مەن ئىككى كۈن يول ماڭدىم، كىلودمۇ ئىككى كۈن يول مېڭىپ ئاندىن ئىش باشلىدى. مىللېت تۇرغان يەرگە يېقىن جايلاردا ئۇنى داڭلاپ يۈرسەك چېنىپ قالىدۇ، دەپ ئىككىمىز يىراق جايلارغا كەكەن ئىدۇق. لېكىن، كارىل ئاران يېرىم كۈن يول مېڭىپلا ساياھەت قىلىپ يۈرگەن جاناپلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ ئىشنى توغرىلاشقا كىرىشىپتۇ. قاراڭلار، ئۇ قۇۋ ئەبلەخنى! شۇندىن ئېتىۋارەن ئۇنىڭ ساياھەتلەردىكى سالاپىتى بارونلارغىلا ئوخشاش بولۇپ كەتتى. بىز يەرلىك گېزىت مۇخبىرلىرى بىلەن ئالاقە باغلاپ گېزىتلەرگە پات ـ پات خەۋەر يېزىپ تۇردۇق، بىزنىڭ خەۋەتلىرىمىز بىرەر داڭلىق رەسسام چىقتى دىگەن تەلەپپۇزدا ئەمەس، بەلكى فرانسوۋا مىللېتنى ھەممە كىشى بىلىدىغان تەلەپپۇزدا ئېلان قىلىناتتى؛ ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىمىزدە ئۇنىى مەدھىيىلەيدىغان سۆز ـ ئىبارىلەرنىمۇ ئىشلەتمەي، پەقەت بۇ «مەشھۇر رەسسام»نىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرىنى يەنى بەزىدە ئۇنىڭ كېسىلى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، دىسەك، بەزىدە كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالدى، ئۈمىت يوق، دىگەندەك خەۋەرلىرىمىزدىن شۇنلۇقنىڭ ھىدى كۆپرەك چىقىپ تۇراتتى. بىز بۇ خەۋەرلەرنى كېسىۋېلىپ ھىلىقى رەسىم سېتىۋالغانلارغا ئەۋەتىپ تۇراتتۇق. كارىل ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارىژغا يېتىپ بېرىپتۇ ۋە قالتىس سالاپەت بىلەن ئىش باشلىۋېتىپتۇ، قانداق ئىشلەپتۇ دىمەمسىز، ئۇ ھەر قايسى گېزىتلەرنىڭ بۇخبىرلىرى بىلەن تونۇشۇپ مىللېتنىڭ ئەھۋالىنى ئەنگلىيىگە، ياۋروپاغا، ھەتتا ئامېرىكا ۋە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە خەۋەر قىلىۋېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ، ئالتە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۈچىمىز پارىژدا ئۇچرىشىپ تەشۋىقاتنى توختىتىشنى، مىللېتقىمۇ رەسىم ئەۋەت دەپ خەت يازماسلىقنى قارار قىلدۇق. بۇ چاغدا جاھان زىلزىلىگە كەلگەن، ھەممە تەييارلىقلىرىمىز پىشىپ يېتىلگەن ئىدى. شۇڭا پۇرسەتنى غەنىمەي بىلىپ دەرھال ئىشنى باشلىۋەتمەكچى بولۇپ مىللېتقا كارۋاتتىن چۈشمەي جىم يېتىپ ئورۇقلىشىنى جېكىپ خەت يازدۇق. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئون كۈن ئىچىدە «ئۆلۈشى» كېرەك ئىدى، ئەگەر ئۈلگۈرەلىسە. ھىساپلاپ كۆرسەك نەتىجىمىز يامان ئەمەس بولۇپ چىقتى، ئۈچىمىز جەمى سەكسەن بەش پارچە رەسىم سېتىپ ئاتمىش توققۇزمىڭ فرانك پۇل تېپىپتۇق. ئاخىرقى بىر پارچە رەسىمنى كارىل ساتقان، ساتقاندىمۇ تازىمۇ قىممەت ماھادا سېتىپتۇ، بۇ «كەچتىكى ئىبادەت» دىگەن رەسىم بولۇپ، ئىككىمىڭ بەش يۈز فرانكقا سېتىپتۇ. بىز ئۇنى ماختاپ كۆككە چىقىرىۋەتتۇق. ۋاھالەنكى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتۈن فرانسىيىدە بۇ رەسسامنىڭ يالاشتا قالىدىغانلىغىنى، بىر نامسىز جاناپنىڭ نەق بەش يۈز ئەللىك مىڭ فرانك بېرىپ بۇ رەسىمنى ئالىشىپ ئېلىپ كېتىدىغانلىغىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمىز. شۇ كۈنى ئاخشىمىلا شامپانسىكىلارنى ئۈستەلگە تېزىپ پىلانىمىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشقانلىغىنى تەبرىكلەپ كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزدۇق. ئەتىسى كىلود ئىككىمىز يۈك ـ تاقلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، مىللېتنى «ئۆلۈم» ئالدىدا يەنە بىرنەچچە كۈن جىم ياتقۇزۇش، خەۋەر ئوغرىلاش ئۈچۈن تىڭ ـ تىڭلاپ يۈرگەن بىكارچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەمدە مىللېتنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ھەر كۈنى كارىلغا مەلۇم قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدۇق. كارىل بۇ خەۋەرلەرنى پارىژدا تۇرۇپ ھەر قايسى قىتئەلەردىكى گېزىتلەردە ئېلان قىلىپ، بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان دۇنيا جامائەتچىلىگىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇردى. ئاخىرىدا كارىل قايغۇلۇق خەۋەرنى ئېلان قىلىۋېتىپلا ماتەم مۇراسىمىنىڭ تەييارلىغىنى قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن دەرھال تەييارلىغىنى قىلىشقا ياردەملىشىش ئۈچۈن دەرھال قايتىپ كەلدى. مىيىت ئۇزىتىش شۇنداق تەنتەنىلىك بولدىكى، پۈتۈن جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتتى، بۇ ۋەقە سىزنىڭمۇ ئېسىڭىزدە باردۇر. يېڭى ـ كونا دۇنيادىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئەرباپلارنىڭ ھەممىسى دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ تەزىيە بىلدۈرۈشتى. بىز ئايرىلماس تۆت جان دوست جىنازىنى كۆتەردۇق، باشقىلار ياردەملىشەيلى دىسىمۇ رەخمەت ئېيتىپ جىنازىغا يېقىن كەلتۈرمىدۇق. بىزنىڭ مۇنداق قىلىشىمىز توغرا ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا مومدىن ئادەم ياساپ سېلىپ قويغان ئىدۇق، ئەگەر يەت كىشىلەر كۆتەرسە مىيىتنىڭ يېنىكلىگىدىن گۇمانلىنىپ قالاتتى ـ دە، نەتىجىدە ئىشىمىز چېنىپ قالتتى. شۇنداق، ئاۋالقى جان دوستلار جاپا ـ مۇشەققەتنى تەڭ تارتقان تۆت قەدىناس جىنازىنى كۆتىرىپ ماڭدۇق... ـ قايسى تۆتىڭلار ئۇ؟ ـ ھىلىقى تۆتىمىز بولمايمىزمۇ. مىللېتمۇ ئۆزىنىڭ جىنازىسىنى كۆتىرىپ ماڭمامدۇ، ھە، ئۇ گىرىم قىلىپ باشقىچە ياسىنىۋالدى. يىراقتىن كەلگەن ئۇرۇق ـ تۇققىنى سۈپىتىدە ياسانغان ئىدى. ـ قالتىس ئىش بوپتۇ ـ دە! ـ قىلچە يالغان ئەمەس، چۈنكى بەرىبىر ـ دە. ئۇنىڭ رەسىملىرىنىڭ باھاسىنىڭ قانداق ئۆرلىگەنلىگى ئېسىڭىزدىدۇر. پۇلنى دەمسىز؟ بىز ھەقىقەتەن پۇلنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بىلمەلمەي قالدۇق. ھازىرمۇ ھازىرمۇ پارىژدا بىر كىشى مىللېتنىڭ يەتمىش پارچە رەسىمىنى ساقلاۋاتىدۇ. ئۇ بىزگە ئىككى مىليون فرانك بېرىپ سېتىۋالغان. بىز يول يۈرگەن ئالتە ھەپتە ئىچىدە مىللېت سىزغان نۇرغۇنلىغان مەنزىرە رەسىم ۋە كۇپىيە رەسىملەرگە كەلسەك، ئەي ـ ھەي، ئۇ رەسىملەرنىڭ ھازىرقى سېتىلىش باھاسىنى ئاڭلىسىڭىز ھەيران قالىسىز. يەنە كېلىپ، بىز خالىساق ساتىمىز، تېخى! ـ بۇ قالتىس ھىكايىكەن، ئەزبىرايى، قالتىس ئىكەن! ـ ھەئە، شۇنداق دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ـ مىللېتنىڭ تەقدىرى كېيىن زادى قانداق بولدى؟ ـ مەخپىيەتلىكنى ساخلىيالامسىز؟ ـ ساقلايمەن. ـ بۈگۈن مەن ئاشخانىدا سىزگە «ئاۋۇ ئادەمنى زەڭ قويۇپ كۆرۈۋېلىڭ» دىگىنىم يادىڭىزدىمۇ؟ ھە، شۇ كىشى فرانسوۋا مىللېت بولىدۇ. ـ ھە ـ ھە، ئەسلىدە... ـ شۇنداق! قىسقىسى ئۇلار تالانت ئىگىسىنى ئاچتىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھەقنى ئۆزلىرىنىڭ چكنتىگىگە سېلىۋالىدىغان ئىشلارنى بۇ قېتىم قىلالماي قالدى. شۇنداق قىلىپ، سايرىيالايدىغان بۇ قۇش بۇ قېتىم ئاڭلايدىغانلار بولمىسىمۇ بىكارغا ساپراپ، ئاخىر ئۆلگەندىن كېيىن ئورۇنسىز ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغان ئاقىۋەتكە قالمىدى. بىز ئەسلىدە تەقدىرىمىزنىڭ مۇشۇنداق بولۇشىنى كۈتكەن ئىدۇق.

     «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 1984-يىللىق6-سانىدىن ئېلىندى.

    («چەتئەل ھىكايىلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىنغان)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق