تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز: سەھەرنىڭ قولى

يوللىغۇچى : ئوغۇز يوللىغان ۋاقىت : 2008-01-31 13:35:00

سەھەرنىڭ قولى تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز سەھەرنىڭ قولى تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز سەھەرنىڭ سۈزۈك مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشتى ئايالىم، چوغدەك جايناماز ئۈستىدە بۇلدۇقلىدى تاھارەت ۋە جان. سەھەر دە...

      سەھەرنىڭ قولى 
    تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز


            سەھەرنىڭ قولى تۇرسۇننىياز توختى ئوغۇز  سەھەرنىڭ سۈزۈك مەڭزىگە مەڭزىنى يېقىپ كۆرۈشتى ئايالىم، چوغدەك جايناماز ئۈستىدە بۇلدۇقلىدى تاھارەت ۋە جان. سەھەر دەرىزىدە، سەھەر يۈرەكتە، سەھەر جانسىز دەرەخلەرنىڭ ئۈنسىز قىرائىتىدە. دالاندىكى قالىغاچ سايرىدى، ئوغلۇمنىڭ تېنىدە سەھەر پىچىرلىدى، ئاخىرقى بىرتال يۇلتۇز ئۆيدىكى جىمجىتلىققا مۆكۈندى... مەن تۈڭلۈك ياپقۇچنى قايرىدىم، نۇر شۇڭغىدى ئۆيگە. تۈن قارا ئايغىرغا مىنىپ كىرىپ كەتتى ئورمان ئىچىگە كۆرۈنمەستىن ھېچكىمگە. ئورماندىكى ئەرۋاھ بوۋاينىڭ چۆچىكىگە مۆكۈۋالار ئۇ، بىر مۇنچە يۇلتۇز بالىلارنى يەكتىكىگە سولىۋالار ئۇ. سەھەر _ ئويغاق كۆزلەردە. سەھەر _ سۈزۈك دىللاردا. سەھەر _ پاكىز قاراقلاردا. سەھەر _ چاڭقىغان يېرىقچىلاردا، تەن ئاستىدىكى چەكسىز دېڭىزدا؛ پاكلىق بىلەن بېسىلغان قەدەم ئاستىدا، تىنچ-ئامانلىق سورىشىپ ئاش سۇنۇشقان قاچىلاردا. سەھەر  سۈپۈردى ھويلىلارنى ھەتتا قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە قەدەر. مەن ئېتىزغا ماڭدىم، سەھەر ئۆيۈمدە قالدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق