ۋەتەن ۋە ئىمان (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-30 23:30:52

ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت ئۇيغۇر تور ئۇلىنىشلىرى ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلىنىش تورلىرى تورداشلارغا ئىنتايىن قولاي بولغان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىرم...

    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت

     

    ئۇيغۇر تور ئۇلىنىشلىرى
    ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇلىنىش تورلىرى تورداشلارغا ئىنتايىن قولاي بولغان تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. بىزنىڭ بىرمۇنچە ، بىر – بىرىدىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بولغان تور ئادرېسلىرىنى يادلىۋېلىپ ياكى خاتىرلەپ يۈرۈشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت ئۆزىمىز ياقتۇرغان ۋە ئىشەنچىلىك دەپ قارىغان مەلۇم بىر ئۇلىنىش تورىغا كىرىش ئارقىلىقلا تور دۇنياسىدىكى ئۆزىمىز نىشانلىغان تور مەنزىلىگە بىمالال يېتىپ بارالايمىز. دەل شۇ ۋەجىدىن، ئۇلىنىش تورلىرى ھامان تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە سازاۋەر بولۇپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلەرنىڭ نامى، ئادرېسى ئەستىن كۆتۈرۈلسىمۇ، ئەمما، ئۇلىنىش تورى ئەستىن چىقمايدۇ …
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى
    ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتۈش كېرەككى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقلىقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگۈچە، نۇرغۇن ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن كەچۈردى. بۇ جەرياندا ئۇلىنىش تورلىرى بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا قولايلىق تور ئۇلىنىش مەنزىلى تەمىنلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ئۈچۈن كەڭ تورداشلارغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە ھەمدە ئۆزىنى تەشۋىق قىلىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇيغۇر تورچىلىقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇشتى( جۈملىدىن، يۈكسەل بلوگى Www.Yuksel.Me مۇ بۇ بىرقانچە يىل داۋامىدا ھەرقايسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ھازىرقىدەك زىيارەت ئېقىمى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بلوگلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى ). بۇندىن باشقا يەنە، ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر شىركەت – كارخانىلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى كەڭ تور جامائەتچىلىكىگە تەشۋىق قىلىش سورۇنى ھازىرلاپ بېرىپ، مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىپ، ئۆز تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈردى.
    شۇتاپتا قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ 2 ئۇلىنىش تورى ( www.ulinix.com ۋە www.ulinix.cn ) ئۇيغۇرلاردىكى زىيارەت ئېقىمى ئەڭ زور بولغان، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئالدىنقى 1 – ۋە 2 – ئورۇندا تۇرىدىغان، شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى 5 – نىڭ ئىچىگە كىرگەن تور بېكەتكە ئايلاندى. ئۇلاردىن باشقا، ياخشى ئۇلىنىش (www.yahxi.com )، تورلار دۇنياسى (www.torlar.com ) ، ئاچىل تورى، تۇتاش ئۇلىنىشى … دېگەنگە ئوخشاش ئۇلىنىش تورلىرىمۇ بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى مەيدانغا كېلىپ، تور ئۇلىنىش ساھەسىدە ئۆزلىرىگە تېگىشلىك ئورۇن ۋە نوپۇز ھازىرلىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، يۇقىرىقلاردىن باشقا، ئۇيغۇر تىلى ئىملاسىنى ‹‹ تاختا بېشى ›› غا ئېلىپ قويىدىغان ئۇلنىش، ئۇلۇنىش، ئۇلنىشلا، ئۇلۇنىشلا، ئۇلانمىلا … دېگەندەك ئۇلىنىش تورلىرىمۇ مەيدانغا كەلگەن بولدى. دۇنيا قارا بلوگى (http://dunyakara.blogbus.com/) نىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلاردىكى ئۇلىنىش تورلىرى 20 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى يۇقىرىقىدەك ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، ئۇيغۇر تورچىلىقىغا مۇناسىپ تۆھپىسىنى قوشۇشقان بولسىمۇ، ھامان بىر قىسىم ئەيىپ – نۇقسانلاردىن ياكى مەسىلىلەردىن ساقلىنالمىدى. مەسىلەن، ھازىرقى ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنىڭ چىڭ ئەمەسلىكىنى، ئۇلىنىش تەمىنلەنگەن تور بېكەتلەر ئارىسىدا ئاز بولمىغان مەزمۇنى ساغلام ئەمەس تورلارنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى، بەزى تورلاردا ۋىرۇس ، ياغاچ ئات قاتارلىقلارنىڭ بارلىقىنى، گاھى ئۇلىنىش تورلىرىدا ئۇلىنىشتىن ئېلاننىڭ كۆپلىكىنى، تېخنىكىلىك كۆرسەتكۈچىسىنىڭ ئانچە يۇقىرى بولماسلىق ، ئۆلچەملىك تور كۆرگۈلەردە نورمال كۆرۈنمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرۈمىز. ئۇلىنىش تەستىقلاشتا، پەقەت ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش بىلەن كۇپايىلىنىپ، ئۇنىڭدىكى مەزمۇننىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىغا پىسەنت قىلماسلىق، پەقەت ئىقتىسادىي قىممەت ياراتسىلا ، مەزمۇنى ۋە تەسىرى بىلەن ھېسابلاشماسلىق خاھىشى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا. بولۇپمۇ، ئۇلىنىش بېرىلگەن كىنو ، MTV تورلىرىغا قارايدىغان بولساق، كۆپىنچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي ئەخلاقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇس – ھايا سەزگۈسىگە كەسكىن جەڭ ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. بىز بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ‹‹ ھالۋىنى ھېكىم يېدى، تاياقنى يېتىم ›› دېگەندەك سارغايدى تور بېكەتلەرنىڭ ئەيىپىنى ئۇلىنىش تورلىرىدىن سۈرۈشتە قىلماقچى ئەمەسمىز. ئەمما، بىزدە ‹‹ ئېقىننىڭ بېشى لاي بولسا، ئايىقىمۇ لاي بولۇر ›› دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. ئۇلىنىش تورلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ‹‹ باش توغان ، باش مەنبە ›› بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆزلىرى ئادا قىلىشقا تىگىشلىك ئەقەللىي ئىجتىمائىي بۇرچنى ئادا قىلىشى كېرەك. ھەرگىزمۇ يامانلارغا يانتاياق بولۇپ، سارغايدىلارغا يول ئېچىپ بېرىپ ‹‹ دەللال ›› بولۇپ قالماسلىقى لازىم.
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنى زىيارەت ئېقىمى بويىچە غايەت زور بىر دېڭىزغا ئوخشاتساق، ئۇنىڭدىكى ئۇلىنىشلار شۇ دېڭىزدىن تارىلىپ چىققان دەريا – ئېقىنلارغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئۆز مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قاراپ، ئۇلىنىش تەستىقلاش ئۆتكىلىنى ھازىرقىدەك بوش تۇتسا، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ سەۋەبكارلىقى بىلەن لاي – لاتقا بىلەن تولغان، بۇقسىپ ئېچىغان تور سۈيىنى ئىچىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەقلى – ھۇشى جايىدا بولغان كىشىلەر ھەرھالدا ئىلغاشنى بىلگەن بىلەن، ئاق -قارىنى تېخى پەرقىتىپ ئۈلگەرمىگەن گۈدەكلىرىمىز ئۇلىنىش تورلىرىدىن كىرىپ، ناچار مەزمۇن – ناچار كۆرۈنۈشلەردىن زەھەرلىنىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق بولغاندا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىم ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟ ھېلىقى ناچار سارغايدى تورلارنىڭ ئىككى دۇنيادا مەسئۇلىيەتتىن قاچالمايدىغىنى ئېنىق. ئەمما، ئۇلىنىش تورلىرىچۇ ؟! ئۇلارنىڭ بىلىپ تۇرۇپ ئۇلارغا ئۇلىنىش بەرگەنلىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنماسلىقى كېرەكمۇ ؟ بىزغۇ سۈرۈشتە قىلالماسمىز، ئەمما ، ئاخىرەتتە ، بارچە ئەمەللەرگە ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچى زاتچۇ؟ …
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا تەكلىپ
    ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك كۆلەم ھاسىل قىلىشىدا ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ تۆھپىسىگىمۇ، ئۇلارنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرىگىمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. بىزدە ‹‹ پۇل تاپقۇچە ، يۈز تاپ ›› دەيدىغان ھېكمەتمۇ بار بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىمۇ نۇقۇل ئىقتىسادىي قىممەت قوغلاشماستىن، ئۇيغۇر تور ئاممىسى ئالدىدا مەلۇم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى، ئۇيغۇر تور مۇھىتىنىڭ پاكىز ، بىخەتەر بولۇشىدا تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئۇلىنىش تورلىرى ئۇلىنىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشى، بىر تەرەپتىن تور بېكەتلەرنى قانۇنىي نۇقتىدىن، يەنى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ، ئەكسىيەتچى ، شەھۋانى – سېرىق مەزمۇنلار بار – يوقلۇقى جەھەتتىن تەكشۈرۈپلا قالماي، ئۇيغۇر مەدەنىيەت دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت – ئەنئەنىسىگە ھۆرمەت قىلامدۇ يوق؟ ئۇيغۇر ئەخلاق قاراشلىرىغا ئۇيغۇنمۇ يوق؟ دېگەندەك ئۆزىمىزگە خاس بولغان كونكرېت تەكشۈرۈش كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش لازىم. ئۇلىنىش تورلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىش ئارقىلىق زىيارەت قىلىنغان تور بېكەتلەر چوقۇم ساغلام، مەزمۇنلۇق، مەنپەئەتلىك ، بىخەتەر بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى بايراقدار ئورنى ۋە نوپۇزىنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالماسلىقى، ئۆز شەرىپىنى ساقلاشتا ھەرقاچان ھۇشيار بولۇشى زۆرۈر. ئىنسان ئۈچۈن ئەلنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئەلەملىك ئىش بولماس، بىخۇدلۇق، پۇلغا زىيادە ھېرىسمەنلىك كىشىنى پەسكەشلىككە باشلايدۇ …
    سۆزىمىزنى شۇ جايدا كېسىمىزكى، ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرى جىگەر – ۋىجدانى ، ئەلگە ھەقىقىي خىزمەت قىلىش ئىرادىسى بولسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۆزلىرى تەمىنلىگەن ئۇلىنىشلار ئارىسىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيەت – ئەنئەنىسىگە بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتقان، قانۇنى جەھەتتىن سېرىق دەپ بېكىتكىلى بولمىسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق قارىشى، ھايا – نۇمۇس قارىشى بىلەن كەسكىن توقۇنىشىۋاتقان مەزمۇن ، كىنو ، MTV ، قىسقا فىلىملەر بار بولغان تور بېكەتلەرنى سۈپۈرۈپ تازىلاپ، ئۇيغۇر تور ئاممىسىغا ئۆزىنىڭ خەلق ئالدىدا مەسئۇلىيەتتىن باش تارتمايدىغان ئەزىمەتلىكىنى، ئەل – ۋەتەننى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن سۆيدىغانلىقىنى نامايىش قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.