مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىككى يۈزى

يوللىغۇچى : rizatekin يوللىغان ۋاقىت : 2008-05-29 13:53:00

مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىككى يۈزى بىر جۈپ قىز-يىگىت باغچا ئالدىغا قول تۇتۇشۇپ كىلىدۇ ، ئەقىل تورمۇزلانغان شۇ دەقىقىدە يۈرەك ئۆزىنى بەختلىك سېزىدۇ ...بىراق چۈشلەر ھامان ئاخىرلىشىدۇ بىرىنىڭ شاتلىقى بىر...

         مەۋجۇتلۇقنىڭ ئىككى يۈزى

         بىر جۈپ قىز-يىگىت باغچا ئالدىغا قول تۇتۇشۇپ كىلىدۇ ،
    ئەقىل تورمۇزلانغان شۇ دەقىقىدە يۈرەك ئۆزىنى بەختلىك سېزىدۇ ...
    بىراق چۈشلەر ھامان ئاخىرلىشىدۇ
    بىرىنىڭ شاتلىقى بىرىنىڭ قايغۇسىغا چىدىر تىكىدۇ ،
    ھەم بىرىنىڭ كۆز ياشلىرى يەنە بىرىنى غەرىق قىلىدۇ ...
    ھايات شۇنداق سىرلىق تىپىشماق ، بىرىنى كۈلدۈرۈپ مىڭنى يىغلىتىدۇ ...
    ئەتىگە بىرنىمە دەپ بولمايدۇ كۆڭۈل باغلاقتا تۇرمايدۇ ،
    باغچا ئالدىغا يوپۇرماقلار تۆكۆلۈپ ئاخىرى قىز -يىگىت ئايرىلىدۇ .
    دۇنيا ھىجراندا تولغىنىدۇ
    قۇپقۇرۇق ۋە مەنىسىز بوشلۇقتا غۇۋا بىر ئەسلىمە ئويغىنىدۇ ...

    2

    تاشيولدا ئىككى ئىدىيە ئۇچرىشىدۇ ،
    كوچىلار گۈزەللىككە تولغاندەك بولۇپ رەھىمسىز شاۋقۇنلار پەسىيىدۇ .
    بىرى ئۆزلۈك بايرىقىنى كۆتۈرسە بىرى ئىتىقاتتىن قالقان ياسايدۇ ،
    بىرى ئەپسۇن خالتىسىنى ئاچمىسا بىرىنىڭ تەپەككۈرى قانات قاقمايدۇ ...
    ئۆزمەنپەئەتى ئالدىدا قوش گىزەكلەرمۇ بىر بىرىنى ئۆلتۈرىدۇ
    پەقەت روھسىز بىنالار بىر يەردە جىم تۇرىدۇ
    پەقەت ئەخلەت چىلىكى قارشىلىقنى بىلمەيدۇ
    پەقەت ئارمانسىز قۇللار قول تۇتۇشىدۇ ...
    ئىككى ئىدىيە ھامان ئىككى تەرەپكە ماڭىدۇ
    تاشيول كۆزىنى ياشلاپ قالىدۇ ....

     2006-10-2

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-8 13:00:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق