ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

يوللىغۇچى : kamanqi يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-24 12:13:18

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرىمەن ئۇيغۇرمەن ، ئۆز خەلقىمنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماكان سەتھىدە تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەر – يېزىلار ، سەھرا – جىلغىلارنى ك...

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېيتقانلىرى

     

    مەن ئۇيغۇرمەن ، ئۆز خەلقىمنى سۆيىمەن . ئۇنىڭ ماكان سەتھىدە تۇرغان قىياپىتىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەر – يېزىلار ، سەھرا – جىلغىلارنى كەزدىم . ئۇنىڭ زاماننىڭ داۋانىدا تۇتقان ئوبرازىنى بىلىش ئۈچۈن قەدىم زاماندىن ھازىرغىچە ھەتتا كەلگۈسى يىللارغىچە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلدىم ، مۇھاكىمىلەر يۈرگۈزدۈم . مەن بۇنى باشقىلارنىڭ بايقىۋېلىشى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى «ئاشىقنىڭ تەڭرى بىلەن قوشۇلىشى» دەك ، ئۆز سۇبيېكتىپنى خەلقىمنىڭ ماكان – زامان قاپلاپ تۇرغان ھېقىقى قىياپىتى ئارقىلىق ئوبيېكتىپلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەندىم . دەرد ۋە ھالاۋەتلىرىم ئەنە شۇ ئۆزلۈك ئاڭ بۇلىقىدىن فونتان بولۇپ چىققان ! بۇ ماڭا پوئىزىيە ھۇزۇرى ، ھەيكەلتىراشلىق زوقى ، ۋە مۇزىكا لەززىتى بولدى . ئەلۋەتتە ، خەلقىمنىڭ ئالىيجاناب خىسلەت ۋە مۇۋەپپەقىيەت ھېكمەتلىرىدىن سۆيۈنىمەن ، خۇددى ئاقدىل سەبىيلەردەك ئاسمانغا تەلپىكىمنى ئېتىپ ، ۋارقىراپ – سەكرىگۈم كېلىدۇ . نېمە چارە، خەلقىم ئۆزىنى چىرمىۋالغان ئىللەتلەردىن خالىي ئەمەس . ئۇ خۇددى ئافىنا ئىبادەتخانىسى ئالدىدا بەھەيۋەت ئېلان ئوراپ ئالغان مويسىپىت راكۇكونغا ۋە ياكى ئاياغ تەرىپى تاش بېلىققا ئايلانغان قىزغا ئوخشاش ئۆز ئىللەتلىرى تەرىپىدىن ماتالغان. بەلكى ، ناتوغرىدۇر، مېنىڭچە ، «يىپەك يولى» خارابلاشقانلىق ، بېكىنمە ئىگىلىك، گادايلىق ۋە نادانلىق تۈپەيلى ھاسىل بولغان مەنىۋى ئىللەت خەلقىمىزدىكى پۈتكۈل ئاجىزلىق ، ئوڭۇشسىزلىق ۋە كېلىشمەسلىكنىڭ يىلتىزىدىن ئىبارەت . قېلىن تارىخىي چۆكمە ھاسىل قىلغان ، مېنىڭ ، ئۇنىڭ ، سېنىڭ ھەتتا ئاتا-ئانام ، يېتەكچىم ، قەلەمكەش ئۇستازىم ، ساھىبجامال دىلبىرىمنىڭ روھىيىتىدىن ئۇلارنىڭ ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ روھىيىتىگە «مايلىق قۇرت» دەك ئۆمىلەپ ئۆتۈپ تۇرغان بۇ ئىللەتنى كۆرمەسلىك – ماھىيەتتە ئۆز خەلقىگە قىلىنغان ۋاپاسىزلىق ئەمەسمۇ؟!

    ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» تىن 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.