دېرىزىدىكى ئەر(تۇرغۇن مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-08 06:49:14

دېرىزىدىكى ئەر(ھېكايە)تۇرغۇن مىجىت باش خورازنىڭ ياڭراق زىل ئاۋازى مەسۈمباينى لاي سۇدەك ئېلىشەڭگۈ، يېقىمسىز چۈش قوينىدىن تارتىپ چىقتى. ئۇ ئۈگە-ئۈگىلىرى بوشاپ كەتكەندەك، بىر كۈن ئېغىر ئەمگەك ب...

    دېرىزىدىكى ئەر(ھېكايە)
    تۇرغۇن مىجىت


      باش خورازنىڭ ياڭراق زىل ئاۋازى مەسۈمباينى لاي سۇدەك ئېلىشەڭگۈ، يېقىمسىز چۈش قوينىدىن تارتىپ چىقتى. ئۇ ئۈگە-ئۈگىلىرى بوشاپ كەتكەندەك، بىر كۈن ئېغىر ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغان ئادەمدەك تولىمۇ ھارغىن ئىدى. كۆكرىكىنى خۇددى بىرسى بېسىپ تۇتۇۋالغاندەك يۈرىكى قىسىلىپ، ئىچ-ئىچىدىن بىر خىل ئۇھسىنىش-پىغان ئۆرلەپ چىقاتتى.

       بىرسى چىشلىۋالغان توقاچتەك كەمتۈكلىشىپ قالغان ئاي، سۈبھى ئاسمىنىنى سۇس سارغۇچ رەڭدە يورۇتۇپ تۇراتتى. دېرىزىدىن ئۇدۇل چۈشكەن ئاي نۇرى مەسۈمباينىڭ ئۈستىنى يورىتىۋەتكەنىدى. مەسۈمباينىڭ ئايالى ئاتىخان  ئۇنىڭ يېنىدا ئاغزىنى كاماردەك ئېچىپ قويۇپ تورۇسقا قاراپ ياتاتتى. ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقاندىكى تۇرقى، ئوتتۇرا ئاۋازدا خىرىلداپ تارتقان خورىكى ئادەمگە ئۇنى جان تالىشىۋاتقاندەك كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭ كېچىدىكى ئادەمنى بىزار قىلىدىغان يۆتىلى مەسۈمباينى زېرىكتۈرۈۋەتكەنىدى.

       مەسۈمباي ياستۇقىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان تاماكا خالتىسى بىلەن گېزىت قەغىزىنى ئېلىپ تاماكا ئورىدى. ئۇ بارماق چوڭلۇقىدىكى ئورالغان تاماكىغا ئوت يېقىپ، كۈچەپ-كۈچەپ شوراشقا باشلدى. تاماكىنىڭ ئاچچىق ئىسى ئۇنىڭ نېرۋىسىغا تەگدى، ئىچى سەل بوشىغاندەك بولدى. ئۇ دېرىزىدىن سۈبھى تېڭىغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئاي نۇرىغا قارىغىنىچە خىيالغا كەتتى.
    مەسۈمباينىڭ دادىسى مۇشۇ بازارنىڭ داڭلىق بىدىكى ئىدى. ئۇ ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇلاغ بازىرىدا توختىماي سۆزلەپ يۈرۈپ، 40 — 50 ئادەمنىڭ سودىسىنى كېلىشتۈرۈپ قوياتتى. ئالدىن سودا قىلغۇچىلاردىن بىرنەچچە يۈەندىن كېلىشتۈرۈش ھەققى ئالاتتى. ئۇنىڭ كېلىشتۈرۈش دائىرىسى يۇقىرىسى ئات-كالا، قوي-ئۆچكە، تۈۋىنى توخۇ-كەپتەرگىچە ئىدى. ھەتتا ئۇ ئۈستىلەپ كېلىپ قالغان ھەرقانداق سودىغا ئارىلىشاتتى. ئۇ ئۇزۇن يىل مۇشۇ ئىش بىلەن شۇغۇللانغاچقا، ئۇنىڭدا شۇنداق بىر ئادەت يېتىلگەنىدىكى، ئۇ تۇرمۇشتىكى ھەرقانداق بىر ئىشقا بىدىكچىلىك قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇنىڭ يەنە بىر بىدىك ئاغىنىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرلا قىزى بار ئىدى. ئائىلە ئىقتىسادىمۇ بۇلاردىن ھاللىقراق ئىدى. ھاشىمباي بۇ ئائىلىنى نىشانغا ئالدى. ئاغىنىسىنىڭ يالغۇز قىزىنى ئوغلى مەسۈمبايغا ئېلىپ بېرىپ، ئوغلىنى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە ۋارىس قىلماقچى بولدى. ھاشىمباي بۇ پىلاننى ئوغلىغا ئېيتقاندا ئوغلى مەسۈمباي قوشۇلمىدى، ئۇ قىزنى ياراتمىغانىدى. ئەمما ھاشىمباي ئوغلىنى قىزغا ئەمەس، ئۇلارنىڭ بايلىقىغا قىزىقتۇردى. ئۇ بىدىكچىلىكتىكى قالتىس ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاخىر ئوغلىنى قايىل قىلدى. مەسۈمباي بايلىق ئۈچۈن ئۆزى خالىمىغان بۇ توينى قىلىشقا مەجبۇر بولدى.

       ئۇلار توي قىلدى. ئەمما بۇ تويدىن ۋە ئايالىدىن مەسۈمباينىڭ قىلچىمۇ كۆڭلى سۆيۈنمىدى. ئۇنىڭ ئايالى ئاتىخان تۇغما ئۆپكە كېسەل بولۇپ، يىڭنە يەۋالغاندەك ئورۇق ئىدى. كېچىسى ئەنسىز يۆتىلىپ ئادەمنى بىزار قىلاتتى. ھاشىمباي نۇرغۇن بايلىقلارنى پەش قىلىپ ئوغلىغا تەسەللى بېرەتتى. مەسۈمباي ئاتىخان بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان چاغلىرىدا ئۆزى ھۇزۇرلانغىدەك بىرەر لەززەت ھېس قىلغانلىقىنى بىلەلمىدى.
    ئۇلارنىڭ توي قىلغىنىغىمۇ ھەش-پەش دېگۈچە ئون يىلدىن ئاشتى. بۇ جەرياندا مەسۈمباي دادىسىنىڭ ئىرادىسى بويىچە قېيناتىسى ۋە قېيناپىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تالاي قېتىم تىلىدى. ھەتتا ئايالىنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆلۈپ كېتىشىنى تىلىدى. ئەمما تەقدىر ئۇنىڭ دېگىنىچە بولمىدى. قېيناتىسى بىلەن قېينانىسى ئۆلمەستىن دادىسى ھاشىمباي ئۆلۈپ كەتتى. مەسۈمباينىڭ كۆڭلى سوۋۇدى، ئۇ ئايالىنى قويۇۋەتمەكچى بولدى. ئاپىسى بولسا «داداڭ ئېلىپ بەرگەن خوتۇن، قويۇۋەتسەڭ بولمايدۇ» دەپ قوشۇلمىدى. مەسۈمباي بالا يۈزى كۆرمىدى، مەھەللىدە ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەر تارقالدى. ئۇ ئاچچىقىدا خوتۇنىنى راسا دۇمبالاپ ئۇرماقچى بولدى. ئەمما خوتۇنى تولىمۇ ئاۋارە، تاياق كۆتۈرەلمەيتتى. كۈتمىگەندە مەسۈمباينىڭ قېيناپىسى ئۆلۈپ كەتتى. قېيناپىسىنىڭ قىرقى توشماي تۇرۇپلا قېيناتىسى ياش بىر خوتۇننى ئېلىۋالدى. بىرنەچچە يىل ئىچىدە ئۇ خوتۇن مەسۈمباينىڭ قېيناتىسىغا بىر قىز، بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. مەسۈمباينىڭ ئۈمىدى كۈپۈككە ئايلاندى.
    مەسۈمباي زادىلا بالا يۈزى كۆرمىدى. مەھەللىدە ھەر خىل سۆز-چۆچەكلەر بولۇپ تۇردى...

       ئاتىخاننىڭ ئەنسىز يۆتىلى مەسۈمباينىڭ خىيالىنى بۆلۈۋەتتى. ئۇ ھازىرلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ئەنسىز يۆتىلەتتى. مەسۈمباينىڭ بېشى ئاغرىپ، كۆڭلى ئاينىغاندەك بولدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا چىقتى. يىراقتىكى ئېتىز-دالىلاردىن بوز تورغاينىڭ يېقىملىق سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇپۇق ئاقىرىشقا باشلىغان، چولپان يۇلتۇز ھازىرلا ئېقىپ چۈشۈپ كېتىدىغاندەك يالتىراپ كەتكەنىدى. سەھەرنىڭ ھاۋاسى ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېچىۋەتتى. تورغاينىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئالىقاندەك شېرىن ھېسلارنى سالدى. ئۇ تام تۆشۈكىگە تىقىپ قويغان ياڭاق چوڭلۇقىدىكى نەشە، غاڭزا قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ باغقا قاراپ ماڭدى. باغدىكى ئۆرۈكلەر ئەمدى ئالا بولۇشقا باشلىغانىدى. ئۆرۈكلەردىن بىر خىل مەززىلىك پۇراق تارقىلىپ تۇراتتى. مەسۈمباي باغنىڭ ئوتتۇرىدىكى يوغان بىر تۈپ ئۆرۈككە يۆلۈنۈپ ئولتۇردى. ئۇ غاڭزىسىنىڭ سېپىنى بېكىتىپ پۈۋلەپ باقتى. ئۇ ئەمدى غاڭزىسىغا تاماكا باسماقچى بولۇپ تۇرغاندا، كۆزى قوشنا ئۆينىڭ دېرىزىسىگە چۈشۈپ قالدى. دېرىزىدىن چىراغ يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، مەسۈمباي بىردىنلا ئۇ دېرىزىگە قىزىقىپ قالدى. باشقىلارنىڭ ئۆيىنى ماراش يامان ئىش بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمىدى. ئۇ غاڭزا-تاماكىلىرىنى يىغىپ يانچۇقىغا سېلىپ، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دېرىزىگە يېقىنلاشتى. ئۆي ئىچىدىن سۇنىڭ داسقا شارقىراپ چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلاندى. شۇ ھامان مەسۈمباينىڭ ۋۇجۇدىدا شېرىن بىر سېزىم پەيدا بولدى. ئۇ دېرىزە تەكچىسىدىن ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىچىگە قارىدى. ئەمما دېرىزە ئەينىكىگە ئىچى تەرەپتىن نېپىز قەغەز چاپلاپ قويۇلغاچقا ئۇ ھېچنېمىنى كۆرەلمىدى. ئىچىدىن سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەسۈمباي تىت-تىت بولۇشقا باشلىدى. بىر خىل ئەسەبىيلىك ئۇنىڭ نېرۋىلىرىنى قۇتراتماقتا ئىدى. سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازى ئۇنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋەتتى. ئۆي ئىچىنى كۆرۈشتىن باشقا ئىش ئۇنىڭ خىيالىغا كىرمەيتتى. دېرىزە كۆزنەكلىرىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە قەغەز چاپلانمىغانىدى. مەسۈمباي دېرىزە تۆمۈرىنى چىڭ قاماللاپ تۇتۇپ، خۇددى كىچىك بالىلاردەك لىككىدە سەكرەپلا دېرىزە تەكچىسىگە چىقىۋالدى. مانا ئەمدى ئۆي ئىچى ئوچۇق كۆرۈندى. مەسۈمباينىڭ نەپەسلىرى ئىتتىكلەپ، ۋۇجۇدىغا تىترەك ياماشتى.

    قوشنا ئايال يوغان قەلەي داستا ئۆرە تۇرۇۋېلىپ يۇيۇنۇۋاتاتتى. بېشىدىن چۆگۈن بىلەن قۇيغان سۇ ئاپئاق بەدىنىدىن سىيرىلىپ شارقىراپ داسقا چۈشەتتى. ئايال دېرىزە تەرەپكە قاراپ تۇرغاچقا مەسۈمباي ئۇنىڭ بەدىنىنى شۇنچىلىك ئوچۇق كۆرەلىدى. ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرى شۇنچىلىك قاملاشقان، ئۇستا ھەيكەلتىراشنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان چىرايلىق ھەيكىلىگە ئوخشايتتى. ئەگەر ئوتتۇرىدا دېرىزە شادىلىرى توسۇپ تۇرمىغان بولسا مەسۈمباي ئايالغا ئۆزىنى ئاچ بۆرىدەك ئاتقان، ئاشۇ قاملاشقان نازۇك، گۈزەل بەدەننى باغرىغا چىڭ بېسىپ خېمىر قىلىۋەتكەن بولاتتى. ئايال بولسا ھېچنېمىدىن خەۋەرسىز، گويا ئۆزىنىڭ قامىتىنى مەسۈمبايغا كۆز-كۆز قىلىۋاتقاندەك ئۇيان-بۇيان تولغىنىپ، بىخارامان يۇيۇنماقتا ئىدى.
    مەسۈمباي قوشنىسىنىڭ بۇ ئايالىنى ھەر كۈنى كۆرۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ قامىتىنىڭ بۇنچىلىك قاملاشقان، چىرايلىق، ئادەمنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغانىدى. ئۇ قوشنىسىنىڭ يېقىمسىز، قاملاشمىغان چىرايىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى. ئەگەر ئۇنى بۇ گۈزەل ئايالنىڭ يېنىغا قويسا بۇلارنىڭ بىرى گۈل، بىرى تىكەنگە ئوخشايتتى. ئۇ ئايالىنى ئويلىۋىدى، خۇددى ئۇلار باشتا ئالمىشىپ قالغاندەك، ھازىر بىر-بىرى بىلەن خاتا ئۆي تۇتۇپ قېلىۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتتى. مەسۈمباي پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ ئوت بولۇپ قىزىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. تۆمۈر شادىنى تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى تىنىمسىز تىترىمەكتە ئىدى.
    مەسۈمباي ئۆمرىنىڭ تولىمۇ مەنىسىز ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇ تۇرۇپلا ئۆزىنى قايسى بىر كىتابتا سۆزلەنگەن «دەرەخ تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقان كۈتۈش» دېگەن ھېكايىدىكى ئەخمەققە ئوخشىتىپ قالدى. «دۈشمىنىڭنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگىچە، ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى تىلە» دېگەن ھېكمەتنىڭ مەنىسىگە ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدى. ئۇنىڭ ياشلىق باھارى بىدىكنىڭ قولىدىكى بىر قېتىملىق خاتا سودىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
    ئايال يۇيۇنۇپ بولۇپ كىيىملىرىنى كىيىۋالغاندىن كېيىن، چىراغنى ئۆچۈرۈپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كەتتى. ئۆي ئىچىنى قاراڭغۇلۇق باستى. مەسۈمباي دېرىزە شادىسىنى چىڭ تۇتۇپ يەنىلا تەكچىدە قىمىر قىلماي تۇراتتى. ئۆي ئىچىدىكى چىراغنىڭ ئۆچۈشى بىلەن ئۇ قەلبىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك ھېس قىلدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى بارلىق گۈزەللىكنى نامايان قىلىپ تۇرغان چىرايلىق گەۋدە غايىب بولدى. ئەمما شەبنەم تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان بىر تال گۈل بەرگى — ئادەمنى شەھۋەت دولقۇنىغا غەرق قىلغۇچى سېھىرلىك قىپيالىڭاچ تەن ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدا پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.
    ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى غىچىرلاپ ئېچىلىپ، كىشىلەر سىرتقا چىقىشقا باشلىدى. ئىگىسىنىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغان قوي-كالىلار بار ئاۋازى بىلەن مۆرەپ، سەھەرنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى. يېڭى بىر كۈننىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى باشلاندى.
    مەسۈمباي دېرىزە تەكچىسىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇ ھازىر يىلى چىقىپ كەتكەن توپقا ئوخشاش سالپىيىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ خۇمارى قايتىدىن قوزغالدى. ئۇ چوڭ ئۆرۈكنىڭ ئاستىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، يانچۇقىدىن غاڭزا ۋە تاماكىلىرىنى ئېلىپ يەرگە قويدى. چازا قۇرۇپ تۈزۈك ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، نەشىنى بۇغدايدەك قىلىپ غاڭزىغا باستى. كەندىرنىڭ پۇرىقى ئۆرۈكلەرنىڭ مەززىلىك ھىدىنى بېسىپ چۈشۈپ، باغ ئىچىنى بىر ئالدى.
    مەسۈمباي بۈگۈن ئىلگىرىكىگە قارىغاندا بىر غاڭزا تاماكىنى ئارتۇق چېكىۋەتتى. بۇ ئېسىل تاماكا ئىدى، بىردەمدە ئۇنى كەيپ دېڭىزىغا غەرق قىلدى. قاملاشقان يالىڭاچ بىر تەن ئۇنىڭ ئالدىدا ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئۇ تۇرۇپ كېپىنەكتەك بولۇپ قالاتتى، تۇرۇپ قۇشقاچتەك، كەپتەردەك، توخۇدەك بولۇپ قالاتتى، ئەمما ئۇنىڭ توپتەك ئۆرلەپ تۇرغان بىر جۈپ كۆكسى مەسۈمباينىڭ قارىچۇقىغا قادىلىپ تۇراتتى.
    — مەن سېنى تۇتۇۋالىمەن... زادى تۇتىمەن... مانا قارا...مۇ... مۇشۇنداق... قاماللاپ تۇرۇپ تۇتىمەن... قا... قاچما جېنىم... قارچۇغىدەك... بۈركۈتتەك... لاچىندەك كېلىپ قون... مەن... مەن... مەن ساڭا... دۆڭ بولاي... قونداق بولاي... كەل جېنىم... قوللىرىمغا كېلىپ قون... مەن ساڭا يىلىمدەك چاپلىشىپ كېتەي.
    مەسۈمباي قوللىرىنى سوزۇپ ئالدىغا ئىنتىلدى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ بېشى ھېلىقى جەلپكار بىر جۈپ ئەمچەككە شۇنچىلىك قاتتىق ئۈستىكى، مەسۈمباينىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى،  پۈتۈن زېمىن پىرقىراپ كەتتى. نېمە بۇ؟ ئەمچەكمۇ شۇنچە قاتتىق بولامدۇ؟ توقماقتەك، تەشتەك تەگدىيا بۇ، راست-راست، ئۇ شۇنداق قاتتىق، چىڭ بولۇشقا تېگىشلىك، چۈنكى ئۇ ساغلام، گۈزەل بىر تەندىن كۆكلىگەن بىخ. مەسۈمباي ئۇنداق ساغلام ئەمچەكلەرنى تۇتۇپ باقمىغاچقا بىلمەيدۇ-دە. مەيلى تەگسە، بېشىمنى يېرىۋەتسىمۇ مەيلى، بېشىمدىن گۈل ئېچىلغاي، ئىپار چېچىلغاي.
    مەسۈمباي ئەمچەكلەرنى سىلاپ بېقىۋىدى، قولىغا يىرىكلا بىرنەرسە ئۇرۇندى.
    «مۇمكىن ئەمەس، ئەمچەك ھەرقانچە قاتتىق بولغان تەقدىردىمۇ بۇنداق يىرىك بولماسلىقى كېرەك ئىدى. مەن خاتالاشتىممۇ يا؟...»
    ئۇنىڭ قاپاقلىرى تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ مىڭ تەسلىكتە كۆزىنى يېرىپ ئاچتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا بىر جۈپ ئەمچەك بولماستىن، قېلىن قوۋزاق بېسىپ كەتكەن يوغان بىر تۈپ ئۆرۈك دەرىخى تۇراتتى. مەسۈمباي خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ ئىسسىق بىرنەرسىنىڭ قاڭشىرىنى بويلاپ سىرغىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، پېشانىسىنى سىلاپ باققانىدى، قولى قانغا بويالدى. بايا ئۇنىڭ پېشانىسى يېرىلىپ كەتكەنىدى.
    مەسۈمباي خىرىلداپ، كېيىن قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ كۈلكىسىدىن ئۈركىگەن قۇشلار پۇررىدە ئۇچۇپ، باش ئۈستىدىن ئۆتۈپ كەتتى. مەسۈمباي كۈلەتتى. ئۇ ئۆزىنى مەسخىرە قىلىۋاتامدۇ، ياكى ئويغاق تۇرۇپ كۆرگەن چۈشىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتامدۇ، بىلىپ بولمايتتى.
    مەسۈمباي ئەلەڭ-سەلەڭ مېڭىپ باغدىن چىقتى. ئاتىخان تېخى ئورنىدىن تۇرمىغان بولۇپ، ئەنسىز يۆتىلى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەسۈمباي ئىشىكنى جالاقلىتىپ ئېچىپ ئۆيگە كىردى:
    — قوپ ھوي كېسەل كۆرپىسى، كۈن قىزىل بولاي دېگەندىمۇ ياتقىنىنى كۆرۈڭ. كۈن قىزىلدا ئۇخلىغان ئادەم قان ئىچىدە ياتىدۇ قان، بىلەمسەن شۇنى.
    ئاتىخان ئىنجىقلاپ تولغاندى.
    — شۇ... مىجەزىم يوق. بولمىسا بۇ كەمگە تۇرۇپ كېتەتتىم.
    — قاچانمۇ مىجەزىڭ بولۇپ باققان سېنىڭ! خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى غىڭشىيسەن.
    — خۇدا ساپتۇ بۇ كېسەلنى، ماڭا نېمە ئامال دەيلا...— ئاتىخان مىشىلداشقا باشلىدى.
    — بولدى قىلساڭچۇ، مۇشۇ قولاشمىغان يىغاڭدىن جاق تويدۇم.
    — قانداق قىلاي بۇ سېسىق جاننى، خۇدامۇ ئامانىتىنى ئالمىدى ماڭا قالغاندا.
    — ساڭا ئۇ كۈن نېسىپ بولمايدىغان ئوخشايدۇ. ئاشۇنداق غىڭشىپ يۈرۈپ مېنىمۇ ئۇزىتىپ قويامسەن تېخى، كىم بىلىدۇ.
    ئاتىخان ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ، مەسۈمباينىڭ پېشانىسىدىكى جاراھەتنى كۆرۈپ قالدى.
    — ۋاي خۇدايىم، بۇ ئادەم قاق سەھەردە نېمانداق چېچىلىپ قالغاندۇ دېسەم، پېشانىلىرىنى يېرىۋېتىپتىكەنلا-دە، نېمە قىلىپ يېرىۋالدىلا؟ خەق بىلەن ئۇرۇشمىغانلا؟
    مەسۈمباي بىردىنلا خىرىلداپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاچچىقىمۇ نەلەرگىدۇر تارقاپ كەتتى.
    — ساراڭ، خەق بىلەن نېمىدەپ ئۇرۇشقىدەكمەن. بۇ دېگەن خاسىيەتلىك چۈشنىڭ يالدامىسى.
    — چۈشنىڭ؟ چۈشتىمۇ باش يېرىلامدۇ؟
    — يېرىلىدۇ، نېمىشقا يېرىلمايدىكەن. مانا مۇشۇنداق يېرىلىدۇ.
    — توۋا...
    — دۆت.
    مەسۈمباي بەلۋېغىدىن ئازراق يىرتىپ بېشىنى تېڭىۋالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەسۈمباي ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ باغقا كىرىدىغان بولدى. ئۇ قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىگە قارىغىنىچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى. ئۇ يوللاردا، ئېتىزلاردا قوشنىسىنىڭ ئايالىنى ئۇچرىتىپ قالاتتى. بۇنداق چاغدا ئۇ ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ قالاتتى. گەرچە ئايالنىڭ ئۇچىسىدا بەدەن قۇرۇلۇشى ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان كەڭ كىيىملەر بولسىمۇ، ئەمما مەسۈمبايغا ئۇچىسىدا ھېچقانداق كىيىم يوقتەك، ھېلىقى كۈندىكىگە ئوخشاش يالىڭاچ بەدەنلىرىدە سۇ تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان ھالەتتە كۆرۈنەتتى.
    كۈنلەر ئىزتىراپ، تەقەززالىق ئىلكىدە ئۆتمەكتە ئىدى. بىر كۈنى كەچتە قوشنا ئايال ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى. ئۆيدە مەسۈمباي يالغۇز ئىدى. ئايال تۇيۇقسىز كىرىپ كەلگەچكە، مەسۈمباي ھودۇقۇپ كەتتى. ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ قوشنا ئايال ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كۆپ كىرمەيتتى. مەسۈمبايغا گويا تولۇن ئاي ئۇلارنىڭ ئۆيىگە چۈشۈپ كەتكەندەك، بىرسى بىر سېۋەت گۈلنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەكىرىپ قويغاندەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ بېرىپلا ئايالنى قۇچاقلاپ سۆيۈۋالغۇسى كېلىپ كەتتى. ئۇ ناھايىتى تەستە ئۆزىنى بېسىۋالدى.
    قوشنىسى ئاغرىپ قالغاچقا، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش ئۈچۈن ئايالى مەسۈمبايدىن پۇل سوراپ كىرگەنىدى. مەسۈمباي ئۆزىگە پۇرسەت كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدى.
    — قانچىلىك لازىم ئىدى؟
    — 500 يۈەن بولسا يېتەر.
    — ماقۇل، 500 يۈەن بېرەي.
    مەسۈمباي تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن پۇلنى ساناپ، ئايالغا ئۇزاتتى. ئايال پۇلنىڭ بىر ئۇچىنى تۇتتى.
    — پۇلنىڭ بىر ئۇچى بىلەكتە، بىر ئۇچى يۈرەكتە خېنىم، يۈرەكتە...
    ئايال داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. مەسۈمباي قوپال ئالىقانلىرىنى سوزۇپ، ئايالنى ئالدىغا تارتتى. ئايال شۇندىلا ئەھۋالنى چۈشەندى.
    — ئۇنداق قىلمىسىلا... ئېرىم كېسەل... يامان بولىدۇ... بىز قوشنا تۇرساق... قارا يۈز بولۇپ كېتىلا... قارا يۈز دەيمەن... خۇدادىن قورقسىلا، مېنى قويۇۋەتسىلە...
    ئايال جان-جەھلى بىلەن قارشىلىق قىلدى. ئەمما ئۇنىڭ قارشىلىقى ھەرقانچە كۈچلۈك بولغان تەقدىردىمۇ، قۇترىغان ئەسەبىي بۇقىنىڭ تەلۋىلىكى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.
    مەسۈمباي ھەش-پەش دېگۈچە ئۇنى سويغان پىيازدەك يالىڭاچلاپ قويدى. ھېلىقى كۈندىكى گۈزەل قامەت ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا قايتا نامايان بولدى.
    — مۇشۇ كۈننى كۈتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان، بۈگۈن مۇرادىمغا يەتتىم.
    — ئۇنداق قىلمىسىلا دەيمەن... خۇدادىن قورقسىلا...
    ئايال تىپىرلاپ باقتى، كۈچ ئېلىشالمىدى. ئاخىر قار-يامغۇر يىغلاپ يېلىندى، بۇنىڭمۇ پايدىسى بولمىدى. ئايال جىمىپ قالدى. مەسۈمباي چەكلەنگەن رايوندىن ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنىدى.
    ئىش ئاخىرلاشتى. مەسۈمباي ئايالنى قويۇۋېتىپ تامغا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ چارچاپ كەتكەنىدى. بەك كۈچەپ كەتكەچكە پۇت-قوللىرى ماغدۇرسىزلىنىپ، پۈتۈن بەدىنى بوشاپ، بەئەينى ئاپتاپتا قالغان يوپۇرماقتەك سۇلىشىپ قالغانىدى.
    ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى. چۇۋۇلۇپ كەتكەن چاچلىرىنى ئالىقىنى بىلەن بېسىپ تۈزلىدى. ئۇ مەسۈمبايغا قاراپ بىرنەرسە دېمەكچى بولۇپ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ، گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى. ئۇ ھاڭۋاقتىدەك مەسۈمبايغا بىرھازا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئېڭىشىپلا يەردىكى پۇلنى ئالدى-دە، مەسۈمباينىڭ بېشىغا قارىتىپ ئاتتى.
    — ئال سېسىق پۇلۇڭنى، بۇ پۇل ئېرىمگە شىپالىق ئەمەس، بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ.
    مەسۈمباي لام-جىم دېمەستىن بېشىنى تۆۋەن سالغىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى.
    ئايال ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئېگىز-پەس دەسسىگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
    ئەتىسى سەھەرە مەسۈمباي قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىگە ئىككىنچى قېتىم ياماشتى. ئۆي ئىچى بۇرۇنقىدەكلا يورۇق ئىدى. ئايال قەلەي داستا ئۆرە تۇرۇۋېلىپ يۇيۇنۇۋاتاتتى. چۆگۈن بىلەن بېشىدىن قۇيغان سۇ ئۇنىڭ ئاپئاق بەدەنلىرىدىن شىرىلداپ داسقا شارقىراپ چۈشەتتى. ئايال بۇ قېتىم ئالدىرىماي ئۇزاق يۇيۇندى، خۇددى بەدىنىنىڭ بىر قات تېرىسىنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك ئۇزاقتىن-ئۇزاق ئۇۋۇلىدى. ئۇ دېرىزىدىن بىرسىنىڭ ئۆزىگە ئاچكۆزلۈك بىلەن تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى، يالىڭاچ بەدىنىنى تاماشا قىلىپ ھۇزۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ دېرىزە تەرەپكە ئالدىنى قىلىپ خاتىرجەم يۇيۇنماقتا ئىدى.
    مەسۈمباي بىردىنلا تېتىكلىشىپ، يۈزىدىكى قورۇقچىلارمۇ ئازلاپ كەتتى. ئايالى بولسا ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ ئەنسىز يۆتىلى بىلەن ئاۋارە ئىدى. ئۇنىڭ مەسۈمبايدىكى ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلغۇدەك رەغدى يوق ئىدى. مەسۈمباي بۇرۇن قېيناتىسى بىلەن قېينانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلىگەن بولسا، مانا ئەمدى ئايالى ئاتىخان بىلەن ئەر قوشنىسىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەيدىغان بولدى. بۇنداق بولغاندا ئۇ كېسەل كۆرپىسى خوتۇندىن قۇتۇلۇپ، قوشنىسىنىڭ قاملاشقان، چىرايلىق خوتۇنىنى قولغا كەلتۈرەتتى.
    بىر كۈنى مەسۈمباي مەھەللە ئىمامى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، تۇرۇپلا ئۇنىڭدىن بىر مەسىلە سورىغۇسى كېلىپ قالدى.
    — ئىمام ئاخۇنۇم، قوشنىسىغا خىيانەت قىلغاننىڭ جازاسى نېمە؟
    ئىمام ئۇنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنمەي ھاڭۋېقىپ قالدى.
    — قانداق خىيانەتنى دەيلا مەسۈمباي؟
    — مەسىلەن،... ھە... ھە... مەسىلەن،... بىرسى قوشنىسىنىڭ ئايالىنى... ئايالىنى ئاشنا تۇتسا...
    — ھە، زىنا دېسىلە، زىنا، ئۇنداق ئىش زىنا دېيىلىدۇ.
    — ئەگەر شۇنداق بولسا قانداق جازا بېرىلىدۇ؟
    — بۇرۇن ئۇنداقلار چالما كېسەك قىلىنىدىغان.
    — ئەجەب ئېغىركىنا.
    — گۇناھلارنىڭ ئىچىدە قوشنىسىنىڭ ئايالىغا ئالا نىيەتلىك قىلىشتىنمۇ ئېغىر گۇناھ يوق مەسۈمباي. ئۇنداقلار قىيامەت كۈنى توڭگۇزنىڭ سۈرىتىدە قوپىدۇ.
    مەسۈمباينىڭ بەدىنىگە تىترەك ئولاشتى. ئۇ ئىمامدىن گەپ سورىغىنىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇنىڭ كۆڭلىنى بىر خىل ۋەھىمە قاپلىۋالدى.
    ئۇنىڭ كۈنلىرى يەنە ئىزتىراپ، تىت-تىتلىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.
    بازاردا ئادەملەر مىغىلداپ يۈرەتتى. تۇيۇقسىز «توڭگۇز، توڭگۇز، ئەنە توڭگۇز كەلدى!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ، ئادەملەر تەرەپ-تەرەپكە قېچىشقا باشلىدى. مەسۈمبايمۇ كىشىلەرگە ئەگىشىپ قاچتى. ئەمما ئادەملەر ئۇ يېقىنلاشقانسېرى ئۇنىڭدىن شۇنچە قاچاتتى. «ئۇرۇڭلار!» دېگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ كىشىلەر چوڭ-چوڭ تاشلارنى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئېتىشقا باشلىدى. مەسۈمباي جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى. «مەن توڭگۇز ئەمەس، مەن دېگەن مەسۈمباي. ھاشىم بىدىكنىڭ ئوغلى مەسۈمباي بولىمەن!» ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. تاشلار يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ پۇت-قوللىرى سۇندى، پۈتۈن بەدىنى قان، ئۇستىخانلىرى سىرقىراپ ئاغرىيتتى، ئۇ ئاغرىققا چىدىيالمايتتى. تۇيۇقسىز ئەر قوشنىسى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. مەسۈمباي ئۇنىڭغا بىچارىلارچە يېلىندى.
    — جېنىم قوشنام، ماڭا ياردەم قىلىڭ، جېنىم بەك قىينىلىپ كەتتى. سىز... سىز مېنى بوغۇزلىۋېتىڭ، مېنى پەقەت سىزلا قۇتقۇزالايسىز.
    — سىز قانداق بولۇپ چوشقىغا ئايلىنىپ قالدىڭىز؟
    — ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن.
    — قارىغاندا چوڭ گۇناھ قىلغان ئوخشايسىز-ھە؟
    مەسۈمباي گەپ قىلالماي تۇرۇپ قالدى.
    — كەچۈرۈڭ، سىزگە ياردەم قىلالمايمەن. چۈنكى سىز چوشقا، مەن ئادەم.
    مەسۈمباي ئاغرىققا چىدىيالماي قاتتىق چىرقىرىۋەتتى، ئۇنىڭ ئاۋازى ھەقىقىي چوشقىنىڭ ئاۋازىغىلا ئوخشاپ قالغانىدى.
    ...
    مەسۈمباي ۋارقىرىغىنىچە ئويغىنىپ كەتتى. تەردىن ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. يۈرىكى تېخىچە ئەنسىز سوقماقتا ئىدى. ئۇ يەرگە چۈشۈپ مۇزدەك سۇنى غۇرتۇلدىتىپ ئىچتى. تاماكا چەكمەكچى بولۇپ ياستۇقىنىڭ ئاستىنى ئاختۇرۇۋېدى، تاپالمىدى. ئۇ باغقا چىقتى، سۈبھى تېخى يورۇمىغانىدى. كېچىنىڭ ئىزغىرىن شامىلى ئۇنىڭ نېرۋىلىرىنى سەگىتتى. ئۇ باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى  ھېلىقى ئۆرۈكنىڭ يېنىغا كەلدى. بىردىنلا كۆزى قوشنىسىنىڭ دېرىزىسىگە چۈشتى. دېرىزە يورۇق ئىدى. ئۆي ئىچىدىن سۇنىڭ شارىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، ئەمما دېرىزە تەكچىسىدە بىر قارا گەۋدە ئولتۇراتتى. ئۇ گەۋدە بىر تۇرۇپ مەسۈمباينىڭ ئۆزىگە ئوخشاۋاتاتتى.
    مەسۈمباينىڭ غەزىپى ئۆرلىدى. چۈنكى ئۇ يەر  مەسۈمبايغا تەئەللۇق ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئۇ ئۆيدىكى گۈزەل قامەتتىن ھۇزۇرلىنالمايتتى، سۇنىڭ يېقىملىق شارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىيالمايتتى. شەبنەم تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان گۈل بەرگىنى كۆرەلمەيتتى.
     مەسۈمباي ئۆزىنى تۇتالماستىن ۋارقىرىۋەتتى.
    — قايسىڭسەن؟ چۈشە بۇياققا. نېمىدەپ كېچىدە دېرىزە مارىلايسەن؟ ئەگەر يەنە چۈشمەيدىغان بولساڭ پۇتۇڭنى چېقىۋېتىمەن، مېڭەڭنى چۇۋۇۋېتىمەن، چاپسان چۈش، مەن يېنىڭغا ماڭدىم مانا.
       چىراغ لاپپىدە ئۆچتى، دېرىزە تەكچىسىدىكى ئادەممۇ غايىب بولدى. باغ ئىچىنى تىمتاس قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. سۈرلۈك جىمجىتلىق مەسۈمباينىڭ ۋۇجۇدىغا ۋەھىمە سالدى. ئۇ تىنىغىنى چىقىرىشقىمۇ پېتىنالمىدى. ئەتراپتىن كىملەرنىڭدۇر پىچىرلىغان كۇسۇر-كۇسۇرلىرى ئاڭلانغاندەك بولدى. مەسۈمباي ئۆيگە كىرىپ كەتمەكچى بولدى، ئەمما پۇتىنى بىرسى يەرگە مىخلاپ قويغاندەك مىدىر-سىدىر قىلالمىدى. كېچە قاراڭغۇلۇقىدا قانداقتۇر بىرنەرسە ئاستا شىپىرلاپ ئۇنىڭغا يېقىنلىشىۋاتقاندەك تۇيۇلدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.