بىر ئادەمنىڭ غېرىبلىقى، ئىككى ئادەمنىڭ خاتالىقى

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-04-09 11:03:28

بىر ئادەمنىڭ غېرىبلىقى، ئىككى ئادەمنىڭ خاتالىقىمەن كەچكى كۈزنىڭ دەرىخى ئاستىدا، خازان بولغان يۇپۇرماقلارنى تېرىپ تۇرۇپ، يىپقا مارجان تىزغاندەك شۇ پارچىلىنىپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىمنى قۇراشتۇر...



    \  

    بىر ئادەمنىڭ غېرىبلىقى، ئىككى ئادەمنىڭ خاتالىقى

     

    مەن كەچكى كۈزنىڭ دەرىخى ئاستىدا، خازان بولغان يۇپۇرماقلارنى تېرىپ تۇرۇپ، يىپقا مارجان تىزغاندەك شۇ پارچىلىنىپ كەتكەن ئەسلىمىلىرىمنى قۇراشتۇرۇپ سىلەرگە گۈزەل بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

     

    1

    -مۇزەپپەر، مەن كەتتىم. مېنى ئۇنتۇپ كېتىڭ. مەن كەتكەندىن كېيىن، ئاپىڭىزدىنمۇ ئاغرىنماڭ. ئاپىڭىز بىچارىغىمۇ ئامال يوق، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىن رەنجىمەيمەن. ئاپىڭىزمۇ سىزنى ئويلاپ، مۇشۇ ئۆينى دەپ شۇنداق قىلدى. بولغان ھەممە ئىشلارغا مەن ئەزەلدىن پۇشايمان قىلىپ باققان ئەمەسمەن. سىز بىلەن بىللە بولغان شۇ كۈنلەر مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلار. مەيلى بىز قانداقلا خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولايلى، قانداقلا ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىققان بولغان بولايلى، مەن ئەزەلدىن سىزدىن رەنجىپ باقمىدىم، سىزمۇ ھەم ئۆزىڭىزدىن كۆرمەڭ. مەن كەتكەندىن كېيىن، ياخشى ياشاڭ، ئاپىڭىزنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، قايتىدىن ئۆيلىنىڭ، بەختلىك ياشاڭ، ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماڭ. بۇ دۇنيادا ئەمدى سىز بىلەن بىللە بولالمىغۇدەكمەن، ئۇ دۇنيادا كۆرۈشۈپ ئارزۇيىمىزغا يېتەرمىز... سىزنى مەڭگۈ سۆيۈپ: مەھلىيا.

    مەھلىيا قالدۇرۇپ قويغان خەتنى كۆرۈپ مۇزەپپەر ماغدۇرسىزلانغان، روھىي چىقىپ كەتكەن قۇرۇق تېنىنى كىرىسلوغا تاشلىدى ھەمدە چوڭقۇر خىياللار قوينىغا غەرق بولدى.

     

    2

    مۇزەپپەر بىلەن مەھلىيا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تونۇشقان ئىدى، ئۇ چاغدا، مۇزەپپەر ئەدەبىيات فاكولتېتتا ئوقۇيتتى، قەلىمى كۈچلۈك بولغاچقا، مەكتەپتە تۆتنىڭ ئالدى ئىدى. مەھلىيا سەنئەت كەسپىدە بولۇپ نەتىجىسى ئادەتتىكىدەك ئىدى.

    بۇ ئىككىسى تاسادىپىي تونۇشۇپ قالدى. مەھلىيانىڭ دادىسى بۇ شەھەردىكى چوڭ باي ئىدى. مەھلىيا ئۇ كۈنى دادىسى يېڭىلا سوۋغا قىلغان ئېسىل ماشىنىسىنى ئالدىراپ ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا مۇزەپپەرنى سوقۇپ سالدى، مۇزەپپەر دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغان مەزگىللەردە بولسا، مەھلىيا ھەركۈنى دېگۈدەك مۇزەپپەرنى يوقلاپ تۇردى.

    مەھلىيا بارا-بارا مۇزەپپەرنىڭ تالانتىغا قىزىقىپ قالدى. مۇزەپپەرمۇ مەھلىيانىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى ۋە گۈزەل ھۆسنىگە مەپتۇن بولۇپ، مەھلىيانىڭ بەزىبىر ئەركە يولسىزلىقلىرىمۇ ئۇنىڭغا سۆيۈملۈك تۇيۇلۇشقا باشلىدى. شۇنىڭلىق بىلەن بۇ ئىككىسى مۇھەببەت دەرياسىغا، «غېرىب-سەنەم»لەردىن بولۇپ كەتتى.

    3.

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇلار ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈردى. مۇزەپپەر بىلەن مەھلىيا توي قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا چۈشتى. مەھلىيانىڭ ئۆيىدىكىلىرى مۇزەپپەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى كۆرۈپ بۇ ئىشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇردى. مەھلىيامۇ ئۆز مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىسى بىلەن نەچچە رەت قىزىرىشىپ بولدى، كېيىنچە مەھلىيانىڭ ئۆگەي ئاپىسى ئوتتۇرىلىقتا ئېگىز-پەس گەپ توشۇپ، مەھلىيا بىلەن دادىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۇرۇۋەتتى.

    مەھلىيا ئاخىرىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماستىن، مۇزەپپەر بىلەن يوشۇرۇنچە توي قىلدى. كېيىن مەھلىيانىڭ دادىسى قىزىغا چىدىماي، ئامالنىڭ يوقىدىن بۇ ئىككىسىنى قۇبۇل قىلدى.

    تويدىن كېيىن مۇزەپپەر يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى. مەھلىيا دادىسىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىدى. ئارىلاپ ساياھەتلەرگە چىقىپ تۇردى.

    بۇنداق خاتىرجەم كۈنلەر مەھلىيانىڭ دادىسىنىڭ سودىدا ۋەيران بولۇپ، تۈرمىگە كىرىپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. مەھلىيانىڭ دادىسىنىڭ شىركىتى ئىگىلىك باشقۇرۇش جەھەتتە چاتاق چىقىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋايران بولدى، ھەمدە باج ئوغۇرلىغانلىق جىنايىتى بىلەن مەھلىيانىڭ دادىسىمۇ تۈرمىگە كىردى.

    مەھلىيا بۇنىڭلىق بىلەن خېلى بىر مەزگىلگىچە ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇپ يۈردى، ئىنتايىن ئازابلاندى. ئەمما مۇزەپپەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيىنىشى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى.

    4.

    شۇنداق قىلىپ، مەھلىيا بىلەن مۇزەپپەرنىڭ ئۆي تۇتقىنىغىمۇ بەش يىل بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرمۇ پەرزەنتى يوق ئىدى. مۇزەپپەت ئائىلىدە بىرلا بالا ئىدى. مانا ئەمدى 30 ياشتىن ئېشىپ قالغان بولسىمۇ، بالىلىق بولمىغانىدى. مۇزەپپەرنىڭ ئاپىسى كۈندە دېگۈدەك ئۇلارنى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كېلىشكە، زادى نېمە سەۋەبتىن  بۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلاشقا زورلايتتى.

    مۇزەپپەرمۇ ئاپىسىنىڭ دېگەنلىرىنى توغرا كۆرۈپ، مەھلىيانى ئېلىپ دوختۇرغا كۆرۈندى. دوختۇرنىڭ دېئاگنوزى مۇزەپپەرنى ئۆلگەندىنمۇ بەك ئازابقا سېلىپ قويدى.

    ئەسلىدە مەھلىيانىڭ دادىسى تۈرمىگە چۈشكەن مەزگىلدە، ئۇنىڭ بويىدا بار ئىدى. ئەمما مەھلىيانىڭ ھەددىدىن تاشقىرى ئازابلىنىشى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكىدىن ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالغان ئىدى. بۇلار شۇ چاغدا مەھەللىسىدىكى ئادەتتىكى بىر ئامبولاتورىيىدىلا ئۇ ئۆلۈك ھامىلىنى ئالغۇزۇۋەتكەنىدى. مانا ئەمدى شۇ ۋاقىتتىكى ئاسارەت تۈپەيلى مەھلىيا ئانا بولۇشتىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم بولۇپ قالغان ئىدى.

    مۇزەپپەر ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن ئاپىسىغا، دوختۇرنىڭ چوڭ مەسىلە يوق دېگەنلىكىنى، ئازراق دورا يېسىلا ئوڭشىلىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇزەپپەرنىڭ ئاپىسى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يۈرىگى سەل ئارام تاپقاندەك بولدى. ئەمما شۇنداق يالغان گەپ ھامان ئاشكارىلانماي قالمىغىنىدەك، بۇ گەپ-سۆزلەر بولۇپ ئىككى يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، مەھلىيا يەنىلا ئېغىر ئاياغ بولالمىدى.

    ئاپىسىنىڭ سۇئال-سوراقلىرى ۋە بېسىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قالغان مۇزەپپەر، ئاخىرى ھەقىقىي ئەھۋالنى ئايالىدىن يوشۇرۇن ئاپىسىغا ئېيتتى. مۇزەپپەرنىڭ ئاپىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، ھوشىدىن كەتتى، مىڭ بىر تەسلىكتە ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن، يەنىلا «نەۋرە» دەپ ئەر-ئايال ئىككىسىگە بېسىم قىلدى.

    مۇزەپپەر بۇ توغۇرلۇق ئاپىسى بىلەن كۆپ قېتىم سۆزلىشىپ، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، ئاپىسى ئۆزىنىڭ مەيدانىدىن پەقەتلا تەۋرەپ قويمىدى. كېيىنچە مۇزەپپەرنىڭ  ئاپىسى تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ، ئۆلىۋالىمەن دەپ بۇلارنى قورقۇتۇشقا باشلىدى.

    5.

    بۇ چاغدا مۇزەپپەر كاماندروپكىغا چىقىدىغان بولۇپ قالدى، ھەمدە ئايالىغا:

    -ئاپامنىڭ گېپىنى بەك كۆڭلىڭىزگە ئالماڭ، مەن كەلگۈچە ئۆزىڭىزنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىپ تۇرۇڭ!-دېدى.

    مەھلىيامۇ:

    -ئەلۋەتتە، ئۆيدىن خاتىرجەم  بولۇڭ، سىرتتا ئۆزىڭىزگە دىققەت قىلىڭ، بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ، سىزنى ساقلايمەن!-دېدى.

    مۇزەپپەر كەتكەندىن كېيىن، مۇزەپپەرنىڭ ئاپىسى ھەركۈنى دېگۈدەك مەھلىيانى ھاقارەتلەپ سەتلىدى، ھەتتا نەچچە قېتىم  قولىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇردى، مۇزەپپەرنىڭ دادىسىمۇ بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىۋالدى. مۇزەپپەر تېلىفون قىلغانلاردا، مەھلىيا مۇزەپپەرنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى تىنمىدى.

    كېيىنچە، مۇزەپپەرنىڭ ئاپىسى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. مەھلىياغا يەيدىغان نەرسىمۇ بەرمىدى، مەھلىيا ئەتكەن تاماقلارنىمۇ يېمىدى. شۇنىڭ بىلەن مەھلىيا باشتىكى ھېلىقى خەتنى يېزىپ قويۇپ،  بۇ ئۆيدىن كېتىپ قالدى.

    مۇزەپپەر خەتنى كۆرگەندىن كېيىن، ھەرتەرەپلەرگە قاتراپ مەھلىيانىڭ دېرىكىنى قىلدى. ئاخىرى دادىسى تۈرمىدە يېتىۋاتقان شەھەردىكى دەريا بويىدا مەھلىيانىڭ جەسسىتى بايقالدى.

    مۇزەپپەر شۇنىڭدىن كېيىن، ئۆيىگە بېكىنىۋېلىپ ھېچ يەرگە چىقمىدى، ھېچكىمگە گەپ قىلمىدى، زورلاپ بېرەر كاپام تاماق يەپ قويغاندىن باشقا ھېچنەرسە يېمىدى. بارا-بارا ھاياتتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندەك قالايمىقان سۆزلەپ يۈرىدىغان  بولۇپ قالدى.

    سۆيۈملۈك ئايالىدىن ئايرىلىش، ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتا ئۆيلىنىش توغرىسىدىكى بېسىملىرى مۇزەپپەرنى ھېچنەرسىنى سەزمەيدىغان سەۋدايى قىلىپ قويدى.

    ئۇ ئۆمرى بويى ئۆزى يالغۇز تەركىدۇنيا بولۇپ كەتتى.

    ئىككى ئادەمنىڭ خاتالىقى، بىر ئادەمنىڭ غېرىبلىقى مانا مۇشۇنداق بولدى!

    (گۈليارە تۇرسۇن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلدى)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر غېرىب خاتالىق