بەزى دوستلار شىر-يولۋاسقا ئوخشايدۇ

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-06 16:45:45

بەزى دوستلار شىر-يولۋاسقا ئوخشايدۇ(مۇنارجان تەرجىمىسى) بىر ئادەم تاغ يولىدا كىتىۋېتىپ بىر شىر بالىسىنى تېپىۋاپتۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ شىر بالىسىغا قىلمىغىنى قالماپتۇ، ئۇ...

    بەزى دوستلار شىر-يولۋاسقا ئوخشايدۇ

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      بىر ئادەم تاغ يولىدا كىتىۋېتىپ بىر شىر بالىسىنى تېپىۋاپتۇ ۋە ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە ئېلىپ كەپتۇ. ئۇنىڭ شىر بالىسىغا قىلمىغىنى قالماپتۇ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى يىمەكلىكلەرنى بېرىدىكەن، تۈكلىرىنى تارايدىكەن، يۇيۇندۇرىدىكەن. شىر بالىسىمۇ ئۇنىڭغا شۇنداق ئامراق بولۇپ كىتىپتۇ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە چىقىۋالىدىكەن، پۇت-قوللىرىنى يالايدىكەن، سىرتلارغىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە چىقىپ ئوينايدىكەن، شىر بالىسى ئۇنىڭ تەربىيىسىدە بارا-بارا ئۈسۈپ يىتىلىپ، ناھايىتى سۈرلۈك چوڭ بولۇشقا باشلاپتۇ، لېكىن ئىتتەك رايىش ئىكەن.

    بىر كۈنى ئۇ ئادەمدە تۇيۇقسىز بىر غەلىتە خىيال پەيدا بولۇپ قاپتۇ: ئۇ شىرنى مىنىپ ساياھەت قىلىش نىيىتىگە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شىرنى مىنىپ يولغا چىقىپتۇ. شىر يول بويى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىغا بويسۇنۇپ، ئۇنى سىلىق قەدەملەر ئېلىپ مېڭىپتۇ. بارغانلا يېرىدە كىشىلەر ئۇ ئادەمگە ئاپىرىن ئوقۇپ، ئالقىش ياڭرىتىپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ بەكلا غادىيىپ كىتىپتۇ. يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر ئادەم ئۇنىڭدىن:

    -شىر سېنى يەۋەتمەمدۇ؟-دەپ سوراپتۇ؟-دەپ سوراپتۇ.

    -بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!-دەپتۇ ئۇ ئادەم.

    ئۇ ئادەم شىردىن سوراپتۇ.

    -سەن ئۇنى نېمىشقا يىمەيسەن؟

    -بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن!-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ شىر.

    بىر كۈنى، ئۇلار قۇملۇقتا كېتىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز بوران چىقىپ، ئۇلارنىڭ سۇ ۋە ييمەكلىكلىرىنى بىراقلا ئۇچۇرۇپ ئېلىپ كىتىپتۇ. مۇشۇنداق ئېغىر ئەھۋالدا، ئۇ ئادەم شىرغا تەسەللىي بېرىشنى ئۇنۇتماپتۇ:

    -ئاغىنەم چىدىغىن، مۇشۇ قۇملۇقتىن ئۆتۈۋالساقلا، سېنى ئوبدان رازى قىلىمەن.

    ئۇ شىر ئۈستىدىن سەكرەپ چۈشۈپ پىيادە مېڭىپتۇ. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتۈپتۇ، شىر ئاچلىققا چىدىماي ئۇنىڭ ئەتراپىنى پىرقىراشقا باشلاپتۇ؛ ئىككى كۈن ئۆتۈپتۇ، شىر ئاچلىققا چىدىماي، ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى يالاشقا باشلاپتۇ؛ ئۈچ كۈن ئۆتۈپتۇ، شىر ئۇنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىنى ئاستا چىشلەيدىغان بوپتۇ؛ تۆت كۈن ئۆتۈپتۇ، شىر ئۇنىڭغا قاراپ چىشلىرىنى ھىڭگايتىدىغان بوپتۇ؛ بەشىنچى كۈنىگە بارغاندا، ئاچلىققا چىدىماي قالغان شىې قان تولغان كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپتۇ. ئۇ شىرنى سىلاش ئۈچۈن كىتىۋاتقاندا، شىر كۈچ بىلەن ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەپتۇ-دە، ئۇنى ئايىغى ئاستىغا بېسىپ، بىردەمنىڭ ئىچىدە پارە-پارە قىلىۋىتىپتۇ. ئۇ جېنى چىقىپ بولغۇچە چۈشىنەلمەپتۇ، شىر نېمە ئۈچۈن ئۇنى يەۋىتىدۇ؟

    سېرىك ئۆمىكىدىكى ھايۋانلارنى كۆندۈرىدىغان بىر ئادەم يولۋاس كۆندۈرۈش بىلەن دۇنياغا داڭلىق ئىكەن. ئۇ ھايۋانلار پادىشاھى بولغان يولۋاسقا ئوت چەمبىرەكتىن ئۆتۈش، پىچاق پەلەمپەيدە مېڭىش ھەرىكەتلىرىنى ئىشلتىپلا قالماي، يەنە باشقىلار قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىشنى قىلىدىكەن، يەنى يولۋاسنىڭ ۋەھشىي ئاغزىنى ئېچىپ، بېشىنى ئىچىگە تىقىدىكەن. ئۇ بۇ ھەرىكەتنى تاماشىبىنلارنىڭ ئەنسىز چىقىراشلىرى ئىچىدە بىرەر مىڭ قېتىم ئىشلەپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل ھەمكارلاشقان يولۋاس ئۇنىڭغا مۈشۈكتەك رايىشلىق بىلەن ماسلىشىدىكەن. لېكىن ئۇ ئادەم ئاخىر شۇ يولۋاسنىڭ ئاغزىدا ئۆلۈپتۇ. يوۋاس ئۇنىڭ بېشىنى پارە-پارە قىلىۋېتىپتۇ. ئۇ ھەتتا ۋارقىراشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قاپتۇ. چۈنكى ئۇ ئۇيۇن كۆرسىتىشتىن ئىلگىرى ساقىلىنى ئېلىۋېتىپ، ئېڭىكىنىڭ ئازراق يېرىنى كېسىۋالغانىكەن، يولۋاس قان ھىدىنى پۇراپ قېلىپ، ئەسلىي قىياپىتىنى ئاشكارلىغانىكەن...

    بۇ دۇنيادىكى دوستلۇقنىڭ بەزىلىرى پايدا-مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان، سەندىن پايدا-مەنپەئەت كۆرۈۋاتقاندا، ئۇ ساڭا ئەڭ يېقىن دوست؛ ھايات-ماماتلىق پەيتلىرىگە كەلگەندە، ئۇ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئاشكارىلايدۇ.

    شۇڭا، سەن ئۆزۈڭ ئەڭ يېقىن دەپ قارىغان دوستۇڭ بەزىدە ساڭا ئەجەللىك زەربە بېرىشى مۇمكىن، بۇ قىلچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

    ئېلبېرت خۇببارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ____ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.