گۈل ۋە ئىنسان

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-31 13:01:54

گۈل ۋە ئىنسانقاچاندىن باشلاپ گۈل باققانلىقىم ئېسىمدە يوق، پەقەت شۇۋاقىتتا، گۈل باقساملا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە. قىزىل گۈل، سەبدە گۈل، رەيھان گۈل... پىكوسلارغىچە!!! ئۇ ۋاقىتتا ھاياتل...



     

    گۈل ۋە ئىنسان

    قاچاندىن باشلاپ گۈل باققانلىقىم ئېسىمدە يوق، پەقەت شۇۋاقىتتا، گۈل باقساملا ئۆلۈپ قالىدىغانلىقى ئېنىق ئېسىمدە. قىزىل گۈل، سەبدە گۈل، رەيھان گۈل... پىكوسلارغىچە!!!

      ئۇ ۋاقىتتا ھاياتلىق بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدا شۇنداق بىر سىرلىق باغلىنىشنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمىسەممۇ، بۇ ئىشلاردىن كۆڭلۈم ھەقىقەتەن بىچارىلەرچە يېرىم بولغان ئىدى. مەن دائىم ئېسىمدە تۇتۇشقا ئاجىز ئىشلارنى ئېسىمدە تۇتىمەن دەپ قايتا - قايتا قىينىلاتتىم، ئاخىرى ئازابتىن باشقا ھېچنىمە قالمىغۇچە.

      يەنە بىر قېتىم گۈل بېقىشقا باشلىغان ۋاقتىم، شۇ يىلى دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن. شۇ يىلى ئەتىيازدىن باشلاپلا بىرلا نىشان ئۈچۈن، كەلگۈسۈم بەكمۇ غۇۋا، شۇ گۇڭگىلىق ئىچىدە، مەن ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان جىسمىمنى سۆرەپ،  جىمجىت بىر سەھەردىن باشلاپ، جاپالىق ئۆگىنىشكەكىرىشتىم. دەممۇ- دەم قوزغىلىدىغان ئاشقازىنىمنىڭ رودىپاي ئاغرىقى،  مېنى پات - پات ئۈستەلگە دۈم يېتىپ يىغلاشقا مەجبۇر قىلاتتى. غېرىبلىق بىلەن قوشۇلۇپ، ئازاب دېڭىزىغا شۇڭغۇتاتتى. شۇ كۈنلەردە، ئاسمان كۈلرەڭ ئىدى، دېرىزىنىڭ سىرتىدىكى تېرەكمۇ بىخلىناي دېمەيتتى.

      باھار يامغۇرى يېغىپ توختىغان بىركۈنى، دوستۇم ماڭا بىر ھەشقىپىچەك نوتىسى بەردى، ئۇ نوتىغا شۇنچە ئۇزۇن ئىپادىسىز قاراپ تۇرۇپ كېتىپ، يەنە ئىپادىسىزلا تىكىپ قويدۇم. ھەر كۈنى، ئۈستەلنىڭ ئالدىدا نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ، تالغان كۆزلىرىمنى ئۇۋۇلاپ چىقىپ، ئۇ نوتىنىڭ يەنىلا شۇنداق تۇرغىنىنى، ئۆسىدىغاندىن دېرىكى يوقتەك تورغىنىنى كۆرەتتىم، قەلبىمدە بولسا، يەنە شۇ ئەتەمگە نىسبەتەن، كۆز يەتمەس تېڭىرقاش.

      ياز، ئاستا - ئاستا كەلدى، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش نىشانىنى ئالدىرىماي ئېنىق قىلىۋاتاتتىم. كۈندىن - كۈنگە ھەرخىل پەننى بىلىملەر بىلەن توشۇپ كېتىۋاتقان مېڭەم، ئەمدىلەتىن بوشاپ رەتلىنىۋاتاتتى. مەنمۇ مۇجمەللا خوشال يۈرۈشكە باشلىدىم.

      يۆگىشىپ، كۈنسىرى ئېگىزگە يامىشىۋاتقان ھەشقىپىچەكمۇ باش يازنىڭ ئاپتىپىدا بىچارە ھەم يىگانە كۆرىنەتتى، ھەركۈنى ئۆسىۋاتقان ھەشقىپىچەكلەرنى ساناپ ئۆتكۈزىۋاتقان كۈنلىرىممۇ شۇنچە مەنىسىز.

      ئاخىرى بىر كۈنى غەيرەت قىلىپ، بازارغا باردىم. ئۇ گۈللەر- رەيھان گۈل، مودەن گۈل، قىزىل گۈل، ئانارگۈل....، كىچىكككىنە بالكون، بىردىنلا جانلىنىپ ھاياتىي كۈچكە تولدى، مەنمۇ تولا بالكوندا ئولتۇرۇپ، يىراقلارغاقاراپ قانداقتۇر خىياللارنى سۈرۈشكە ئامراق بولۇپ قالدىم.

       بوران - چاپقۇن يەنىلا يېتىپ كەلدى، ئەمدىلا ساقايغان جاراھەتلەر، قايتىدىن قانىدى. توغرا، مەن ئۆز ھېسىياتىمنى كونترول قىلىشقا ئاجىزلىق قىلدىم، شۇڭا، يەنە بىر قېتىملىق جۇدۇندا ماغدۇرسىزلىنىپ، ئۈمىدتىن ئۈمىدلەنمىدىم. كۈنلەر ئۆتتى، كۈندۈزى ئۆيگە سولىنىپ، كەچلىرى جىمجىت كۆل بويىدا ئولتۇرىمەن، خۇددى پۈتۈن بەدىنى يارىلانغان، تىلى بىلەن بەدىنىدىكى يارىلىرىنى يالاۋاتقان ئىتقا ئوخشاش، ئۆزەمنى كەچۈرۈشكە ئامالسىزمەن.

        ئىككى كۈن ئىچىدە، گۈللىرىمنىڭ بەرگىلىرىمۇ تۇيۇقسىز تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ.. ھەشقىپىچەكمۇ يامىشىپ ئۆسۈشنى خالىمىغاندەك، جايىدا جىملا. قىزىل گۈلۈم سولىشىپلا كېتىپتۇ.

       توۋا! كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقىمغۇ بىر نۆرى، قەلبىمدىكى ئاغرىق ئاستا - ئاستا كۆزلىرىمگە ياماشتى. ھەربىر تال گۈلۈم، ھەربىر تال ياپراقنىڭ قەلبىمدىكى ھېسلارنى تۇيغىنىنى بىلەتتىم. ھازىر شۇ تۇيغۇدىن سىرلىق ، ئەمما شۇنچە ئىللىق بىر كۆيۈمچانلىقنى سېزىۋاتىمەن. مۇشۇنداق ھاياتى كۈچنى قەدىرسىز قىلىپ، مەن خاتا قىلدىم. شۇنداق ئەمەسمۇ؟! مۇشۇ گۈللەر بىلەن مەن ئوخشاشلا مۇشۇ كائىناتنىڭ بىر قىسمىغۇ؟ ئاخىر!!!!

     بۇنى ھېس قىلىش ئاسان..ئەمما ھەقىقىي تونۇپ يېتىپ، قەدرىنى قىلىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە! مەن پەقەت، ئورنۇمدىن دەس تۇرۇشنى قارارقىلدىم. كۈز كەلدى. تۇغۇلغان كۈنۈم كەلدى. 23ياشقا كىرگەن بىر قىز، تۇغۇلغان كۈنىگە نىسبەتەن، پەقەت ئىپادىسىز قاراپ قويۇشلا قالىدىكەن، بۇ كۈننى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇۋالغۇم يوق.

    9- ئاينىڭ 15- كۈنى ئەتىگەن، قۇياش نۇرىنىڭ كۆزۈمگە چۈشۈشى بىلەن ئويغاندىم، شۇ كۈنى ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خېلى بولغاندا، بۈگۈنكى قۇياشنىڭ باشقىچە ئىللىق چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم. ياتاق ئۆيۈمدىن چىقىشىمغىلا، قۇياش نۇرى كۆزۈمنىڭ ئالدىنى باشقىچە يورۇتىۋەتتى. ئەتىگەن سائەت 7 دىكى قۇياش دەل، بالكونۇمدىكى ھەشقىپىچەكنىڭ ئۈستىدىلا ئىدى.

        گۈللەرنىڭ بەرگى يۇمران ئىدى. قۇياش نۇرىدا بەرگىلەرنىڭ ئۈستىدىكى ئۇشششاق تۈكچىلەر، يېڭى تۇغۇلغان ئۆردەكنىڭ يۇڭىدەك پارقىراق ھەم سىلىق كۆرىنەتتى. بەش دانە ياپراق بىرلىشىپ بىرگۈلنى ھاسىل قىلغان ئىدى.. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈل چېڭى، شۇنچە راھەت، شۇنچە خاتىرجەم كۆرىنەتتى.

        ئاۋۇ، مەن ئەمدى ئېچىلماسمىكىن دېگەن ئانارگۈلىمۇ ، بۈگۈنكى 24 ياشقا كىرگەن كۈنۈمدە، ۋۇجۇدىدىكى پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ، ئاقكۆڭلىنى ماڭا سۇنغان ئىدى. ھەممە گۈللىرىمدىن مېھرىبانلىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى.

       يەرگىلا يۈكۈندۈم، يۈرۈگۈمدىن چىققان خوشاللىق ياشلىرىمنى تۇتالماي، ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. ئۆمۈر مۇساپەمدە، مۇشۇ گۈللۈرۈملا ماڭا باشتىن - ئاياغ ھەمرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، يىغلىسام يىغلاپ، كۈلسەم كۈلۈپ. مەندەك قەيسەر ياشاۋاتىدۇ.

        كەچتە دوستلىرىم تۇغۇلغان كۈنۈمنى مۇبارەكلەپ ئۆيگە كېلىشتى. ئەمما، مەن مېنى ھەردائىم قوغداپ تۇرىۋاتقان شۇ گۈللۈرۈمدىن، ياق.. گۈل ئىلاھى، دىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدىم.

        ئۇ ماڭا خوشاللىق ھەم تۈگىمەس رىغبەتلەرنى بەردى. ئىنسان بىلەن ئىلاھ ئارىسىدا شۇنچە گۈزەل بىر باغلىنىشنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇردى. شۇ تاپتا، باشقا بىرخىل تىل بىلەن گۈل ۋە ئىنسان ئوتتۇرىسىدا ئالاقە قىلىۋاتاتتىم.

       ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، بالكوندىكى گۈللۈرۈمنىڭ ھەممىسىنىڭ سولىشىپ، بىر كېچىدىلا قۇرۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم..  

       نەچچە كۈندىن كېيىن. ھەشقىپىچەكمۇ، يېشىللىقىنى يوقىتىپ، سوغۇق بىر خىل ئۆلۈمنىڭ رەڭگىگە كىرىشكە باشلىدى.

       ئۇ مېنىڭ شۇ كۈنىدىكى تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ ئەتىگىنى ئۈچۈن، بارلىق ۋۇجۇدىنى خورىتىپ تۈگەتكەن ئىدى.

        ........................................

        بالكوندىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ھايات، مەن توي قىلغاندىن كېيىنكى ھايات بولدى.

        قاچاندىن باشلاپ، بۇنچە جىق گۈللەرنى ئەكىلىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن، پۈتۈن بالكون بىر گۈللۈگنىڭ ئۆزىلا.

        مەنچە، توي قىلغاندىن كېيىكى كۈنلەر گۈل بېقىشقا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەن. يەردىن مۇنداقلا بىر نوتىلارنى ئېلىپ، تەشتەككە كۆمۈپ قويساممۇ، نەچچە كۈندىن كېيىن قارىسىڭىز، كۆكلەپ تەشتەككە پاتمايلا قالىدۇ، گۇگۇملىرى يولدۇشۇمنىڭ پىچىرلاپ ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى بۇ گۈللەر، ئەتىسى باشقىچىلا جانلىنىپ، گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

         يولدۇشۇم بىلەن تۇنجى  ھەم بىردىنبىر رەنجىشىممۇ، مۇشۇ گۈللىرىم سەۋەبىدىن. يېرىم كېچىدىكى قاتتىق ياغقان يامغۇردىن چۆچۈپ ئويغاندىمدە، بالكون سىرتىدىكى نەچچە تەشتەك گۈلۈمنى يالاڭلا چىقىپ ئېلىپ كىردىم. قارىسام، يولدىشىم، ئويغانمىدى، ئۈستى - بېشىم ھۆللا كىردىمدە، يوتقاننى تارتىپ ئېچىپ:

    -چاققان، چاققان بولۇڭ. گۈللۈرۈم يامغۇردا قالدى،- دەپلا كەينىمگە ئۆرۈلۈشۈمگە، قولۇمدىن كاپ قىلىپلا تۇتۇپ:

    -  ئۈستىڭىزگە بىر نېمە ئارتىۋېلىڭ!- دېدى.

    -  گۈللۈرۈم دەۋاتىمەن، گۈللۈرۈم،- دېدىم ئاچچىقىمدا ۋارقىراپ.

     بالكوندىن ھەشقىپىچەكلىرىمنى ئېلىپ كىرگۈچە، يولدۇشۇممۇ سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەكلا بولۇپ قالدى. گۈللۈرۈم بىلەن پاراڭلىشىپ، خېلىدىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىردىم.

     - مېنىمۇ گۈلىڭىزنى ياخشى كۆرگەندەك كۆرگەن بولسىڭىز ھە؟!- دېدى كەينىمدىن قۇچاقلاپ.. گەپ قىلمىدىم.

         ئەتىسى ئەتىگەن يولدۇشۇم يەنە سوراپ قالدى.

        - گۈلنى، ئەجەبا راستلا مەندىن مۇھىم بىلەمسىز؟

       ئۇنىڭغا قاراپ، بېشىمنى سىڭايان قىلىپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ئالدىرىماي:

    • ھەئە، دېدىم.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر گۈل ئىنسان _