قىيامەتتىن قايتىپ كەلگۈچە (راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : yusufahmad يوللىغان ۋاقىت : 2011-08-25 03:31:28

قىيامەتتىن قايتىپ كەلگۈچە (راست ئىشلار خاتىرىسى)مۇھەممەدجان راشىدىنمۇقەددىمەمەن دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئۇنتۇلماس بالايىئاپەتلەرنى ئەكەلگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن قاب...




     

    قىيامەتتىن قايتىپ كەلگۈچە (راست ئىشلار خاتىرىسى)

    مۇھەممەدجان راشىدىن


     مۇقەددىمە

    مەن دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە ئۇنتۇلماس بالايىئاپەتلەرنى ئەكەلگەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن قاباھەتلىك ھەركەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، سەل كەم ئون يىل تۈرمىدە ياتتىم. پۇتۇمدا تۆت يىل توققۇز كۈن كىشەن تۇردى. پەقەت پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا تۈرمىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئەركىنلىكىم ئەسلىگە كەلدى،ئۈزۈل - كېسىل ئاقلاندىم. ھازىر ئاتمىش ياشقا كەلدىم. قارىسام، «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ خەلققە قارشى زوراۋان «سولچىل» سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازاب كۆرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەيدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ياشلار «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ دۆلەتكە سالغان بۇزغۇنچىلىقى ۋە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنى، «تۆت كىشلىك گۇرۇھ»نىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن، سىياسەتلىرىنى بۇرمىلاپ، دەپسەندە قىلىپ، نۇرغۇنلىغن كىشىلەرگە ئۇۋالچىلىق يەتكۈزگەن ئۆز بېشىمچىلىقلىرىنى بىلمەيدۇ. بۇ ئەسلىمىنى ئۇلار ئۈچۈن ھېچبولمىغاندا بىر قوشۇمچە ئىجتىمائىي دەرسلىك بولۇپ قالار، دەپ ئويلايمەن.
    1978 - يىلى 23 - ئاپرېل، مەن ئۈچۈن كىشى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ئاز كۆردىغان دەھشەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرى بولدى. بىز ئىلى ئوبلاستلىق تۈرمىنىڭ ھەرقايسى كامىرلىرىدىن ۋارقىراش - جارقىراش، ئىتتىرىش، سۆرەشلەر بىلەن ئوتتۇرا دەرۋازىدىن ئۆتۈپ تۈرمىنىڭ سىرتقى قورۇسىغ ھەيدەپ چىقىلدۇق. بىز چىققان دەرۋازىغا ئۇدۇل قىلىپ سېلىنغان بىر قەۋەتلىك سوراقخانىلار دەل مۇشۇ قورۇدا ئىدى.
    ئەتراپ بەكمۇ سۈرلۈك، كىشىنىڭ تېنى ئەيمىنەتتى. باھار تەبىئەتتىكى گۈزەل تەسىرىنى يوقاتقاندەك قىلاتتى. ئومۇمەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۆگزىلەرنىڭ ھەممىسىگە قوراللىق ئەسكەرلەر تۇرغۇزۇۋېتىلگەن، ھويلىدا ئوپۇر - توپۇر بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىلا ھەربىيلەر ئىدى.
    بىز تۈرمىنىڭ ئوتتۇرا دەرۋازىسىدىن چىقىشىمىز بىلەنلا باشقۇرۇش تېخىمۇ قاتتىقلىشىپ، ھەممىسىنىڭلا پۇت - قولى ئىتتىكلەپ كەتتى؛ خالىغانلار كېلىپ، بىزدىن خالىغانلارنى ئۇراتتى، تېپەتتى. ئەتراپقا زەن سېلىپ قارىغانلىكى بىرىمىز تاياق يەتتۇق. بىزنى ئۇدۇل ھەيدەپ سوراقخانىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئۆتكۈزۈپ تامغا قارىتىپ ئېڭىشتۈرۈپ قويدى. كەينىمىزدە مىدىر  - سىدىر قىلساقلا ئەدىپىمىزنى بەرگىلى تۇرغان قاراللىق ئەسكەرلەردىن بىرنەچچىسى بار ئىدى.
    پۇتۇمدا ئېغىر كىشەن بولغاچقا، سەپكە ھەممىدىن كېيىن تەسلىكتە كېلىپ قوشۇلدۇم. مەن سەپنىڭ بېشىدىراق تۇردۇم. تۈرمىدە كىشەننىڭ ئوتتۇرىسىدىن يىپ بىلەن باغلاپ، بەلگە يۆگىۋېلىشقا مۇتلەق رۇخسەت قىلىنمىغاچقا، ماڭغاندا كىشەن پۇتنى غاجاپ ئاسانلا تىتىۋېتەتتى. بۈگۈن بۇ ئازابقا يەنە بىر قېتىم دۇپ كەلدىم. ئۇ چاخلاردا تۈرمىلەرنى تامامەن ھەربىيلەر ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇۋاتقاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە  دۈشمەنگە كىم قاتتىق مۇئامىلە قىلسا، شۇنىڭ سىنىپىي مەيدانى روشەن، ئىدىيىسى ئىلغار ھېسابلانغاچقا ، ئۇلار بىزنىڭ مۇنداق ئازابلىنىشلىرىمىزدىن خۇمارى تارقاپ، ھۇزۇرى ۋايىغا يەتكەندەك بولاتتى.
    مەن سەپتە ئىڭىشىپ تۇرۇپ، يېنىمدىكىلەرگە سەپسالدىم: سول يېنىمدا سۇلايمان سىدىق، ئوڭ يېنىمدا باشقا بىرەيلەن تۇراتتى. بىزدە ئاخىر مۇقىم مۆلچەر پەيدا بولدى: بۈگۈن بىزگە جازا ھۆكۈمى ئاڭلىتىلىپ، كېسىم پىچىلاتتى، بۇنىڭدىن ئارتۇقچە ياخشىلىقتىن دېرەك بەرمەيتتى.
    قارىغاندا، بىز نەچچە دېلونىڭ ئادەملىرىدەك قىلاتتۇق، تونۇشلارنىمۇ تونۇماق تەس ئىدى. چۈنكى، ئىككى يىلدىن بۇيانقى تۈرمە ھاياتى ھەممىمىزنى تونۇغۇسىز دەرىجىدە كاردىن چىقارغانىدى. بېشىمىزدا، ئارقىمىزدا تۇرغان ئەسكەرلەر پىچىرلىشىشىمىزغىمۇ يول قويمايتتى.
    بۇ مەزگىل «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دېگەن ياۋۇزلار ھەركىتىنىڭ«دۇ، پى، گەي»(كۆرەش قىلىش، پىپەن قىلىش، ئۆزگەرتىش) باسقۇچى بولۇپ، ئومۇمەن زەربە بېرىش بىلەن خاراكتېرلىنەتتى. 24- مارت بۇ يىلقى تۇنجى سوت ئېچىلىپ، ئىلى ئوبلاستلىق سەنئەت ئۆمىكىنىڭ سابىق رېژىسسورى مالىك جۇنۇس(قازاق) قاتارلىق بىر نەچچەيلەنگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنىدى. بىز ئىككىنچى قېتىملىق سوتقا جازالىنىدىغان مەھبۇسلار ئىدۇق. بىزنىمۇ مۇشۇ بىر ، ئىككى كۈن ئىچىدىلا خەلقىئالەم ئالدىغا ئاچىقىدىغانلىقى ئېنىق. بۈگۈنكىسى ئۆزىمىزگە ئالدىنئالا ھۆكۈم ئاڭلىتىش رەسمىيەت كۈنى ئىدى.
    مەن شۇلارنى ئويلاپ بولغۇچە ئىسىمىم چاقىرىلدى، بېشىمنى كۆتۈرۈپ كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. ئالدىمدا قەغەز تۇتۇۋالغان سۈرى يامان بىر خەنزۇ ئەسكەر تۇراتتى. ئۇ ماڭا ئوڭ ياقتىكى نېرى بىر چەتنى ئىشارەت قىلدى. قارىسام، نېرىدا سەندەل، بازغانلارنى تەييارلاپ ئىككىيلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇلارمۇ بىزگە ھەر كۈنى تاماق بېرىدىغان تۈرمە ئاشپەزلىرى ئىدى. كىشەننى سۆرىگەنچە ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم. ھېلىقى ھەربىيمۇ مېنىڭ يېنىمدا تۇراتتى. ئۇلار مېنى ئولتۇرغۇزدى - دە، بىردەم ھەپىلىشىپ پۇتۇمدىكى كىشەننى ئېلىۋەتتى.
    كىشەن ئېلىۋېتىلگەندىن كېيىن ئۆز ئورنۇمغا بۇرۇلدۇم. قوپۇپ مېڭىۋېدىم، ئىككى پۇتۇم ئىختىيارسىز «لىك - لىك» كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. بۇ ماڭا بۇلتۇر سېلىپ قويۇلغان كىشەننىڭ بەكمۇ ئېغىرلىقىدىن ئىدى. كېچىلىرى سوراققا چىقىپ قالسام، تۈرمىنىڭ كارىدورىدا خۇددى تۇلۇقتەك گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز چىقىپ باراتتى. ئۇنىڭ زەنجىر - ھالقىلىرى ناھايىتى يوغان ئىدى. مەن ئۇنى سۆرەپ مېڭىشقا جىق كۈچ چىقىرىپ ئۆگىنىپ قالغاچقا، بۈگۈن كىشەن ئېلىۋېتىلگەندە ناھايىتى يېنىك بولۇپ قالدىم، ئەمما  كىشەننىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلمەيتتىم، كېيىن مۇھەممەتجان قۇرباننىڭ پۇتىدىكى كىشەنمۇ ئېلىۋېتىلدى.
    مەن سەپكە قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئارقىمىزدىكى بىر ئىشخانىدىن ئىسمىمىز چاقىرىلىشقا باشلىدى. ھۆكۈم ئاڭلىتىش باشلانغانىدى.
    ــ ھۆكۈم تۆۋەندىن باشلاندى، ــ دېدى سۇلايمان ماڭا ئاستا پىچىرلاپ.
    دەل مۇشۇ چاغدا ئۆز تەقدىرىم ھەققىدە يېڭىۋاشتىن ئويلىنىپ قالدىم. ھاياتلىقتىن ئۈمىدىم ئۈزۈلدى. ئەسلىدە مەن «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا يۈز بېرىۋاتقان زورۋانلىق، ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ ھامان ئۇزاققا بارمايدىغانلىقى، ياقا پەشكە،پەش ياقىغا ئايلىنىدىغان كۈنلەرنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە قەتئىي ئۈمىدلىك ئىدىم. ئۇ پۈتۈن جۇڭگو جەمىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستىقبالى ھەققىدىكى ئىشەنچلىك يەكۈنلىرىم ئىدى. ئەمما ئۆز بېشىم توغرىسىدا دىلىغۇل ئىدىم. مېنى دائىم ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئەگىپ تۇراتتى. شۇنداقتىمۇ ئارتۇقچە ئويلىنىپمۇ كەتمەي، باشقا كەلگەندە بىراقلا كۆرۈش قارارىدا ئىدىم. مانا، ئۇ كۈنلەرمۇ يېتىپ كەلدى. گەرچە گېرمانىيە مۇتەپەككۈرى گيوتېنىڭ «ئۈمىد - نىشاننىڭ ئىككىنچى جېنى»دېگەن مەشھۇر سۆزى ھەمىشە كاللامدىن نېرى كەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن  ئۇ بۇ مېنۇتلاردا مۇشۇنداق تەقدىردە تۇرغان ئادەملەر ئۈچۈن ئارتۇقچە تەسەللىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. لېكىن، مەن شۇ چاغدا ۋۇجۇدۇمدىن ئاخىرقى ئۈمىدلىرىمنىڭ ساقىپ بولمىغانلىقىنىمۇ ھېس قىلىشقا باشلىدىم. كاللامدا غوۋغا قىلىۋاتقان ئارزۇ باشقا نەرسە ئەمەس، جەسىتىمنىڭ شەھەردە قالماي، ئونياريۈزىگە ئاچىقىپ كېتىلىشى توغرىسىدىكى ئارزۇ ئىدى. نېمىشقىدۇر، ئەجداتلىرىمنىڭ يېنىدا ياتقۇم بار ئىدى، مەن بۇنى تىرىك قالىدىغانلارنىڭ بىرىگە تاپشۇرۇشقا تىرىشاتتىم. لېكىن، كىم ئېتىلىپ، كىم تىرىك قالىدۇ؟ بۇنى ھېچكىم مۇئەييەنلەشتۈرەلمەيتتى. شۇنداق بولسىمۇ، ھەممەيلەننىڭلا ئۆلتۈرۈلمەسلىكى، قايسىبىرلىرىنىڭ تىرىك قېلىشى چوقۇم ئىدى. شۇلارنىڭ بىرى سول يېنىمدا تۇرغان سۇلايمان ئىدى. ئۇ مەن بىلەن بىر يەرلىك بولغاچقا،ئۈمىدىمنى قېرىداشلىرىمغا ھامان يەتكۈزەلەيتتى. مەن ئۇنىڭغا پىچىرلاپ:
    ــ سۇلايمان، سىز ئامان قالىسىز، ھۆكۈمدىن كېيىن بىر ئامال قىلىپ مېنىڭ جەسىتىمنى ئونياريۈزىگە ئاچىقىپ كېتىش ھەققىدە قېرىنداشلىرىمغا بىر خەۋەر قىلىۋەتسىڭىز، بۇ مېنىڭ ئاخىرقى ئارزۇ - ئۈمىدىم!- دېدىم. سۇلايمان تەلىپىمنى دەرھال رەت قىلىپ:
    ــ تىرىك قېلىشىمنى قانداق بىلدىڭىز ؟ مېنىڭ ئارىلاشقان ئىشلىرىمنى ئاز دەمسىز؟ ــ دېدى.
    سۇلايمانمۇ ئۆز كويىدا بولۇپ قالغانىدى. دېمىسىمۇ، ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دا تەرەپبازلارنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىغا كۆپ ئارىلاشقانىدى. بىراق، ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇ ئىشلاردىن ئەسلا ھېساب ئالمايدىغانلىقى، يەنى جىنايەتكە ياتقۇزمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. ئەمەلىيەتتىمۇ تەرەپلەرنىڭ جېدەللىرى ئۆز بالىلىرىنىڭ ئىناقسىزلىقىدەكلا بىر ئىش بولۇپ ، پىرىنسىپ جەھەتتە سۈرۈشتۈرۈلمەيتتى.
    مەن سۇلايمان بىلەن پىچىرلىشىۋاتقاندا، ئۆگزىدە تۇرغان ئەسكەر قاتتىق ۋارقىراپ، بىر چالما ئاتتى. بىز جىم بولۇپ قالدۇق، ئاز ئۆتمەيلا سۇلايماننىڭ ئىسمى چاقىرىلدى. ئۇمۇ كىرىپ كەتتى. قارىسام ئۇنىڭ يېنىدىكى مەھبۇس چاپچال ناھىيىسىدىن تۇتۇلغان خۇدابەردى ئىكەن. مەن سىلجىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىم. ئۇمۇ مېنى تونۇدى. بىز پىچىرلىشىپ سالاملاشتۇق. ئۇ مېنىڭ كونا تونۇشۇم ئىدى، گەپ - سۆزى ئوچۇق، قىزىقچى، ئويىغا كەلگەننى دەۋېرىدىغان ئۇدۇل مىجەز، ئاق كۆڭۈل بۇ يىگىت، سەمىمىيلىكى بىلەن كىشىنى سۆيۈندۈرەتتى. مەن بايىقى ئويۇمنى ئۇنىڭغا ئېيتتىم. ئۇنىڭ رەت قىلىشى سۇلايماننىڭكىدىن باشقىچە تەرىزدە بولدى:
    ــ شۇمۇ گەپمۇ؟ ــ دېدى ئۇ، ــ قەيەردىلا ياتساق، ئوخشاشلا خۇدانىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ؟ مەن ئۇنداق ئىشلارنى ئانچە ئويلاپ كەتمىدىم.
    ئۇ ھەقلىق ئىدى، تەن يەرنىڭ، جان خۇدانىڭ دېگەن گەپ يادىمغا يېتىپ قالدى. شۇڭا، مەنمۇ  بايىقى ئەرزىمەس ئۈمىدتىن ئازاد بولۇپ، ئۇ گەپنى قايتا تىلغا ئالمىدىم. جۈملىدىن، خۇدابەردىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا ھېچقانداق ساراسىمىگە چۈشمىگەن روھىغا ئىچىمدە ئاپىرىن ئوقۇدۇم. ئۇنىڭدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى بىلەن شەرەپ ھېس قىلغان خاتىرجەملىك، قىلىچقا پىسەنت قىلمايدىغان مەردانىلىك بەرق ئۇرۇپ  تۇراتتى.
    بىر - بىرلەپ چاقىرىپ ھۆكۈم ئېلىن قىلىنىۋاتقان ئارقىمىزدىكى ئىشخانىدىن كىمدۇر بىرلىرىنىڭ ھۆكۈمگە نارازىلىق قىلىپ كۆتۈرگەن ۋاڭ - چۇڭلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھۆكۈم ئاڭلىنىپ بولۇنغانلارنى ئۇدۇللۇق كامېرىلارغا ھەيدەپ ئەكىرىپ تۇراتتى. بىر چاغدا خۇدابەردىمۇ چاقىرتىلىپ كىرىپ كەتتى.
    نۆۋەت ئاخىر ماڭىمۇ كەلدى، ھۆكۈمخانىغا يالاپ كىرىلدىم. ئۇ يەردە ئاساسلىق ئۈچ خەنزۇ ھەربىي بىلەن تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر كادىر بار ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختىتىلدىم، ئاۋۋال ھۆكۈمنىڭ خەنزۇچىسى، ئاندىن تەرجىمىسى ئوقۇلدى. ئۇنىڭدا بىر مۇنچە جىنايى قىلمىشلار سۆزلەنگەندىن كېيىن:«جىنايىتى ئىنتايىن ئېغىر، پوزىتسىيىسى قەبىھ، جىنايىتىنى تونۇشنى رەت قىلغان، شۇڭا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىككى يىلدىن كېيىن ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىندى» دېيىلگەنىدى. ھەتتا ئۇنىڭدا:تۈرمىدە«ئىنتېرناتسىئوتال» شېئىرىنى ئېيتتى! دېگەن كۈلكىلىك جۈملىلەرمۇ بار ئىدى. بۇ ئاغزىدىن چىققان سۆزنىڭ نېمىلىكىنى ئاڭقىرماسلىق، جۈملىدىن ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلاش بولاتتى. ئويلاپ بېقىڭ: «ئىنتېرناتسىئونال» ناخشىسىنى ئېيتقان كىشىنى قانداقمۇ ئەكسىلئىنقىلابچى دېگىلى بولسۇن؟
    ھۆكۈم ئاڭلىتىپ بولۇنغاندىن كېيىن، مەندىن نارازىلىقىمنىڭ بار - يوقلۇقى سورالدى. مەن ھۆكۈمنىڭ روھى بويىچە ئون كۈن ئىچىدە پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇلار ئۈنچىقمىدى، مەن كامىرغا يالاپ مېڭىلدىم.
    بىز شۇ كۈنى ھۆكۈم ئاڭلىتىلغانلاردىن سەككىز - ئون مەھبۇس ئۇدۇللۇق 12 - كامىرغا سولۇنۋاتقان ئىكەنمىز. مەن كىرسەم: نىغمەت رەھمىتۇللا، ھاشىم مالىك، مۇھەممەتجان قۇربان، ماھمۇت يۈسۈپ، ئابباس تاش، سۇلايمان سىدىق، نۇرمۇھەممەت... قاتارلىقلار بار ئىكەن. بىز ئىككى يىلدىن بېرى تۇنجى قېتىم دىدارلاشتۇق، ئارىمىزدا پەقەت ئابدۇجاپپار، ئابدۇغېنى  ئىككىيلەنلا يوق ئىدى.
    24- ئاپرېل سەھەر تېخىمۇ ئەنسىزلىك بىلەن باشلاندى. ئەتىگەنلىك چالا ناشتىدىن كېيىن، ئىشىكلەر تاراقلاپ ئۈزلۈكسىز ئېچىلىپ، يېپىلىپ تۇراتتى. كارىدورغا ئەسكەر توشۇپ كەتتى. بۈگۈن بىزنى شەھەرگە ئوچۇق سوتقا ئاچىقىدىغانلىقى مۇئەيييەنلەشكەنىدى، بىز تەييار - تەق بولۇپ تۇردۇق.
    مەن شۇ كېچىسى بىر چۈش كۆرۈپ قاپتىمەن. بىرنەچچەيلەن بىر ھارۋىغا چۈشۈپ، مەھەللىمىزنىڭ شىمالىي دۆڭلىكىدىكى قەبرىستانلىققا چوڭ يول بىلەن چىقىپ كېتىپ بارغۇدەكمىز. ھارۋا شوتىسىنىڭ ئەڭ كەينىدە مەن ئولتۇراتتىم، مېنىڭ يۇقىرى تەرىپىمدىلا باشىغا قىزغۇچ ھال ياغلىق تاڭغان ياش بىر چوكان ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدىم. ھارۋا دەل دۆڭگە ياماشقاندا، مەھەللە تەرەپتىن، ئۆلۈپ كەتكەن چوڭ ئاكام ھاسان راشىدىننىڭ مېنى قاتتىق ۋارقىراپ ئاچچىق ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن«ھە!» دەپ جاۋاپ قايتۇردۇم. ئاكام:«چۈش ھارۋىدىن، تېز قايتىپ كەل!» دەپ يەنە غەزەپلىك ۋارقىرىدى. ئاكام يىراقتا - ئۆيىمىزنىڭ ئالدىدا ماڭا غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كىچىكىمدە ئاكام بىزنى بەك قاتتىق باشقۇرغاچقا، ئۇنىڭدىن ناھايىتى قورقاتتىم، شۇڭا ھارۋىدىن دەرھال چۈشۈپ قالدىم، ئويغانسام چۈشۈم ئىكەن. مەن ئۇ چاغدا بۇ چۈشنى تولا ئويلاپمۇ كەتمىدىم. سوت ئالدىدا ئۇنى ئويلاشقىمۇ پۇرسەت يوق ئىدى.
    بىر چاغدا بىزنىڭ ئىشىكمۇ ئېچىلدى. بىز يەنە تۈرمىنىڭ تۈنۈگۈنكى سىرتقى قورۇسىغا ھەيدەپ چىقىلدۇق. بىزنى باغلايدىغانلار ئوتتۇرا دەرۋازىنىڭ ئالدىدا تەق بولۇپ تۇرغانىكەن. نىمىشقىدۇر، مەن چىقىشىمغىلا تۈرمە باشقۇرۇپ يۈرگەن قېرى چىراي بىر ھەربىي ۋارقىراپ تۇرۇپ:
    ـ كەل، سېنىڭ قاتتىق سۆڭەڭلىرىڭنى ئەمدى كۆرۈپ باقاي!-دېدى ۋە يېنىدىكى ئىككى ئەسكەر بىلەن قوللىرىمنى كەينىمگە قايرىپ،قاقشىتىپ تۇرۇپ باغلىدى. مەن ئۇنىڭ ماڭا نېمە ئۈچۈن بۇنداق مۇئامىلە قىلغانلىقىغا ھەيران قالدىم. ئەتراپتىكىلەرنىڭ ھەممىسى باغلاندى.
    ماڭا شەھەر زور بىر ۋەھىمە ئىچىدە قالغاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇلار گويا تۈنۈگۈن ھۆكۈم ئاڭلىتىلغانلارنىڭ بۈگۈن ھەممىسىنىلا ئېتىۋېتىدىغان ئەلپازدا ئىدى. بىزگە سىلىق مۇئامىلە يوق، ئۆزلىرىمۇ تامامەن ئەسەبىي ئادەملەرگە ئايلىنىپ كەتكەنىدى.
    ئۇلار مېنى ئىتتەرگىنىچە تالاغا چىقىدىغان دەرۋازىنىڭ يېنىغا تىزىپ قويۇلغان بىرنەچچەيلەننىڭ قاتارىغا تۇرغۇزدى-دە، بوينۇمغا يوغان بىر ھۆكۈم تاختىسىنى ئېسىپ قويدى. ئارقىدىن نىغەتنىمۇ   شۇ تەرىقىدە ھەيدەپ كەلدى. كەينىمىزدە ھەربىرىمىزگە ئىككىدىن ئەسكەر نازارەت قىلاتتى. مەن يادەك ئېڭىشتۇرۇپ قويۇلغان بولساممۇ، بېشىمنى ئوڭ ياققا بۇراپ، قاتاردىكىلەرگە زەن سالدىم: باش قۇردا ئابدغخاپپار، ئابدۇغېنىلەر تۇراتتى. مەن ئۆز كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. چۈنكى، ھەر ئىككىلىسىنىڭ بوينىغا دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم بەلگىسى - قىزىل بەلگە سېزىلغان تاختا ئېسىلغانىدى. ئۇلارمۇ ماڭا قارىدى. بىز كۆز ئىشارىسى بىلەن ھەم ئامانلىق سوراشتۇق، ھەم خەيرلەشتۇق. مەن شۇ چاغدىلا ئۇ ئىككەيلەننىڭ تۈنۈگۈن بىزدىن ئايرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى بىلگەندەك بولدۇم.
    مەن كۆزۈمنى ئۇلاردىن ئېلىپ ئوڭ يېنىمدىكى جىنايەتچىگە قارىغىنىمدا تېخىمۇ ھاڭ - تاڭ قالدىم. ئۇ مەن ئاخشام چۈشۈمدە كۆرگەن ئايالنىڭ دەل ئۆزى ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە بىر قارىدىم، ئۇ خەنزۇ ئىكەن. ئۇ باغلاق ئازابىغا چىدىماي ئىڭرايتتى، تولغۇناتتى. بىر ئوفىتسېر كېلىپ ئۇنىڭدىن:«نېمە كىسىلدايسەن؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇ:«ئازراق بوشىتىپ قويساڭلار، قولۇم بەك ئاغرىپ كەتتى!» دېدى. ئوفىتسېر زەردە ۋە كىنايە بىلەن:«ئازراق چىدا، بىردەمدىن كېيىن ئاغرىمايدىغان بولىدۇ» دېدى. ئۇ بۇ ئايالنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتاتتى. دەرۋەقە، ئۇنىڭمۇ بوينىدا قىزىل بەلگە ئۇرۇلغان تاختاي تۇراتتى. مەن ھەممىدىن كۆرە ئۇنىڭ چۈشۈمدە ئايان بولغانلىقىغا ئەجەبلىنەتتىم. ئادەتتە چۈشۈمگە ئانچە پەرۋا قىلمايتتىم. ئەتىمالىم، مېنىڭ كېيىنكى چاغلاردا چۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان مىجەزىم شۇنىڭدىن باشلانغان بولسا كېرەك. ئەگەر چۈشۈمدە ئاكام مېنى ھارۋىدىن چۈشۈرۈپ قالمىغان بولسا، بۈگۈن چوقۇم مېنىڭ بوينۇمغىمۇ قىزىل سىزىقلىق تاختاي ئېسىلاتتىكەن، دەپمۇ قالدىم.
    ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي، ساقچىخانا ئەتراپى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى ۋە بىر بۇيرۇق بىلەن تۈرمىنىڭ تاشقىرقى دەرۋازىسى ئېچىلدى - دە، بىزنى تالادا تەييار - تەق بولۇپ تۇرغان ماشىنىلارغا سۆرەپ ئاچىقىپ بېسىشقا باشلىدى. ئىككى ئەسكەر بېشىمنى بېسىپ، مۈرىلىرىمدىن سۆرىگەنچە ماشىنىنىڭ  يېنىغا ئاچىقتى، ماشىنا ئۈستىدە تەييار بولۇپ تۇرغان ئىككى ئەسكەر بىر قولىدا بىر قۇلىقىم، بىر قولىدا مۈرەمدىن تۇتۇپ تارتتى - دە، ماشىنىغا ئاچىقتى ۋە مېنى سۆرەپ كەپىنكىنىڭ ئۈستىگە تىكلەپ قويۇلغان پىلىمۇتنىڭ سول تەرىپىگە ئاپىرىپ تۇرغۇزدى، ئوڭ تەرىپىگە نىغمەت تۇرغۇزۇلدى. ئۇلار بېشىمىزنى رەھىمسىزلەرچە بېسىپ تۇراتتى. ئەتراپتا مىغىلداپ تۇرغان كىشىلەرگە تۈزۈككىنە قاراپ بېقىشقىمۇ ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ئىككى قۇلىقىم يۇلۇۋېتىلگەندەك ئاغرىپ تۇراتتى.
    ئەتراپ تولىمۇ سۈرلۈك ئىدى. يىراقلاردا دەممۇ دەم شوئارلار توۋلىنىپ تۇرغاندەك قىلاتتى. كىشىگە گويا بۈگۈن قىيامەت قايىم بولۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. ئاسمان گۈرۈلدەپ، زېمىنغا ئۆلۈم تۆكۈپ تۇرغاندەك دەھشەتلىك مەنزىرە ھۆكۈم سۈرەتتى. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ماشىنىغا بۈگۈن ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىدىغان جىنايەتچىلەر بېسىلغانىدى، ئارقىمىزدىكى ماشىنىلاردا ھەر خىل كېسىمدىكىلەر بار ئىدى.
    ئەتىمالىم، ھەممە ئىش تەق بولدى بولغاي، ئاسمانغا «پاڭ!» قىلىپ بىر پاي ئوق ئېتىلدى، بۇ مېڭىش بۇيرۇقى ئىكەن، ماشىنىلار شۇ ھامان ھەرىكەتكە كەلدى. شۇ ھامان مەن ماشىنىمىزنىڭ سول تەرىپىدە «ۋاي بالام؟»دەپ قاقشاپ تۇرۇپ قاتتىق ۋارقىرىغان بىر ئايالنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. بۇ نەچچە قەۋەت تاغلارنى قايرىۋېتىپ پارتلاپ چىققان ئاۋازدەك قىلاتتى. ئۇ پەرزەنت زارى ئىدى. ئۇ تەقدىردىن زارلاپ، خۇداغا نالە قىلاتتى. مەن سول تەرىپىمگە بېشىمنى بۇراپ قارىۋېدىم، ئاستا قوزغالغان ماشىنىنىڭ يېنىدا تەڭ يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپ بارغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ ئابدۇغېنى غازىنىڭ ئاپىسىدەك قىلاتتىيۇ، لېكىن جەزملەشتۈرەلمىدىم، ئەمما مېنىڭ ئاپام ئەمەس ئىدى، چۈنكى ئاپام ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئېغىر رىمانتىزم كېسىلى بىلەن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى، بۇ يەرلەرگە كېلەلمەيتتى.
    جىنايەتچىلەر بېسىلغان ماشىنىلار  بىزگە بېرىلىدىغان جازانى نامايىش قىلىپ، ھەيۋەت بىلەن چىقىپ كېتىپ باراتتى. ماشىنىلارنى ئىككى چەتتە مەخسۇس موتسېكلىت دۈيى قوغداپ باراتتى. يولدا سەپ - سەپ بولۇپ تىزىلغان ئادەملەر تىپتىنچ ھالدا ماشىنىلار بىلەن بىر مەنزىلگە قاراپ كېتىپ باراتتى. ئۇلارنىڭ ئوچۇق سوت مەيدانىغا كېتىپ بېرىشىدا شەك يوق ئىدى.
    بىز قەيەرگىدۇر بىر يەرگە ئاپىرىپ ماشىنىلاردىن سۆرەپ چۈشۈرۈلدۇق ۋە تىزلاندۇرۇپ قويۇلدۇق. گەجگىمىز ۋە بېشىمىزدىن تولىمۇ قاتتىق بېسىپ ئېڭىشتۇرۇۋەتكەچكە، خۇددى كۆزى تېڭىپ قويۇلغان ئادەمدەك ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيتتۇق، ئەسكەرلەر ئۇرۇپ - تېپىپ تۇراتتى. بۇنداق قىلغاندىن بىردىن تاغارغا سېلىپ، ئاغزىنى بوغۇپ ئەكەلسىلا بولمامدۇ، دېگۈڭىز كېلەتتى.
    بىز چۈشۈرۈلگەن جاي، كېيىن ئۇقساق، شەھەرلىك ساقچىنىڭ قورۇسى ئىكەن. سوت مەيدانى ئۇنىڭ غەربىي بېقىندىكى ياشلار مەيدانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. كانايدىن يىغىننىڭ باشلانغانلىقى ئاڭلاندى. قارىغاندا بىزنى ئۆز نۆۋىتىمىز كەلگەندىلا مەيدانغا ئەكىرىدىغاندەك قىلاتتى. بىز شۇ كەمگىچە بۇ يەردە تاياق يەپ ئولتۇردۇق. مىدىرلاپ قويساقلا ئەسكەرلەر بېشىمىزغا ئۇراتتى، ماغدۇرسىز تۇرساق، پۇت - قولىمىز ئاغرىپ، كۈيۈشۈپ تۇرسا، قاتتىق باغلاق جاننى قىيناپ كېتىۋاتسا، مىدىرلىماسلىققا بولامدۇ؟ مەن تاياق يېسەممۇ، پۇتۇمنى مىدىرلىتىپ، كۈيۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تۇردۇم، مېنىڭچە، سەھنىگە بىر زەمبىل گۆش سۈپىتىدە ئەسكەرلەرنىڭ سۆرەپ ئاچىققىنىدىن كۆرە، تەستە بولسىمۇ ئۆزۈمنىڭ مېڭىپ چىققىنىم ياخشى ئىدى. دەرھال ئېتىلىدىغانلار شۇ يەردىلا ئۇرۇپ ھالىدىن كەتكۈزۈۋېتىلدى. بۇ يەردە بىزنىڭ پۈكلىنىپ ئولتۇرغان ۋاقتىمىز ئۇزارغانچە، يەيدىغان تاياقلىرىمىزمۇ كۆپىيىپ كېتىپ باراتتى. تاياقچىلار ئاز ئەمەس ئىدى، بۇ بەزى ئاكتىپلارنىڭ دۈشمەنگە بولغان ئۆچمەنلىكىنى نامايەن قىلىشى ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت ئىدى. شۇڭا، بىزنى تونۇمايدىغان، بىلمەيدىغانلارمۇ بېشىمىزغا بىر، ئىككىنى ئۇرۇۋېتىپ كېتەتتى. ماڭا بۇنداقلاردىنمۇ كۆرە تۈرمە باشقۇرىدىغان بىر شىۋە ھەربىينىڭ تايىقى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ئادەتتىمۇ ئاغزى بىشەم، تاياقچى نەرسە ئىدى.
    ئازاب ئىچىدە، يىغىن مەيدانىدىكى ئاۋازلارمۇ قۇلىقىمىزغا كىرىپ تۇراتتى. ھوشىمىز تېخى جايىدا ئىدى. مەيداندا ھەممىدىن ئۇزاق سۆزلىگىنى غۇلجا ناھىيىلىك قوراللىق قىسىمنىڭ باشلىقى راۋۇپ دېگەن تاتار ئىدى، ئۇ بىزنى خۇماردىن چىققۇچە سۆكتى. ئەتىمالىم، بۇ سوتتىكى جىنايەتچىلەر غۇلجا ناھىيىسىدىن كۆپرەك بولغاچقا، نۇقتىلىق ھالدا راۋۇپ سۆزلەشكە قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن.
    تەخمىنەن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن،بىز مەيداندىكى ئېگىز قىلىپ ئالاھىدە ياسالغان سوت سەھسىگە يالاپ،سۆرەپ ئاچىقىلدۇق.بۇ نەچچە مىڭ كىىشىلىك چڭ يىغىن ئىدى، ھۆكۈم ناھايىتى تېز ئاڭلىتىلدى. شۇ قېتىمقى سوتتا بىرنەچچە دېلودىن ئاتمىش ئادەم سوتلاندۇق. ئۈچ ئۇيغۇر، ئۈچ خەنزۇ بولۇپ ئالتە ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى. بۇ قېتىمقى سوتقا غۇلجا شەھەرلىك تۈرمىدە ياتقانلارمۇ خېلى بار ئىدى. ھېلىقى خەنزۇ چوكانمۇ ئېتىلدى.
    ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار جازا مەيدانىغا ئېلىپ كېتىلگەندىن كېيىن، بىزنىمۇ بىر چەتتىن ئاڭلىتىپ، بىر چەتتىن سەھنىدىن داقىرىتىپ سۆرەپ چۈشتى - دە، ماشىنىلارغا خۇددى ئەسكى چاپاننى تاشلىغاندەك تاشلاپ، ھەممىمىزنى دۈم قىلىپ ياتقۇزۇۋەتتى. ئەمدى ساقچىغا قايتاردا ساقچىدىن ئېلىپ كەلگەن ئەتىگەنكى تەرتىپ يوق ئىدى. ئۇلار نېمىشقىدۇر، بىزنى تېزرەك بىخەتەر تۈرمىگە يەتكۈزۈۋېتىشنىڭ كويىغا چۈشكەنىدى. ئۇلار خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. ھەربىيلەر ماشىنىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە ئىككى يېنىدا بىزنى دەسسەپ - چەيلىگەنچە ئۆرە تۇرۇپ باردى. بىز ئۇلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا ئىدۇق. سىرتتىن قارىغاندا، ھېچكىم ماشىنىدا ئادەم بار دەپ ئويلىمايتتى.
    بىز قايتىپ بارغاندىن كېيىن قوللىرىمىز يېشىلىپ، يەنە ئاخشامقى 12 - كامىرىغا قامالدۇق. قاتتىق باغلانغان قوللار ئۆز ئەسلىگە كەلگۈچە خېلى قىينالدۇق. شۇنداق بولسىمۇ، ھارغان - ئاچقىنىمىزغا قارىماي، ئەڭ ئاۋۋال ئابدۇجاپپار، ئابدۇغېنى ۋە ئابدۇشۈكۈرلەرنىڭ روھىغا ئىخلاسىمىز بويىچە قۇرئان ئوقۇپ دۇئا قىلىشتۇق. بىزنىڭ ھەممىمىزدىلا: ئەگەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» بولمىسا، بۇ يوللارغا مېڭىپ، بۇ ئىشلارغا دۇچار بولمايتتۇق؛ ھۆكۈممۇ مۇنداق ئېغىر، مۇئامىلىمۇ مۇنداق قاتتىق بولمايتتى! دېگەن ئورتاق تونۇش بار ئىدى.
    بۈگۈن كامىرلاردا يېتىۋاتقانلار گەرچە سوت ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن كىملەرنىڭ ئۆلۈپ، كىملەرنىڭ تىرىك قالغانلىقىدىن بىخەۋەر ئىدى. كەچقۇرۇن سوجاڭ ئىشىكنى ئېچىپ ماڭا:«ھەي،20 - كامىردىكى سېنى قەلىمىمىزنى ئاچىقىپ كېتىپتۇ، دەيدىغۇ؟» دېدى. مەن:«ياق ئالمىدىم، ئۆزلىرىدە قالغان!» دەپ جاۋاب بەردىم. سوجاڭ ئىشىكنى گۈپپىدە ياپتى. مەن چۈشەندىمكى، 20 - كامىردىكى غوپۇر ئاسىم، ئابلىكىم ھۆسۈيۈن، ئابلىمىت رەخمەت قاتارلىقلار مېنىڭ تەقدىرىمنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانىدى. ئەمەلىيەتتە بىزدە ئۇنداق قەلەممۇ يوق ئىدى.
    **********************************************
    بىزنىڭ ھۆكۈمدىن كېيىن 12- كامىردا بىللە ياتقان ۋاقتىمىز ئون كۈندىن ئاشمىدى، 30 - ئاپرېل نامازدىگەردىن باشلاپ،نېرىقى بىر كامىردىن بىرەيلەننىڭ ئاغرىق ئازابىدا قاتتىق ۋاي - ۋايلاپ ياتقان ئاۋازى ئاڭلاندى. بۇ ئوسماننىڭ ئوغلى شەرتمان ئىدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ئېغىردەك قىلاتتى. دېگەندەك ئىسمايىل ئۆمەر ئەتىسى ئەتىگەندە شەرتماننىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئىشىڭ يوچۇقىدىن كارىدورغا ۋارقىراپ كۆپچىلىككە ئاڭلاتتى.
    4- ماي ئەتىگەندە ئىشىك ئېچىلىپ، ھەممىمىزگە كۈدە - كۆرپىمىزنى باغلاشقا بۇيرۇق قىلىندى. مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا ئاچىقىپ كېتىپ، مېنى 26 - كامىرغا قاماپ قويدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئايرىپ قېلىنغانلىقىمدىن بېشىمدىكى پېشكەللىكلەرنىڭ تېىى تۈگىمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، كېيىنكى ئەمەلىيەتلەر ئويلىغىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى.
    مەن قامالغان كامىردا كېسىلىپ بولغان لى فامىلىلىك بىرلا خەنزۇ جىنايەتچى بار ئىكەن، كېيىن ليەن مىڭ، سىدىقجان، ئىرىم، تۇرسۇن دېگەن جىنايەتچىلەر قوشۇلۇپ، كامىردا پۇتىمىزنى يۆتكىگۈدەك يەر قالمىدى.
    ليەن مىڭ ئەسلىدە ئوبلاستلىق تەشۋىقات باشقارمىسىغا تەۋە كادىر بولۇپ، ئۇمۇ بىر تالاي ناھەقچىلىككە ئۇچراپ بۇ يەرگە ئەكىرىپ قويۇلۇپتۇ. ئۇ بەكمۇ نارازى ۋە بىئارام ئىدى. بەك سېمىز بولغاچقا، ھەر كۈنى كامىرنىڭ دىمىق ھاۋاسىغا چىدىيالماي، ئىشىك تۈۋىدە ئاغزىنى ئىشىك يوچۇقىغا ئاپىرىۋېلىپ، ئۇزاق- ئۇزاق ئۆرە تۇراتتى. ئىرىم دېگەن جىنايەتچى قىزىق ۋە غەلىتە ئىدى.ئ ۇ توققۇز تارا ناھىيىسىدىن ئون ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىنگەنىكەن. ئۇ كامىرغا كىرىپلا ئاغزىنى قويۇۋەتتى:«ئەكىڭنىڭ باسى، ھۆكۈمەت مېنىڭ پۇتۇمنى كەسكىنى يوق، قۇلىقىمنى كەسكىنى يوق، ئۆزىنىڭ قەغىزىنى كەستى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگە بارغاندا قاچىمەن!» دېدى. ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ «ئىرىم» ئىكەنلىكىگە قارىغاندا، يالغۇز بالىدەك قىلاتتى. ئۇنىڭ تەلۋە، تەۋەككۈلچىلىككە ئۆگەنگەن مىجەزىدىن قارىغاندا، كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ چوڭ بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، تۈرمىدىن قېچىپمۇ باققانىكەن. ئۇ ئۆزى توغرىسىدا قىزىقچىلىق قىلىپ: «مەن ئوغرىلىقتا قازاقنىڭ ئىچىدە رېكورت يارتقان ئادەم، قازاق ئوغرىلارنىڭ ھەممىسى چارۋامال ئوغرىلايدۇ. مەن بولسام قازاقلار ئىچىدە ماگىزىن تەشكەن بىردىنبىر ئوغرىمەن!»دەيتتى. بىز كۈلۈشەتتۇق. ئۇ تېخى يىگىرمە ئىككى ياشتا بولغىنى بىلەن ناھايىتى قاۋۇل، بەستلىك يىگىت ئىدى. مۇشتۇمىنى تۈگسە بازغاندەك كۆرۈنەتتى.
    بۇ كامىردىكىلەرنىڭ تولىسى كېسىلىپ بولغانلار ئىدى. شۇڭا، بەزىدە مەندىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا ئەمگەككە ئاچىقىپ كېتەتتى. ئۇلار تالادا ئۇنى يەپ، بۇنى يەپ قورسىقىنى تويغۇزۇپ، خۇشال كىرىپ كېلەتتى؛ بەزىدە ئۆلگۈچە تاياق يەپ كىرەتتى. ئارىمىزدا مياۋ جىكۇي ئىسىملىك بىر ئاچ كۆز جىنايەتچى بار ئىدى، ئۇ كەچكىچىلا قورساقنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دۈيىگە  تېزرەك بېرىۋېلىشنىڭ ئارزۇسىنى يەپ ياتاتتى. ئۆزى بەكمۇ جۇت، چىداسىز نەرسە ئىدى. جىنايىتى تېخىمۇ پەسكەش، يىرگىنىشلىك بولۇپ، ئۆزىگە تەگمىگەن ئايالنىڭ نومۇسلۇق جايىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن، مويلىرىنى يۇلۇپ قىينىغانىكەن. شۇڭا، كامىردىكىلەرر ئۇنىڭغا «ئورمىچى»،«تازىلىق خادىمى» دەپ لەقەممۇ قويۇۋالغانىدى. ئەمگەككە چىققاندا، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جىنايەتچىلەر ئاشخانىسىدىن جىڭموما ئوغرىلاپ ئۆلگۈچە تاياق يېگەن ئەڭ ئاۋۋال شۇ ئىدى.
    **********************************************
    مەن ھۆكۈمدىن كېيىن تۈرمىدە يەنە ئىككى ئاي ياتتىم. ھۆكۈم قىلىنىپ، ھەپتە ئۆتكەندە سوراقخانىغا ئاچىقىپ، ئاپام ھەدەم، ئىنىم، ئايالىم ۋە ئىككىنچى قىزىم بىلەن كۆرۈشتۈردى. كۆرۈشتۈرىدىغان چاغدا سوجاڭ ماڭا يەنە زەردە قىلىپ:«كۆرۈشۈۋال، بۇ ساڭا پارتىيە بەرگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەت، ئەمما قالايمىقان گەپ - سۆز قىلغۇچى بولما!»دىدى. مەن ئىچىمدە «ھەممىلا ئىش سېنىڭ دېگىنىڭدەك بولىۋەرمەس، ئۇلار بىلەن تېخى ھەربىر كۆرۈشىدىغان چاغلىرىممۇ كېلەر» دېدىم - دە، ئالدىغا چۈشۈپ ماڭدىم. ئاپام رەھمەتلىك تولىمۇ چېچەن، ئەقىللىق ۋە غەيرەتلىك ئايال ئىدى. ئۇ مېنى كۆرگەندە كۆزىدىن بىر تامچىمۇ ياش چىقارمىدى، ئاپام ماڭالمىغاچقا، زەمبىلدە ئېلىپ كىرىشكەنىدى. مەن تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئېڭىشتىم - دە، ئاپامنىڭ يۈزىگە يۈزلىرىمنى ياقتى، ئاپام مېنى تويماي سۆيۈپ كەتتى. ئارقىدىن بەش ياشلىق قىزىم گۈلبەھرەمنى  كۆتۈرۈۋالدىم، ئىنىم يۇرتنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى، ھەدەم، ئايالىم مېنىڭ ساق - سالامەت ئىكەنلىكىمدىن خاتىرجەم بولۇشتى، ماڭا يەنىمۇ سەۋر - تاقەت ۋە چىدام تىلىدى. تەخمىنەن ئون مىنۇت كۆرۈشكەن بولدۇق، سوجاڭ مېنى:«بولدى، ماڭ!»دېدى. ھەدەملەر ئېلىپ كەلگەن نان - توقاچ ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ماڭا تەڭلىۋىدى، ئۇ :«بۇشىڭ!» دەپ بەرگىلى قويمىدى، ئۇلار چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدى. مەن ھەدەملەرگە:«ئۇنىمىسا مەيلى!»دەپ تەسەللى بەردىم. ئىشخانىدىن چىقاردا ئاپام بىلەن يەنە بىر قېتىم خوشلاشتىم. ئاپامنىڭ كۆزىدىن ئالدىمدا بىر تامچە ياش چىقمىغىنى بىلەن ئۇنىڭ تولا يىغلاپ قىپقىزىل بولۇپ كەتكەن كۆزىدىن مەن ئۈچۈن ئاققان ئىككى يىللىق كۆز يېشىنىڭ ئىزلىرى ئاشكارا بولۇپ تۇراتتى. مەن ئىشىكتىن چىقاردا ئاپام بارلىق غەيرىتىنى يىغىپ:«خوش بالام، سېنى خۇدايىمغا تاپشۇردۇم!» دېدى.
    مەن كامىرغا قايتىپ كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەي، سوجاڭ ئىشىكنى ئېچىپ:«مە!» دېدى - دە، ماڭا بىر مايكىنى تاشلاپ بەردى. ئۇ ھەدەملەر ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنىڭ بىرى ئىدى.
    مەن تۈرمىدە قېپقالغان ئاشۇ ئىككى ئاي ئىچىدە، مېنىڭدىن قالغان - قاتقان ئىشلارنى سوراپ كىرگەنلەر ئاز بولمىدى، سوراقچىلاردىن بىرلىرى كىرىپ:«سەن قىلنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ئادەم، ئوچۇق سوتتىن كېيىن ئۈستۈڭدىن يەنە نۇرغۇن ئىشلار پاش قىلىندى. ئۆزۈڭ ئاۋۋال دەۋەتمىسەڭ، بەرىبىر سېنى ئاچىقىپ ئېتىۋېتىدۇ» دېسە، يەنە بىرلىرى كىرىپ: «ھۆكۈم دېگەن بىر، دەۋەتسەم ئېتىۋېتەمدىكىن دەپ ئەندىشە قىلما، تاپشۇرساڭ جىنايىتىڭ يېنىكلەپ، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسەن» دەيتتى. ئۇلار كۆپىنچە مېنىڭ سىرتقا قانداقتۇر بىر يامان شېئىرلارنى يېزىپ چىقارغانلىقىمنى سورايتتى. مەن ئۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىدا چىڭ تۇردۇم، ياخشى شېئىرلارنى يېزىپ چىقارغانلىقىم ھەققىدىمۇ ئېغىز ئاچمىدىم. سوراقتىكى ياخشى سۆزدىن ھاياجانلىنىپ، يامان سۆزلەردىن قورقۇپ، يالغان سۆزلەۋېرىشىم تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئىككى ئايدىن كېيىن سوراقلارمۇ بېسىلىپ قالدى.
    ئىيۇننىڭ ئاخىرلىرى ئىدى. بىر كۈنى سەھەردە بىزنى بىر ماشىنىغا تولدۇرۇپ بېسىپ نەگىدۇر بىر ياققا ئېلىپ ماڭدى. شۇ ئارىدا، يەنى 29- ماي كۈنى يەنە بىر قېتىملىق چوڭ ئوچۇق سوت يىغىنى ئېچىلىپ، يازغۇچى ئىمىنجان ئېكرام قاتارلىق ئالتەيلەن ئېتىلغاندىن كېيىن، شۇنىڭدىن تىرىك قالغانلارمۇ مۇشۇ ماشىنىدا ئىدى. رابىيە ھەدە، ۋاڭ فامىلىيلىك ئايالدىن باشقا، ليۇ دېلىڭ، لى شىمىڭ، ئەزەم ئابدۇساتتار قاتارلىق ئىككى كېسىمدىكى سىياسىي جىنايەتچىلەرمۇ بار ئىدى.
    بىز يەنىلا كەينىچە قىلىپ چەمبەرچاس باغلاندۇق. مەن، رابىيەم، ئەزەم، ليۇ دېلىڭ، لى شىمىڭ قاتارلىقلار ماشىنىنىڭ ئەڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇلدۇق. ئەسكەرلەر كەپىنكىنىڭ ئۈستىدە دۈمبىمىزگە قايرىپ باغلانغان قولىمىزغا دەسسەپ  ئولتۇردى. بىزئېڭىشتۇرۇپ دۈم قىلىۋېتىلدۇق. بىزنى كۈنەس قارا بۇغرا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگە ئېلىپ ماڭغانىكەن، بىز تاكى مەنزىلگە يېتىپ بارغۇچە بېشىمىزنى كۆتۈرەلمىدۇق. مىدىرلىساقلا  قولىمىزغا قاتتىق دەسسەيتتى. بېشىمىزغا تېپەتتى. شەپقەتسىزلىك دۇنيا قانچە قاتتىق بولسىمۇ، بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتمەيتتى. چۈنكى، كېسىلىپ بولغان جىنايەتچىلەرنى ھېچقايسى ئەلدە مۇنداق ئازابلىمايتتى.
    سەپەردە سىدىقجان، قېيىم ئەيسا قاتارلىق مەھبۇسلار ئاغزىمىزدا بىر، ئىككى بۇردىدىن نان سېلىپ قويدى. چۈشتە ئەسكەرلەر ئۆزلىرى قەيەردە بىر يەردە ماشىنىنى توختىتىپ تاماق يېيىشتى. بايىقى بىر، ئىككى بۇردا نانمۇ بىزگە دەل شۇ پۇرسەتتەبېرىلگەنىكەن. بىز يول بويى ھەم بېلىمىز، ھەم غول - تاغاقلىرىمىز ئاغرىپ ھالىمىزدىن كېتەي دېدۇق. ئۇسسۇزلۇق ئاندىن قىينايتتى. سەپەر ئازابى شۇنچىلىك قاتتىق بولدىكى، بىزنى مۇنداق قىينىغىچە ھېلىقى كۈنى ئېتىۋەتكەن بولسىمۇ بوپتىكەن، دەپ قالدۇق. بىز ئادەملەر ئارىسىدا مۇنداقمۇ تاش يۈرەك كىشىلەرنىڭ بارلىقىغا ھەيران ئىدۇق. ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ بىزنىمۇ پىلىموتقا تۇتۇۋەتمىگەنلىكىگە ئاچچىقى باردەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ سىنىپىي كۈرەش تەربىيىسىنى ئەسەبىيلەرچە ئىزچىللاشتۇرۇۋاتقانلار ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئىدى. بىزنى ھايۋاندىنمۇ بەتتەر كۆرەتتى. ئۇلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك تۇيغۇ دورىلىققىمۇ تېپىلمايتتى. ئۇلار بىزنى گويا ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا. قوۋم - قېرىنداشلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن قاتىللاردەك كۆرەتتى.
    بىز  كەچ پېشىن بولغاندا بىر قورۇ ئىچىگە كىرىپ كەلدۇق. بېشىمىزنى كۆتۈرسەك، بۇ كۈنەس قارا بۇغرا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتى ىكەن. بىز ماشىنىدىن چۈشۈرۈلدۇق، قوللىرىمىز يېشىلگەندە، رابىيەم ھەدە ئىككىمىزنىڭ قاتتىق باغلانغان بىلەكلىرى  ھېلىقىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا زېدە بولۇپ شەلۋەرەپ كەتكەنىدى. رابىيەم ھەدىنىڭ جاراھىتى مېنىڭكىدىنمۇ بەتتەر ئىدى. بىز باغلاقتىن بوشىتىلغىنىمىزغا شۈكۈر قىلىپ، بۇ ئىشلارغا ئانچىمۇ ۋايساپ كەتمىدۇق.
    بىزنى ھېلىقى رەھىمسىزلەردىن ئۆتكۈزۈۋالغانلار ئىچىدە، يېشى قىرىقتىن ئاشقان، يالغان چىشلىرى بار، كۆزەينەكلىك بىر كىشى كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ يۈرەتتى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ قولىدىكى قەغەزگە قاراپ مەن، ئەزەم، ئابدۇساتتار، ليۇ دېلىڭ، لى شىمىڭ تۆتىمىزنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، بىز ئالدىغا چىقتۇق. ئۇ بىزنى ئىككى قوراللىق ئەسكەرگە ھەيدىتىپ، قورۇنىڭ سىرتىدىكى بىر چوڭ ئاتخانىغا ئاچىقتى ۋە ھەممىمىزگە كىشەن سالدۇرۇپ قويدى. قورۇغا قايتىپ كىرىدىغان چاغدا ئۇ بىزگە: «بۇ، سىلەرنىڭ خاتىرجەم ئۆزگىرىشىڭلارغا پايدىلىق، سىلەرنى قاچىدىغان - مۆكىدىغان ئىشلاردىن ساقلايدۇ»دېدى. ئاخىرىدا:«قورۇغا كىرگەندىن كېيىن پاقالچىقىڭلارغا بىر نەرسە ئورىۋېلىڭلار، بولمىسا، تۆمۈر ئاسانلا يارا قىلىۋېتىدۇ» دېگەننىمۇ قوشۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭ يالغان كۈلكە ۋە بايىقى پايدىلىق نەسىھەتلىرىدىن ئۇنىڭ تۈرمە خىزمىتىنى ئۇزاق ئىشلەپ قاقباش بولۇپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم. لېكىن، نېمىلا بولسۇن، ئۇنىڭ بىزنى پۇتىمىزغا بىر نەرسە ئورىۋېلىشقا ئۈندىگەنلىكى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ قارا كامىردىن بىر قەدەر ئازادىلىكىنى ھېس قىلدۇردى.
    بۇ قورۇغا قايتىپ كىرگەندە، ئەمگەك بىلەن ئۆزگىرىش ئەترىتى كادىر ۋە ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ھەمرالارنىڭ ئورۇن - كۆرپەە، كىيىم - كېچەك، خالتا، يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇۋېتىپتۇ. بۇ تەكشۈرۈشتىنمۇ ئۆتتۇق.
    ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتى قورۇسى يوغان قارا دەرۋازىسى، ئۈچ يەردە قاراۋۇلخانىسىبار، ناھايىتى ئېگىز سېپىللىق خېلى چوڭ قورغان ئىدى. قورغاندا بىزدىن باشقا ھېچكىم يوقتەك قىلاتتى. لېكىن تورخۇندىن ئىس چىقىۋاتقان بىر ئاشىانىسىنى كۆرۈپ، كۆپ بولمىسىمۇ، يەنىلا ئادەم بارلىقىنى بىلدۇق.
    دەرۋازا ئۈستىدە قاۋالخانا بار ئىكەن. دەرۋازىدىن كىرگەندە ئۇدۇلدا ھەربىرى ئۈچ ئېغىزدىن ئىككى كورپۇس،سول تەرەپتە بىر كورپۇس ئاددىي كېسەك ئۆيلەر كۆزگە تاشلىناتتى.ىز ئەنە شۇ سول تەرەپتىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇق.
    بايىقى كۆزەينەك كىشىنىڭ فامىلىسى ۋاڭ بولۇپ، مۇشۇ ئەترەتنىڭ سىياسىي ئىشلار خادىمى ئىكەن. ئۇنى ھەممەيلەن «ۋاڭ گەنسى» دەپلا ئاتىشىدىكەن.
    كۈن غەربكە قىيسىيىپ نامازدىگەر بولاي دېگەندە، تالادىن قاراۋۇلخانىدىكى ئەسكەرگە بىر نېمىلەر دەپ دوكلات قىلىۋېتىپ، سەككىز - ئون جىنايەتچى كىرىپ كەلدى. ئۇقىشىمىزچە، ئەسلى بۇ يەردىكى كونا جىنايەتچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولىدىغان ئۇرۇش ئېھتىمالى سەۋەبىدىن جەنۇبقا يۆتكەپ كېتىلگەنىكەن. كېيىن بايىقى ئېھتىماللىق سۇسلاپ قېلىپ، بۇ يەرگە يەنە جىنايەتچى لازىم بوپتۇ. ھېلىقىلار كۈنەس ناھىيىسىدىن بىرىنچى تۈركۈم يۆتكەپ كېلىنگەنلەر ئىكەن.
    كەچلىك تاماقتىن كېيىن كونا، يېڭىلار ھەممىمىز يوقلىمىدىن ئۆتتۇق. ۋاڭ گەنسى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ تۈزۈم، تەرتىپ - ئىنتىزاملىرى ھەققىدە توختالدى، قاچماسلىقىمىزنى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ياخشى ئىشلىسەك كەچۈرۈم بېرىلىدىغانلىقى، ئۆزگەرتىش بىلەن قارشىلاشساق قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىز ھەققىدە ئۇزاقتىن - ئۇزاق سۆزلىدى.
    ******************************************
    بىز ئەتىسىلا ئەمگەككە ھەيدەپ چىقىلدۇق. مەن قولۇمغا چىققانلىكى ئەسكى - تۈسكىلەردە پۇتۇمنى ئوراپ، زەنجىرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تانا بىلەن باغلاپ، شىمىمنىڭ بېغىغا ئېسىۋالدىم. بىزنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دۈيىدىكى تېخىمۇ جاپا - مۇشەققەتلىك ھاياتىمىز ئەنە شۇ كۈندىن ئېتىبارەن باشلىنىپ كەتتى. دەسلەپكى كۈنى يەر يۈزلەشكە سېلىندۇق. گۇرۇپپا باشلىقىمىز شىلازى دېگەن خۇيزۇ پېشقەدەم كىشى ئىدى.ئۇنىڭ يېشى چوڭ بولغىنى بىلەن ئۆزى ياشلاردىنمۇ تېتىك ئىدى. بىز ئۇزاق مەزگىل قاراڭغۇ كامىردا كۈن كۆرمەي يېتىپ، ئاپتاپ سېغىنىپ كەتكەچكە، دالا اپتىپىدا كۆينەكلەرنى سېلىۋېتىپ مايكا بىلەنلا ئىشلەپتىمىز. ئەتىسى ئاپتاپ تەگكەن يەرلىرىمىز مۆلۈلدەپ سۇ كۆتۈرۈپ كەتتى. مەن شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ يەنە ئىشقا ھەيدەپ چىقىلدىم. ئۇ كۈنى بولالماي قالدىم، دوختۇر ماڭا بىر سىقىم مارگانسوپنى قەغەزگە يۆگەپ بېرىپ، قولۇمغا تۇتقۇزدى - دە:
    ــ مۇشۇنى ئىسسىق سۇدا ئېرىتىپ، كۈندە كۆيگەن يەرلىرىڭنى يۇي! ــ دېدى.
    مېنى ۋاڭ گەنسى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان تەلەتى سوغۇق، سېمىز بىر خەنزۇ كادىر تالادىن ھەيدەپ كىرىپ، ياتاققىمۇ كىرگۈزمەي، ئاشىانىنىڭ ئالدىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئاشخانىدىكىلەرنىڭ نازارىتىگە تاپشۇرۇپ بەردى. ئۇلار داس ۋە ئىسسىق سۇ ئاچىقىپ بەردى. مەن كۆيگەن يەرلىرىمنى مارگانسوپتا يۇيدۇم. دەرۋازا ئۈستىدىكى قاراۋۇل، ئاشخانىدىكى نازارەتچىلەر مېنى ھېلىدىن - ھېلىغا كۆزىتىپ تۇراتتى. چۈشتىن كېيىنمۇ يەنە شۇ تەرىقىدە ئولتۇرۇپ كۈننى كەچ قىلدىم.
    «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك قوللىرىمنى مارگانسوپتا يۇيۇۋاتقىنىمدا،ئوڭ يانچۇقۇمدىكى «ماۋجۇشى سۆزلىرىدىن ئۈزۈندە» دېگەن كىتابچە داسقا چۈشۈپ كەتى. ھېلىمۇ ياخشى ھېچكىم كۆرمىدى، داستىن دەرھال ئېلىپ، يانچۇقۇمغا سېلىۋالدىم. كىتابىڭ نۇرغۇن ۋاراقلىرى ۋە رەسىملىرى بويىلىپ كەتكەنىدى.
    ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ يېنىدا بىردىن «ئۈزۈندە» ئېلىپ يۈرۈشى شەرتسىز مەجبۇرىيەت ئىدى. بىزگە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇ چېقىلغىلى، تىل تەگكۈزگىلى بولمايدىغان نەرسە ئىدى، شۇڭا ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرغان مەندەك بىر ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ دورىغا چۈشۈپ كېتىشى مېنى ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتكە قالدۇراتتى. بۇنى باشقىلار بىلىپلا  قالىدىغان بولسا، مېنىڭ تۈگەشكىنىم شۇ ئىدى، چۈشەندۈرىمەن دېيىش قۇرۇق ئاۋارىچىلىك بولاتتى. شۇڭا، ئۈزۈندىنى زادىلا يېنىمدىن چىقارماي، بىر مەزگىل ساقلاپ يۈرۈپ، كېيىن بىر ياقلىق قىلىۋەتتىم.
    ئۇ چاغلاردىكى سىياسىي ھاۋانىڭ قەبىھ، ۋەزىيەتنىڭ ۋەھىمىلىك ئىكەنلىكىنى ھازىرقى ئوتتۇز ياشتىن تۆۋەن بالىلار مۇتلەق بىلمەيدۇ، سۆزلەپ بەرسىڭىز ئىشەنمەيدۇ. شۇڭا مەن مۇشۇ ھەقتىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا يازغان بىر ھېكايىنىڭ ئېفىگرافىغا:« مەن بايان قىلغانلارغا كېيىنكىلەرنىڭ چۈشەنمەسلىكىدىن ئەمەس، ئىشەنمەسلىكىدىن قورقىمەن» دەپ يازغانىدىم. ئۇ چاغلاردا لىن بياۋ ۋە «تۆت كىشىلىك گۇرۇھ»نىڭ خەلققە قارشى سىياسىتى پارتىيىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ئۆزگەرتىش سىياسىتىنىمۇ ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەنىدى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە تىللاش، ئۇرۇش نورمال ئىش بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا ھېلىقى «ئۈزۈندە» كىتابچىدىكى «دۈشمەنلەرگە قاتتىق بولۇش» دېگەن سۆزدىن ئاساس تاپاتتى؛ ئازابلاشنى تەربىيە ھېسابلايتتى؛ ئاچ - يالىڭاچ تۇتۇشنىمۇ شۇ مەزمۇندا ئىزاھلايتتى. ئاچ قورساق قاتتىق ئىشلىتىش، دەم ئالغۇزماي ئىشلىتىش كىشىنى ئاسانلا كاردىن چىقىراتتى.
    مەن بىر كۈن ھېلىقىدەك داۋالانغاندىن كېيىن، كىشىنىمنى شاراقشىتىپ، ئەتىسى يەنە ئىشقا چىقىپ كەتتىم.
    بىز بېرىپ ھەپتە ئۆتمەيلا جىنايەتچىلەر يەنە تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار بۇ يەرگە ئىلىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە ۋە شەھەرلەردىن كېلەتتى. مۇنداق جىنايەتچىلەرنىڭ يىل ئاخىرىغىچە ئايىغى ئۈزۈلمىدى. شۇ يىلى بىزدىن كېيىن شىنجاڭ بويىچە ئوتتۇز نەچچە كىشىنىڭ ئۆلۈم ھۆكۈمى بىر تۇتاش چىقىرىپ، 29 - ماي كۈنى بىر كۈندە، ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنداق بىر تۇتاش ھۆكۈم بىلەن يەتمىش ئىككى كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىجرا قىلىنغانىدى. بۇ يەرگە شۇ قېتىمقى سوتتا ئىلى رايونىدا كېسىلگەنلەردىنمۇ ناھايىتى كۆپ ئادەم كەلگەنىدى.
    بىز «قارا بۇغرا»غا كېلىۋاتقانلاردىن كىشى چۆچۈگۈدەك، ئېچىنغۇدەك خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ تۇردۇق: شۇ يىلى ئىيۇلدا ئىلى ئوبلاستلىق تۈرمىنىڭ 18 - كامىرىدا ئېغىر كىشەن بىلەن ياتقان تالانتلىق شائىر، ئىلھامجان ئابلىمىت ئۆزى بىلەن بىللە ياتقان گېرىگورى ۋە يەنە بىر خەنزۇ جىنايەتچى بىلەن قېچىپ، ھاجەتخانا تەرەپتىكى سېپىلغا ياماشقاندا ئېتىلىپ كەتكەن. ئەسلىدە چېن فۇسىڭ ياماشقاندىلا سېزىلىپ قېلىپ، سول قولى ئوقتا يارىلىنىپ قېچىپ كىرىپ كەتكەن. گېرىگورى تېخى سېپىلنىڭ يېنىغا بارمىغاچقا، كەينىگە يېنىپلا كىرىپ كەتكەن. ئىلھامجان پۇتىدىكى كىشەن ئېغىر بولغاچقا، ئۆزىنى ۋاقتىدا دالىدىغا ئالالمىغان. ئۆگزىدىكى پوست ئۇنىڭ كارىدورغا قايتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئېتىۋەتكەن. غۇلجا شەھەرلىك تۈرمىدىن رەھمەتجان بىلەن تۈرمىداش يەنە بىر خەنزۇنىڭ قېچىش ۋەقەسى ئاجايىپ  بولغان. ئۇلار كامىرنىڭ تېگىدىن تېشىپ، يەر ئاستى بىلەن تۈرمىنىڭ سىرتىدىكى بېدىلىك ئېتىزلىققا چىققان. ھەر كۈنى كېچىدە ھەرىكەت قىلىپ كولاپ، قېزىپ چىقىرىلغان توپىنى تاھارەت تۇڭى بىلەن ھەر كۈنى ھاجەتخانىغا ئەچىقىپ تۆكۈپ تۇرغان. ئەپسۇسكى، ئۇلار قېچىپ رەھمەتجاننىڭ غۇلجا ناھىيە پەنجىمدىكى «يېقىن ئاغىنىسى»نىڭ ئۆيىگە چىققاندا، ئۇ ئاغىينىسى يەرلىك ساقچىلارغا مەلۇم قىلىپ قويۇپ تۇتۇلۇپ قالغان.
    مەرھۇم ئابلىمىت رۇستەممۇ ئىلى ئوبلاستلىق تۈرمىنى تېشىپ چىقىپ، ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە چىققاندا تۇتۇلۇپ قالغان.
    مۇنداق قېچىشلارغا بىر تەرەپتىن، شۇ يىللاردا ھەربىيلەر ئۆتكۈزۈۋېلىپ باشقۇرۇۋاتقان تۈرمىلەردىكى مۇئامىلىنىڭ ھەددىن تاشقىرى قاتتىقلىقى سەۋەب بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، دېلولارنىڭ پارچىلاپ باشقۇرۇلۇپ، كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ كېتىۋاتقانلىقى سەۋەب بولغان. شۇڭا، ھەممىلا ئادەم ئۆز بېشىنى قوغداشنى ئويلىماي بولمىغان.
    بىزنى ئەمگەككە ھەر كۈنى بىر كادىر بىلەن بىر ياكى بىر نەچچە قوراللىق ئەسكەر ئاچىقاتتى. جىنايەتچىلەر كۆپەيگەنچە بىرنەچچە گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ كەتتۇق. كۆپ ھاللاردا گۇرۇپپا ياكى بىرلەشمە گۇرۇپپا بويىچە چىقاتتۇق. ھەر كۈنى كەچتە قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئىستروي قىلىنىپ، يوقلىمىدىن ئۆتەتتۇق. بۇنداق چاغدا كۆپ ھاللاردا بىزگە ۋاڭ گەنسى سۆزلەيتتى ئۇ ناھايىتى سۆزمەن، ھىيلىگەر ئادەم بولۇپ، ياخشىنى يامان، ياماننى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇستا ئىدى. بىزگە بەرگەن ئارزاڭنى ماختاپ:«ھەتتا بىزنىڭمۇ يېگۈمىز كېلىدۇ» دەيتتى. ئۇ ناھايىتى ئۇزاق سۆزلەيتتى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ: ئۈچتىن ئايرىلماسلىق، ئىككىيلەن بىر بولماسلىق، ناماز ئوقۇماسلىق،دېلو سۆزلەشمەسلىك، ئۆز ئارا دوست تۇتماسلىق...دېگەن تۈزۈملىرىنى ئاغزى تالغۇچە چۈشەندۈرەتتى. ئۇ ئەڭ ئاۋۋال يۇقىرىغا ئەرز يېزىشنى قەتئىي چەكلىدى. بۇ قانۇنسىزلىق، زوراۋانلىق ئىدى. ئۇلار قازالىنىپ كېلىۋاتقانلاردىن  مۇتلەق كۆپچىلىكىنىڭ جازا ھۆكۈمگە نارازى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. شۇڭا مۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئەرز يېزىشىنى يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ، دەيتتى. ۋاڭ گەنسى ھەر كۈنى جىنايەتچىلەر ئارىسىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنىمۇ زىغىرلاپ سۆزلەپ، ئالا قويماي سۆكۈپ تۇراتتى. بىزنىڭ ئۆرە تۇرۇپ پۇتلىرىمىز تېلىپ كېتەتتى. ۋاڭ گنسىنىڭ سۆزى تۈگىگەندە ئەتىسى دىژورنى بولىدىغان دۈيجاڭ تۆت ئېغىز گەپ قىلىپ، بىزنى كەچلىك ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇراتتى.
    كىمدۇر بىرى، ۋاڭ گەنسىگە مېنىڭ ئاز - تولا خەنزۇچە بىلىدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇپتىكەن، ئۇ مېنى ئاشۇنداق كەچلىك يىغىلىشلارنىڭ تەرجىمانى قىلىۋالدى. مەن ئادەتتە ياتاقتىمۇ، ئىسترويدىمۇ گۇرۇپپا باشلىقىنىڭ بېقىنىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاچقا، سەپتە دائىم ئىستروينىڭ بېشىغا توغرا كېلەتتىم. مەن تەرجىمان بولغاچقا، ۋاڭنىڭ نۇتقىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاشقا مەجبۇر ئىدىم. باشقىلاردەك، ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى بىلەن كارىم بولماي، ئاسماندىكى ئاي ياكى كۆچكەن يۇلتۇزلارنى تاماشا قىلىپ، ھاڭۋېقىپ تۇرالمايتتىم.
    ئۇ مېنىڭ ياش چاغلىرىم بولغاچقا، زېھنىم ئوچۇق، تىلىم راۋان، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىم ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. ۋاڭ گنسى بىر سۆزلىسە ئون مىنۇتسىز توختىمايتتى. مەن شۇنچە سۆزنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماي، باش - ئايىغىنى ئورۇنلۇق باغلاپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ چىقاتتىم. غۇلجا دۆڭ مەھەللىدە تۇتۇلغان مۇھەممەتجان دەيدىغان پېشقەدەم بىر خۇيزۇ جىنايەتچى بار ئىدى. ئۇ رۇسچىغا ناھايىتى پىششىق ئىدى. تارىخ بىلىمىمۇ چوڭقۇر، ئۆزىنى تەمكىن تۇتىدىغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر زىيالى ئىدى. 1950- يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن تۇنجى قېتىم كېلىپ تەكلىماكاننى ئايروپىلان بىلەن تەكشۈرگەن تىتوۋ دېگەن پروفېسسورغىمۇ ئەنە شۇ كىشى تەرجىمانلىق قىلغانىكەن. مانا شۇنچە تالانتلىق بىر كىشىمۇ مېنىڭ ياش زېھنىمگە ھەيران قېلىپ:«مەن سىزگە ئوخشاش ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارى مۇنداق يۇقىرى ئادەمنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشۈم، قالتىس ئىكەنسىز، سۆز دېگەننى  توخو داننى تېرىۋالغاندەك، قويماي تەرجىمە قىلىدىكەنسىز!» دەپ ماختىغانىدى. ئۇ مېنىڭ كۆڭلۈم ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتمايتتى مەن ئۈزۈمدىن خېلى مەمنۇن ئىدىم. لېكىن بۇ زېھنىمنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە بىزگە ئىچكۈزۈۋېتىلگەن چاشقان مايىقى بولۇپ كەتكەن گۈرۈچ ئومىچى بىلەن كاردىن چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم.
    بايىقىدەك كەچلىك ۋەزخانلىق كۈندە دېگۈدەك بولۇپ تۇراتتى. مەن مۇنداق تەرجىمانلىقتىن قىينىلىپمۇ كەتمەيتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدە ئىلىم - پەنگە چېتىلىدىغان مۇرەككەپ ئاتالغۇلار زادىلا ئۇچرىمايتتى. تولىسى جىنايەتچىلەر تولا ئاڭلاپ سېسىق كېكىرىپ كەتكەن بىر نەچچە جۈملە سۆزنىلا مەزمۇن قىلاتتى. ئۇلار مەن بىلمەيدىغان سۆزلەر ئەمەس ئىدى. سۆز تۈگەپ، بىرنەچچە قىزىل ناخشىلار ئېيتىلىپ بولغاندىن كېيىن، تارقىلىپ، ئۆگىنىشكە كىرىپ كېتەتتۇق. نېمە ئۆگىنىش دەمسىز؟ يەنىلا ئاتام ئېيتقان بايىقى «ئۈزۈندە» ئوقۇش. كىشى بىزار بولىدىغان بۇ ئۆگىنىش بىزگە ئىنتايىن چوڭ مەنىۋى زۇلۇم ئىدى. ئۇزۇندىن بىزگە ئوخشاش بىرنەچچە ساۋاتلىقلارلا ئوقۇيتتۇق. ساۋاتسىزلار، قېرىلار، كۆزۈم ئاجىز دەپ ئۆزىنى قاچۇرىدىغان قۇۋلار ئۆز ئىشلىرىنى قىلغاچ ئولتۇراتتى. ئارىلىقتا ھاجەتكە چىقماقچى بولساق،ياتاق ئىشىكىدىن چىقىپلا خەنزۇچە دوكلات بەنجاڭ، ھاجەتكە بارىمەن! دەپ ۋارقىرايتتۇق. دەرۋازا ئۈستىدىكى پوتەيدىن «چۈ!» دېگەن ئاۋاز چىققاندىلا ئاندىن ماڭاتتۇق. ھاجەتتىن قايتقاندىمۇ يەنە شۇ تەرتىپتە قايتاتتۇق.
    ئەتىسى سەھەردە، بەزى دۈيجاڭلار يەر يورۇماستا كىرىۋېلىپ بىزنى تۇرغۇزۇپ يۈگرۈتەتتى. بەزىلىرى ئۇنداق قىلمايتتى. ئاندىن ئاشخانىدىن چىققان «كەيفەن» دېگەن ۋارقىراش بىلەن تەڭ يېرىم سائەتچە قورساقنى ئالداپ، ئەمگەككە چىقىپ كېتەتتۇق.
    *****************************************
    بىزنى باشقۇرىدىغان خادىملارنىڭ ھەممىسىنىلا «دۈيجاڭ»، ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنىلا «بەنجاڭ» دەپ ئاتايتتۇق. دۈيجاڭلارنىڭ ئارىسىدا دەسلەپتە سارسانبېك،قېيۇم دەپ ئىككىلا مىللىي كادىر بار ئىدى، سارسانبېك دۈيجاڭ زادىلا ئارتۇق سۆز قىلمايتتى. كەچتە يوقلىما قىلىپ بولۇپلا ئۆگىنىشكە تارقىتىۋېتەتتى. بىر شەنبە ئاخشىمى سارسانبېك دىژورنى ئىكەن. ئۇ بىزنى ئىستروي قىلىپ، يوقلىما قىلىپ بولدى - دە، «بۈگۈن ئۆگىنىش يوق، ئەتە دەم ئېلىش يوق!» دېدى. ئۇنىڭ ئىككى ئېغىز سۆز قىلغىنى شۇلا ئىدى. بىر كۈنى ئىشتىن قايتىپ كېلىپ، بىزگە تۆت ئېغىز گەپ قىلغۇسى كېلىپ قالدى بولغاي، بىزنى دەرۋازا ئالدىدا توختاتتى، ئەمما سۆزىنى باشلا - باشلىمايلا بىزنى «كۆپچىلىك!» دەيدىغاننىڭ ئورنىغا «يولداشلار!» دەپ تاشلىدى، بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. سارسانبېك دۈيجاڭ ئوڭايسىزلانغىنىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي بىزنى تۈرمە سېپىلىگە كىرگۈزۈۋەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ تېخىمۇ ئارتۇق سۆزلىمەيدىغان بولدى.
    قېيۇم دۈيجاڭ ئاساسەن ئەركىن ئىشلەيدىغان گۇرۇپپىلارنى باشقۇرۇپ كەلدى. كېيىن قادىر ئىسىملىك يەنە بىر كىشى دادۈيجاڭ بولۇپ كەلدى. ئۇ ئېتىز ئىشلىرىغا بەك پىششىق ئىدى. خەنزۇ تىلىنى  ناھايىتى تولۇق ۋە چىرايلىق سۆزلەيتتى. ئۇ ئۆچ كۆرۈپ قالغانلارغا بەك قاتتىق قوللۇق قىلاتتى.
    بىزنىڭ كۆڭلىمىز سارسانبېك، قېيۇم، شۇنداقلا بىز يېڭى كەلگەندە تونۇشتۇرۇلغان لى دۈيجاڭدىنلا سۇ ئىچەتتى. ئاڭلىشىمىزچە، ئۇ مۇشۇ دادۈينىڭ كونا دۈيجىڭى بولۇپ، مەمۇرىي ۋە تېرىقچىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن. ئۇ بىزگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلاتتى. زادىلا قاپىقىنى تۈرمەيتتى. ئېتىزلارغا بېرىپ قالسىمۇ، ئىشىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان جايلىرىنى كۈلۈپ تۇرۇپ تۈزىتەتتى. بەزىدە قولىمىزدىكى گۈرجەكنى ئېلىپ، ئۆزى ئىشلەپ كۆرسىتىپ قوياتتى، ئارىلاپ - ئارىلاپ تەكتىمىزنى، جىنايەتلىرىمىزنى سوراپ قوياتتىيۇ، لېكىن تولا ئىچكىرىلەپ كەتمەيتتى. بىزنى باشقىلاردەك مەڭگۈ قارا ئادەملەر دەپ قارىمايدىغانلىقى ئۇنىڭ بىزگە قىلغان مۇئامىلىسىدىن مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇراتتى. كۆپنى كۆرگەن، چېچەن ئادەملەرلا مۇشۇنداق بولاتتى.
    بىزنى نازارەت قىلىدىغان قوراللىق ئەسكەرلەر مۇنتىزم ساقچى قىسىملىرى ئەمەس، بىڭتۇەن ئەسكەرلىرى ئىدى. ئۇلاردا مۇقىم، مۇكەممەل فورما كىيىم يوق، ياش - قورامى، مىجەز - خاراكتىرىمۇ، خىزمەت پوزىتسىيىسىمۇ بىر - بىرىگە ئوخشىمايتتى. بەزىلىرىنىڭ خوتۇن - بالىلىرى بار ئىدى.
    **************************************
    بىزنىڭ 1970- يىلىدىكى ئەڭ قاتتىق ئەمگىكىمىز قوناق چېپىقىدىن باشلاندى، بىز قوناق ئېتىزىدا قاتار بولۇپ قۇرلار بويىچە چۈشەتتۇق. ياشلار، تۈرمىدە ئۇزاق ياتمىغانلار ئالدىدا چېپىپ چىقىپ كېتەتتى. ماڭا ئوخشاش كىشەنلەگلىكلەر، جىسمانىي جەھەتتە زەئىپلىشىپ كەتكەنلەر، ئاغرىق - سىلاق، قېرى - چۈرىلەر سۆرۈلۈپ كەينىدە قالاتتۇق - دە، تىل - ھاقارەت ئاڭلايتتۇق ، تاياق يەتتۇق.
    ئادەم دېگەن تەلتۆكۈس مەخلۇق ئەمەس. بىز شۇنچە تەغدىرداش بولۇپ تۇرساقمۇ، ئالدىنقىلار بىزنىڭ ھالىمىزغا باقماي، ئۆز ئارا بەس - بەسكە چۈشۈشۈپ، بىردەمدە سولنىڭ بېشىغا چىقىۋالاتتى. بەزى نادانلار مۇشۇ بىرنەچچە كۈنلىك ئەمگەك بىلەنلا كەچۈرۈم ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغاندەك تېپچەكلەيتتى. بۇ خىل ئېغىر ئەمگەكنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. مۇقىم ئەمگەك ۋاقتىمۇ، ئەمگەك نورمىمىزمۇ يوق ئىدى. كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغىچە ئىشلەيتتۇق. چۈشتىن بۇرۇنقى، چۈشتىن كېيىنكى ئەمگەك ئارىلىقىدىكى ئون بەش مىنۇتلۇق دەم ئېلىشلىرىمىز بايا مەن بايان قىلغان ھېلىقى مەجبۇرىي ئۆگىنىش ئىدى. بۇنى قانداقمۇ دەم ئېلىش دېگىلى بولسۇن؟ ئىنساننىڭ رايى ناھايىتى نازۇك بولىدۇ، ئۇ ئىنساننىڭ ئىچكى غۇرۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ بىر نەچچە قېتىم تەكرارلانغان سۆزنىلا ئەمەس، ناخشىلارنىمۇ خالىمايدۇ. ئادەملەرنى نادانلاشتۇرىدىغان تۇيۇق يولدىكى بايىقى ئۆگىنىشلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز ئازاب ئەمەسمۇ؟ بىز بۇ ئىسسىق كۈنلەردە چۈشلۈك تاماقنى قورۇغا بېرىپ يەتتۇق. لېكىن، ئۇلار بىزنى يەنىلا ياتاقلارغا كىرگۈزمەي، گۇرۇپپىلار بويىچە دۈگىلەك شەكىل بىلەن ھويلىدا ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى. بېرىدىغىنى بىر جىڭموما،بىر قاچا كوكتات سەي، بىر قاچىدىن قايناقسۇ ئىدى. تاماق ئىچىپ بولغۇچە ئاپتاپ ئازابىغا چىدىيالماي، سالقىنغا زار بولۇپ كېتەتتۇق. تاماقنى يەپ بولۇپلا يەنە ئىشقا ھەيدىلەتتۇق. مۇنداق ھېسابلىغاندا، ياز كۈنلىرى ئون بىر - ئون ئىككى سائەت ئىشلەيتتۇق. قېنىپقىنا ئۇخلىمايتتۇق، شال كۆچۈرۈش سېزونلىرىدا ئايلاپ - ئايلاپ دەم ئالغۇزماي، ئۈستۋېشىمىز ئەسكى - تۈسكىگە ئايلىنىپ كېتەتتى.
    قورساققا بېرىدىغىنى ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى، يەنى بىر ۋاقلىقىمىز بىردىن قوناق جىڭموما ئىدى. پەقەت ئىككى كۈنلۈك ئالتە ۋاقلىق غىزانىڭ بىرىدىلا بىردىن ئاق جىڭموما بېرەتتى. ئاشلىق نورمىمىز دەسلەپكى يىلى ئايدا ئوتتۇز جىڭ ئىدى، كېيىنكى يىللىرى سەل ئۆستۈرۈلگەندەك قىلغان بىلەن ئېچىرقاپ كۆك ئۈچەي بولۇپ كەتكەن ئادەملەر ئۈچۈن ھېچنەرسىگە دال بولمىدى. ئەتىگەندە بىر چىنە سۇيۇقتىن - سۇيۇق قوناق ئومىچى بىلەن كالىنىڭ كۆزىدەك بىردىن قوناق جىڭمومىسى، چۈشتە داغ سۇغا قاينىتىلغان تۇرۇپ يوپۇرمىقى ياكى كاپوسكا يوپۇرمىقى، كەچتە سۇيۇقئاش ياكى قورساقنىڭ يېرىمىگىمۇ بارمايدىغن بىر نەرسىلەرنى بېرەتتى. شۇڭا بىز كۈنبويى ئاچ  يۈرۈپ، بارغانسېرى ئاجىزلىشىپ بارماقتا ئىدۇق. ياخشى ئادەملەر ئىشلىتىۋاتقان ئېشىكىنىمۇ ئاچ قويمايدىغۇ؟ بىز قۇلدەك ئىشلەۋاتقان ئادەملەرغۇ؟!
    بىر قېتىم، ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان شىلازىكام كاپۇسكا يوپۇرمىقىغا ئارىلاشتۇرۇپ، ئۇلار كۆرە - كۆرمەستە بىر ، ئىككى باش كاپۇسكا ئالغاچ كىرىۋېدى، جىڭ فامىلىلىك بىر دۈيجاڭ بىلىپ قېلىپ ئىككى كاچات سېلىۋەتتى. ئويلاپ بېقىڭ: تۇرۇپ كۆكى بىلەن كاپۇسكا يوپۇرمىقىنى كىم يەيدۇ؟ بولۇپمۇ تۇرۇپ كۆكىدە كۆك پىتلارنىڭ قاچىمىزغا لەيلەپ چىققانلىقىنى كۆرگەندە، بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي قالاتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆرگەندە، بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلمەي قالاتتۇق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ كۆكتاتلارنى قايناتقاندا يوغان گۈرجەك بىلەن ئۆرۈيتتى.
    ئۇ چاغدىكى تۈرمە سىياسەتلىرى بىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرمەيتتى. بەزىدە پۇرچاق، كاۋا، جۈسەي قاينىتىپ بېرىدىغان چاغلارمۇ بولۇپ قالاتتى. لېكىن، بۇ «مۆجىزە» باشقىلار بۇ نەرسىلەرگە ئاللىقاچان تويۇنۇپ، ئىستېمالدىن قالغان ۋاقىتلارغا توغرا كېلەتتى. ئېيتىڭا، سېنتەبىردە كىم جۈسەي يەيدۇ؟ مانا بىز يەيتتۇق. بۇمۇ ناھايىتى كەم دىدار ئىدى.
    قورساق جىددىيلىكى دائىم بوھران بولغاچقا، قېچىشنى ئويلايدىغانلارمۇ چىقاتتى؛ تالادىن ئۇنى - بۇنى ئوغرىلاپ كىرىدىغانلار، سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ، يېگۈدەك بىر نەرسە ئىزدەيدىغانلارمۇ چىقاتتى. جىڭموما ھايانكەشلىكىمۇ مەيدانغا كەلدى. بىر كۈنى ئابدۇكېرىم ئابدۇراخمان دەيدىغان كىشى ماڭا ئاستا پىچىرلاپ:«مۇھەممەتجان، پۇل - پۈچەك بارمۇ؟ ھازىر ئاق جىڭمومىنىڭ باھاسى بىر سوم،قوناق جىڭمومىسى ئەللىك تىيىن بولۇۋاتىدۇ» دېدى. مەندە پۇل يوق ئىدى. پۇل بولسىمۇ، ئۇ يولغا ماڭمايتتىم. چۈكى، بۇ ئاشخانىدىكى ئاشپەز جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن كۆپچىلىكنىڭ نېسىۋىسىگە سوغۇق قول سېلىنغان ئىش ئىدى، مەن مۇنداق ھارام ناننى يېمەيمەن.
    ئادەملەر مۇنداق كۈنلەرگە دۇچ كەلگەندە، ھەرقايسىسى ئۆز پەزىلەتلىرىگە خاس ئىش كۆرىدۇ. ئۇلار بۇنى ئۆزلىرىنى قوغداش دەپمۇ ئاتايدۇ. مەن ۋە ماڭا ئوخشاشلار تۈرمە قازىنىدىن چىقىۋاتقانلارنىلا ئۆز نېسىۋىمىز دەپ بىلەتتۇق. ئەسلىنى ئېيتقاندا، بىز ئېتىز - دالالاردا ئىشلەۋاتقاچقا، ئۇ يەردىن ئەپلەپ - سەپلەپ قورساق باققىلىمۇ بولاتتى. لېكىن، نازارەتنىڭ قاتتىقلىقى، «بەرمەسلىك خاھىشى» نىڭ كۈچلۈكلۈكى بۇنىڭغا ئىمكانىيەت بەرمەيتتى. مەسىلەن، بۇغداي چۈرۈش بولۇپ، پۇچۇلاپ يېگىلى بولاي دېگەندە ئۇلار ئارقىمىزغا «خۇڭشياۋبىڭ» دېگەنلەرنى سېلىپ قوياتتى. بىر كۈنى بىز بىر ئاشلىق ساڭغا ئەمگەككە چىققاندا، بەزىلەر ساڭغا كىرىپ خام بۇغداينى كاپ ئېتىپ يەپ كەتتى. لېكىن،قۇربان ساۋۇت ئىسىملىك بىر چوڭ كىشى كاپ ئېتىپ يېيەلمەي، يانچۇقىغا كەچتە قاينىتىپ يېگىلى بولار دەپ ئىككى سىقىم بۇغداي سېلىۋالغانىكەن. بۇنى بىلىپ قالغان دۈيجاڭ چۈشتە بىچارىنىڭ تامىقىنى بەرمەي، ئاشۇ بۇغداينى قاينىتىپ يېگۈزدى. بىز كۆمىقوناقنىڭ سۈت پىششىقى دەۋرىگە كىرگەندە يېگىلى بولىدىغانلىقىنىمۇ شۇ يەردە بىلدۇق.
    ئۇلار بۇغداي ئېڭىزلىرىگە، باشقىلارنىڭ باش تېرىپ كېتىشىدىن قىزغىنىپ، ئوت قويۇۋېتەتتى. بۇنداق چاغدا تولۇق كۆيۈپ بولمىغان باشاقلار بىر تاتلىق قوماچ بولۇپ قالاتتى. بىزگە يېگۈزمەي مۇشۇنىمۇ چەكلەيتتى. دەسلەپكى بۇنى يېگەنلەر قاپقارا كۈيە بولۇپ كەتكەن ئاغزىنى سۈرتۈۋېتىشكە ئۈلگۈرمەي دۈيجاڭغا ئاسانلا تۇتۇلۇپ قالدى؛ قوناق ئورمىسىدا بەزى جىنايەتچىلەر ئىت ئۈزۈمى يەپ قويۇۋىدى، زەھەر بار، دەپ ئۇنىمۇ چەكلىدى.
    كۈن بويى قاتتىق ئەمگەك، ئاچ - زېرىنلىق، قاتتىق مۇئامىلە بىز ئۈچۈن ھەر كۈننى بىر دەھشەتلىك ئۆتكەل قىلىپ شەكىللەندۈرگەنىدى. شۇڭا، ئون يىل كېسىلگەن ئابباس تاش دېگەن مەھبۇس:«مەن ئۈچۈن ئون يىل قورقۇنچلۇق ئەمەس، ھەر كۈن قورقۇنچلۇق!» دەپ ناھايىتى توغرا ئېيتقانىدى. كۈنلەرنىڭ مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتۈۋېرىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان بولسىڭىز، بۇ دۇنيادا ياشىغۇڭىز كەلمەيتتى. ماڭا بۇ كۈنلەر تېخىمۇ مۈشكۈل ئىدى. پۇتۇمدا كېچە - كۈندۈز شاراقشىپ تۇرىدىغان كىشەن مەن ئۈچۈن باشقىلارغا قارىغاندا يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق ئېغىرچىلىق ئىدى. كېچىسى يېشىنىپ ياتقىلى بولمايتتى، كۈندۈزى سەپنىڭ كەينىدە قالاتتىم. بەزىدە ئورىغان لاتىلىرىم چۇۋۇلۇپ كېتەتتى - دە، ماڭالماي قالاتتىم. لېكىن كەلگۈسىدىن تولۇق ئۈمىدلىك بولغىنىم ئۈچۈن چىدام  ۋە سۈكۈت بىلەن ياشايتتىم. شۇنداقتىمۇ ئەمگەك بىلەن ئۆز گەرتىش ئەترىتىدىكى ھاياتنىڭ مۇنچىۋالا ئېغىر ۋە ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. قارا كامىردىكى ۋاقتىمدا ھەرقانچە بولسىمۇ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتى قارا كامىردىن ياخشى، دەيتتىم. ئەمما، بۇ كۆز قارىشىمغا دەرھال قارشى چىقىدىغانلارمۇ بار ئىدى. مانا مۇشۇ تاپتا 14 - كامىردا مەن بىلەن ياتقان ليۇ فامىلىلىك بىر خەنزۇ جىنايەتچىنى يادىمغا ئېلىپ قالدىم.
    مەن 1968 - يىلى 23- ئاۋغۇست تۇتۇلۇپ، مەزكۇر كامىرغا كىرسەم، مۇھەممىدىن توختى ئىسىملىك ئاتمىش ياشقا بېرىپ قالغان بىر كىشى بىلەن بايىقى جىنايەتچى بار ئىكەن. ئۇ، ساق ياكى ساراڭلىقىغا ئاسانلىقچە جەزم قىلغىلى بولمايدىغان بىر ياش ئىدى. ئۆزىچە پىچىرلاپ قويغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، كۈن بويى گەپ قىلمايتتى، يازنىڭ ئىسسىقىدا بىر ئەسكى يوتقاننىڭ ئىچىدە قىپيالىڭاچ ياتاتتى. يۈزىنى بەزىدە يۇياتتى، خۇشياقمىسا يۇمايتتى. ئەمما قولىنى كۈن بويى يۇمايتتى. بۇلۇڭدىكى تاھارەت تۇڭىغا قىپيالىڭاچ پېتى قوپۇپ تاھارەت قىلاتتى، بىز كۈلۈشۈپ كېتەتتۇق. مەن ئۆزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ قالدىم، ئۇمۇ مېنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ مۇھەممىدىن ئاكىنى ئۆزىچىلا ياقتۇرماي قاپتۇ. سەۋەبىنى سورىسام، «ئۇ ئادەم جىق يېزىپ، جىق تاپشۇردى!» دېدى. دېمەك، ھۆكۈمەت ئالدىدا ئۇ باشقا بىر دۇنيا ئىدى.
    ئۇنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ ئەسلى سەندۇڭلۇق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ قارغىلىق ناھىيىسىدە ئايالى بىلەن بىر بالىسىمۇ بار ئىكەن. ئۇ نېمە ئۈچۈندۇر، ئىلى ئارقىلىق چېگرا بۇزۇپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتۈپ كېتىپتۇ. جۈملىدىن، ئۇدۇل بېرىپ چېگرىدىكى مۇنتىزم ھەربىيلەر شتاتىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ قوبۇل قىلىشىنى ئىلتىماس قىپتۇ. لېكىن، ئۇلار ليۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىپتىكەن، ئۇلار بۇياققا ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ.
    ئۇ كۈن بويى لى خەييى دېگەننى تىللاپ ياتاتتى. « ئۇ كىم؟» دېسەم، «ئورۇسلار دىۋىزىيىسىنىڭ تەرجىمانى ئىكەن، دىۋىزىيە كوماندىرى مېنى ئېلىپ قالماقچى بولۇۋىدى، ئاشۇ تەرجىمان يالتايتىۋەتتى» دېدى. ئۇ بەزىدە تاھارەتكە ھاجەتخانىغا چىقسىلا ئۆگزىدىكى قاراۋۇللارنى تىللاپ:« گۆشۈڭنى يەيمەن، ئەبلەخلەر!» دەيتتى. بۇنداق چاغدا قاراۋۇللار كەينىمىزدىن كامىرغا قوغلاپ كىرىپ ئۇنى تازا قوياتتى. ئەمما، بۇ تاياقلار زادىلا ئۇنىڭ ئېسىدە تۇرمايتتى.
    ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ گېپى چىقسىلا، ئۇنىڭ ئەرۋاھى ئۇچاتتى:
    ـ نېمە بار قاننى قىيناپ ھۆكۈمەتكە بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان يەردە؟ ــ دەيتتى ئۇ، ــ ئون يىل ياتساڭمۇ مۇشۇ كامىر ياخشى ئەمەسمۇ؟
    ــ جان قىينالسىمۇ جىنايەتچى بولغاندىكىن ئىشلەيدىغان گەپتە! ــ دەيتتىم مەن.
    ــ سەندە جىنايەت بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە يوقمىكەن؟ سېنىڭمۇ كاللاڭ ئىشلىمەيدىكەن، ــ دەيتتى ئۇ تېخىمۇ تېرىكىپ. مەن ئارتۇقچە چىشىغا تەگمەيتتىم. ئۇلارنىڭ ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلىدىغان ئاشۇ زەھەردەك گەپلىرىگە ھەيران قالاتتىم.
    بىر كۈنى ئۇنىك ىيىندۈرۈپ ئاچىقىپ كەتتى. كېيىن ئاڭلىساق، ئۇنى شۇ قېتىمقى سوتتا ئېتىۋەتتى، دەيدۇ. ئىشەنمەي دېسەم، ئۇنىڭ ھاجەتخانىغا يېپىپ قويغان بىر ئەسكى مايكىسى نەچچە ئايلارغىچە تۇردى. ھازىر ئويلىسام، ئۇ ئىلگىرىمۇ تۈرمىدە ياتقاندەك، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئىشلەپ كۆرگەندەك قىلاتتى. جۇڭگودىكى كەمبەغەلچىلىكنى قاتتىق سۆكەتتى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنى دەھشەت دېگىنىمىز بىلەن قارا كامىرنى ئويلىساق، بويىمىز تېخىمۇ شۈركۈنۈپ، تېنىمىز تىكەنلىشىپ كېتىدۇ.
    مەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە كىرگەن دەسلەپكى ئايلاردا كارىدور ئىچى خېلى جىم ئىكەن. مامۇتخان دېگەن ئېگىز بويلۇق بىر ئۇيغۇر بىلەن دوغىلاق، پاكارراق كەلگەن مىڭ فامىلىلىك بىر شىۋە ئاچقۇچ تۈتىدىكەن. مامۇتخان ئېغىر - بېسىق، كەم سۆز، ئىلتىماس قىلساق، ھەل قىلىپ بەرمىسىمۇ «ماقۇل» دەپ قويىدىغان ئادەم ئىدى. مىڭ فامىلىلىك دېگەن سوقاڭ بولسا، ئاغزى يامان، قاپال بىر نەرسە ئىدى. ئۇلار ئۆچىرەت بىلەن دىجورنىلىك قىلىپ، ھەر كۈنى كەچتە تاھارەتكە ئاچىقاتتى. بىزگە تاھارەت تۇڭىنى ھاجەتخانىغا تۆكۈۋېتىپ، چوڭ تاھارەت قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار ئىدى. ئايدا بىر قېتىم كامىر بويىچە ئاپتاپقا ئاچىقاتتى. گەرچە ئاپتاپسىنىدىغان جايىمىز يەنە شۇ سېسىق ھاجەتخانىنىڭ يېنى بولسىمۇ، ھەر ھالدا چاچ - ساقاللىرىمىزنىمۇ ئېلىۋالاتتۇق. نېمىلا بولسۇن بىر خىل تەرتىپنىڭ بارلىقى ھېس قىلىناتتى.
    ئەمما، تۈرمىنى قايسى كۈنى ھەربىي باشقۇرۇشقا ئۆكۈزۈۋالدى، شۇ كۈندىن باشلاپ تۈرمىنىڭ نورمال تەرتىپلىرى ئوڭتەي - توڭتەي بولۇپ كەتتى. مامۇتخان بىلەن مىڭ سوجاڭلارنىڭ ئورنىغا قامچىسىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان ئىككى ھەربىي قويۇلدى؛ ھەر كۈنى بىر، ئىككى كامىردا مەھبۇسلار تاياق يەپ «ۋاي - ۋاي»لىغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان بولدى. تۈرمە ئىچى ۋەھىمىگە تولدى. ئۇلار خۇددى بۇ تۈرمىگە سولاپ قويۇلغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئاۋۋال تاياق بىلەن قورقۇتۇۋېلىشنى ئويلىغان ئادەملەردەك ئىش تۇتتى. ئاچقۇچنى ئىككى سوجاڭ تۇتقان بىلەن كارىدوردا بىر بەن ئەسكەر ئۈزۈلمەي دۈپۈرلىشىپ يۈرەتتى. بەزى چاغدا كامىرلارنى ئۇدۇل كەلگىنى ئاچىۋېرەتتى. سوراقخانىلاردىكى تەرگەۋلارمۇ ھەربىيلەرگە ئۆتۈپ كەتتى. ئىلگىرى كىچىك تاھارەت ئۈچۈن كامىرنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇلغان تۇڭغا ئەمدى چوڭ تاھارەتنىمۇ قىلىدىغان بولدۇق. بۇ ئىش، بولۇپمۇ بىز مىللىيلارغا بەك ئېغىر كەلدى، لېكىن ئامال يوق ئىدى.
    كەچتە بىر توپ ئەسكەر كىرىپ، بىزنى«ھاجەتكە» ئاچىقىدىغان بولدى. بۇ ھاجەتكە ئاچىقىش ئۈچۈن ئەمەس، دۇمبالاش ئۈچۈن كىرگەنلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدا تاياقلار بار ئىدى. بىز ھاجەتخانىغا بارغىچىمۇ ئۇراتتى، يانغىچىمۇ ئۇراتتى. بىز پەقەت تۇڭنى تۆكۈشكىلا چىقاتتۇق، بىر مىنۇتمۇ توختاتمايتتى، كارىدوردا ئەسكەرلەر ۋارقىراپ تۇرسا، ئۆگزىدە قاراۋۇللار چالما ئېتىپ ئۇرۇپ تۇراتتى.
    ماڭا بىرنەچچە سوراقتىن كېيىنلا يوغان كىشەن سېلىپ قويغاچقا، كارىدوردا باشقىلارغا يېتىشىپ ماڭالماي، كۆپرەك تاياق يەيتتىم. مۇنداق چاغلاردا يېنىمدىكىلەر ئىشىك ئېچىلغۇچە مېنى ئارىغا ئېلىپ، ئاستاراق مېڭىش ھەققىدە ئۆز ئارا مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ ئالاتتى. بىراق ئىشىك ئېچىلغاندىن كېيىنلا بۇ پىلان بۇزۇلۇپ كېتەتتى. چۈنكى ئاستا ماڭسا ئۇلار يەيدىغان تاياقمۇ كۆپىيىپ كېتەتتى، شۇنداقتىمۇ مەن ئۇلاردىن بەك مىننەتدار ئىدىم.
    تاماقمۇ ئۆلمەسلىكنىڭلا كاپالىتى ئىدى. ئەتىگەندە، چۈشتە بىر چىنە قايناقسۇ بىلەن بىردىن قوناق جىڭمومىسى بېرەتتى. كەتچە «تاماق» ھېسابىدا كۆپىنچە سۇيۇقئاش بېرەتتى. قورسىقىغا چىدىمايدىغانلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇلار ھەر قانچە چىڭ تۇتقان بىلەنمۇ ، ئاسمىنى كەڭ يەردە بىر ئامال قىلىپ قورساق تويغۇزىمىز، دەپ ئويلايتتى.
    قارا كامىردا ھەممىدىن يامىنى كامىر ئاختۇرۇش ئىدى. بۇمۇ تۈرمىنى ھەربىيلەر ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئەدەپ كەتتى. ئاختۇرسىمۇ مەيلى، بىھۇدە باھانە تېپىپ تاياققا باسىدىغىنى دەھشەت ئىدى. مەن كىشەنلەگلىك بولغاچقا، تاياقنى جىقراق يەيتتىم. ئۇلار كۆپىنچە «ماۋجۇشى ئەسەرلىرى»نى ئۆگەنمەي، بىكار ئولتۇرۇشۇپسەن؟ دەپ ئۇراتتى. قىزىق ئىش: بىزنىڭ كامىردا چى ۋېڭ ئىسىملىك بىر جىنايەتچى بار ئىدى. ئۇنى 1968 - يىلى ئۆتەبىردە قارشى تەرەپ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ يوقىلاڭ بىر سۆزىگە ئېسىلىۋېلىپلا تۇتۇپ، سازايى قىلىپ ساقچىغا ئەكېلىپ تاپشۇرۇپ بەرگەنىدى. ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندە بوينىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى. قارىساق، بوينىغا ئېسىلغان تاختاينىڭ سىمى بوينىنى قىيىۋەتكەنىكەن. مەن ئىچ ئاغرىتىپ:
    ــ ياۋۇزلار، شۇنچىۋالا قىلىۋەتكەنمۇ بارمۇ؟ ــ دېۋىدىم، ئۇ ماڭا دەرھال جاۋاب قايتۇرۇپ:
    ــ ئاممىدا گۇناھ يوق، ئۇلارنىڭ چوڭ يۆنىلىشى توغرا، مېنى مۇنداق قىلغانلار ئايرىم كىشىلەر، ــ دېدى. بىز جىم بولۇپ قالدۇق.
    كېيىن چۈشەندۇق، ئۇ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى نىڭ  شوئارىلىرى بىلەن زەھەرلەنگەن بىر ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرى ئىكەن. بىز كۈنلەر ئۆتكەنچە ئۇنىڭ قىلىقلىرىغا كۈلۈشىدىغان بولدۇق: ئۇ ئائىلىسىدىن مەڭ ئاۋۋال «ماۋجۇشى ئەسەرلىرى» نى ئالدۇردى. ئاندىن ماۋجۇشىنىنىڭ بىر پارچە رەسىمىنى بېشى تەرەپتىكى تامغا چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، ئاۋۋال«شەرق قىزاردى» دېگەن ناخشىنى ئېيتىدىغان، رەسىمدىن يوليورۇق سوراپ، بىر تالاي بىر نەرسە دەيدىغان بولدى؛ كەچتە «داخەي خاڭ شىڭ كاۋ دوشۇ» دېگەن ناخشىنى ئېيتىپ كۈننى تاماملايتتى. ئۇ بۇ يەرگە جەمئىيەتتە خەلققە تېڭىلغان شەخسكە چوقۇنۇشنىڭ مۇشۇ خۇراپىي شەكلىنى كۆتۈرۈپ كىرگەنىدى. مۇنداق ئادەمنىڭ بىز بىلەن بىر ئېقىمدا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئۆزىمىزنى ئۇنىڭدىن ناھايىتى سەگەك تۇتىدىغان بولدۇق، ھېلىمۇ ياخشى ئۇ بىر ئېغىزمۇ ئۇيغۇرچە گەپ بىلمەيتتى.
    بىر كۈنى يەنە ئۆي ئاختۇرۇش بولۇپ، بىر ئەسكەر ئۇنىڭدىن قۇسۇر تاپتى. ئەسلىدە ئۇ ھەر كۈنى ئۆگىنىش تەسىراتى يازاتتى. ئۇ مانا مۇشۇنداق تەسىراتلارنى ئۇ كىتابتىكى داھىي سۈرىتىنىڭ چۆرىسىدىكى ئاق يەرلەر توشقۇچە يېزىپتىكەن. ھېلىقى ئەسكەر مانا مۇشۇنى تۇتۇۋېلىپ، كاچاتلىرىدىن ئوت چىقىرىۋەتتى، ئىككىنچى قېتىنم يەنە مۇشۇنداق تۇيۇقسىز ئاختۇرۇشلار بولۇش ئالدىدىن ئۇنى « ئاۋۇ تامدىكى رەسىمنىمۇ ئېلىۋەت، بېشىڭغا يەنە بالا تېپىۋالما» دەپ ئاگاھلاندۇردۇق. ئۇ ئەسلا ئۈنىمىدى، ئاقىۋەت بىز ئېيتقاندەك بولۇپ چىقتى. بۇ قېتىمقى ئاختۇرۇشتا يەنە بىر ھەربىي:
    ــ سەن ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى تۈرمىگە چاپلىغۇدەك بولدۇڭمۇ؟ ـ دېدى - دە، يەنە ئۇرۇپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھېلىقىدەك قىلمايدىغان بولدى. بىزمۇ ئۇنىڭ ئاشۇ تېتىقسىز ئىشىدىن قۇتۇلۇپ خېلى ئارام ئېلىپ قالدۇق.
    تۈرمىدە مۇنداق ئىشلار كۆپ ئىدى. كۈتۈلمىگەن قىسمەتلەر بېشىمىزدا ھەر دائىم چۆرگىلەپ تۇراتتى. 1969 ــ يىلى 14 ــ ماي، تۈرمىنىڭ بۇ كۈنى تولىمۇ ئەنسىزلىك بىلەن باشلاندى، كارىدوردا ئادەم ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئىشىكلەر ئۈزۈلكسىز ئېچىلىپ ــ يېپىلىپ تۇراتتى، ئوپۇر - توپۇر كۈچىيىپ كەتتى. بىر چاغدا بىزنىڭ ئىشىك ئېچىلىپ:
    ــ ھەممىڭ كۈدە - كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ تالاغا چىق! ـ دەپ ۋارقىرىدى. بىز دېگىنىدەك قىلدۇق. ئۇلار بىزنى ھەيدەپ ئارقىغا ئاچىقىپ، بېشىمىز يەرگە تەگكۈچە  ئېڭىشتۇرۇپ قويدى. مەن قالغان - قاتقان نەرسىلەرنى ئاچىقىۋېلىش ئۈچۈن سوجاڭدىن سوراپ ئابلىمىت كامىلنى يەنە كامىرغا كىرگۈزدۈم. ئۇ قالغان نەرسىلەرنى ئاچىقىپ بولۇپ يەنە يېنىمىزدا ئېڭىشتى - دە، ماڭا:
    ــ بۈگۈن چوڭ تۇتقۇن كۈنكەن ئەمەسمۇ، ئىمىنجان ئىكرام ئاكىنىمۇ تۇتۇپ كەپتۇ، بىز ياتقان 14 - كامىرغا قامىدى، - دېدى. ئابلىمىت كامىل غۇلجا شەھەرلىك 2 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئوقۇش توختىغان ھەم قالايمىقان، ھەم ئەنسىز جەمئىيەتتىن بىزار بولۇپ، قاسىم سىدىق بىلەن ئىككىيلەن 1968 - يىلى 1 - ئۆكتەبىردە چەت ئەلگە قېچىپ، چېگرىدا تۇتۇلۇپ قالغان. ئۇلار مىنبىڭلار تەرىپىدىن چاپچالنىڭ ئۈچ سۇمۇل يېزىسىدا ناھايىتى قاتتىق تاياق يەپ، يۈز - كۆزى جاراھەتتىن تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن. ئۇلارنى ئۈچ سۇمۇلدىن ناھايىتى بازىرىغا قەدەرمۇ باغلاپ ئاتنىڭ ئالدىغا سالغانچە ئۇرۇپ - ساۋاپ ھەيدەپ كەلگەن. ئابلىمىت بىزنىڭ كامىرغا كىرگەندە جاھارەتلىرى ئەمدىلەتىن قەقەش باغلاپ تېشىشقا باشلىغانىدى. ئۇ، ئىمىنجان ئىكرام شەھەردە بىر چوڭ تۇرخۇننى بۇزغاندا قولىدا ئىشلەپ تونۇشۇپ قالغانىكەن. مەن ئابلىمىت بىلەن ئارتۇق پىچىرلاشمىدىم. مىدىر قىلساق ئۈستىمىزدە تاش، داڭگال ئېتىپ ئۇرۇپ تۇردىغان ئەسكەرلەر بار ئىدى. بىز شۇ كۈنى ئىگىلىپ، قوۋۇرغىلىرىمىز كاردىن چىقاي، قورسىقىمىز ئېچىپ ھالىمىزدىن كېتەي دېگەندە ئاران بۇ زۇلۇم ئاخىرلاشتى. بىر كامىردىن چىققان ھەرقايسىمىز ھەر قايسى كامىرلارغا تارقىتىلدۇق. تۈرمىدە كامىرلارغا كەچتە چىراغ يېقىپ بەرمەيتتى. شۇڭا، بىز كىرگەن كامىر گۆردەك قاراڭغۇ ئىدى، بىز بىر چەتكە قىستىلىپ ياتتۇق. كامىردىكىلەر بىلەن گەرچە ئانچە - مۇنچە ئەھۋال كۆرۈشۈپ، يېڭىۋاشتىن تۇنۇشتۇق.
    20 - كامىر بىز ئەڭ قورقىدىغان كامىر ئىدى. بۇ كامىردا كۈندىلا جېدەل بولاتتى، ئۆز ئارا مۇ ئۇرۇشاتتى، ئەسكەرلەردىنمۇ تاياق يەتتى. بىزنىڭ بۇ كامىرغا كىرىپ قېلىشىمىز خۇدا بىزنى يەنە بىر قېتىم جازالىغاندەك ئىش ئىدى. كامىردا ئەركىن خوجايوف، ئابلىمىت رەھمەت، بوقاي، نۇرۇمقان، چىڭ پىڭ دېگەن مەھبۇسلار بار ئىكەن، ئەمدى يەتتەيلەن بولغانىدۇق.
    جەمئىيەت جىددىي بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تۇتقۇن قىلىنىۋاتاتتى. بىز كىرىپ ئۈچىنچى كۈنى ئىبراھىم دېگەن يەنە بىرەيلەن تۇتۇپ كىرىلدى. بۇ كامىر باشقا كامىرلارغا قارىغاندا سەل ئازادىرەك ئىدى. شۇڭا كۆپ ئۆتمەيلا يەنە ئابلىكىم ھۆسۈيۈن، غوپۇر ئاسىم، جاڭ جىشىڭ دەيدىغان جىنايەتچىلەرمۇ قامالدى. بىزنىڭ كامىر تېخىىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. كېيىنمۇ يەنە چىققانلار چىقىپ، كىرگەنلەر كىرىپ تۇردى.
    بۇ كامىردا ھەممىدىن كۆرە نۇرۇمقان دېگەن قازان جىنايەتچىنىڭ غوۋغىسى كۆپ ئىكەن. بىز كىرسەك ئۇنىڭ پۇتىدا ئىنچىكە بىر كىشەن بىلەن ئىلگىرى سېلىنغان بىر كىشەننىڭ زەنجىرسىز ئىككى چوڭ تۆڭگىسىلا بار ئىكەن. ئۇ تارىخىي ئوغرى بولغاچقا، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە توختىماي، 1964 - يىلىدىن بېرى مۇشۇ جايغا بەند قىلىۋېتىلگەنىكەن. ئۇ چاپچاللىق بولغاچقا، شېۋە تىلىنى پىششىق بىلەتتى. چىڭ پىڭمۇ تەكتى مانجۇ بولۇپ، چاپچال ناھىيە بەش غۇمۇل كەنتىدىكى بىر شېۋە قىزغا ئۆيلەنگەنىكەن. نۇرۇمقان ئىككىسى بەزىدە شېۋەچە سۆزلىشەتتى.
    نۇرۇمقان بۇ تۈرمىنىڭ تۇرمۇشىغ ا كۆنۈپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭدا ھېچقانداق غايە، ئىستەك دېگەنلەر مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئۆزى ساۋاتسىز، يېشىمۇ يەتمىشكە يېقىنلاپ قالغان بولۇپ، ئۇرۇش - جېدەلدىن زادىلا قورقمايتتى. چىڭ پىڭنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، ئۇ كىمنىڭ سومكىسىدا يېگۈدەك بىرەر نەرسىنىڭ بارلىقىنى سېزىپ قالسا، شۇنى قولغا چۈشۈرۈشنىڭ قەستىدە يوقىلاڭ باھانە - سەۋەبلەرنى تېپىپ غوۋغا قىلىدىكەن. سوجاڭغا چاقىدىكەن، بۇنىڭدىن قورققانلار بارىنى بېرىپ ئارام تاپىدىكەن. بولۇپمۇ، ئۇ تۈرمىگە يېڭى جىنايەتچىلەر كىرگەندە كۆپرەك ئەدەپ كېتىدىكەن. چىڭ پىڭ ماڭا قىزىق قىلىپ: « بۇنىڭغا بوزەك بولۇۋېرىپ جان توشۇمىدى، ئاخىر مەن تىغمۇ تىغ كۈرەش قىلىدىغان بولدۇم، ئۇ بىزنى سوجاڭغا چاقسا، مەنمۇ چاقتىم. ئۇ بىزنى ئۇرغۇزسا، مەنمۇ بۇنى سالدىم. شۇنىڭ بىلەن خېلى ياۋاشلاپ قالدى!» دېدى. بۇ گەپلەرنى ئۇ ماڭا نۇرۇمقاننىڭ يۈزىچە دېدى. نۇرۇمقان بىزنى بوزەك قىلالمىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ 17 - كامىردىكى شەرتمان ئوسماننىڭ يېنىغا ئاچىقىپ قويۇشنىڭ قېدىلىنى قىلىپ باقتى. سوجاڭلار بۇنىڭغا تىل - ھاقارەت بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. ئۇ : شەرتماننىڭ ئۆيىدىن ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك گۆش، ماي كېلىپ تۇرىدىكەن، دېگەن گەپنى ئاڭلاپ قالغاندى.
    نۇرۇمقان ئادەم قورققۇدەك دەرىجىدە ئورۇق ئىدى. ئىچى شۈرۈپ تۇراتتى. قۇيرۇقلىرى ئاپتاپتا قالغان قوغۇن شاپىقىدەك پۈرلىشىپ كەتكەنىدى. ئىشىك ئېچىلىپ بىز تاھارەتكە ماڭغاندا، ئۇ بەزىدە كارىدوردا ئۆزىنى تاشلاپ، خىلمۇخىل جېدەللەرنى قىلاتتى. كېيىنكى چاغلاردا ئۇنىڭ ئورۇقلۇقىدىن ھەر تاياقچىلارمۇ نەرىگە ئۇرۇشنى بىلمەي قالدى.
    بىز كىرگەندىن كېيىن نۇرۇمقاننىڭ پۇتىدا ئىششىق پەيدا بولدى. بىر مەزگىل ئۆتۈپ، باش، يۈز - كۆزى ئىششىشقا باشلىدى. بىز ئۇنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقان ئەھۋالىنى تەكرار ئىنكاس قىلىۋىدۇق، ئاۋۋال پۇتىدىكى كىشەننى ئېلىۋەتتى. كېيىن ئۇشتۇمتۇتلا تالاغا يېقىن بىر كامىرغا يۆتكىۋەتتى. شۇ كامىردىن بىزگە يۆتكىلىپ كىرگەن غوپۇر ئاسىم دېگەن بىر جىنايەتچىنىڭ ئېيتىشىچە نۇرۇمقان شۇ كامىردا ئۆلۈپتۇ. ئەسلىدە ئۇ بەزىدە شۇ كامىرنىڭ ئىشىك يوچۇقىدىن ئارىلاپ - ئارىلاپ مېنىڭ ئىسمىمنى ۋارقىراپ تۇراتتى، كېيىنرەك جىمىپ كەتكەنلىرى بىكار ئەمەس ئىكەن.
    بىزنىڭ بۇ كامىردىكى بوقاي دېگەن بىر قازاق جىنايەتچى بەكمۇ مۇرەككەپ ئادەم ئىدى. كۈن بويى گەپ قىلمايتتى. ئۇچىسىدا پۈتۈنلەي تۈرمىنىڭ قارا كىيىمى بولۇپ، ئۇنىڭدا بىز ئۇقمايدىغان چىگىش تارىخ باردەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ماڭلىيىدىكى يەتتە - سەككىز سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تارتۇق بۇنىڭدىن بەلگە بېرىپ تۇراتتى. ئۇ نۇرۇمقان بىلەن زادىلا چىقىشمايتتى. ئەمما، ئۇ سۇپىنىڭ گىرۋىكىدە تاھارەت تۇڭىغا يېقىن يەردە ياتاتتى. ئۇنىڭ كۈنلىرى تامامەن ئازاب - ئوقۇبەت ئىدى.
    بىر كۈنى بىزنىڭ كامىرغا ھەربىيچە كىيىنگەن ياش بىر ىەنزۇ بالىنى قاماپ قويۇشتى، ئۇ بوينىغا قىزىل سومكا ئېسىۋالغان بولۇپ، ئىچىدە ماۋجۇشى ئەسەرلىرى، بىر قۇتا قىزىل سىياھ، ئازراق ئاق قەغەزدىن باشقا ھېچ نەرسە يوق ئىدى. ئۇنىڭ گەپ - سۆزى غەلىەتە ، تاغدىن - باغدىن سۆزلەپ ئولتۇراتتى، ئۇ كىرىپلا نرازىلىق ئەرزلەر يازغىلى تۇردى، بۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن كىرىپ قالغانلتىقىنى تەستە بىلدۇق. ئۇ ئەسلىدە غۇلجا شەھىرىدىكى بىر بىنانىڭ تېمىغا «شىنخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ياشىسۇن!» دېگەن شوئار يازغانىكەن. بىز:« ئاتالغۇنى مۇنداق خالىغانچە ئۆزگەرتسەڭ بولامدۇ؟» دېسەك، ئۇ بىزدىن كۈزلۈكرەك تېگەتتى. ئۇ «سول» چىل پىكىر ئېقىمى بىلەن زەھەرلەنگەندىمۇ، ئىنتايىن ئەسەبىي پەللىگە چىققانىدى. ئۇ ئۆز نۇقتىئىنەزىرىنى چۈشەدۈرۈپ: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دېگەن ئاتالغۇ جۇغراپىيە ۋە چېگرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلەت چېگرىسى تەسىرىگە ئۇچرىماي، ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقاتقىنىغا ئوخشاش ‹شىخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى› دېگەنگە ئۆزگەرتىش كېرەك. بىز ئىنقىلاب بايرىقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە قادايمىز.» دەيتتى. ئۇنىڭ كاللىسى قاتتىق چارچاپ، ئەقلىنىڭ نورمال ھالىتى بۇزۇلغانىدى. شۇڭا، بىز بىلەنمۇ نورمال پاراڭلاشمايتتى.
    ئۇ كىرگەندىن كېيىن بىزنىڭ كامىر تېخىمۇ «ئاۋاتلىشىپ» كەتتى. ئۇ ۋاڭ - چۇڭ كۆتۈرگەندە، ئەسكەرلەر دۈكۈرۈشۈپ كىرىپ كېلىشەتتى، تىللايتتى، ئۇراتتى. لېكىن، ئۇ بۇلارغا پىسەنتمۇ قىلمايتتى. ھەر كۈنى دېگۈدەك ئەرز يازاتتىيۇ، سوجاڭ قولغا ئېلىپلا يىرتىۋېتەتتى. ئارىدىن ھەپتە - ئون كۈندە ۋاقىت ئۆتكەندە، ئۇ ئاچلىق ئېلان قىلىپ، قىزىل سىياھدا يەنە بىر نەرسە يازدى. سوجاڭ بۇنىمۇ يىرتىۋەتتى. لېكىن ئۇ يازغان تارتىپلا ئاغزىغا بىر نەرسە سالمىدى، ئاچلىقنىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇ ئورنىدىن مىدىرلىيالماي قالدى، ئاۋازى ئارانلا چىقاتتى. ئۇ مۇشۇ ھالەتكە كەلگەندىلا، ئاندىن ئۇنى ئاچىقىپ كەتتى، ئاڭلىساق قويۇۋېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ چوڭ يۆنىلىشى جىنايەت ھېسابلانمايتتى.
    تۈرمىنى ھەربىيلەر باشقۇرۇۋاتقان ئۇ كۈنلەردە، تۈرمىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن قائىدە - يوسۇنىمۇ يوق ئىدى. بىزنىڭ بۇ يەردە ئائىلىدىن ئون بەش كۈندە بىر قېتىم كىشى كېلىپ يوقلىغاندا، ئانچە - مۇنچە يېمەكلىكتىن باشقا ھېچنەرسە ئالمايتتى؛ شەھەرلىك تۈرمىدە بولسا، ئاز - تولا تاماكىدىن باشقا نەرسە ئالمايدىكەن، چاپچالدا تۈرمە كامىرلىرى ئىچكىرى - تاشقىرى دەپ ئىككى ئېغىز ئىكەن، موڭغۇلكۆرەدە جىنايەتچىلەرگە كۈن بويى ئاياغ سالدۇرمايدىكەن. تاماق ۋاقتىدا ھەربىر كامىرلار بويىچە جىنايەتچىلەر كارىدورغا چىقىپ، تاماق قاچىلىرىنى ئىككى قولىدا تۇتقانچە دوڭغىيىپ ئېڭىشىپ تۇرىدىكەن ۋە باشقىلار.
    ئىككى ھەربىي سوجاڭدىمۇ بىرلىككە كەلگەن قائىدىلەر يوق ئىدى. بىرىنىڭ دېگىنى  بىلەن يەنە بىرىنىڭ دېگىنى ئوخشىمايدۇ، بىر كۈنى كەچتە تاھارەتكە ئاچىقىۋېتىپ، بىزنىڭ 20 - كامىر ئۇنتۇلۇپ قالدى. قانداقلا بولسۇن، تاھارەت تۇڭىنى تۆكۈۋەتمىسەك، كېچىچە تاھارەت قىلىدىغان يەر يوق ئىدى. شۇڭا چىڭ پىڭ ئىشىكنى قاقتى. سوجاڭ ئاڭلىمىۋىدى، يەنە بىر نەچچىنى قاقتى. سوجاڭ غەزەپ بىلەن كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى -دە، چىڭ پىڭغا:
    ـ ئاغزىڭ يوقمۇ سېنىڭ، ۋارقىرىساڭ بولمامدۇ، نېمىشقا ئىشىك قاقىسەن؟ - دەپ ۋارقىراپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىم يەنە شۇنداق ئۇنتۇلۇپ قېلىش يۈز بېرىۋىدى، يەنە چىڭ پىڭ «سوجاڭ!» دېسە «سوجاڭ!» دەپ ۋارقىرىدى. بۇ چاغدا يەنە بىر سوجاڭ ئىشىكنى ئاچتى - دە:
    ـ نېمە كاركىرايسەن ئېشەكتەك، ئىشىك قاقساڭ بولمامدۇ؟ مېنى پاڭ دېدىڭمۇيا؟-دەپ دېۋەيلەپ كەتتى. چىڭ پىڭمۇ بوش كەلمىدى. ئۇمۇ ئاچچىقى بىلەن:
    ـ بىر قومانداندا بىر ياڭزا بۇيرۇققۇ بۇ؟ بىرىڭلار ۋارقىرىساڭ بولمامدۇ، دەيسىلەر. بىرىڭلار ئىشىك قاقساڭلار بولمامدۇ، دەيسىلەر، بىز قايسىڭلارنىڭكىنى ئاڭلايمىز؟ ئاۋۋال ئۆزۈڭلارنىڭكىنى بىرلىككە كەلتۈرمەمسىلەر؟ - دېدى. گەپ تېپىپ بېرەلمىگەن سوجاڭ پالاق - پۇلۇق قىلىپ ئۇنى بىر، ئىككىنى سېلىۋەتتى - دە، ئىشىكنى گۈپپىدە يېپىپ چىقىپ كەتتى.
    تۈرمىدىكى ۋەھىمە ۋە ئاچلىق ئازابىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن كۆڭۈلسىز ۋەقەلەر بولۇپ تۇراتتى. بىزنىڭ كېچىكى تۈنلىرىمىز نامازدىگەردىلا باشلىناتتى، چۈنكى، كەچتە زادىلا چىراغ يېقىپ بەرمەيتتى؛ قىشلىق ھاياتىمىز نويابىردىلا باشلىنىپ بولاتتى، چۈنكى، كارىدوردىكى پىلتىگە بىر سىقىم كۆمۈر بىلەن يېقىپ قويغان ئوت ھەر ئىككى كامىر ئوتتۇرىسىدىكى تام مەشكە ئازراقمۇ ئىسسىق پەيدا قىلمايتتى. كۈن بويى يوتقاننىڭ ئىچىدە ياتاتتۇق. سوراقلارغا يوتقان ئىچىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقاتتۇق. شۇنداق بولسىمۇ، كەچكى تاماقتىن  كېيىن كارىدورنىڭ ئىچى بىر مەھەل جىم بولۇپ قالاتتى - دە، مەھبۇسلار، كامىر - كامىرلاردىن يۆتىلىپ، قاقىلىپ، بىر - بىرىگە شەپە بېرىپ سۆزلىشەتتى، ناخشا ئېيتىشاتتى، شېئىرلار ئوقۇشاتتى. كۆپىنچە 12 - كامىردىن قاسىم سىدىقنىڭ نادىر شېئىرلىرىنى ئاڭلايتتۇق. غوپۇر ئاسىم، خالىدە بىلانوفلارمۇ سۆزلىشەتتى. بەزىدە مۇنداق ئىشلارنى چېقىپ قويىدىغان چېقىمچىلارمۇ چىقاتتى - دە، بىز يەنە بىر قېتىم تاياق يەتتۇق.
    شۇ كۈنلەردە زادى ترمە ياخشىمۇ، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتى ياخشىمۇ؟ دېگەن سوئالغا توغرا جاۋاب بەرمەك تەس ئىدى، ھەر ئىككىلىسىدىلا ئەركىنلىك مەۋجۇت ئەمەس. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئوچۇق ئاسمان ئاستىدا تېمى يوق دالادا ھاۋا يەپ ئىشلەپ يۈرگەن بىلەن ئاچلىق ۋە ئېغىر ئەمگەك ئازابى جاندىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، تاياق بولسا ھەر ئىككىلا يەردە بار. قارا كامىردىمۇ شۇنچىلىكلا نان بولغان بىلەن ئەمگەك قىلمىغاچقا، ئەتىمالىم، شۇ سەۋەبتىن ليۇتەنجۈنگە يېقىپ قالسا كېرەك،  لېكىن مەن يەنىلا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنى ئازادىرەك ھېسابلايتتىم، چۈنكى مەن ئەمگەكتىن، ئاچلىقتىن قورقمايتتىم، كىشەننىڭ ئازابىغىمۇ كۆنۈپ قالغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن جەمىيەتنىڭ ئۇ خىل ئاق تېررورلۇق قاپلىغان جىددىيلىك ھالىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن ئەزەلدىنلا ئۈمىدلىك بولغاچقا، بۇ يەردە ھەر خىل ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. بىزنىڭ ئۆزىمىز ئاچ بولغان بىلەن كۆڭلىمىز توق ئىدى؛ ئۆزىمىز ئورۇق، ئارزۇ ئۈمىدلىرىمىز سېمىز ئىدى. ئۈمىدلىك ئادەملەرگە زۇلۇم دېگەن ھامان ئۆتكۈنچى بوراندەك بىر ئىش. تىرىك قالغانلىرىمىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى غايىۋى مەنزىللىرىمىزنىڭ گۈزەكللىكى چەكسىز ئىدى. مەن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ بېقىشقىمۇ بەل باغلىغانىدىم. مەن كەلگۈسىدە تەلىمىم ئارقىلىق كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۆزىمىز باشتىن كەچۈرگەنلەرنى، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تۈرلۈك ۋەقە ۋە ئوبرازلار بىلەن بايان قىلىپ بەرسەم، دەيتتىم. ماڭا ئوىشاش قەلەمكەشلەر ئۈچۈن بۇ يەر رەڭگارەڭ بىر دۇنيا ئىدى. كىشىلەر ھەيران قالغۇدەك ۋەقە، تەربىيە ئالغۇدەك دەرسلەر بار ئىدى.
    ***********************************
    «قارا بۇغرا» ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگە «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا تارتىپ چىقىرىپ، جازالانغانلارنىڭ ئىچىدە شۇنچىلىك ئۇۋالچىلىق تارتىپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىدىكى، كەلگۈسىدە بىر كىشىگە سۆزلەپ بەرسىڭىزمۇ ئىشەنمەيتتى.
    قاۋۇسكام دەيدىغان بىر قازاق چال بار ئىدى، ئۇنىڭ كېلىنى يوقىلاڭ بىر ئىش سەۋەبىدىن ئۆلۈۋېلىپ، ئوغلى رەخىم ئون بەش يىل، ئۆزى ئون يىل كېسىلىپ كەتكەنىدى. لېكىن، قاۋۇس چال بىر قېتىممۇ تەرگەۋ قىلىنىپ باقماي، بىر كۈنمۇ تۈرمىدە ياتماي، ئۇدۇل مەشەگە ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ ئىشلارغا ئۆزىمۇ ھاڭ - تاڭ قاپتۇ. سىراجىدىنكامچۇ؟ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ئەسەبىي ئىسيانچىلار ئۆي ئاختۇرغاندا، بىچارىنىڭ ساندۇقىنىڭ تېگىدىن «ئاخبارات» دېگەن بىر ۋاراق قەغەز چىقىپ قالغان. بۇ ئەسلىدە 1950 - يىللاردىكى كوللېكتىپلىشىش باشلىنىپ، دېھقانلار تۇنجى ھەمكارلىق گۇرۇپپىلىرىنى قۇرغاندا، كەنتگە ھەر كۈنى ھەيدەلگەن يەر، تېرىلگەن بېنەملەردىن  مەلۇمات بېرىشتە ئىشلەتكەن قەغەز ئىكەن. ئۇلار بۇنى چەت ئەلگە چىقىرىدىغان ئاخبارات دەپ ئون بەش يىل كېسىۋەتكەن. ئويلاڭا، ئاخباراتمۇ ئاشۇنداق بولامدۇ؟ ئەلىمغازى دېگەن يەنە بىر مەھبۇس داھىيلارنىڭ دادۈي ئىدارىسىگە چاپلانغان رەسىملىرىگە قاراپ، لىن بياۋنىڭ سۈرىتىگە كۆزى چۈشۈپتۇ - دە، « باشقىلارغۇ بۇرۇن بار ئىدى، مۇنۇ نەدىن كېلىپ قالدى؟» دەپ تاشلىغان. «ماۋجۇشىنىڭ ئىزباسارىغا شەك كەلتۈردى!» دەپ، ئۇنىمۇ ئون بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان؛ ئابدۇرازاق دېگەن كىشىنىڭ تېخىمۇ ناھەقچىلىق ئىدى، ئۇنىڭ قېرى ئانىسى ئۆينىڭ قىبلە تېمىغا ئېسىلغان داھىينىڭ رەسىم رامكىسىنى ناماز ئوقۇيدىغان چاغدا رەخت بىلەن يېپىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتكە تارتىلىپ ئون يىل كېسىۋېتىلگەن؛ تۇرسۇن توختى دېگەن مەھبۇس مەھەللىدە قويۇلغان كىنو فىلىمىدىكى داھىينىڭ خۇڭۋېيبىڭلارنى قوبۇل قىلغان كۆرۈنۈشىگە قاراپ:«بۇنى بىر يۈز ئەللىك يىل ياشايدىكەن دەۋاتاتتى، چىشى سارغىيىپ قالغان تۇرسا، قانداقمۇ بىر يۈز ئەللىك يىل ياشىيالايدۇ؟» دەپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئون بەش يىل كېسىلىپ كەلگەن؛ ئەخمەت ئابدۇرېھىم دېگەن يېتىم پەقەت چەت ئەلنىڭ رادىئوسىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈنلا بەش يىل كېسىۋېتىلگەن؛ ئابدۇكېرىم مەخسۇم، تۇرسۇن ئاشىق ئىسىملىك ئىككىيلەن رەمباللىق قىلغان، باشقىلارغا رەم سېلىپ قويۇشتەك خۇراپىي ئىشلىرى ئۈچۈنلا ئون يىلدىن كېسىلىپ كەتكەن. مۇھەممەت ئەمەت دېگەن مەھبۇسنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەممىدىن پۇشمانلىق ۋە ئەپسۇسلۇق ئىدى. ئۇ تۇرغان ناھىيىدە «تەشكىلات» بار ئىكەن، دەپ نۇرغۇن ئادەم تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، ئەمەلىيەتتە تىلغا ئالغۇدەك ھېچنەرسە چىقماي، «ھۆكۈمەت، دېلو ياساپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، مۇھەممەت ئەمەتنى ئالدىغان. جۈملىدىن ئۇ ئارقىلىق ئايالىغا يالغان پروگرامما، يالغان بايراق قاتارلىقلارنى ياسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىلىغا ئكزلىرىگە كۆمدۈرۈپ، ھەممە نەرسە تەييار بولغاننىڭ ئېغىرلىغا ئۆزلىرىگە كۆمدۈرۈپ، ھەممە نەرسە تەييار بولغاندىن كېيىن، بىر كۈنى كېلىپ ئاشكارا كولاپ ئېلىپ، كىشىلەرنى، ئكزلىرىنىڭ خاتا تۇتمىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن شەرمەندىلەرچە پايدىلانغان. ئۇلا رمۇھەممەت ئەمەتنى دەسلەپتە: «ھازىر ھەممەيلەن مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن كەڭچىلىككە ئېرىشىپ چىقىپ كېتىدۇ بارىدۇ، سەنمۇ شۇنداق قىلمامسەن! ياتىۋېرەمسەن؟ ئۇ سېنىڭ ئاكتىپ ئىپادەڭ بولىدۇ» دەپ ئالدىغان. ئەمما، ئاخىرىدا ئۇنىمۇ ئون ئىككى يىل كېسىۋەتكەن. گەرچە بۇ سۇيىقەست ۋە ئالدامچىلىقلار پۈتۈن «تەشكىلات»دېگەن نەرسىنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقىغا قىلچىلىك ئاساس سالالمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تولىمۇ خەتەرلىك ۋە سەتچىلىك ۋەقە ئىدى. بۇ شۇ چاغدىكى ھەربىي ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق يامانلىق ۋە تەۋەككۈلچىلىكلەردىن باش تارتمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى؛ جاڭ خۇيمىڭ دېگەن يەنە بىر جىنايەتچى ھەيكەلتىراش ئىكەن. ئۇنىڭ داھىينىڭ ھەيكىلىنى ياساتقۇزغان، ھەيكەل ئەمدى پۈتكەندە يامغۇر - يېشىن بولۇپ، ھەيكەلنىڭ بىر يېرى نابۇت بولغان. مۇشۇنىڭ بىلەن لاۋجاڭ ئكزى بالاغا قېلىپ، ئون يىل كېسىلىپ كەلگەن.
    گەرچە مەن يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان كىشىلەرنىڭ ۋەزىيەت ئوڭشالغاندىن كېيىن ھەممىسى گۇناھسىز دەپ ئاقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار نۇرغۇن يىل ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم بولدى، خارلاندى، ئازاب چەكتى، زېھنى ۋە جىسمانىي قۇۋۋىتىدىن ئايرىلدى، ئۆمۈرلۈك كېسەل بولۇپ كەتتى، ئائىلىلىرى ۋەيران بولدى. ئابدۇكېرىم مەخسۇس، تۇرسۇن ئاشىق، ئەخمەت ئابدۇرېھىملار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئەپسۇسكى، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار بىلەن ھېچكىم ھېساب،  چوت قىلىشىپ باققىنى يوق. ئۇلار يەنىلا خاتىرجەم، راھەت - پاراغەتلىك تۇرمۇشتا، دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان بولۇپ ياشاۋەردى.
    ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدىكى كۆپلىگەن جىنايەتچىلەرنىڭ سالاھىيەت ۋە قىلمىش سەۋەبلىرى يۇقىرىقىدەك بولغاچقا، گەرچە ئۇلارنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكى سۈكۈت ئىچىدە كۈننىڭ كەچ بولغىنىغا خۇش بولۇپ، بۇيرۇغاننى ئىشلەپ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما يەنە بەزىلەرنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قارشىلاشقىنى قارشىلاشقانىدى. بارات دېگەن بىرەيلەن بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا پارالىچ بولۇپ قالدى. ئۆرە تۇرالمايتتى، ئىككى قولىغا بىر غېرىچتىن ئىككى تال ياغاچنى تۇتۇۋېلىپ، شۇنىڭغا تايىنىپ، تىزى بىلەن ئالدىغا سىلجىيتتى. بىز ئىچ ئاغرىتتۇق. بۇ ئىش ىېلى داۋام قىلغاندىن كېيىن، بىرسى ۋاڭ گەنسىگە: «بارات يالغان پارالىچ» دەپ چېقىپ قويۇپتۇ. ۋاڭ گەنسى بۇنى ئاستىرتىن ئېنىقلىغىلى تۇردى. بىر كۈنى مېنىمۇ چاقىرتىپ سورىدى، مەن ھاڭ - تاڭ قالدىم ۋە بۇنىڭ باشقىلارغا ئۇۋالچىلىق يەتكۈزىدىغان چېقىمچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدىم. ۋاڭ گەنسىمۇ: «ياق، ئۇنىڭ تام ئارقىسىدا ئۆرە تۇرۇپ سىيىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئادەم بار ئىكەن!» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن زادىلا ئىشەنمىدىم. بۇ ئىش شۇ پېتى بېسىلىپ قالدى. كىم بىلسۇن، ئىككى يىلدىن كېيىن باراتنىڭ يەتتە يىللىق كېسىمى ئۈچ يىلغا چۈشۈپ، مۇددىتى توشقانلىقتىن قويۇپ بېرىلدى. ئۇ جەمىئىيەتكە چىقىپلا مېڭىپ كېتىپتۇ، بايا ئۇ يالغاندىن پارالېچ بولۇۋالغانىكەن. ئۇنىڭ بۇ غەيرىتىگە بىزمۇ ھەيران قالدۇق.
    ئابدۇقادىر ئەھەد دېەەن يەنە بىرەيلەن بار ئىدى. ئۇ بەش يىللىق جازا ھۆكۈمى بىلەن كېلىپ، بىرنەچچە ئايدىن كېيىنلا «پۇتۇم ئاغرىيدۇ!» دەپ ماڭالماس بولۇۋالدى. ئۇ پۇتىنى ئارانلا يۆتكەپ يۈرەتتى. ۋاڭ گەنسىلەرمۇ بۇنىڭغا ئىشەنمەي، نەچچە قېتىم ئىتتىرىپ يۈرۈپ ئەمگەككە ئاچىقتى. چوڭ يىغىندا سۆكتى، تىللاپ باقتى، ئۇرۇپ باقتى، لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى. ئۇ يەنىلا ئېڭىشىپ قالغان بىچارە قىياپەتتە ئارانلا مىدىرلاپ يۈرەتتى. ئاخىر ئۇمۇ ئېغىر ئېتىز ئەمگىكىدىن قۇتۇلۇپ، قورۇدا ئۇششاق - چۈششەك قول ئەمگىكىگە قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئۇنىڭ كۆيۈمچان بىر سىڭلىسى بار ئىدى، تولا يىغلاپ، ئاكىسىنىڭ ناھەق كېسىمى ھەققىدە تولا يول ماڭاتتى. ئاخىر ئابدۇقادىرنىڭ تەقدىردىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ، ئۆزگەرتىش يېڭى ھۆكۈم بىلەن قويۇپ بېرىلدى. ئۈچ كۈندىن كېيىن بىز ئېتىز يولىدا ئۇنىڭ قولىنى كەينىگە تۇتۇپ، ئارغىماق ئاتتەك يۈرگەنلىكىنى كۆردۇق. ئۇ بىز بىلەن ئاتايىن ىوشلاشقىلى كەلگەنىكەن. بىز ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇدۇق. ۋاڭ گەنسى بولسا، ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى.
    ئۆزگەرتىشكە قارشى دەپ مىسالغا ئېلىنىدىغانلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى ھارۇن ئىبراھىم ئىدى. ئۇ بىز قارا بۇغرا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگە بېرىپ تۆت ئايدىن كېيىنلا،يەنى، 1970 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر قاتتىق بوران چىققان بىر كېچىدە تۈرمىدىن قېچىپ كەتتى. ئۇ ئۆزىمۇ بۇرۇن ساقچى ئەسكىرى بولۇپ، تۈرمىدە قاراۋۇللۇقتا تۇرۇپ جىنايەتچى باشقۇرغۇچقا، تەجرىبىسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدىكى ئېگىز سېپىلنىڭ تۈۋىگە دۆۋىلەپ قويۇلغان ئۇۋاق كۆمۈر دۆۋىسىگە چىقىپ تۇرۇپ، ئۇچىغا تۆمۈر ئىلمەك باغلاپ، ئالدىن تەييارلىۋالغان ئۇزۇن ياغاچنى ئىلىپ تۇرۇپ يامىشىپ چىقىپ كەتكەنىكەن. ھارۇندىن كېيىن ۋاڭ بىڭرۇي دېگەن جىنايەتچى قاچتى ۋە باشقىلار.
    بىزگە ئوخشاش ئېغىر كېسىمدىكىلەر ناھايىتى جىم ئىدۇق. بىز مىدىرلاپلا كەتسەك، ئۇلار ئۈچۈن توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، مايمۇننى قورقۇتۇشقا، بىرنى جازالاپ، مىڭغا ئىبرەت قىلىشقا دەسمايە چىقاتتى. مەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەر بىلەنلا ئىچ - سىر ئېلىشاتتىم. بىز ھەر خىل يوللار بىلەن جەمئىيەتتىن خەۋەر ئېلىپ، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، تەھلىل قىلىپ تۇراتتۇق. زور كۆپچىلىك جىنايەتچىلەرمۇ بىزگە ئىشىنەتتى، ئائىلىلىرىدىن ئالغان ئەڭ خۇپىيانە خەۋەرلەرنى بىزگە يەتكۈزەتتى. بىز مەلۇم ناھىيىدە يۈرگۈزۈلگەن شۇ چاغدىكى ئەسەبىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن 1970 - يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە ئۆزى ئۆلۈۋالغانلارنىڭ قىرىق توققۇزغا يەتكەنلىكىنى ئەنە شۇنداقلاردىن ئاڭلىغانىدۇق.
    ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدىكى مۇتلەق زور كۆپچىلىك بىزنىڭ تىرىك قېلىشىمىز ئۈچۈن جان كۆيدۈرەتتى. بىر ئىش زادى يادىمدىن چىقمايدۇ. بىز ئەمگەك بىلەن ئكزەەرتىش ئەترىتىگە بېرىپ ئىككى ئايدىن كېيىنلا بىر باھالاش يۈرگۈزۈلۈپ قالدى. نۆۋەت ماڭا كەلگەندە، ئىشلارنى ئاكا باشلىق بىرنەچچە جىنايەتچى مېنىڭ ئۆزگىرىشنى ياىشى ئىپادە بىلەن باشلىغانلىقىم ھەققىدە شۇنداق سۆزلەپ كەتتىكى، مەن ئۇلارنىڭ كەلتۈرگەن مىساللىرىغا ھەيران قالدىم. بىرى:«ماڭا، ئۆزگىرىشنى قوبۇل قلىپ، ياخشى ئادەم بولۇشتىن باشقا يولىمىز يوق، دەپ تەربىيە بەردى» دېسە، يەنى بىرى: «قېچىش - مۆكۈش خاتالىقلىرىنى سادىر قىلىپ قويما، دەپ مېنىڭ دىلىغۇل  بولۇپ تۇرغان ئىدىيەمنى تۇراقلاندۇرغان!» دەيتتى. يەنە كىمدۇر بىرلىرى، مەندە بولمىغان ئارتۇقچىلىقلارنى توقۇپ چىقىپ، ئورۇن، زامان، ئاي - كۈنلىرىدىن تارتىپ دەلىل كەلتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى قۇتقۇزۇشنىڭ كويىدا ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىگە چوڭقۇر رەھمەتلەر ئېيتاتتىم.
    مېنىڭ بېشىم ھەقىقەتەن قوغداشقا موھتاج ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندىن قىلىنىدىغان تەرگەۋلار تېخىلا تۈگۈمەيۋاتاتتى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگىمۇ سوراقچىلار بېرىپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى:«پالانى بىلەن كۆرۈشكەندە قانداق ئەكسىيەتچى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان؟ پۇستانىنىڭ رادىئو ئاڭلىغىنىنى بىلەمسەن؟ يەنە پوكونىگە ۋەرەقە بەرگەنمۇ؟» دېگەندەك چويلىغا توختىمايدىغان گەپلەرنى قىلىپ، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيتتى.
    مەن قولغا ئېلىنىدىغان يىلى غۇلجا ناھىيە ئونياريۈزى ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدىم. 1958 - يىلىدىن تارتىپ شېئىرلىرىم ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتتە ئاز - تولا كۆزگە تاشلىنىپ، ئېتى ئۇلۇغلارنىڭ قاتارىغىمۇ كىرىپ قالغانىدىم. پەلسەپە، سىياسىي ۋە ئەدەبىياتقا ئائىت كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇغانىدىم. جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ ھاكىمىيەت خاراكتېرىنىڭ قانداق بولۇشى ھەققىدە ئۆزۈمگە تۇشلۇق ساۋات، ھەققانىي نۇقتىئىينەزەرلىرىممۇ بار ئىدى. ۋىجداننى ئۇلۇغلايتتىم، خەلقنى، ۋەتەننى مۇقەددەس بىلەتتىم، ئادالەتسىزلىككە نەپرەتلىك، زوراۋانلىقلارغا قارشى ئىدىم. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»نىڭ گۈركىرەپ چىققان قارا بورىنى مېنىڭ روھىمغا قاتتىق تەسىر قىلىپ، مېنى چوقۇر ئىچكى ئازابلارغا سالدى. مەسىلەن، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى زەربە يېدى، چەتكە قېقىلدى؛ ھۆكۈمەتسىزلىك ئەۋج ئالدى، ئىشلەپچىقىرىش توختىدى، مەكتەپلەر تاقالدى، ھېچنېمە بىلمايدىغان گۆدەكلەر ھەرىكەتلەندۈرۈلۈپ، ئۇرۇش - چېقىش بىلەن شۇغۇللاندى. «تكت كونىنى بۇزۇش» شوئارى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلدى. ئۆرپ - ئادەتلىرىگە چېقىلدى، غۇرۇرىغا تەگدى. جۇڭگو خەلقى قىپقىزىل بالايىئاپەتلەرگە ئىتتىرىلىپ، شەخسكە خۇراپىيلارچە چوقۇنۇش ئەۋج ئالدى. شەخس ئىلاھلاشتۇرۇلدى. ھەممىلا كىشى قىزىل سومكا ئېسىش، قىزىل كىتاب ئوقۇش، قىزىل ئىزناك تاقاش، ئۈزۈندە يادلاش قاتارلىقلارغا مەجبۇرلىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. ئاممىۋى تەشكىلاتلار دەل يۇقىرىقىلارنىڭ تەشۋىقاتچىلىرى، جىنايەتكارلىرى ئىدى. ئۇلار ئۆز ئارا كۈن بويى كۆكەرمىلىك قىلىپ، بىشەم خوتۇنلاردەك جېدەللىشەتتى. ئۇلار ساختا تەشكىلاتلار بولۇپ، ئاشۇ مالىمانچىلىقلارنى ماختاپ، كۈنىگە تۈمەنلەپ ۋەرەقىلەر تارقىتاتتى ۋە باشقىلار. بىز بۇلارغا كۆنمىدۇق، چىداپ تۇرالمىدۇق، ئاخىر ياشلىقتىكى تەنتەكلىك ئەسىر قىلدىمۇ ياكى ۋىجدان بۇيرۇدىمۇ، ئەيتاۋۇز بىزمۇ ۋەرەقىلەر تارقاتتۇق. بىزنڭى ۋەرەقىمىز «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»غا، شەخسكە خۇراپىيلارچە چوقۇنۇشقا قارشى ئىدى. ھېلىمۇ يادىمدا، ئۇنىڭدا: «... خائىن لىن بياۋ: ماۋجۇشى ئېگىزدە تۇرۇپ، يىراقنى كۆرىدۇ، شۇڭا بىز ئۇنىڭ يوليورۇقلىرىنى چۈشەنسەكمۇ ئىجرا قىلىشىمىز، چۈشەنمىسەكمۇ ئىجرا قىلىشىمىز لازىم، دەيدۇ. مانا بۇ جۇڭگو خەلقىنى ئەركسىز قۇل، تىلسىز ھايۋانغا ئوخشاتقانلىق ئەمەسمۇ؟» دېگەن ھاققانىي پىكىرلىك جۈملىلەر بار ئىدى ... بىز تۇتۇلۇپ كەتتۇق. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدىمۇ تۈگىمەيدىغان سوراقلار ئەنە شۇلارنىڭ كاساپىتىدىن ئىدى. مېنى تونۇغانلىكى، ئۇچراشقانلىكى ئادەم پېشكەللىككە يولۇققان، گۇمان تورى ئىچىگە چۈشكەنىدى.
    1970 - يىلىنىڭ ياز پەسلى بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئازاب بىلەن ئۆتتى. ئۈستۋاشلىرىمىز چۆپتەك چۈشۈپ كەتتى. بەزىدە يالاڭغىداقمۇ قالداۇق، يازلىق كىيىم تارقىتىدىغان ئۇلارنىڭ يادىدىمۇ يوق ئىدى.
    5 - دېكابىر بىز تۈرمە سېپىلىدىن ئۈچ - تۆت كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئىدىرنىڭ يانباغرىدىن ئېلىنىدىغان ئۆستەڭ چېپىقىغا سەپەرۋەر قىلىندۇق. بۇ بىز ــ كىشەنلىكلەر تولىمۇ قىينالغان مەزگىللەر ئىدى. سەپنىڭ كەينىگە تىزىپ قويسا يېتىشىپ ماڭالمايتتۇق - دە، بىزنى دۈشكەلەيتتى؛ ئالدىغا سېلىپ قويسا، ئىستىروينىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتەتتى - دە، ئەسكەرلەر يەنە بىزگە ۋارقىرايتتى، چۈشلۈك تاماقنى قورۇغا قايتماي، ئىش مەيدانىدا قارنىڭ ئۈستىدىلا يەيتتۇق. قايناقسۇ كەمچىل، يەنىلا يېرىم قورساق، دەم ئالمايلا ئىشقا چۈشۈپ كېتەتتۇق.
    ۋەزىپە ئېغىر ئىدى، پۈتتۈرەلمىگەنلەر تەنبىھ ئاڭلايتتى، تاياق يەتتى. بىر كۈنى گۇرۇپپا باشلىقى نۇرۇمبەك دېگەن مەھبۇس بىلەن ھاجەتخانىدا ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇ مېنى : «مەيەرگە كېلىڭا!» دەپ، تامنىڭ دالدىسىغا تارتتى - دە، كۆڭلىكىنى قايرىپ، دۈمبىسىنى كۆرسەتتى، مەن چۆچۈپ كەتتىم. چۈنكى ئۇنىڭ دۈمبىسى تاياق دەستىدىن يول - يول بولۇپ قىزىرىپ كەتكەنىدى. ئۇقسام،گۇرۇپپاڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىدى، دەپ ئالدىنقى ئاخشىمى سەي دۈيجاڭ دەيدىغان بىر زالىم ئۇنى ئاشىانىنىڭ ئىچكەركى بۆلۈمىگە ئەكىرىپ، ياتقۇزۇۋېلىپ تازا قويۇپتۇ. مۇشۇ بىرلا ئىشتىن شۇ قىشلىقى ئۆستەڭ چېپىشنىڭ بىز ئۈچۈن قانچىلىك بەدەلگە توختىغانلىقىنى بىلىش تەس ئەمەس.
    ئۈچ يېرىم يىللىق ھاياتىمىز قارا بۇغرادىكى قىش پەسىللىرى ئۆستەڭ چېپىش، دەريا بويىدىن قومۇش توشۇش قاتارلىق خىلمۇ خىل ئەمگەكلەر بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. ياتاقنىڭ تام مېشىگە قومۇش قالايمىز، پىلىتىمىزنىڭ ئۈستىگە قارىسىڭىز، ئەسكى كەتمەن، گۈرجەكلەر بىلەن يېپىلغانلىقىنى بايقايسىز. كۆمۈر دېگەن نەرسە دورىلىققىمۇ بېرىلمەيدۇ. تازىلىق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. شۇنداق بولسىمۇ، يۇيۇنىدىغانلار كەچلىك ئۆگىنىش تۈگىگۈچە بىر چېلەك سۇنى ئەسكى پىلىتىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويىمىز. ياتاق دىجورنىسى ياتاقنى ئىسسىتىش ئۈچۈن، ئۆگىنىش تۈگىگەندە ھەممەيلەن ئورۇنغا كىرىۋالغاندىن كېيىن، يۇيۇنغۇچە مەشنىڭ كەينىدە چالا - بۇلا يۇيۇنۇۋالىدۇ. توڭ يوق، ياندۇرۇدىغىنىمىز جىنچىراغ.
    ھاجەتخانىمىز بىزنى نومۇسنى قۇربان قىلىشقا ئۈندەيدىغان جاي ئىدى. ئۇ ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرىدىغان،ئىككى ياتاق كورپۇسنىڭ ئارىلىقىدىكى ئاق تاشلانغان جايغا كولانغان ئۇزۇن خەندەكتىنلا ئارىلىق قالدۇرۇپ، قاتار تاختاي قويۇلغان بولۇپ، ئەتراپىدا ھېچقانداق پىنھانلىق يوق ئىدى. بىز ئامالنىڭ يوقىدىن ئۇياتلىق جايلىرىمىزنى ئېچىپ ئولتۇرۇپ، ھەممىمىز بىرلىكتە ھاجەت قىلاتتۇق. بولۇپمۇ، ئەتىگەنلىكى بەكمۇ تىقما - تىقماق بولۇپ كېتەتتى، بۇ خىل، بىر - بىرىمىزنىڭ يۈز خاتىرىنى قىلماي، تامبالنى سېرىۋېتىپ ئولتۇرۇپ ھاجەت قىلىش - خۇسۇسەن، بىز مىللىيلار زادىلا ئادەتلەنمىگەن ئىش بولغاچقا، بەكمۇ خورلۇق، ئازابلىق ھېس قىلاتتۇق، ھاجەت قىلىۋېلىش زۇلۇم ئىدى. مۇنداق جايدا، يېرىم يالىڭاچ ھالدا چوڭلار بىلەن كىچىكلەرنىڭ، ئۇرۇق - تۇققانلارنىڭ ، ھۆرمەتلىك كىشىلەرنىڭ ئۇچرىشىپ قېلىشى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال ئىدى. ئامال يوق، ياىشى كۈنلەر ئالدىمىزدا دېگەن ئۈمىدنىڭ تەسەللىسىدە ياشاۋەردۇق. بىزنى باشقۇرىدىغانلار بۇلارنى بىلمەمدۇ؟ ھېس قىلمامدۇ؟ ياق، ئۇلار ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. بۇ يەردىكى گەپ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئادەمگەرچىلىك ئېڭىنىڭ، ئىنسانىي خىسلەتنىڭ سۇسلاپ كەتكەنلىكىدە، بىزنى ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنلىكىدە ئىدى.
    ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە بىزنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىمىز - ئاغرىپ قېلىش ئىدى. كىم سىزنى شەھەرگە ئېلىپ بېرىپ داۋالىتىدۇ؟ ئۇ چاغلاردا جىنايەتچىنى ئۇنچىلىك ئويلايدىغان كىم بار؟ قانچە جىنايەتچى شۇ يەردە ئاغرىغان بويىچە ئۆلۈپ كەتتىغۇ؟!
    راست، دەرۋازىدىن چىققانلا يەردە بىر ئېغىز ئاتالمىش «ساقلىقنى ساقلاش» ئۆي بار، ئۇنىڭدا بەزىدە بار، بەزىدە يوق بىر خادىم ئىشلەيتتى. چىقىپ كىرگەن جىنايەتچىلەردىن: «دوختۇر قانداق دورا بەردى؟» دەپ سورىسىڭىز، ئۇلار: «نېمە بېرەتتى، ‹تامادى؟› دېگەن ئوكۇلدىن بىرنى سالدى!» دەپ جاۋاب بېرەتتى. چۈنكى، ئۇمۇ جىنايەتچىنى قانچىلىك داۋالاشنى ئوبدان بىلىۋالغاچقا، خۇشى تۇتسا، ئاغرىق پەسەيتكۈچ دورىلاردىن بىر، ئىككى تالدىن بېرىپ قوياتتى، بولمىسا «تامادى، يوقال!» دەپ يولغا سالاتتى. ئىشكاپىدىمۇ ھېچقانداق دورىنىڭ تايىنى يوق، ئىسپىرتلىرىنى بەزى كادىرلار ئىچىۋالاتتى. بەزى چاغلاردا چاڭبۇ دوختۇرخانىسىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ كۆرسىتىپ قالىدىغان چاغلارم بولاتتى، قىسقىسى، بىز ئۈچۈن ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دىققەت قىلىشقا ئالدىنقى شەرت ئدىى. دىققەت قىلماي ئاغرىپ قالساق، ئىچ ئاغرىتىدىغان تۈرمىداشلارنىڭ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە «باغرى يۇمشاق» دەپ قاراڭغان دۈيجاڭلارمۇ بىرەر كۈن ئىشتىن قالدۇرۇپ قويۇشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ، چۈنكى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ «دۈشمەنگە رەھىمدىل» بولدى، دەپ قۇسۇر تېپىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىز ئېتىزدا بۇ يىل ئاق قالغان بىر يەرنىڭ ئېرىق - توغانلىرىغا ئىشلىگەنىدۇق. قارىساق، ئۇ يەردە ئانچە - مۇنچە غودۇر ئۈنۈپ قالغان قىزىلچىلار بار ئىكەن.مەھبۇسلار كولاپ خام يېگىلى تۈردى. ئاچلىقتا مەنمۇ يەپ قويۇپتىمەن. خام قىزىلچا بىردەمدىلا مېنى ئاغرىتىپ قويدى. چۈشتە ياتاقتا تاماقمۇ يىمەي يېتىپ قالدىم. ئەمما، چۈشتىن كېيىن مېنى دۈيجاڭلار يەنىلا ھەيدەپ چىقتى. ئېتىزدا كۆپ قۇسۇپ كەتتىم ۋە بىر ئېرىقنىڭ بويىدا يېتىپ قالدىم، ئەسكەر پات - پات كېلىپ مېنى نازارەت قىلاتتى. مەن كەچتە گۇرۇپپا بىلەن تەسلىكتە تۈرمە سېپىلىگە يېتىۋالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئۆز - ئۆزەمنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدۇم.
    ***************************************
    بىز قارا بۇغرا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئۆتكۈزگەن ئۈچ يىل ئىچىدە نۇرغۇن دۈيجاڭلارنىڭ قولىدا بولدۇق. دادۈيجاڭلار سىياسىي، مەمۇرىي ئىشلارغا قول سالماي، پەقەت دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەنلا بولاتتى.  بىزنى ئىشلىتىدىغان دۈيجاڭلارنىڭ ھەممىسى فېندۈيجاڭلار بولۇپ، بىزنى ئۆچىرەت بىلەن ئىشقا ئاچىقاتتى ھەم ئايرىم گۇرۇپپىلارغا مۇقىم مەسئۇل ئىدى. بىزنىڭ خەنزۇ، مىللىي بولۇپ ئون نەچچە گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ مۇتلەق زور كۆپچىلىكىمىز دائىم قورال ئاستىدا ئىشلەيدىغانلار ئىدۇق. ئاز ساندىكى جىنايەتچىلەر خەنزۇ، ئىشلەيتتى.ئۇلار ئاساسەن، جازا كېسىمى تۆۋەن، ئىپادىسى ياخشى، ئۆزى ئىشەنچلىك جىنايەتچىلەر ئىدى. ئاز ساندىكى تەشكىلگە يېقىن سىياسىي جىنايەتچىلەرمۇ ئارىلىشىپ قالاتتى. قېيۇم دۈيجاڭ مۇشۇ دۈينى باشقۇراتتى.
    سارسانبېك دۈيجاڭ بزىنى باشقۇراتتى. ئۇ ئىككىسى ئەسلى ئامانلىق كادىرى بولۇپ، «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن ئاۋۋالقى بىر قەدەر تىنچ، نورمال ۋەزىيەتكە مەنسۈپ ئىدى. شۇڭا بىزگە نورمال مۇئامىلە قىلاتتى. ئورۇنسىز قاتتىق، يىرىك گەپ قىلمايتتى، كەچتە تىزىۋېلىپ ۋالاقلاپ، بىزنى ئاشۇ ئۆتمەس تەشۋىقاتلىرى بىلەن ئۆزگەرتىمەن دەپ ئويلايدىغان ئەخمەقلەردىن ئەمەس ئىدى. ئائىلىگە يازغان خەتلىرىمىزنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ پوچتىغا سېلىۋېتەتتى؛ كەلگەن خەت - خالتىلارنىمۇ ۋاقتىدا قولىمىزغا بېرەتتى؛ ئائىلىمىزدىن كۆرۈشكىلى كەلگەنلەرگە سىلىق مۇئامىلە قىلىپ، چىرايلىق كۆرۈشەتتى. ئۇلار بىزگە قولىدىن كېلىشىچە ئىنسانىي مۇئامىلىدە بولاتتى. بىراق ئۇلار ئىنتايىن ئاز سانلىق ئىدى. ئۇلاردىن باشقا دۈيجاڭ، جىداۋيۈەنلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى بىزگە ئىنچىل ناھايىتى سوغۇق مۇئامىلە قىلاتتى. مەن ئۇلارنىڭ بىزنى قانداقلا بولسۇن «ئادەم» دەپ قارىمايدىغان مۇنداق ياۋايى مۇئامىلىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىنتايىن «سول» چىل سىياسەتتىن ۋە قانۇن - تۈزۈملەرنىڭ، كىشىلىك ئەخلاقنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن كۆرەتتىم. ئۇلارنى «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىن كېيىنكى سىياسىي ھاۋا بۇزغانىدى. ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن كىشىلەردە ئەقىل كىرىزىسى پەيدا بولغان، «زامانىۋى» نادانلىق باش كۆتۈرۈپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى ئەۋج ئالغاندى. بىر تۈركۈم ئەقىل ئىگىلىرى سۈكۈتكە مۇراجىئەت قىلىپ كۈن كەچۈرۈۋاتقان بىلەن، يەنە بايىقىدەك زور بىر تۈركۈملەر بىلىمسىزلىك، نادانلىق تۈپەيلىدىن بىر خىل قۇلچىلىق ئېڭىغا ئەسىر بولغانىدى. بۆك ئال دېسە، باش ئالىدىغانلار دەل مۇشۇنداقلاردىن چىقاتتى. مەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان نۇرغۇن دۈيجاڭلارنى ئاشۇ تائىپىگە تەئەللۇق بولسا كېرەك، دەپ ئويلايتتىم. ئەمما ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سەي فامىلىلىك بىرى ئىنتايىن قەبىھ ئىدى. ئۇنىڭ بىرنەچچە ئىشلىرىغا يا يىشلاشنى ، يا كۈلۈشنى بىلمەي قالاتتۇق. بىر كۈنى ئۇ ئىسترويدا سكزلەۋېتىپ، جىمى تىل - ھاقارەتلەردىنمۇ قاتتىق قىلىپ: «سىلەر مىللىيلار كالىغا ئوخشايسىلەر!»دەۋەتتى. بىز پېتىنىپ بىرنەرسە دېيەلمىگەچكە، دەردىمىز ئىچىمىزدە بولۇپ كەتتى. بۇ تېخى بىزنى خارلايدىغان دۈيجاڭلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ باقمىغان كەمسىتىش ئىدى.
    بىزدە تاكايوۋ ئىسىملىك بىر موڭغۇل جىنايەتچى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئېغىر ئۆپكە كېسىلى بار ئىدى. غەيرىتىگە ئېلىپلا ئىشلەپ يۈرەتتى. بىر كۈنى كەچ كۈزدە سەي دۈيجاڭ ھەممىمىزنى ئۆستەڭ لاتقىسىنى ئېلىش ئەمگىكىگە ئاچىقتى. ئۆستەڭدە سۇ ئېقىپ تۇراتتى. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن ئەمگەك ھەم لاتقا ئېلىش، ھەم ئىككى ياننى كېڭەيتىپ چېپىشقا تەرەققىي قىلدى. ئۇ كۈنى تاكايوۋنىڭ كېسىلى قوزغىلىپ قالسىمۇ، مەجبۇرىي ئاچىقىلغانىدى. ئۇ ئارانلا مىدىرلايتتى. سەي دۈيجاڭ ئۇنى سۇغا چۈشۈپ لاتقا ئېلىشقا مەجبۇرلىدى. تاكايوۋ ئەھۋالىنى ئېيتىپ: «قىردا بولسىمۇ مىدىرلىغاچ تۇراي!» دېدى. سەي گېپىمگە بويۇن تولغىدىڭ! دېگەن يەرگە كەلدى-دە، ئۇنى گۈرجەك تۇتقۇزۇپ ئىتتىرىپ سۇغا چۈشۈردى. كەچكۈز سۈيىنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقىغا تاكايوۋنىڭ بەرداشلىق بېرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئۇ ئىشلىيەلمىدى، سەي بۇنى ئۆزى بىلەن قارشىلاشقانلىق دەپ ھېسابلىدى - دە، گۈرجەكنى ئۆستەڭ لاسقىسىغا پاتقۇزۇپ، بىر پۇتى بىلەن گۈرجەكنى دەسسىتىپ تاكايوۋنى ئۇ يىقىىلىپ قالغۇچە توختىتىپ قويدى. بىچارىنىڭ بىر پۇتى سۇدا تۇراتتى. بۇ ئاجايىپ بىر ئازابلاش ئىدى، سەي ئۆزىنىڭ زالىملىقىغا تايىنىپ تاكايوۋنى ئۇ يىقىلىپ قالغۇچە توختىتىپ قويدى. شۇ كۈنى مۇنداق مەجبۇرلانغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە بىر تۇبىركۇليوز مەھبۇس - ئاتمىش بەش ياشلىق ئابدۇل ھەمدۇلمۇ بار ئىدى. ئىشتىن قايتاردا ئۇ قان قۇسۇۋەتتى. تاكايوۋ ئەتىسى يېتىپ قالدى. كېيىن مۇشۇنداق ئازابلار تۈپەيلىدىن ئۇ ئاخىر تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتتى. مەن ئۈرۈمچىدىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئەڭ ئاۋۋال سەي دۈيجاڭنىڭ ئاشۇ تاش تۈرەكلىكى كۆز ئالدىمغا كەلدى.
    ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىمقى ئىشى قىلتاق قويۇش ھىيلىسى ئىدى. كېيىنكى يىلى كەچكۈزدە، بىر كۈنى ئۇ قورۇغا كىرىپ كەلدى - دە، «ھاشىم مالىكنىڭ گۇرۇپپىسى بۈگۈن تاغقا تاش كولىغىلى چىقىسىلەر، تاغ سوغۇق، بارلىق قىشلىق كىيىمىڭلارنى كىيىپ چىقىڭلار!» دەپ ۋارقىرىدى. جىنايەتچىلەردە تاغلارنى كۆرۈپ كېلىشكە تويۇقسىز قىزىقىش توغۇلدى بولغاي، ئوپۇر - توپۇر بولۇشۇپ ھەممەيلەن بارىچە كىيىنىشتى. يوقلا باشقىلارنىڭ چاپانلىرىنى ئارىيەت ئالدى، يالاڭ - يوپۇڭلارمۇ چىقىپ سەپكە تىزىلدى. بىز قورۇدا ئۇلارغا ئاق يول تىلەپ قېلىشتۇق. بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار دۈكۈرۈشۈپ قايتىپ كىرىشتى. ئەمما، بەزىلىرى ئەلەم بىلەن كۈلۈپ، بەزىلىرى قاقشاپ كىرىپ كېلىشىۋاتاتتى. بۇ ئىشنى كېيىن ئۇقۇپ بىزمۇ كۈلۈشۈپ كەتتۇق. بۇ ئەسلىدە قىشلىق كىيىم تارقىتىش ھىيلىسى ئىكەن. ئۇ كىيىمى بارلار بىلەن يوقلارنى ئايرىۋېلىش ئۈچۈن ئاشۇ چارىنى ئويلاپ چىقىپتۇ. ئاخىرىدا كىيىم بېرىشكە مۇقىملانغانلار ھېلىقى يالاڭ - يوپۇڭ بىرنەچچەيلەن بىلەنلا چەكلىنىپ، زىيان تارتقانلار باشقىلارنىڭ چاپانلىرىنى كىيىپ چىققانلار بولدى. ئۇلارغا قىشىچە كىيىم تارقىتىلماي، بەكمۇ قىينالدى.
    سەي دۈيجاڭنىڭ «مۈشۈككە ئويۇن، چاشقانغا قىيىن»بولۇشتەك جازا شەكلى ئارقىلىق ئۆز كۆڭلىنى قانداق كۆتۈرگەنلىكى تېخىمۇ يادىمىزدىن چىقمايدۇ. ئۇ 1971 - يىلىنىڭ كۈز پەسلى ئىدى. خامانغا شال باغلىرى شىمالدىن جەنۇبقا سۇنايلىتىپ غارام - غارام قىلىپ تىزىۋېتىلگەنىدى. غاراملارنىڭ ئارىلىقى خۇددى تاغ جىرالىرىغا ئوخشايتتى. ئەتىگەنلىكى بىز شۇ يەرگە ئىشقا بارغانىدۇق.ئۇ كۈنى دۈيجاڭ يوق، بىزنى بىرلا ئەسكەر ھەيدەپ بارغانىدى. بىز ئىككىلا گۇرۇپپا ئادەم ئىدۇق. ئەسكەر بىزدىن نېرىدا تۇراتتى.
    خامانغا ئالدىدا يېتىپ بارغانلار ئكز ئارا بىرنىمىلەرنى دېيىشتى - دە، غاراملارنىڭ ئىككى يېقىنى توستى. مەن كىشەنلەگلىك بولغىنىم ئۈچۈن ئارقىدىراق باردىم. بايا غاراملار ئارىلىقىغا نۇرغۇن كالىلار كىرىۋالغان بولۇپ، ئارىسىدا سېغىن سىيىرلارمۇ خېلى بار ئىكەن. نەچچە يىل سۈت كۆرۈپ باقمىغاچقا، كىمدۇر بىرلىرى ھېلىقى سىيىرلارنى تۇتۇپ، تاماق قاچىلىرىغا سېغىشقا باشلىدى. «ئۆرۈك - ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ»دېگەندەك، بۇ ئىشقا قاتناشقانلار ئون نەچچىگە يەتتى.  بىز كۈلۈشەتتۇق، چۈنكى بەزىلەر: سىيىرلار ئەرلەرگە ساغدۇرمايدىكەن، دەپ بېشىغا لۆڭگىلەرنى ئورىۋېلىشقانىدى. ساغالىغانلار خېلى ساغدى، جۈملىدىن ئۇلار خام سۈتنى شۇ يەردىلا قول - قولچە ئىچىشتى. مەن بۇنداق ئىشلارغا ئارىلاشمايتتىم. ئىشقا چۈشكۈچە بايىقىلار مۇشۇ ئىش بىلەن خېلى ئوپۇر - توپۇر بولۇشتى.
    سىيىر سېغىش«پائالىيىتى» ئەمدىلا ئاخىرلىشىپ تۇرۇشىغا، ھېلىقى سەي دۈيجاڭ دېگەن نەرسە كېلىپ قالدى - دە، ئەھۋالنى ئاۋۋال نېرىدا نازارەت قىلىپ تۇرغان قاراۋۇلدىن ئۇقتى، ئاندىن گۇرۇپپىدىكى باشقا بىرەيلەندىنمۇ ئىگىلىدى ۋە سۈتكە چېپىلغان - چېتىلغانلارنى شۇنداق جازالىدىكى، ئەگەر قادىر دۈيجاڭ كېلىپ قالمىغان بولسا، تېخىمۇ يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى. ئۇ ئابدۇرېھىم، سەيدۇللا قاتارلىق مەھبۇسلارنى خاماننىڭ يېنىغا توختىتىپ قويۇلغان تراكتور كوزۇپىنىڭ ئۈستىدە بېشىنى توۋەن، پۇتىنى ئاسمانغا قىلىپ تۇرغۇزۇپ قويدى. ئاز ئۆتمەيلا خام سۈت ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يېنىپ كەتتى. ئۆزلىرىمۇ چىداپ تۇرالماي قالدى، پەستىكى ئىشلار ئۇنىڭدىنمۇ دەھشەتلىك ئىدى: ئەخمەت ئابدۇرېھىمنى خامان چىڭدايدىغان يوغان تۇلۇق تاشنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويدى ۋە پۇتى بىلەن تۇلۇق تاشنى تېپىپ دۈگىلىتىپ، ئۇنىڭ ئاللىقانداق شەكىللەردە يۇمىلاق يىقىلىشىنى تاماشا قىلىپ ئوينىدى. گۇرۇپپا باشلىقى ئابلىمىتنى بولسا، ئىككى بىنزىن تۇڭىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىرنەچچە تال ياغاچ قويۇپ شوتا شەكىللەندۈرۈپ، شۇنىڭ ئۈستىگە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ قويدى. جۈملىدىن تۇڭلارنى ئىتتىرىپ ئويناپ ئابلىمىتنىڭ يىقىلىشىنىمۇ تاماشا قىلدى؛ ئابدۇۋاھاپ، نۇرى قاتارلىقلارنى تىزلاندۇرۇپ ئېڭىشتۇرۇپ قويدى. قىسقىسى، سىيىر سېغىش ۋەقەسىگە قاتناشقانلارنىڭ ھېچقايسىنى قالدۇرماي، خالىغانچە ئەدەپلەپ چىقتى، ئىش داۋاملىشىپ بەزى جىنايەتچىلەر باشقا كەلگەننى كۆرۈش دەرىجىسىگە يەتكەندە، قادىر دۈيجاڭ كېلىپ قالدى - دە، ھەممىنى جازادىن ئازاد قىلىۋېتىپ، ئىشنى تەنقىتد بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.
    سەي دۈيجاڭ ئۈچۈن، تىللاش، ئۇرۇش دېگەنلەر ئادەتتىكى خىزمەت ئۇسۇلى ئدى. ئۇنىڭ خەنزۇ جىنايەتچىلەر گۇرۇپپىلىرىدىكى زوراۋانلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەس، شۇڭا سەي دۈيجاڭ قايسى گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇللۇقىدىن يۆتكەلسە، شۇ گۇرۇپپىدىكى جىنايەتچىلەر ئۈچۈن خۇشاللىق ئىدى. ئۇ ئالمىشىپ بارغان گۇرۇپپىدىكىلەرنى غەم باساتتى. ئەڭ ئالدىنقى تاياقچى سەي دۈيجاڭ بولغان بىلەن بۇنداق زوراۋانلىقتىن باشقىلىرىمۇ خالىي ئەمەس ئىدى. كولاۋاتقان تۇرۇپتىن بىر تال يەپ قويغانلىقى ئۈچۈن 1970 - يىلىكۈزدە توققۇز تارالىق مەختۇمنىڭ كالتەكلىنىپ ياتقۇزۇۋېتىلگەنلىكى، يەنە بىر قېتىملىقىدا خەيرۇلكامنىڭ ئورنىدىن تۇرالماي قالغانلىقى قاتارلىقلار ھېچقايسىمىزنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ. بۇلار شىن فامىلىلىك بىر دۈيجاڭنىڭ قولىدا بولغانىدى.
    *************
    قارا بۇغرا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ، نۇرغۇن ۋەقەلەرنى ئاڭلاپ كەتتۇق. ئۇ چاغلاردا ئۇۋالچىلىققا، يۇقىرىقىدەك ياۋايىلارچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلار كۆپ بولغاچقا، بەزىلەر سۈكۈت ئىچىدە ياىشى كۈنلەرنى كۈتكەن بىلەن يەنە بەزىلەرنىڭ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە تۇرغۇسى كەلمەيتتى.  1971 - يىلىنىڭ ھارپىسى، تازا جازاڭلاپ تۇرغان قەھرىتان سوغۇقتا تېكەس ناھىيىسىدىن زور بىر تۈركۈم جىنايەتچىلەر يۆتكەپ كېلىندى. ئۇلار قورغان نىڭ شەرقىي تەرىپىگە ياساپ قويۇلغان ئىنتايىن ناچار كورپۇس ئۆيلەرگە چۈشۈرۈلدى. ئارىسىدا مەن بىلەن بىر سوتتا كېسىلگەن جىنايەتچىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئىلى ئوبلاستلىق تۈرمىدىن يۆتكىلىپ بېرىپ، تېكەسنىڭ كۆكسۇ دېگەن يېرىدە ئاشلىق ساڭ قۇرۇلۇشىغا ئىشلەپتۇ. مەن ھېلىقى ماگىزىن ئوغرىسى ئىرىمنىمۇ ئۇلاردىن سۈرۈشتۈرسەم، كەلگەنلەرنىڭ ئارىسىدا يوق ئىكەن، ئۇلار ماڭا ئىرىم توغرىسىدا كارامەت ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى: ئۇ بىر قېتىم قېچىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ. ئىككىنچى قېتىم ماراش دېگەن بىر جىنايەتچى بىلەن «چىقىپ كېتەلىسە، تۇتۇلۇپ قالسىمۇ تىرىك قايتماسلىق» لەۋزى بىلەن قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇلار قولىغا بىر چالغا تىغىنى ئېلىۋاپتۇ. ئۇلار تاغ تەرەپكە قېچىپ،دۆلەت چېگرىسىنى نىشان قىلغانىكەن. لېكىن، سېزىلىپ قېلىپ، كەينىدىن ساقچى بىلەن ئەسكەرلەر ئۇلارنىڭ ئىزىغا چۈشۈپتۇ. ئىككىسى بىر تاغنىڭ ئۈستىگە چىققاندا، تۆۋەندە تۆت تەرەپتىن ئەسكەرلەر قورشاپ چىقىپ كېلىۋاتقاچقا، قۇتۇلۇشتىن ئۈمىدى ئۈزۈلۈپ، ئۆلۈۋالماقچى بولۇپتۇ. ئىرىم ماراشقا:« ئاۋۋال سەن مېنى ئۆلتۈر، ئاندىن ئۆزۈڭ ئۆلۈۋال!» دەپتۇ. ماراش: «ياق، ئاۋۋال سەن مېنى ئۆلتۈر، ئاندىن ئۆزۈڭنى!» دەپتۇ. تىغ بىر تال بولغاچقا، ھەر ئىكىسى بىر - بىرگە تىغ ئۇرۇشقا پېتىنالماپتۇ. بۇ جىددىي پەيىتتە ماراش قەيئىي نىيەتكە كەپتۇ - دە، «ھەر كىم ئۆزىنى ئۆزى ئۆلتۈرسۇن!» دەپلا چالغىنى كېكىردىكىگە سۈرۈپتۇ - دە، يىقىلىپتۇ. بۇ چاغدا تۆۋەندىن ئەسكەرلەرمۇ باستۇرۇپ چىقىپ بولغانىكەن. ئىرىم چالغىنى  ماراشنىڭ ئۈستىدىن ئېلىپ ئۆزىنى بوغۇزلىۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي تۇتۇلۇپ قاپتۇ. قانغا مىلىنىپ جان تالىشىپ ياتقان ماراش بولسا، ئابدۇرازاق دۈيجاڭ دېگەن كىشىنىڭ بىر پاي ئوقى بىلەن تىنچ تاپقان.
       ئىرىم ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىگە قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە قېچىپ كېتىپتۇ. ئۇ قاچىدىغانلىقىنى ماڭا تۈرمىدىلا ئېيتقان، لېكىن مۇنداق مۇۋەپپەقىيەتسىز قېچىشلاردىن ساۋاق ئالمايدىغانلىقىنى ئېيتمىغانىدى. ئۇ باشقىلارغا ئۆز ھايات نۇقتىئىنەزەرىنى ئىزاھلاپ: «ھەممىنى تەغدىر بەلگىلەيدۇ، پېشانەڭ ئوڭ بولسا، قاچساڭمۇ ئۆلمەيسەن؛ ئوڭ بولمىسا، قاچساڭمۇ ئۆلۈپ كېتىسەن!» دەيدىكەن. ئۇ يالغۇز ئوغۇللا ئەمەس، يالغۇز پەرزەنت ئىدى. كىچىكىدىنلا ئۆز مەيلىگە قويۇپ ئۆگىتىلگەچكە، ئۇنىڭدا قورقۇمسىز، قارام، تەۋەككۈلچىلىك خاراكتېر يېتىلگەن، كېيىن مەن ئۈرۈمچىدە ئۇنىڭ بىلەن خاڭدىن قېچىپ، يىگىرمە يىل كېسىلىپ كەلگەن ئابدۇراخمان دېگەن جىنايەتچىدىن ئىرىمنىڭ چېگرا  بۇزۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈپ، سوتلاپ ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى ئۇقتۇم، مۇنداق ئاقىۋەتنى مەن كۆپىنچە ئۇنىڭ تەغدىرچىلىك كۆز قارىشىنىڭ توغرىلىقىدىن ئەمەس، ئەكسىچە بايىقى خاراكتېرىدىن كۆرەتتىم.
    *********
       بىزنىڭ مۇھىتىمىزدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئارىسىدا تارىخىي ئەسكەرلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. ئالتەيلەن ئۈچ يۈز سوم پۇل ئۈچۈن بىر بىچارە موماينى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، يەنە : « ئۇنىڭمىغۇ جېنى سېسىپ قالغان قېرى ئىكەن، شۇنىڭغىمۇ شۇنچە كېسىۋەتتى!» دەپ ھاپشىپ يۈرگەن تەتۈرلەر؛ ئۆمرى ئوغرىلىق بىلەن ئۆتۈپ، ئەمگەك بىلەن ئكزگەرتىش ئەترىتىدىكى، كامىردىكى ئورتاق تەقدىردىمۇ بىرلىرىنىڭ يانچۇقىغا، كىيىم - كېچەكلىرىگە قول سېلىپ، ئۇچرىغاننى قاقشىتىپ يۈرگەنلەرمۇ؛ ئېتىزدا بىر تۈپ كەندىر كۆرسە، شۇنىڭ بېشىنى ئىگىپ ئۇۋۇلاپ يۈرىدىغان چېكەرمەنلەرمۇ؛ ئۆمرىدە پېشانىسى تەرلىگۈدەك ئىشلەپ باقماي، باشقىلارنى قاقشىتىپ ياشاپ ئادەتلەنگەن يانچۇقچى، ھۇرۇن - لەقۋالارمۇ؛ جەمىئىيەتتە توغرا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماي، يېنىپ - يېنىپ تۈرمىگە كىرىپ - چىقىپ يۈرگگ ۆگخ جىنايەتكارلارمۇ؛ باشقىلار ئۈستىدىن چېقىمچىلىق قىلىپ، ھۆكۈمەتكە ياخشى كۆرۈنۈپ، كەچۈرۈم ئېلىپ تۈرمىدىن بالدۇرراق چىقىپ كېتىشنى خىيال قىلىدىغان خەتەرلىك شەخسلەر بىلەن ئەخمەق، نادانلارمۇ بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرى ئىدى. غەلىتە يېرى شۇكى، كۆپچىلىكنىڭ ئاشىانىسىغا دەل مۇشۇنداقلا ئاچىقىپ قويۇلاتتى. ئۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت: بۇنداق يەرلەرگە سىياسىي جىنايەتچىلەر ئاچىقىپ قويۇلسا، قازانلارغا زەھەر تاشلىۋېتىشى، ئاشخانىلارغا ئوت قويۇۋېتىشى مۇمكىن، دېگەندەك كۈلكىلىك ھۆكۈملەردە بولاتتى. ئەكسىچە، بىزنىڭ ئەترەت ئۇزاق ئۆتمەيلا خۇپىيانە نان سودىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئالدىنقى خىلدىكى نىيىتى يامان، قارا يۈرەكلەردىن كەلگەن ئىش ئىدى.
       مۇشۇنداقلارنىڭ تىپى - سۈپىتىدە ئاشخانىغا «مايمۇن» لەقەملىك بىر خەنزۇ جىنايەتچى گۇرۇپپا باشلىقى قىلىپ چىقىرىلغاندا، ھېلىقىدەك ئىشلار تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. ئۇ يەنە كېلىپ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئاشلىق نورمىمىز قىرىق جىڭغا ئۆستۈرۈلگەن چاغ ئىدى. نومرمىمىز ئۆسكەن تۇرۇقلۇق نانلارنىڭ كىچىكلەپ، تاماقنىڭ سۇيۇقلاپ، سەيلەرنىڭ ئازىيىپ، ئاچلىقنىڭ ئەۋج ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىزنىڭ «مايمۇن»غا بولغان ئورتاق ئۆچمەنلىكىمىزنى پەلەككە يەتكۈزدى. ئۇنىڭ بىلەن يەكمۇ يەك تىللىشىپ، ئۇرۇشۇپمۇ بەھر ئالالمايتتۇق. ئۇ ھېچقايسىمىزدىن قورقمايتتى. ئۇ كادىرلارغا بەك يېقىن بولۇپ، ئۇلارنى قولغا كەلتۈرۈۋالغانىدى. ئۇ خۇددى ئىگىسى بىلەن كۈچلىنىپ كەتكەن ئىت ئىدى. بىزنى تالاپ تۇراتتى.
      بىز «مايمۇن»دىن دەل ئاشۇنداق بىزار بولۇپ تۇرغان كۈنلەردە ئۇ تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قالدى. بۇ ھەممە ئۈچۈن ئاسماندىن چۈشكەن ياىشىلىقتەك تۇيۇلۇپ كەتتى. ئەمما، ھەپتە ئۆتمەيلا قورۇدا: «ۋاي، مايمۇن تىرىلىپ قاپتۇ. ھازىر ئۇ چاڭبۇدا ئىكەن، يەنە دۈيگە كېلىپ ئاشىانىدا ئىشلەيدىكەن» دېگەن خەۋەر تارقالدى. بىز ئىشىنىپ قالدۇق. ھەممىمىزنىڭ بېشىغا قايغۇ چۈشتى. بۇ، بىر ئەسكىنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن يامان تەسىرى ئىدى.
       ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە يۇقىرىقىدەك ئەلەخلەرنىڭ ئەكسىچە، «جىنايەتچى» نامى ئاستىدا سۈكۈت - سەۋر بىلەن ياشاۋاتقان، قورغاس ناھىيىسىدىن: ئەخمەت قاسىم، مۇقاش ئىسمائىل، قۇربان داۋۇت، خۇدابەردى ھاجى، مۇسايوف، ھېلىم چوڭ؛ توققۇزتارادىن: ئەنسەر، ئاياتبېك ، مەختۇم، مەخسۇت، ئابدۇل مۆيدىن... قاتارلىق ئاجايىپ ئېسىل كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەر قانداق قىيىن كۈنلەردىمۇ ئۆزىنى يوقاتماي، داتلاشماس ئالتۇندەك پەزىلەت بىلەن ياشايتتى، ئاچلىقتىن جۈدەپ بېشىمىز قاپاقتەك، بوينىمىز ساپاقتەك بولۇپ قالغان مەزگىللەردىمۇ قورساق ھەققىدە گەپ قىلمايتتى. ئۇلارنىڭ ئەقلى كامىل، كۆزى روشەن ئادەملەر ئىدى. ئكزلىرى ھەققىدە ھەققانىي خۇلاسىلەر چىقىرالىغاچقا، «بىز ۋاقىتلىق بوران ئۇچۇرۇپ كەلگەن ئادەملەر!» دەيتتى. ئۇلار ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەردىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز، مىجەز - خۇلۇق ۋە ئۆمۈر كەچمىشلىرىنىڭ ھەممىسى باشقىلارغا ئەھمىيەتلىك تەبىئىي تەربىيە ئىدى.
       ياخشى تەبىئەتلىك كىشىلەر ھەققىدە گەپ بولغاندا، مەن تولا چاغلاردا ئەمەت كېرىمھاجى دېگەن سەكسەن نەچچە ياشلىق بوۋاينى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ كىشى ئۆزى ساۋاتسىز بولغىنى بىلەن چوڭلارنىڭ داستىىان، سورۇنلىرىغا كۆپ داخىل بولغاچقا، كۆرگەن - بىلگەنلىرى ناھايىتى كۆپ ئىدى. تۇرمۇش ھېكمەتلىرىگە باي، كىشىلىك تەبىئىتى ئىنتايىن گۈزەل بولغاچقا، كۆپچىلىك بەك قەدىرلەيتتى، ئەمەت ھاجىملار بىزگە تېكەستىن كەلگەنلەر بىلەن قوشۇلغان. ئۇنىڭ جازا ھۆكۈمى ماڭا ئوخشاش بولغاچقا، قارا بۇغراغا كېلىشىگىلا كىشەنلەپ قويدى. ئۇنىڭغا بۇ بەك ئېغىر كەلدى. ئىسترويدا يېتىشىپ ماڭالمايتتى. نەتىجىدە جىنايەتچىلەر دۈي ىادىملىرىغا تەلەپ قويۇپ، كاپالەتكە ئېلىپ كىشەننى ئالغۇزۇۋەتتى. بۇ ئەمەت ھاجىكامنىڭ يېشىنىڭ چوڭلۇقىدىن كۆرە كىشىلىك پەزىلىتىنىڭ ئېسىللىقىدىن ئىدى. ئكزى كەسپىي ساتىراش بولغاچقا، بىكار بولسىلا، بىزنىڭ چا - ساقاللىرىمىزنى ئېلىپ قوياتتى. ئۇ بەك چايخۇمار ئادەم ئىدى. كەچتە ئورۇنغا كىرىپ بولغان بولسىمۇ، بىز : «ھاجىكا، مانا مەشەدە ئاتنىڭ قېنىدەك دەملەنگەك بىر پىيالە چاي بار، ئىچىۋالسىلىچۇ؟! ئەمما، ئالدىن ئېيتىپ قويايلى، بۇ چاينى ئىچسىلە كېچىچە تۆت قېتىم تالاغا چىقىدىغانمۇ ئىش بار، قانداق قىلىلا؟» دېسەك، «ۋاي ئىچەي بالىلىرىم، ئىچەي، ئون قېتىم چىقىدىغان ئىش بولسىمۇ ئىچەي!» دەپ ئورنىدىن تۇراتتى.
       مەن بەزىدە ئابدۇل مۆيدىن بىلەنمۇ پاراڭلىشىپ قالاتتىم. ئۇ ئىنچىكە، ئېگىز ئادەم ئىدى. چاچ - ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان بولۇپ، دائىم كونا قىرغىزچە ئاق مالخىيىنى كىيىپ يۈرەتتى. بەك كەم سۆز بولۇپ، تاماكىنى تولا چېكەتتى. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزىنى ئەيىبلەش ئىدى. دادىسىنىڭ ئكزىنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغاندەكمۇ قىلاتتى. بىراق بۇنى ئېنىق تىلغا ئالمايتتى.
       - بەش - ئالتە ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك، - دېدى ئابدۇلكام ماڭا بىر سۆھبەتتە، ـ ئۆيگە دادامنىڭ بىر ئاغىنىسى كېلىپ قالدى. مەن ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماي، مېھماننىڭ بىردەم ئالدىدىن، بىردەم كەينىدىن غۇيۇلداپ ئۆتۈپ يۈرەتتىم، ئۇ مېنى كۆزەتسە كېرەك، دادامغا، مۆيدىن، مۇشۇ بالاڭ ياخشى ئادەم بولمايدۇ جۇمۇ، قارا بۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشىنى، دېدى. دادام جاۋابەن،ياىشى بولمىسا، ماڭا تۇشلۇق بولار، دېدى پەرۋا قىلماي. ھېلىقى ئادەم، ئەمدى ئويلىسام ، سىنچى ئادەم ئىكەن، مەن كېيىن دادامنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئاشۇرۇۋەتتىم.
       ـ بالا - چاقىغۇ باردۇ؟ - سورىدىم مەن.
       ـ تۆت - بەشنى ئېلىۋەتكەنمەن. ئالدىنقى خوتۇندىن ئىككى بالا ئۆلۈپ كەتتى، كېيىنكى بىرنەچچىسى بىلەن تۈزۈككىنە ئۆيمۇ تۇتمىدىم. يەتمىشكە قاراپ ماڭغان بولساممۇ، بالا تاپقۇچىلىكىم بار، دەپ بىر موماينى ئالغانىدىم. ئۇ تۇغمىدى! ــ دېدى ئابدۇلكام ئاخىر. مەن كۈلۈپ  كەتتىم.
      بايىقى ئادەملەردىمۇ ئابدۇلكامدەك ئۆزىگە خاس ھايات ھېكمەتلىرى نۇرغۇن ئىدى.«كۆپ بىلەن كۆرگەن كۈن - بەجايىكى توي» دېگەن گەپلەر ئەتىمالىم ئاشۇنداق ئادەملەر بار يەردە مۇشەققەتنىڭ قارشىسىدا چىدام ۋە تەسەللىنىڭمۇ ئاز بولمايدىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.
    *********
       بىز ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىنىڭ قاتتىق كۈنلىرىگە كۆنۈپ قالغانىدۇق. بۇ يەردىكى نەچچە يۈز تەغدىرداشلار ئۆزىمىزگە تۇشلۇق ئويۇن - كۈلكىلەردىمۇ بولاتتۇق.  ھەر شەنبە كۈنى كەچتە ئۆگىنىش بولمايتتى. مۇنداق شەنبە كەچلىكلىرى بىز ياتاقتا ئورۇن ـ كۆرپىمىزەە يۆلىنىپ يېتىپ پەس ئاۋازدا ناخشا ئېيتاتتۇق. ئېيتىدىغانلىرىمىز مۇڭلۇق خەلق ناخشىلىرى ئىدى. ئەمما، تەغدىرىمىز نازۇك بولغاچقا، ئىنتايىن ئېھتىيات قىلاتتۇق. ناخشىنى كىم باشلاشنىڭ ئۆزىمۇ بىر گەپ ئىدى. بىر كۈنى «سەن باشلا، سەن باشلا» دەپ تۇرۇشۇپ قالدۇق. چۈنكى، بىرى بىزنى «سېرىق ناخشا ئېيتتى» دەپ مەلۇم قىلىپ قويسا، جاۋابكارلىق ناخشا باشلىغان كىشىگە چۈشەتتى. بۇ مېنىڭ ئىككى يىلدىن كېيىن ئىجرا  قىلىش دېگەن ئۆلۈم  ھۆكۈمىمنىڭ توشۇشىغا ئازلا قالغان چاغلار ئىدى. شۇڭا ھاشىم چاقچاق قىلىپ:« ئاداش، ئىككى ئاي ۋاقتىڭ قالدىغۇ، سەنلا باشلىغىنا؟!» دېۋىدى، ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. بۇ گەپلەرنى بىز ھېلىغىچە ئەسلىشىپ تۇرىمىز.
       بىزدە چالغۇ ئەسۋاب يوق ئىدى. دەسلەپتە ئىسلام ئەلى دېگەن قازاق جىنايەتچىنىڭ دومبىرىسىنى ئارىيەت ئېلىپ، ئۇيغۇرچە پەدىلەرگە چېلىپ يۈردۇق. كېيىن سىرتتىن ئون بەش سومغا بىر دۇتار سېتىۋالدۇق. نۇرۇم مەسۇم دېگەن ياغاچچى تېرەكتىن بىر تەمبۇرنىڭ بېشىنى كەلتۈرۈپ بەردى. ئۇنڭ تولۇق ئويۇلمىغان قورسىقىدا ئابدۇراخمان غېنى قارى دېگەن جىنايەتچى بىر قىش تاماكا چاناپ چىقتى. كېلەر يىلى بىز ئۇنى رەسمىي تەمبۇر قىلىۋالدۇق. ئەمدى داپ كەم ئىدى. بۇنى ئالىمكامغا بىر ئۆچكە تېرىسى ئەكەلدۈرۈپ ئۆزىمىز كېرىيدىغان بولدۇق. بىر كۈنى ئىش مەيدانىدا ئالىمكام ئېتىنى سالدۇرۇپ يېنىمىزدىن ئۆتۈپ قالدى. مەن:
       ـ ھەي ئالىمكا، بىر ئۆچكە تېرىسى تېپىپ بەرگىنە! ‏ـ دەپ ۋارقىرىدىم. ئۇ:
       ـ ھە، نېمە قىلىسەن؟ ـ دەپ سورىدى.
       ـ داپ كېرەتتۇق! ـ دېدىم مەن جاۋابەن.
       ـ ھە، ئەمدى باخشى بولاي دەپسەندە! ـ دېدى ئالىمكام ۋە «ماقۇل» دەپلا ئېتىنى دېۋىتىپ كېتىپ قالدى. بىز كۈلۈشۈپ قالدۇق. ئاخىر داپ ۋۇجۇدقا چىقمىدى. دۇتار،تەمبۇرگە شۈكۈر قىلىپ يۈرىۋەردۇق. بىزدە ئىسمائىل «بەنجاڭ»، ئىسمائىل قورچاق دەيدىغان كونا سازەندە، كامالەتكە يەتكەن ناخشىچىلار بار ئىدى. بەزى دەم ئېلىش كۈنلىرى ئۇلاردىن شۇنچىلىك ھوزۇر ئالاتتۇقكى، تارتىۋاتقان پۈتكۈل جاپا - مۇشەققەتلىرىمىز ئۇنتۇلۇپ كېتەتتى. مەنمۇ دۇتار، تەمبۇرنى تامان ئەمەس چالاتتىم. تەمبۇر دائىم بېشىمدا تۇراتتى. بەش مىنۇت پۇرسەت بولسىلا قولۇمغا ئالاتتىم.
      بىزنىڭ تارتىۋاتقان جاپا، كۆرۈۋاتقان كۈنلىرىمىزنى بىلگەن ئادەملەر ھېچقاچان بىزنى ساز چالىدۇ، ناخشا ئېيتىدۇ، دەپ ئويلىمايتتى. لېكىن بىزنىڭ روھىمىز ئۆلمىگەنىدى. بىزگە ئۈمىد، ئىشەنچ ھەمىشە ھەمراھ ئىدى. بىز سۇنۇپ تۈگىشىپ كەتكەنلەردىن ئەمەس ئىدۇق. ئامالنىڭ بارىچە ئۆزىمىزنى روھلۇق، تېتىك تۇتۇشقا تىرىشاتتۇق. بەزىلەر يىغىنلارنىمۇ ئويۇنغا ئايلاندۇرۇۋالاتتى. ھارۇن ئىبراھىمنىڭ قاچقۇنلۇق ھېكايىلىرىنىڭ مۇشۇنداق تۈس ئالغانلىقى ھېلىغىچە يادىمدا تۇرۇپتۇ. ئۇ 1970 ـ يىلى كۈزدە قېچىپ، 1971 ـ يىلى ئاپرېلدا تۇتۇپ كېلىندى. ۋاڭ گەنسى ھەر كۈنى كەچتە قورۇ ئوتتۇرىسىغا مىللىي جىنايەتچىلەرنى يىغىپ، ئۇنى تەنقىد - پىپەن قىلىشقا ئۇيۇشتۇردى. ۋاڭ گەنسى بىزگە: «ئۇنىڭ ئەكسىيەتچى ئىدىيىسىنى پىپەن قىلىڭلار!» دەيتتى. بىز بولساق: «تولۇق تاپشۇر قويماي تاپشۇر!» دەپ ۋارقىراپ، ئۇنىڭ قېچىش جەريانىدىكى ھەم قىزىق، ھەم مۈشكۈل ۋەقەلىكىنى سكزلەشكە بۇرايتتۇق. بەزى تەۋرىنىپ تۇرغان قۇۋلار مۇشۇنىڭدىن قېچىشنىڭ ئاسان ياكى قىيىنلىقىنى مۆلچەرلەشكە تىرىشاتتى.
      ــ قولۇمدىكى كويزىنىڭ چېقىلمىغان بىر تەرىپىنى مايكام بىلەن تېڭىپ، بوينۇمغا ئاسقانچە تاغ ئارىسىدا كېتىۋاتسام ياراشمايدىغان قاپىقىم تارتقىلى تۇردى، ــ دەيتتى ھارۇن ئىبراھىم يولدا بىر قېتىم تۇتۇلۇپ، يەنە قېچىپ كېتىش جەريانىنى بايان قىلىپ، ــ يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كەتتى. ھايال قىلماي تاغ باغرىدىن بىر قازاق چارۋىچى ئاتلىق چۈشۈپ كەلدى، يېنىمدا تاماكا بولمىغاچقا تۇتۇلۇپ قالدىم.
       ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق. كۈلكىنىڭ تەكتىدە سەۋەب بار ئىدى. ئەسلىدە شۇ ئەتراپتا دائىم يول كۆزىتىپ يۈرىدىغان قازاقلار بار ئىدى. ئۇلار كۆتكەن ـ كەچكەننى توسۇپ، مەنپەئەت ئالاتتى. ئۇلار ئاۋۋال سىزدىن: «تەمەكەڭ بارما؟» دەپ سورايدۇ. بار دېسىڭىز قۇتۇلىسىز، يوق دېسىڭىز تۇتۇلىسىز. چۈنكى، «يوق!» دېسىڭىز، تونۇشتۇرۇش سورايدۇ، يول خېتىڭنى چىقار، دەيدۇ. ئۈزۈندە ئوقۇپ بەر، دەپ قىستايدۇ. ئەيتاۋۇر قۇسۇر تاپماي قويمايدۇ. ئاخىر «يۈر دادۈيگە!» دەپ  سۆرەيدۇ. ھارۇن مانا مۇشۇنداقلارغا يولۇقۇپ قالغانلىقىنىمۇ سۆزلەيتتى.
       ھارۇننىڭ ھېكايىسى بەك مۇرەككەپ ۋە قىزىق ئىدى. ئۇ بىرەر پوۋېستقا ئەرزىيتتى. ئۇ 1972 ـ يىلى سەككىز جىنايەتچىنى تەشكىلللەپ، يەنە سېپىلنى تېشىپ چىققاندا، تكشۈك ئاغزىدا تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ يېرىم كېچە ئىدى. قورۇ ئىچى بىر كېچە قالايمىقان بولدى. دەسلەپتە مىلتىق ئاۋازى چىقىشى بىلەنلا ئويغىنىپ كەتتىم. تۇيۇقسىز ئىشىك ئېچىلىپ بىزنىڭ ياتاققا بىرى پالاقلاپ قېچىپ كىردى. ئۇ ئىمام تۇرسۇن ئىكەن، ئۇ مېنىڭ يېنىمدا ياتاتتى. ئىمام ئەمدىلا ئورنىغا كىرىپ يېتىشىغا، «ئىمام دېگەن قايسىڭ؟» دەپ ئىككى ئەسكەر كىرىپ كەلدى. زۇجاڭ كۆرسىتىپ قويدى. ئۇلاردىن بىرى شۇئان مىلتىقنىڭ ئىشتىكىنى ئىمامنىڭ يوتقىنىنىڭ تۆۋىنىدىن بىر تىقىۋىدى، ئىمام سەكرەپ قوپۇپ كەتتى، ئۇنىڭ پۇتى يارىلانغانىدى.
       ئەتىگەنلىك ھويلىغا چىقساق، سەككىزەيلەننى قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا قاتار تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ. ھارۇن سەپنىڭ بېشىدا ئىكەن. ئۇنىڭ بىر كۆزىدىن ئاققان قان يۈزىنى قىپ قىپقىزىل بويىۋەتكەنىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ھېلىقىدەك ھېكايە سۆزلەپ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئاچقۇچىلىكى قالمىغانىدى. ئۇنىڭ پۇتىغا بىرنەچچىلا زەنجىرلىك يوغان بىر كىشەن سېلىپ قويدى. باشقا يەتتەيلەننىڭمۇ يېگەن تايىغى ئاز بولمىدى. بىرنەچچە ئايدىن كېيىن چوڭ يىغىن ئېچىپ، ھارۇنغا يەنە بەش يىل قوشۇپ قويدى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى تاياقلار ئۇنتۇلۇپ، بالىلار شۇ قېتىمقى مەغلۇبىيەتلىك قېچىشنىڭ جەريانلىرىنى سۆزلەپ ، يەنە بىر - بىرىنى شاڭخو قىلىشىپ يۈرۈشتى.
       ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە كۈۈنلەر ئەنە شۇنداق ئۆتەتتى، ئاڭلايدىغان رادىئو، ئوقۇيدىغان گېزىت، كۆرىدىغان كىتاب دېگەن دورىلىققىمۇ تېپىلمايدۇ، كەچكىچە «ئۈزۈندە» ئوقۇشقا زورلاپ بىزار قىلاتتى.
    **********
      ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش ئەترىتىدە ئون يەتتە نەپەر ئايال جىنايەتچى بولۇپ، ئۇلار تۈرمە سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى ئايرىم ياتاقلاردا ياتاتتى. ئۇلارنىڭ ئىش ئورنى ھەمىشە بىزدىن ئايرىم بولاتتى. پەقەت يىغىنلاردىلا بىللە بولاتتۇق. ئۇلارنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ئوتتۇز ياشلار ئەتراپىدىكى ما جۇڭشياڭ ئىسىملىك ئىنتايىن قابىل بىر خۇيزۇ چوكان ئىدى. ئۇنىڭ ئەرلەردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەمگەكچانلىقى ھەممىنىڭ ئاغزىدا داستان ئىدى. شال ئورمىسىدا، دۈيجاڭ ئىككى يۈزدىن ئارتۇق ئەر جىنايەتچىلەر ئارىسىدىن تاللاپ، مەتەش ئىشىملىك ئەڭ قاۋۇل بىر قىرغىز جىنايەتچىنى ئۇنىڭغا سېلىۋىدى، مەتەش يېڭىلىپ قالدى.
       ئۇنىڭ ئويناپ تۇرغان كۆزلىرىدىن شەھۋەتپەرەسلىكنىڭ ھېچقاچان قانمايدىغان خۇمارى بەرق ئۇرۇپ تۇراتتى. ئۇنىڭ رايى ھامان ئەرلەرگە تەلپۈنۈپ تۇراتتى. ئاتىانىدا ئىشلەيدىغان يۈسۈپ ئىسىملىك بىر خۇيزۇ جىنايەتچى بار ئىدى. ئۇ بىر كۈنى بۇ ھەقتە ماڭا ما جۇڭشياڭنىڭ ئاشۇ ئىنتىلىشلىرىگە ئائىت بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
       ـ چۈشتە ياتاقتا سۇ ئىسسىتىۋاتسام، تۇيۇقسىز ماجۇڭشىياڭ كىرىپ كەلدى، ـ دېدى ئۇ، ــ سۇنى نېمە قىلىسەن؟ ـ دەپ سورىدى ئۇ. «يۇيۇنىمەن!» دېدىم مەن. «ھېچ ئىش قىلمايلا يۇيۇنامسەن؟ ساڭا ئايال كۆرمىگىلىمۇ ئۇزاق بولۇپ كەتتىغۇ!» دېدى ئۇ. مەن قورقۇپ رەت قىلىۋىدىم، ئۇ ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئىشىكنى جالاققىدە يېپىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.
       بىز ماجۇڭشىياڭ ھەققىدە ئەيتاۋۇز پات - پاتلا مۇشۇنداق گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتۇق.  ئۇ ئۆزىمۇ لۈكچەكلىك جىنايىتى بىلەن چۈشكەن بولۇپ، كونا شەيتانلىرى ۋەسۋەسىگە سېلىپ تۇراتتى.
      ئاياللارنىڭ ئارىسىدىمۇ ئۆزىەە تۇشلۇق ئىشلار بولۇپ تۇراتتى. ئەمما، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى ئۆز گۇرۇپپىسىدىلا پۈتتۈرەتتى. ئۇلارنىڭ دۈيجىڭى سىلىق، ياۋاش، ياخشى تەبىئەتلىك ئايال ئىدى.
    ******* 
      بىز شۇنداق قاتتىق كۈنلەردىمۇ يەنە ئادەملەردىكى روھنىڭ نەمۇنىلىرىنى، ئۇنىڭدىن ھېچكىمنىڭ مەھرۇم قىلالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاقايىپ دەلىللەرنى كۆردۇق. ئىنسانىي روھ ھەممىگە ئورتاق روھ، بۈيۈك ئىنسانىي خىسلەتلەر بىر مىللەتكە خاس قىلىپ يارىتىلغان ئەمەس، بۇنىڭ مىساللىرى بىزنىڭ كەينىمىزدە قورال تۇتۇپ يۈرگەن بىر نەچچە خەنزۇ جەڭچىلەردە ئەڭ روشەن ئايان ئىدى. بىز ئىشلەپ ئىككى يىل بولا - بولمايلا جىنايەتچىلەر بەنجاڭلەرگە ئاستىردىن لەقەم قويۇپ بولدى. ئۇلار «ئالتۇن بەنجاڭ»، «ياۋاش بەنجاڭ»، «ئەرجۈەنزى بەنجاڭ»، «قوشكېزەك بەنجاڭ»، «ھارۇن بەنجاڭ»، «ياۋۇز بەنجاڭ»، ۋە باشقىلار. ياخشىلىرىنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن تەسىرلىكى «ئالتۇن بەنجاڭ»ئىدى. ئۇ ئامالىنىڭ بارىچە بىزەە يېقىملىق گەپ، پايدىلىق ئىشلار قىلىپ بېرەتتى. ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانىىڭ رەھبەرلىك ئورنى بىزنىڭ ئەترەتتىن تۆت - بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، ئەترەتنىڭ ئاشۇ شتاب ئەتراپىدىمۇ تېرىلغۇ يەرلىرى بار ئىدى. بەزىدە بايىقى ئەسكەر بىز بىر، ئىككى گۇرۇپپىنى شۇ يەرلەرگە ئېلىپ بارىدىغان چاغلارمۇ بولاتتى.  بۇنداق چاغلاردا بىزنى تاشلىۋېتىپلا، چاڭبۇنىڭ ماگزىنىغا بېرەپ، بىز بۇيرۇغان نەرسە - كېرەكلەرنى ئەكىلىپ بېرەتتى. بەزى  كۈنلىرى بىرنەچچە قېتىم باراتتى. بىزگە قاراملارچە ئىشىنەتتى. ئۇ بىزنىڭ ۋاپاغا جاپا قىلىپ ئىش تېرىپ بەرمەيدىغانلىقىمىزنى بىلەتتى. ئۇ قورۇ ئىچىگە كىرگەندىمۇ مەھبۇسلار ئاستىرتىن سودىلىق بۇيرۇيتتى. بىز ماگىزىن دېگەنلەرگە بارالمايتتۇق. «ئالتۇن بەنجاڭ» بىزنىڭ مۇشۇنداق قىيىنچىلىقىمىزنى بىلىپ، بىر ئىشلارغا بانىلاپ قورۇ ئىچىگە ئاستا كىرىپ كېلەتتى. ئىش مەيدانىدا بەزىدە مىلتىقىنى مۈرىسىگە ئارتىۋېلىپ، بىزگە ئارىلىشىپ كېتىدىغان چاغلىرىمۇ بولاتتى. ئۇ ھېچكىمنى تىللىمايتتى، ئۇرمايتتى. قاچىمىز، دەپ تۇرغانلارمۇ، ئۇ ئاچىققاندا پەيلىدىن ياناتتى. ئۇلار: «بىز ھايۋان ئەمەس ياخشىلىققا يامانللىق قىلىدىغان!» دەيتتى.
       «ياۋۇز بەنجاڭ» دېگىنىمىز باشقىلارغا تۈپتىن ئوخشىمايتتى. ئۇ بىزنى گەپ قىلىشقىمۇ يول قويمايدىغان، ھە دېسىلا مىلتىقىنىڭ زاتۇرىنى قايرىپ ھەيۋە قىلغىلى تۇراتى. بىرەر باھانە تاپسا، ئوق چىقىرىشتىنمۇ يانمايتتى.
      «قوشكېزەك بەنجاڭ» دېگىنىمىز تېخىمۇ ئاق كۆڭۈل بىچارە ئىدى. ئۇنىڭ قوشكېزەك ئىككى قىزى بولۇپ، لەقەم شۇنىڭغا ئاساسەن قويۇلغانىدى. ئۇ بىزگە ئۆزلىرىنىڭ نورمىسىنىڭ يەتمەيدىغانلىقى، كېچىسى دەرۋازا ئۈستىدىكى قاراۋاۇلىانىدا پوست تۇرغاندا، بىزنىڭ ئاشخانىغا كىرىپ قورساق تويغۇزىدىغانلىقى قاتارلىقلارنىمۇ سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇمۇ بىزنى ئىش مەيدانىغا ئاچىققاندا بىزنىڭ «دۈشمەن»لىكىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا يۈرەتتى. جىنايەتچىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەسلا يامان نىيەتتە بولمايتتى. ئۇ ئارىمىزدىكىلەرنىڭ ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلىرىغا بەكمۇ ئىچ ئاغرىتاتتى. بىز يامان كۆرىدىغانلارنى ئۇمۇ ياخشى كۆرمەيتتى. بىز بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە غەمخورلۇق بار ئىدى.
       بىر كۈنى، ئەتىيازلىقى ئۇ بىزنى خامان تازىلاشقا ئاچىقتى. دۈيجاڭ بىللە چىقمىغانىدى. قارىساق شال پاخىلىنىڭ تېگىدىن نۇرغۇن شال چىقىپ قالدى. بىز ئۇنى سۈپۈرۈپ ئېلىپ، «قوشكېزەك بەنجاڭ»غا بەرمەكچى بولدۇق، بىر تاغار تاپتۇق - تە، تازىلاپ، لىق بىر بوغۇم قىلىپ قاچىلىدۇق. قاتاردا سەپنىڭ ئاخىرىدا قاۋۇل بالىلاردىن تۆت - بەشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆتۈرتۈپ ماڭدۇق. بەنجاڭ بەك قورقتى. ئۇنىڭ ئۆيى قورۇنىڭ يېنىدا ئىدى. بىز ئۇنىڭغا: «بىرى كۆرۈپ قالسا، قورۇغىلا ئەكىرىپ كېتىمىز، ھېچكىم تۇيمىسا، ئۆيىڭىزگىلا ئەكىرىۋېتىمىز» دەپ خاتىرجەم قىلدۇق - دە، ئاخىر ئۆيىگىلا ئەكىرىپ بەردۇق. بىر تاغار نەرسىنىڭ ئىككى كىلومېتىر يەردىن دۈمبىدە كېلىشى ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. بۇ بايىقى بەنجاڭنىڭ بىزگە بولغان ياخشى تەسىرىنىڭ كۈچى ئىدى.
       «ئەرجۈەنزى» بەنجاڭ قاش، كۆز، بۇرۇن، چاچلىرىدىن تارتىپ رۇسقا مايىل يىگىت ئىدى. ئۇ دەسلەپتە ئارىلاپ - ئارىلاپ يېنىمغا كىرىپ مېنىڭدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە باشلىغانىدى. كېيىن چەكلىمىگە ئۇچراپ، ئۆگەنمەيدىغان بولدى. ئەمما، بۇ يەردىن يۆتكىلىپ كەتكەنگە قەدەر بىزدە ناھايىتى ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى. ئۇ بىزگە: مېنىڭ رايىمچە بولسا، سىلەرگە ئوخشاش ئادەملەرنى بىر كۈنمۇ قورال ئاستىغا ئېلىپ يۈرگۈم يوق! دەيتتى. ئۇ پەقەت ئالتە ئايلا تۇرالىدى.
       «ياۋاش بەنجاڭ» دېگىنىمىز، بىزنىڭ ئىشلىرىمىزغا ئارتۇقچە ئارىلاشمايتتى. مەسىلەن، تالادىن بىر، ئىككى تال ئوتۇن ئېلىپ كىرىۋاتىمىزمۇ، چامغۇر، قىزىلچا كولاپ يەۋاتىمىزمۇ، ئەيتاۋۇر ھېچنەرسە بىلەن كارى يوق، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سالاتتى. ئادەتتە يۇقىرىقىدەك ئەرزىمەس ئىشلارمۇ  شۇنچىلىك قاتتىق چەكلەنگەن ئىدىكى، تالادىن ئوتۇن تېرىپ كىرىپ، ئاچچىقىنا بىر چىنە چاي قاينىتىپ ئىچكەنلەر سېزىلىپ قالسا، چايلىرىنى ئۆرۈپ تۆكۈۋېتىپ، كورىلىرىنى مۇسادىرە قىلاتتى، ھەتتا جىنايەتچىنى ئېڭىشتۈرۈپ قويۇپ، قىزىق كورىنى ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېلىپ قاقشىتىپ جازالىغان ئەھۋاللارمۇ بولغان؛ تۇرۇپ، قىزىلچا، كاۋا قاتارلىقلارغا چېقىلغانلارنى كۆرۈپ قالسا، ئۇلارنى ئاغزىغا چىشلىتىپ،  قولغا كۆتۈرتۈپ، دەرۋازا ئالدىغا توختىتىپ قوياتتى. بىزمۇ مۇنداق ئىشلارنى پەقەت «ياۋاش بەنجاڭ» ئاچىققانلاردىلا قىلاتتۇق، ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتمىسەكلا، ئۇ قالغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك مەيلى دەيتتى. ئىش مەيدانىدا دۈيجاڭ يوق چاغلاردا بىزنى ئۇزاق - ئۇزاق دەم ئالغۇزاتتى. ئۇ ئۇنچىۋالا گومۇش، ئىش خۇشياقماسلاردىنمۇ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ياۋاشلىقىدىن، ئۇنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى»دىكى ۋەزىيەتكە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى.
       «ھارۇن بەنجاڭ» ھارۇن ئىبراھىمنى تۇتۇۋالغان ئاكتىپ ئەسكەر بولۇپ، ئادەتتە بىزگىمۇ قاتتىق قول تاياقچى نەرسە ئىدى. ھارۇن ئىبراھىم قارا بۇغرادىن قېچىپ كېتىپ، ئەتىيازغىچە ئىلىنىڭ پىلىچى خېڭىدا ئىشلىگەن، بىر كۈنى قاتتىق ئاغرىپ قېلىپ، غۇلقا شەھىرىدىكى «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىغا كىرگەندە، بايىقى ئەسكەر دۇچ كېلىپ قالغان؛ ھارۇن دوختۇرىانىدىن چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ بولغۇچە، ھېلىقى ئەسكەر كوچىدىن بىر بەن ئەسكەرنى باشلاپ كېلىپ، قورشاپ تۇتۇۋالغان. شۇڭا ئۇنىڭ بىزنىڭ ئاغزىمىزدىكى نامى «ھارۇن بەنجاڭ» بولۇپ قالغان. ئۇنڭىغا ئوخشاش قاتتىق قول ئەسكەرلەرمۇ خېلى بار ئىدى. بىزگە مىخ - زىخ بولۇپ تۇراتتى.
       بىر كۈنى كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ۋاڭ - چۇڭ بولۇپ كەتتى.ئويغانساق قاراۋۇل ئەسكەر زۇجاڭلارنى ۋارقىراۋېتىپتۇ. بىر ياقتىن بىرىنىڭ «ئاللا ، ئاللا، ئاللا» دەپ توختىماي ۋارقىراپ تۇرغان ئاۋازى قورۇنى بىر ئاپتۇ. ئۇ ئەخمەت ئابدۇرېھىم ئىدى. قارىغاندا، ئۇ تولا ئويلاۋېرىپ، ئاخىر نېرۋىسىنى ئالدۇرۇپ قويغاچقا، سۆزلەپ ھويلىغا چىقىپ كەتكەنىدى. بىر چاغدا ئىشىكنىڭ يوچۇقىدىن قارىساق، ئەسكەرلەر ئۇنى ئەدەپلەۋاتقاننىڭ تاشاينىدا، ئۇقۇشماي تاھارەتكە چىققان ئەمەت ھاجىكامنىمۇ يالىڭاچلاپ قورۇنىڭ ئوتتۇرىسىغا توختىتىۋاپتۇ. كېيىن گۇرۇپپا باشلىقى ئابلىمىت ئاجرىتىپ ئېلىپ كىردى. ئەخمەت ئابدۇرېھىمنىمۇ بوشىتىپ قويۇۋەتتى. ئۇ شۇ كۈندىن باشلاپ، نېرۋىدىن ئادىشىپ قېلىپ، ئاخىر ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما، ئۇ رەھمەتلىك كېسەل دەپ ئېتىراپ قىلىنغۇچە، بايىقىدەك تەنتەك، تەلۋىلەرنىڭ زۇلمىنى خېلى تارتتى. ئەكبەر دەيدىغان بىر قازاق جەڭچىنىڭ جىنايەتچىلەر ئارىسىدا كۆرەڭ، پوچى، سوغۇقلۇقىدىن باشقا بىر ئېغىزمۇ ياخشى گېپى بولمايتتى. «ئىككى قازاق» ئەسكەردىن باشقا قاراۋۇللارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ ئىدى.
        ***********
       قارا بۇغرىدا ئۆتكەن ئۈچ يىللىق ھاياتىمىز خارلانغان، كەمسىتىلگەن، ئازابلىق ھايات ئىدى.
       ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ كۈنەس قىسىمىدا دەل دەريانىڭ جەنۇبىي ساھىلىغا جايلاشقان بۇ جاي ئۆزىنىڭ مۇنبەتلىكى بىلەن بىزنى ھەيران قالدۇرغانىدى. گەرچە بىز دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىقىپ، ئىزچىل يېزا - قىشلاقلارغا ئارىلىشىپ يۈرگەن بولساقمۇ، لېكىن مۇنداق مۇنبەت زېمىننى كۆرمىگەنىدۇق. ئەمگەك بىلەن ئكزگەرتىش ئەترىتىگە قارايدىغان يەر كۆپ بولۇپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك تېرىيتتى. گەرچە تراكتور ئىشلەتسىمۇ، دېھقانچىلىق قول ئۇچىدىلا قىلىناتتى. شۇنداقتىمۇ ئاشلىقى شۇنداق ئوخشايتتىكى، تۈگىتىپ يىغىۋالالماي قالاتتى. قىچىنىڭ غوللىرى خۇددى قاپاق تېرەكنىڭ شاخلرىىغا ئوخشاپ كېتەتتى، كۆممىقوناقلار ئاينىپ ئېتىزغا پاتماي قالاتتى. بۇ تۇپراقتا ئوىشىمايدىغان ھېچقانداق  زىرائەت بولمايتتى. ئاشلىق يىغىۋېلىش شۇنچىلىك ئىسراپچىلىق بىلەن بولاتتىكى، قولغا چىققىنى ئېلىنىپ، چىقمىغىنى يەردە قالاتتى. 1971 ـ يىلى يىغىۋېلىنغان شالنى تېپىۋېلىشتا، ئاشلىقنىڭ كۆپلۈكىدىن جوڭغۇرالماي، ئېتىز بىلەن قورۇ ئارىلىقىدىكى چوڭ يولنىڭ ئۈچ يۈز مېتىرچە ئۇزۇنلۇقتىكى قىسىمىغا شال ئۈنچىلىرى يېيىتىلدى ـ دە، تراكتورلۇق تۇلۇققا دەسسىتىپ يۇمشىتىپلدى. بۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان خامان تېپىش ئىدى. نەتىجىدە شالنىڭ يول ئۈستىدىكىلىرى يىغىۋېلىنىپ، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى يولنىڭ ئىككى چېتىدىكى گوداڭ ـ ئېرىقلاردا قالدى، بۇ ئىسراپچىلىققا بىزنىڭ ئىچىمىز سېرىلىپ كېتەتتى. ئەگەر ئۆلگەندە ئىسراپچىلىق ئۈچۈن دوزاخقا كىرىش توغرا كەلسە، ئاۋۋال مەشەدىكىلەر كىرگەن بولاتتى.
       دەريا ساھىلى بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ يازلىق مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ ئىدى. باھار كېلىشى بىلەنلا دەريا بويىنى ھاڭگىرت، ئۆردەك، غازلار شۇنچىلىك قاپلاپ كېتەتتىكى، ئۇلار دۈررىدە كۆتۈرۈلگەندە، خۇددى ئۇشتۇمتۇت يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان قارا بۇلۇتتەك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. بۇ يەردە ئاققۇلارمۇ بار ئىدى. بەزىدە  سۇ چاقىنىمۇ تۇتاتتۇق. باينىڭ ئوتتۇرىسىدا دەريانىڭ ئۇ چېتىدىكى تاغ قاپتىلىدا قىزىل تاۋار يايغاندەك تەكشى ئېچىلىپ كەتكەن لەيلىقازاقلار بىزگىمۇ كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
       بىز ئېتىز ئەمگەكلىرىنىڭ ھەممىسىە قاتناشتۇق، كېسەكمۇ قۇيدۇق، ئورمىمۇ ئورىدۇق، ئۆستەڭمۇ چاپتۇق. ھۈنەرنىڭ بىر خاسىيىتىنى بىز مۇشۇ يەردە كۆردۇق. نۇرۇم مەسۇم، تۇرسۇن ئابدۇرۇسۇل، قېيۇم ئەيسا قاتارلىق ياغاچچى، تۆمۈرچىلەر تاكى تۈرمىدىن ئازات بولغۇچە ئكز كەسىپلىرى بىلەن بولدى. كادىرلارنىڭ پۇرچاق پىنتوزىسى يىگۈسى كېلىپ قالغاندا، شەھەر قارا دۆڭدىكى داڭلىق ئۇستا تۇرسۇن پىنتوزىچىنىڭ ئوغلى ئىمام تۇرسۇن ئۇلارغا پىنتوزا چىقىرىپ بېرىپ، ئېغىر ئەمگەكلەردىن قۇتۇلۇپ قالدى. يۈجىڭجى دېگەن جىنايەتچى چوشقا سويالايدىغان ئالاھىدىلىكى بولغاچقا، باشتىن - ئاخىر ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلدى.
        مەن دائىم كىشەنلەگلىك ئىدىم. ئۇلار پات - پاتلا كىشەننى تەكشۈرۈپ تۇراتتى. كىشەن ئۇپراپ ئۈزۈلگەندە، ئۇنى ئوڭشاپ بولغۇچە مېنى دارۋازىدىن كىرگەندە سول تەرەپكە بىتۇن بىلەن سېلىنغان قاماقخانىغا سولاپ قوياتتى. ئۇنى بىز «گۇپپاق» دەپ ئاتايتتۇق.
       بىز كىشەنلەرنى باشقۇرۇشقىمۇ ئۇستا بولۇپ كەتتۇق. كىگىز، لاتىلارنى پۇتىمىزغا تولا يۆگەپ توشىتالمىغاندىن كېيىن، كىشەن توقۇملىرىنى مەخسۇسلاشتۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپتۇق. بۇنىڭغا لازىملىق نەرسىلەرنى سىدىققان، ئابدۇللا، ھەسەنجان دەيدىغان يىگىتلەر كۈندىلىك يەتكۈزۈپ بېرەتتى. ئۇلار سىرتتا ئەركىن ئىشلەيدىغان ھارۋىكەشلەر ئىدى. ئادەتتىمۇ دائىم ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى سىدىققان سىرتتىن بىر پارچە خام تېرە تېپىپ ئەكېلىپ بەردى. بىز ئۇنى سۇغا چىلاپ راسا ئىۋىتقاندىن كېيىن، دەل كىچىك پاچاقلىقىمىزنىڭ چوڭلۇقىدىكى ياغاچقا چىڭ ئوراپ، ئۆگزىگە تاشلاپ قويۇۋىدۇق. ئۇ ئاپتاپتا دۈپ - دۈگلەك بولۇپ قۇرۇدى. ئۇنى ياغاھتىن ئاجرىتىپ تېگىگە يەنە بىر قەۋەت كىگىز ئالدۇق. تۆۋەن چېتىگە چۆرگىلىتىپ، ئەسكى پېيمىنىڭ تاپان چېتىدىكى ئەڭ قېلىن يېرىدىن بىر ئىلىك قېلىنلىقتا قىيىۋېلىپ تىكىپ چىقتۇق. بۇ، كىشەننى تۆۋەنگە چۈشۈپ، پۇتنى غاجاپ كېتىشتىن توساپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشەن كۆزى قاتتىق تېرە ئۈستىدە ئاسان، راۋان ئايلىنىدىغان بولدى، كېيىنرەك بىز ئۇنىڭغا خۇددى بەزى ئاياغ كىيىملەرنىڭكىدەك قىلىپ، تارالغىلارنىمۇ ئورنىتىۋالدۇق. بۇنىڭ توقۇمنى يېشىپ، ئېتىشلەرگىمۇ ئاسانلىقى بار ئىدى.
       ئارىدا چىشىم ئاغرىپ نەچچە چىشىمدىن ئايرىلغاننىڭ سىرتىدا، قولۇمنى سۆگەل بېسىپ كەتتى. بۇنى بىرلىرى، قان بۇزۇلغانلىقىدىن دېسە، بىرلىرى ئوزۇقلۇقنىڭ كەملىكىدىن دەيتتى، بىرلىرى، ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بىلەن ئىچىدە بۇنى يامانغا جورۇيتتى. تۇرسۇن ئابدۇرۇسۇل ماڭا:
       ــ بۇ يەردە ئايدا ـ يىلدا بولسىمۇ، بىرەر قېتىم گۆش يەۋاتىمىز. ئېھتىمال، سۆگىلىڭىز ھاراقنىڭ كەملىكىدىن بولسا كېرەك، جەمئىيەتتە ئىچىدىغان بولغىيتتىڭىز؟ ـ دەپ قالدى.
       ـ ئانچە ـ مۇنچە، ـ دېدىم جاۋابەن. ئۇ ماڭا ھاراق بۇيرۇدى. بۇنى سىدىقجانلارغا دېۋىدىم، بىر، ئىككى قېتىم ئاز ـ تولىدىن ئەكېلىپ بەردى. ناھايىتى خۇپىيانە ئىچتىم. شۇ سەۋەب بولدىمۇ ياكى باشقىسىمۇ، ئاڭقىرالمىدىم. ئەيتاۋۇر سۆگەللەر بىر ، ئىككى ئايدىن كېيىن چۈشۈپ كەتتى.
       ئائىلىدىن چوڭ ئىنىم ئەخمەتجان ئۈزۈلدۈرمەي خەت يېزىپ تۇراتتى. ئايالىممۇ يازاتتى. ئۇلارنىڭ خەتلىرى تەسەللى ۋە خاتىرجەملىك تۇيغۇلىرىغا باي ئىدى. ئاغرىقجان ئاپامدىن كۆپ ئەنسىرەيتتىم، ۋەزىيەت تۇراقسىز بولغاچقا، مېنىڭمۇ  قۇلىقىم دىڭ ئىدى. تۈرمىدە خەنزۇچە خەتنى خېلى ئۆگەنگەندەك قىلىۋىدىم. بۇ يەردە پۇرسەت يوق، كەچكىچە ئىشلەپ، «ئۇھ» دېگۈدەك ھالىمىز قالمايدۇ. شۇڭا، ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالمىدىم.
       شېئىرىيەت پەقەت ئارماندىكىلا ئىش بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىمكانىيەتمۇ يوق ئىدى. دەپتەرگە يېزىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، ئارىلاپ ـ ئارىلاپلا ياتاقلارنى چۇۋۇپ ئاختۇرۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىغا شېئىرلارنىڭ چۈشۈپ قېلىش ئىنتايىن خەتەرلىك ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىچىمدە پىچىرلاپ يۈرۈپ «گۈل» ، «گۈلدەستە»، «كەپتىرىم» قاتارلىق شېئىرلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردىم. «گۈلدەستە»دېگەن شېئىرىمدا نازۇك شارائىتتىكى دوست ـ يارەنلەر سەگەكلىككە ئۈندەلگەن، ئۈمىدلىك بولۇشقا چاقىرىلغانىدى. «كەپتىرىم»دېگەن شېئىرنى رەھمەتلىك ئابدۇكېرىم مەخسۇمنىڭ ئايالىدىن خاتىرجەم بولمايۋاتقان كۆڭۈل پەرىشانلىقىدىن تەسىرلىنىپ يازدىم. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن ئۇنى ئىلىدىكى مەشھۇر ناىشىچى مەرھۇم ئەخمەت ئۆمەر مۇزىكا ئىجاد قىلىپ ناخشىغا سالدى. تېكىستنىڭ ئىجاد بولۇش تەپسىلىي جەريانىنى ئەخمەت ئۆمەر1998 ـ يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن «ئىلى گېزىتى»گە «ئۇ بار يەردە باھار بار ئىدى» دېگەن ماقالا يېزىپ، ئالاھىدە تونۇشتۇردۇم.
    ***********
       1973 ـ يىلى 1 ـ ئىيۇل، بىز ئۇشتۇمتۇت ئىشتىن توختىدۇق، قورۇ دەرۋازىسى تاقالدى. قاراۋۇللۇق كۈچەيتىلدى. بىز دەسلەپتە نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق. پەقەت ئىككى كۈن ئۆتۈپ، مۇددىتى ئون بەش يىلدىن تۆۋەنلەر ئىشقا ماڭغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئون بەش يىلدىن يۇقىرىلارنىڭ يۆتكىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. ئەسلىدە بۇ قورۇدا جىنايەتچىلەر كۆپىيىپ كەتكەچكە، بىزدىن تۆت ـ بەش كىلومېتىر يىراقلىقتا يەنە بىر ئەترەت قۇرۇلۇپ، خەنزۇ، مىللىي بولۇپ يۈزدىن ئارتۇق جىنايەتچى 1972 ـ يىلى شۇ يەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. بۇ قېتىم ئۇلاردىنمۇ ماڭىدىغانلار بىزگە كېلىپ قوشۇلغۇچە ئۈچ جىنايەتچى قېچىپ كەتكەنىكەن. قورغاندا بىز شۇ قامالغانچە ئون بىر كۈن ياتتۇق. بىزنى يۆتكەشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ليۇجىداۋيۈەن دېگەن باشلىق يىغىن ئېچىپ:
       ـ سىلەر يىراق يەرگە يۆتكىلىسىلەر، ماڭاردا كىشەنلىكلەرنىڭ پۇتىدىكى كىشەنلىرىنى ئېلىۋەتمىسەك، ئۇ يەردىكىلەر ئەھۋالىڭلارنى بىلگۈچە، يەنە بىر مەزگىل كىشەن سۆرەپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ! ــ دەپ كىشەنلىرىمىزنى ئېلىۋەتتى. ئۇلار: پېقىر، نىغمەت رەخمىتۇللا، ئەزەم ئابدۇساتتار، تۇرسۇن ئابىت، ليۇدېلىڭ، لىشىمىڭ ئالتەيلەن ئىدۇق.
       بىز ئەركسىزلىكىمىزدىن نېمە ئۈچۈن «قارا بۇغرا» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنىمۇ سوراشتۇرۇپ بىلەلمىگەن بۇ ماكاندىن 11 ـ ئيىۇل ئايرىلىپ، 14 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچىگە يېتىپ باردۇق. بىز ئۈچ ئاپتوبۇستا بىر يۈز يەتتە جىنايەتچى ئىدۇق. ئارىمىزدا مەرھۇم رابىيەم ھەدىمۇ بار ئىدى. شۇغىنىسى، قارا بۇغرادىكى قارا كۈنلەر تۈگىگەن بىلەن يەنە قانداق يەرگە كېتىۋاتقىنىمىزنى ئېنىققىنا بىلمەيتتۇق. يولدا جىڭ ناھىيىلىك ساقچىنىڭ تۈرمىسىدە بىر ئاخشام يېتىپ ئۆلگىلى تاس قالدۇق. چۈنكى، بۇ يەر ئاستى تۈرمىسى ئىكەن. بىز ئون يەتتە ئادەمنى بىر كامىرغا قاماپ، بىر چېلەك سوغۇق سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمىدى. ئىككىنچى كۈنى ساۋەندە قوندۇق. بىزنىڭ ئەھۋالىمىزنى بىزنى ئېلىپ ماڭغان قادىر دۈيجاڭ ئۇققانىكەن. شۇڭا تۈرمە قورۇسىغا چۈشۈرۈپ:
       ــ ئاخشام جىڭ تۈرمىسىدە قاسقاندىكى جىڭمومىدەك بولۇپ چىقىپسىلە، بۈگۈن تۈرمە بىناسىنىڭ ئەتراپىدا ئوچۇقچىلىقتا ياتىسىلەر، ئەتراپىڭلاردا قاراۋۇل بار. كەچلىكىڭلارغا ئاق ئۇندا ئوماچ چېلىپ بېرىدۇ، ئىچىپ يېتىڭلار! ـ دېدى. جىنايەتچىلەر خۇش بولۇشتى. ئېيتقاندەك، بۇ كېچە تۈرمە بىناسىنىڭ پاكىز سۈپۈرۈلگەن ئەتراپىدا ئوچۇق ئاسماندىكى يۇلتۇزلارغا قاراپ يېتىپ قالدۇق.
       ئەتىسى ئۈرۈمچىگە ـ بىرىنچى تۈرمىگە تاپشۇرۇلدۇق. بىرىنچى تۈرمە قارا بۇغرىغا قارىغاندا نۇرغۇن پەرق، ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولغىنى بىلەن يۈرگۈزۈلۈۋاتقىنى يەنىلا «تۆت كىشلىك گورۇھ»نىڭ سىياسىتى بولغاچقا، يەنىلا سۈيى باشقا، دورىسى ئوخشاش بوتۇلكا ئىدى. ئىش نورمىسى ئىنتايىن ئېغىر، تاماق ناچار، تۈزۈم بەك قاتتىق ئىدى. مەن بۇ تۈرمىدە نۇرغۇن ئىشلارنى كۆردۈم.
        مەن پارتىيە 11 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، يەنى 1982 ـ يىلى 25 ـ دېكابىر ئۈزۈل ـ كېسىل ئاقلىنىپ تۈرمىدىن چىقتىم. 1983 ـ يىلى 1 ـ يانۋار سەھەردە غۇلجىغا يېتىپ كەلدىم. مائاش، خىزمەتلىرىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، 1983 ـ يىلىدىن 1989 ـ يىلىغىچە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم. 1989 ـ يىلى نويابىردا غۇلجا ناھىيە رەھبەرلىكى مېنى كەسىي ئىجادىيەتكە چىقاردى، شۇنىڭدىن بۇيان قەلەم بىلەن مەشغۇلمەن.

         2001 ـ يىلى 2 ـ مارت، غۇلجا
      
      
       .

     

    .

     

     

     


     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.