پۇلدار، زىيالىي، قەشقەر...

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:23:56

پۇلدار، زىيالىي، قەشقەر... (فېليەتون) «پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا». پۇل تېپىشنى شۇنداق ئاسان چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇ پۈتۈن يېتىپ- پۈتۈن قوپۇپ، قىشنى قىش دېمەي، تومۇزنى تومۇز دېمەي، قىينىلىپ پ...

     



    پۇلدار، زىيالىي، قەشقەر...

    (فېليەتون)

    «پۇل بولسا، جاڭگالدا شورپا».

       پۇل تېپىشنى شۇنداق ئاسان چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟ ئۇ پۈتۈن يېتىپ- پۈتۈن قوپۇپ، قىشنى قىش دېمەي، تومۇزنى تومۇز دېمەي، قىينىلىپ پۇل تاپتىم دېمىگەنمىدى. پۇل تاپقان ئوغۇل بالا قانداق خەجلەشنىمۇ بىلەر. كىم كۆرۈپتىكەن ئۇ مۇسابايلارنى؟
    شۇنچە ماختاپ كەتكىدەك قانچىلىك پۇل تېپىپتىكەن زادى؟ ئۇنىڭغا قاراڭلار، ساۋادى بولمىسىمۇ پۇل تاپتى، يول تاپتى، يۈز تاپتى. بەزى ئىچى قوتۇرلار ھارامدىن پۇل تاپتى، ئاق ساتتى، بالا ساتتى، دەيمىش تېخى. قىلالىساڭ، سەنمۇ قىل.

    پۇلنى ئۇ تاپتى، ئۇ خەجلەيدۇ. دادىسىغا ئىككى قەۋەتلىك قەۋرە ياسىتىدىكەن، خوتۇننى يەڭگۈشلەيدىكەن، رېستوران ئاچىدىكەن، ھاراق زاۋۇتى قۇرىدىكەن. پىلانى تولا ئىكەن.

    موشۇ زىيالىي دېگەن راستلا خىيالىيكەن. بىر سىنتقا ئەسقاتمايدىغان گەپلەر بىلەن كۈننى كەچ قىلىپ، توم-توم كىتاب يېزىپ، جېنىنى ئۇپرىتىكەن. يا پۇل تاپالماي، يا ئەمەل تۇتالماي، نېمە دېگەن بىچارە.

    ئۆزۈڭلار دەپ بېقىڭلار، ھاكىمغا كىم يېقىن؟ ھاكىمنىڭ ئالدىدا كىمنىڭ گېپى ئۆتىدۇ؟ ئۇنىڭدەك پۇلى بار تىجارەتچىنىڭمۇ ياكى كىتاب يازغان زىيالىينىڭمۇ؟ «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى يوقنىڭ گېپى توڭ» دېگەن شۇ.

    پۇل دېگەننى ھالال-ھارام دەيدىغان گەپ يوق. مەھەللىدىكى قارى-ھاجىملارنىڭ پۇل بىلەن خوشى يوق ئەمەستۇ. ئۇنىڭ پۇلىنى شۇلارمۇ رەھمەت-ھەشقاللا بىلەن خەجلىشىدىكەنغۇ.

    پۇل-خوتۇن، پۇل-تونۇش، پۇل-ھوقۇق، پۇل-يول، پۇل-قول، پۇل-داچا، پۇل-نان، پۇل-جان. ئايھاي، پۇلدىن باشقىسى بىكار...
    ..............................................


    قانداق ئادەملەرنى زىيالىي دەيمىز؟ مەكتەپتە ئوقۇغان، ساۋادى چىققان ئادەملا بولسا زىيالىي دەيمىز.

    زىيالى نېمە قىلىشى كېرەك؟ «زامان ساڭا باقمىسا، سەن زامانغا باق»، «يۈزۈمنىڭ قېلىنلىقى جېنىمنىڭ راھىتى» دېگەننى بىلىشى كېرەك. خۇشامەت دېگەننىمۇ قىلىپ قويۇش كېرەك. مەنسەبدارلارنىڭ قولتۇقىغا كىرىۋېلىپ، كۆزىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ، شالىنى ئاققۇزۇپ تۇرۇپ ماختاش كېرەك. «غوجائاكىسى كېچىنى كۈندۈز دېسە، ئاي بىلەن يۇلتۇزنى كۆردۈم» دېيىشكە ھەرۋاقت تەييار تۇرۇش كېرەك. پاھىشەلەر نومۇسىنى قايرىپ قويۇپ ئىپپىتىنى ساتقانغا ئوخشاش، قانۇن-ئىنتىزام، ئادىمىيلىك-غورۇر دېگەننى چۆرۈپ تاشلاپ، شەرمەندىلەرچە نەپ-پايدا سودىسى ۋە نەپسى ئاۋارىچىلىقى بىلەن بولۇش كېرەك .
    سىڭگەن نېنىنى يېيىشى، جەمئىيەتنى باشقۇرغۇچىلارنى تەنقىت ئارقىلىق سەگىتىپ ، جەمئىيەتتىكى ناھەق ئىشلاردىن پەيدا بولىدىغان كرېزستىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش دېگەننى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويماسلىقى كېرەك. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ، نەپ-پايدا ئۈچۈن، يامانغا يانتاياق بولۇپ، سېپى ئۆزىدىن جانباقتى-غالچا بولۇشى كېرەك.
    .............................................


    توۋا دەڭلار ، قەشقەرلىكلەرنىڭ ئىدىيىسىنىڭ ئازات بولماسلىقى، دېگەن نېمە گەپ ئۇ. قەشقەر دېگەن يېڭى شېنجېن، قەشقەرلىكنىڭ ئىدىيىسى جۇڭگو بويىچە ئەڭ ئازات، قەشقەرلىكلەر پارتىيىگە ئەڭ سادىق، ماۋجۇشىنىڭ ھەيكىلى نەدە؟ قەشقەردە. شۇڭىمىكىن، ماۋجۇشىنىڭ دەۋرىنى ئېسىمىزدىن چىقارمايمىز، سېغىنىپمۇ قالىمىز تېخى .
    «يىڭىساردا دېھقان بولماق تەس» دېدىڭىزما؟ يائاللا، قورقماي موشۇ گەپنى تىلغا ئالدىڭىزما؟ سىڭگەن ناننى يېيىش كېرەك. رەھبەرلىرىمىز نىمىشقا «خەلقنىڭ ھۆكۈمەتنى تەنقىت ۋە نازارەت قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك» دەپ قايتا-قايتا تەكىتلەيدىغاندۇ؟ سىڭگەن نېنىنى يېمەي، ئۇنداق-مۇنداق دەپ يۈرگەنلەرنى تۇرمىغىلا سولىۋەتسە، زۇۋانى ئېتىلەمدىكىن دەيمەن .

    باشقا يەرلەردە مۇنداق دېلولارمۇ بولغان ئىكەن. قەشقەردە بولغان ئەمەس.

    پېڭشۇيدىكى نەزمە دېلوسى
    2006 - يىلى چوڭچىڭ شەھىرىنىڭ پېڭشۇي ناھىيىسىدە يۈزبەرگەن. چىن جوڭفېي ئىسىملىك بىر دۆلەت مەمۇرى زامان ئىللەتلىرىنى قامچىلايدىغان بىر پارچە نەزمە يېزىپ، يانفۇن قىسقا ئۇچۇرى شەكلىدە تارقاتقانلىقى ئۈچۈن، يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن.

    لىڭباۋدىكى يازما دېلوسى
    2009 -ي ىلى خېنەننىڭ لىڭباۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن. ۋاڭ شۇەي ئىسىملىك بىر تورداش يۇرتىدىكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ دېھقانلارنىڭ يېرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئېلىۋالغانلىق ئەھۋالىنى يېزىپ توردا يازما يوللىغانلىقى سەۋەبىدىن قاماققا ئېلىنىپ، كېيىن گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىلگەن.

    سىڭگەن نېنىنى يېمىگەن بۇ ئىككىسىنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بەرگىنى نېمىسى دەيمەن.

    مەدەنىيەت ئىنقىلابى بولۇپ قالغان بولسا-زە، «يىڭىساردا دېھقان بولماق تەس»نى يازغان ئادەمنى ئۇدۇل ھەپسىگە سولىۋەتسە، ئاندىن دەردى چىقاتتى ئادەمنىڭ. موشۇنداق ئادەملەر شۇنداق گەپلەرنى دەپ يۈرسە، قانداق باشقۇرىدۇ ماۋۇ قاپىقىنىڭ بېزى بار قاشاڭلارنى؟ يېزا باشلىقى دېگەن كىم؟ كەنت باشلىقىنىڭمۇ گېپىنى يىرىشقا كىمنىڭ ھەددى؟

    قەيەردە كادىرلار دېھقانغا قوناق ئورۇپ بېرىدۇ؟ قەشقەردە.

    قەيەردە باشلىق شەنبە-يەكشەنبە دەم ئالماي خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدۇ؟ قەشقەردە .
    قەيەردە ئەمەلدارنىڭ ھۆرمىتىنى بەك قىلىدۇ؟ قەشقەردە.

    كىملەر ساقال-بۇرۇتنى پاك-پاكىز قىرىپ يۈرۈيدۇ؟ قەشقەرلىك مائاشچىلار.

    تەرىپلەي دېسەم تەرىپى تولا، ئادەم تەتۇر بولسا مۇشۇنچىلىك بولا، گەپنى تەتۈر چۈشىنىپ قالمىغانسىز-ھە.
    ................................................


    بىر تەخسە پولونى 128 يۈەنگە، بىر قاچا كالا گۆشى ئۈگرىسىنى 98 يۈەنگە سېتىپتۇ دەمسىز؟
    زورلاپ ساتمىغانغا شۈكرى دەڭ .
    شۇ تىجارەتچىلەرگىمۇ تۇرمۇش كېرەك، پۇل كېرەك، ئۇلار پارا ئالالمايدۇ، خىيانەت قىلالمايدۇ، ئۇلارغا شېرىنكانە بېرىدىغان، تاپان ھەققى بېرىدىغان، سۆيۈنچە بېرىدىغانلار تېخى يوق. شۇ يول بىلەن كۆپرەك پايدا ئېلىپ جېنىنى باقمىسا، قۇتقۇزۇش پۇلى ئالالمايدۇ، ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە ئولتۇرالمايدۇ. يەنە تېخى ئاۋۇ شەھەر باشقۇرۇش، باھا باشقۇرۇش دېگەندەك يەرلەردىن كېلىپ تۇرىدىغانلارغا ئانچە-مۇنچە سۈڭگۈتۈپ تۇرمىسا بولماس.
    .............................................


    ھەي، موشۇ مۇخبىرلارمۇ-زە، نەدىكى يوق ئىشلاردىن چاتاق تېپىپلا يۈرگەن .
    ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئالىي پىكاپى بارلار ئولتۇرسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار شۇنداق ئاددى-ساددا ياشاپ، پۇل تاپمىسا، ئالىي پىكاپلارنى قايسى پۇلغا سېتىۋالىدۇ؟ ئالىي پىكاپلار سېتىلىپ تۇرمىسا، پىكاپ ياسايدىغان شىركەتلەر نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئالىي پىكاپى بارلار ئولتۇرسا نېمە بوپتۇ؟ ئۇلار ھەشەمەتلىك داچىلىرىدا ئولتۇرسا، بىرەر قارا نىيەت نىيىتىنى بۇزۇپ قالسا، ئۇلارغا جان لازىم ئەمەسمۇ؟ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە يالاڭتۆشلەر ئولتۇرىدۇ دەپ، قارا نىيەتلەرمۇ كۆز سالمايدۇ .
    ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئالىي پىكاپى بارلار ئولتۇرسا نېمە بوپتۇ؟ «پۇلى بارنىڭ گېپى ئوڭ، پۇلى بارنىڭ گېپى توڭ» دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ؟ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۆتكىلىنىڭ چىڭلىقىدىن، يالاڭتۆشلەر ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى ئالالمىغان بولسا، ئالىي پىكاپى بار غۇجاملار قىيىن ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپتۇ. بۇ ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلەيدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملار سىز-بىز بىلگەننى بىلمەي قالامدۇ؟ قاتلاممۇ-قاتلام تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن تۇرسا، پالان-پوكۇن دېيىش تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرگەنلىك بولماي نېمە؟
    ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەردە ئالىي پىكاپى بارلار ئولتۇرسا نېمە بوپتۇ؟ بۇ ئالىي پىكاپلار شۇ ئۆيدە ئولتۇرغانلارنىڭ بولۇشى ناتايىن، دوستىنىڭ، تۇغقىنىنىڭ، ئىدارىسىنىڭ، ئىجارە بەرگەن خوجايىننىڭ پىكاپلىرى ئۇ. بەزىلىرىنى موشۇنداق ئۆيگە كۆچۈپلا، ھۆكۈمەتنىڭ شاپائىتى بىلەن تۇيۇقسىز باي بولۇپ سېتىۋالغان، بەزىلىرىنى قەرز ئېلىپ سېتىۋالغان، بەزىلىرىنى يولدىن تېپىۋالغان.

    سۇ سايغا ئاقىدۇ، پۇل بايغا ئاقىدۇ......



    ئاپتۇرى: ئابلاجان تۇردى

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.