سالام خەت

يوللىغۇچى : PUL يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-20 19:19:00

ساكام خەت سالام دوستۇم! ئاخىرى سەندىن خەت كەلدى، ئەمدى بىلسەم مەن راستىنلا ھاياتلىقنىڭ چىگىرىسىدا يۈرگەن ئوخشايمەن، لېكىن ئۆزەمنىڭ چىگرىغا كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمىگەن بولسام كېرەك. بەزىد...

    ساكام خەت

             سالام دوستۇم! ئاخىرى سەندىن خەت كەلدى، ئەمدى بىلسەم مەن راستىنلا ھاياتلىقنىڭ چىگىرىسىدا يۈرگەن ئوخشايمەن، لېكىن ئۆزەمنىڭ چىگرىغا كېلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمىگەن بولسام كېرەك. بەزىدە شۇنداق ئىچىم سىقىلىدۇ، يا ئۈلۈك بولسام يا تىرىك بولسام دەپ ئويلاپ كېتىمەن، ئارلىقتا ياشاشتىن زىرىكتىم، بۇرۇن باشقىلار ئىچىم پۇشتى، زىرىكىپ كەتتىم دىسە نىمە دەيدىغاندۇ بۇ؟ زىرىكسە قانداق بولىدىغاندۇ؟ قانداق بولسا ئىچى پۇشىدىغاندۇ ؟ دەپ ئويلاپ كېتەتتىم، لېكىن ھازىر شۇلارنىڭ دەردىگە يەتكەندەك بولىۋاتىمەن. بەزىدە كۆرگەنلىرىمنى بۇرۇن كۆرگەندەك ھېس قىلىمەن، بەزىدە ئۆزەمنى بۇ دۇنيادا بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ياشاپ بولغاندەك ھىس قىلىمەن، يەنە بىر تۇرۇپ ئۆلگەندىن كېيىن يەنە مۇشۇ دۇنياغا قايتىدىن كېلىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. بۇ ھېسلىرىم سېنىڭچە مۇشۇنداقلا پەيدا بولۇپ قالغانمىدۇ؟ ياكى مېنىڭ نېرۋېلىرىمدىن چاتاق چىققانمىدۇ؟ بەزىدە كوچىدىكى چىرايلىق قىزلارغا قاراپ قالىمەن، ئۇلارنى پەقەتلا كۆرەلىگەنلىكىمدىن ئاچچىقىم كېلىدۇ، مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا بۇرۇن ئۆزەمگە ئاچچىقىم كېلەتتى، پەقەت مەنلا شۇنداق ئويلايدىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاتتىم، لېكىن ھازىر بىلدىمكى نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ئويلايدىكەن. ئادەم راستىنلا ھەممىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ بەزى ئىشلارنى نىمىشقا ئۆزگەرتەلمەيدۇ؟ ئادەم نىمىشقا مۇشۇنداق ئاخىرى چىقمايدىغان تۇرمۇشتىن قۇتۇلالمايدۇ؟ خىياللىرىمدا چىگىش مەسلىلەر بەك كۆپ. ھىچبىرىگە جاۋاپ تاپالماستىنلا بىرەر كۈنى ئاشنىسىنىڭ يېنىدىن مەست چىققان بىرەر پۇلدارنىڭ ماشىنىسىنىڭ ئاستىدا ئۆلۈپ بۇ تۈگۈنچىلەردىن بىراقلا قوتۇلۇپ كېتىشتىن ئەنسىرەيمەن. خۇددى مەن ئۈلۈپ قالساملا بۇ دۇنيا مەنىسىنى يوقىتىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. مەن بولمىساممۇ بۇ دۇنيانىڭ ئىشىلىرىنىڭ يەنە ئاۋالقىدەكلا داۋام قىلىپ ئۆتۈۋېرىشىنى ئويلىساملا ئاچچىقىم كېلىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن مۇشۇ ھاياتلىقنىڭ چېگىرىسىدا تىرىشىپ تىرمىشىپ ئۆتەيمىكىن دەيمەن. سېھىرگەرلىكنى ئۆگىنەيمىكىن دىگەن، لېكىن كىمدىن ئۆگىنىمەن؟ ھەراست، سەن شەيتان بولغاندىكىن ماڭا ئازراق ماھارەت ئۆگىتىپ قويمامسەن؟ شۇ ماھارەتلىرىم بىلەن ھېلىقىدەك پۇلنى تېپىشنىلا بىلىپ، خەجلەشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ بانكىلاردىكى پۇللىرىنى ئۆز كارتامغا يۆتكىۋېلىپ، بىزنىڭ ئۆيگە ماڭىدىغان دوقمۇشتىكى ھېلىقىدەك كۈندە بەش سوم تېپىۋالسا ئاغزى قۇلىقىغا يېتىدىغان يايمىكەشلەرنىڭ تۈنىكىدىن تاشلاپ بېرەيمىكىن دەيمەن، ئۇنداق قىلسام ئۇلار «ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق» ئىدىيىسى بىلەن ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارغا تاپشۇرۇپ بېرەرمۇ يا؟ ئۇ پۇلنىڭ ئىگىسى چىقمىغاندىن كېيىن ئاندىن شۇ «مۇناسىۋەتلىك» ئورۇنلاردىكى باي باشلىقلارنىڭ بېشەم جىيەنلىرىنىڭ بولۇپ كېتەمدىكىن دەپمۇ ئەنسىرەيمەن. ھەي قانداق قىلسام بولار، نىمىلا ئىش قىلىشنى ئويلىسام ئاخىرىنى ئويلىساملا بوشىشىپ كېتىمەن، خۇددى ھېلىقى ئىشنى قىلىپ بولغاندىن كېينلا بوشىشىپ قىلغان ئىشلىرىغا پۇشايمان قىلغاندەك... ئەسلى دەيدىغان گەپلىرىم ناھايىتى جىق ئىدى. لېكىن سېنىڭ جاۋاپ بېرىپ بولالماسلىقىڭدىن قورقۇپ يازالمىدىم. كېيىنچە يەنە داۋاملىق يېزىمەن... ئامان بول!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر سالام خەت