كۆز تەگكەن كۈلكە(ساداقەت تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-05 16:37:11

كۆز تەگكەن كۈلكەمەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن(نەسىر)ساداقەت تۇرسۇن ئىلاۋە: مەن بۇ ئەسىرىمنى مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن. دادام 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە ئۇشت...

     كۆز تەگكەن كۈلكە
    مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن
    (نەسىر)
    ساداقەت تۇرسۇن

        ئىلاۋە: مەن بۇ ئەسىرىمنى مەرھۇم دادام تۇرسۇن سىدىققا بېغىشلايمەن. دادام 2001-يىلى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى خىزمەت ئۈستىدە ئۇشتۇمتۇت ئاغرىپ قېلىپ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي شۇ كۈنى «يۈرەك مۇسكۇل تېقىلما كېسىلى» بىلەن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.


    ئۇنىڭ ھاياتى تولىمۇ مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن ھايات ! ...
    ئۇنىڭ ئىزىدىن خۇشپۇراق گۈللەر ئۈنگۈسى ! ...
    2002-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى
    كۆز ئالدىمدا بىر تالاي تەۋەرۈك خاتىرىلەر. تەۋەرۈك سورۇنىڭىز، كىتاب ماتىرىياللىرىڭىز، قەلىمىڭىز،
     سائىتىڭىز، كىيىمىڭىز ... ئىزىڭىز تەگكەن تەۋەرۈك تۇپراق ... ھىدىڭىز سىڭگەن بىپايان دۇنيا ! ... ئۆمۈر مۇساپىڭىزغا شاھىد بولغان مۇقەددەس ساما ! ...
    كۆرىۋاتىمەن ... كۈلىۋاتىمەن ... يىغلاۋاتىمەن ... تەلمۈرۈۋاتىمەن ... تېۋىنىۋاتىمەن ... يېلىنىۋاتىمەن ... ئىزلەۋاتىمەن ... چېھرىڭىزنى، مېھرىڭىزنى، مەۋجۇتلۇقىڭىزنى ئىزدەۋاتىمەن دادا ! ...
    سىزگە زارىققان قەلبىمنىڭ ئەسەبىي ئىستەكلىرىگە تەڭرىدىن مۆجىزە تىلەۋاتىمەن ! ... يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەپ كۆيدۈرۈۋاتقان چىدىغۇسىز ئازابلىق ھالەتلەرگە چىن ئىخلاس بىلەن داۋا تىلەۋاتىمەن ! ...
    ئاچچىق-تاتلىق كۈلكىلىرىم، مۇۋەپپەقىيەت، مەغلۇبىيىتىمگە سىزنى شېرىك قىلغان مۇڭدىشىپ ھارمايدىغان، مۇڭدىشىپ قانمايدىغان شۇ ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى چەكسىز سېغىنىش ئىچىدە ئارمان قىلىۋاتىمەن ! ... ئەجىبا، ئاشۇ گۈزەل مىنۇتلار بىزگە ئەمدى مەڭگۈ نېسىپ بولماسمۇ ؟ ! ...
    قەدىردان دادا ! ... خازانلىق كۈز پەسلىدىكى بىر ئەنسىز كېچىدە مەن ئاجايىب غەلىتە چۈش كۆردۈم ! ... چۈشۈمدە سىز ئۈستى-بېشىڭىزغا قاردەك ئاپئاق كىيىم، ئاق دوپپا، ئاق كۆينەك كىيگەن، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقۇدەكسىز ! ... قەلىمىڭىز كۆينىكىڭىزنىڭ مەيدە يانچۇقىدا قىستۇرۇقلۇق تۇرارمىش ... بىز توۋلىغىنىمىزچە، يىغلىغىنىمىزچە كەينىڭىزدىن يۈگۈرگەن بولساقمۇ  زادىلا يېتىشەلمەپتىمىز ... سىز بىزگە قاراپ « يېشىڭلارنى سۈرتىۋېتىڭلار بالىلىرىم ! ... »  دەپ قولىڭىز بىلەن كۆزىڭىزنى ئىشارە قىلغىنىڭىزچە بىردەمنىڭ ئىچىدىلا كۆزىمىزدىن غايىب بوپسىز ! ...
        بىز سىزنى يۈتتۈرۈپ قويۇپتىمىز ...
    توۋا ! چۈشۈمدە كۆرگەن شۇ كۆڭۈلسىز قىسمەتلەرنى ئويغۇنۇپلا ئوڭۇمدا كۆرىدىغىنىمنى، سىزنى راستىنلا يوقىتىپ قويىدىغىنىمىزنى ئويلىمىغان ئىدۇق ! ؟ ...
    ئەسلىدە مېنى، ياق ھەممىمىزنى غەپلەت بېسىپتىكەن؛ چۈشۈمدە كۆرگىنىم رەھىمسىز، قورقۇنۇچلۇق رىئاللىقنىڭ ماڭا بەرگەن بىشارىتىكەن ئەمەسمۇ ؟ ! ...

       ئاھ ! تەتۈر پەلەك ! ... ئاھ ! رەھىمسىز دۇنيا ! ...
    - پەريادلىرىمىزدىن ئاسمان تىتىردى ! پۈتكۈل يەرۇ ـ جاھان تىتىرىدى ! ... سىز ئۈچۈن پۈتكۈل  كائىنات، پۈتكۈل ھاياتلىق ياش تۆكتى دادا ! ... مەزلۇمە ئانىڭىزنىڭ نالىسىغا چىدىماي ياش تۆكتى ! ... ئىشەنگەن تېغىدىن ئايرىلغان ئاجىزە قىزلىرىڭىزنىڭ پەريادلىرىغا چىدالماستىن ياش تۆكتى. استىن ياش تۆكتى ! ... ئەمدىلا ئۇچۇرما بولۇۋاتقان ياش ئوغلىڭىزنىڭ ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ قېتىپ تۇرغىنىغا قاراپ   ياش تۆكتى ! ... ھەمراھسىز، يۆلەنچۈكسىز قالغان جۆرىڭىزنىڭ ئاچچىق ھەسرىتىگە چىدىماي ياش  تۆكتى ! ... سىزنىڭ تېخى قىرانلىق مەزگىلنى ئاخىرلاشتۇرماي تۇرۇپلا تۇپراققا قوشۇكلۇپ كېتىشىڭىزگە چىدىماي ياش تۆكتى ! ... 57 ياش ! ... بۇ ئەرلەرنىڭ قىرانلىق مەزگىللىرى ئىدىغۇ دادا ! ... ئەگەر سىزنى ھاياتلىققا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولسا، بىر ئۆمۈر ياش تۆكسەكمۇ، سىز ئۈچۈن ھەرقانداق بەدەل بەرسەكمۇ ئەرزىيتى ئەمەسمۇ ؟ ! ...
    ئۆكتەبىر ئايلىرى جەمەتىمىزدە تويلار قىزىپ ناخشىلار ئەۋجىگە چىقىدىغان شاد-خوراملىق مەزگىل    ئىدىغۇ دادا ! ... تۇنجى قىزىڭىزنىڭ تويى، تۇنجى نەۋرىڭىزنىڭ تۇغۇلۇشى ... بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆكتەبىر ئايلىرىنىڭ بىزگە سۇنغان بەخىت سوۋغىسى ئەمەسمىدى ؟ ! ... ئەجىبا، يەنە مۇشۇنداق مەزگىلدە سىز ئۈچۈن ھازا ئاچىدىغىنىمىزنى سىزبىلەن مەڭگۈلۈككە ۋىدالىشىدىغىنىمىزنى ئويلىغانمىدۇق ؟ ! ... ھەر قېتىم، توي-تۆكۈنلىرىمىزگە، شاد ناخشىلىرىمىزغا داخىل بولىدىغان مېھمانلار بۇ قېتىم ھەسرەتلىك يىغىمىزغا، ئازابلىق نالىلىرىمىزغا داخىل بولدى ...
    ھازىڭىز بولماي تويىڭىز بولسىچۇ دادا ! ... 57 ياشلىق ئۆمۈر تويىڭىز ! ...
    تېخى بىر نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا باھارنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، ئەمدىگىنە  ئەقلىگە توشۇپ بېرىۋاتقان نەۋررىلىرىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە ئاتاپ تەييارلىغان سوۋغىسىنى، چۈچۈك تىلى، بالىلارغا خاس قىلىقلىرى بىلەن ئورۇندىغان سەنئەت نۇمۇرلىرىنى، (ھېكايە ئېيتىش، شئېر دېكىلاماتسىيە قىلىش، تېپىشماق ئېيتىش پائالىيەتلىرى) نى سىزنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ كۆرۈپ ھاياجانلىق ھېسلارغا چۆمۈلگەن... چىن ئىخلاسىمىز بىلەن سىزگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەن ئەمەسمىدۇق؟!... ھەر قاچان شۈكرى قانائەت قىلىشنى؛ تەڭرىدىن خاتىرجەملىك ۋە ئەمىنلىك تىلەشنى ئۆزىمىزگە ئادەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمەسمىدۇق؟!... بۇ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدىكى تۇنجى ھەم ئاخىرقى ئۆمۈر تويىڭىز بولۇپ قېلىشىنى كىممۇ ئويلىغان ئىدى؟!...
    مىھماندارچىلىقىمىز سىزسىز قىزىمايتتى دادا! توي تۆكۈنلىرىمىز سىزسىز يارىشىق تاپمايتتى!... ئەجىبا، ئارمان بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ئىنسانلارنىڭ پېشانىسىگە پۈتۈلگەن قىسمەتمىدۇ-ھە؟... ئالتە قىز، بىر ئوغۇلنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقچە ئانام بىلەن سىزنىڭ قانچىلىك بەدەل تۆلىگىنىڭلارنى، جۇت-شىۋىرغانلاردا توڭلاپ، تومۇز ئىسسقلاردا كۆيۈپ پىشقىنىڭلارنى ساناپ بولالمايمىز!... «ئانا قۇش» ئېغىزىدا دان توشۇپ باچكىلىرىنى ئۇچۇرما قىلغاندەك، سىلەرمۇ بىزنى ئادەملىك ۋايىغا يەتكۈزگىچە ناننىڭ قاتتىقى سىلەرنىڭ، يۇمشىقى بىزنىڭ بولۇپ كەلگەن؛ كىيىملەرنىڭ كونىسى سىلەرنىڭ يېڭىسى بىزنىڭ بولۇپ كەلگەن؛ جاپانىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ راھەتنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بولۇپ كەلگەن؛ ئەجرىڭلار، مېھنىتىڭلاردىن قۇۋۋەت ئېلىپ ئادەملىكىمىزنى تاپقان ئەمەسمىدۇق؟!... بىراق، ئەمدىگىنىە ئۆز مەجبۇرىيىتىمىزنى تونۇغاندەك بولغاندا، پەرزەنتلىك بۇرچىمىزنى ئادا قىلىش خىيالىنى سۈرىۋاتقىنىمىزدا، بىزگە پۇرسەت بەرمەستىن، تۈگىمەس داغۇ-ھەسرەتتە قالدۇرۇپ، كېتىپ قېلىشىڭىزنى كىممۇ ئويلىغان ئىدى؟!...
    قىزىنىڭ مېھرىنى ئاتىغا سالىدىغىنى راست بولسا كېرەك! سىز بىزنى بەكمۇ ئەتىۋارلايتتىڭىز!... «ئالتە قىزىم بار» دېمەستىن «ئالتە گۆھىرىم بار» دەپ ئاتايتتىڭىز، سايىۋەن بولۇپ، بېشىمىزغا كۈن چۈشۈرمەيتتىڭىز، يېپىنچا بولۇپ توڭلاتمايتتىڭىز! يۆلەنچۈك بولۇپ يىقىلدۇرماتتىڭىز!... قالقان بولۇپ «ئوق» تەگكۈزمەيتتىڭىز!... قوللىرىمىزدىن يېتىلەپ مېڭىپ يوللىرىمىزنى بىر-بىرلەپ كۆرسىتىپ بېرەتتىڭىز!...
    سىز ئەنە شۇنداق مەسئولىيەتچان، كۆيۈمچان ئاتا ئدىڭىز!... بىز ئاتىلىق مېھرىڭىزدىن قاناتلانغان «ئەركە قۇش» ئىدۇق. ئاتىلىق مېھرىڭىزدىن كۈچكە تولغان قورقماس غەۋۋاس ئىدۇق! ئاتىلىق مىھرىڭىزنى تۈۋرۈك قىلىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كاتتا ئىمارەت ئىدۇق!... پايانسىز يايلاقلاردا سەكرەپ-تاقلاپ ئويناقشىپ يۈرگەن قۇلۇنلاردەك قىن-قىنىمىزغا سىغماي، ئالەمگە پاتماي يۈرگەنىدۇق!... كۈلۈپ ھارمايتتۇق! كۈلۈپ قانمايتتۇق دادا!... ھۇجۇدىمىز ئالەمچە شاتلىقتىن كۈۋەجەيتتى!... چېھرىمىز، كۆزلىرىمىز چەكسىز بەخىتتىن چاقنايتتى!... ئازاپ، غەم-غۇسسە دېگەن ئىبارىلەر بىز ئۈچۈن ناتونۇش ئىدى... ھاياتنىڭ ھەر-بىر تاڭلىرى، ھەر-بىر تىنىقلىرى، ھەربىر ھەركەتلىرى بىز ئۈچۈن مىھرىگە قانماس گۈزەل كۈي ئىدى...
    ھەر-بىر جۈملىسى ھېكمەتكە تولغان نەسىھەتلىرىڭىز، تەنبىھلىرىڭىزنى تىڭشاپ، بالىلارچە قىلىقلىرىمىز بىلەن سىزگە ئەركىلەپ، مېھرىڭىز بېغىدا يايراپ يۈرگەن شۇ كۈنلىرىمىزنى مەڭگۈ داۋاملىشامدىكىن دەپتىكەنمىز دادا!...
    ئەپسۇس، كۈلكىلىرىمىزگە بۇنچە تېز كۆز تېگىشىنى، يۆلەنگەن تېغىمىزنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا غۇلاپ چۈشىشىنى؛ بىزنى ئۆز باغرىدا پەپىلەپ ئۆستۈرگەن گۈزەل بېغىمىزغا بۇنچە تېز ئۈششۈك تېگىپ خازان بولۇشنى، بىزنى ئكز قۇچىقىدا ئەللەيلەتكەن گۈزەل، شېرىن چۈشلەرنىڭ، بىردىنلا قاباھەتلىك، قورقۇنۇچلۇق چۈشكە ئۆزگۈرۈپ قېلىشىنى؛ شادلىققا، كۈلكىگە ئادەتلەنگەن چېھرىمىز، كۆزلىرىمىزنىڭ مۇڭ ھەم ھەسرەتتە تۆكىلىدىغان ياش بولىقىغا ئايلىنىپ قېلىشىنى ئويلىمىغانىكەنمىز!...
    ئاھ، پەلەك!...
    بۇ قورقۇنۇچلۇق رىئاللىققا چىداشلىق بەرگۈدەك جاسارەت بىزدە يوق!... بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنى ئىتراپ قىلغۇدەك شىجائەت بىزدە يوق!...
    بىز ئىشەنمەيمىز دادا! بىز ئىشەنمىدۇق!...
    تېخى قىززىق چاقچاقلىرىڭىزدىن كۈلكىمىز تارىماي تۇرۇپلا، يېنىڭىزدىن ئايرىلىپ نەچچە مىنۇت ئۆتمەستىنلا سىزنىڭ ئەجەل خەۋىرىڭىزنى ئاڭلايدىغىنىمىزنى ئويلىمىغانىدۇق؟!...
    ياق!...ياق!... بۇ رىئاللىق ئەمەس، بۇ چۈش!... چۈش بولغاندىمۇ دەھشەتلىك قورقۇنۇچلۇق چۈش!...
    بىز ئەسەبىيلەشكەن، نالە-پەرياد چەككەن ھالدا يۈرەك ھەركىتىڭىز، تومۇر سوقۇشلىرىڭىزنى قايتا-قايتا كۈزىتىپ كۆردۇق. ئۆز سەزگۈمىز بويىچە، كۈلۈمسىرىگەندەك ياتقان ھالىتىڭىزگە قاراپ دوختۇرلارنىڭ ھاياتىڭىز ئۈستىدىن چىقارغان «ئاخىرقى يەكۈنى»دىن شەكلەندۇق!... ئۇشتۇمتۇتلا مۆجىزە يۈز بېرىپ ھوشىىڭىزغا كېلىپ ئويغۇنۇپ قالىدىغاندەك ئارزۇلاردا بولدۇق!...
    سىزنىڭ قارا باسقاندەكلا شۇنداق تاساددىبىي نەپەستىن توختىغىنىڭىزنى ئەقلىمىزگە سىغدۇرالىشىمىز مۇمكىنمۇ دادا!...
    بىز سىزنى يىغا-زارە ئىچىدە ئۇزۇتۇپ قويۇپمۇ، روھىڭىزغا ئاتاپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋىتىپمۇ يەنە يولىڭىزغا قارىدۇق!.. چۈنكى بۇ چۈش ئىدى!... دەھشەتلىك، قورقۇنۇچلۇق چۈش ئىدى!... بىز سىزنى ئىزلىدۇق!... ئۇزاق ئىزلىدۇق!... قۇرداشلىرىڭىز، زامانداشلىرىڭىز، خىزمەتداشلىرىڭىز ئارىسىدىن ئىزلىدۇق... سىز ئىز باسقان يوللاردىن، دالىلاردىن، خانىلاردىن ئىزلىدۇق... ئاۋازىڭىز سىڭىپ كەتكەن تاملارغا، ۋادىلارغا يېلىنىش بىلەن قارىدۇق!... بىراق، قايتا رەت سىزنى كۆرۈشكە، ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاشقا، نەسىھەتلىرىڭىز، تەنبىھلىرىڭىز، چاقچاقلىرىڭىزدىن بەھر ئېلىشقا قادىر بولالمىدۇق!... بىلدۇقكى، بۇ چۈش ئەمەس رىئاللىق ئىكەن! رىئاللىق بولغاندىمۇ دەشەتلىك، ئاچچىق رىئاللىق ئىكەن!... تەغدىر قىسمەت ئالدىدا ئىنساننىڭ نەقەدەر ئاجىز، بىقۇۋۇل ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم ئېتراپ قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!... شۇ كۈندىن بېرى، قاراڭغۇ كېچە سىزنى يۇتۇپ كەتكەن−تېلىفۇندىن شۇم خەۋەر كەلگەن ئاشۇ قورقۇنۇچلۇق كۈندىن ئېتىبارەن، مەن بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمايدىغان غەلىتە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم دادا!... كېچىدىن، تېلىفۇن ئاۋازىدىن، ئادەملەردىن قورقىدىغان، «تىرىككىدە» قىلغان ئاۋازدىنمۇ چۆچۈپ چەكچىيىپ كېتىدىغان، كېچىسى جۆيلۈپ ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم!... يۈرۈگۈم شۇنداق ئەنسىز بولۇپ كەتتىكى، ھازىدار كىشىلەرگە يىراقتىن يولۇقۇپ قالساممۇ، پۇت-قوللىرىم سىرقىراپ، پۈتكۈل ۋۇجۇدۇمغا تىتىرەك ئولىشىدۇ!...
    ئەجىبا ئۆلۈم بىلەن ھاياتنىڭ چەك-چىگرىسى شۇ قەدەر يېقىنمىدۇ؟! بىز جان-جەھلىمىز بىلەن تىركىشىپ ئارمان قىلىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق پەقەت ئاشۇنچىلىكلا ئۆتكۈنچە نەرسىمىدۇ؟!...
    زەھەرلىك دورىغا ئوخشاش نېرۋىلىرىمنى، سەزگۈلىرىمنى كاردىن چىقىرىپ قويۇۋاتقان قورقۇنۇچلۇق خىياللار، سوئاللار ئىسكەنجىسىدە گاھ تەغدىر قىسمەتنىڭ رەھىمسىزلىكى، شەپقەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىپ ياش تۆكسەم، گەھ ئۆزىنى قۇتقازغۇچى ساناپ يۈرگەن ئاق خالاتلىقلارنىڭ تېخنىكىسىزلىقى، مەسئولىيەتسىزلىكىدىن ئېچىنىپ ياش تۆكتۈم. تەدبىرسىز بالا دوختۇرنىڭ قولىدا جان ئۈزگىنىڭىزنى ئويلاپ تولدۇرغۇسىز ۋىجدان ئازابى ئىچىدە پۇچۇلۇنۇپ  ياش تۆكتۈم!... شۇنىڭدىن بېرى دوختۇرلارنى كۆرۈشكە رايىم يوق دادا!... ئۇلارنى ئۇچرىتىپ قالسام تېنىم شۈركىنىپ كۆز ئالدىمدا جاللاتلارنىڭ قوپال، رەھىمسىز تۇرقى نامايان بولىدۇ...
    دادا، بىز ئىشىنىپ ئۇلارغا سىزنىڭ ھاياتىڭىزنى تاپشۇرغان ئەمەسمىدۇق؟!... ئەسلى ۋىجدان ئازابى تارتقۇچىلار ئاشۇلار ئىدىغۇ؟!...
    روھىڭىزنى قورۇندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن كۈلۈشكە، كۈلۈپ يۈرۈشكە تىرىشتۇق. بىراق كۈلكىلىرىمىز بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىماي قالدى. چىن يۈرىكىمىزدىن چىقىرىپ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن كۈلەلمىدۇق، دادا!... ئەسلىدە كۈلكە دېگەن قانىتى قايرىلمىغان يۈرىكى چاك بولمىغان، تولۇق، تەلتۆكۈس ئادەملەرگىلا خاس ئىكەن ئەمەسمۇ؟!... سىز بولغاچقىلا ھايات بىزگە شۇ قەدەر رەڭدار، گۈزەل، جىلۋىگەر كۆرۈنۈپتىكەن ئەمەسمۇ؟!...
    شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىسىدا، قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرغان مۇشۇ زىمىندا مەن ئۆزۈمنى گويا چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تىمىسقىلاپ يۈرگەن ئەماغا ئوخشىتىمەن!... چۈنكى ھاياتلىق ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ جانىجان كىشىلىرى بىلەن ھەقىقىي مەنىگە ئىگە ئىكەن!...
    ئاچچىق ھەسرەتلىرىمىزدىن، پىغانلىق نالىلىرىمىزدىن، روھىڭىز قورۇنمىسۇن دادا! مۇھەببەت ھەسرىتى، جۇدالىق ھەسرىتى بىزنى يىغلاتتى. بىزدىن مەڭگۈگە يىراقلىشىپ كەتكەن ئاۋازىڭىزغا، چېھرىڭىزغا، مېھرىڭىزغا قىيالماي ياش تۆكتۇق!... سىزگە چىدىماي ياش تۆكتۇق دادا! ناھەقچىلىك ئالدىدا غەزەپلەنگەن چېھرىڭىز، تۈرۈلگەەن قوشۇمىلىرىڭىز؛ ھەق-ناھەق ئالدىدا سۆيۈنۈپ شاتلانغان تۇرقىڭىزنى؛ جۇت-شىۋىرغانلارنىڭ ھەيۋىسىدىنمۇ، قارا بونلارنىڭ دەھشىتىدىنمۇ ھەقىقەت ئۈچۈن بىر ئۆمۈر قەد كېرىپ ئۆز جاسارىتىنى يوقاتمىغان پىداكىرانە قەددىڭىزنى ئۇنتالىشىمىز مۇمكىنمۇ؟!...
    سىز ھەقىقەتەنمۇ مۇھەببەت نەپرىتى ئېنىق، غۇرۇرلۇق، بەركەتلىك ئادەم ئىدىڭىز!... يۈكسەك ئارمانلارنى قەلبىگە پۈككەن جىگەرلىك، غايىلىك، پەزىلەتلىك ئاتا ئىدىڭىز!... ھاياتقا ناھايىتى ئەستايىدىل ھەم جىددىي قارايتتىڭىز!... تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئاددىي ئىشلارغا قەدەر ئىنچىكە ۋە ئەستايىدىل ئورۇنلاشتۇراتتىڭىز!... بىزنىڭ ساداقەتمەن، ئادالەتپەرۋەر، پاك-ساغلام، ئادىل ھەققانىيەتچى ئادەم بولۇپ چىقىشىمىزغا بولغان يۈكسەك ئۈمۈدىڭىزنى ھەتتا ئىسىملىرىمىزگىچە سىڭدۈرۈپ، بىزگە ساداقەت، ئادالەت، نۇر، ئادىل... دەپ ئىسىم قويغان ئىدىڭىز، پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياراملىق، ھالال ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى سەرپ ئەتكەن ئەمەسمىدىڭىز؟!... ئەجىبا ئارزۇلىرىڭىز ئەمدىگىنى بىخ سۈرۈپ چېچەكلەۋاتقان چاغدا شېرىن مېۋىلەردىن ھوزۇر ئالماي تۇرۇپلا كېتىپ قالغىنىڭىزغا چوڭقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئۆكۈنمەي، ھەسرەت چەكمەي تۇرالايتتىقمۇ؟!...
    ئاق يۈزىڭىزگە يارىشىق بەرگەن قىپ-قىزىل مەڭزىڭىز، كەڭ پشاينىڭىز، قويۇق، قاپقارا ئەگىم قاشلىرىڭىز، قىرلىق قاڭشىرىڭىز، ساغلام، تولۇق ئاپئاق چىشلىرىڭىز... كەڭ يەلكقڭىز، قاملاشقان بوي بەستىڭىز، يارىشىملىق، سۇمباتلىق قەددى قامىتىڭىز كۆز ئالدىمدىن بىردەممۇ نېرى كەتكىنى يوق!...
    سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزغا كۆنۈككەن روھيىتىڭىز، سىزگە باغلانغان شېرىن ھەم ئازاپلىق ئەسلىمىلەر ئىچىدە ئۆتۈپ كېتەرمۇ-ھە؟...
    دادا، سىز پىلان قىلغان ھەر قانداق ئىشلارنى ئالدى بىلەن بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزغا تاپشۇرۇشنى ئۇنىۇتمايتتىڭىز!... پىكىرىمىزنى ئاڭلىماي تۇرۇپ يەكۈن چىقىرىشقا ئالدىرىمايتتىڭىز!... شۇڭا ئورتاق پىكىر بىرلىكى ئاساسىدا ۋۇجۇتقا چىققان ئائىلە ئىشلىرىمىزدا چاك باسمايدىغان تەرەپلەر زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان...
    بىزمۇ سىزنىڭ ئەتراپىڭىزغا ئولۇشۇپ ئولتۇرۇپ مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىرلشىشقا، مۇنازىرە قىلىشقا، ھېرىسمەن ئىدۇق... ئەقلىي تەپەككۇرىمىزنىڭ كۈنسايىن ۋەزمىنلىشىپ بېرىۋاتقىنىغا قاراپ بىزدىن چىن دىلىڭىزدىن سۆيۈنۈپ رازى بولۇۋاتقانلىقىڭىزنى ۋۇجۇدىڭىزدا تەپچىرەپ تۇرغان ھاياجاندىن، چىراي ئىپادىڭىزدە كۆرۈنۈپ تۇرغان شاتلىقتىن ھېس قىلالايتتۇق!...
    «ھەر ھالدا ئەجرىم يەردە قالماپتۇ...»،«مېنىڭ بالامغا لايىق ئادەم بولىۋىتىپسىلەر...» دېگەندەك سالمىقى ئېغىر، ۋەزىنلىك، ئىلھام بەخش سۆزلىرىڭىز سىزنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز ھەم رازىمەنلىكىڭىزنىڭ دەلىلى ئەمەسمىدى؟!... مانا مۇشۇنداق سۆھبەتلەر بىزگە ھەر قانداق كاتتا يىغىلىشلاردىنمۇ بەكرەك مەنىۋى ئۈنۈم ۋە روھى شاتلىق بەخش ئىتەتتى ئەمەسمۇ؟!...
    دېمەك بىز سىزنىڭ كۆزىڭىز بىلەن جاھاننى كۆرۈشكە، سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز بويىچە مەسىلىلەرنى يېشىشكە ئادەتلەنگەن... بىزدىكى مىجەز-خارەكتىر بوۋامدىن سىزگە، سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزدىن بىزگە ئۆتكەن ئىرسىيەت، سىز ئارقىلىق بىزگە كۆچكەن ئۇدۇم!... تېخى يېقىندىلا بوۋامغا ئاتاپ يازغان مەرسىيەنى ئوقۇپ بەرگىنىمدە سىز ياش تۆككەن... ھەر ئىككىلىمىزلا بوۋامنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلغانىدۇ... ھايالشىمايلا سىز ئۈچۈن ياش تۆكىدىغىنىمىزنى، سىز ئۈچۈن مەرسىيە يازىدىغانلىقىمنى ئويلىمىغانىدۇق؟!...
    مەكتەپ سەھنىلىرىدە سىز يازغان شئېرلارنى دېكىلاماتسىيە قىلىپ ئالقىشقا ئېرىشكەن چاغلىرىمىز... سىز رىياسەتچىلىك قىلغان ھەرقانداق پائالىيەتتە ئۇتۇپ چىققان شۇ خاتىرىلەر بالىلىق قەلبىمدە نەققەش بولۇپ ئۇيۇپ قالغان ئېدى...
    مەن سىزنىڭ قولىڭىزدا تەربىيلەنگەن شۇ چاغلىرىمدا ئۇتتۇرۇپ باققىنىمنى، يېڭىلگىنىمنى زادىلا ئەسلىيەلمەيمەن دادا... مەيلى ئەدەبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بولسۇن، مەيلى ھەر تۈرلۈك زېھىن سىناش، ماھارەت سىنىش مۇسابىقىلىرى بولسۇن، سىز باشقۇرغان، بىز ئوقۇغان مەكتەپ ھەر دائىم بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرمەيتتۇق. مەندىكى يېڭىش، ئالغا ئىنتىلىش روھى، ھەر تەرەپلىمە بىلىم ئېلىش ئىستىكى سىزنىڭ بالىلىق قەلبىمگە قالدۇرغان تەسىرىڭىزنىڭ مەسھۇلى ئەمەسمىدى؟!...
       سىز ئىسمى جىسمىغا لايىق ھەقىقىي مائارىپچى، ھەقىقىي تەربىيىچى ئىدىڭىز!... شۇنىڭدىن تارتىپ تاكى ھاياتىڭىزنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغا قەدەر، مائارىپ خىزمىتى، جەمئىيەتنى ئاقارتىش، ياراملىق ئەۋلاد تەربىيلەش ئىشى ئۈچۈن پۈتكۈل زېھنىڭىز ھەم كۈچ-قۇۋۋىتىڭىزنى سەرپ قىلىپ كەلدىڭىز... يۈكسەك خىزمەت ئىقتىدارىڭىز، مول خىزمەت تەجرىبىڭىز كەڭ بىلىم دائىرىڭىز، سەمىمىي، چىقىشقاق مىجەزىڭىز بىلەن ئامما ئارىسىدا، پۈتكۈل مائارىپ قوشۇنى ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەت ۋە ئابرۇي تىكلىدىڭىز... بىر ئۆمۈر ئەل-يۇرتنىڭ غېمىنى يېيىشتىن باش تارتمىدىڭىز... ئەلنىڭ كۈلكىسى ئۈچۈن كۈلۈپ، يىغىسى ئۈچۈن ياش تۆكتىڭىز!... ھەق-ئادالەت ئۈچۈن، ھالاللىق، پاكلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر جان پىدا قىلدىڭىز... غەرەزسىز، مىننەت-تاماسىز، كىبىر-تاماسىز، غۇرۇرلۇق، ئىمان-ئىتقاتلىق، شۈكرى-قانائەتلىك خالىس ئادەملىكىڭىز بىلەن بىر ئۆمۈر ئۈگىنىش-ئۈگىتىشتىن، ئۆزىڭىز بىلگەننى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتىن روھى شاتلىق تېپىپ ياشاپ كەلدىڭىز...
    سىز پەقەت بىر مائارىپچى، بىر زىيالىلا ئەمەس، بەلكى ئەل-يۇرتنىڭ ئۇتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان سىرداش دوستى، دىلكىشى ئىدىڭىز... ئېتىز ئارىلاپ، دېھقانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش سىزنىڭ دائىملىق ئادىتىڭىز ئىدى... مەيلى قەھرىتان سوغۇق، مەيلى پىژغىرىم ئىسسىقتا بولسۇن ئۇلارنىڭ جاپاسىغا تەڭ شېرىك بولۇشنى، ئىش ئۇقماس يېڭى دېھقانلارغا ئۆز ئەمەلىيىتىىز ئارقىلىق دەرس بېرىشنى ئۆزىڭىزگە ۋىجدانىي بۇرچ ھېساپلاپ كەلگەنىدىڭىز! دېمەك سىز ئېغىر، جاپالىق، تىنىمسىز ئەمگەك مەشخۇلاتىدىن راھەتلىنىپ ياشايدىغان، ئىشچان، تىرىشچان، تەلەپچان، مەسئولىيەتچان ئادەملەردىن ئىدىڭىز!... ئۆيىمىز ئەتراپىدىكى ئېتىز-ئېرىقلاردا، خامان دۆۋىلىرى ئارىسىدا دېھقانلار بىلەن كەتمەن چېپىپ، خامان سورۇپ، ئۆزىڭىز سۆيگەن چىن، ھەقىقىي تۇرمۇشتىن لەززەت تېپىپ ئۆتكەن شۇ كۆرۈنۈشلەر جانلىق سۈرەتتەك ھېلى-ھەممۇ كۆز ئالدىمدا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ، دادا!...
    سىزنىڭ ھېكمەتلىك، يوللۇق، قايىل قىلارلىق تەلىملىرىڭىزنىڭ ئىشتىراكچىلىرى، تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك دەر-ئىستەكلىرىدىن قىسىلىپ، مەسلىھەت بېرىشىڭىزگە ھاجەتمەن بولۇپ كەلگەن كىشىلەر ھەر قاچان بوسۇغىمىز ئالدىدىن ئۈزۈلمەيتتى!...
    سىز گويا مەشئەلگە-ئوتقا شەيدا پەرۋانىگە ئوخشايتتىڭىز!... ئاشىقلىق دەردى، ئەلنىڭ قايغۇ-ھەسرىتى ئۈچۈن غەم يەپ ياشاش ئىستىكى سىزگە ئۆمۈرلۈك نىسىپ بولغان چېغى!... باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئەۋلات تەربىيلەش ئىشى ئۈچۈن جاپالىق شارائىتلاردا ئۈن-تىنسىز يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئاق-كۆڭۈل جاپاكەش دېھقانلارنىڭ دەردى، غېمىنى يېنىكلىتىشنىڭ ئامال-چارىلىرى ئۈستىدە كۈن تۈنلەپ ئىزدىنەتتىڭىز!... پۇچۇلىناتتىڭىز!... بۇنداق ئىشلارغا سىز ھېچقاچان يەڭگىلتەكلىك قىلغان ئەمەس. ھەتتا سىز كۆز يۇمغان ھاياتىڭىزنىڭ ئاشۇ ئاخىرقى كۈنىمۇ بىر دېھقان قىزىنىڭ تۇرمۇشتىكى كۆڭۈلسىزلىكلىرى تۈپەيلى مۇناسىۋەتلىك مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئېيتماقچى بولغان قەلب سۆزلىرىنى رە تەرتىۋى، قائىدە قانۇنىيەتلىرى بويىچە يىزىپ ئۈلگۈرۈپسىز، دادا!...
    «ئېسىت!... يۇرتىمىزنىڭ گۈلى ئىدى!...»، «ئادەمنىڭ ئادىمى ئىدى!...»
    مانا بۇ يۇرتداشلىرىڭىزنىڭ قىسقا، لېكىن ئەھمىيەتلىك ھاياتىڭىزغا بەرگەن باھاسى ئىدى.
    ئىتراپ قىلىمەن!... تەڭرى ئىنساننىڭ روھى ھەم جىسمىدا بولۇشقا تېگىشلىك گۈزەللىكلەرنىڭ ھەممىسىنى سىزنىڭ ۋۇجۇدىڭىزغا مۇجەسسەم قىلغانىكەن!... سىز بۇ دۇنياغا ھەقىقىي ئادەملىكىڭىز بىلەن ياشاپ ئۆتكەن ھالال ئىنسان!... چىھرىڭىز، قەلبىڭىز، ۋۇجۇدىڭىز ئاقلىق بىلەن تولغان ئىسمى-جىسمىغا لايىق پاك، سەمىمىي ئىنسان!...
    سىز بىزنىڭ ئۈلگىمىز!... سىز بىزنىڭ پەخرىمىز، دادا!... بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز!... ئەل-يۇرت سىزدەك ئوغلى بولغىنىدىن، زىمىن سىزدەك پەرزەنتى بولغىنىدىن سۆيۈنىدۇ!... ئۆزىنىڭ ئەرلىك، ئادەملىك بۇرچىنى تونىغان سىزدەك، سىزگە ئوخشاش ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ كۆپلەپ بولۇشى، ئانا زىمىننىڭ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ خوشلۇقى، بەخت-ئامىتى ئەمەسمىدى؟!... ئەجىبا گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ قىسقا بولۇشى ھەقىقەتمىدۇ؟!...
    سىز كۆز يۇمغاندىن بېرى روھىڭىزنى يوقلاپ، تۇپرىقىڭىزنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن يىراق-يىراقلاردىن كىېلىۋاتقان ئىخلاسمەنلىرىڭىزگە قاراپ، ھېلىھەممۇ بىزگە يۆلەنچۈك بولىۋاتقان پەزىلىتىڭىزنى ئويلاپ، سىزنىڭ جەمئىيەتتە، كەسىپداشلىرىڭىز ئارىسىدا قانچىلىك بۈيۈك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈپ يېتىۋاتىمىز....
    قەدىردان دادا1 سىزدىن ئايرىلىپ پۈتكۈل ئالەم كۆزىمىزگە قاراڭغۇ زۇلمەت بولۇپ كۆرۈنگەن، ھەسرىتىڭىزدە ئەس ھوشىمىزنى يۇقۇتۇپ گاراڭ بولۇپ يۈرگەن شۇ كۈنلەردە دىلدەشلىرىڭىز، سىرداشلىرىڭىز سەمىمىي تىلىكى بىلەن يېشىمىزنى سۈرتۈپ بىزنى يىتەكلەپ ماڭمىغان بولسا، ئەجرىڭىزنى، قەدرىڭىزنى چۈشەنگەن يۇرت ئاتىلىرى سەمىمىي مىھرى، شاپائىتى بىلەن بىزنى يۆلەپ تۇرمىغان، جاراھەتلىك قەلبىمىزدە ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى چاقناتمىغان بولسا، چۈشكۈنلۈك، ئۈمىدسىزلىك پاتقىقىدا قاچانغىچە تەمتىرەپ يۈرەتتۇقكىن؟!...
    خالس نىيەت، دۇرۇس كىشىلەرگە تەڭرىمۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە كاتتا ئەجىر ئاتا قىلارمىش!... ئىزىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي دادا! سىزگە جەننەتنىڭ بۈيۈك تەخىتلىرى نىسىپ بولغاي!...
    دادا! سىزنىڭ كۆز يۇمغاندىكى  شۇنچە بەھۇزۇر، شۇنچە خاتىرجەم ياتقان ھالىتىڭىز ھېلىھەم قارچۇقۇمدا قېتىپ تۇرۇپتۇ!... بولۇپمۇ چېھرىڭىزدە قېتىپ قالغان بىلىنەر-بىلىنمەس تەبەسسۇم مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغان ئىدى...
    ئاشۇ ھالەتلەردە پەرزەنتلىرىڭىزگە بولغان ئىشەنچىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىزىڭىزنى بويلاپ، ئارزۇ-مەقسەتلىرىڭىزنى كۆزلەپ ماڭالايدىغانلىقى، پەرزەنتلىك-ۋارىسلىق بۇرچىنى ئادا قىلىلايدىغانلىقغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىڭىز مۇجەسسەم قىلىنغاندەك بىلىنگەنىدى...
    بىز شۇ كۈندىن باشلاپ 7 پەرزەنت بىر تەن بىر جان بولۇپ ئانامنى چۆرىدەپ ئارزۇ-ئىستەكلىرىڭىز ئۈچۈن ئىزدەندۇق!... ئىزدىنىۋاتىمىز... ئۆيگە كىرىپ قىز، تالاغا چىقىپ ئوغۇل بولۇۋاتىمىز... سىزدەك ياشاپ ئۆتمەك بىزنىڭ ئارمىنىمىز، دادا!... ھەقىقەت ئۈچۈن جان پىدا قىلىپ، ئەل ئۈچۈن شام چىراق بولۇپ ياشىماق بىزنىڭ چىن ئەھدىمىز، چىن قارارىمىز!...
    بىز شۇنداق قىلالايمىز! بىز شۇنداق قىلىمىز دادا!...
    چۈنكى، بىزنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز بار!... چۈنكى بىزنىڭ تومۇرىمىزدا سىزنىڭ قېنىڭىز، مىھرىڭىز بار!...
    چۈنكى بىز سىزنىڭ مەۋجۇتلىقىڭىزنىڭ ئىزناسى!... چۈنكى بىز سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ داۋامى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.