شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە 2- باب (چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2009-03-18 19:43:00

شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە (چىمەنگۈل ئاۋۇت) ئىككىنجى باب سەپەردىكى ئايال ئۆز خىياللىرىمغا چۇلغىنىپ ئولتۇرۇپ پۇچىلىنىۋاتىمەن. زەردابتەكلا ئىسسىق ھاياجان، غاجىماقتا يالغۇزلۇقۇمنى ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇ...

      شوردەريانىڭ ئۇ تەرپىىدە

     (چىمەنگۈل ئاۋۇت)


       ئىككىنجى باب سەپەردىكى ئايال ئۆز خىياللىرىمغا چۇلغىنىپ ئولتۇرۇپ پۇچىلىنىۋاتىمەن. زەردابتەكلا ئىسسىق ھاياجان، غاجىماقتا يالغۇزلۇقۇمنى ئاپتوبۇسنىڭ ئورۇندۇقىدا يېنىك شامال تۇتتى قولۇمنى. ئۈزۈك-ئۈزۈك تەرتىپسىز تۇيغۇ يانجىلماقتا يوللاردا جىمجىت. قىمىرلايدۇ ئەينەك سىرتىدا تەر ھىدىدەك تونۇش بىر ۋاقىت.ياۋا توشقان يۈگۈرگىنىچە كىرىۋالدى چاقىنىڭ ئاستىغا. مۇزىكىنى ئۆچۈردى شوپۇر، قۇلىقىمغا ئاڭلاندى يىغا.چەكسىز كەتكەن قۇملۇق، پايانى يوق قۇرغاقچىلىق قاپلاپ كەتكەن شورلۇق تۇپراققا قاراپ ئېرىۋاتىمەن. ھېلىقى ئايالنىڭ يەنە ئۆيىگە قايتالىغىنىغا ھەيران قالمىدىم.
       چۈنكى، ئىرادىدىن ئىرادىگە ئۆتۈپ ياشاش ئاياللارنىڭلا قولىدىن كېلىدۇ. گۈل بىلەن تەڭ نەپەس ئالغىن، قۇش بىلەن تەڭ سايرىغىن، كۈن بىلەن تەڭ ئارام ئالغىن، ئاي بىلەن تەڭ يايرىغىن. چاكۇچاك بولغان يۈرەكنى پەيمانى ئەيلەي سەن ئۈچۈن، بۇ ھايات تەلقىنلىرىدە ئاقىل- ناداننى ئايرىغىن.كۆز يېشىڭ ھەقداسىغا يۇلتۇزلىرىمنى چۆكتۈرەي، خۇن بولۇپ كەتكەن ئېتەككە قۇندۇزلىرىمنى تۈكتۈرەي.
       بۇ جاھان سەيناسىدا بىر كۈن غېرىب بولساڭ ئەگەر، ئىككىلەنمەي كەل يېنىمغا مىڭ يىل ئۆزۈملا مۆكتۈرەي.نەپەس ئېلىشىم تېزلىشىپ، يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغىلى تاس قالدى. ئۇزاق يىللار ئىلگىرى مەھەللىمىزدىكى دىۋانە ئايالدىنلا ئاڭلىغىلى بولىدىغان بۇ ناخشىنى ئەمدى بۇ يەردە كىم ئېيتىۋاتىدىغاندۇ؟ ... ئىختىيارسىز ناخشا چىقىۋاتقان تەرەپكە قاراپ ماڭدىم.ھاۋانىڭ تىنجىقى سىقار دېمىمنى، ۋۇجۇدۇم بەرگىدە يېنىك بىر تىتىرەك. ئاخشامقى بوراندىنمۇ سۆيۈنۈپ قالدىم، بىلىمەن،يەنىلا كۈلۈشۈم كېرەك.چىپىلداپ تەرلىگەن ئەرنىڭ تېنىدەك زېمىننىڭ ئارامى چېقىلدى قات-قات. ئېھ، شۇ دەم دۇئاغا كۆتۈرگەن قولدەك كىملەرنىڭ لەۋلىرى تىترەيدۇ پات-پات.دىۋانىنىڭ ئىسمى رەيھانگۈل ئىدى، بىرەرى رەيھان دىۋانە كەلدى دېسە، بالىلارنىڭ ھەممىسى پىتىراپ تەرەپ-تەرەپكە قېچىشاتتى.
       چۈنكى، ئۇ بالىلارنىڭ قولىدىكى توقاچ، سامسا، كۆكۋاش، زاغرا، ئالما، ئامۇت، نەشپۈت، جىگدە دېگەندەك نەرسىلەرنى كۆرۈپ قالسىلا قولىدىن تارتىۋالاتتى-دە، ئىشتىنىنىڭ ئېغىغا سۈركۈۋېتىپ خاتىرجەم كۈلۈپ كېتەتتى. چۈنكى، ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئەمدى ھېچكىمنىڭ ئۆزىدىن تالاشمايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. نىمىشقىكىن، ئۇ دىۋانە ئايال ئۈزۈم يەۋاتقان بالىلارغىلا چېقىلمايتتى. بۇنىڭغا ھېچكىم ھەيران قالمايتتى ھەم سىرىنى بىلىشكە ئۇرۇنمايتتى... ... پاناھلىق ئۈچۈن ھەرخىل-ھەرياڭزا تاشلاردىن قوپۇرۇلغان بۇ كىچىككىنە كەپىگە ئېڭىشىپ ھەم قىستىلىپ تۇرۇپ نىڭ جاپادا كىردىم.
       ئالدىمدا، ئورا كۆز، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تۇمىقىدىن چاچلىرى پاخپىيىپ چىقىپ تۇرغان دەرۋىش سۈپەت چار ساقال بىر بوۋاي ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى ساپايى، ئالا خۇرجۇنىغا يۆلەپ قويۇلغان ھاسا ھەم بىر چۆگۈن ئۇنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتى بولسا كېرەك... قورايدەك قوللاردا مۇجۇلار تەسۋى، سۇ بولدى يۈرىكىم، ئوت بولدى مېھرىم.
       غېرىبلىق سەشتىدە ياشاپ يەكمۇ يەك، ئۇزاق يىل مۇشۇنداق ئۆتكەندۇ بەلكىم.كىملەردىن نېمىنى كۈتكەندۇ، ھەيھات، چىدام ھەم غەيرەتنى كىم بەرگەن ئاڭا. ئاھ، مۇنداق مۆھتەرەم، ئەزىز بىر جاننى تەۋەللۇت ئەيلىگەن قايسى بىر ئانا.توۋا، ھېلىقى ناخشىنى ئۇ ئېيتقان بولغىيمىتى؟ كۆڭلۈمدىكى ئىزتىراپ كۆزلىرىمگە تەپچىپ چىقتى. -كەل قىزىم، قورقما. -بايىقى ناخشىنى... -ناخشا... سەنمۇ ئاڭلاپسەندە! -مەن كىچىكىمدىمۇ ئاڭلىغان بوۋا. -نەدە، كىمدىن؟ ئۇنىڭ ئاۋازى ھاياجاندىن بوغۇلۇپ قىلىۋاتاتتى. 
        مەھەللىمىزدىكى رەيھان دىۋانىدىن. -رەيھان!!! ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھەم تەلۋىلەرچە ۋارقىرشىدىن ئەندىكىپ كەتتىم. -ئاخىر سېنى تونۇيدىغان، سېنى ئۇنتۇمىغان بىرسىنى ئۇچراتتىم رەيھان. يۈرىكىمدىكى گەپلىرىم ئۇ ئالەمگە ئۆزۈم بىلەن بىرگە كەتمەيدىغان بولدى. -بوۋا... ئۇ بوش يۇمۇۋالغان كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ساپايىنى قولىغا ئالدى.ئاھ ئۇرارمەن، ئاھ ئۇرارمەن، ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى. كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى. قۇرغۇيۇم ياتقان قەپەسنىڭ ئاچقۇچى قارنىمدىدۇر. ئىتلىرىڭ قوغلايدۇ ھارماي، قاۋانلىرىڭ ئالدىمدىدۇر.ئەر ئەمەسمەن، ئوتلىرىمنى يۈرىكىڭگە سالمىسام. تىكەن كىرسە تاپىنىڭغا كىرپىكىمدە ئالمىسام.چاچلىرىڭنىڭ ئۆرۈمىگە ئۆرۈلەي تال-تال بولۇپ. توزۇسۇن ئاياغلىرىڭغا پەسلى كۆكلەم كۈل بولۇپ. ئەل سېنى دېسە نىمە، مەن ئۈچۈن سۇلتان ئۆزۈڭ. رەيھىنىم باغىمدا كۆكلە، سەن ئۈچۈن يۇم-يۇم كۆزۈم.
       مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە مۇشۇ ناخشىنى ئوقۇيتتىم. رەيھان ھېلىقى ناخشىنى... بوۋاينىڭ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى، يىغىدىن قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۇھسىنىۋاتىمەن. -باينىڭ ئوغلى بولغانلىقىم ئۈچۈن، مۇھەببەتتىن، ئۆز ئەركىنلىكىمدىن مەھرۇم بولغانمەن. ئاتا- ئانام رەيھانگۈلنى پەس دىۋانىنىڭ قىزى دەپ ياراتمايلا قالماي، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېسىم ئىشلىتىپ يۇرتتىن قوغلىدى... ئاشۇ كۈنلەردىكى يۈرەكسىزلىكىم، غاپىللىقىم ئۈچۈن ئۆمرۈم بويى ۋايىم يېمىدىم. لېكىن... شۇنىڭدىن بۇيان ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم قىزىم. -قاچاندىن بېرى مۇشۇنداق تەركىدۇنيا بولۇپ ياشاۋاتىسى بوۋا؟ ئۇ ئۇلۇغ كىچىك تىندى: زامىن بولۇپ بىر گۈلگە، ۋىدا قالدى قەلبىمدە، ھەسرىتىمنى قان بىلەن قوشۇپ يۇتتۇم ئىچىمگە. كەچۈرگىن، ياق، جازالا ئۇلۇغ ئاللا مېنى سەن، بۇنچە دەردىنى سالمىغىن مەندىن باشقا ھەركىمگە.كۆيۈشنىلا بىلگەن ئەر ئەر ئەمەسكەن ئەسلىدە، بولمىسا گەر يېنىدا بىرەر مىسران قىلىچى. بىلمەيدىكەن ئۇ ھەتتا قانداق ياشاپ ئۆتۈشنى، تارتىلىدۇ قاي قولدا ھاياتلىقنىڭ كىرىچى.ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار تويۇمنى قىلىشتى.
       ئايالىم مېھرىبان ھەم تەقۋادار، گۈزەل ئايال بولسىمۇ، ئۇنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن باغرىمغا باسالمىدىم. رەيھاننىڭ سايىسى، رەيھاننىڭ ناخشىسى، رەيھاننىڭ يىغىسى مېنى ئەگىپلا يۈرەتتى.... توي قىلىپ 40 كۈندىن كېيىن ئايالىم دورا ئىچىپ ئۆلۈۋالدى. مەن شۇندىلا بۇ ئۆمرۈمدە يەنە بىر ئىشنى خاتا قىلغىنىمنى ئاندىن بىلدىم-دە، ئاخىر مۇشۇ يولنى تاللىدىم. ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشىمنى ياكى ئۇنىڭدىن نەپرەتلىنىشىمنى بىلەلمەي، مەنمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتىم. توققۇز ياش چاغلىرىمدا ئانام بىلەن مومامنىڭ: « رەيھان دىۋانە بۇ يۇرتقا مۇساپىرلىقىدىن ھەم ئۆزىنىڭ يېتىملىكىدىن دىلى سۇنۇق ئىدى.
       ئۇنى بوزەك قىلغان قارا يۈزنىڭ ئۆزى تۇنجۇقۇپ ئۆلسىچۇ ئىلاھىم » دەپ ئۇھسىنىشىقىنى يادىمغا كەلدى. لېكىن، بوۋاينىڭ يارىسىغا تۇز سەپمەسلىك ئۈچۈن ئۇنىڭغا ھېچنىمە دېمىدىم.ئازابنىڭ قەرىدە سۇنغان رىزىق، يۇلتۇزسىز ئاسماننىڭ تېنى سويۇلدى. تىغ بوۇپ سانجىلسا ياشاش بېسىمى، رەھىمسىز تەقدىرنىڭ كۆزى ئويۇلدى. -ھەراست، بوۋا، ئۇنىڭ نېمىشقا ئۈزۈم يېمەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ -بىلىمەن، ھەممىنى بىلىمەن، مەن ئۇنىڭغا تەرار-تەكرارئېيتىپ بېرىدىغان بىر ھېكايە بار ئىدى قىزىم. ئەمدى سڭا ئېيتىپ بېرەي. داۋامى بار....

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق