«غەم قىلماڭ» دىن پارچە- كەتكەن ئىش، كەتتى

يوللىغۇچى : zakirjanmejid يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-08 20:19:07

غەم قىلماڭد. ئابدۇللاھىل ئائىز قەرنىيتەرجىمە قىلغۇچىلار: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى بىلقەيىس ئابدۇللەتىف تۆمۈرىكەتكەن ئىش، كەتتىكۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇ سەۋەبلىك ئاچچىق يۇتۇش ئۆت...



     غەم قىلماڭ

    د. ئابدۇللاھىل ئائىز قەرنىي

    تەرجىمە قىلغۇچىلار: زاكىرجان ئابدۇلمەجىد سىددىقى

                           بىلقەيىس ئابدۇللەتىف تۆمۈرى

     

    كەتكەن ئىش، كەتتى

    كۆڭۈلسىز كەچمىشلەرنى ئەسلەش ۋە ئۇ سەۋەبلىك ئاچچىق يۇتۇش ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلىك ۋە ساراڭلىقتۇر. ئۇ، ئىرادىمىزنى سۇندۇرۇپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ھاياتلىقنى بىتچىت قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. شۈبھىسىزكى، ئاقىللار بۇنداق كەچمىش بەتلىرىنى ئۇنتۇش بۇلۇڭلىرىغا قاتلىۋىتىدۇ. ئۇنى ھەممىلا چاغدا يېيىپ يۈرمەيدۇ. ئۇنى بىپەرۋالىق ھەپسىسىگە قامىۋىتىپ،  مەڭگۈ چىقىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ. كەچمىش دىمەك ئۆتتى، كەتتى دىمەكتۇر. ئۇ غەم قىلماق بىلەن قايتىلانمايدۇ. ئەسلەش سەۋەبلىك ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ قايتىلانماس ئۆتمۈش. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ئۆتمۈشنىڭ قارا چۈشى بىلەن يوقلۇق سايىسىدا ياشىماي، ئۆتمۈشنىڭ كۆلەڭگۈسىدىن ئۆز ئۆزىڭىزنى قۇتقۇزغايسىز. ئەجىبا، سىز دەريانى مەنبىيىگە، قۇياشنى مەشرىققە، بالىنى بالىياتقۇغا، سۈتنى ئەمچەككە، ياشنى كۆزلەرگە قايتۇرالامسىز؟ مۇقەرەركى سىزنىڭ ئۆتمۈشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالماسلىقىڭىز، ئۇ سەۋەبلىك ئىزتىراپ چىكىشىڭىز ۋە ئۇنىڭ چوغلىرى ئارىسىدا چۈچۈلىگە ئايلىنىشىڭىز، ئۇنىڭ بۇسۇغىسىدا دالىيىپ يېتىۋېلىشىڭىز- ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيە جۈملىسىدىندۇر.

    بىز بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزغا دادىل يۈزلىنىشكىمۇ قۇربەتسىز تۇرساق، ئۆتمۈش بىلەن مەشغۇل بولۇشقا نەدىكى ئىمكان. بىزنىڭ دىراگىدىيەمىز كۆپىنچە كۆز ئالدىمىزدىكى گۈزەل قەسىرلەرگە ئېتىبار قىلماي، ئاللىنىكەم جۇلىقى چىقىپ كەتكەن ئۆتمۈش خارابىسىدىن مىھرىمىزنى  ئۈزەلمەسلىكتە تۇغۇلىدۇ. ئەگەر ئىنسانلار ۋە جىنلار يىغىلىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇرۇنسىمۇ، ۋاقىتنى  قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ ئەسلىدىنلا مۇمكىن ئەمەس ئىشتۇر.

     

      ************************************************* 

    مەن پەقەت بۈگۈن ئىچىدە ياشايمەن. شۇڭلاشقا دەيمەنكى: ئىھ، ئۆتمۈش، سەن كەتتىڭمۇ كەلمەيسەن، گويا پاتقان قۇياشتەك. نىمە قىلاي سېنىڭ ئۈچۈن كۆز ياش تۆكۈپ، نېمە قىلاي سېنىڭ ئۈچۈن تىنىقىمنى ئەسلەش بىلەن نابۇت ئېتىپ... چۈنكى سەن بىزنى تاشلاپ كەتتىڭ، بىزدىن يىراقلاشتىڭ، بىزنىڭ قېشىمىزغا ئەبەدىي قايتىپ كىلەلمەيسەن. ئىھ، كەلگۈسى! سەن يوقلۇق ئالىمىغا مەنسۇپ سەن. مەن شېرىن چۈش بىلەن ھەپىلىشىپ نېمە قىلاي!؟ ئۆز ئۆزۈمنى خىيال بىلەن گوللىيالمايمەن. يوق نەرسىنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى كۈتمەيمەن. چۈنكى ئەتە دىمەك يوق دىمەكتۇر. چۈنكى ئۇ يارىتىلمىدى، يارىتىلمىغان نەرسە ئەسلىنىدىغان نەرسە بولالمايدۇ. ئەي ئىنسان، «بۈگۈن سىزنىڭ ئىلكىڭىزدە» دىگەن بۇ سۆز ھاياتىنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئۆتكۈزۈشنى خالايدىغان كىشى ئۈچۈن، بەخت- سائادەت قامۇسىدا چاقناپ تۇرغان ئەڭ نۇرانە گۆھەردۇر!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.