يەنە بىر كوچا(ئەخمەتجان ئوسمان كۆلچى)

يوللىغۇچى : ahatalim يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-15 09:15:38

يەنە بىر كوچا (ھېكايە) ئەخمەتجان ئوسمان (كۆلچى) ھېلىراقتا دوستۇمنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا ‹‹دەرھال كېلىڭلار، ئىككى ئوغۇل ئۈچ قىز بولۇپ قالدۇق.›› دىگەن ئىدى. قانداق ق...

    يەنە بىر كوچا  (ھېكايە)

    ئەخمەتجان ئوسمان (كۆلچى)

     

        ھېلىراقتا دوستۇمنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتىم. ئۇ ماڭا ‹‹دەرھال كېلىڭلار، ئىككى ئوغۇل ئۈچ قىز بولۇپ قالدۇق.›› دىگەن ئىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ بېرىش كېرەكمۇ ياكى جىممىدە ئۆيگە قايتىشىم كېرەكمۇ؟

    دەم ئېلىش ۋاقتىم توشۇپ ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى دوستۇنىڭ شەپقىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىكەنمەن. باراي. كونىلار ‹‹كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ›› دەپ توغرا ئېيتىپتىكەن. ئۆزۈمنى تىزگىنلەپ ياشاپ كۆرگەنلىرىم بايىقى بولغاندىكىن بېرىپ قاراپ باقاي...

    تېلفۇنۇم سايرىدى. قارىسام يەنە شۇ دوستۇمدىن كەپتۇ.

    ـــ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...

    ـــ ۋاي ئاداش، كېلەمسىلەر كەلمەمسىلەر؟ ماۋۇ قىزلار بەك ساقلاپ كەتتى...

    ـــ ماقۇل، ھازىرلا باراي.

    ـــ تېزراق بولۇڭلا، بۇيرۇتقان قورۇمىلارغا چۇكا سالماي قاراپ ئولتۇردۇق.

    ـــ بىلدىم. ھازىرلا بارىمەن.

    ئىدارىنىڭ ئاپتوبۇسىدا كېتىۋېتىپ ئۈچ قىز ۋە ئىككى ئەر، ناتۇنۇش قىزلار بىلەن تونۇشۇش نىيىتىدە كېتىۋاتقان ئۆزۈم ھەققىدە ئويلاشقا باشلىدىم. قىزلارنىڭ نىمە قىسمەتلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلمىسەممۇ ئۇ يەردىكى ئىككى ئەرنىڭ بىرسىنىڭ خوتۇن باللىرى بار، يەنە بىرسى ماڭا ئوخشاش بويتاق ئىدى.

    خوتۇن بالىلىق بولغان تۇرۇقلۇق سىرتقا قاراش توغرىمۇ-خاتامۇ؟ ئۈچ قىزنىڭ قايسى تۇل، قايسى چوكان، قايسى قىزدۇ؟ بېرىپلا بىرسى بىلەن تونۇشۇپ قالسام، ئۇنىڭغا ئاۋۇ ئىككىيلەننىڭ بىرسى كۆز تاشلاپ تۇرغان بولسا...

    دوستۇم دىگەن ئاشخانا ئالدىغا كەپ تۇراتتىم ئۇلار ئۇزاپ چىقتى. ماشىنا توسۇپ ماشىنىغا چىقتۇق. قىزلارنى كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك چىرايلىق دىگىلى بولمىسىمۇ مېھرى ئىللىق بولغاچقا تېزلا ئۆزلىشىپ قالدىم.

    ـــ ياسىنجان بىلەن ئىككىمىز بېرىپ ماشىنا ئۇقۇشۇپ كېلەيلى. سەن قىزلا بىلەن مۇشۇ يەردە تۇرۇپ تۇرامسەن؟ ـــ .

    ـــ ياخشى گەپ. ئىككىڭلا ئەنسىرىمىسەڭلا مەن بىردەم ئەمەس بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولۇشقا رازى...

    ئىشچىلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ماشىنىدىن چۈشتۇق. ئىككىيلەن كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي قىزلار ھاجەتخانا سورىۋېدى ئارتۇق ئويلاپ ئولتۇرمايلا قىزلار ياتاق بىناسىنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم. ئىككىيلەن كىرىپلا قايتىپ چىقىپ ‹‹سىرتتىكىلەرنى كىرگۈزمەيدىكەن›› دىۋىدى ئۆزۈم كىردىم.

    ـــ خاپا بولمىغىن، دوستۇمنىڭ ھاجىتى قىستاپ قاپتۇ. بۇ مېنىڭ سالاھىيەت كىنىشكام بىلەن خىزمەت كىنىشكام. تىزىملاپ قوياي، مەسىلە چىقسا مەن مەسئۇل، ئۇلار ھاجەتخانىنى  ئىشلىتىۋالسا بوپتىكەن...

    ـــ ياق. يوقۇردىن سىرتنىڭ ئادىمىنى كىرگۈزمە دەپ بۇيرۇق چۈشكەن.

    ـــ ئۇلار ياتاققا كىرىپ يېتىۋالمايدۇ. ھاجەتخانىغا كىرىۋالسىلا بولدى؟

    ـــ سەن گەپ ئاڭلامسەن-يوق؟

    ـــ سەندە ئىنسان پەرۋەرلىك دىگەن نەرسە بارمۇ؟ ئاچچىقىم كەلدى. ھاجىتى قىستاۋاتقان ئادەمنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىشقا قوشۇلمايۋاتقان مۇنۇ ئادەم كۆزۈمگە باشقىچىلا كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. بۇ ئۇنىڭ خىزمەتكە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقىمۇ؟ ياكى يېنىمدىكى قىزلار ئۇنىڭ كۆزىگە باندىتتەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتقانمىدۇ؟ ‹‹دۇنيا خەلقى جاھانگىر، قاتىل، باسمىچى دەپ ھاقارتلەيدىغان ياپۇنلۇقلار چېغىدا ھاجىتى قىستاپ كەتكەن بىرەيلەن ئىشىكىنى چەكسە دەرھال ھاجەتخانىسىنى ئېچىپ بېرىدىكەن›› دىگەن گەپلەر ئېسىمدىن كەچتى. ناۋادا ياتاق بىناسىغا ئەمەس شىركەت بىناسىغا كىرىپ كىنىشكامنى كۆرسۈتۈپ تىزىملىتىپ قوياي، دوستۇم ھاجەتخانىنى ئىشلىتىۋالسۇن دىسەم ‹‹ياق›› دەر بولغىيمىدى؟ ناۋادا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىغا كېلىپ قېلىپ مۇشۇنداق دىسە نىمە دەر؟ پارتىيە-ھۆكۈمەت جان دىلى بىلەن خەلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ياخشى ۋەزىيەتتە ئاۋۇ خىزمەتچىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ پۇقراسىنى ھاجەتخانىغا كىرىۋېلىشقا يول قويمىغىنى نېمىسى؟...

    شەھرىمىزدە سىرتتىن كېلىپ ئالدىراپ قالغان ساياھەتچى يۈگۈرۈپ كىرگۈدەك ئاممىۋىي ھاجەتخانىنىڭ يوقلۇقىدىن ئەپسۇسلانغاچ ئۇلارنى دوختۇرخانا بىناسىغا ئېلىپ بېرىپ دوختۇرخانىنىڭ ھاجەتخانىسىغا باشلىدىم. 

    قىزلار ھاجەتخانىغا كىرىپ چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا نۇرمۇھەممەتنىڭ ‹‹قىزلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپ مېنىڭ توي قىلغانلىقىمنى ئاشكارىلاپ قويماڭلا يەنە›› دىگەنلىكى ئېسىمگە كېلىپ قالدى. ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەن، قايسى بىر دوختۇرخانىدا كاسسىرلىق قىلىدىغان قىزنى قوغلىشىۋاتقان نۇرمۇھەممەت بۇرۇنلاردا ماڭا تولا تەربىيە قىلاتتى. تەربىيىسىدە ‹‹ ھاراق تاشلاڭلا، ياخشى ئادەم بولۇڭلار، زىيانلىق ئىشنى ئاز قىلىپ ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلايلى›› دەيتتى. ئەجىبا ئۇنىڭ بىر قىزنى ئالدىماقچى بولغانلىقى ساۋاپلىق ئىشمۇ؟ ئۇنىڭ ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى، ئىمان-ئىتىقادىنى قايسى كۈچۈك يەپ كەتكەندۇ؟ ‹‹ھەممە ئىشنى موللا بىلەر، موللا چىقىپ كۆلگە سىيەر›› دىگىنى مۇشۇمۇ يا؟

    مەن قىزلارنى ئايلاندۇرۇپ ساقالنىڭ لەغمەنخانىسىغا كەلگەندە نۇرمۇھەممەت بىلەن دوستۇم ماشىنا ئېلىپ كەلدى. ئالتىيلەن ماشىنىغا چىقىپ شەھەرگە قاراپ ماڭدۇق.

    ـــ ئايالىڭىز بىلەن ئاجراشقىلى قانچىلىك بولدى؟ ـــ دەپ سورىدى يېنىمدىكى چوكان.

    ـــ ئىككى يىلدىن ئاشتى.

    ـــ بالىڭىز بارمۇ؟

    ـــ بىر بالام بار. ئۆزۈم قاراۋاتىمەن.

    ـــ سىزگە بىر دوستۇمنى تونۇشتۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئۆزى بەك ئاق كۆڭۈل، بىر قىزى بار.

    ـــ يەنىچۇ؟

    ـــ نىمە يەنىچۇ؟

    ـــ يەنە نىمىسى بار دىمەكچى.

    ـــ بىر دۇكىنى، يەنە ئۆيى بار.

    ـــ ئەپسۇس. مەن بۇلارنىدىنمۇ مۇھىمىنى سورىغان؟

    ـــ چۈشەنمىدىم.

    ـــ ئۇيغۇرچە ياشايدىغان قىزمۇ ياكى؟...

    ـــ دەپ قاپسىز، بۇ جەھەتتە ئۇ ھەقىقەتەن بولىدۇ. ئۆزى تەقۋادار.

    ـــ ئىلاھىم يالغان بولمىسۇن...

     كاللامدا گادىرماچ خىياللار ئەگىشكە باشلىدى. ئۈچ قىزغا ئەگىشىپ كېتىۋېتىپ يەنە بىرسى بىلەن تۇنۇشۇپ قېلىشىمنى كىم ئويلىغان؟ مانا بۇ ھاياتنىڭ قانۇنيىتى. ئادەم يالغۇز تۇغۇلغان بىلەن ئاستا ئاستا ئالاقىسى كۆپىيىپ بارىدۇ. يېنىمدا بىرسىلا بولسا، بىرسى بىلەنلا ياشىسام دىگەننى ئويلايدۇ. تۇرمۇشتىكى زىددىيەت تۇپەيلى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا قاينامغا شۇڭغۇيدۇ. بۇ قاينامدا ساناقسىز دوستلىرى، ساناپ بولغۇسىز دۈشمەنلىرى، ئاڭلىغان ئادەمنىڭ كۆزىنى ياشلىغۇدەك قىسمەتلىرى، كۈلدۈرۈپ تېلىقتۇرۋەتكۈدەك شوخلۇقلىرى، ئەستىن چىقمىغۇدەك تاتلىق دەقىقىلىرى بولغاندىن كېيىن يەنە تەنھالا كېتىپ قالىدىغان گەپ. دوپپىنى ئالدىمىزغا قويۇپ قويۇپ ئويلاپ باقساق ھاياتتا بىز تالاشقۇدەك، ئاداۋەتلەشكۈدەك، بىر-بىرسىمىزنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتكۈدەك نىمە بار؟ تالىشىدىغىنىمىز، ھالال نىكاھىمىزنى، ئىمان ئەقىدىمىزنى نابۇت قىلىشقا ئالدىراتقىنى زادى نېمە؟ خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك، ھايات بىزگە باقىۋەندە بولىدىغاندەك قۇرۇق شۆھرەتكە، كىچىككىنە مەنپەئەتكە ۋە بىراۋنىڭ شەيتانلىقىغا ئالدىنىپ ‹‹ماۋۇ مېنىڭ ئېرىم،بۇ ئايالىمغۇ، مېنى توغۇپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانام، بىر قېرىندىن چۈشكەن قېرىندىشىم، ئەتە يەنە ئۇچرىشىپ قالىدىغان قۇلۇم-قوشنام تۇرسا›› دىيىشنى ئۇنتۇپ دۈشمەنلىشىپ كېتىدىكەنمىز. شۇنچىلىك قېيدىشىپ، ئازارلىشىپ، دۈشمەنلىشىپ ئاچچىق يۇتۇشتىن، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي زەردە گۆش بولۇپ يۈرۈشتىن ئارتۇق نىمىگە ئېرىشتۇق؟

    ماشىنا يول چىراقلىرىنىڭ يۇرۇقىدا خۇددى مۇئەللەقققە چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىرخىل تىزلىكتە كېتىپ بارىدۇ. مەن بايىقى بىر ئەردىن باشقا ھەممە نىمىسى تەل چوكاننى ئويلىغاچ ئۇنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى تېلېفۇنۇمغا كىرگۈزۋاتىمەن. نۇرمۇھەممەت يېنىدىكى قىزغا بىرنىمىلەرنى دەۋاتىدۇ. خوتۇن بالىلىرى بار ئاغىينەم بىلەن ئېرى بار چوكان جىممىدە ئولتۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن بىر بىرسىنىڭ يۈرىكىنى تىڭشاۋاتقىنى ئېنىق. ئاغرىق بېشىمنى ئوڭشاپ قويماقچى بولغان چوكانغا قارىدىم.

    ـــ ئەتە تېلىفۇن قىلىپ بېقىڭ. كېيىنچە توي قىلىپ قالسىڭىز مېنى چوقۇم چاقىرىڭ جۇمۇ؟

    ـــ چوقۇم چاقىرىمەن.

    ـــ شۇنداق قىلىڭ. دوستلار بىللە بېرىپ ياردەملىشىمىز.

    ـــ رەھمەت...

    بايا كۆزۈمگە تازا سىغىپ كەتمىگەن قىزلار مانا ئەمدى ماڭا قېرىندىشىمدەك تۇيغۇ بېرىۋاتاتتى. دىمىسىمۇ بىز قېرىنداشلاردىن ئىدۇق. كىيىنىشىمىز، تەلەپپۇزىمىز، چىراي ئىپادىمىز ۋە بىزگە سىڭىپ كەتكەن رەڭۋازلىق، سۈنئىي، ئەبجەش مەدىنىيەتنىڭ ساقىندىلىرى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە ئىشىنىشتىن مەھرۇم قىلىپ، ياتتەك، رەقىپتەك، يولىمىزغا ئورا كولاۋاتقان مۇناپىقتەك كۆرسۈتۈپ قويۇۋاتاتتى ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.