سىرلىق ساندۇق(تۇردى سامساق)

يوللىغۇچى : rose يوللىغان ۋاقىت : 2011-04-27 16:44:12

ئىلاۋە: مەرھۇم تۇردى سامساق يازغان «سىرلىق ساندۇق» بۇندىن كۆپ يىللار بۇرۇن يېزىلان بولسىمۇ ئەمما يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە...

    ئىلاۋە:

       مەرھۇم تۇردى سامساق يازغان «سىرلىق ساندۇق» بۇندىن كۆپ يىللار بۇرۇن يېزىلان بولسىمۇ ئەمما يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كەلگەن ئەڭ نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە ھىكايىچىلىقىزمىنىڭ تۆرىدىن ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە... چوقۇم ئوقۇپ بېقىشقا تېگىشلىك ئەدەبى ئەسەر قاتارىدا كۆپچىلىككە ھاۋالە قىلىندى.

    سىرلىق ساندۇق(ھېكايە)
    تۇردى سامساق
     
     
    ئەل قىساسى مىنەل ھەق
    خەلق ماقال-تەمسىلى
     
     
       «سامۇق خوتۇنىغا كۆڭۈلسىز ئىكەن…» دېگەن گەپنى ئاڭلىغانكى كىشى" ۋاي سولاش، ھالىغا باقسىچۇ؟ ئىلىدىن بىر قوتۇر ئاتنى مىنىپ، بىر قۇر چىبەرقۇت چاپان كىيىپ كېلىپلا شۇ قاتارلىق گۈلدەك خوتۇندىن چانغۇسى كەپتىمۇ ئۇ ياغاقنىڭ…" دەپ نەپرەتلىرىنى بىلدۈرۈشەتتى.
     
       كامالخان راستىنىلا گۈلدەك خوتۇن ئىدى. بوي-تۇرقى، رەڭگى-رۇخسارىغۇ بىر ياقتا تۇرسۇن، ئادەمگەرچىلىكى، ئىنساپ-دىيانىتى، كۆپچىلىك ئارىسىدا: ئەرنى ئەر قىلىدىغان خوتۇن…دېگەن يۇقىرى ئېتىبارغا ئىگە ئىدى.
     
        سامۇق كامالخاننى ئون بەش ياشلىق قىز چېغىدا ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئىككى بالىسى بار ئىدى. ئۇ ئىلىدىن ئۈچ يىلدا كەلدى. شۇنىڭغىچە كامالخان ئاز جاپا تارتمىدى. ئۆينىڭ، بالىلارنىڭ پۈتۈن جاپالىرىنى تارتقاننىڭ تاشايىنىدا، تا ئەتىيازدىن كۈزگىچە باغ-ۋاران ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ئاساسلىق كىشى سۈپىتىدە قاتناشتى.
     
       قول-پۇتلىرى چاك-چاك يېرىلغانلىقىغا قارىماي، كىم ئىلىدىن كەپتۇ، ياكى ئىلغا بارىدىكەن دېسە، كامالخان شۇ يەرگە ئۈنەتتى. ئېرىنىڭ ھالىدىن ئۇچۇر ئۇقمىغۇچە كۆڭلى ئارامغا چۈشمەيتتى، ئەنسىرەشلىرى پەسەيمەيتتى. ئۇ ئېرى سامۇق ئاخۇنغا ئاتاپ قۇرۇتۇلغان يەل-يېمىشلەردىن خالتىلار ئەۋەتىپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىشلىرىغا چۇشلۇق ئېرى سامۇقنىڭ ئۈچ يىل مابەينىدە پوتلا ياغلىق قاتارى بىر نەرسە بىلەن ياد ئەتمىگىنىنى ئاز دەپ، مانا ئەمدى كېلىپ بۇ خوتۇندىن چېنىشى كامالخانغا ئۆلۈمدىن ئېغىر چۈشتى. ئۇنىڭ ئاچچىق ياشلىرى قانچە-قانچە باغ كۆچەتلىرىنى سۇغىرىپ، قايغۇلۇق كېچىلەردە مۇڭلۇق تەكىيلەرنىڭ سامىنىنى نەملەيدىغان بولدى. سامۇق بولسا ھېچ ئىشقا قولىنى ئەگرى قىلماي ئىلچە تۇمىقىنى سىڭاريان كىيىپ يۈرگىنى يۈرگەن ئىدى.
     
     
    ئىلچە تۇماقىڭنى،
    قىرلاپمۇ بۇزۇپ كەتمە.
    ئۆلمىسەك كۆرۈشەرمىز،
    ئۈمىدنى ئۈزۈپ كەتمە.
     
    دەپ غەزەل چىقتى. سامۇق كامالخاننى قويۇۋېتىپ ئېلىش ئۈچۈن ئاللىكىملەرنىڭ قىزلىرىغا ئەلچى قۇيۇپ ھەممىسىنىڭ دەككىسىنى يېسىمۇ، ئەمما نىيىتىدىن يانمىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ كامالخاندەك خوتۇنىنى قويۇۋېتىشىگە پۈتۈن ئەۋلادى نارازىلا ئەمەس، بەلكى ھەننىۋاسى قاتتىق قارشى بولغىنى ئۈچۈن ئوي بۇزۇلماي بىرنەچچە يىللار كۆڭۈلسىزلىكتە ئۆتتى.
     
       «كۆڭۈلسىز كۈنلەر» نىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋە ئەڭ ئېغىرى سامۇق سەھرادىن شەھەرگە كۆچكىنىدىن كىيىن تېخىمۇ ئەۋج ئالغىلى تۇردى. بۇ كۈنلەردە بىچارە كامالخان شۇنچە ئىزا-ئاھانەت، دەككە-دەشناملار ئۈستىگە ئەمدى تاياق-تېپىكنىمۇ ئاز يېمىدى. ئۇنىڭ شەھەردىكى ئىككى-ئۈچ يىلى سامۇققا چۈشكەن ئون قانچە يىلدىنمۇ نەچچە ھەسسە ئېشىپ كەتتى. ئاخىر چىدىماي خېتىنى ئېلىپ تۈگەشتى.
     
       سامۇق قاقتى-سوقتى قىلىپ، ئۇ بۇغا چاڭموزا كىيدۈرۈپ يۈرۈپ شەھەردە بىر دۇكان ئېچىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ دۇكىنى كونا شەھەرنىڭ ئوردا ئالدىدىكى بىر خالتا كوچا دوقمۇشىدا بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەرزان باھا نەرسىلەرنىڭ تولا تۈرلىرى دېگەندەك بار ئىدى، ئۇ، سودا-سېتىق قىلىش ئەسناسىدا ئاياللارغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ھېچقاچان يادىدىن چىقارمايتتى.
     
       ياخشى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سامۇقنىڭ دۇكىنىغا بىر خوتۇن كېلىپ تارىشا گۇگۇت سېتىۋالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ ئىككىسى تونۇشۇپ قالدى. ئۇ خوتۇن «خەلىچە جىن» نامى بىلەن پۈتكۈل قەشقەرگە مەشھۇر بولغان بىر دەللال بولۇپ، شەيتانغا دەرس بېرەرلىك مەككارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە يېيىلسىمۇ لاپ بولمايتتى.  سامۇق كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى لايىق بولسا ئۆزىنىڭ ئويلىنىش نىيىتى بارلىقىنى خەلچىخان ئاچىسىغا ئېيتتى. ئۇ كەسىپكە ئىش تاپقىنى ئۈچۈن خوش بولۇپ كەتتى. ئەتىسى ئۆگىنى خەلچىخان پەرەنجە چۈمبەللىك ئايالنى باشلاپ كەلدى. ھەر ئىككىسى دۇكاندىكى نەرسىلەردىن كۆڭلىگە ياققىنىنى ئالدى. سامۇق بولسا «مەردلىك مەيدانىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈش» ئۈچۈن ئۇ نەرسىلەرگە پۇل ئالغىنى ئۇنىمىدى. ناھايىتى كېتىش ۋاقتىدا ھېلىقى ئايال چۈمبەلنى لەپپىدە قايرىپ پىسىڭڭىدە بىر كۈلۈپ قويدى-دە، كەتتى.
     
       ئايال دېگۈدەكلا چىرايلىق،ياش چوكان ئىكەن،سامۇق،ئۇنىڭ ھۆسن-جامالىنى قانغۇدەكلا كۆرەلمىگىنى ،كۆز خۇماردىن چىقمىغىنى ئۈچۈن پايپېتەك بولۇشقا باشلىدى.
     
       شۇنىڭدىن كېيىنمۇ كېلش-كېتىش،سودا-سېتىقلار يەنە نەچچە تەكرارلانغان بولسىمۇ،ئەمما سامۇققا ئاشۇ دەسلەپكىسىدىن ئوشۇق ھەسرەت ھارارىتى بېرىشتىن باشقا ،ھۇزۇر-ھالاۋەت پۇرسىتى نېسىپ بولمايلا كېتىۋاتاتتى.ئۇ ھەر كۈنى بولمىسىمۇ كۈن ئارىلاپ دېگۈدەك «خەلچىخان ئاچا» نىڭكىگە سوكۇلدايدىغان بولدى.لېكىن ئۇ گۈزەل جاناننىڭ سۆزىدىن بۆلەك ئۆزىنى،يا كوزىنى كۆرەلمەي كۆڭلى پاراكەندە ئىدى .
     
       بىر كۈنى كەچقۇرۇنلۇقى سامۇق شۇ شەرتلىك دەرۋازا ئالدىدىن ئۆتمەكچى بولۇپ كەلگىنىدە ئۇ چىرايلىق چوكان بوسۇغىدىن چىقىۋاتقاندا ئۇچراشتى-دە،شۇ ئان ئارقىسىغا يانغىنىچە كۈلۈپ قاچتى.سامۇق بۈگۈنمۇ ئارماندا قالدى.ئۇ،ئەھۋالنى خەلچىخان ئاچىسىغا ئېيتىپ بېرۋىدى،ئۇمۇ كۈلدى ۋە:
     
    ئاشىق-مەشۇقلىقنىڭ لەززىتى مانا شۇنىڭدا.كۆپ كۆرۈشىۋەرگەندە ئېتىبارى بولمايدۇ ئەمەسمۇ؟ سىلى ئەر كىشىلەر بەك تاقەتسىز بولىسىلەر،كېيىن تونۇشۇۋالمامسىلەر؟توي تەييارلىغىنى پاتراق ئۆتكۈزسەك،شۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك ھەل بولىدۇ ئەمەسمۇ؟-دېدى.
     
       مەشۇقنىڭ گۈزەللىكىدىن مەمنۇن بولغان سامۇقۋاي"تويلۇق"دېگەنگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ پىخسىق-پىششىقلىغىنىمۇ يادىدىن چىقىرىپ قويدى ۋە تويلۇق ئالغان نەرسىلىرىنى خەلچىخان ئاچىسىغا ساقلىغىنى بېرىپ تۇردى.بۇنىڭدىن مەقسەت،بىرىنچىدىن،ئىگىسى كۆرسۇن دېمەكچى بولسا،ئىككىنچىدىن،نەرسىلەر بىلەن كۆڭلىنى ئۇتۇپ،ھازىرچە بولسىمۇ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ تۇرۇش،توي قىلىش-قىلماسلىقنى كېيىنكى ۋاقتىدا كۆرۈش ئىدى.
     
       بىر كۈنى پېشىن مەزگىلى ئىدى.خەلىچە جىن خۇشال كەلدى.
     
    _خوش خەۋەرگە كەلدىم،سۆيۈنچىگە نېمە بېرىلا؟-دەپ ئاز چىشلىق ئېغزىنى بولۇشىغا ئېچىپ ھىجايدى ئۇ.
     
    -خالىغانلىرىنى ئالىلا،-دېدى سامۇقمۇ ھىجىيىپ.
     
    -بىر كىيىملىك تاۋار.
     
    -ۋاي-ۋۇي،تاۋار ئايلانسۇن سىلىدىن خەلچىخان ئاچا...
     
    -ئۇنداق بولسا،-دېدى خەلچىخان جىن «بولسا» دېگەن سۆزنى سوزۇپ،-ئەتە ئاخشاملىققا بىزنىڭ ئۆيگە بارىلا،مۇرات-مەقسەتلىرىگە يېتىلا!-جىن ئۇچقاندەك كەتتى. 
     
      «ئەتە ئاخشام..» ئارىلىقىدىكى بىر كۈن سامۇققا قىيامەتنىڭ بىر يىلىدەك بىلىنىپ كەتتى.ئۇ،يېڭى كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ،ساقال-بۇرۇتلىرىنى ياستىۋىدى،كونا مەسىنىڭ قونجىدەك قورۇلۇپ كەتكەن يۈزلىرىگە خېلى ئىسكەت كىردى.ئۇنى ئاخشامنىڭ خىرە-شىرە گۇگۇمىدا خەلىچە جىن ئۆزى يالغۇز كۈتۈۋالدى.خەلچىخانمۇ بۇ ئاخشام ئۈچۈن سامۇق ئاخۇندىن ئوشۇق بولمىسا،كەم ئەمەس دەرىجىدە ياسانغان ئىدى.بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئالۋاستىنىڭكىدەك جىڭگىلەك چېچى يىلىم بىلەن شۇنچە شىلىملەنگەن بولسىمۇ،ئەمما بۇرۇل ئاقلىرى مانا مەن دەپلا چېنىپ تۇراتتى.ئەرۋاھنىڭكىدەك رەڭسىز شىرداقلىشىپ كەتكەن يۈزلىرىمۇ ئۇن تاغىرىدىن يېڭىلا سۇغۇرۇۋالغاندەك كۆرۈنەتتى.ئۇ،پۇتى-پۇتىغا،قولى-قولىغا تەگمەي يورغىلاپ ئاجايىپ خوش تەۋەززۇلار بىلەن سامۇق ئاخۇننى كۈتمەكتە ئىدى.بۇ ئىشلارغا سامۇق ئانچىۋالا ھەيرانمۇ قالماي،بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ھېلىقى چىرايلىق چوكان بىلەن ئىككىمىزنىڭ بۈگۈنكى تويىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن دەپ ئىچ-ئىچدىن خوش بولاتتى،بەلكى،بۇ ئىلتپاتلارمۇ تېخى ئاز دەپ قارايتتى.
     
    -يېڭى ئۆتۈك پۇتلىرىنى ئاغرىتىۋاتقان بولسا سىلىۋەتسىلە،-دېدى تۈزۈك ئولتۇرالمايۋاتقان سامۇققا جىن،-ئەكەلسىلە،مەن تارتىۋېتەي،-ئۇ ئالىقىنىغا تۈكۈرۈپ سامۇقنىڭ ئۆتىگىنى تارتتى،توپىلىرىنى تازىلاپ ئاپىرىپ ئېگىز تەكچىدىكى چىنە-قاچىلاردىنمۇ ئۈستۈنگە ئېلىپ قويدى.-يېتىپ ئارام ئالسىلا،-دەپ قوش ياستۇقنى جۈپلەپ سامۇقنىڭ بىقىنىغا يۆلىدى.سامۇق بولسا ئۆينىڭ تۆرىدە ،مورىنىڭ تۈۋىدە خۇددى ھەلەپكە تويغان بۇقىدەك ئېغىناپ ياتاتتى.خەلىچەك بولسا ھېلىدىن-ھېلىغا تالاغا يورغىلاپ،يەنە كىرىپ،ھەر قېتىم كىرگىنىدە بىرەر يېڭى خەۋەر بىلەن سامۇقنىڭ كۆڭلىنى ئوينىتىپ تۇراتتى.كېپىنىكى خەۋىرىدە ئۇ مۇنداق دېدى:
     
    -كىرىمەن دەۋاتقىنىدا ئاكىسى بازاردىن كېلىپ قالدى.ھازىر ئاكام خۇپتەنگە چىكەتسىلا كىرمەن دېدى...چاي دەملەپ بېرەيمۇ؟چاي ئىچكەچ تۇراملا؟ئۇسسىلىمۇ؟قەنچاي ئۇسسۇزلۇقنى باسىدۇ.
     
    -ياق،-بېشىنى چايقىدى سامۇق،چۈنكى گېلىدىن ئۆتمەيتتى.بىردەمدىن كېيىن سالامنىڭ يوغىنىنى بېرىپ بىر توپ جامائەتنىڭ كىرىپ كېلىشى سامۇقنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى.خەلچىخانىڭ يورغىلىشى بولسا تېخىمۇ قىزىپ كەتتى.مېھمانلارغا دەرھال داستىخان سېلىنىپ،كەينى ئۈزۈلمەي كەلگەن يېمەكلىكلەر تولۇپ كەتتى ۋە ئاخىرغا ئۇلاپلا تۆت لېگەن گۈرۈچ ئاشمۇ ئۈلگۈرۈپ كىردى.ئاش ئاخىرلىشىشقا يېقىن قالغاندا تۇزغا ئىككى پارچە نان چىلانغان چىنىمۇ يېتىپ كىردى-دە،تۆردە ئولتۇرغان سەللىلىك كىشىنىڭ ئالدىغا قۇيۇلدى.بۇ نىكاھنىڭ بەلگىسى ئىدى.بۇنى كۆرۈپ ئالاقزادە بولغان سامۇق چەكچەيگەن كۆزلىرى بىلەن ئىشىك تەرەپكە قارىغىنىدا،ئىشىكنى يېرىم ئېچىپ ،گىجىم رومانغا پۈركەنگەن يۈزىنىڭ يېرىمىنى كۆرسىتىپ سىڭاريان تۇرغان خەلىچە جىندىن بۆلەك جاننى كۆرمىگەندىن كېيىن ئالاقزادىلىكى ئەسەبىيلىككە ئايلانغىلى،سەپراسى ئۆرلىگىلى،ئەرۋاھى ئۇچقىلى تۇردى.بۇ چاغدا ھېلىقى ئىمام دېگىنىمىزنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغان كەكە ساقال ،پاكىنەك كىشى ئاغزىدىكى لوقمىنى چايناپ ئولتۇرۇپ سۆزگە كىرىشتى.
     
    -خەلچىخان ...،-دەپ بىر توختىۋالدى ئۇ كىشى،خەلچىخان ئاچام دېمەكچىدى ،ئەمما بۇلۇڭدا دۈگدىيىپ ئولتۇرغان قارا ساقال يىگىتنىڭ يۈز-خاتىرىسى ئۈچۈنلا "خەلچىخان"دەپ ئاتاشنى لايىق كۆردى،- ئون بەش-يىگىرمە يىلنىڭ مابەينىدە بىزگە تونۇش،ئوبدان مەزلۇم.سامۇق ئاخۇن بولسىمۇ ئەھلى سودىگەر ئىكەن.بۇ ئىككىيلەن ئوي-ئوچاق بولۇشقا كۆڭۈل تېپىشىپ ۋاجىپاتى ئىمان نىكاھ قىلىپ قۇيۇشقا جامائەتنى بۇ يەرگە...
     
    -ۋاي تەقسىر نېمە دەۋاتىلا؟...-دەپ ۋارقىرىۋەتتى سامۇق ئورنىدىن خۇددى چايان چاققاندەك چاچراپ تۇرغىنىچە بېرىپ تەكچىدىن ئۆتۈكنى ئالدى -دە،قوڭالتاقلا ساپتى،ئۇ ئەمدى ھەققى ئەھۋالنى جامائەتكە ئۇقتۇرغىلى تۇردى.
     
    _ھە،تېخى گەپ مۇنداقكەن-دە...،-دەپ يىغا دېگەننى بولۇشىغا قۇيۇۋەتكەن خەلىچە جىن ئىشىكنى توغرا توسۇپ جاۋىلداشقا باشلىدى،-پىچاققا نىكاھ قىلىپ ئىش ئاللىقاچان پۈتۈپ بولغان ؛يۇرت-جامائەتنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈش ئىشىمىزلا قالغان.بىز ئاللىقاچان ئەر-خوتۇن بولۇپ بولغان ،ھازىر گۇماندىمەن ،ئۈچ ئايلىق بۇيۇمدا بار ،بالىنى ئۈندۈرۈپ قويۇپ ئەمدى مۇنداق دېسە بۇلامدىكەن...ھۇ...ھۇ...-يىغلايتتى ئۇ.
     
    توي مەرىكىسى بىر دەمنىڭ ئارخىپىدا ماتەم مەرىكىسىگە ئايلىنىپ كەتتى.ئون-بەش يىگىرمە يىلنىڭ مابەينىدە ھەممىدىن خەۋەردار جامائەت.....بۇ شۇم خوتۇننىڭ رايىغا قويمىدى.
     
    _...ۋە يەنە ھەر ئىش بولسا گەپ بىلەن سوز بىلەن ....._دېدى ئىمام-مەزىنلەر،سامۇق ساراڭنىمۇ بۇ ساختىلىق سارىيىدا قويماي ئۆزلىرى بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشتى،ئۇلار ئۇزاپ ماڭاردا قاتتىق قارغاشنى باشلىغان خەلىچە جىن ۋاقىراپ-جاقىراۋاتاتتى. 
     
    _خەپ توختاپ تۇر كاززاپ ئوغرى،ئەدىبىڭنى بەرمەيدىغان بولسام ،ئاناڭدىن تۇغۇلغىنىڭغا مىڭ توۋا دېگۈزمىسەم،خەلىچە خوتۇن بولماي قالاي...
     
    شۇنىڭدىن ئۈچ كۈن كېيىن قەشقەر بازىرى راسا قىزىغان پەيشەنبە كۈنى چۈش مەزگىلىدە ،سامۇق دۇكىنىڭ پۇكىيىدە سالاپەتلىك بىر نەچچە كىشى بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئۇ يەرگە خەلىچە جىن پەيدا بولۇپ قالدى،ئۇ گىجىم رومىلىنىڭ پېشىنى يېرىم قارىغان ھالدا ئاۋۇ ئولتۇرغانلارغا مۇلايىم تەزىم بىلەن سالام بەردى.ئاندىن قولدىكى نىمىدۇر يۆگەلگەن ياغلىقنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا-پۇكەيگە قۇيۇۋېتىپ سۆزلەيتتى:
     
    -نەچچە كۈندىن يا ئۆزلىرى ئۆيگە بارمايلا ،يا گېلىمدىن بىر نېمە ئۆتمەيدۇ،ئەر دېگەن شۇنداق بۇلامدۇ؟نېمىشقا ئۆيگە...
     
    سامۇق ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ بىر سىلكىۋېدى، قىزىل بويالغان تۇخۇملار يولنىڭ نە- نەلىرىگە غىلدىرلاپ كەتتى، ئۇ «يوقال ساراڭ، كۆزۈمدىن يۇت» دەپ ياغلىقنى خەلىچە جىننىڭ بېشىغا ئاتتى. جىن بولسا ۋايجانلاپ، ۋارقىراپ بىشەملىك بىلەن كوچىنى بېشىغا كىيدى. ھاڭ- تاڭ قالغان ھېلىقى كىشىلەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن خەلىچە جىننى ئالداپ - سالداپ ئاران كەتكۈزدى.
     
      ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ خىل ئەھۋاللار سامۇق ساراڭ بىلەن خەلىچە جىننىڭ ئادەتتىكى ئىشى بولۇپ، ئولاشقان ئۇششاق بالىلار ۋە بىكارچىلىقتىن زېرىككەنلەرنىڭ ھۇيت- ھۇيتلاپ، چاۋاك چېلىپ ئوينىغان «كوچا كومېدىيىسى» گە ئايلىنىپ قالدى. ئىزا- ئاھانەت جېنىغا بەك پاتقان سامۇق بىر كۈنى خەلىچە جىن ياقىسىغا ئېسىلغاندا «كېتە ساراڭ جىن» دەپ مۇنداقلا ئىتتىرىۋېدى، خەلىچە جىن ئۆزىنى يەرگە يۈزچە ئاتتى- دە، بۇرنىنى مۇشتلاپ قانىتىپ، يۈز- كۆزىگە سۈركەپ، ئاۋازىنىڭ بارىچە ۋايجانلاپ ئالەمنى مالەم قىلىۋەتتى. ئولاشقان كىشىلەر سالاھ- سۇلىھ بىلەن ئاز- تولا نەرسە ئېلىپ بېرىپ جىننى يەنە يولغا سالدى. ئۇ، ھەممە قېتىملىقلىرىنى قوشقاندا بۇ ئىشتىن ئاز تاپاۋەت قىلمىدى. شۇڭا قانداق چارە، ئۇسۇل ۋە ئىشلار قىلغىنى بىلەنمۇ خەت ئېلىشقا ئۇنىماي «بويۇمدا بار» دەپ تۇرۇۋېلىپ، سامۇقنى «ئالدىم» غا كۆندۈرۈشنى قەستلەيتتى. ئۇ بولسا «ئىقرار» دىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرەتتى. بارا بارا سامۇقمۇ بۇ ماجىراغا كۆنۈپ قالدى. بەزىدە ئۇ «قېلىن دورىسى» ئىچىۋېلىپ زاڭلىقلار، كۈلكىلەرگە ئۆزىمۇ قېتىلىپ كۈلىدىغان ۋە ھەتتا قوللىرىنى ئاجايىپ پۇلاڭلىتىپ ئۇسۇلمۇ ئوينايدىغان بۆلىۋالدى. لېكىن شۇنداقتىمۇ خەلىچە جىن ھېچ بىر زېرىكمەيتتى،يا ھازازۇللۇقىنى قويمايىتتى.
     
     كۈنلەرنىڭ بىرىدە سامۇقنىڭ دۇكىنىغا پەرەنچە- چۈمبەلىك بىر جۇۋان كەلدى. ئۇ، مەشنىڭ كانىينى كۆردى ۋە:
     
      - نىمانداق جانسىز، ئېزىلەڭگۈ كانايلار بۇ… _ دەپ كۈلدى.
     
      - جېنى بار- يوقلىقىنى كېيىن بىلىپ قالىلا خېنىم…،- دېدى سامۇق جۇۋاننىڭ كۆزىگە قادىلىپ قاراپ،- قورقماي ئېلىۋەرسىلە، ئۇتتۇرۋەتمەيلا…
     
      بۇلار باھادا ئوڭايلا كېلىشىپ قالدى.
     
      - ئېلىشنىغۇ ئالدىم، ئەمدى بۇنى قانداقمۇ ئېلىپ كېتەرمەن؟… - دېدى ئايال.
     
      - كىرا ھەققىدە رازى قىلالىسىلا ئۆزەم ئاپىرىپ بېرەتتىم…
     
     - رازى بولالا…،- دەپ جۇۋانمۇ ناز بىلەن تولغىنىپ، ياسالغان قارا قېشىنى بىر ئوينىتىپ قويدى. سامۇق دۇكاننى غاچ-غۇچ تاقىدى- دە، ئەسكى تانا بىلەن تۆت تال كاناينى باغلاپ يۈدىگىنىچە جۇۋاننىڭ كەينىدىن كوچىنىڭ كۈچىكىدەك ئەگىشىپ ئەگلەكچى كوچىسى تەرەپكە كەتتى.
     
      مەس- كانايلار تېپىشقاندىن كېيىن سامۇق خۇددى نەچچە كۈنلەپ يامغۇردا قالغان ئەسكى تاسمىدەك سوزۇلۇپ سىم كارۋاتتا جاق ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ئۇنىڭ كۆزى تورۇسنىڭ قايسى يېرىگىدۇر قادىلىپ قالغان بولسا، خىيال كۆۋرۈكدىن يەر ۋە تامدىكى چوغدەك زىلچە- گىلەملەر، مىھراپتىكى چايشاپ ۋە قاتمۇ قات ئورۇن كۆرپىلەر، ھەر يوغان سۆلەتلىك ساندۇقلار، كۆزنى چاقنىتىدىغان جاھاز- جابدۇقلار گوياكى يۈكلۈك كارۋان تۆگىسىدەك قاتارلىشىپ بىر بىرلەپ كۆتمەكتە ئىدى. ئۇ، ئۆزىچە پىچىرلايتتى ۋە ئويلايتتى.
     
      «باي خوتۇن ئىكەن، ئېرىم يوق دەيدۇ. ئەپلەپ سەپلەپ بۇ خوتۇننى قولغا چۈشۈرسەم تەييار دۇنياغا چۆكۈپلا قالىمەن- دە خۇدايىم بەردى دېگەن مانا شۇ. ئۇ چاغدا ئوردا ئالدىدىكى كۆرۈمسىز- مەينەت كوچىدا، قاپ قارا ئىسلىق تار دۇكاندىمۇ ئولتۇرمايمەن. رەستىدىن چوڭ دۇكان ئېچىشقا بولىدۇ. ئۇ چاغدا بۇ چەكمەن چاپانلارمۇ كېلىشمەيدۇ- دە، ئۆز لايىقىدا كېيىنىش كېرەك بولىدۇ. تازا كېىشتۈرۈپ سارجا كاستۇم، دىراپ پەلتو، خۇرۇم ئۆتۈك، قاما تۇماق… ياق … ياق، ئۇ قاملاشمايدۇ، كەمچەت… ياق، ئۇمۇ بولمايدۇ… سوسەر تۇماق… ھە بۇ بولىدۇ، بۇ قاملىشىدۇ. بۇ چاغدا سامۇق بايۋەچچە بولۇپ سەھراغا مەپە بىلەن چىقىدىغان بولسام، ھېلىقى ماڭا تەككىنى ئۇنىمىغانلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كېتىدۇ- دە، تازا پۇشايمان قىلىشىدۇ. نىمە بولسا بولمامدۇ، لاي سۇ ئىچكەن كالامپاي سەھرالىقلار…
     
      «ناۋادا ماۋۇ خوتۇن ئۆلۈپ- تارتىپ قالسىچۇ؟ ئۇ چاغدا ئامەتنىڭ تېخىمۇ ئوڭدىن كەلگىنى ئەمەسمۇ؟ تازا تىرناقتا توختايدىغان قىز ئالىمەن- دە، قىز … قىز…
     
      «ھەي… ھەممىدىن يامىنى ھېلقى جىن. بېشىمغا بىر بالا بولدىغۇ؟ پەس كۆڭلۈمنىڭ كەينىگە كىرىپ شۇ كۈنى ئۇ قېرى ئالۋاستىغا چېپىلىپ قويمىسامغۇ شۇ بالا يوق. خەيىر… مەيلى، نىمە بولسا بولار، قانچە ئالسا ئالار، ماۋۇ دۇنيا قولغا كىرىدىغان بولسا، ئۇ ئىشمۇ ئوڭايلا تۈگەپ كېتىدۇ، ئۇنچىلىك ئىش … قانچىلىك ئىش…»
     
    خېنىم بولسا نازۇ- نازاكەت بىلەن دەھلىزگە، ئاندىن نېرىقى مېھمانخانىغا چىقىپ كەتكەن ئىدى. مانا ئەمدى بۆلەكچىلا ياسىنىپ كىرىپ كەلدى. ئۇ، سامۇققا شوخ چاقچاق ئارلاش ئەركىلەپ يېقىنداۋاتاتتى، ئۇشتۇمتۇتلا دەرۋازىنىڭ قاتتىق تاقىلدىغىنى ئاڭلاندى. خېنىم ئالدىراپ ئوتتۇرا ئىشىككە باردى. ئاز تىڭشاپلا سامۇققا يۈگۈردى- دە:
     
      - ۋاي جېنىمەي، ئېرىم كېلىپ قالدى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ - پايپاسلىغان سامۇق ئۆدەكتەك تايتاڭلىماقتا، ئۇنىڭغا چاشقان تۆشۈكى ساراي كۆرۈنمەكتە ئىدى. ئۇ دۇدۇقلاپ:
     
     - ئا… ئا… ئابىيام ئېرىم يوق دېگەنلىرى…
     
     - ئۇنداق گەپنى قويسىلا، ھازىر جاننى قۇتقۇزۇش ۋاقتى…
     
       خېنىم يورغىلىغىنىچە بېرىپ، ئۈچ زەنجىرلىك يوغان ساندۇقنى ئاچتى- دە:
     
     - بولسىلا، مانىڭغا كىرسىلە،- دېدى. سامۇق دوڭقاسلاپ كەلگىنىچە ساندۇققا چۈشۈپ دوڭغىيىپ ياتتى. ئايال ئۇنى قاپلاپ ياتقۇزۇپ ساندۇقنى قۇلۇپلىدى- دە، تالاغا چاپتى.
     
      ھويلىدىن ئايالنىڭ يىغا ئاۋازى كېلەتتى. تاراق- تۇرۇقلار ئارىسىدىن ئۇ ھە دەپ سۆزلەپ كىرۋاتاتتى:
     
      - يامان ئەسكى ئوغرىكەن. مەن نامازغا ئالدىراپ دەرۋازىنى ئېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. جەينامازدا ئولتۇرسام كىرىپ ماڭا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولدى، سىلە يەنە بىر پەس كەلمىگەن بولساڭلار، مېنىڭ پاك نومۇسۇم بولغىنامىكىن تاڭ، يامان ئوغرىكەن. - ئايال ھۆر ھۆر يىغلايتتى.
     
     - قېنى ئۇ ئوغرى؟
     
      - ئاۋۇ چوڭ ساندۇقتا.
     
     - سۇلايمان ئاخۇن، داۋۇت قارى كالتەكنى ئېلىپ كەل، قايناق سۇ بارمۇ؟ نوگاي نەدە؟ چوڭ پىچاق تاپ…
     
    ساندۇق غەزەپ بىلەن ئېچىلدى. تىترەپ ئاران ئۆرە بولغان سامۇق كاللىسى ئۈستىدە يوغان قىڭغىراق ۋە قوش كالتەكنىڭ تۇرغىنىنى كۆرگەندە جېنى چىقاي دەپلا قالدى. ئۇنىڭ تىترەۋاتقىنى بولمىسا، تەلەتى بەئەينى مۇردىغا ئوخشايتتى.
     
      - ھە ئوغرى، ساڭا جان كېرەكمۇ يا؟…
     
      - بىر قوشۇق قېنىمنى تىلەيمەن. ب… بەندە دېگەن خام سۈت ئەمگەن نىمە، ئازماس ئاللا… مە… مەن… شە… شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ…
     
      - ھەي ئوغرى، شەيتان  كەينىگە سەن كىردىڭمۇ، يا سېنىڭكىگە كىردىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ كارىمىز يوق،- دەپ قاتتىق گۆركىرەيتتى گەۋدىلىك شاپ بۇرۇت ۋە يەنە تەكرارلايتتى: - ئېيتە ئوغرى! زادى ساڭا جان كېرەكمۇ، يا پۇل كېرەكمۇ؟
     
      ما… ما… ماڭا… جا… جا… جان كېرەك، - دېدى سامۇق.
     
     - قېنى قەلەمنى ئالسىلا داۋۇت قارىم، كېلشتۈرۈپ بىر ھۆججەت يازسىلا… - دېدى ھېلىقى شاپ بۇرۇت يېنىدىكى ئېگىز بوي چېقىر كۆز كىشىگە، ئۇ يېزىشقا باشلىدى.
     
     
                       ھۆججەت
     
      «تارىخ بىر مىڭ ئۈچ يۈز ئاتمىش ئالتە ماھى جامادىيەل ئەۋۋەلنىڭ ئون ئىككىسى ئىردى. مەنكى…»
     
    -ئېتىڭ نىمە ئوغرى؟
     
     - ئې… ئېتىمما؟ ئېتىم سامۇق ئاخۇن.
     
     - دادڭنىڭ ئېتىچۇ؟
     
     - رە… رەھىم ئاخۇن.
     
      «مەنكى سامۇق ئاخۇن ۋەلىدى رەھىم ئاخۇننىڭ ئوغلىدۇرمەن. بېرىمەن ئۇشبۇ ھۆججەتنىكىم…»
     
    قىممىتى ئالتۇن ۋە بۇغدايغا سۇندۇرۇلغان بىر مۇنچە «قەرىز» نىڭ ئەدىدى ۋە سېتىلغان «ئېسىل مال» لارنىڭ تۈرلىرى تەپسىلى يېزىلغان «ھۆججەت» مۇكەممەل پۈتتى. ئاندىن ئۇشبۇ ھۆججەتنى كىمكى ئېلىپ كېلىپ قاچان تەلەپ قىلسا، تەخىرسىز بىرۇردۇرمەن. بۇنىڭغا شاھىت سۇلايمان ئاخۇن، داۋۇت قارى دۇرلەر… دېگەن سۆزلەر يېزىلغاندىن كېيىن ۋاقىتغا بىر يېرىم يىل بۇرۇنقى چىسلانى قويۇپ ئاندىن سامۇقنىڭ بارمىغىنى ئۈچ يېرىگە باسقۇزدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇن ئالدىلىرىغا سېلىپ ھەيدەپ ماڭدى- دە، بېرىپ ، ئوردا ئالدىنىڭ خالتا كوچا دوقمۇشىدىكى دۇكاننى پاك- پاكىز ئۆتكۈزۋالدى. ھېساپلاپ كۆردىكى: يەنە بىر مۇنچە «قەرىز» سامۇقنىڭ گەدىنىدە ئېشىپ قاپتۇ.
     
     گاڭسا - جىسا بولغان سامۇق شۇ كېچىنىڭ ئۆزىدىلا خۇددى سۇغا چۈشكەن تاشتەك قەشقەردىن غايىپ بولدى. ئارىدىن ئانچە كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن شۇنداق بىر سۆز پەيدا بولدى:
     
     «سامۇق ئىلىدا يۈرەرمىش»
     
     شۇنىڭدىن بىر ئاز كۈن كېيىن يەنە بىر مىش-مىش گەپ تارقالدى. «خەلچە جىن ئېرى سامۇقنى ئىزدەپ ئىلىغا كېتىۋىتىپتۇ، ئاقسۇدا كۆرۈپ كەلگەن كىشى بار. »
     
      ئاخىرى شۇنداق بىر خەۋەر ئېنىق بولدىكى، «خەلچە جىن ئېرى سامۇقۋاينىڭ يېنىغا - ئىلىغا كېتىۋىتىپ مۇز داۋاندا مۇزلاپ قاپتۇ…»
     
     
    ھەي!….. شۇنداق بىر مۇزات داۋان بولسىدى، ئەخلاق دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسى شۇنداق مۇزلاپ پۈتسىدى.
     
     
     
    1962- يىلى، ئۈرۈمچى
     
     
     
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.