بىزنىڭ ماكان ئېڭىمزغا نىمە بولدى ؟

يوللىغۇچى : alipoguz يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-16 16:34:00

بىزنىڭ ماكان ئېڭىمىزغا نىمە بولدى ؟ نۇرمەھەممەت تۇرسۇن ئالىپ ئوغۇز ماكان سۆزى تىلغا ئېلىنسا كۆپ قىسىم كشلەر ۋەتىنىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۈرتىنى ئېسىگە ئالىدۇ . ماكان ئۇقىمى تار جەھەتتىن مەلۇم...

     بىزنىڭ ماكان ئېڭىمىزغا نىمە بولدى ؟
    نۇرمەھەممەت تۇرسۇن ئالىپ

     ئوغۇز ماكان سۆزى تىلغا ئېلىنسا كۆپ قىسىم كشلەر ۋەتىنىنى ۋە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۈرتىنى ئېسىگە ئالىدۇ . ماكان ئۇقىمى تار جەھەتتىن مەلۇم زېمىن دائىرسىنى كۆرسەتسە ،كەڭ جەھەتتىن ئۇ بىزنىڭ بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋيى ماكانىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىزنىڭ بۇ يەردە بايان قىلماقچى بولغىنىمىز دەل ماددىي ماكاننىڭ ئاساسى ھەم مەۋجۇتلىقىنىڭ مەنبەسى بولغان مەنىۋىي ماكاندۇر . ھەرقانداق شەخىس مەلۇم ماكان( مەدەنىيەت ماكانى ۋە ماددىي ماكان ) دائىرسىدە پالىيەت ئېلىپ بارىدۇ . ماكانسىز ئىنساننىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەسۋۇر قىلىش مۆمكۈن ئەمەس . ئىنسان تۇغۇلغان ھامان مەلۇم مەدەنىيەت ماكاننىڭ پەرۋىش قىلىشىغا ئۈچىرايدۇ .بۇنىڭ بىلەن شۇ ئىنساندا ئۆزىنىڭ ئاڭ قاتلىمىنى قۇرۇپ چىققان ماكانغا نىسپىتەن توسىۋالغۇسىز ماكان مۇھەببىتى شەككىللىنىدۇ .بۇنى بىز ماكان ئېڭى ياكى بولمىسا ماكان سەزگۈرلىكى دەپ ئاتايمىز. ماكان ئېڭىنىڭ چوڭقۇرلۇق دەرجىسى بىر ئىنسان بىلەن باشقا بىر ئىنسان شۇنداقلا مەلۇم ئىجدىمايى توپ بىلەن باشقا بىر ئىجدىمايى توپ ئوتتۇرسىدا روشەن پەرققە ئىگە .ماكان ئېڭى كۈشلۈك توپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى ( ، مىللى خاسلىقىنى ، مىللى ئۆزلىك ئېڭىنى ..... ) قوغداشقا ئالاھىدە ئېتبار بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربان بېرشتىن يانمايدۇ .ئۇلار ئۆز مەدەنىيەت ماكانىنى باشقا يات توپقا تېڭشقا رازىكى ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىدىن ۋاز كەچمەيدۇ. ئۇلارغا باشقا مەدەنىيەت ماكانىنىڭ سىڭىپ كېرەلىشى مۆمكۈن ئەمەس . مەسلەن ، ئېنگىلىسلارنى ئېلىپ ئېيتساق ،ئۇلار تىلىنىڭ دۇنياۋى تىل بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى ئۇلار نەگە بارسا باشقا تىلنى ئەمەس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىدۇ . ئېنگىلىسلارنىڭ ماكان ئېڭى كۈشلۈك بولغاشقا پۈتكۈل دۇنيا خەلقى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى دوراشنى ئىلغارلىق ياكى مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىماقتا . دىمىسىمۇ بىز دۇنيانىڭ نەرئىگە بارايلى چېلىقتۇردىغىنىمىز ھامان ئېنگىلىس مەدەنىيىتى بولۇپ چىقىدۇ . ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى ( مىللى روھينى) كېڭەيتىشكە ئېتىبار بېرىپلا قالماستىن ماددىي ( زېمىن ، تۇرمۇش بۇيۇملىرى ، كىيىم _ كېچەك ، يىمەك _ ئىچمەك ، تۇرالغۇ ئۆي ۋاكازالار.... )ماكانىنىمۇ كېڭەيتىشكە سەل قارىمىغان . شۇڭلاشقا ئېنگىلىسلارنىڭ زېمىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق قىتەسىدە بار ھەم ئۇ يەرلەردە تەۋرەنمەس مەدەنىيەت ئۇلى قۇرغان . ئۇلار ئۆزلىرى ئىگەللىۋالغان ھەرقانداق ماكانغا ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى ( مىللى روھيىنى ) كۆچۈرۈپ كېلىپ باشقا مەدەنىيەت ماكانلىرىنى قاتتىق چەكلىگەن .بۇنىڭ بىلەن ماكان ئېڭى سۇس بولغان توپلار ئاسانلا ئېنگىلىس ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنىڭ چەمبىرىكىگە كىرىپ قېلىپ ،ئەسلى بار بولغان ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنى يوقاتقان ... مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ماكان ئېڭى كۈشلۈك توپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولىدۇ .ماكان ئېڭى سۇس توپنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ مەسلەن ، ئافرىقىدىكى كۆپ قىسىم دوۋلەت خەلقلىرىنىڭ ماكان ئېڭى سۇس بولغاشقا تارختا ئۇلار ئۇزاق مەزگىلل مۈستەمچىلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان .ئۇلار ھازىر ئۆز ھوقوقىغا ئېرشكەن بولسىمۇ .ماكان ئېڭى تۈۋەن بولۇشتەك روھيى ئاجىزلىق سەۋەپلىك تىلى ۋە تۇرمۇش ئادىتى فىرانسوسلاشقان ياكى ئېنگىلىسلاشقان دۆۋلەت ۋە مىللەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى ھەتتا دىنمۇ خىرستىيان دىنى بوكۇپ كەتتى . بىراق بۇ خىل ھادىسە مەلۇم توپتا ئىپادىلەنسە مەلۇم تپتا زادى ئىپادىلەنمەيدۇ . مەسلەن، ئۆزىمىزنىڭ ئۆتمىشىگە نەزەر سالغان ۋاقتىمىزدا .بىزنىڭ ئەجداتلىرمىز تارختا مۇڭغۇلارنىڭ .تاڭلارنىڭ ، مانجۇلارنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى تېڭىشىغا ئۇزاق مەزگىل ئۈچىرىغان بولسىمۇ بىراق ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى ۋە مەدەنىيەت ماكانىنى ساقلاپ ، تارخىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ماكان ئېڭى ئۇزاق تارخىلىققا ئىگە .بىز ئۆزىمىزنىڭ تارخىنى ۋاراقلايدىغان بولساق ئەجداتلىرىمىزنىڭ ماكان ئېڭىغا تۇلىمۇ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى بايقايمىز .تارختا ئۆتكەن ھونلارنىڭ ئاسىيا ۋە يۋرۇپاغا سوزۇلغان چەكسىز زېمىننى ئىگەللىيەلىشى ۋە تارئىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرزۈزلەڭلىككە بۇددا دىنىنى تارقىتالىشى ئۇلارنىڭ ئۆز ماكانىنى ساقلاش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋىي ماكانىنى كېڭەيتىشكە تولىمۇ ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتىدۇر .ئۇنىڭدىن باشقا بىزنىڭ تارخىمىزدا ئۆتكەن مەخمۇت قەشقىرى ، تەجەللى ،ئابدۇقادىر داموللا .....قاتارلىق ئەرك سۈيەر كامالەت ئىگىللىرىنىڭ يات ماكاندىكى زور ئىمتىيازدىن ۋاز كېچىپ ،ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىنى مەڭگۈ ئېسىدە ساقلىشى ھەم خېيىم _ خەتەرگە قارىماي ئۆزىنىڭ ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىپ ،خەلقى بىلەن جاپا ۋە ھالاۋەتنى تەڭ تارتىشقا رازى بولىشى ،ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىغا بولغان مۇھەببىتى ۋە ھۆرمىتىنىڭ چەكسىزلىكىنىڭ دەلىلىدۇر . بىراق بىز ھازىرقى مەۋجۇتلىقىمىزغا قارايدىغان بولساق . بىزنىڭ كۆپ قىسىم كشلىرىمىز غەرپنىڭ ياكى شەرقنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىغا باشچىلاپ كىرىپ كېتىپ ،ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنى ساقلاشقا ۋە كېڭەيتىشكە سەل قارىماقتا .بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەنئەنە جەھەتتىكى ئوخشاشلىقىمىز ۋە روھيى بىرلىكىمىز بارغانسىرى سۇسلاپ ،ئارىمىزدا بىر بىرگە زېت بولغان نۇرغۇن ماكانلار يېڭىدىن شەككىللەندى . مەسلەن غەرپ مەدەنىيىتنىڭ ئەخلىتى بولغان تاڭسى خانىلار ، مەيىانىلار ،تېنىنى سېتىش ئورۇنلىرى ، سېرىق فىلىم قويۇش ئورۇنلىرى .....قاتارلىقلار بىزنىڭ ئەخلاق ماكانىمىزنى بىچچىت قىلىپ ئۆز ماكانىغا نۇرغۇنلىغان كىشلىرىمىزنى سۆرەپ كىردى .... بىزنىڭ مىمارچىلىقىمىز ،كېيىم _ كېچەك مەدەنىيىتىمىز باشقا مەدەنىيەت ماكانى تەرپىدىن چەكلەندى . دىنننى ماكانىمىزنى ئىپادىلەش بوشلىقى تارىيىپ بارماقتا ،تىل ماكانىمىز خىرسقا دۇچ كەلمەكتە ... نۇرغىن سۈننى ۋە يالغان ماكانلار توقۇپ چىقىلىپ بىزگە تېڭىلماقتا .بۇنداق مىساللار تۇرمۇشىمىزدا تولىمۇ كۆپ .بۇ خىلدىكى ئۆزىدىن ياتلىششى ھادىسلىرى ھەتتا مەنىۋىيىتىمىزنىڭ ئىسپاتى بولغان ئەدەبىيات _ سەنىتىمىزگىمۇ بۆسۈپ كىرپ ئەدەبىيات _ سەنىتىمىزدە ئەخماقلارچە مەدىھلەنمەكتە . مەن يۇقاردىكى ھۆكۈمنى تېخىمۇ ئېنىق يۇرتۇپ بېرىش ئۈچۈن << قۇرتلاپ كەتكەن كۆل >>(1) دىگەن ئەسەرنى مىسال كەلتۈرۈش بىلەن چەكلىنىمەن . بۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ۋەقەلىك بولسۇن ياكى بۇ ئەسەرنىڭ كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن ۋەقەلىكىدە بولسۇن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان ئىككى مەدەنىيەت ماكانى ئوتتۇرسىدىكى سۈركۈلىشنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان . بۇ ۋەقەلىكتىكى بىر ماكان باشقا يەردىن تىپىك ئويغۇر يېزا _ قىشلاق ماكانىغا كۆچۈرلىپ كېلىنىش بىلەن تەڭ ئۇ ئۈزلۈكسىز ئەينى ماكانغا ( ئۇيغۇر ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىغا ) سېڭىپ كېرىشكە ئۇرىنىۋاتقان ماكان . بۇ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن ماكاندا ئۆسۈپ چوڭ بولغۇچىلارنىڭ ئېڭى سانائەت بىرلەمچى ،ئۇ ھەممىگە قادىر دىگەن ئىتقات بىلەن قۇراللانغان . ئۇلارغا نىسپەتەن ئۇلارنىڭ سېرتىدىكى بارلىق ماكان مەدەنىيەتسىزلىك ۋە كونىلىقنىڭ پاتقىقىغا كىرىپ قالغان .شۇڭا ئۇلار ئەسەردە بايان قىلىنغان ۋەقەلىكتە ئۆزلىرىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنى سەھرانىڭ ساپ مۇھىتىغا تېڭىپ، ئەسلى بار بولغان ماكاننى ئۆزگەرتىشكە جان _ جەھلى بىلەن ئاتلىنىدۇ .بىراق ئۇلار ماكان سەزگۈرلىكى كۈشلۈك بوغان شۇ يېزىدىكى كشلەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۈچىرايدۇ . چۈنكى ئەسەردىكى ئاتالمىش تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان كۈچ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمۇشىدا ئۇزاق تارىخىلىققا ئىگە بولغان ،تاغلاردىن ئېقىپ كېلىپ دەريا ۋە كۆللەرگە قۇيۇلغان پاك ئەركەك سۇنى ( ھازىر بۇ سۇلارنى سۇليوۋ پوتولكىلارغا قاچىلاپ سېتىۋاتىمىزغۇ ) ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىسىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ .بۇ تاشقى كۈچ نوقۇل ھالدا بار بولغان بايلىقنى ئېچىشنىلا مەخسەت قىلىۋالىدۇ .بىراق ناچارلىشىپ كېتىپ بارغان مۇھىتنى مەسىلەن : بۇ كۆلنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇرنقى ساپلىقىنى يوقۇتۇپ قۇرتلاپ كەتكەنلىكىنى قىلچە ئويلاپ قويمايدۇ ھەم كۆلنى بۇرنقى بۇرنقى سۈزۈك ھالىتىگە قايتۇرۇشنىمۇ خالىمايدۇ . پەقەت سانائەتنىڭ تۆمۇر سايمانلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئىلغارلىققا ئىگە ئىككەنلىكىنى يېزدىكى ئۇيغۇرلارغا پەش قىلىدۇ ..بۇ ئەسەر ياكى فىلىمدە چۈمبەل ئارتقانلار ۋە سەللە ئورىغانلار سەلبىلىك رولىنى ئېلىپ كۈلكىلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . چۈنكى ۇلارنى ئۆزگرتىشنى ئويلاۋاتقان تاشقى يەردىن كەلگە ماكاندىكى كشلەر نەزىرىدە سەللە ۋە چۈمبەل قالاقلىقنىڭ ۋە ھاماقەتلىكنىڭ مەبەسى ئىدى . بۇ ئەسردە ئەزەلدىن كۆرلۈپ باقمىغان كۈلكىلىك بىر ۋەقە يەنى ئەرلەرنىڭ ھامىلدار ئاياللاردەك قورسىقىنىڭ تومپۈيۈپ كېتىشى يۈز بېرىدۇ . بۇ ھادىسە بۇ يەردە ياشۇغۇچى كشلەر ئارسىدا ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان ئىدى . ئۇلار بۇ كۆل سۈيىنىڭ پاكلىقىغا ئۆزىگە ئىشەنگەندەك ئىشىنەتتى شۇنداقلا بۇ يەردە ياشۇغۇچى كشلەر بۇ كۆل سۈيىنى ئىچىش ئارقىلىق تارخىنى بۈگۈنگە ئۇلىغان ئىدى .ئۇلارغا نىسپەتەن كۆل سۈيى ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاشنىڭ كاپالىتى ئىدى .ئۇلارنىڭ روھيى كۆل سۈيى بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئىدى . بىراق بۇ كۆل تۇساتتىن بۇلغۇنۇپ ،ئۇلارنىڭ ھاياتلىق ماكانىنىڭ تەڭپۇڭلىقى بۇزۇپ تاشلاندى .بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خىسمىدا ۋە روھيىدا غەيرى ئالامەتلەر روي بەردى . .ئەسەردە، كۆلنىڭ نىمە ئۈچۈن قۇرۇتلاپ كەتكەنلىكى يورتۇپ بېرىلمەستىن، بارلىق پاجەنىڭ مەنبەسى كۆلگە ۋە شۇ يەردە ياشۇغۇچى كشلەرگە ئارتىپ قۇيۇلغان . ئەمىلىيەتتە ماكاننىڭ بۇلغۇنىشىنى بۇ يەردىكى كشلەر ئەمەس بەلكى باشقا ماكاننىڭ ئۇلار ماكانىغا سوقۇنۇپ كىرىپ ئەسلى ماكان تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇ يەرنى بۇلغىغانلىقى سەۋەپ بولغان . چۈنكى بۇ يەردىكى كۆل سۈيىدە بۇرۇن ئەزەلدىن قۇرۇت تۇماق بىرەر پاخالمۇ يوق ئىدى .قۇرۇت ۋە كشلەر جىسمىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان غەيرى ماددىلار باشقا ماكاندىن بۇ يەرگە ئېقىپ كىرگەن .بۇ يەردىكى كشلەر ئۆز ئەنئەنىسىنى قوغداش يولىدا كۆرەش قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئەسەردە ئەخماق ۋە نادانغا چىقىرىۋىتىلىدۇ .ئۇنىڭ ئەكسىچە مۇھىتنى ئىس _ تۈتەك ۋە چۈشىمىزدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان خەۋىپلىك بۇلغۇنىشنى پەيدا قىلىش رولىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان سانائەتنىڭ سىموۋۇلى بولغان كۈچ ئىلغار ۋە قۇتقۇزغۇچى قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ . بۇ يەردە زادى كىم ئىلغارلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ؟ شۇنى ئەسكەرتشكە توغرا كېلىدىكى ، يەھۇدىلارنىڭ ياڭاقچىلىك شاپاق دوپپىسى ئۇلارنىڭ دۇنياۋى مىللەت بولىشىغا كاشىلا قىلمىغان يەردە بىزنىڭ سەللىمىز ۋە چۈمپەردىمىز بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزغا كاشلىلا قىلامتى . ئاپتۇر نىمە ئۈچۈن چۈمپەردە ئارتقانلارنى ۋە سەللە ئورىغانلارنى يىنكلىك بىلەن تەرەقىيات يولىدىكى توساققا چىقىرىپ تەسۋىرلەيدۇ ؟ ئۇلارنىڭ روھيىنى نىمە ئۈچۈن يامانلىقنىڭ مەنبەسى قىلىپ ئەسىرىدە ئوتتۇرغا چىقىرىدۇ ؟ بىز ئامىركا بىلەن ياپۇنىيە بىرلىشىپ ئىشلىگەن شۇنداقلا دۇنيادا زور تەسىر قوزغىغان << ئاخرقى جەڭچى >> (2) دىگەن فىلىمنى كۆرگەن ۋاقتىمىزدا << قۇرتلاپ كەتكەن كۆل >> فىلىمىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان ئىدىيەگە پۈتۈنلەي زېت بولغان مەنزىرنى چېلىقتۇرىمىز . بۇ فىلىمدە غەرپنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى ئۆزلەشتۈرىشنى ئويلايدىغان ھەم ئۇنىڭغا قۇللارچە باش ئىگىدىغان ياپۇنىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ياپۇن مىللى روھيىنى بار كۈچىنى چىقىرىپ قوغدايدىغان شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت ماكانىنى باشقا مەدەنىيەت ماكانىنىڭ بۇلغىشىغا قاراپ تۇرمايدىغان كۈچ ئوتتۇرسىدىكى كەسكىن كۆرەش تەسۋىرلىنىدۇ . ياپۇن مىللى روھيىنى قوغدۇغۇچىلار ياپۇنلار ئەزەلدىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان قىلىچ ۋە ئوقيانى قولىغا ئېلىپ ،غەرپنىڭ زەمبىرەك ۋە مىلتىقلىرى بىلەن قۇراللانغان سان _ ساناقسىز پادىشاھ ئارمىيەسىگە قارشى ئاخىرقى جەڭچىسى قالغىچە كۆرەش ئېلىپ بارىدۇ . بۇ فىلىمنىڭ بېشىدىكى بىر كارتىنىدا ، ياپۇن ئەنئەنىۋى مىللى ماكانىنى قوغدۇغۇچى بىر ياش مەلۇم ئىش بىلەن شەھەرگە كىرگىنىدە ، ياپۇنىيەنىڭ ئەنئەنىمۋى مىللى ماكانىنى پەس كۆرىدىغان ۋە ئۇنى يوقۇتىشنى ئويلايدىغان پادىشاھ ئارمىيەسى تەرپىدىن ھاقارەتكە ئۈچىراپ مەجبۇرى چېچى كېسىۋىتىلىدۇ . بۇ چاغدا ئۆزىنىڭ مىللى روھيىنى قەدىرلەش ۋە ئۇنى ساقلاش ئىرادىس بىلەن قۇراللانغان بۇ ياش چېچىنىڭ كېسىۋىتىلگەنلىكىگە ماتەم بىلدۈرۈپ، كوچىدا ئۇزاققىچە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئۈنسىز ياش تۆكىدۇ . بۇ فىلىم ئاخىرى ياپۇن مىللى روھيى ماكانىنى قوغدۇغۇچىلارنىڭ غەلبىسى ، غەرىپ ماكانىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئويلاپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ماكانىنى چەكلەيدىغان كۈچنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . كۆپ قىسىم غەرىپ فىلىملىرىدە مەلۇم يات ماكان كۈچىنىڭ مەلۇم ئەنئەنىۋى ماكانىغا باستۇرۇپ كىرگەنلىكى ھەم بۇ كۈچكە ئەسلى ماكاندا ياشىغۇچى كشلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنى قوغداش يولىدا باتۇرانە كۆرەش ئېلىپ بارغانلىقى ئاساسلىق ۋەقە قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ ھەم ئەنئەنىۋى ماكان روھيى ئالقىشلىنىدۇ مەسلەن ،<< قەيسەر يۈرەك >> فىلىمى قاتارلىقلار . بۇ تۇردىكى فىلىملەردە ئەنئەنىۋى ماكاننى قوغدۇغىچىلار غەلبە قىلىدۇ . شۇڭلاشقا كۆپلىگەن غەرىپ فىلىملىرى بىزنىڭ روھيىمىزا ئۇزاققىچە ئۇنتۇلماس ئەكىسسادا پەيدا قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا قىرغىزلارنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى چىڭگىس ئايتماتوف يازغان << ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن >>، << قىيامەت >>(3) قاتارلىق رومانلارنىڭ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپ شۇكى .بۇ رومانلاردا ئاپتور نايمان ئانا رۋايىتى ، قىرغىزلارنىڭ مىللى روھيىنىڭ سىموۋۇلى بولغان ئەركەك تۆگىنىڭ پىچىلىپ كېتىشى ۋە قىرغىزلارنىڭ ئاتا _ بوۋىللىرى دەپىن قىلىنغان مازارنىڭ سانائەتنىڭ قورقۇنۇشلۇق كەشپىياتى بولغان ئاتوم سىناق مەيدانىغا ئايلىنىپ قېلىشى ... قاتارلىق بىر قاتار ۋەقەلەر ئارقىلىق . قىرغىز خەلقىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىنىڭ گۇمران بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتنىڭ يات ماكاننىڭ تەسىرىدە چەكلىنىپ ھەم تاشلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ، ھەتتا قىرغىز ياشلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەنئەنىسىنى قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە ئاتا _ بوۋۇللىرىنىڭ ئۈمىدىگە ئاسىلىق قىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان نازۇك ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قۇيالىغانلىقىدا . بىراق بىزنىڭ سان جەھەتتىن كۆپ ئەمما ئوتتۇرغا قويغان ئىديەسى يۈزەكى ۋە پەلسەپەۋلىكى بولمىغان ، قۇرۇق ۋەقەلىك بىلەن تولغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە شۇنداقلا كوچىدىكى ساۋاتسىز ئارتىسلىرىمىز رول ئالغان فىلىملىرىمىزدە مەلۇم ئاتالمىش ئىلغارلىقنى ياقلۇغۇچى كۈچ ھامان ئەنئەنىۋى ماددى ۋە مەنىۋى ماكاننى قوغدۇغۇچى كۈچ ئۈستىدىن غەلبە قىلىدۇ . بۇ يەردە ئەنئەنىۋى روھنى ئىپادىلگۈچىلەر قالاق ۋە مەدەنىيەتسىز ياكى بولمىسا مۇتتەسىپ قىلىپ تەسۋرلىنىدۇ . بۇ خىل ئىپادىلەشتىكى يۈزەكىلىك ۋە بىمەنىلىك فىلىملىرىمىزدە ۋە ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە ئادەمنى زېركتۈرۈپ تەكىرار _ تەكىرار چېلىقىپ تۇرىدۇ . خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا ، ھەرقانداق كىشى ياكى توپ ئەگەر ئۆزىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ماكانىغا يۈزلەنمەيدىكەن چوقۇم مەلۇم تاتۇنۇش ماكان تەرپىدىن پۈتۈنلەي يۈتىۋىتىلىدۇ . ماكان ئېڭى سۇس توپ ئاخىرى باشقا مەدەنىيەت ماكانى تەرپىدىن شاللىنىپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى يوقۇتىدۇ . مەسلەن لاتىن ئامىركىسىدىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىلى ھازىر ئاساسى جەسەتتىن يوقۇلىشقا يۈزلەندى بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى ئۇلار تىل ماكانىغا سەل قاراپ كەلگەن .بۇنداق مىساللار تارختا بولسۇن ياكى ھازىرقى دۇنيا مۇھىتىدا بولسۇن ساناپ تۈگەتكىسىزدۇر . بىز ئۆزىمىزنىڭ مىللى ئەنئەنىمىزنى ساقلاپ قالىمىز ۋە ئۇنى تەرققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم بىزدە ئۆزىمىزنىڭ ھەر خىل مەسىلەن تىل ماكانىمىزنى ، ئۆرۇپ _ ئادەت ماكانىمىزنى ، مۇھىت ماكانىمىزنى ، روھيى ماكانىمىزنى ... قوغداش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇش ھەم ئۇنىڭغا ۋارسلىق قىلىش سەزگۈرلىكى شۇنداقلا ئۇنىڭغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت ئېڭى بولىشى كېرەك ... (1):شىنجاڭدىكى داڭلىق * يازغۇچىنىڭ ئەسىرى .بۇ ئەسەرنى *فىلىم ئىشلەش مەركىزى ئىشلىگەن . (2): ئامىركا ھېكايە فىلىمى . (3): قىرغىزئىستانلىق دۇنياۋى يازغۇچى چېڭگىس ئايتماتوفنىڭ رومانى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق