شىۋىرغانلىق كېچە(ئەكبەر ھېمىت گۆركار)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-26 00:15:04

شىۋىرغانلىق كېچەئەكبەر ھېمىت گۆركار موماي ئىزا ۋە خورلۇققا چىدىمىدى. ھەپتە ئىلگىرى ئۇچىسىدىن سېلىپ تىقىپ قويغان، چوڭ-كىچىك تەرەت بىلەن بۇلغانغان، يۇيۇلمىغانلىقتىن قۇرىغان تېرىدەك تاراقشىپ ك...

    شىۋىرغانلىق كېچە
    ئەكبەر ھېمىت گۆركار



       موماي ئىزا ۋە خورلۇققا چىدىمىدى. ھەپتە ئىلگىرى ئۇچىسىدىن سېلىپ تىقىپ قويغان، چوڭ-كىچىك تەرەت بىلەن بۇلغانغان، يۇيۇلمىغانلىقتىن قۇرىغان تېرىدەك تاراقشىپ كەتكەن تامبىلىنى كىگىز ئاستىدىن سىيلاپ-سىيپاشتۇرۇپ تېپىپ بوخچىغا چىگدى. كونا يۇڭ رومىلى بىلەن يۈزىنى ئوراپ، مازلىرى تىتىلىپ كەتكەن ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى كىيىپ، كېلىنىنىڭ كۆزىچىلا ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. كېلىن، ئۆزىگە يۈك بولۇپ قالغان بۇ ”ئۆلمەس قېرى“ غا ئارتۇقچە گەپ قىلمىدى.
    يىللاردىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قار-شىۋىرغان قىيامەت قايىم بولىدىغاندەك نەچچە كۈندىن بېرى توختىمايۋاتاتتى. كەچ كىرىشى بىلەن شىۋىرغان تېخىمۇ ئەدەپ كەتتى. ئەتراپ قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇ ۋە سۈرلۈك ئىدى. موماي چىلان رەڭ ھاسىسىغا تايىنىپ ئالدى-كەينىگە دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. ئاچچىق سوغۇق ئۇنىڭ تۈرۈم-تۈرۈم قورۇق باسقان يۈزلىرىگە تىكەندەك سانجىلىپ، كونا پاختىلىق چاپان ئىچىدىكى گۆشسىز، ئاجىز تېنىنى خۇددى مۇز سۈيى چاچقاندەك شۈركەندۈرەتتى. شۇتاپتا سوغۇقتىن كۆرە يالغۇزلۇق، خورلۇق ۋە نومۇس موماينى بەكرەك ئازاپلايتتى، جاقىلداپ تىتىرىتەتتى…
    موماينىڭ ئۈچ پەرزەنتى بولۇپ، ئىككى قىزى باشقا يېزىدا ئۆيلۈك ئىدى. بوۋىيى ئۆلۈپ كەتكەندىن بۇيان، ئۇ ، كەنجە ئوغلى ياسىننىڭ ئۆيىدە تۇرۇۋاتاتتى.
    موماي بوۋىيى بىلەن ئەللىك نەچچە يىلنى ئۇرۇش-جىدەلسىز بىللە ئۆتكۈزگەنىدى. تۈز، مۇلايىم، ئاقكۆڭۈل، بىر ئۆمۈر ئەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىپ كەلگەن ئىتائەتمەن ئايال ئىدى. تەقدىر-قىسمە تەتۈر كېلىپ ،ئۇزۇن مەزگىل كېسەل ئازابى تارتقان بوۋاي بۇ يىل كەچكۈزنىڭ بىر كېچىسىدە ئۇنى تىكەندەك يالغۇز تاشلاپ كېتىپ قالدى.
    يېڭىلا ئۆي ئايرىغان ياسىن تېرىكچىلىك غېمىدە سىرتلاردا يۈرۈپ تىجارەت قىلاتتى. ئاشۇ كېچىسى موماي كېسىلى پىشىپ قالغان بوۋاينىڭ يېنىدا يالغۇز ئىدى. تۈن يېرىملاشقاندا ئۇيقۇسى سەگەك موماي، بوۋاينىڭ يوغان بىر تىنىپ، ئاجىز ئىڭرىشىدىن چۆچۈپ ئويغاندى.
    - ھەسىناخۇن، نېمە بولدىلا ؟- سورىدى موماي تەشۋىشلىنىپ.
    -گۈلخان، مەن …مەن بو … لالمايۋاتىمەن، ماڭا رازىلىق بېرىڭلار،- دېدى بوۋاي تىتىرەڭگۈ ئاۋازدا.
    بوۋاينىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن نۇرسىز كۆزلىرىدىن بالقىپ چىققان ئىككى تامچە ياش چانىقىدىن سىيرىلىپ ئۇچتەك ئاقارغان ساقىلىغا سىڭىپ كەتتى.
    -نېمە دەپ جۆيلۈۋاتىلا ھەسىناخۇن، ئۇنداق دېمىسىلە، ئاللا ئىگەم شىپالىق بىرەر،- موماينىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ تاشلىدى.
    -ياق ،جۆيلۈۋاتقىنىم يوق، يىغلىماڭلا…
    بوۋاي كۆزىنى يۇمۇۋالدى. قەغەزدەك ئاقارغان قانسىز لەۋلىرى ساقاللىق ئېڭىكى بىلەن قوشۇلۇپ سۇس تىتىرەيتتى.
    - بۈگۈن قايسى كۈن، قايسى ۋاخ بولدى؟-كۆزىنى ئېچىپ سورىدى بوۋاي.
    -تۈن يېرىملاشتى. تاڭ ئاتسا جۈمە.
    بوۋاي كۆزىنى يۇمۇپ دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، سۆزىنى داۋام ئەتتى:
    -شۇنچە يىللاردىن بېرى خىزمىتىمنى قىلدىڭلا، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مەن سىلىدىن بۇرۇن كېتىدىغان بولدۇم. ئەر-خۇتۇنچىلىقتا دىلىڭلارنى چىگىپ قويغان يەرلىرىم بولسا، كۆڭلۈڭلاردىن چىقىرىۋىتىڭلار. مەندىن رازى بولۇڭلا .
    -نېمانداق گەپ قىلىدىغانلا ھەسىناخۇن،- موماي تارشىدەك قېتىپ كەتكەن قولى بىلەن بوۋاينىڭ يېشىنى سۈرتۈپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- مەن… مەن سىلىدىن رازى، ئۇ دۇنيا، بۇ دۇنيا رازى.
    بوۋاي قانائەتلەنگەندەك سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە قولىنى يوتقاننىڭ ئىچىدىن چىقىرىپ موماينىڭ قولىنى تۇتۇپ كۆكسىگە- دەل يۈرىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، دېدى:
    شۇ تاپتا بالىلارغا رازىلىق بېرىۋالسام بولاتتى. ياق! بولدى قىلىڭلا، بۇ كېچىدە ئۇلارنى قورقۇتىۋەتمەيلى، بىراق، سىلىدىن خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن. قىز بالادېگەن خەقنىڭ ئادىمىكەن. ياسىنقارى ياخشى بالا، لېكىن، غەيۋىتى بولمىسۇن، خوتۇنىغا گېپى ئۆتمەتدۇ. ئۇلا سىلىنى تاشلىۋەتمەس. بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتمەڭلا…
    بوۋاينىڭ بىردىنلا نەپىسى جىددىلىشىپ، يوغان بىرنى تىندى-دە، بەدىنى قاتتىق سىلكىنىپ كۆزىنى يوغان ئاچتى. ئۇزۇن ئۆتمەي كۆزىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ، يۈرىكى سوقۇشتىن توختاپ، نەپەستىن قالدى.
    موماي ئۇنىڭدىن قولىنى ئاجرىتىپ، يىغلاپ تۇرۇپ:
    -مەن رازى ھەسىناخۇن، مەن رازى،- دېگىنىچە بوۋاينىڭ ئوچۇق كۆزىنى قولى بىلەن سىيپىدى،- بالىلارمۇ سىلىدىن رازى، خاتىرجەم بولسىلا…
    تاڭ سەھەردە ئۆيگە كىرگەن ياسىن ئەھۋالنى كۆرۈپ دەماللىققا تۇرۇپ قالدى. كېيىن بىردىنلا ساراڭلارچە ۋاقىراپ، سوۋۇغان جەسەتنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى. چۈشكە يېقىن قىزلار يېتىپ كېلىشتى. بوۋاينىڭ مېيىتى ئەل قاتارى ئۇزۇتۇلدى. دادىسىنىڭ قىرىقى توشقىچە قىزلار ئۆيلىرىگە قايتىشمىدى.
    -ئانا، ئەمدى بۇ ئۆيدە يالغۇز قىينىلىپ قالىسەن، بىز بىلەن كەتكىن،- دېدى قىزلار ئۆيلىرىگە قايتىدىغان كۈنى.
    - مەن تۇرۇپ سىلەر ئېلىپ كەتسەڭلار، سەت ئەمەسمۇ، بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىدۇ،- دېدى ياسىن كەسكىن رەت قىلىپ.
    -بولدى قىلىڭلا، رەھمەتلىك داداڭلا بىلەن تۇتقان ئۆينى تاشلىيالمايمەن. پەقەت ئانچە-مۇنچە يوقلاپ تۇرساڭلارلا بولدى. ئۆينىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرۈپ قويغۇم يوق.
    قىزلىرى كېتىپ قېلىشتى. ياسىن ھەرقانچە زورلاپمۇ ئانىسىغا گېپىنى ئاڭلىتالمىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، موماينىڭ يالغۇزلۇق كۈنلىرى باشلاندى. بەزى كۈنلىرى ياسىن ھەمراھ بولۇپ قونۇپ قالاتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى تېرىكچىلىك غېمىدە ئانىسىنى پات-پات يوقلاپ تۇرالمىدى.
    جۇدۇنلۇق قىش پەسلى كېلىپ ياسىن ئۈچۈنچى قېتىم ئانىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
    -ئانا،- دېدى ئۇ سەل كايىپ،- جايىللىق قىلما، قىش كىرىپ قالدى. قارا چىرايىڭغا! كۈندىن-كۈنگە جۈدەپ كېتىۋاتىسەن، مەن سىرتلاردا يۈرگەچكە، خاتىرجەم بولالمايدىكەنمەن. ئۆي يىراق بولمىغاندىكىن يوقلاپ تۇرساق بولىدۇ. سېنىڭ بالاڭغۇ مەن، خاسىيەتمۇ ئوخشاش. مۇراتنى ھەمراھ قىلىپ قوياي دېسەم ئۇ تېخى كىچىك.
    -بالام، سەن بىلمەيسەن، مېنى…- موماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى.
    - نېمە بولدى ؟ ماڭا ئېيتە ئانا.
    - نېمە دېسەم بولا ، بۇ قاغۇش تەگكۈر كېسەل،- موماي كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكى بىلەن كۆز يېشىنى سۈرتتى،- تۇرۇپ – تۇرۇپ بەزى كېچىلىرى تەرىتىمنى تۇتالمايدىغان بولۇپ قالدىم،- موماي شۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاشقا باشلىدى.
    ياسىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەقىق تۇرۇپ قالدى. ئاندىن، ئەقىل تاپقاندەك كەسكىن قىلىپ ئېيتتى:
    -خىجىل بولما ئانا. مەن سېنىڭ بالاڭغۇ، ئۇمۇ ئۆزۈڭنىڭ ئۆيى. خاسىيەت خىزمىتىڭنى قىلمىسا، مانا مەن قىلىمەن.
    شۇنداق قىلىپ ، موماي ئوغلىنىڭ ئۆيىگە كەلدى. خاسىيەتمۇ دەسلىپىدە ئانچە توڭلۇق قىلىپ كەتمىدى. ئۇ موماينىڭ كېسىلىدىن بىخەۋەر ئىدى. موماي ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىرى يۈز بەردى. چوغنى پاختا ئىچىدە ساقلىغىلى بولمىغاندەك، ئىش ئوغۇلنىڭ ئېغىزى بىلەن ئاشكارىلاندى.

    ( 2 )

    ئۇ كۈنى موماي كۈن چاشكا بولغۇچە ئورنىدىن تۇرمىدى، كېلىنى سىرتقا چىقىپ كېتىۋىدى، ئۇ ، ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ باغقا چىقىپ تامبىلىنى ئالماشتۇردى، ئاندىن باغدا بىردەم ئولتۇردى.
    قۇياشنىڭ كۈچسىز نۇرى موماينىڭ ئەتسىز يۈزىنى چاققاندەك قىلدى. شۇندىلا، موماي ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ ياسىن بىلەن خاسىيەتنىڭ پاراڭلىشىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، گەپكە قۇلاق سالدى:
    - خاسىيەت، ھەممىنى ئېيتتىم، ئېغىر ئالمىسىڭىز، – دەيتتى ئۆتۈنگەندەك قىلىپ.
    - ھىم، مۇراتنى چوڭ قىلىپ پوق – سۈيدۈكتىن قۇتۇلدۇم، دېسەم، ئانىڭىزمۇ قاراپ تۇرۇپتىكەن ماڭا، – دوق قىلدى خاسىيەت.
    باشقا گەپلەر موماينىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى. ئۇ نېمىمۇ قىلالىسۇن، نېمىمۇ دېيەلىسۇن! قېرىلىق ئادەمنى شۇنداق بىقۇۋۇل قىلىپ قويىدىغان ئوخشايدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، بىرەر ئايغىچە موماي ئىككى – ئۈچ نۆۋەت ئۆز ئۆيىگە بېرىۋالدى. ھەر قېتىم ياسىن مەجبۇرىي دېگۈدەك ئەپكېلىۋالاتتى ۋە ئۆيدە بىر – ئىككى كۈن تۇرۇپلا، يەنە قەيەرلەرگىدۇر غايىب بولاتتى.
    مانا بۈگۈن ياسىن ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن تۆتىنچى كۈن. تۈنۈگۈندىن بېرى قار – شىۋىرغان ئەدەپ كەتتى …

    كەچكە يېقىن موماينىڭ ئاستىدىكى بېزەپ بولۇپ كەتكەن كۆرپىنى كۆرگەن خاسىيەتنىڭ جۇدۇنى تۇتۇپ، تېخى ئەمدىلا ئايىقى چىققان مۇراتقا كايىدى:
    - ھۇ ، قاغىشتەككۈر شۇم، نېمە ئولتۇرىسەن، سىيىپ قويغان كۆرپەڭنى قۇرۇغدىۋەتمەي!
    - بۇ گەپ مومايغا ھەرقانداق چاغدىكىدىن بەكرەك تەسىر قىلدى- دە، قار – شىۋىرغانغا قارىماي بوغچىسىنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
    موماي تۈن پەردىسى ئەتراپنى باسقان مەھەلدە ئۆيىگە ئاران يېتىپ كېلەلىدى. سوغۇقتىن تىترەپ تۇرغان قولىنى پاختىلىق چاپىنىنىڭ قويۇن يانچۇقىغا سېلىپ، ئاچقۇچنى ئالدى – دە، دات باسقان قۇلۇپنى مىڭ تەستە ئېچىپ ئۆيگە كىردى. ئۆي ئىچى گۆرىستاندەك جىمجىت ۋە قاراڭغۇ ئىدى. ئۇ ، ئوچاق بېشىنى سىيلاپ – سىيپاشتۇرۇپ، سەرەڭگىنى تېپىپ تام مەش ئۈستىدىكى كىرسىن چىرىغىنى ياندۇردى. ئۆي ئىچى غۇۋا يورىدى. موماي ئىشىكنى ھىم يېپىپ، ئوچاق ئالدىغا كەلدى. تام مەش ئالدىدىكى كولۇڭ كۈل بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ بارا – بارا مۇزلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بوۋاينىڭ سەكرات پەيتىدىكى قەغەزدەك ئاقارغان چىرايى كېلىشى بىلەن تەڭ ئىچ – ئىچىدىن كۆتۈرۈلىۋاتقان ئاچچىق يىغا بوغۇزىغا كەپلىشىپ، ئاخىرى بولالماي ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى …
    بىر چاغدا موماي ئۆزىنىڭ مۇزلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى – دە، تىرەجەپ ئورنىدىن تۇردى. ئۇ ئوچاققا ئوت يېقىپ ئىسسىنىۋالماقچى بولدى. بىراق سەرەڭگە ياقسا گۈر قىلىپ تۇتاشقۇدەك قۇرۇق ئوتۇن يوق ئىدى. تام ئوچاققا ئېسىلغان قازاندىكى سۇمۇ مۇز بولۇپ قاتقانىدى.
    موماي ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇ ، ئاستا بېرىپ قىبلە تامدىكى قوزۇققا ئېسىپ قويۇلغان، ئېرىدىن تەۋەررۈك قالغان كونا پاختىلىق چاپاننى قېقىشتۇرۇپ ئۇچىسىغا ئارتتى. شىۋىرغان بارا – بارا كۈچەيمەكتە ئىدى …
    موماي تۈن يېرىملاشقۇچە جايناماز ئۈستىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ بەدىنى ئاستا – ئاستا سېزىمىنى يوقاتماقتا ئىدى. بىر چاغدا كۈچلۈك بوران بىلەن تەڭ ‹‹ گۈپ ›› قىلغان ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇلى زەيلىشىپ كەتكەن ئۆينىڭ شەرقىي تېمى ئۆرۈلۈپ چۈشكەنىدى. پىلىلداپ يېنىپ تۇرغان كىرسىن چىرىغىمۇ ئۆچۈپ قالدى …
    تاڭ سۈزۈلدى. مەھەللىنىڭ بىر چېتىدە شىۋىرغاندىن كېيىنكى ۋەيرانچىلىق كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى. تەڭ كېچە بىلەن ئۆيگە كىرگەن ياسىن شۇ پېتىلا يېتىپ ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، خاسىيەتنىڭ تۈرتۈپ ئويغىتىشى بىلەن ئورنىدىن تۇردى. ئانىسىنى يەنە قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتى.
    ياسىن ئۆيگە يېقىنلاشقانسېرى، بىر خىل ۋەھىمە ئىچىدە قالدى. ئۇ ، ئىشىكنى كۈچەپ ئىتتىرىپ ئۆيگە كىرىشى بىلەن تەڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. چۈنكى ئانىسى تامغا يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايىدا سۇس كۈلۈمسىرەش قېتىپ قالغانىدى.

    «قەشقەر» ژۇرنىلى
    2005.2 سانىدىن ئېلىندى.

    [abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-26 0:15:45]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.